يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1002|ئىنكاس: 17

قەلەمخان ياسىن: ئاقلىق ئىچىدىكى پاكلىق (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاقلىق  ئىچىدىكى پاكلىق
(ھېكايە)
قەلەمخان ياسىن

                                                                  1
        مەزىننىڭ سوزۇپ ئېيتقان ئەزان ئاۋازى بىلەن تەڭ   يېزا بازىرىغا خېلىلا يىراق جايلاشقان ،  يېشىللىققا پۈركەنگەن بۇ  كىچىككىنە مەھەللىدە ھاياتلىق باشلاندى . ئىشىكلەرنىڭ تاراقلاپ ئېچىلىپ يېپىلغان ، كىملەرنىڭدۇ ئۇزۇندىن –ئۇزۇنغا يۆتەلگەن ئاۋازلارغا ئەگىشىپ ، تۇرخۇنلاردىن كۆتۈرۈلگەن ئىس  مەھەللىنىڭ سۈزۈك ئاسمىنىدا ئاستا –ئاستا  غايىب بولدى . ئېگىسىنىڭ تىزىرەك كېلىپ  ئىشىكنى ئېچىشنى كۈتۈپ تۇرغان قوي پادىلىرى پادىچىنىڭ بويرۇقىنى كۈتمەيلا قوتاندىن ئالدىراپ چىقىپ ، مەھەللە يولىدىن توپا چاڭ توزىتىپ  تاغ تەرەپكە قاراپ ئۇزاپ كەتكەندىن كېيىن ، چوڭ- كىچىك كوچىلاردا سۈپۈرگە چىلەكلىرىنى كۆتۈرۈشكەن قىز چوكانلار  ئۆز ھويلىسى ئالدىدىكى يوللارغا سۇ چېچىپ سۈپۈرۈشكە باشلىدى .
          ئۇپۇقتىن يېڭىلا كۆتۈرۈلگەن  قوياشنىڭ ئالتۇن نۇرلىرى  ئەمدىلا چېچىلىشقا باشلىغاندا ، پاك –پاكىزە بولۇپ كەتكەن چوڭ يول بويىدىكى ئىشىك بېشىغا « تىرەك بوستان يېزىلىق باغ ئېرىق كەنىت شىپاخانىسى » دەپ ۋىۋىسكا ئېسىلغان ئىككى ئېغىزلىق ئۆي ئالدىغا بىردىن ئىككىدىن كېلىپ توپلاشقان كىشىلەرنىڭ سانى ئوندىن ئاشتى .

__ بۇ ئابدۇراخمان دوختۇرغا نېمە بولغاندۇ ، تېخىچە ئىشىكىنى ئاچمايدىغۇ ؟__ دېدى كىشلەر ئارسىدا تۇرغان 50 ياشلار چامىسىدىكى  ساقاللىرى چارلاشقان ، قىزىل يۈزلۈك كىشى سۆز باشلاپ .
__ شۇ ئەمەسمۇ ، كۈندە تاڭ يورۇشى بىلەنلا ئىشقا چۈشۈپ بولاتتى ، بۈگۈن بىرەر ئىشى چىقىپ قالمىغاندۇ ھە ؟__ قۇچىقىدىكى توختىماي يۆتۈلىۋاتقان بالىنى بەزلەۋاتقان  ئوتتۇز ياشلاردىكى ئەر چوڭ يولغا ئۈمىد بىلەن قارىۋىتىپ بايىقى ساقاللىق كىشىگە قارىدى ،__ مىجەزلىرى يوق ئوخشىمامدۇ ھاجىكا ؟
__ قولتۇقۇمنىڭ ئاستىغا  بىر مونەك چىقىپ قالدى ئۇكام ، كىچىچە ئاغىرىپ ھېچ ئارام بەرمىدى . شۇڭا نامازدىن يېنىپلا بۇ يەرگە كېلىشىم .
__ ئابدۇراخمان دوختۇر دورا سۈرۈپ قويسا ساقىيىپ قالىدۇ ھاجىم ،__ بىر قولىنىڭ ھەممە بارماقلىرىنى تېڭىۋالغان ۋىجىككىنە بىرى گەپ ئارلىدى .
كۈن نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەندە توپلاشقانلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپىيىپ ، تېخىچە كەلمەيۋاتقان دوختۇرنىڭ يولىغا تەقەززالىق بىلەن قارىغاچ  بىر-بىرىنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنى سورىشىپ ، ئۆز تەجىربنىلىرىنى سۆزلىشىپ تۇرغاندا  ۋىلىسپتنىڭ رېتىملىك غىچىرلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ ئارقىدىنلا يىگىرمە بەش ياشلاردىكى قويۇق قارا چاچلىق ، بوغداي ئۆڭ چىرايىغا ئىنچىكە قارا بۇرۇتى تولىمۇ ياراشقان بىر يىگىت ۋېلىسپىتنى شىپاخانىنىڭ ئالدىغا توختىتىپ ، تۇرغانلارغا مۇنداقلا بىر سالام قىلىپ شىپاخانا ئىشىكىنى ئاچتى . ئەزەلدىن ئۆزلىرىگە تونۇش بولۇپ كەتكەن ، كەنىتتىكى ھەر بىر ئادەمنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنى بەش قولدەك پىششىق بىلىدىغان پېشقەدەم دوختۇرنىڭ ئورنىغا  بۇ ناتونۇش ، ياش بالىنىڭ  ئاق خالاتنى كېيىپ ، پىلاندوسكوپنى بوينىغا ئېسىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بىمارلار بىر-بىرىگە سوئال نەزىرىدە قاراشتى .
__ ئابدۇراخمان دوختۇر كەلمىدىما ئۇكام ،__ دېدى ساقاللىق ھاجىم سالاپەت بىلەن گېلىنى قىرىپ .
__ ئابدۇراخمان دوختۇر ئاغىرىپ قالدى ئاكا ، ئۇ ئەمدى كىلەلمەيدۇ ،__ ياش دوختۇر ئۈستەل ئۈستىنى بىرەر قۇر رەتلىۋەتكەندىن كېيىن ، تېخىچە ئۆرە تۇرغانلارغا قارىدى ،__ بۈگۈندىن باشلاپ بۇ يەردە مەن ئىشلەيمەن . ئىسمىم ئادىل . قېنى ئەمسە ، بىر بىردىن كېلىپ كىسەل كۆرسەتسەڭلار بولىدۇ . قالغانلار نۆۋىتىڭلار كەلگىچە ئاۋۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار ، ئاۋال قايسىڭلارنىڭ كېسلىنى كۆرىمەن ؟
ئىشخانىدىكىلەر بىر-بىرىگە قارىشىپ ، نىمىلەرنىدۇ ئىشارە قىلىشىپ ، بىر نەچچىسى
ئاستا چىقىپ كەتتى .
__ ئاۋۋال سىلى  تەكشۈرتسىلە  ھاجىمكا ،_ دېدى بالا كۆتۈرۋالغان كىشى سەل كەينىگە داجىپ  ساقاللىق ھاجىمنى ئالدىغا ئۆتكۈزدى .
  بىر ئالدىدىكى بالا دوختۇرغا، بىر چىقىپ كېتىۋاتقانلارغا قاراپ ئىككىلىنىپ تۇرغان
ھاجىم ئامالسىز دوختۇرنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى .
__ نەرىڭىز ئاغىرىيدۇ ئاكا ؟
  ئاغزىدىن سۈت پۇراپ تۇرغان بۇ كىچىككىنە بالىنىڭ مەھەللىدىكى باشقا كىشىلەردەك ئۇنى « سىلى ، ئۆزلىرى » دىمەي « سىز »لەپ گەپ قىلىشى قۇلىقىغا يات ئاڭلانغان ھاجىمنىڭ چىرايى سەل ئۆڭگەندەك بولۇپ يەنە ئەسلىگە كەلدى ۋە ئۇچىسىدىكى ئاپئاق يەكتىكىنى قايرىدى :
__ مۇشۇ يېرىمگە بىر مونەك چىقىپ قالدى قارا ، سىقىپ چىقىرىۋىتەي دىسەم يا ئۇچى يوق ، كىچىچە ئاغىرىپ پەقەتلا ئۇخلاتمىدى .
   دوختۇر سەل ئالدىغا سۈرۈلۈپ ، ھاجىمنىڭ سول تەرەپ قولتۇق ئاستىدىكى تۆت سانتىمىتىر ئەتىراپىدىكى تېرىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان مونەكنى قولى بىلەن تۇتۇپ باققاندىن كېيىن بېشىنى كۆتۈردى :
__ بۇ خالتىلىق ئىششىقتەك تۇرىدۇ . ئەڭ ياخشىسى چوڭىراق دوختۇرخانىغا بېرىپ  بىر تەكشۈرتۈپ كېلىڭ ئاكا ، ئەگەر ياخشى سۈپەتلىك بولسا  كېسىپ ئېلىۋەتسەك بولىدۇ .
__ نېمە ؟ …نېمە دەيدىغانسەن بالا …،__ ھاجىمنىڭ ساقاللىرى تىتىرىدى ،__ كىچىككىنە بىر نەرسە چىقىپ قالغانغا ياخشى سۈپەتلىك ، يامان سۈپەتلىك دەپ يۈرىسەنغۇ؟…مەكتەپتە ئوقۇغان دوختۇرمۇ يا سەن ياكى ئىشىك يوچۇقىدىن كۆرىۋىلىپلا مەن دوختۇر دەپ مەيدەڭگە مۇشلاپ كەلدىڭمۇ ؟
__ بۇ …ئۇنداق ئەمەس ئاكا …ھەر قانداق كىسەلنىڭ …
__ بولدى ..بولدى …مەن يەنىلا ئابدۇراخمان دوختۇرنى ياكى قۇربان دوختۇرنى ئىزدەي ، سەن …قوسىقىڭدا ئۇمىچىڭ بولسا بۇ يەردە داۋاملىق تۇر ، بولمىسا بۇ مەھەللىدىكى ساددا كىشىلەرنى ئالدايمەن دىمەي ھازىرلا كەت !!!
   ساقاللىق ھاجىم ئاچچىقلانغان ھالدا ئىشىككە قاراپ مېڭىشىغا ئۇنىڭ كەينىدىن يەنە ئىككى –ئۈچى ئەگەشتى .
بۇ يەرگە قەدەم بېسىپ تۇنجى كۆرگەن بىماردىن تەنبىھ ئاڭلىغان دوختۇر دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ ئالدىدىكى بالا كۆتىرىپ تۇرغان ئادەمگە قارىدى :
__ بالا يۆتىلىپ قالغان ئوخشىمامدۇ ؟
__ شۇنداق . تۈنۈگۈن بىر ئوبدان ئويناپ يۈرەتتى  . لېكىن كىچىدە بەك يۆتىلىپ كەتتى .
دوختۇر بالىنىڭ كۆكىرەك ، دۆمبە قىسىمىغا پىلاندۇسكۇپنى قويۇپ بىردەم تېڭشىغاندىن كېيىن  گرادۇس قويدى .
__ بالا ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ قاپتۇ ، ئۈچ كۈن ئاسما ئوكۇل سالدۇرۇڭ  ، يەنە ئازراق دورىمۇ قوشۇپ يېزىپ بىرەي .
__تېخى تۈنۈگۈنلا ساپ –ساق تۇرغان بالا بىر كىچىنىڭ ئىچىدىلا قانداقسىگە ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ قالىدۇ ئۇكا ؟ سەل ئەقىلگە سىققىدەك گەپ قىلساڭچۇ .
__ كىچىك بالىنىڭ نەپەس يولى كىسەللىكى دېگەن بەك تىز تەرەققى قىلىدۇ . قاراڭ ، بەدەن تىمپىراتۇرسى 39 غا چىقىپتۇ . تىزرەك ئوكۇل سېلىپ قىزىتمىسىنى چۈشۈرمىسەك بولمايدۇ .
__ ماڭا قارا ئۇكا ، مەنمۇ ئىككى بالىنى چوڭ قىلغىچە خېلى تەجرىبىلىك بولۇپ قالدىم . بۇ ئۆپكە ياللۇغى دىگەنچۇ يۆتىلىپ ئۈچ –تۆت كۈن ئۆتكەندە ئاندىن بولىدىغان كىسەل . سەن قاراپ تۇرۇپ يۆتەلگىلى نەچچە سائەتمۇ بولمىغان بالىنى بۇنداق دىسەڭ قانداق بولىدۇ ؟ مەن يەنىلا بالامنى يېزىلىق دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ باقاي .
  كەينى –كەينىدىن ئازار يىگەن بالا دوختۇر ئوڭايسىز ھالەتتە بىردىن ئىككىدىن چىقىپ كېتىۋاتقانلارغا قاراپ ئۇلۇغ كىچىك تىندى . لېكىن ئۇ دوختۇر بولغانكەن ، چوقۇم ئالدىدا تۇرغان بىمارلارنىڭ كېسىلىنى كۆرۈشى ۋە داۋالىشى كىرەكتە .
__ قولىڭىزغا نېمە بولدى ئاكا ،__ دېدى ئۇ ئۆزىنى رۇسلىۋىلىپ ئالدىدىكى ئادەمنىڭ تېڭىلغان قوللىرىغا قاراپ .
__ تۈنۈگۈن كەچتە ئوغاق كېسىۋەتتى ، تازا بىلەپ ئىتتىكلىتىپ قويغان ئوغاق ئىدى ، تۆت بارمىقىمنى بىراقلا كېسىۋەتتى كاساپەت .
بىمار ئۆيىدىلا تېڭىۋالغان يۇمشاق لاتىنى ئاۋايلاپ يەشكەن دوختۇر ، قان داغلىرى ئۇيۇپ قالغان يارا ئېغىزدىكى  قاپ-قارا نەرسىلەرنى ئەستايدىللىق بىلەن يۇيۇپ تازلاۋىتىپ دېدى :
__ يارا ئېغىزى خېلىلا چوڭقۇر ئىكەن . ئەسلى دەل ۋاقتىدا تىكىۋەتكەن بولساق ياخشى بولاركەن ، شۇنداقتىمۇ ياخشى تازلاپ تىكىپ قوياي ، ئازراق ياللۇغقا قارىشى دورا ئىچىپ بەرسىڭىز ساقىيىپ كېتىدۇ .
__ ئاخشام شىپاخانىدا ئادەم بولمىغاچقا ، پاختىنى كۆيدۈرۈپ بېسىپ قاننى توختىتىپ  ئۆزەم تېڭىۋالغان ئىدىم . كىچىچە كۆز يۇممۇدۇم ئاغىرىقنىڭ دەستىدە …
    ئىشخانىدا قېپ قالغان ئىككى –ئۈچ بىمار بالا دوختۇرنىڭ يارا ئېغىزىنى پىشقان دوختۇرلاردەك ناركۇز قىلىپ ، ئەپچىللىك بىلەن تىكىپ ، چىرايلىق تېڭىپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ  بىر-بىرىگە قاراپ باش لىڭشىتىپ ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئېيتىشقا باشلىدى …

                                                              2
       ھەممە ئۇيقۇغا كەتكەن جىمجىت كېچە .كۆكتە ئېسىلىپ تۇرغان تولۇنئاينىڭ نۇرى يېزلىق دوختۇرخانىنىڭ ئائىلىكلەر قورۇسىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى دەرزىدىن كىرىپ ،كىچىككىنە ياتاقنى غۇۋا يورۇتۇپ تۇراتتى . ئۇيقۇسى قاچقان ياش يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ چىراقنى ياندۇردى . شۇندىلا بىر كارۋات ۋە بىر يېزىق ئۈستىلىدىن باشقا نەرسە قويۇلمىغان ياتاق ۋە يېزىق ئۈستىلىگە جەينىكىنى تىرەپ ئولتۇرغان ، بىزگە تونۇش بولغان بالا دوختۇر ئېنىق كۆرۈندى . كۆزلىرىنى بىر نوقتىغا تىكىپ ، ئىككى ئالقىنى بىلەن بېىشىنى قاماللاپ ئولتۇرغان بۇ يىگىتنىڭ بېشىغا كۈن كەلگەن ئادەملەردەك ئېغىر ئوھ تارتقان ئاۋازى كېچە جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تۇراتتى .
        ئۇنىڭ خىيال ئېكرانىدا  يەنىلا باغ ئېرىق كەنىتىدىكى شىپاخانا كۆرۈنۈپ تۇراتتى . بىمارلارنىڭ ئۇنى « تەجىربىسىز » دەپ ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكىنىغۇ توغىرا چۈشەنسۇن ، لېكىن ئۇنى بىر-بىردىن ئاچچىق گەپلەر بىلەن غورۇرىغا تېگىشلىرىگە قانداقمۇ چىاپ ئۆتكۈلى بولسۇن ؟ تېخى قولىغا يىرىڭلىق يارا چىقىپ قالغان ھېلىقى بالىنىڭ يارا ئېغىزدىكى يىرىڭنى چىقىرۋەتمەكچى بولۇپ ، يارىنى سىققاندا بالىسىنىڭ ۋايساشلىرىغا چىدىمىغان ئانىسىنىڭ ئۇنىڭ قولىنى ئۇرۇپ چۈشۈرۋىتىشى ئۇنىڭ جان –جېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى . لېكىن ئاق خالات ئىچىدە تۇرۇپ ، بىمارلار بىلەن ئۇرۇشۇپ كېتىش تىببى ئەخلاققا يات بولغاچقا ئۇ چىشىنى چىشلىدى . ھەممىگە چىدىدى .دادىسىنىڭ «مەيلى قەيەردىلا بولسۇن ، بىمارلارنىڭ ئىشەنچىگە ئېرىشىمەن دىسەڭ   ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ كېسلىنى داۋالاپ ساقايت ، ئۇلارغا ياخشى مۇئاملىدە بول . » دەپ قايتا –قايتا سەمىگە سېلىپ ، قۇلىقىغا قۇيۇۋەتكىنى ئۈچۈن ھەممە دەردىنى ئىچىگە يۇتتى . ساقاللىق ھاجىمنىڭ « ئوقۇغان دوختۇرمۇ يا ئىشىك يوچۇقىدىن ماراپ ئۆگىنىۋالدىڭمۇ » دېگەن گېپى ئېسىگە كېلىش بىلەن ۋۇجۇدىغا تارالغان ئاچچىقتىن تولغىنىپ كەتتى.
  ئەمىليەتتە تىببى ئونۋېرسىتنىڭ داۋالاش كەسپىدە تولۇق كۇرس دېپلۇمنى ئالغان ، پىراكتىكىنى تىببى ئونۋېرسىت قارمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىدا قىلىپ ، ھەر قايسى بۆلۈمدىكى ئۇستازلىرىنىڭ ، بىمارلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان ئۇنىڭدەك دوختۇردىن بۇ ناھىيە تەۋەسىدە نەچچىسى باردۇ ؟ بار بولغاندىمۇ ھەممىسى ناھىيە دەرىجېلىك ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى دوختۇرخانىلاردا ئۆزىنىڭ بىلىمىنى جارى قىلدۇرلايدىغان يەردە ئىشلەۋاتقاندۇ . ئۇنىڭدەك تىببى ئونۋىېرسىتقا ئوقۇتقۇچى بولىدىغان تەقسىماتنى  تاشلاپ ، ناھىيىگە ئاتمىش كىلومىتىر كېلىدىغان چەت يېزىنىڭ چەت كەنىتىدە  بىمارلارنىڭ ئاچچىق گەپلىرىگە چىداپ ئىشلەۋاتقان يەنە  كىم بار ؟
     ئويلىغانسىرى ئۇنىڭ ئىچى تېخىمۇ ئاچچىق بولۇپ ئۈستەل ئۈستىدە تۇرغان پىۋا بوتۇلكىسىنى كۆتۈرۈپ بېقىپ ، قۇرۇق ئىكەنلىكىنى بىلىپ  زەرب بىلەن يەرگە ئاتتى . ۋە تاماكا تۇتاشتۇرۇپ  كۈچەپ سۈمۈردى .
« ھەممىنى قىلغان ئاشۇ دادام ، ئۇ مېنى« يىزىغا قايتىپ كەل ، ئۆز يىزاڭدىكى ئادەملەر سەندەك دوختۇرغا ئېھتىياجلىق تۇرسا  يەنە نەگە باراتتىڭ» دەپ تۇرۇۋالمىغان بولسا مەن بۈگۈنكىدەك بىچارە ئەھۋالغا چۈشۈپ قالامتىم ؟ تېخى بايا تېلېفۇندا ھەممە ئەھۋالدىن ئېنىق بىلگەن تۇرۇپ  ، يەنە داۋاملىق ئاشۇ كەنىتكە بېرىپ ئىشلىشىمنى ،ئۆگەنگەن بىلىملىرىمنى ئەمىليەتتە كۆرسىتىدىغان پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقىمنى تەلەپ قىلدى . بۇ يەردە نە تەكشۈرەش ئاپىراتلىرى ، نە ئوپراتسىيە قىلىدىغان شارائىت بولمىسا مەن ئۆگەنگەنلىرىمنى قانداق جارى قىلدۇرالايمەن ؟!! ئۇ خەقنىڭ مەنسىتمەسلىك نەزىرى ئاستىدا قانداق ئىشلىيەلەيمەن ؟ بولدى دادا ، مەنمۇ چوڭ بولدۇم . سېنىڭ سىزىقىڭدىن چىقىپ ، ئۆزەم مۇستەقىل سىزىق سىزىپ ماڭالايدىغان بولدۇم . ئەمدى مەندىن رەنجىمە !
   ئۇ قولىنى كۆيدۈرگەن تاماكا چوغىدىن ئەندىكىپ ، تاماكا قالدۇقىنى كۈلدانغا كۈچەپ باستى ۋە ئاخىرقى قارارىدىن يەڭگىللىگەندەك بولۇپ ، كارۋاتقا چىقىپ سوزۇلۇپ ياتتى .دەرىزىدىن چۈشۈپ تۇرغان ئاي نۇرىنىڭ ئارىسىدىن پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ ، يەرگە باققان ئايدەك يۈزلەر ، لەپپىدە قاراپ قويۇپ  كىرپىكلەر ئارىسىغا يوشۇرنىۋالدىغان بۇلاقتەك كۆزلەر كۆرۈنگەندەك بولدى .
                                                              3                                                      
      ئوقۇش پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا تاسادىپى تونۇشۇپ قالغان بۇ قىزنىڭ ئىسمى  شەھىدە ئىدى .ئادىلنىڭ  بەش يىل جەريانىدا بىرەر قىز ئالدىدا تىتىرەپ باقمىغان يۈرىكى بۇ قىزنىڭ   لەپپىدە بىر قاراپ  يەرگە باققان خۇمار كۆزلىرىنىڭ  بىر بېقىشى بىلەنلا لەرزىگە كەلدى .
      مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدا كەچكىچە كىتاب كۆرۈپ چارچاپ كەتكەن ئادىل  كاللىسىنى سەگىتىش ئۈچۈن مەكتەپ سىرتىغا چىقىپ ، يېقىن ئەتىراپتىكى كۆل بويىغا كەلدى . ۋە تەتۈر سۆگەتلەر سايە تاشلاپ تۇرغان سېمۇنت ئورۇندۇقتا ئولتۇرۋېتىپ ، ئورۇندۇق ئۈستىدە تۇرغان « دورىگەرلىك ئىلمى » دېگەن كىتابقا كۆزى چۈشۈپ قالدى .
قارىغاندا بىرسى كىتاۋىنى بۇ يەردە ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى . كىتاب ئۈستىگە« 93-يىللىق دارىگەرلىك 1-سىنىپى  شەھىدە ئابلىز»دېگەن خەت يوغان قىلىپ يېزىپ قويۇلغانىدى . ئۇ كىتابنى يېنىغا قويۇپ ، كۆل ئىچىدىكى پىلتىڭلاپ ئۈزۈپ يۈرگەن بىلىجانلارغا قاراپ ، ھاردۇقى چىققاندەك بولۇپ ، كۆڭلى يايراپ قالدى . كۆل بويىدا  ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇپ  پاراڭغا چۈشكەن ، كىتاب كۆرىۋاتقان ، پىنھان جايلارغا كىرىۋىلىپ يۈرەك سىرلىرىنى تۆكۈشىۋاتقانلار كۆپ ئىدى . ئۇ خېلى ئولتۇرغاندىن كېيىن قايتماقچى بولۇپ ، « ئەتە ئەتىگەندە سىنىپىغا ئەكىرىپ بىرەي » دەپ ئويلاپ كىتابنى قولىغا ئالدى .
__ ھەنىم بولسا كىتابىم بار ئىكەن ،__ كۈمۈش قوڭغۇراقتەك يېقىملىق ئاۋاز بىلەن تەڭ ئەتىرنىڭ خۇشبۇي پۇرىقى ئۇنىڭ بۇرنىغا ئۇرۇلدى ۋە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئالدىدا تۇرغان زىلۋا قىزنىڭ خۇمار كۆزلىرىگە تىكىلىپ قالغىننى سەزمەي قالدى .
__ بايا بۇ يەردە  كىتاۋىمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، __ قايرىلىپ تۇرغان چاقماق كىرپىكلەر كۆتىرلىپ  خۇمار كۆزلەر ئۇنىڭ يۈرىكىنى يەنە بىر قېتىم تىتىرتىپ ئۆتتى ،__ قەيەردە ئۇنتۇپ قالغىنىمنى بىلەلمەي كۆپ ئىزلەپ كەتكەن ئىدىم ، ھېلىمۇ ياخشى سىز ئېلىپ قويۇپسىز .
__ ھە …قارىسام بۇ يەردە بىر كىتاب تۇرىدۇ ،__ ئۇنىڭ گەپلىرى قولاشما
تەمتىرەپ قالدى ،__ ئىگىسى كېلىپ قالارمىكىن دەپ ساقلىسام كەلمىدىڭىز ، شۇنىڭ بىلەن …
__ شۇنىڭ بىلەن ئاستا ئېلىپ قاچاي دىگەنما ؟__ دېدى قىز كۈلۈپ .
__ ياقەي ، «شەھىدە ئىسىملىك قىزنى ئىزدەيمەن »دەپ ئېلان بىرەي دېگەن ئىدىم   ،__ قىزنىڭ چاقچىقىدىن سەل ئۆزىگە كەلگەن ئادىلمۇ چاقچاق قىلدى ،__
__ سىزمۇ بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسىمۇ ؟
__ ھەئە .
__ سىزنى بۇرۇن كۆرمەپتىكەنمەن ، يېڭى كەلگەن ئوخشىمامسىز ؟
__ بۇ يىل ئۈچىنچى يىلى ،__ دېدى قىز ئوچۇق –يورۇقلۇق بىلەن ،__. مەن سىزنى كۆرگەن ، بىر يۇرتلۇق ئىكەنلىكىمىزنىمۇ بىلىمەن .
__ سىزمۇ كورلىدىنما ؟
__ شۇنداق .
   كەچتە ئادىلنىڭ ئۇيقۇسى قاچتى . كۆزىنى يۇمسىلا لەپپىدە تاشلانغا قايرىما كىرپىكلەر ئاستىدىكى بۇلاقتەك كۆزلەر  ، قارلىغاچ پېيىدەك ئەگمە قاشلار ، ئېقىپ چۈشكەندەك ئىنچىكە قىرلىق بۇرۇن ، قاشتېشىدەك سۈزۈك يۈزلەر، بىرلا قىلىپ بوغىۋالغان پارقىراق قوڭۇر چاچلار ،…ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولاتتى . قوڭغۇراقتەك سۈزۈك ، يېقىملىق ئاۋاز ئۇنىڭ قۇلاق  تۈۋىدە جاراڭلايتتى . « مەن نېمە بولدۇم ؟ ھەر قانچە بولسىمۇ ئۇنىڭغا بىر كۆرۈپلا كۆيۈپ قالمىغاندىمەن؟ ،ياق ،بۇنداق بولۇشى مومكىنمۇ »؟ئۇ يوتقاننى بېشىغا چۆمكەپ كۆزىنى چىڭ يۇمدى .
   ئەتسىدىن باشلاپ ئۇ شەھىدەگە ئۇچىراپ قالماسلىق ئۈچۈن سىرتقا كۆپ چىقمىدى . دەرستىن بىكار بولسىلا  كۈتۈپخانىغا بېكىنىۋىلىپ  ئۆزىنى ئۆگىنىشكە زورلايتتى . «شەھىدە بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشسەم  ئۇنىڭ جاننى ئېلىپ ياندا قويىدىغان كۆزلىرىگە بەرداشلىق بىرەلمەسلىكىم ئېنىق .شوڭا  قويرۇقۇمنى قىسىپ  ئىمتىھانىمنى بەرگىنىم ياخشى . بەلكىم ئۇنىڭغا بولغان ھېسياتىم ۋاقىتلىق قىزىقىشتۇ ، نەدىمۇ بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قالىدىغان ئىش بولسۇن ؟! » دېگەن ئوي بىلەن ئۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ، كىتابلار ئارىسىغا چۆكتى . لېكىن ئادەمنىڭ ھېسىياتى ئەقىلنىڭ كونتۇرۇللۇقىغا بويسۇنىدىغان نەدىمۇ ئۇنداق ئاسان ئىش بولسۇن ؟ ئەگەر شۇنداق قىلاي دەپلا قىلالايدىغان ئىش بولسا بۇ دۇنيادا موھەببەت ئۈچۈن ياش تۆكىدىغانلار ، پۇشايمانغا قالدىغانلار زادىلا چىقمىغان بولاتتى . ئوغىرى خىياللار ئادىلنى  بوش قويىۋەتمىگەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ئەسىلدىنلا ئاساسى ياخشى بولغاچقا نەتىجىسى ياخشى چىقىپ ، بۇ مەكتەپنىڭ قارمىقىدىكى تىببى ئېنىستۇت دوختۇرخانىسىغا پېراكتىكىغا بۆلۈندى . ئۇ دوختۇرخانىغا كەلگەن بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپلا ئۆزى كىچىكىدىن ئارزۇ قىلىدىغان بۇ كەسىپكە باشچىلاپ كىرىشىپلا كەتتى . ئاغىرىقنىڭ دەستىدىن نالە پەريات كۆتىرىپ كىرگەن بىمارلارنىڭ بىر نەچچە بوتۇلكا ئاسما ئوكۇل بىلەن ياكى ئوپراتسىيە كارۋىتىغا بىرلا چىقىشى بىلەن ئاغىرىق ئازاۋىنىڭ يېنىكلەۋاتقىننى ، قان ئىچىدە  ھوشىنى بىلمەي ياتقانلارنىڭ بىر نەچچە تىكىش بىلەن نەچچە كۈن ئىچىدە ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقى  ئۇنى تېخىمۇ قىزىقتۇرۇپ ، ماگىنىتتەك تارتىپ كېتىۋاتاتتى . ئاندا ساندا كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلارغا قاراپ يۈرىكى ئېچىشقاندەك بولۇپ ،« تېخىمۇ ياخشى ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىققان بولسام قانداق ياخشى بولاتتى ھە »دەپ خىيال قىلاتتى . كەسىپكە بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق ئۇنىڭ قەلبىدىكى « خۇمار كۆزلەر»نى ئاساسەن ئۆچۈرۈپ تاشلىدى . تاشقى بۆلۈمدىكى كېسىش ، تىكىش ، تېڭىشلار ، ئىچكى بۆلۈم ۋە بالىلار بۆلۈمىدىكى  يۈرەكنىڭ ، ئۆپىكە ، قورساقنىڭ …ئوخشىمىغان ئاۋازلىرى ، ھەرخىل ئاپىراتلارنىڭ چىقىرىپ بەرگەن قەغەزلىرىدىكى ئۇششاق سان –سىفىرلار ، رەسىملەر ئۇنى ئۆزىگە تارتىپ تۇراتتى . كېسلى ساقايغان بىمارلارنىڭ بىر ئېغىز رەھمەت سۆزى ئۇنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىپ ، ئۇنىڭغا يېڭىدىن كۈچ قوشاتتى . ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەستايدىللىقى ھەر بىر بۆلۈمدىكى ئۇستازلىرىغا ياراپ قالغاچقا ، ئۇنىڭغا بىلدىغانلىرىنى ئايىماي ئۆگەتتى . بىر يىللىق پىراكتىكا تېزلا تۆگەپ ،ساۋاقداشلار مەكتەپكە قايتا جەم بولغان كۈنى  ئوقۇتۇش بىناسى ئالدىدا شەھىدە بىلەن ئۇچۇرشۇپ قالدى . بىر كۆرۈشتىلا يۈرىكىگە ئىز سېلىپ ، ئۇنى نەچچە كۈن ئۇيقۇسىز قويغان بۇ سەۋر قامەت ئېگىسىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ قەدەملىرى چىپپىدە توختاپ ، يۈرىكى تىپچەكلەپ كەتكەن بولسىمۇ  ئۆزىنى بېسىۋىلىپ سورىدى :
__ تېچلىقمۇ ؟
__ تېچلىق ، ئۆزىڭىزچۇ ؟ پىراكتىكىڭىز تۈگىدىما ؟
__ تۈگىدى ،ئەتە  ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئىمتىھاننى بېرىمىز .
__ ئىمتىھاننى ياخشى بېرىشىڭىزگە تىلەكداشمەن .
__ رەھمەت .
قىز ئۇنىڭغا قاراپ پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قويۇپ ، يېنىدىكى دوستى بىلەن كېتىپ قالدى .
__ ماڭايلى ،__بىللە كېتىۋاتقان  ساۋاقدىشى دىلشاتنىڭ  تارتىشى بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ تېخىچە  قىزنىڭ كەينىدىن قاراپ تۇرغىننى ھېس قىلىپ دەرھال ئۆزىنى ئوڭشىدى.
__ ئۇنىڭغا كۆيۈپ قالدىڭمۇ نېمە ؟__ سورىدى دىلىشات كۆزىنى قىسىپ .
__ ۋاي ، ماڭغىنە ، سەن ئەمەس مەن بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قالىدىغان .
__ كۆيۈپ قالغاننى مەندەك كەلتۈرەلىسەڭ ھېساب !
           
          ئاخىرى ئوقۇغۇچىلارنى تەقەززا قىلغان خىزمەت تەقسىماتى ئېىلان قىلىندى . ئادىل ھەممىنى ھەۋەس قىلدۇرۇپ ، مەكتەپتە ئېلىپ قېلىنغاندى . گەرچە ئۇنىڭ دوختۇرخانىدا ئىشلەپ ، كىسەللەرنى داۋالاش ئارزۇسى ئىشقا ئاشمىغان بولسىمۇ ، لېكىن بۇ چوڭ شەھەردە قېلىپ  ئالى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇشتەك شان شەرەپ ئۇنى خۇشال قىلدى . ساۋاقداشلىرىنىڭ ۋە سىنىپ مەسئولىنىڭ تەبىرىكلەشلىرى تۈگىگەندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ مەكتەپتە قالغانلىق خەۋىرىنى شەھىدەگە دېگۈسى كېلىپ قالدى « ئۇ چوقۇم كۆل بويىدا بولۇشى مومكىن » دېگەن خىيال ئۇنى كۆل بويىدىكى ھېلىقى ئورۇندۇققا باشلاپ كەلدى . لىكىن ئۇنىڭ كۈتكىننىڭ ئەكسىچە ئۇ ئورۇندۇقتا ئۇ تونۇمايدىغان بىرى  ئولتۇراتتى . ئۇ بۇ يەردە يەنە تۇرۇۋىرىشنى بىئەپ كۆرۈپ كۆلنى بىر ئايلىنىپ چىقتى ، شەھىدەنى تاپالمىغاندىن كېيىن ، يىكەنلەر ئارىسىدا باغلاقلىق تۇرغان قۇلۋاققا چىقىپ ، بىر دەم ئۈزگەندىن كېيىن زېرىكىشلىك ھېس قىلىپ قايتماقچى بولۇپ قىرغاققا يېقىنلشۋېتىپ ، قىرغاقتا تۇرغان تونۇش سىماغا نەزىرى چۈشۈپ ، ئورنىدىن قانداق تۇرۇپ كەتكىننى بىلمەيلا قالدى :
__ سىزمىدىڭىز ئادىل ،_ دېدى شەھىدەنىڭ يېنىدا تۇرغان قىسقا چېچىنى چىڭ قىلىپ بوغۇپ  ، يازلىق  تەنھەركەتچىلەر كېيىمى كېيىۋالغان  ئېگىز بوي قىز  يېقىملىق كۈلۈپ ، __  قۇلۋاقتا يالغۇز خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغان قايسى ئاشىق دەرۋىشتۇ  دەپتىمىز تېخى .
  مەكتەپ ۋاسكىتبۇل كوماندىسىدا توپ ئويناش جەريانىدا تونۇشۇپ قالغان ئايگۈل ئىسىملىك  بۇ قىز بىلەن ئادىل خېلى يېقىن ئۆتكەچكە ، شەھىدە بىلەن يالغۇز پاراڭلاشقان چاغدىكىگە قارىغاندا ئۆزىنى ئەركىن ھېس قىلدى .
__ قاراپ تۇرۇپ مېنى دەرۋىشكە ئوخشىتىپ قويغىنىڭىلار  نېمىسى،__ ئىزدىگەن ئادىمىنىڭ تۇيۇقسىزلا يېنىدا پەيدا بولۇپ قالغىنىدىن  خۇشال بولغان ئادىل قۇلۋاقنى قىرغاققا يېقىنلاشتۇرۇپ قىرغاققا سەكىرىدى ،__مەلىكىلەرنى ساقلىتىپ قويغىنىمدىن خىجىلمەن ، قېنى ئەمسە مەرھەمەت قىلىشسىلا !
__ ئەمدى چىقساق كەچلىك مۇزاكىرگە كېچىكىپ قالارمىزمۇ شەھىدە  ؟
__ شۇنداق ، ۋاقىت ئازلا قاپتۇ ،__ قىز ئادىلغا لەپپىدە بىر قاراپ  مېيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ ، بىلىكىدىكى كىچىككىنە سائىتىگە قارىدى ،__ قايتساق بولغۇدەك .
__ ئاڭلىسام خىزمەت تەقسىماتىڭلار ئېلان قىلىنىپتىغۇ ،__ سورىدى ئايگۈل ئۈچەيلەن بىللە مەكتەپكە قاراپ كېتىۋاتقاندا .
__ شۇنداق . ئېلان قىلىندى .
__ سىزنى قەيەرگە تەقسىم قىپتۇ ؟
__ مۇشۇ مەكتەپكە .
شۇ ئەسنادا ئايگۈلنى بىرسى چاقىرىپ قالغاچقا ،ئادىلنى قىسقىلا تەبىرىكلەپ قويۇپ  ئۇلاردىن ئايرىلدى .
__ سىزنى تەبىرىكلەيمەن ، قالتىسكەنسىز جۇمۇ ،__ دېدى شەھىدە خۇشال بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ،__ ئەمدى بېزگە مۇئەللىم بولغۇدەكسىزدە .
__ مەن دەرس ئۆتۈشنى ئۆگىنىپ بولغۇچە ، كېتىپ قالمىسىڭىز بولاتتى .
__ بولمىسا بىرەر يىل قايتا ئوقۇۋىتەرمەن .
__ راست ھە .
__ راست . سىزگە قانداقمۇ يالغان گەپ قىلغىلى بولسۇن ئادىل مۇئەللىم ،__ قىز بارماقلىرى بىلەن ئاغزىنى توسۇپ شوقلۇق بىلەن كۈلدى .
__ شەيتان قىز ،__  قىزنىڭ كۈلكە يېغىپ تۇرغان كۆزلىرى ئادىلغا بۈگۈن تېخىمۇ نۇرلىنىپ كەتكەندەك كۆرۈندى . ئۇنىڭ زىلۋا قامىتىگە تولىمۇ ياراشقان قىزىل گىرىپ كۆينىكى ئۇنى يېڭىلا ئېچىلغان قىزىل گۈلگە ئوخشىتىپ قويغان ئىدى .
__ مەن سىنىپقا كىرىپ كىتەي ،__ دېدى قىز ،__ خىزمىتىڭىزگە تېزرەك ماسلىشىپ كېتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
  
  ئەپسۇس !  ئادىلنىڭ دادىسىنىڭ بىر تېلېفۇنى بىلەن قىزنىڭ تىلەكلىرى ۋە ئادىلنىڭ خوشاللىقى كۈپۈككە ئايلاندى .
__ دەرھال يۇرتقا قايتىپ كەل ! ئۆز يىزاڭدىكى ئادەملەرنىڭ داۋالىنىش قىيىنچىلىقى ھەل بولماي تۇرۇپ ، سەن يەنە قەيەرگە بارماقچى ؟ بىر ئوبدان ئۆگەنگەن دوختۇرلۇق كەسپىڭنى تاشلاپ ئوقۇتقۇچى بولىمەن دېگەن قانداق گەپ ؟ئەتىلا تەقسىماتىڭنى ئۆزگەرتىپ يېزىغا قايتىپ كەل !!!
   ئەزەلدىن دادىسىنىڭ گەپلىرىنى يىرمايدىغان ئادىل ئۈچۈن دادىسىنىڭ دېگىنى بويسۇنمىسا بولمايدىغان بۇيرۇق ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە باشلانغۇچ مەكتەپتىلا ئاپىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئادىلنى ئۆگەينىڭ قولىغا قاراتماسلىق ئۈچۈن، تا ئادىل تولۇق ئوتتۇرغا چىقىپ ، مەكتەپنىڭ ياتىقىدا يېتىپ ، ھەپتىدە بىر ئۆيگە قايتىدىغان بولغانغا قەدەر قايتا ئۆيلەنمىگەن بۇ ئادەم ھەم مېھىربان ئانا ، ھەم ئاچچىقى يامان ،كەسكىن دادا ئىدى .
  چوڭ شەھەردە  نوپۇزلۇق ئالى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇش بىلەن دادىسىنىڭ قارارى ۋە ئۆزىنىڭ ئوتتەك قىزغىن سۆيىدىغان  كەسپى ئوتتۇرسىدىكى كەسكىن تاللاشتا ئۇ ئىككى كۈن ياتاقتىن چىقماي ئويلىنىپ ،ئاخىرى ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇپ  يۇرتىغا قايتىپ كەلدى .   
                                                                   4

      ئەسلىمىلەر قوينىدا ئۈزۈپ يۈرۈپ تاڭ ئاتارغا يېقىن ئۇيقۇغا كەتكەن ئادىل قوڭغۇراقلىق سائەتنىڭ توختىماي جىرىڭلىشى بىلەن كۆزىنى تەستە ئېچىپ ئورنىدىن تۇردى . ئاخشامقى قارارى بويىچە باغ ئېرىق كەنتىگە بارماسلىق ھەققىدە دوختۇرخانا باشلىقى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ ، ئالدىراپ كېينىۋىتىپ  ئىككىلىنىپ قالدى .
  « تۈنۈگۈنكى قولىنى ئوغاق كېسىۋەتكەن بىمارنىڭ يارا ئېغىزىدىكى تېڭىقنى بۈگۈن ئالماشتۇرمىسام ياللۇغلىنىپ قالىدۇ ، ھېلىقى قىزىپ كېتىۋاتقان بالىنى قان تەكشۈرتۈپ كېلىشنى ئېيتقان ئىدىم ، ناۋادا قاننى تەكشۈرتۈش نەتىجىنى ئېلىپ كېلىپ ، مېنى ئىزدەپ تاپالماي قالسا …ھەي ، بارمىسام بولمامدۇ نېمە ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بارمىسام ھېلىقى ھاجىمنىڭ ‹ئىشىك يوچۇقىدىن كۆرىۋالغان بولساڭ ئەتىلا بۇ يەردىن كەت› دېگەن گېپىنى راستقا چىقىرىپ قويغان بولمامدىم ، بولدىلا ، بۈگۈن بىر كۈن بېرىۋىتەي ، باشلىق بىلەن ئەتە كۆرۈشەي » ئۇ شۇنداق ئويلىغاچ بارغانچە ئېگىز كۆتۈرۈلىۋاتقان قوياشقا قاراپ قويۇپ ، چالا-بۇلا ناشتا قىلىپلا ئىشىكتىن چىقتى .
      __ ئاخىرى كەلدىڭىز دوختۇر ،__ شىپاخانا ئالدىدا تۇرغان تۆت –بەشتەك ئادەم ئارىسىدىن بىرسى ئايرىلىپ چىقىپ ئۇنىڭ ۋېلىسپىتىنى تۇتتى ،__ ۋېلىسپىتنى مەن توختىتىۋىتەي ، سىز كىسەل كۆرۈۋېرىڭ .
  ئۇ ۋېىلسپىتنى قولىدىن ئالغان ئېگىز بويلۇق ياش يىگىتكە رەھمەت بىلدۈرگەن نەزەردە باش لىڭشىتىپ قويۇپ ئىشىكنى ئاچتى .
__ قىزىمنىڭ  قان تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقتى دوختۇر ،__ دېدى ئۇ تۈنۈگۈن قان تەكشۈرۈشكە يوللىغان ئۈچ ياشلىق قىزنىڭ دادىسى قولىدىكى قەغەزنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ ،__ سىزنىڭ دىگىنىڭىزدەك راستلا قان ئاز ئىكەن .
__ مانا قاراڭ ، تۆمۈر ماددىسى كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق كېسلى ئىكەن . بالىنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ، بېشى قېيىش ئالامەتلىرى قان كەملىك سەۋەبىدىن بولغان .
__ ئەمدى قانداق قىلىمىز دوختۇر ؟ ئوكۇل سالغۇزىدىغان گەپما ؟
__ ئوكۇل سالمىساقمۇ بولىدۇ . مەن دورا يېزىپ بىرەي ، دورىنى ئىچكەندىن سىرت يەنە تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى كۆپ بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپىرەك يىسۇن . مەسىلەن كالا سۈتى ،كالا گۆشى ، ئالما قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر ماددىس كۆپىرەك .
__ ماقۇل ، رەھمەت دوختۇر .
__ دورا ئىچىپ  بىر ئايدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تەكشۈرتۈڭ .
__ ماقۇل .
  __ قولىڭىزنىڭ ئاغىرىقى سەل ياخشىلانغاندەك قىلامدۇ ئاكا ؟
__ خېلىلا ياخشى دوختۇر ،__ دېدى  قولىنى ئوغاق كېسىۋەتكەن بىمار ئاپئاق داكا بىلەن تېڭىلغان قولىنى چىقىرىپ ، __ ئاغىرىقى خېلىلا بېسىقتى .
__ تېڭىقنى ئالماشتۇرۋىتەي ،__ ئۇ بىمارنىڭ قولىدىكى داكىنى پەم بىلەن يېشىپ ، ئەمدىلا قېتىشقان يارا ئېغىزىنى دىزىنفىكسىيە قىلىپ ، قانداقتۇ بىر دارىنى سەپكەندىكن كېيىن  قايتا تېڭىشقا باشلىدى ،__ ئەمدى ئۆگۈنلۈككە تېڭىق ئالماشتۇرىمىز ، مەن بەرگەن دورىنى ئۈزۈپ قويماي ئىچىڭ .
__ ماقۇل !
ئۇ چۈشكىچە بىر نەچچە كىسەلنى كۆرۈپ يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن ،ئىچىدىكى ئىشخانىغا كىرىپ  ئەتىگەن ياتىقىدىن ئالغاچ كەلگەن كىچىككىنە توك ئوچاقنى چېتىپ سۇ قايناتتى ۋە قاچىلىق تەييار چۆپنى چىلاپ تۇرۇشىغا ئىشىك چېكىلدى .
__  كىرىڭ ، ئشىك ئوچۇق .
  __ تېچلىقمۇ ئۇكا ،__ تۈنۈگۈن ئادىلغا بىر مۇنچە تاپا-تەنە قىلىپ چىقىپ كەتكەن ئادەمنىڭ بۈگۈن يەنە پەيدا بولىشى  ئادىلنىڭ كۆڭلىنى بىر ئاز غەش قىلغان بولسىمۇ  چاندۇرمىدى.
__ بالا خېلى ياخشى بولۇپ قالدىمۇ ئاكا ؟
__ يېنىڭىزغا شۇ بالىنىڭ ئىشى بىلەن كېلىۋىدىم ،__ ئۇ كىشى ئىشىك تۈۋىدە تۇرغان بالىنى قولىدىن يېتىلەپ ئادىلنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى ،__ تۈنۈگۈن بۇ يەردىن چىقىپلا يېزىلىق دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتسەم ، ئۇلارمۇ ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىئاگنوز قويۇپ ئوكۇل سالدى . تۈنۈگۈن مەن سىزنى …
__ بولدى ، ھېچقىسى يوق . بالا ساقايسىلا بولدى . لېكىن ئارانلا بىر كۈن ئوكۇل سالغانغا بالا ياخشى بولالمايدۇ .
__ ئۇلارمۇ شۇنداق دىگەن . شۇڭا بۈگۈندىن باشلاپ ئوكۇلنى  مۇشۇ يەردىلا ئۇرغۇزاي دەپ يېنىڭىزغا كەلدىم .
__ ھە ، ياخشى بوپتۇ ،__ ئادىل شۇنداق دەپ بولۇپ ، « ئوكۇلنى كىم ئۇرىدۇ »دېگەن خىيال كۆڭلىگە كەچتى . شۇنداق . بۇ يەردە دوختۇرنىڭ رېتسىپى بويىچە ئوكۇل سالىدىغان سېسترا يوق . ئوكۇل سېلىشى توغىرا كەلسە ئۇ ئۆزى سېلىشى كېرەك . لېكىن ئۇ ئوكۇل ئۇرۇشنى ئۆگەنمىگەن تۇرسا . ئۇ پىراكتىكا قىلغان دوختۇرخانىلاردا دوختۇرلار ئوكۇل سېلىپ يۈرمىسە يا . رېتسىپنى دوختۇر يازىدۇ ، رېتسىپقا قاراپ دورخانىدىكىلەر دورا ئوكۇل بېرىدۇ . سېسترا ئوكۇل سالىدۇ ، كۈزىتىدۇ . ھەممە ئىش شۇنداق تەرتىپ بىلەن ماڭىدۇ . بۇ يەردىچۇ ؟ ئۇنىڭغا ياردەملىشىدىغان ھېچكىم يوق . ناۋادا بىرەر بىمار ئۆزگىرىپ قالسىمۇ ئۇ ئۆزى يالغۇز قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىشى ، تىرە ئاستىغا ، تىرە ئىچىگە ، مۇسكۇلغا ۋە يەنە تومۇرغا ئوكۇل ئۇرۇشى كېرەك . مەن ئوكۇل ئۇرالمايتتىم دەپ قاراپ تۇرسا بىمار ئۆلۈشى مومكىن .
قىزچاقنىڭ يۆتەلگەن ئاۋازى  ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلدى .
__ مۇنداق قىلايلى ئاكا ، بۈگۈنچە ئوكۇلنى يىزىلىق دوختۇرخانىدا ئۇرغۇزۇپ تۇرۇڭ ، مەن كىچىك بالىلارغا ئوكۇلنى ياخشى سالالمايمەن . ئەتىگىچە بۇ يەرگە بىر سېسترا ئەكىلىپ ، قالغان ئوكۇللارنى بۇ يەردە سالايلى .
__ ئاپلا،ما گەپنى . شۇنداق بىلىملىك دوختۇر تۇرۇپ ئوكۇل سالالمايمەن دىگىنىڭىزنى قاراڭە ، ماقۇل ئۇكا ، دىگىنىڭىزدەك بولسۇن .
   ئۇلار چىقىپ كەتتى . ئادىل بايا چىلاپ قويغان تەييار چۆپنى يېيىش ئۈچۈن كەلگەندە ئۇزاق تۇرۇپ كەتكەن چۆپ كۆپۈپ ، يوغىناپ قاچىنى تېشىپ چىقىپ كىتەيلا دەپ قالغان ئىدى . مۇزلاپ قالغان چۆپنى يىگۈسى كەلمىگەن ئادىل  ئاچ قورساق ھالدا كارۋاتقا قىڭغايدى .لىكىن ئەتىگەندىن بېرى ئالماشتۇرغان تېڭىق لاتىلىرى بىلەن توشقان ئەخلەت چېلىكىنى ، قالايمىقان بولۇپ كەتكەن ئىشخانا ئىچىنى كۆرۈپ  ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشخانا تازلاشقا تۇتۇندى . چۈشتىن كېيىن يەنە نەچچە كىسەلنى خوش قىلىپ يولغا سالغان ئادىلنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولسىمۇ ، لېكىن قورساقنىڭ ئاچلىقىدىن  ۋىلىسپىتنى ئاران ـ ئارانلا ھەيدەپ يېزا بازىرىنىڭ ئاۋات يېرىگە جايلاشقان ئاشخانىدا قوسىقىنى تويغۇزۇپ ياتىقىغا كىرىپ كارۋاتقا تاشلاندى .
« ئوكۇل ئۇرۇشقا قايسى سېستىرانى ياردەمگە چاقىرسام بولار ؟ ئەتە كىم دەم ئالىدىغاندۇ ، بۇنداق ياتقىچە  دوختۇرخانىغا چىقىپ نۆۋەتچىلىك جەدىۋىلىنى كۆرۈپ باققاچ ، ئوكۇل ئۇرۇشنى ئۆگىنىپ چىقايچۇ ؟» .
  چىراقلىرى يورۇپ تۇرغان  بىر قەۋەتلىك بالنىست رايۇننىڭ ئۇزۇن كارىدۇرىنىڭ ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىدىكى سېستىرالار ئىشخانىسىغا كىرگەندە ، ئۇزۇن چاچلىرىنى قاتلاپ تۈگۈپ ، ئۈستىگە سېستىرالار دوپپىسىنى كېيىگەن بىر قىز ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ  پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن كىتاب ئوقۇۋاتاتتى . بۇ دوختۇرخانىدا بىر ئاي ئىشلەش جەريانىدا تونۇشقان خىزمەتتىكى  ئەستايىدىللىقى ۋە ئىنچىكىلىكى بىلەن كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنىدىغان ، خىزمەت تەقسىماتى بىلەن  باشقا ناھىيىدىن  بۇ يەرگە كېلىپ قالغان بۇ قىزنى كۆرۈپ ئادىلنىڭ چىرايى ئېچىلدى .
__ بەللى …گۈلنىسا ، خىزمەت ۋاقتىدا رومان ئوقۇيمىز دەڭ ، دوختۇرخانا باشلىقىغا چېقىپ قويىمەن جۇمۇ .
__ ۋىيەي ،_ تۇيۇقسىزلا ئاڭلانغان ئاۋازدىن چۆچۈپ كەتكەن قىز بېشىنى كۆتۈرۈپ  يېنىدا كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ئادىلنى كۆرۈپ يىنىك تىندى ،__ سىزمىدىڭىز ، ئادەمنى چۆچۈتۈپ …
__ كىتاپنىڭ ئىچىگە شۇنداقمۇ چۆكۈپ كەتكەن بارمۇ ؟ كىرگىنىمنىمۇ تۇيمىدىڭىز . مۇشۇنداقلا بولسا  بالنىستىكى بىرەر بىمار ئۆزگىرىپ قالسمۇ تۇيمىغىدەكسىز .
__ تېخى بايىلا ياتاقلارنى تەكشۈرۈپ كەلدىم . ھەممە كىسەللەر ئۇخلاۋاتىدۇ . يېڭى كىسەللەر كەلسە ئاۋۋال دەرۋازا يېنىدىكى دېجۇرنىخاننىڭ چىرىقى يورۇيدۇ .
__ بۇ يەردە بىر يىل ئىشلەپ بەكلا تەجرىبىلىك بولۇپ كېتىپسىز ھە ،__ ئادىل  قىزنىڭ قويۇق كىرپىكلەر سايە تاشلاپ تۇرغان ، ئۈركۈپ تۇرىدىغان قوي كۆزلىرگە قاراپ  يەنە چاقچاق قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىپ سەمىمى ھالەتكە ئۆتتى .
__ ماڭا ئوكۇل ئۇرۇشنى ئۆگىتىپ قويسىڭىز بوپتىكەن .
__ ھازىرلىما ؟  ــ ھازىردىن باشلاپ ئۆگەنسىەم تېخى ياخشى .
__ ئۇنداقتا ئاۋۋال تىرە ئىچىگە ئوكۇل ئۇرۇشتىن باشلاپ ئۆگىنىڭ ،__ گۈلنىسا يىنىك قەدەملەر بىلەن مېڭىپ ، ئىشىك يېنىدىكى كىتاب ئىشكابى ئىچىدىن بىر كىتاپنى ئېلىپ ئادىلغا سۇندى ،__ ئوكۇل ئۇرۇشنىڭ قائىدە پىرىنسىپلىرى  ھەممىسى بۇنىڭدا بار . پىراكتىكا جەريانىدا ئۆگەنگەن بولغىيدىڭىز .
__ پىراكتىكا قىلغاندا مەن دېگەن دوختۇر دەپ  پەرۋىش بىلىملىرىگە قىزىقماپتىكەنمەن . شۇنداقتىمۇ نەزىريە بىلىملىرىنى ئانچە -مۇنچە بىلىمەن . ماڭا ئەمىليەتنى كۆرسىتىپ قويسىڭىز بولاتتى .
__ ماقۇل ،__ قىزنىڭ ھەركىتى چاققان ، يىنىك ئىدى . ئۇ بىر تەرەپتىن قائىدە –پرىنسىپ ، ئۇسۇللارنى سۆزلىگەچ يەنە بىر تەرەپتىن ئوكۇل سېلىش ئورنىنى ۋە ئاسما ئوكۇل سېلىشتا ئالدى بىلەن قايسى تومۇردىن باشلاپ سالسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى .
__ تىزلا ئۆگەندىڭىز مانا ،__ دېدى قىز ئادىلنىڭ مەشق ئۇسۇلىغا قاراپ مەمنۇن بولغان ھالدا ،__ ئەمدى شۇ بىمارلارنىڭ ئالدىغا كەلگەندە تەمتىرمەي ئۆزىڭىزنى تەمكىن تۇتالىسىڭىز بولاتتى .
__ بۈگۈن كېچىلىك ئىسمىنىدا ئىشلىگەنكىن ئەتە كۈندۈزى ئارام ئالىدىغانسىز ؟__ سورىدى ئادىل قىزغا ئۈمىد بىلەن قاراپ .
__ شۇنداق . ئەتە ئەتىگەندىن باشلاپ ئىككى كۈن  ئارام .
__ ئەتە باشقا ئىشىڭىز بولمىسا مەن بىلەن باغ ئېرىق كەنتىگە بارامسىز ؟
__ بىمارلىرىڭىزغا ئوكۇل ئۇرۇپ بىرەمدىم ؟
__ ھەئە . ھەم ئوكۇل سالىسىز ھەم ماڭا ئۆگىتىسىز .
__ بىكارغا ئىشلىمەيمەن جۇمۇ .
__ ئەلىۋەتتە . سىزنى مېھمان قىلىمەن . ھەم تېخى…..
__ تېخى  نېمە ؟
__ ھەم تېخى ،__ ئادىل قىزنىڭ قۇلىقىغا يېقىن كېلىپ بوش ئاۋازدا شىۋىرلىدى ،__بايىقى رومان ئوقۇۋاتقان ئىشىڭىزنى باشلىققا دەپ قويمايمەن .
__ ۋىيەي تېخى ،__ قىز يېقىملىق كۈلۈپ ئادىلغا دومسايدى ،__ دەپ قويسىڭىز بوپتىكەن ئەمسە ،
ئادىل قىزنىڭ كۈلگەندە تېخىمۇ ئوماقلىشىپ كەتكەن ئاق سۈزۈك يۈزىدىن ھوزۇر ئالغاچ  ئۇنى ئەتە ئەتىگەندە ساقلاپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ياتىقىغا قايتىپ چىقتى .
ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئۇ دوختۇرخانىنىڭ دورا ئامبىرىدىن ئۆزىگە كېرەكلىك دورا ئوكۇللارنى ئېلىپ چىققاندا ، گۈلنىسا پاقىراپ تۇرغان قېپ -قىزىل ۋېلىسپىتنى سۈرتۈۋاتاتتى .
__ يېڭى ۋېلىسپىت ئالدىڭىزما ؟ بەك چىرايلىق ئىكەنغۇ .__ دېدى ئادىل قىزنىڭ بېلىدە سۇيلاپ تۇرغان سۇمبۇل چاچلىرىغا قاراپ .
__ مېنىڭ ئەمەس ، ئايگۆزەلنىڭ ۋېلىسپىتىنى سوراپ تۇردۇم .
__ مېنىڭ  ۋېلىسپىتىمگە مىنگىشىۋالسىڭىز بولاتتى ئەمەسمۇ .
__ ئاشۇ ئۇزاق يولدا مېنى  ئېلىپ مېڭىپ بولالامتىڭىز ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسفالت يول بولمىسا يا .
__ ئېلىپ ماڭالايتتىم . ئۇ ئورۇق بەدىنىڭىز قانچىلىك ئېغىر بولماقچىتى .
__ ئىككىسى پاراڭلىشىپ ، يېزا بازىرىنىڭ ئاسفالت  يولىنى تۈگىتىپ ، باغ ئېرىق كەنىتىگە بارىدىغان  شېغىللىق يولغا چۈشتى . شېغىللار چىڭدىلىپ ، تۈزلىنىپ قالغان بۇ يول توپا –چاڭدىن خالى ھەم ئىككى تەرپىدىكى قاتار كەتكەن تىرەكلەرنىڭ سايىسى چۈشۈپ تۇرغاچقا سالقىن ئىدى .  تۇيۇقسىز گۈلنىسانىڭ ۋىلىسپىتىنىڭ « پىسسىدە » يېلى چىقىپ ئۇلارنى توختاشقا مەجبۇر قىلدى .
__ ئارقا چاققا شوخا كىرىپ ، كامىرنى تېشىۋىتىپتۇ . __ دېدى ئادىل ۋېلىسپت چاقىغا  سانجىقلىق تۇرغان شوخا تىكەننى تارتىپ چىقىرۋېتىپ .
__ ئەمدى قانداق قىلارمىز ؟__ دېدى  گۈلنىسا تىتىلىدىغان ھالدا .
__ ۋېلىسپىتنى ئاۋۇ ھويلىغا ئەكىرىپ قويۇپ ، كەچتە ئەكىتىپ رېمۇنتخانىغا بېرەيلى .
  ئادىل ۋېلىسپىتنى يېتىلەپ ، يول ياقىسىدىكى نەقىشلىك دەرۋازىدىن كىرىپ كېتىپ ، ھايال بولمايلا قايتىپ چىقىپ ۋېلىسپت كەينىدىكى دورا قاچىلانغا سۇلياۋ خالتىنى  ۋېلسىپتنىڭ ئالدىغا جايلاشقان سېۋەتكە سالدى .
__ قېنى ئەمسە مەرھەمەت ،__ دىدى ئۇ قىزغا قاراپ .
__ ئەتىگەندىلا نەس باستى ئەجەب ،__ دېدى قىز ۋېلىسپىتنىڭ كەينىگە ئولتۇرۋىتىپ .
__ ئۇنداق دېمەڭ، بۇنداق ئىشلار دېگەن بولۇپ تۇرىدۇ . سىزنى مەپىدە ئولتۇرغاندەك ئېلىپ ماڭىمەن. مۇشۇ يېشىڭىزغىچە  مەپىدە ئولتۇرۇپ باقمىغانسىز ھەقىچان .
__ شۇنداق . بۇنداق غىچىلدايدىغان مەپىدە ئولتۇرۇپ باقمىغان .
  قىزنىڭ ئولتۇرشى بىلەنلا كۈچىيىپ ، ھەر ئىككىسىنىڭ دېققىتىنى تارتقان بۇ « غىچ » قىلغان ئاۋازغا كەلتۈرۈپ قىلىنغان چاقچاقتىن ھەر ئىككىسى قاقاھلاپ كۈلۈشتى .
ئۇلار ئىشخانىغا كىرىپ  ئەمدىلا ئۈستەل ئورۇندۇقلارنى سۈرتۈپ تۇرۇۋىدى ، بىمارلار كېلىشكە باشلىدى . گۈلنىسا كىچىكىرەك بالىلارغا ۋە تومۇرى ئىنچىكە ئاياللارغا ئۆزى ئوكۇل سېلىپ ، تومۇرلىرى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرغانلارنىڭ ئوكۇلىنى ئادىلغا بىرەتتى . بىر كۈن ئىچىدىلا بىر نەچچە بىمارغا ئوكۇل سالغان ئادىلنىڭ قوللىرى خېلىلا كۆنۈپ قالدى . كەچتە بارلىق ئاسما ئوكۇللار تۈگەپ ، ئۇلار ئىشىكنى تاقاپ چىققاندا ئاي كۆتۈرۈلگەن بولۇپ ، ئاي نۇرى چۈشۈپ تۇرغان تىرەكلىك يولغا  ۋېلىسپت يېتىلەپ ياندىشىپ كېتىۋاتقان يىگىت قىزنىڭ سايىسى چۈشۈپ تۇراتتى ...
   كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ ، بۇ كەنىتتىكى قېرى ياش ، چوڭ كىچىكلەرنىڭ ھەممىسىگە ۋېلىسپىتنىڭ يىنىك غىچىلدىغان ئاۋازى خۇددى «دوختۇر كەلدى »دەپ بەلگە بەرگەندەك تونۇش بولۇپ كەتتى . بۇ ئاۋاز دەسلەپتە سائەتكە قاراپ كېلىدىغان ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ ، مەھەللىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتىگە ماسلىشىپ ، كۈن قىزىل بولۇشى بىلەنلا كېلىپ بولىدىغان ۋە كىچە خېلى بىر ۋاقىتقا بارغاندا ئاندىن قايتىدىغان بولدى . بۇ « بالا دوختۇر»غا  دەسلەپتە ئىشەنمەسلىك ، ئىككىلىنىش نەزىرىدە قارىغان كۆزلەر ئەمدىلىكتە  ئۇنىڭغا ھۆرمەت ، ئىشەنچ نەزىرىدە قارايدىغان بولدى . بىمارلار ئۇنىڭ ھەر –بىر ئېغىز سۆزىنى  بارلىق دېققىتى بىلەن ئاڭلاپ  ئېسىدە تۇتۇۋىلىشقا تىرىشىدىغان ، دەسلەپتە بىر دورا ئىشكابىنىڭ  ئۇ يەر بۇ يېرىدە تىزىقلىق تۇرىدىغان دورا ئوكۇللارنىڭ سانى ۋە تۈرى كۆپىيىپ ، تام ياقىلىتىپ قويۇلغان ئۈچ ئىشكابقا  سىغماي قالىدىغان بولدى . بۇ كەنىتتىكى كىملەرنىڭ قانداق كونا كېسلى بارلىقى ، كىملەرنىڭ قايسى تۈردىكى دورىلارغا سەزگۈرلۈكى يۇقىرى ئىكەنلىكى ، كىملەرگە پېنسىلىن ۋە ياكى باشقا تۈرىدىكى ئوكۇللارنىڭ رىئاكسىيە بېرىدىغانلىقى ، ھەتتا كىمنىڭ بالىلىرنىڭ قايسى تۈردىكى ئالدىنى ئېلشى ۋاكسىنىسىنى ئەمىلەتكەن ، ئەمىلەتمىگەنلىكى …ئۇنىڭغا بەش قولدەك ئايان بولۇپ كەتكەندە ، تىرەك بوستان يېزىلىق دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى پىنىسىيەگە چىقىپ ، ئورنىغا ناھىيىلىك دوختۇرخانا تاشقى كىسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دىلشات ئىمىن دوختۇرخانا باشلىقى بولۇپ كەلدى ۋە بىر ھەپتىمۇ ئۆتمەيلا ئادىلغا يېزىلىق دوختۇرخانىغا كېلىپ ئىشلەش  ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چۈشتى .
بۇ ئۇقتۇرۇشتىن مەڭدەپ قالغان ئادىل دوختۇرخانا باشلىقى ئىشخانىسىغا كىرگەندە ئوتتۇز ياشلار چامىسىدىكى ئوتتۇرا بوي ، قارا قاشلىرى ئاستىدىكى كۆزلىرى ئادەمنىڭ ئىچىدىكىنى كۆرۈۋاتقاندەك تىكىلىپ قارايدىغان يېڭى دوختۇرخانا باشلىقى ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ  ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى .
__ ھە ، ئادىلجان ، چوڭ شەھەردىكى خىزمەتتىن ۋاز كېچىپ  يېزىغا كەلگەن ئىش ئاز كەلگەندەك ، يىراق كەنىتكە ئاپىرۋەتكەن ئىش ئېغىر كەلدىمۇ  يا ؟
__ ياقەي . نەدىلا خىزمەت قىلسام ئوخشاش . __ باشلىقنىڭ قىزغىن مۇئاملىسى ئۇنىڭ دېمەكچى بولغان گەپلىرىنى ئىچىگە يۇتۇۋىتىشقا مەجبۇر قىلدى .
__ ئارخىبىڭىزنى كۆرۈپ چىقتىم . ھەم شۇنداق بىر تالانت ئېگىسىنى جايىدا ئىشلەتمىگىنىگە ئەپسۇسلاندىم . شۇڭا سىزنى قايتىپ كەلسۇن دېگەن ئىدىم . ئامبۇلاتۇرىيىنى  تاشقى بۆلۈم ، ئىچكى بۆلۈم ۋە ئاياللار بۆلۈمى دەپ ئايرىپ ، ھەر بىر بۆلۈمدە مەخسۇس كەسىپ ئىگىسى كىسەل كۆرىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇردۇم . سىزنى تاشقى كىسەللىكلەر بۆلۈمىگە مۇۋاپىق دەپ قاراپ ، شۇ ئىشخانىدا كىسەل كۆرسۈن دىدىم ، بوپتۇمۇ يا ؟
__ رەھمەت ، دوختۇرخانا باشلىقى ، ياخشى ئىش بوپتۇ . بىراق …
__ بىراق دەيسىزغۇ ؟
__ باغ ئېرىق كەنىتىدە مەن داۋالاۋاتقان بىر نەچچە بىمارلىرىم بار ئىدى . ئۇلارنى ساقايتىپ ، قولدىن چىقىرۋىتىپ ئاندىن قايتىپ كەلسەم بولماسمۇ ؟
__ قاراڭە سىزنى . بىرنى ساقايتىپ قولدىن چىقىرىپ بولغۇچە يەنە يېڭىلىرى كېلىشكە باشلايدۇ . دوختۇرخانىدا بىمارلانىڭ ئايىقىنى ئۈزۈش مومكىن ئەمەستە . __ دوختۇرخانا باشلىقى ئادىلنىڭ كەسكىنلىك چىقىپ تۇرغان چىرايىغا قاراپ سەل پەسكۇيغا چۈشتى ،_ مۇنداق بولسۇن ، سىزگە بىر ھەپتە ۋاقىت بىرەي ، ئەتىدىن باشلاپ ھەسەنجان دوختۇر سىز بىلەن بىللە بېرىپ سىزنىڭ قولىڭىزدىن ئىشنى ئۆتكۈزىۋالغاچ ، بىمارلىرىڭىزنىڭ ئەھۋالى بىلەن تونۇشۇپ چىقسۇن . كىلەر ھەپتىنىڭ دۆشەنبە كۈنى قالغان ئىشلارنى ھەسەنجانغا تاپشۇرۇپ بېرىپ ، سىز بۇ يەرگە ئىشقا چۈشۈپ بۇلۇڭ .
  ئۆزلىرى كۆنۈپ قالغان « بالا دوختۇر»نىڭ كېتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ، باغ ئېرىق كەنىتىدىكلەر نارازى بولۇشتى .
__ نېمە قىلىدىغاندۇ ، بىر ئوبدان دوختۇرنى ئەكىتىمىز دەپ ، ياش بولغان بىلەن ناھايتى ئىقتىدارلىق دوختۇر ئىدى بۇ ….
__ شۇ ئەمەسمۇ،باشتا كىچىككەن دەپ ياراتمىغان ئىدوق ، كىچىكلىكىگە باقماي  ھەممە كىسەلنى توغىرا تاپالايدىكەندۇق ئەمەسمۇ .
__ ئىسمايىل ھاجىمنىڭ كېسىلنىمۇ بىر كۆرۈپلا  يامان سۈپەتلىك دەپ ھۆكۈم قىلسا ، ھاجىم تىللاپ كەتكەن ئىدى . مانا ئەمدى مۇشۇ بالىنىڭ دېگىنى راست چىقىپ ، ئۆرۈمچىدە ياتمامدۇ داۋالىنىپ .
  لېكىن تۈزۈم دېگەن تۈزۈم ، بۇيرۇق دېگەن بۇيرۇق ئىدى . دوختۇر دېگەن قەيەر ئۆزىگە ئېھتىياجلىق بولسا ، نەگە بېرىپ ئىشلەش توغىرا كەلسە شۇ يەرگە بېرىپ ئىشلىشى كىرەك .باغ ئېرىق  كەنىتىدىكلەرنىڭ نارازىلىقى ھېچنىمىگە دال بولالمىدى . بۈگۈن ئادىلنىڭ بۇ كەنىتتىكى ئاخىرقى كۈنى ئىدى . ئۇ بىر ھەپتىدىن بېرى داۋالىنىۋاتقان كىسەللەرنىڭ ئەھۋالىنى ھەسەنجان دوختۇرغا قايتا –قايتا چۈشەندۈردى ، ئەھۋال تونۇشتۇردى . ھەسەنجان دوختۇرنىڭ ئۆزى كۈتكىنىدەك مەسئوليەتچان ، ئەستايىدىل ۋە تەجرىبىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلى ئارامىغا چۈشكەندىن كېيىنلا ئاندىن نەرسە –كىرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى . ئەمىليەتتە ئۇنىڭ بىر قەغەز ساندۇققا قاچىلانغان كىتاپلىرىدىن باشقا قولغا چىققىدەك نەرسىلىرىمۇ يوق ئىدى . ئۇ ئىشىك ئالدىغا چىققاندا شىپاخانا ئالدىدىن چوڭ يولغىچە سوزۇلغان كىشىلەر توپىغا قاراپ ھەيران قالدى :
__ نېمە ئىش بولدى يۇرتداشلار ؟ كەنىت ئىشخانىسدا يىغىن ئاچامدىكەن ؟
  __ بىز سېنى ئۇزاتقىلى كەلدۇق ئۇكام . توپ ئىچىدىن سۇغۇرلۇپ چىققان كامىل قولىدىكى كىچىك سىۋەتكە قاچىلانغان تۇخۇمنى ئادىلغا سۇندى . __ بۇ بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ ئازراق كۆڭلى ، قوبۇل قىل .
  كامىلنىڭ سۆزى ئاخىرلاشمايلا توپ دەۋرەپ كەتتى . بىرلىرى ئازراق ياڭاق ،بىرلىرى  ئۆرۈك قېقى ، ۇەنە بىرلىرى مېۋە چېۋىلەرنى ئادىلغا تەڭلەپ ئۇنى ئېغىز ئاچۇرمايلا قويدى .
__ رەھمەت يۇرتداشلار ، رەھمەت . __ ئادىل ئۆزىنى شۇنچە تۇتۇۋىلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ كۆز چاناقلىرىدا لىغىرلاپ قالغان ياشنى باشقۇرالمايلا قالدى .
__ ئىبىراھىمكا ، بۇ نەشپۈتنى سېلى ئېلىپ قالسىلا ، نىساخان ئاچامنىڭ يۆتىلىگە نەشپۈت پايدا قىلىدۇ . نەشپۈتنىڭ ئىچىنى ئويۇپ ئېلىۋىتىپ ، ئىچىگە بۇ ھەسەلنى سېلىپ  دۆملەپ پىشۇرۇپ يەپ بەرسۇن .
__ ھاۋاگۈل ، بۇ تۇخۇمنى دادىڭىزغا ئالغاچ بېرىڭ ، قايسى كۈنى سۇنۇپ كەتكەن  قولىنى تاڭغاندا ئۆيدە تۇخۇم قالماپتۇ دېگەن ئىدى .
شۇنداق قىلىپ ئۇ دۆۋلەنگەن سوۋغا سالاملارنى توپلاشقانلارغا ئاز ئازدىن تارقىتىپ تۈگەتتى .
__ كامىلكا ، كىچىك قىزىڭىزنىڭ « ئۈچ بىرلەشمە »ۋاكسىنىسىنى كۈچەيتىپ ئۇرۇدىغان ۋاقتى كەلدى ، ئۇنتۇپ قالماڭ . سىلىنىڭ بالىنىڭمۇ قىزىل ۋاكسىنىسنى ئۇرىدىغان چاغ بولدى تۇداخۇنكا ، سەككىز ئايغا توشقان كۈنى ئۇنتۇپ قالماي ئۇرغۇزىۋىتىڭ .
  ئۇ ھەر بىر ئادەمگە قاراپ ئىش تاپىلىغاندىن كېيىن ، ۋېلىسپىتنى يېتىلەپ  پاكىز سۈپۈرۈلگەن يولغا چىقتى . يېقىملىق مۇزىكىدەك ئاڭلانغا يىنىك غىچىرلىغان ئاۋاز ئاستا –ئاستا يىراقلاپ كەتتى .
                                                             5

         ئادىلنىڭ تىرەك بوستان يېزىلىق دوختۇرخانىغا ئىشقا چۈشكىلى بىر ئايدىن ئاشتى . بۇ بىر ئاي جەريانىدا دوختۇرخانا باشلىقى بىلەن بىللە ئوپىراتىسىيە قىلغان بىمارلار سانى ئوندىن ئېشىپ ، كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى « يېزىلىق دوختۇرخانىدا زادىلا  ئوپىراتىسىيە قىلالمايدۇ ياكى ئوپراتسىيە قىلسا بولمايدۇ » دېگەن كۆز قاراشقا خاتىمە بەردى . دىلشات ئىمىن « مەن دوختۇرخانا باشلىقىغۇ » دەپ ئىشخانىسىدىن چىقمايدىغان باشلىقلارغا ئوخشىمايتتى . ھەر كۈنى ئەتىگەندە بالنىست بىمارلىرىنى تەكشۈرۈش ، دىئاگنوز قويۇش ، داۋالاش ئىشلىرىغا باشقا دوختۇرلار بىلەن تەڭ قاتنىشاتتى . ھەتتا پەرۋىش ئىشلىرىغىچە ئارلىشىپ بۇرۇنقى سېستىرالار باشلىقىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ ، ئورنىغا گۈلنىسانى سېستىرالار باشلىقى قىلدى . بىر بىمار ئوپراتسىيە قىلىنسا، گۈلنىسا خاتىرجەم بولالماي ، نۆۋەتچى سېسترا بىلەن  بالنىستا قالاتتى. ئادىلمۇ بۇنداق كۈنلىرى تاكى بىمار تاماققا كىرىشكىچە بالنىستىن نېرى كەتمەيتتى . قىشنىڭ ئۇزۇن تۈنلىرىدە ، يازنىڭ دىمىق ئىسسىق ئاخشاملىرىدا بالنىستنىڭ ئۇزۇن كارىدۇرىدا بۇ ئىككىسىنىڭ ئاياق تىۋىشلىرى ۋە كىسەللەرنىڭ ئەھۋالى توغىرىسىدىكى پاراڭلىرى  يېرىم كىچىلەرگىچە ھەتتا تاڭ ئاتقىچە ئاڭلىنىپ تۇراتتى . دوختۇرخانا كۈندىن ـ كۈنگە ئاۋاتلىشىپ بالنىست كارۋاتلىرى يېتىشمەيدىغان ، ئامبۇلاتۇرىيە ئوكۇل ئۇرۇش ئۆيىگە بىمارلار پاتماي قالىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىپ، دىلشات ئېمىن ئەسلىدىكى بالنىست رايونى بىلەن ئامبۇلاتۇرىيەنى قوشۇۋىتىپ ، يېڭىدىن بالنىست رايونى سېلىشى ئىشى توغىرسىدىكى ئىلتىماسىنى تەستىلىتىش ئۈچۈن يۇقىرى تۆۋەن قاتىراپ يۈرگەچكە ، ئادىلنى دوختۇرخانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈپ ، ئۆزى يوق چاغلاردا دوختۇرخانىنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا مەسئول قىلدى . بۇنىڭ بىلەن يۈكى يەنە بىر ھەسسە ئېغىرلاشقان ئادىل يېزا بازىرىغا سەككىز كىلومىتىر يىراقلىقتىكى ئۆيىگە ھەپتىدە بىر ياكى ئون نەچچە كندە بىر قايتىدىغان   بولۇپ قالدى . لېكىن دادىسى ئۇنىڭدىن خوش ئىدى . يېزىلىق دوختۇرخانىدا داۋالىنىپ كەلگەنلەرنىڭ ئاغزىدىن ئوغىلى ھەققىدىكى ماختاش سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا قايتىدىن روھلىنىپ قالغاندەك بولۇپ ، ئوغىلنىڭ ئۆرۈمچىدە قېلىشىغا قوشۇلماي ناھايتى توغىرا قىلغانلىقىدىن ، ئوغىلىدىن كۈتكەن ئارزۇلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقىدىن  تولىمۇ پەخىرلىنەتتى . « خوشنىلارنىڭ دېيىشىچە بالام گۈلنىسا دېگەن قىز بىلەن ناھايتى يېقىن ئۆتىدىكەن ، ئۆتكەندە بارغاندىمۇ ئۇ قىز كۆزۈمگە بەكلا ئىسسىق كۆرۈنگەن ، ئىككىسىنىڭ تويىنى بالدۇرراق قىلىپ ، ئاتىلىق مەجبۇريتىمنى تېزرەك ئادا قىلسام بولاتتى » دېگەن خىيال يېقىندىن بۇيان ئابدۇللا ئاكىنىڭ كاللىسىغا كىرىۋالدى .
«ئادىلنى چاقىرىپ ئۆزىنىڭ ئاغزىدىن گەپ ئېلىپ باقىسام قانداق بولار ؟ ياق ،ئۇ كۆڭلىدىكى گېپىنى خىجىل بولۇپ ماڭا دىيەلمەيدۇ ، ئەڭ ياخشىسى ئاكىسىدىن سوراپ باقاي ، ئاكا-ئۇكا خېلى يېقىن ئۆتىدىغان بولغانكىن ، بىر-بىرىنىڭ كۆڭلىدىكى گېپىنى بىلىشەر » شۇ خىيال بىلەن ئابدۇللا ئاكا ياشلاردەك چەبدەس ھەركەتلەر بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ھويلىسىغا يانداش سېلىنغان تاملىرىغا چېنە خىش چاپلىنىپ ، چوڭ يولغا قارىتىپ ئېچىلغان نەقىشلىك دەرۋازىنىڭ كىچىك ئىشىكىدىن  سېمونت ياتقۇزۇلغان يوغان ھويلىغا كىردى .ئۇ كىرگەندە چوڭ ئوغىلى ئالىم بىلەن دىقىماق بىر ئادەم  دەۋازا يېنىدىكى لاپاس ئاستىغا دۆۋىلەپ قويۇلغان قوي تېرىسىنى ساناۋاتاتتى .
ــ كەل دادا ، ــ دېدى ئالىم بېشىنى كۆتۈرۈپ ، ــ ئۆيگە كىرىپ تۇر ، مەن بۇلارنى ساناپ ئۆتكۈزىۋىتىپلا كىرىمەن .
ــ سوداڭ بەرىكەت تاپسۇن ئوغلۇم .سەن ئىشىڭنى قىلىۋەر . مەن ئالدىرمايمەن .
ئۇ باغقا چىقىدىغان ئىشىكتىن چىقىپ ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخلەر بىلەن تولغان باغقا كىرىپ ، يېڭىلا سۇ ئېچىلغان ئۈزۈم تاللىرىغا قاراپ بېشىنى چايقىدى .« ھەي ، بۇنداق چاغدا تالغا سۇ قويسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ سۇ قويغىنى نىمىسى ؟ ئاۋۇ كوكتاتلىققىمۇ سۇنى توشقۇزىۋىتىپتۇ . سۇنى بۇنداق توشقۇزىۋەتسە پەمىدۇر غورىلىرى سۇغا چىلىشىپ سېسىپ كەتمەمدۇ » . .. ئۇ كوكتاتلىقنىڭ كىچىك ، تار قىرىدىن ئاۋايلاپ دەسسەپ مېڭىپ ، ئېچىقنى ئېچىپ ، سۈيىنى باغقا چىقىرۋەتكەندىن كېيىن ھويلىغا قايتىپ كىردى .
ــ ئاياقلىرىڭ لاي بولۇپ كېتىپتىغۇ دادا ، باغقا كىرگەنمىدىڭ ؟
ــ ئۈزۈم تاللىرى بىلەن كوكتاتلىققا ھازىر سۇ ئاچقىنىڭ نېمىسى ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە لىققىدە توشقۇزىۋىتىپسەن .
ــ قارىسام كوكتاتلار ئۇسساپ كېتىپتۇ ، سۇغۇرۇپ قوياي دەپ سۇ ئېچىپ تۇرۇشۇمغا تېرىلەرنى ئۆتكۈزىۋالدىغان ئادەم كېلىپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن …
ــ كېيىنكى قېتىم دىققەت قىل . دېھقانچىلىقنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا قائىدىسى بولىدۇ . ھەر بىر تۈپ دەرەخ ۋە زىرائەتنى ئوغۇتلاش ، سۇغۇرۇش ئىشلىرىنى ئۆز ۋاقتى قەرەلىدە ئېلىپ بېرىشنى بىلمىسەڭ ھەقىقى دېھقان بولالمايسەن .
ــ ماقۇل دادا .
ــ ماڭا قارا بالام ، مۇشۇ ئادىلنىڭ ئىشى بېشىمنى قاتۇرۋاتىدۇ قارا .
ــ ئادىلنىڭ قايسى ئىشىنى دەيسەن دادا ؟
ــ قارا سىنى ، يەنە قايسى ئىش بولاتتى ، ئۇنى ئۆيلەيدىغان ئىشنى دەيمەن ،
ــ ئادىل تېخى كىچىك تۇرسا دادا . ئالدىراپ نېمە قىلىمىز .
ــ كىچىك دەسيسەنغۇ ، 28 گە كىردى ئۇ . سەن ئۇنچىلىك چاغدا بىر بالىغا دادا بولغىنىڭنى ئۇنتۇپ قالدىڭما ؟
ــ ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىگە  پۈككىنى بارمۇ –يوق تېخى بىلمەيمىز . ئۇ ئۆزى بىر نېمە دېمىسە بىز ئۇنى ئالدىراتقىنىمىز بىلەنمۇ بىكار.
ــ ئاڭلىسام ئۇنى دوختۇرخانىدىكى گۈلنىسا دېگەن قىز بىلەن يېقىن ئۆتىدۇ دەيدۇ ، مەن قارىساممۇ ئۇ خېلى يېقىشلىق ، ئوبدان قىزكەن . ئادىل بۇ ھەقتە ساڭا ھېچنەرسە دېمىدىما ؟
ــ ئۇ ئىككىسى خىزمەتداش بولغاچقىلا يېقىن ئۆتىدىكەن . باشقا ئىشى يوق .دادا ، ئادىلمۇ كىچىك بالا  ئەمەس ، ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ تۇرمۇش ئىشىغا بىز ئارلىشىۋالمايلى . ئۇ قاچان بىرسىنى تېپىپ توي قىلاتتىم دېسە ، بىز چىرايلىق تويىنى قىلىپ قويساق بولىدۇ ئەمەسمۇ .
ــ بوپتۇ ئەمسە ،  بۇ ئىشتا ئۇكاڭنىڭ ئاغزىغا قارايلى . لېكىن ئۇنىڭغا دەپ قوي . توي  ئىشىنى بەك  كەينىگە سۈرۈۋەتمىسۇن ، يېشىمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى ، مۇشۇنچىلىك تۇرغان ۋاقتىمدا ئۆيلەپ قەرزىمنى ئادا قىلىۋەتمىسەم بولمايدۇ .
ــ ماقۇل دادا ، ئۇنىڭغا مەن گەپ قىلاي .
لېكىن ئالىم ئۇكىسىغا دادىسىنىڭ گېپىنى يەتكۈزگەندە ئادىلنىڭ ئوبلاستلىق دوختۇرخانىغا بىر يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا بارىدىغان ئىشى دوختۇرخانا رەھبەرلىك گورۇپپىسى تەرىپىدىن بېكىتىلىپ بولغان ئىدى .
ــ دادام مېنىڭ  بىلىم ئاشۇرۇشقا بارىدىغانلىقىمنى ئاڭلىسا چوقۇم خوش بولىدۇ .شۇنداق بولغانكەن ، توي ئىشىمنى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئويلىشىدىغانغا ئۆزلۈكىدىن قوشۇلىدۇ ئاكا ،ــ دېدى ئادىل ئاكىسىغا .
ــ ئۇ دېگىنىڭغۇ توغرا . لېكىن دادام ياشىنىپ قالدى ،خىزمەتنىمۇ قىلىپ ،دادامنىڭ  بېشىنى تىزرەك ساقايتىدىغاننىڭ غېمىنى قىلغاچ تۇر ئۇكام .
  شۇ سۆھبەت بولۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىن ئادىل مېڭىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ بولۇپ ، دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى .
ــ كەل ئادىل ،ــ پۈتۈن زېھنى بىلەن ئالدىدىكى ماتىريالغا تىكىلىپ ئولتۇرغان  دىلشات ئىمىن ماتىريالدىن كۆزىنى ئېلىپ  ئادىلنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى ،ــ تەييارلىقىڭ پۈتتىمۇ ؟
ــ پۈتتى .
ــ شوپۇر سەل تۇرۇپ سېنى ئاپىرىپ قويىدۇ ، ئۇنىڭمۇ كېلىدىغان ۋاقتى بولدى . ئەسلى سېنى ئۆزەم ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قوياي دېگەن ئىدىم ، بىراق چۈشتىن كېيىن سەھىيە ئىدارىسىگە يىغىنغا بارىدىكەنمەن . دوختۇرخانىنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتى بولغانكىن ئۆزۈڭلا بېرىۋەرگىن .
ــ ماقۇل .
ــ ياخشى ئۆگەن ئۇكا ، پۇرسەتنى قولدىن بېرىۋەتمە .
ــ چوقۇم ياخشى ئۆگىنىمەن ، ماڭا ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگىنىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت دوختۇرخانا باشلىقى ،ــ ئادىل ئورنىدىن تۇردى ،ــ مەن چىقاي ئەمنسە ، شوپۇرنى سىرتتا ساقلاپ تۇراي .
  ئادىل باشلىقنىڭ ئىشخانىسىدىن چىقىپ ، دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ شوپۇرنىڭ تېخى كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ ، گۈلنىسانىڭ ئىشخانىسىغا كىردى . ھازىر گۈلنىسا سېستىرالار باشلىقى بولغاچقا ئۇنىڭغا ئايرىم ئىشخانا بېرىلگەن ئىدى .
لېكىن گۈلنىسا ئىشخانىسىدا يوق ئىدى . نېمىشقىدۇ گۈلنىسا بىلەن خوشلاشقۇسى كېلىپ قالغان ئادىل ئۇنى سېستىرالار مۇلازىمەت ئورنىدىنمۇ تاپالماي ، تىت –تىت بولۇپ تۇرغاندا ، بىمارلار ياتىقىدىن ئايگۈزەل چىقىپ قالدى .
ــ گۈلنىسانى كۆردىڭىزمۇ ئايگۈزەل ،ــ سورىدى ئادىل .
ــ ئۇ  ياتىقىدا .
ــ ئۇ بۈگۈن ئىشلىمىدىما ؟
ــ ئاغىرىپ قاپتۇ ،ــ ئايگۆزەلنىڭ يەنە نېمە دېگەنلىكى قۇلىقىغا كىرمىگەن ئادىل تېز قەدەملەر بىلەن دوختۇرخانا ئىچىگە سېلىنغان قىزلار ياتىقى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى .
ــ ھەي،ئادىل كەتسە گۈلنىسا تۈگىشىپ كېتىدىغان بولدى –دە ،ــ ئادىلنىڭ كەينىدىن قاراپ قالغان ئايگۆزەل بېشىنى چايقىغىنىچە ئۆز –ئۆزىگە پىچىرلىدى ،ــ يا بۇ خىزمەت سارىڭى گۈلنىسانىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمىدى .
ئادىلنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرگەن گۈلنىسا  ھۇدۇققاندەك بولۇپ تىكىۋاتقان كەشتىسىنى كارۋات ئۈستىگە قويدى .
ــ سىزنى ئاغىرىپ قالدى دەۋاتاتتى گۈل تىكىپ ئولتۇرۇپسىزغۇ ؟ــ دېدى ئادىل گۈلنىسانىڭ كارۋىتىغا كېلىپ ئولتۇرۋېتىپ .
ــ يېتىۋېرىپ زېرىكىپ كەتتىم . شۇڭا …
ــ قەيىرىڭىز ئاغىرىيدۇ ؟
ــ چوڭ ئىش يوق . زوكام بولۇپ قاپتىمەن شۇ .
ــ زوكام دېگەن ئارامنى ياخشى ئالمىسا ساقايمايدۇ ،ــ ئادىل كارۋات ئۈستىدىكى كەشتىنى قولىغا ئالدى ،ــ  ئاغىرىپ قالغاندىمۇ ئارام ئالماي تىكمىسە بولمايدىغان قانداق مۇھىم نەرسەئىدى بۇ ؟
ــ شۇ … مۇنداقلا تىكىپ باققان .
ــ ئوغۇللارنىڭ كۆڭلىكى ئىكەنغۇ .
ــ شۇنداق .
ئادىل نېمىلەرنىدۇ ئويلىغاندەك ئىتتىك گۈلنىساغا قارىدى ،
ــ يىگىتىڭىز بار ئىكەندە .
ــ ياق . كانىۋاي تىكىشنى يېڭى ئۆگەنگەن .شۇڭا …
ــ مۇنداق دەڭ ،قايسى تەلەيلىك يىگىتكە نىسىب بولار بۇ تۇنجى ئەجىرىڭىز .
ــ خالىسىڭىز سىزگە بىرەي ،ــ ئاغزىدىن تۇيۇقسىزلا چىقىپ كەتكەن بۇ گەپتىن گۈلنىسا قىزىرىپ كەتتى .
ــ ماڭا ؟ راستلا ماڭا بىرەمسىز ؟
ــ شۇنداق . سىز ياقتۇرغان بولسىڭىزلا .
ــ ئەلىۋەتتە ياقتۇرىمەن ،ــ گۈلنىسانىڭ دەممۇ –دەم قىزىرىپ تۇرغانلىقىنى سەزمىگەن ئادىل ناھايتى ئوچۇق ـ يورۇق ئىدى ،ــ ئۇنداقتا تىزرەك تىكىڭ ، مەن بۈگۈن ماڭىمەن . كى
ېلەر قېتىم كەلگەندە ئېلىۋالاي .
ــ تىكىپ بولدۇم ، بايا سىز كىرگەندە ئاخىرقى يىپىنى تىكىۋاتاتتىم ،ــ گۈلنىسا ئورنىدىن تۇرۇپ كۆينەكنى خالتىغا سېلىپ ئادىلغا سۇندى ،ــ سىزگە يوللۇقۇم بولۇپ قالسۇن .
                                                                            6
          كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئادىلنىڭ سۆڭەك كىسەللىكلىرى بۆلۈمىدە بىلىم ئاشۇرۋاتقنىغىمۇ بىر ئاي بولۇپ قالدى . كەلگەن تۇنجى كۈنىدىن باشلاپلا ئۆگىنىشكە باشچىلاپ كىرىپ كەتكەن ئادىل تېزلا يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭلا ئەمەس ، بۆلۈمدىكى باشقا دوختۇرلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى . ئىشتىن چۈشكەن چاغلاردىمۇ بۆلۈمگە چىقىپ كىسەللىك ئارخبى يېزىپ ياكى باشقا نۆۋەتچى دوختۇرلارغا ياردەملىشىپ سائەت ئوندىن ئاشقاندا ياتىقىغا قايتىدىغان ئادىل  بۈگۈن چارچىغانلىقىنى ھېس قىلىپ بالدۇرلا بۆلۈمدىن چىىقتى .
قايسى ئاشخانىغا بېرىپ ، نېمە تاماق يېيىشنى ئويلاپ كېتىۋاتقان ئادىل ئالدىدا كېلىۋاتقان قىزنى كۆرۈپ پۇتلىرى مېڭىشتىن توختاپ ، جايىدىلا تۇرۇپ قالدى .
ــ ۋىيەي ، ئادىلغۇ سىز ؟ــ قايرىلما كىرپىكلەر ئاستىدىكى شەھلا كۆزلەردىن تەبەسسۈم جىلۋىلىنىپ ، ئايدەك يۈزلەرگە قىزىللىق يۈگۈردى ،ــ قانداق ئەھۋالىڭىز ؟
ــ شەھىدە ،ــ قىزنى كۆرۈپ رېتىمىنى يوقاتقان يۈرىكىنىڭ دۈپۈلدەشلىرىگە ئەگىشىپ ، ئاۋازىمۇ تىتىرگەندەك بىلىندى .
ــ ھەر ھالدا مېنى ئۇنتۇپ قالماپسىز ھە ،ــ شەھىدە يېقىملىق جىلمايدى ،ــ مۇشۇ دوختۇرخانىدا ئىشلەۋاتامسىز ؟
ــ ياق . ئۆگىنىشكە كەلگەن ،ــ بۇ قېتىم ئادىل ئۆزىنى خېلىلا تۇتۇۋالغان ئىدى ،ــ سىزچۇ شەھىدە ، ئوقۇشىڭىز پۈتتىمۇ ؟
ــ شۇنداق . ئۆتكەن يىل توققۇزىنچى ئايدىن باشلاپ ئوبلاستلىق دورا نازارەت قىلىش ئىدارىسىدە ئىشلەۋاتىمەن .
ــ ياخشى خىزمەتكە ئورۇنلىشىپسىز ،ــ ئادىل ئاران ئۇچىراتقان قىزنى قاچۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ئالدىراپ سورىدى ،ــ تېخى تاماق يىمىگەنسىز ؟ بىللە تاماق يىگەچ پاراڭلىشايلى .
   تاماق يېيىلىپ بولغاندا  ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى ئارتۇقچە تەكەللۇپلار ، قورۇنۇشلار تۈگەپ ، گەپ –سۆزلەر تەبىئىلا راۋانلىشىپ كەتتى  . ئادىلنىڭ نېمىشقا  بىر ئوبدان خىزمەت ئورىننى تاشلاپ يېزىغا كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بىلگەن شەھىدە ئۇنى «دادىڭىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ توغرا قىپسىز » دەپ ماختىدى ۋە  ئادەم ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىن باشلاپ ، بالداقمۇ –بالداق يۇقىرىغا ئۆرلىسە ياخشى بولدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرى بىلەن ئادىلنى ھەيران قالدۇردى . ھەشەمەتلىك تۇرمۇش شارائىتىدا ئۆسۈپ يىتىلگەن بۇ ئەركە قىزنىڭ ئاغزىدىن بۇنچە قايىل قىلارلىق گەپلەرنىڭ چىقىشىنى ئويلىمىغان ئادىل قىزغا ئىچ –ئىچىدىن قايىل بولماي تۇرالمىدى .
   ئۇلارنىڭ كۆرۈشۈشلىرى ، پاراڭلىرى شۇ قېتىملىق بىلەنلا توختاپ قالمىدى . ھەر قېتىم ئۇچىراشقاندا شەھىدە ئادىلنىڭ قەلبىدە يېڭى –يېڭى تەسىراتلارنى قالدۇرۇپ ،نەچچە يىللاردىن بېرى كۆڭلىنىڭ پىنھان يەرلىرىدە ساقلنىپ كەلگەن « لەپپىدە تاشلانغان قايرىلما كىرپىكلەر» بۇ قېتىم ئادىلنى ئۆزىگە تولۇق ئەسىر قىلدى . قايرىلما كىرپىكلەر ئاستىدىكى شەھلا كۆزلەرلا ئەمەس ، بەلكى شەھىدەنىڭ ھەر-بىر ئېغىز سۆزى ، تاتلىق كۈلكىسى ، سىپايە ئىش-ھەركەتلىرى ئۇنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇراتتى .
« شەھىدەگە توي قىلىش تەكلىپى قويسام قانداق بولار ، شەھىدە چوڭ باشلىقنىڭ قىزى ، مەن بولسام ئاددى بىر دېھقاننىڭ ئوغلى ، ئۇ شەھەردىكى ياخشى خىزمەت ئورنىدىن ، ھەشەمەتلىك تۇرمۇشتىن ۋاز كېچىپ مەن بىلەن يېزىغا كېتىشنى ھەرگىزمۇ خالىمايدۇ ، ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى چۈشۈرمەي ، مۇشۇ ھالىتىمىزنى ساقلاپ قالاي » ئۇ شۇنداق قارارغا كەلگەن بولسىمۇ ، كۆڭلى قارارىغا بويسۇنمايتتى .  ئۆگىنىش ۋاقتى توشۇپ ، قايتىپ كېتىدىغان كۈنلەر يېقىنلاشقانچە ئۇنى تىنىمسىز خىياللار تېخىمۇ قىيناشقا باشلىدى . ئۇ ھازىر شەھىدەنى بىر كۈن كۆرمىسە خامۇش ئادەمدەك بولۇپ قالىدىغان تۇرسا ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ يېزىغا كەتسە قانداق چىدايدۇ .« ياق ، بۇنداقلا كەتسەم مەن ساراڭ بولۇپ قالغىدەكمەن ، ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭغا كۆڭلۈمدىكىنى دەۋالاي ، ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغىنىمنى ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ياشاشقا ئامالسىز ئىكەنلىكىمنى ئۇ بىلسۇن .». شۇ قارارغا كەلگەن ئادىل دوختۇرخانا ئالدىدىكى ئاممىۋى تېلفۇندىن شەھىدەگە چاقىرغۇ قىلىپ،  كەچتە « شېرىن چۈش » تورتخانىسدا كۆرۈشۈشنى ئېيتتى .
ــ كەچتە  دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشىغا باراتتىم  ،ــ دېدى شەھىدە ،ــ ئەتە كەچتە بولسا قانداق ؟
ــ بۈگۈنلا  كۆرۈشمىسەك بولمايدۇ شەھىدە . دوستىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبىرىكلەپ بولۇپ بارسىڭىزمۇ مەيلى . سىز كەلگىچە ساقلايمەن .
ــ شۇنچە موھىم ئىشمىدى ، تېلېفۇندا دېسىڭىز بولمامدۇ ؟
ــ تېلېفۇندا دېگىلى بولمايدۇ ، كەچتە سىزنى ساقلايمەن .چوقۇم بېرىڭ !
ــ ماقۇل .
ئادىلنىڭ « شېرىن چۈش» تورتخانىسىدا   شەھىدەنى ساقلاۋاتقىنىغا بىر سائەتتىن ئاشتى . تاقەتسىزلەنگەن ئادىل ئىشىككە قارىغاچ شەھىدەگە دېمەكچى بولغان گەپلىرىنى كۆڭلىدىن نەچچە رەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن كۆڭلى تىنغاندەك بولۇپ ،يېنىدىكى ئورۇندۇققا قويۇپ قويغان بىر دەستە ئەتىرگۈلگە قارىدى ۋە گۈلنى قىزغا قانداق ئۇسۇلدا بەرسە ياخشى بولدىغانلىقىنى ئويلاپ تۇرۇشىغا ، زىلۋا قامىتىگە تولىمۇ ياراشقان  ئاق كۆينىكى چىرايىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۋەتكەن شەھىدە   تورتخانا ئىشىكىدىن كىرىپ كەلدى .
ــ نېمە ئىش بولدى ئادىل ،ــ دېدى قىز سىلىق ھەركەتلەر بىلەن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇۋىتىپ ،ــ مېنى بەكلا جىددىلەشتۈرۋەتتىڭىزغۇ ؟
ــ باشقا ئىشمۇ يوق ،ــ باياتىن بېرى نەچچە رەت يادلاپ مەشىق قىلىۋالغان سۆزلەر قىزنى كۆرۈش بىلەنلا ئاللىقاياقلارغا يوقاپ ، ئاغزىدىن باشقىلا بىر گەپلەر چىقىۋاتاتتى ،ــ شۇ ئۆزەمچە، ياتاقتا يالغۇز ئولتۇرۇپ ئىچىم پۇشۇپ ...
ــ مۇنداق دەڭ ،نېمە موھىم ئىشكىن دەپ ئالدىراپلا كەپتىمەن تېخى .
ــ موھىم ئىش بولمىسا كۆرۈشسەك بولمامدىكەن ؟
ــ ئەلىۋەتتە بولىدۇ ،ــ شەھىدە ئالدىدىكى ئىچىملىكتىن  بىر يۇتۇم ئوتلىدى ،ــ ئۆگىنىش ۋاقتىڭىز توشۇپ قالدىغۇ دەيمەن ؟
ــ يەنە بىر ئاي قالدى .
ــ مۇشۇ دوختۇرخانىدىلا قېپ قېلىشنى ئويلاشمىدىڭىزمۇ ؟
ــ ئويلاشساممۇ نېمە ئامال .قالاي دەپلا قالغىلى بولمىسا يا .ئۇنىڭ ئۈستىگە  يىزىلىق دوختۇرخانىدىن مېنى زور ئۈمۈدلەر بىلەن بۇ يەرگە ئەۋەتكەن تۇرسا ، ئۇلارنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويسام بولماس .
ــ ئەخمەق . يىزىدا ھېلىمۇ ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ئىشلەپسز . شۇمۇ يەتمىدىما سىزگە ؟ــ شەھىدەنىڭ كۆزلىرى ئادىلغا تىكىلدى ،ــ ئاڭلىسام بۇ دوختۇرخانىغا ئادەم ئالىدىكەن . يەنە كېلىپ سىزدەك مۇشۇ دوختۇرخانىدا بىلىم ئاشۇرۇپ، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلارنى ئالدىن ئويلىشىدىكەن .
ــ راستما ؟ــ ئەسىلدىنلا كەتكۈسى كەلمەي تۇرغان ئادىلغا شەھىدەنىڭ گېپى مايدەك خوش ياقتى،ــ سىز نەدىن ئاڭلىدىڭىز ؟
ــ ساۋاقدىشىمدىن .ئۇمۇ تاللاش ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ ھازىر ،ــ شەھىدەنىڭ چىرايلىق كۆزلىرى ئادىلغا سۇئال نەزىرىدە تىكىلدى ،ــ سىزمۇ  سىناپ باقامسىز ؟
ــ بىراق ...بۇ ...
ــ بىراق نېمە ؟ تاللاش ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەي قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرەۋاتامسىز ،ــ شەھىدە ئۋازىنى پەسەيتتى ،ــ بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ ، ئەگەر ئۆتەلمەي قالسىڭىز دادامغا دەپ يولىڭىزنى مېڭىشىپ بېرىمەن .
ــ ياق ...ياق …شەھىدە ، دادىڭىزنى ئاۋارە قىلماي ،ــ دېدى ئادىل ئالدىراپ  ، ــ يەنىلا ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ  سىناپ باقاي .ئىقتىدارىم بولسا تاللاشتىن ئۆتەرمەن ، ئۆتەلمەي قالسام بۇمۇ ئۆزەمنىڭ شورى . مۇناسىۋەتكە تايىنىپ كىرىپ ، كېيىن خىزمەتنىڭ ھۆددىسدىن چىقالماي قالغاندىن كۆرە قايتىپ كەتكىنم ياخشى .
ــ ھا...ھا…ھا ... قارىڭە جىددىلىشىپ كەتكىنىڭىزنى ،ــ شەھىدە قاقاقلاپ كۈلدى ،ــ دادامنى راستلا ياردەم قىلىدۇ دەپ قاپسىزدە ،ئۇ دېگەن بەك پىرىنسىپچىل رەھبەر جۇمۇ ،
   ۋاقىت خېلى بىر يەرگە بارغان بولسىمۇ ئادىل شەھىدەگە كۆڭلىدىكى گېپىنى دېيەلمەي ئىچى تىتىلداپ ، يېنىدىكى ئورۇندۇققا قويۇپ قويۇلغان ، شەھىدە تېخى كۆرمىگەن ئەتىرگۈلگە قارايتتى .
ــ قايتايلى ،ــ شەھىدە بىلىكىدىكى كىچىككىنە سائىتىگە قارىۋېتىپ ئورنىدىن تۇردى ،ــ ۋاقىتىمۇ بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ ،
ــ قايتامدۇق ؟ــ ئادىل گۈلنى ئېلىپ شەھىدەگە بېرىشنى ئويلىغان بولسىمۇ ، ئەتىراپىدىكى كىشىلەردىن خىجىل بولۇپ گۈلنى بېرىشكە پېتىنالماي تۇرغاندا شەھىدە گۈلنى كۆرۈپ قالدى.
ــ ۋوي ،كىمنىڭ گۈلى بۇ ؟
ــ مېنىڭ،سىزگە بىرەي دەپ ...
ــ ماڭا ...ــ شەھىدە ئاۋال كۈلدى ، ئاندىن ھەيرانلىق بىلەن سورىدى ،ــ ماڭا سوۋغا قىلامسىز ؟
ــ شۇنداق .
ــ نېمىشقا ماڭا گۈل سوۋغا قىلغۇڭىز كېپ قالدى .
ــ چۇنكى ...چۇنكى ...سىزنى ياخشى كۆرىمەن .
ئادىلنىڭ پۈتۈن بەدىنى تەرلەپ كەتكەن بولسىمۇ ، ئەمما كۆڭلىدىكى گېپىنى دەۋالغىنى ئۈچۈن يېنىكلەپ قالغاندەك بولۇپ ، شەھىدەگە دادىل تىكىلدى ،ــ بىز توي قىلايلى  شەھىدە .
بۇ تۇيۇقسزلىقتىن تىڭىرقاپ قالغان شەھىدەنىڭ يۈزىگە قىزىللىق تېپىپ ، قايرىلما كىرپىكلىرى لەپپىدە تاشلىنىپ شەھلا كۆزلىرىنى ياپتى .
ــ چاقچاق قىلمىسىڭىزچۇ ئادىل ،بۇ قانداقمۇ مومكىن بولسۇن
ــ راستلا مومكىن بولمامدۇ ؟
ــ بۇ ...
ــ سىز زادىلا مومكىن بولمايدۇ دەپ قارىسىڭىزمۇ سىزدىن ئاغىرىنمايمەن ، بۇنى ئۆزەمنىڭ تەلەيسىزلىكىمدىن كۆرىمەن . ئەگەر ئويلىشىپ بېقىشقا ئىمكانىيەت بولۇپ قالسا ، سىزنىڭ جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن .
  ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپ ئادىلنىڭ دوختۇرخانىنىڭ تاللاش ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنلىك خەۋىرى بىلەن شەھىدەنىڭ « ماقۇل»جاۋابى تەڭلا يېتىپ كېلىۋىدى ، ئادىل بۇ قوش خۇشاللىقتىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويغىلى تاسلا قالدى .
     
ئادىلنىڭ ئوبلاستلىق دوختۇرخانىدا قالماقچى بولغىننى ئاڭلىغان ئابدۇللا ئاكا دەسلەپتە ئاچچىقلاندى ، كېيىن ئوغىلىنىڭ لايىقىنىڭ شەھەردە ئىكەنلكىنى ئاڭلاپ  ، ئادىلنى يېزىغا قايتىپ كېلىشىكە مەجبۇرلىسا ، نىكاھ ئىشىغا تەسىر يېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەنىلا ئوغىلنىڭ بەختى ئۈچۈن دۇئا قىلدى .
   دىلشات ئىمىن  ئالدىدا قىزىرىپ ئولتۇرغان ئادىلغا بىر پەس تىكىلىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن گېلىنى قىردى :
ــ تاللاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ياخشى قىپسەن ئۇكا ، ئادەم دېگەن يۇقىرىغا ئۆرلەشنى بىلىش  كېرەك . چوڭ دوختۇرخانىدا ئىشلىسەڭ ئۆگەنگەنلىرىڭىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشتىن سىرت ، ئالغا ئىلگىرلىشىڭگە پايدىلىق . بولسا مۇشۇ بويىچە تىرىشىپ ، ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ دوختۇرخانىلاردا ئىشلە، تىببى ساھەدە يېڭىلىقلارنى يارات ! لېكىنزە ئۇكا  « بىر سەكىرەپلا يېزىدىن ئوبلاستقا كىلەلىدىم»دەپ مەغرۇرلىنىپ كەتمە !

                                                               7

       ئۆكتەبىرنىڭ باشلىرىدا ئادىل بىلەن شەھىدەنىڭ تويى بولدى . ئابدۇللا ئاكىنىڭ ھەر خىل مىۋىلەر مەي باغلاپ پىشىپ كەتكەن باغۋارانلىق ھويلىسى نەچچە كۈنگىچە يىراق –يېقىندىن كەلگەن تۇققانلار ۋە خولۇم –خوشنىلار بىلەن ئاۋاتلىشىپ كەتتى . شەھىدە شۇنچە كەڭرى ھويلىنى يېپىپ تۇرغان ئۈزۈم تاللىرىغا ، كۈز كىرىپ كەتسىمۇ تېخىچە ئېچىلىپ تۇرغان رەڭگارەڭ گۈللەرگە ،  تال باراڭدىكى مەرۋايىتتەك يالتىراپ تۇرغان ئۈزۈملەرگە ، چۆچەكلەردە تەسۋىرلەنگەندەك ھەر تۈرلۈك مىۋىلەر بىلەن تولغان جەننەتتەك باغلارغا قاراپ ،ئۆزىنى جەننەتكە كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ بىر نەچچە كۈننى ناھايتى خوشال ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ، كۈندە تاڭ يورۇماستا ئورنىدىن تۇرۇش  ئۇنىڭغا ناھايتى تەس كەلدى . سەھەردە ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ خېلى ئۇزۇندىن كېيىن ،ئۇ ھوجىرسىدىن چىقىپ ، ئاللىبۇرۇن تەييارلاپ قويۇلغان مول ناشتىلىق بىلەن ناشتا قىلغاندىن كېيىن ، بىكارچىلىقتا ھېلى ئۆيگە كىرىپ ، ھېلى تالاغا چىقىپ ۋاقىت ئۆتكۈزەلمەي ئاۋارە ئىدى . تەڭ دېمەتلىك قىزلارنىڭ خۇشال ھالىتىگە  مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قاراپ ،ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇراتتى .
دەسلەپتە كۆرگەندە ئۇنى مەستخۇش قىلغان جەننەتتەك باغلار ، رەڭگارەك گۈللەر ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ دېققىتىنى تارتالمىدى . تۇغقانلىرى بىلەن مۇڭدىشىپ ، ئۇلار بىلەن تەڭ ئىش قىلىپ يۈرگەن ئادىلنىڭ دائىم ئۆزىگە ھەمرا بولۇپ ، ئەگىشپ يۈرمىگىنىگە خاپا بولدى .
ــ كېتەيلى ئادىل ،ــ دېدى شەھىدە ئىككىسى ھوجىرىدا يالغۇز قالغاندا ،ــ بۇ يەردە  مېنىڭ بەك ئىچىم سىقىلىپ كەتتى .
ــ نېمىگە ئىچىڭىز سىقىلدى ؟ــ ھەيران قالغان ئادىل شەھىدەنىڭ يۈزلىرىنى ئالقانلىرى ئارسىغا ئېلىپ ، ياش تولغان چىرايلىق كۆزلىرىگە تىكىلدى ،ــ ئىچىڭىز سىقىلسا نەۋرە سىڭىللىرىم بىلەن  باغقا كىرىپ ئايلىنىڭ ، گۈللەرنى تاماشا قىلىڭ .  ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىڭ .
ــ ئۇ قىزلار بىلەن گېپىمىز بىر يەردىن چىقمايدىكەن .
ــ ئۇلار ناھايتى شوق ، يېقىشلىق قىزلارغۇ ،ــ ئادىل شەھىدەنىڭ ئۆمچەيگەن لەۋلىرىنى كۆرۈپ يۈرىكى « پىژژىدە » ئېرىدى ،ــ ماقۇل ، ئامىرىقىم ، يەنە ئىككى كۈن تەخىر قىلىڭ .
دېگەندەك ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇلار شەھەر مەركىزىدىكى ياسىداق ئۆيىگە قايتىپ كەلدى .
ــ بۇ كونا چامادانىڭىزنى تاشلىۋىتەيلى ،ــ نەرسە كىرەكلەرنى رەتلەۋاتقان شەھىدە ئادىلنىڭ ياتىقىدىن قايتۇرۇپ كەلگەن چاماداننى كۆرسەتتى .
ــ ئىچىدە موھىم نەرسلىرىم بار ئىدى ، ئېلىۋالاي .
ــ ۋىيەي ، ھەممىسى كونا كىيىملەر ئىكەنغۇ ، ئېپ قالغىدەك ھېچ نەرسە يوقكەن .ــ شەھىدە چاماداننى ئېچىپ  چىرايىنى پۈرۈشتۈردى .
ــ كىتابلىرىم ، يەنە بۇ كىيىملەر ...
ــ ۋاي –ۋۇي ، بولدى قىلسىڭىزچۇ ، يېڭى ئۆيىمىزدە بىرەر تالمۇ  كونا نەرسىلەر بولۇشىنى خالىمايمەن . ئەمدى بۇنداق تاينى يوق كىيىملەرنى كېيمەي ، داڭلىق ماركىلىقنى  كېيىڭ .
ــ كىيىملەرغۇ مەيلى . بۇ كىتابلارنى تاشلىۋەتسەك بولمايدۇ ،ــ ئادىل تىزلىكتە چاماداندىكى كىتابلارنىڭ ھەممىنى ئېلىپ ، ئاۋايلاپ قويغاندىن كېيىن ، قاتلاقلىقلىق كىيىملەرنىڭ ئارسىدىن ياقا ، يەڭلىرىگە كانىۋاي تىكىلگەن ئاپپاق كۆڭلەكنى ئېلىپ ، چاماداننى يېپىپ شەھىدەگە قارىدى ،ــ ئەمدى تاشلىۋەتسەك بولىدۇ .
ــ بۇ نېمە ؟ــ شەھىدە ئادىلنىڭ قولىدىكى كۆڭلەكنى قولىغا ئېلىپ ئۆرۈپ –چۆرۈپ قارىۋەتكەندىن كېيىن قاھ –قاھلاپ كۈلدى ،ــ ۋاي توۋا ، سىز مۇشۇنداق ئىپتىدائى كىيىمنىمۇ كېيەمسىز تېخى ؟
ــ كۈلگىدەك نېمىسى بار ؟بۇ بىزنىڭ  مىللىيچە كىيىمىمىزغۇ  !
ــ لېكىن ھازىر بۇنداق كىيىمنى ھېچكىم كېيمەيدۇ . سىز يا سەھنىگە چىقىدىغان ئارتىس بولمىسىڭىز ، ئۆينى قالايمىقان قىلماي يەنىلا تاشلىۋىتەيلى .
ــباشقىلار كېيىسە كېيمىسە ئۆزىنىڭ ئىشى .ئەمما مەن كېيىمەن .  بۇ بىر كۆڭلەك بىلەن ئۆي قالايمىقانلىشىپ كەتمەيدۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر خىزمەتدىشىمنىڭ سوۋغىسى ، شوڭلاشقا  بۇنى تاشلىۋەتسەك بولمايدۇ .
ــ مۇنداق دەڭ ،ــ شەھىدەنىڭ چىرايلىق قوشۇمسى تۈرۈلدى ،ــ شوڭا بۇ ئەسكى لاتىغا شۇنچە ئاغىرنىپ كېتىپتىكەنسىز –دە !
ــ سىز !...
ــ بۇنىڭ ئىچىدە يەنە قانداق مۇھەببەت تارىخىڭىز ۋە ئەسلىمىلىرىڭىز بار ؟! ھەممىنى باغىرىڭىزغا تېڭىپ يېتىڭ !
شەھىدە ھوجرا ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنى جاڭڭىدە ياپتى .
ــ بىر كۆڭلەك ئۈچۈن شەھىدەنىڭ بۇنچە خاپا بولۇپ كېتىشىدىن ھەيران قالغان ئادىل شەھىدە كىرىپ كەتكەن ھوجىرىغا بىر دەم قاراپ تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن گۈلنىسا سوۋغا قىلغان كۆڭلەكنى قاتلاپ يېڭى چامادانغا سالدى .






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-8 23:03  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-8 17:36:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى بار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-8 19:01:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                            8
       قەھىرتان قىىشنىڭ سوغۇق كېچىسى . جاندىن ئۆتكۈدەك ئاچچىق سوغاقتا ھەممە جانلىق ئىسسىق تۆشەكلىرىگە كىرىپ كەتكەن . شەھەر كوچىلىرىدا ئاندا –ساندا ئۆتۈپ قالىدىغان ماشىنىلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا شەھەرنىڭ كۈندۈزىدىكى ئاۋاتلىقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان مۇشۇ شىۋىرغانلىق كېچىدە ئوبلاستلىق دوختۇرخانىنىڭ ئوپىراتسىيە بۆلۈمىىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا بەش –ئالتە كىشى ئولتۇراتتى .. ئۇلارنىڭ ئوپىراتىسىيە بۆلۈمىنىڭ ئىشىكىگە  تاقەتسىزلەنگەن ھالدا قاراپ قويۇشىدىن ، ئىچىدە ئۇلارنىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ ئوپىراتسىيە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى .
ــ كىرىپ كەتكىلى ئالتە سائەت بولدى ، تېخىچە چىقمايدىغۇ ،ــ ئۇلارنىڭ ئارسىدىكى بىرسى ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئوپىراتسىيە بۆلۈمنىڭ ئىشىكىگە يېقىن كېلىپ ئىچىگە قارىدى ،ــ يا ئىچىدىن بىرەرسى چىقىپ ئەھۋالى مۇنداق دەپ قويمىدى .
ــ دوختۇرلار بىزدىنمۇ بەك ئالدىراۋاتقاندۇ ،ــ دېدى چاچلىرىغا ئاق ئارلىغان بىرسى ،ــ بۇ چاغقىچە چىقمىغانغا قارىغاندا ھايات قىلىش ئۈمىدى بار ئوخشايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوپىراتسىيەنى ئادىل دوختۇر ئۆزى قىلىدىكەن.
ــ ئاڭلىساق ئادىل دوختۇر بۇنداق ئوپىراتسىيەگە ئۇستا ئىكەن . ھېلىمۇ تەلىيىمىزگە بۈگۈن ئۇ نۆۋەتچى بولۇپ قاپتۇ ،
  تامدىكى سائەت ئۈچنى كۆرسىتىپ داڭ ئۇرغاندا ئوپىراتسىيە بۆلۈمىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىشى بىلەن تەڭ ئولتۇرغانلار گۈررىدە ئورنىدىن قوزغىلىپ ، نوسۇلكا ئۈستىدە باش كۆزى تېڭىلغان ھالدا ياتقان بىمارغا ئىڭىشتى .
ــ ئوغلۇمنىڭ ئەھۋالى قانداق دوختۇر ،ــ باياتىن بېرى گەپكە ئارلاشماي ، كۆزىنى يۇمۇپ ، جىمجىت ئولتۇرغان ئاپپاق ساقاللىق بوۋاي ئادىلنىڭ قوللىرىنى تۇتتى ،ــ بالام ساقىيالارمۇ ؟
ــ خاتىرجەم بولسىلا تاغا ، ئوغۇللىرى  پات ئارىدا ساقىيىپ كېتىدۇ .
ئادىل بوۋايغا شۇنداق دەپ تەسەللى بەرگىنى بىلەن يوتا سۆڭىكى ئۇۋۇلۇپ كەتكەندىن باشقا ، يوتىدىكى ئارتىريە تومۇرىنىڭ ئۈزۈلۈپ كېتىشى سەۋەبلىك قان كۆپ چىقىپ كېتىپ شۈك بولۇپ قالغان بىمارغا سالىدىغان قاننى نەدىن تېپىش مەسىلىسدە ئۇنىڭ بېشى قاتقان ئىدى .
       مىنۇس تىپلىق بولۇپ ، بۇنداق قان تىپى بەكلا ئاز ئۇچىرايتتى . A بىمارنىڭ قېنى  
ئادىلنىڭ چاقىرىشى بىلەن  بىمارنىڭ  دادىسىدىن باشقا تۇغقانلىرى ئىشخانىغا كىردى .
ــ ئۇكامنىڭ ئەھۋالى قانداقراق دوختۇر ، ــ دېدى ئورۇق ئېگىز كەلگەن بىرسى ،ــ بايا دادامنىڭ قېشىدا گەپ سورىيالماي قالدىم ،ــ بېشى تېڭىقلىق تۇرىدۇ ، مېڭىسىگە بىرەر زەخمە يەتمىگەندۇ ؟
ــ بىمارنىڭ باش ۋە يۈز تېرىلىرى سۈرۈلۈپ كېتىپتۇ . بۇنىڭدىن ئەنسسىرمىسەڭلارمۇ بولىدۇ . ھازىرقى موھىم مەسلە بىمارغا ماس كېلىدىغان قان تېپىش .
ــ بۇ ...قانداق گەپ ئەمدى . شۇنچە چوڭ دوختۇرخانىدا ئۇكامغا سالىدىغان قان تېپىلماسمۇ ؟
ــ بايا ھەمىمىزدىن قان ئالدى ، مەن ئاكىسى بولغانكىن قېنىم ماس كېلىدۇ . ئۇكامغا قانچىلىك قان لازىم بولسا مەندىن ئېلىڭلار ،ــ دېدى ئوتتۇرا بوي ، بۇغداي ئۆڭ كەلگەن يىگىت ئالدىغا ئۆتۈپ ، ئاپتاپتا كۆيگەن قارامتۇل بىلەكلىرىنى چىقاردى .
پىلۇس تىپلىق قان كۆپ ئۇچىرىغان بىلەن A مىنۇس تىپلىق ئىكەن . A   بىمارنىڭ قېنى
مىنۇس تىپلىق قاننى تاپماق تەس .ــئادىل ئۆزىنىڭ ئاغزىغا تەشۋىش ۋە ئۈمۈد بىلەن قاراپ تۇرغانلارغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئالدىدىكى قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئالدى ،ــ ئەپسۇس ، ھېچقايسىڭىلارنىڭ قېنى ماس كەلمەيدىكەن .
ــ نېمە مەن ئاكىسى تۇرساممۇ ماس كەلمەمدىكەن !؟ــ بايىقى يىگىت تاقەتسىزلىك بىلەن سورىدى ، ــ بۇ قانداق گەپ بولۇپ كەتتى ؟
ــ بىر قورساق قېرىنداشلارنىڭ قان تىپى چوقۇم ئوخشاش بولۇپ كېتىشى ناتايىن ،ــ ئادىل ئۇلارغا ئەستايىدىل چۈشەندۈرگەندىن كېيىن يىگىت پەسكويغا چۈشۈپ ، ئىشىك يېنىغا قويۇلغان ئورۇندۇققا لاسسىدە ئۆزىنى تاشلاپ ، كۆزلىرىنى يۇمۇپ ئاستا شىۋىرلىدى .
ــ دادامدىن ئاڭلىسام ئاپام مۇشۇ ئۇكامنى تۇغقاندا قانسىراپ ئۆلۈپ كېتىپتىكەن ، ئەمدى بۇ ئۇكاممۇ ...،ــ يىگىتنىڭ كۆزىدىن سىرغىپ چۈشكەن بىر تامچە ياش مەڭزىگە كېلىپ توختىدى.
ــ ئۈمۈدسىزلەنمەڭلار .سىلەر  يەنە باشقا ئۇرۇق –تۇققانلىرىڭلار ۋە تونۇشلىرىڭلار  بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىڭلار . مەنمۇ ئامالىنى قىلاي ، ئىككى تەرەپتىن ئىزدىسەك تېپىلىپ قالار .
  بىمارنىڭ تۇققانلىرى چىقىپ كەتتى . ئادىل كۈزىتىش ئۆيىگە بېرىپ بىمارنى  تەكشۈرۋەتكەندىن كېيىن دېجۇرنىلىق ئۆيىگە كىرىپ ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلىدى . بۇ ۋاقىتتا شەرىق تەرەپ ئاقىرىشقا باشلىغان بولۇپ ، ئاندا –ساندا كۆرۈنۈپ تۇرغان يۇلتۇزلار تاڭنىڭ ئېتىشىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى . تۈنۈگۈن ئەتىگەندە ئىشقا چىققاندىن باشلاپ ئوپىراتسىيە كارۋىتى ئالدىدا سائەت –سائەتلەپ ئۆرە تۇرغان ئادىلنىڭ پۈتۈن بەدەنلىرى سېقىراپ تۇرغان بولسىمۇ ، بايا ئوپىراتسىيە قىلغان بىمارنى ئويلاپ كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمىدى .« قان تېپىلمىسا بىمارنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالىدۇ ، تېزرەك قان تېپىلسا بولاتتى . تونۇشلىرىمنىڭ ئىچىدە كىمنىڭ قان تىپى ئا بولغىيدى ؟ ئەركىننىڭ ،.. مۇراتنىڭ ،ھە توغرا مۇراتنىڭ ئا تىپلىق ئىدى ، لېكىن ئۇ ئىچكىرىگە كەتتى . يەنە كىمنىڭ ؟
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كارىدۇرغا چىقتى . پۇتلىرى ئىختىيارىسىز ئېغىر كىسەللەرنى كۈزىتىش ئۆيىگە قاراپ ماڭدى .  ئۇ كۈزىتىش ئۆيى ئالدىدا ئولتۇرغان بوۋاينى كۆرۈپ يېنىغا باردى .
ــ ئۆيگە قايتىپ ئارام ئېلىڭ تاغا ،ــ دېدى  ئادىل بوۋاينىڭ يول –يول قورۇقلار قاپلىغان قايغۇلۇق يۈزىگە قاراپ ، ــ بۇ يەردە بالىلىرىڭىزدىن بىرسى قالسا بولدى  ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردە تۇرساڭلارمۇ ئىچىگە كىرەلمەيسىلەر . كىسەلگە قارايدىغان مەخسۇس سېستىرالار بار .
ــ بالام ئۆلۈك –تىرىكنىڭ ئارىسىدا ياتسا مەن قانداقمۇ خاتىرجەم ئارام ئالالايمەن ،ــ بوۋاينىڭ ساقاللىرى تىتىرەپ كۆزىدىن ياش ئەگىدى،ــ بالىلار تەرەپ –تەرەپكە تېلېفۇن بېرىپ ، ماس كېلىدىغان قان تېپىش بىلەن ئالدىراش ، مەن بولساممۇ ئوغلۇمغا يېقىنراق ئولتۇراي .
  بوۋايغا قاراپ يۈرىكى ئېچىشقان ئادىل كۈزىتىش ئۆيىگە كىرىپ بىمارغا قارىدى . چىرايى سارغايغان ياشقىنە يىگىت ناھايتى ئاجىز نەپەس ئېلىپ ياتاتتى .ئىككى قولىغا سانجىلغان ئاسما ئوكۇل نەيچىسىدىن ئوكۇل سۇيۇقلۇقى رېتىملىك چۈشۈپ تۇراتتى « قان بەرسەكلا ياخشى بولۇپ كېتەتتى ، لېكىن قان تېپىلماي قالسا ...» ئادىل ئاخىرىنى ئويلىغىسى كەلمەي  ،كارۋات يېنىغا قويۇلغان تېتىلداپ تۇرغان ئاپىراتقا قاراپ ، سېستىراغا ئىش تاپىلغاندىن كېيىن قايتىپ چىقتى. ــ ئۇكام قانداقىراق دوختۇر ؟ــ بىمارنىڭ ئاكىسى يۈگۈرپ ئادىلنىڭ ئالدىغا كەلدى ،ــ بايا بارلىق ئۇرۇق –تۇغقان ، تونۇش بىلىشلەرگە تېلېفۇن بەردىم،  كىلەلەيدىغانلىرى ھازىرلا يولغا چىقتى ، كىلەلمەيدىغانلىرى شۇ جايدىكى ناھىيلىك دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈپ ، خەۋىرنى بېرىدىغان بولدى .
ــ ياخشى بوپتۇ . مەنمۇ ئىزدىنىۋاتىمەن .
  ئادىل ئىشخانىغا كىرىپ ، كىسەللىك ئارخىبىنى  يېزىش ئۈچۈن ئولتۇردى . ئولتۇردىيو توك سوققاندەك ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى .« ۋاي توۋا ...تۆگە مىنىپ تۆگە ئىزدەپتۇ دېگەن شۇ دە . مېنىڭ قېنىم ئا  تېپىلىققۇ . لېكىن (ـ) مۇ (+) مۇ بىلمەيمەن . ھازىرلا بېرىپ تەكشۈرتەي، ئۇ تېزلىكتە سېستىرالار مۇلازىمەت سۇپىسىغا كەلدى .
ــ شاۋۋاڭ ، تېز مېنىڭ قېنىمنى ئېلىپ لابارتۇرىيە بۆلۈمىگە ئەۋەتىڭ .
ــ نېمە بولدى ئادىل دوختۇر ، مىجەزىڭىز يوقمۇ نېمە ؟
ــ مەن ھېچنىمە بولمىدىم .  دەرھال قېنىمنى ئېلىپ لابارۇتۇريە بۆلۈمىگە يەتكۈزۈپ بېرىڭ ،   
(-) مۇ (+) شۇنى تەكشۈرۈپ بەرسۇن .ئۇلارغا دەڭ ، ئەڭ تېز سۈرئەتتە نەتېجىسىنى  RH   
يوللاپ بەرسۇن .
ــ ماقۇل . سېستىرا قىز ئادىلنىڭ تاتىرىپ قالغان چىرايىغا قاراپ قويۇپ ، رېزىنكە بوغقۇچىنى چېگدى .
ــ « ئىلاھىم ، مېنىڭ قېنىم ماس كەلسە ياخشى بولاتتى » ئادىل مۇلازىمەت سۇپىسى ئالدىدا تىتىلداپ تۇرغاندا دوختۇر –سېستىرالار بىر –بىرلەپ ئىشقا كېلىشكە باشلىدى .
ــ ئادىل دوختۇر ،  ئىشخانىغا كىرىپ  ئىش ئۆتكۈزۈش دوكىلاتىنى  ئوقۇمامسىز ،ــ سېستىرالار باشلىقى ئادىلنى چاقىردى ،ــ ھەمىمىز سىزگىلا قاراپ قالدۇق .
ــ ئەسئەت تىز بېرىڭ ،ــ ئادىل يېنىدا تۇرغان ئوقۇغۇچۇسىغا قارىدى ،ــ دوكىلاتنى سىز ئوقۇپ تۇرۇڭ ، مېنىڭ بۇ يەردە ئىشىم بار .
ئەسئەت كېتىشىگە مۇلازىمەت ئورنىدىكى تېلېفۇن جىرىڭلىدى ،
ــ ۋەي ياخشىمۇ سىز ، مەن لابارۇتۇريىلىك تەكشۈرۈش بۆلۈمىدىن ، ئادىل دوختۇرنىڭ قان تىپى
  تىپلىق ئىكەن .A   RH (-)  
ـــ شۇنداقمۇ ؟ رەھمەت سىزگە .ــ ئادىل خۇشاللىقىدىن تېلېفۇننى قويۇپلا سېستىرانى چاقىردى
ــ تېز بولۇڭ ، 2-كۈزىتىش ئۆيدىكى نۇرموھەممەت ئىسىملىك بىمارغا ماس كېلىدىغان قان تېپىلدى . قان بېرىشكە تەييارلىق قىلىڭلار .
  قان ئېلىش ئۈچۈن كىرگەن سېستىرا يەڭلىرىنى تۈرۈپ كارۋاتتا ياتقان ئادىلنى كۆرۈپ ھەيران قالدى :
ــ نۇر موھەممەتكە سىز قان بېرەمسىز ؟
ــ شۇنداق .
ــ سىز ...سىز ئىككى كۈندىن بۇيان تۈزۈك ئارام ئالمىدىڭىز ، تېخى ناشتىمۇ قىلمىدىڭىز ، بەرداشلىق بىرەلەمسىز ؟
ــ مەندە چاتاق يوق . لىكىن ئۇ بىمارغا قان دەرھال قان سالمىساق چاتاق چىقىدۇ . تېز بولسىڭىزچۇ !
ــ مەن ...مەن يەنىلا بۆلۈم مۇدىرىغا ئەھۋالنى ئېيتاي ،ــ ئادىل  چىقىپ كېتىۋاتقان سېستىرانىڭ كەينىدىن ئاچچىق بىلەن ۋاقىرىدى ،ــ سىز نېمە كويدا ، مەن نېمە كويدا ، شۇ تاپتا ئۇ بىمار ئۆلەي دەپ ياتىدۇ!
ــ قاراڭە سىزنى ، شۇنداقمۇ ئاچچىقلامسىز ؟ــ بۆلۈم مۇدىرىنىڭ كۆزەينەك ئاستىدىكى كۆزلىرى ئادىلغا مېھىربانلىق بىلەن تىكىلدى ،ــ ئاۋال ئازراق بىر نەرسە يەۋىلىپ ئاندىن ...
ــ ياق مۇدىر ، ئۇ بىمارنىڭ ئەھۋالى خەتەرلىك . قاننى دەرھال سالمىساق بولمايدۇ .
ــ ماقۇل ، ماقۇل ،ــ مۇدىر سېستىراغا ئىشارە قىلدى ،ــ قېنى باشلاڭ .
  ئادىلنىڭ قېپ –قىزىل قېنى نۇر موھەممەتنىڭ تومۇرىغا بىر تېمىم بىر تېمىمدىن ئېقىۋاتقاندا ، بىراقلا 400 مىللىلېتىر قان بەرگەن ئادىل  نۆۋەتچىلىك ئۆيدىكى كارۋاتتا ھالسىز ياتاتتى . بايا سېستىرا ئەكىرىپ بەرگەن شورپىنىمۇ قۇسۇۋەتتى .ئۇ  بىلىكىگە سانچىلغان ئاسما ئوكۇل سۇيۇقلۇقىغا قاراپ يېتىپ  ئاستا –ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى .
ئۇ كەچقۇرۇن ئېغىر قەدەملىرىنى سۆرەپ ئۆيگە كەلگەندە ، شەھىدە ئەينەك ئالدىدا گىرىم قىلىۋاتاتتى .
ــ قالتىسقۇ سىز ؟ــ دېدى ئۇ كىرىپلا سافاغا ئۆزىنى تاشلىغان ئادىلغا ،ــ ئۆيدىن بىر چىقىپ كەتسىڭىز ئىككى كۈنگىچە قارىڭىزنىمۇ كۆرسەتمەيدىكەنسىز ھە ؟
ــ ئاخشام ئىشلىدىم .
ــ ئاخشام ئىشلىگەن بولسىڭىز بۈگۈن كۈندۈزىدىچۇ ؟ بالىنى  يەسلىدىنمۇ ئەكەلمەپسىز .تېلېفۇن ئۇرسام تېلېفۇنىڭىز ئېتىك .
ــ ئالدىراشچىلىقتا ...
ــ شۇنداق سىز ئالدىراش ، دۇنيادا سىزدىن باشقا دوختۇر يوق ئەمەسمۇ ! بىمار ...بىمار دەپ تاس قالىسىز ياتاق يېتىشمىگەن بىمارلارنى ئۆيگە ئەكىلىپ ياتقۇزغىلى !
ــ كوتۇلدىمىسىڭىزچۇ ؟
ــ سىزنىڭ قىلغانلىرىڭىزغا ھېلىمۇ كوتۇلدىمايمەن مەن . يا بالىلار بىلەن كارىڭىز يوق ، يا ئۆي بىلەن كارىڭىز يوق . دوستلىرىم چاقىرغان مېھماندارچىلىققا بىرەر قېتىم بېرىپمۇ قويمىغاچقا ، ئۇلار « ئېرىڭنىڭ خەققە كۆرسەتكىلى بولمايدىغان ئەيىبى بارمۇ » دەپ مېنى مازاق قىلىشتى .
ــ بالىلار قېنى ؟
ــ چوڭى كىچىكىنى ئويناتقىلى ئەپچىقىپ كەتتى ، مەن چايغا بارىمەن . بالىلارغا تاماق ئېتىپ بىرەرسىز .
شەھىدە چىقىپ كەتتى . تېخى ئۆتكەن يىلىلا شەھىدەنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قايتا زىننەتلەنگەن بۇ ياسىداق ئۆيدە ئادىلنى غېرىبلىق باستى .بىر –بىردىن ئېسىل جاھازىلار ، داڭلىق ماركىلىق ئىلىكتىر سايمانلىرى ، پارقىراپ تۇرغان خىروستال بويۇملار ، يىنىك تەۋرىنىپ تۇرغان دېرىزە پەردىلىرى ئۇنى مازاق قىلغاندەك مەغرۇر تۇراتتى .
ــ دادا ...تاماق پىشتىمۇ ؟ــ كىچىك قىزى ئادىلە يۈگۈرۈپ كېلىپ ئادىلنىڭ بوينىغا ئېسىلدى  ،ــ نېمە تاماق ئەتتىڭىز دادا ، مەن سىز ئەتكەن تاماققا بەك ئامراق .
ــ مەن ھازىرلا تاماق ئېتىپ بىرەي قىزىم ،ــ ئادىل قىزىنىڭ يۇمىران مەڭزىگە سۆيدى ،ــ نېمە تاماق يىگۈڭىز بار ؟
ــ پولۇ ئېتىپ بېرىڭە دادا .
ــ  ماقۇل قىزىم .
ئادىل ئورنىدىن تۇرۇشىغا 8 ياشلارغا كىرىپ قالغان چوڭ قىزى شادىيە بىر ئىستاكان چاينى دادىسىنىڭ ئالدىغا قويدى .
ــ مىجەزىڭىز يوقمۇ نېمە دادا ،ــ قىز قولىنى دادىسىنىڭ پىشانىسىگە قويدى ،ــ چىرايىڭىز تاتىرىپ كېتىپتۇ .
ــ ئۇنداق ئەمەس قىزىم ،ــ قىزىنىڭ يۇمشاق قوللىرى پىشانىسىگە تېگىشى ھامان ئادىلنىڭ كۆزىگە غىللىدە ياش كەلدى ،ــ چارچاپ قالغان ئوخشايمەن .
ــ چارچاپ قالغان بولسىڭىز تاماق ئەتمەڭ دادا ، يولنىڭ قارىشى تەرپىدە يېڭىدىن بىر ئاشخانا ئېچىلىپتۇ . ئاپام ئۇ يەرنىڭ تامىقىنى ياخشىكەن دېگەن ئىدى . شۇ ئاشخانىدىن تاماق ئەكىلەي .
ئۆگە –ئۆگىلىرى سېرقىراپ ئاغىرىپ تۇرغان ئادىل قىزىغا « ماقۇل» دېمەكچى بولدىيۇ ، بۇ سوغۇق كەچتە قىزىنى تالاغا چىقارغۇسى كەلمىدى .
ــ بولدى قىزىم . يەنىلا تاماق ئېتىپ بىرەي .

                                                                 9

          گۈلنىسانىڭ ئادىل ئىشلەيدىغان بۆلۈمگە بىلىم ئاشۇرۇشقا كەلگىندىن ئادىل خۇشال بولدى . ئۇنىڭچە بولغاندا گۈلنىسادەك كەسىپنى سۆيىدىغان  قىزلار تۇرمۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالماي ، كەسپتە تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشى كېرەك ئىدى  .تېخى  ئۆتكەن يىلى تويى بولغان بۇ قېرى قىزنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ ، بىلىم ئاشۇرۇشقا ماڭغۇزغان ئەرگە ئادىل ئىچىدە قايىل بولدى .
ــ ئېرىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى ئەركەن جۇمۇ ،ــ دېدى ئادىل گۈلنىسا بىلەن تاماق يەۋىتىپ ،
ــ قانداق دەيسىز ؟
ــ « ئەمدى ئۆيدە ئولتۇرۇپ بالا باق » دېمەي ، ئۆگىنىشكە ماڭغۇزغىنىغا قاراپ دەيمىنا .
ــ سىز بولسىڭىز ئۇنداق قىلمامتىڭىز ؟
ــ مەن ئۇنداق قىلمايتتىم ، ئايال كىشىگە نېمە قويۇپتۇ  ئېرىنى  ئۆيدە تاشلاپ قويۇپ ، بىلىم ئاشۇرۇمەن دەپ سىرتلاردا يۈرۈشنى .
ــ ۋىيەي ، ئىچىنىڭ تارلىقىنى .
گۈلنىسانىڭ تېرىككىننى كۆرگەن ئادىل كۈلۈپ كەتتى :
ــ ئاسان تېرىكىدىغان مىجەزىڭىز ھازىرمۇ ئۆزگەرمەپتۇ ھە ،ــ ئۇ گۈلنىسانىڭ تەخسىسگە قورۇمىلاردىن سېلىپ قويدى ،ــ كۆپرەك يەڭ ، ئەسلىدە ئۆيگە باشلاپ مېھمان قىلاي دېگەن ، لېكىن ئايالىم كاماندورۇپكىغان چىقىپ كەتكەچكە ...
ــ ھېچقىسى يوق . ئايالىڭىز كەلگەندە ئۆيۈڭلارنى مۇبارەكلەپ كىرەرمەن .
ــ كىم بىلەن توي قىلدىڭىز ؟ ھېلىقى سىزنى دائىم ئىزدەپ كېلىدىغان ئوقۇتقۇچى بىلەنمۇ ياكى يېزا باشلىقىنىڭ ئوغلى بىلەنمۇ ؟
ــ ئىككىلىسى ئەمەس .
ــ ئوقۇرىڭىز بەك ئېگىز بولغاچقا قوغلاشقانلارنىڭ بىرىنىمۇ ياراتماپسىز –دە ؟
ــ مەن ئۇلارنى ياراتمىدىم . مەن قوغلاشقانلار مېنى ياراتمىدى ،ــ ئويلىماي دەپ قويغان گېپىدىن خىجىل بولغان گۈلنىسا قىزىرىپ كەتتى ،ــ چىقايلىمۇ ؟
گۈلنىسا بىلەن پاراڭلىشىپ كۆڭلى ئېچىلىپ قالغان ئادىل كەيپى چاغ ھالدا ئۆيگە كىرىپ تۇرۇشىغا ، كەينىدىنلا شەھىدە كىردى .
ــ كىم ئۇ ، گۈلقەقەلىرىڭىزنى شۇنچە ئېچىۋەتكەن .
ــ كىمنى دەيسىز ؟
ــ خۇپسەنلىك قىلماڭە ، بايا سىز بىللە ماڭغان قىزنى دەيمەن .
ــ ھە ، ئۇ قىز بىلەن يېزىدا بىللە ئىشلىگەن . بىزنىڭ بۆلۈمگە بىلىم ئاشۇرۇشقا كەپتۇ .
ــ ئايال كىشى تۇرۇپ سۆڭەك بۆلۈمىدە بىلىم ئاشۇرامدىكەن ؟ ــ شەھىدە قاشلىرىنى ئۇچۇردى ،ــ قاملاشمىغان ...
ــ ئۇ سېستىرالارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۆگەنمەكچىكەن .
ــ شۇنداقمۇ ؟ــ شەھىدە نېمىلەرنىدۇ دېگەن پېتى ھوجىرىغا كىرىپ بىر دەمدىلا كىيىم ئالماشتۇرۇپ چىقتى ،ــ مەلىكىزات ئەر –ئايال چەتئەلگە چىقماقچىكەن . بىر نەچچىمىز مەسلىھەتلىشىپ ئۇزۇتۇپ قويايلى دېيىشكەن . تېز كىيىملىرىڭىزنى ئالماشتۇرۇڭە .
ــ ئۇلار چەتئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قالماقچىمىكەن ؟
ــ ياقەي ، ساياھەتكە چقىدىكەن .
ــ ساياھەتكە چىقىدىغانغا ئۇزۇتۇپ قويمىسىمۇ بولار ؟
ــ ۋاي –ۋۇي ، ئۇنداق ئىشلارغا باش قاتۇرۇپ نېمە قىلىمىز . قاتاردىن قالمىساقلا بولدى . تېزرەك بولسىڭىزچۇ !
ــ مەن بارمايمەن . ئاخشام ئىشلىگەچكە چارچاپ قاپتىمەن .
ــ شوڭا بىزنىڭ ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىق تاللايدىغان ئىمتىھانغا قاتىنىشىڭ دېسەم قوشۇلمىدىڭىز . ئۇ يەردە مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولسىڭىز ، ھازىرقى دوختۇرلۇقىڭىزدىن كۆپ ياخشى ئىدى . كېچسى ئىشلەپمۇ يۈرمەيتتىڭىز . نەرىگە تارتىشىسىزكىنتاڭ بۇ دوختۇرلۇقنىڭ !؟
  شەھىدە نارازىلىق بىلەن قاراپ قويۇپ ئىشىكتىن چىقىپ كەتتى .
                                                               
                                                                               10

       ئادىلنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم مۇدىرلىقىغا ئۆستۈرۈلدىغانلىق توغۇرسىدىكى  مىش –مىش پاراڭ قۇلاقتىن –قۇلاققا يېتىپ ، بۆلۈمدىكى دوختۇر –سېستىرالارنىڭ پاراڭ تېمىسىغا ئايلىنىپ قالدى .
ــ دېمىسىمۇ ئۆستۈرلۈشكە تېگىشلىك ،ــ دەيتتى بىرسى ،ــ ئۇنىڭدەك ئۈلگىلىك دوختۇرنى ئۆستۈرمەي كىمنى ئۆستۈرىدۇ ،
ــ مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلىگەندىن بېرى ئۈچ بىمارغا قان بېرىپ  قۇتقۇزۇپ قالدى ،ــ دەيتتى يەنە بىرسى ،ــ قان بەرگەن كۈنىمۇ ، بىماردىن ئەنسىرەپ خاتىرجەم ئارام ئالالمىدى .
ــ ئۇنىڭ بىمارلارغا قىلغان ئىقتىسادى ياردەملىرىمۇ ئاز ئەمەس .
ئىشقىلىپ بۆلۈمدە ھەممەيلەن ئۇنىڭ مۇدىر بولۇشى ھەقلىق دەپ قارايتتى .
دېگەندەك ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۆلۈم مۇدىرى ئۇنى ئىشخانىغا چاقىرتتى .
ــ دوختۇرخانا رەھبەرلىك گورۇپپىسىدىكىلەر مۇزاكىرلىشىپ   سىزنى مۇئاۋىن بۆلۈم مۇدىرلىقىغا ئۆستۈرۈشنى ئويلىشىۋاتىمىز  ،ــ مۇدىرنىڭ سىنچى كۆزلىرى ئادىلنىڭ  ئىچكى دۇنياسىنى كۆرۈپ باقماقچى بولغاندەك تىكلىدى ،ــ ياخشى ئىشلەڭ ، نەچچە كۈن ئىچىدە رەسمى قارار قىلىنىپ ھۆججەت چىقىرىلدۇ . مېنىڭمۇ پىنسىيەگە چىقىدىغان ۋاقتىم بولدى . مۇشۇنداقلا ئىشلىسىڭىز ئۇزۇنغا بارماي بۆلۈم مۇدىرى بولۇشىڭىز  ۋە ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى ئورۇنغا چىقىشىڭىزدا گەپ يوق .
ــ بۇ ...بۇ ...مەن ھۆددىسىدىن چىقالمايمەن مۇدىر .
ــ ھۆددىسىدىن چىقالمايمەن دېگەن قانداق گەپ ؟ سىزنىڭ تىرىشچان ، ئەستايىدىللىقىڭىز ھەممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشغا ئېرىشكەن تۇرسا ، قىلالمايمەن دېگىنىڭىز نېمىسى ؟!
ــ بۆلۈمدە پىشقەدەم ، تەجىربىلىك دوختۇرلار تۇرۇپ ، مەن ئالدىغا ئۆتۈۋالسام قانداق بولىدۇ ؟
ــ قاراڭە سىزنى ،ــ مۇدىر گىرادۇسلۇق كۆزەينىكىنى كۆتۈرۈپ قويدى ،ــ   ھوقۇق   دېگەننى ياشقا قاراپ ئەمەس ، ئىقتىدارىغا قاراپ بېرىدىغان گەپ . باشقا گەپنى قويۇپ ، ۋەزىپىنى ئۆتكۈزىۋالىدىغاننىڭ تەييارلىقىنى قىلىڭ ، بۇ ئورۇننىڭمۇ يەتكىچە جاپاسى بار ، مەسئوليىتى ئېغىر ، شوڭا ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىقىڭىز بولسۇن !
        ئادىل مۇدىر ئىشخانىسىدىن ئېغىر قەدەملەر بىلەن قايتىپ چىقتى . ئەسلى ئۇنىڭغا ھوقۇقنىڭ كېرىكى يوق ئىدى . ئۇنىڭچە بولغاندا  كىسەل داۋالىسا ، تەجىربە توپلىسا ،تىببى ساھەدە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى ، يېڭىلىقلارنى ياراتسا ،  بىمارلارنىڭ كۆزلىرىدىن شاتلىق ئۇچقۇننى كۆرۈپ تۇرسا ، ئۇلارنىڭ « رەھمەت دوختۇر » دېگەن بىر ئېغىز سۆزىنى ئاڭلىيالىسا ... مانا بۇ ئۇنىڭ خوشاللىقى ، ئۇنىڭ ئارزوسى ئىدى .
  ــ مۇبارەك بولسۇن ! ــ گۈلنىسانىڭ زىل ئاۋازى ئادىلنى چۆچۈتىۋەتتى .
ــ نېمىگە دەيسىز ؟
ــ ئاڭلىسام مۇئاۋىن بۆلۈم مۇدىرى بولىدىكەنسىز .
ــ بۇنىڭ مۇبارەكلىگىدەك نېمىسى بار .
ــ سىزنىڭ خالىمايدىغانلىقىڭىزنى  بىلەتتىم ،ــ ئادىلنىڭ چىرايىنىڭ تۇتۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن گۈلنىسا كۈلدى ،ــ  سىزنىڭ نېمە ئويلاۋاتقىنىڭىزنىمۇ بىلىمەن ، لېكىن مۇدىر بولسىڭىزمۇ يەنە كىسەل داۋالىيالايسىزغۇ ، بۇنىڭ خاپا بولغۇدەك نېمىسى بار ؟
ــ سىزنىزە ... ــ ئۇ گۈلنىسانىڭ كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ قويۇپ كېتىپ قالدى .
ــ خىزمەت سارىڭى  ــ گۈلنىسا ئادىلنىڭ كەينىدىن قاراپ ئېغىر ئوھ تارتىپ ئۆزىگە پىچىرلىدى ،ــ لېكىن مۇشۇ يەرلىرىڭىزنى ياخشى كۆرىمەندە سىزنىڭ ...  
      بۆلۈم مۇدىرى بىلەن ئادىلنىڭ سۆھبىتى بولۇپ ئون كۈندىن كېيىن، ئادىلنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى . بۆلۈمنىڭ ئەتىگەنلىك يىغىندا بۆلۈم مۇدىرى ئۇقتۇرۇشنى ئوقۇغاندا ھەممە يۈزلەر رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈمسىرىدى . پەقەت ئادىللا ئىپادىسىز ھالدا تۇراتتى . بۆلۈم مۇدىرى ئۇنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ ، بىر مۇنچە قايىل قىلارلىق گەپلەرنى قىلغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ چىرايى ئېچىلدى .
  بۇ بىر كۈن يېڭى  ۋەزىپە ئۆتكۈزىۋىلىش ، يېڭى ئىشخانىغا كۆچۈش قاتارلىق ئىشلار بىلەن تېزلا كەچ بولدى . « بۇ خەۋەرنى شەھىدەگە تېزرەك ئېيتاي ،باشلىق بولۇشۇمنى بەك خالايدىغان خوتۇن  ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقانلىقىدىن خوشال بولۇپ قالسۇن .»
   ئۇ شۇ خىياللار بىلەن ئىشىكتىن چىقىۋاتقاندا  ، سېستىرالار مۇلازىمەت ئورنىدىن زىل ئاۋاز ئاڭلاندى :
ــ بايا 314- دۆلەت تاشيولىدا  ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپتۇ . يارلانغان ئادەم سانى كۆپ ئىكەن . ھازىر قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى دوختۇرخانىمىزغا قاراپ يولغا چىقىپتۇ . شوڭا بۆلۈمدىكى بارلىق دوختۇر سېستىرالار يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە تەييارلىق كۆرۈشىمىز كىرەك ئىكەن .
      شۇ ھامان ئىشتىن چۈشۈۋاتقان ۋە ئىشقا كېلىۋاتقانلار قايتىدىن خالاتلىرىنى كېيىپ ، جىددى ھالەتكە ئۆتتى .
ئۇزۇن ئۆتمەي جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىنىڭ سېگنالى شەھەر ئىچىنى زىل –زىلىگە سېلىپ يارىدارلار ئېلىپ كېلىندى . ئېڭىرغان ، ۋايجانلىغان ئاۋازلار جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمى ، تاشقى كىسەللىككە تەۋە ھەر قايسى  بۆلۈملەرنىڭ كارىدۇر ،ياتاقلىرىنى بىر ئالدى . ھەممە ئالدىراش ئىدى . سېستىرالار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بىمارلارغا ئاسما ئوكۇل سېلىش ، قان بېسىمىنى ئۆلچەش ، قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ياردەملىشىش ... قاتارلىق ئىشلار بىلەن يۈگۈرۈپ يۈرسە ، دوختۇرلارنىڭ بەزىلىرى جىددى قۇتقۇزۇش ئۆيىدە ، بەزىلىرى ئوپراتسىيە ئۆيىدە ئالدىراش ئىدى. ئىشقىلىپ ، قاتناش ھادىسىگە ئۇچۇرغان ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇستىكى ئەللىكتىن ئارتۇق يارىدارنىڭ ئوتتۇزدىن ئارتۇقى مۇشۇ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەچكە ، ئۆيلىرىدە ئارام ئېلىۋاتقان دوختۇر سېستىرالارلا ئەمەس ، قوشۇمچە تەكشۈرۈش بۆلۈملىرىدىكى خادىملارمۇ خەۋەرنى ئاڭلاپلا خىزمەت ئورنىغا كېلىپ بولغان ئىدى .
   ئادىل ئوپراتسىيە قىلىۋاتقىنى 20 ياشلار چامىسىدىكى ياش يىگىت ئىدى . ئۇنىڭ ئوڭ پۇتىنىڭ تىزىدىن باشلاپ مىجىلىپ كەتكەچكە ، قانغا مىلەنگەن پۇتى بىر پارچە لاتىدەك جانسىز پۇلاڭشىپ تۇراتتى .
بىمارنىڭ چىرايى سارغىيىپ كەتكەن بولسىمۇ كۆزى ئوچۇق ئىدى .
ــ دوختۇر ... دوختۇر ... پۇتۇمنى كېسىۋەتمەڭ ... سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي ، پۇتۇمنى ھەرگىز كېسىۋەتمەڭ..،ــ يىگىتنىڭ ئاۋازى ئۆچۈپ ھوشىدىن كەتتى . ئادىل ئۇنىڭ ئۈزۈلگەن تومۇرلىرىنى تىكىپ ، قاننى توختاتقان بولسىمۇ ، ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى پۈتۈنلەي ئۇۋۇلۇپ ، گۆشلىرى تىتىلىپ كەتكەن پۇتىنى تىزىدىن كېسىۋەتمەسلىككە ئامالى يوق ئىدى . كېسىۋەتمىگەندە ھەر قانچە ياخشى دورىلارنى ئىشىلەتكەن ھالەتتىمۇ ، سېسىغان مۇسكۇللاردىكى مېكروپ ، پۇتنىڭ ساق قىسىمىنىمۇ چىرىتىۋىتىشى مومكىن ئىدى .
بىمارنىڭ پۇتى كېسىلىپ ، كېسىلگەن ئورۇن پاكىز تازلىنىپ ، ئاپپاق داكا بىلەن تېڭىلىپ ، ئوپراتسىيە ئۆيىدىن ئايرىلغاندا بىمار تېخىچە ھوشسىز ئىدى .
ــ ئادىل دوختۇر ، سىزنى ئىشى تۈگىگەن ھامان 7- ئوپراتسىيە ئۆيىگە كەلسۇن دەپ تېلېفۇن كەلدى ،ــ ئۈستىدىكى ئوپراتسىيە كىيىمىنى سېلىپ ، قوللىرىنى يۇيۇۋاتقان ئادىل ئوپراتسىيە بۆلۈمىنىڭ  كۈتۈۋىلىش ئورنىدىكى سېستىرا قىزنىڭ گېپى بىلەن  دەرھال  مېكروپسىز مەشغۇلات قائىدىسى بويىچە قوللىرىنى دېزىنفىكسىيەلەپ ، يېڭى بىر يۈرۈش ئوپراتسىيە كىيىمنى كېيدى . ئۇ 7- ئوپراتسىيە ئۆيىگە كىرگەندە دوختۇرلار بىمارنىڭ كانىيىغا نەيچە سېلىۋاتاتتى .
ــ قوۋۇرغا سۇنۇپ ، ئۆپكىنى تېشىۋەتكەندىن باشقا جىگەر زەخمىلىنىپتۇ ،ــ مەسئول دوختۇر غېنى  ئادىلغا ئەھۋالنى تونۇشتۇردى ،ــ بارلىق ئامالنى قىلغان بولساقمۇ قان بېسىمى چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ .
      ئۇلار بىر سائەتتىن ئارتۇق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ بىمارنىڭ يۈرەك سوقۇشى توختاپ قالدى . چىلق –چىلىق تەرگە چۈمۈلگەن دوختۇرلارنىڭ چىرايى مېيتتىنمۇ بەك سارغىيىپ كەتكەن ئىدى . ئۇلار ئوپراتسىيە ئۆيىدىن چىقىپ ، لېفىتنىڭ ئالدىغا كلېىشىگە بىر قىز ئادىلغا ئېسىلدى :
ــ ۋو ئەبلەخ ! يىگىتىمنىڭ پۇتىنى نېمىشقا كېسىۋەتتىڭ .داۋالاشقا ئاسان بولۇش ئۈچۈن كېسىۋەتتىڭ شۇنداقمۇ ؟  سېنىڭ نەزىرىڭدە بىراۋنىڭ پۇتىنى كېسىۋىتىش ، ياغاچ كەسكەندەك ئاددىلا بىر ئىش شۇنداقمۇ ؟ ئېيتە ؟!ــ قىز باشقىلارنىڭ تۇتۇۋالغىنىغا ئۇنىماي ئادىلنى بىر كاچات سالدى ،ــ سېنىڭ نەرىڭ دوختۇر ھە ، بىز كېيىنكى ھەپتە توي قىلىدىغان تۇرساق ... ئۇنىڭ پۇتىنى كېسىۋەتسەڭ ، ئۇ قانداق توي قىلىدۇ ، يالغۇز ئانىسىنى قانداق باقىدۇ ؟ ئېيتە ! بىمارنىڭ ھاياتى بىلەن مۇشۇنداقمۇ ئوينىشامسەن ؟!
ــ نېمانچە يولسىزلىق قىلىسىز ، ــ ئادىل بىلەن ئوپراتسىيەگە كىرگەن سېستىرا چىداپ تۇرالماي گەپكە ئارلاشتى ،ــ ئادىل دوختۇرمۇ ئامالنىڭ يوقلۇقىدىن شۇنداق قىلدى .ئۇ بىمارنىڭ پۇتى ماشنا ئاستىدا مىجىلىپ ، لاتىدەك ساڭگىلاپ قالغان تۇرسا كېسىۋەتمەي قانداق قىلىدۇ ؟ كېسىۋەتمىسە پۇتىنىڭ ساق قالغان جايىمۇ سېسىپ كېتىشى مومكىن !
ــ سېسىپ كەتكىچە داۋالىماي ، سەنلەر نېمىش قىلىشاتتىڭ ؟ ــ قىز بېگىز قولىنى ئادىلغان شىلتىدى ،ــ خەپ ، قاراپ تۇر ، سېنى ئەرز قىلىمەن ، مۇشۇ قىلغانلىرىڭ ئۈچۈن سېنى تۈرمىگە سولىتىۋىتىمەن !
قىزنىڭ يېنىدىكىلەر  قىزنى تارتقۇشلاپ لېفىتنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ كەتتى .
ــ بىردەم ئارام ئېلىۋىلىڭ ، سىزگە چاي قۇيۇپ بىرەي ، ــ سېستىرا شۇنداق دېگىنچە ئىچىگە كىرىپ كەتتى . ئۇ ئىككى ئىستاكان چاينى كۆتۈرۈپ كەلگەندە ، ئۆلۈپ كەتكەن بىمارنىڭ تۇققانلىرى ئادىل بىلەن غېنى  دوختۇرنى ئارىغا ئېلىۋالغان ئىدى .
ــ گېپىڭلار راست بولسا ، ماڭا « بىمارنى قۇتقۇزۇشقا سەۋيىمىز يەتمەي  ئۆلتۈرۈپ قويدۇق» دەپ ، ھۆججەت يېزىپ بېرىڭلار ، شۇنداق قىلساڭلارلا مېنىڭ باشقا گېپىم يوق . سىلەرنى بايىقى قىزدەك ئەرز قىلىمەن دەپمۇ يۈرمەيمەن ،ــ ئېگىز ، تەمبەل كەلگەن بىرى تاماكىسىنى پۇقىرتىپ چەككىنىچە ، پوپكىسىدىن قەغەز قەلەم ئېلىپ ئادىلنىڭ ئالدىغا تاشلىدى .
ــ بۇنداق دېسىڭىز قانداق بولىدۇ . بىمارنى قۇتقۇزۇشقا ئامالسىز قالغىنىمىز راست ، بىراق بىمارنى بىزنى ئۆلتۈرۈپ قويدى دېسىڭىز بولمايدۇ .
ــ ئەمسە قانداق دېسەم بولىدۇ ،ــ تەمبەل ئادەم ئادىلنىڭ ئالدىغا دېۋەيلەپ كەلدى ،ــ دوختۇرخانىغا ساق كىرىپ ، ئۆلۈكى چىققان تۇرسا سەنلەر ئۆلتۈرۈپ قويغان بولماي نېمە ؟!
ــ بۇنداق بىمارنى نەگىلا ئاپارسىڭىز ئوخشاش ، قۇتقۇزۇشقا ئامال يوق .ــ غېنى  دوختۇر ئادىلنىڭ  ئالدىغا ئۆتتى ،ــ گەپ بولسا ماڭا قىلىڭ ، پىچاقنى مەن تۇتقان ، ئادىل پەقەت ماڭا ياردەملەشكەن خالاس !
  شۇ ئارىدا لېفىتنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ چاچلىرى چارلاشقان بولسىمۇ ، يۈزلىرى پارقىراپ تۇرغان ، ئاتمىش ياشلار چامىسىدىكى قامەتلىك بىر ئادەم چىقىپ كەلدى .
ــ تارت قولۇڭنى ! ــ قامەتلىك ئادەم كەلگەن پېتى غېنى دوختۇرنىڭ ياقىسىنى قاماللاپ تۇتۇۋالغان تەمبەلنىڭ قوللىرىنى ئاجراتتى ،ــ ئىنىڭنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنىڭ كويىغا چۈشمەي ، نېمە بۇ يەردە غەۋغا تېرىپ يۈرىسەن ؟ دوختۇرخانىنىڭ ماشىنىسى مىيتنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن ساقلاۋاتىدۇ . يۈر مەن بىلەن !
ــ دادا ... بۇلار ئىنىمنى ئۆلتۈرۈپ قويغان تۇرسا ، بۇلارنى مۇشۇنداقلا قويۇۋىتىمىزما ؟
ــ ئاغزىڭنى يۇم ! بۇلار ئىنىڭنى قۇتقۇزۇشقا  ئۈچۈن شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن تۇرسا ، بۇنداق دېسەڭ قانداق بولىدۇ . جان خۇدانىڭ ئىلكىدە ، ئەجەل يەتسە ، دوختۇرلارمۇ ئامال قىلالمايدۇ .
قامەتلىك كىشى ئادىل بىلەن غېنىغا ئۆزرە ئېيتىپ ، تەمبەلنى ئالدىغا سالغان ھالدا لېفىتقا كىرىپ كەتتى .
شۇ تاپتا ئاچلىق ۋە ھارغىنلىقتىن باشقا ، ئوپراتسىيەنىڭ ئوڭۇشلۇق بولماسلىقىدىن كۆڭلى پاراكەندە بولغان دوختۇرلارغا بايىقى ئىككىيلەننىڭ يولسىزلىقى  ئېغىر كەلگەن بولسىمۇ چىشنى چىشلەپ تۇرماسلىقتىن باشقا ئامال يوق ئىدى . چۇنكى ، بۇ ـ دوختۇرخانا . ئۇلار ـ دوختۇر . شۇنداق بولغانكەن ، بىمار ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ بىشەملىكىگە چىداپ تۇرۇشقا بولىدۇكى ، ئۇلار بىلەن تەڭ تۇرۇشقا بولمايدۇ . بىمارلار ئالدىدا سەۋىرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز قالغان ئەھۋالدا ، مۇشۇنداق خورلۇق تارتماي ئامال يوق .
ئۇلار ئېغىر قەدەملەر بىلەن بۆلۈمگە قايتىپ كىرگەندە ، بۆلۈم مۇدىرى بىلەن يەنە بىر دوختۇر تېخى ئوپراتسىيەدىن چۈشمىگەن ، باشقا دوختۇرلار بولسا ئۆزلىرى ئوپراتسىيە قىلغان ۋە قۇتقۇزغان بىمارلارنىڭ كىسەللىك تارىخىغا نېملەرنىدۇ يېزىش بىلەن ئالدىراش ئىدى . ياتاق يېتىشمىگەنلىكتىن ،كارىدۇرغىمۇ ئوندىن ئارتۇق كارۋاتلار سەپلەنگەن بولغاچقا ، ئىنجىقلىغان ، ئېڭىرغان ئاۋازلار كارىدۇرنى بىر ئالغان ئىدى .ئادىل ئۆزى مەسئول بولغان بىمارلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن ، پۇتى كېسىۋىتىلگەن بىمارنىڭ ياتىقىغا كىردى . بىمار ھوشسىز بولسىمۇ ، پات –پاتلا « پۇتۇمنى كېسىۋەتمەڭلار ، ماڭا پۇتۇم بولمىسا بولمايدۇ » دەپ جۆيلۈپ ياتاتتى . ئادىل ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىر دەم كۈزەتكەندىن كېيىن ، ئالاھىدە پەرۋىش قىلىۋاتقان سېستىراغا نېمىلەرنىدۇ تاپىلىغاندىن كېيىن قايتىپ چىقتى . ئۇنىڭ پۈتۈن بەدەنلىرى سېرقىراپ ئاغىريتتى . گاھى كۆز ئالدىدا  جان بەرگەن بايىقى بىمار كۆز ئالدىغا كەلسە ، گاھىدا « پۇتۇمنى كەسمەڭلار » دېگەن ئاۋاز قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاپ تۇراتتى .
     ئادىلنىڭ ئىچى سىقىلاتتى...  بايىقى يىگىتنىڭ ئىلتىجالىق كۆزلىرىنى كۆرگەندەك ،ئانىنىڭ ئېچىنىشلىق يىغىسى ئاڭلانغاندەك بولاتتى . ئوغىلنىڭ جەسىدىنى ئېلىپ ماڭغان دادىنىڭ  كۆزلىرىدىكى سىرغىپ چۈشكەن ياش ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئېزەتتى . ئۇنىڭ ئۆيگە قايتقۇسى كەلمىدى . « بىر دەم ئارام ئېلىپ  ، كەيپىياتىم سەل تۇراقلاشقاندا ئاندىن قايتاي ئۆيگە ، ». ئۇ نۆۋەتچىلىك ئۆيىگە كىرىپ  بىر دەمدىن كىيىن ئىشىك چېكىلىپ گۈلنىسا كىردى :
ــ سىزگە چاي دەملەپ كىردىم ،ــ گۈلنىسا ئىستاكاندىكى چاينى  ئادىلغا سۇندى ،ــ زەپە چاي .
ــ مېنىڭ زەپە چاينى ياقتۇردىغىنىم تېخىچە ئېسىڭىزدە بار ئىكەن ھە ،ــ ئادىل ئىستاكاندىكى قىزغۇچ تاۋلىنىپ تۇرغان چايغا قاراپ بۇرنى ئېچىشقاندەك بولدى ، دېمىسىمۇ  شەھىدە ئەزەلدىن  ئۇنىڭ نېمىگە  ئامراق ، نېمىگە ئۆچ ئىكەنلىكى بىلەن ھېساپلىشىپ ئولتۇرمايلا قالماستىن ئادىلنىڭ كەيپىياتىغا دېققەت قىلىپمۇ قويمايدۇ . ئادىل ھېرىپ ئېچىپ ئۆيگە كىرگەندە شەھىدە چايغا ياكى دوستلار يىغىلىشىغا كەتكەن بولىدۇ . قايتىپ كەلگەندە بولسا ، پالانى دوستىنىڭ ئېرىنىڭ ئىدارە باشلىقى بولغانلىقىنى ، پوكۇنى دوستىنىڭ ئۈچ قەۋەتلىك داچا ئالغانلىقىنى ئېيتىپ ، ئۆزىنىڭ «كىچىككىنە كاتەكتەك» ئۆيدە ئولتۇرغانلىقىدىن زارلىنىدۇ .
ــ ئىچىڭە ،ــ گۈلنىسانىڭ گېپى بىلەن ئادىل خىيالدىن باش كۆتۈردى ،ــ ئەجەپمۇ قاراپ كەتتىڭىزغۇ چايغا ، زەھەر سېلىۋەتمىدىم جۇمۇ .
ــ زەھەر سالسىڭىزمۇ ئىچىۋىتىمەن ھازىر .
ــ ۋىيەي ، دەۋاتقان گېپىنى ،ــ گۈلنىسا ئادىلنىڭ ئولتۇرۇشقان كۆزلىرىگە قاراپ ئوھسىندى ،ــ روھىڭىزنى بۇنداق چۈشۈرمىسىڭىزچۇ ، بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئاڭلىدىم . شۇنداق كەسىپكەن بۇ ، جان تىكىپ ئىشلىسەكمۇ  بىمارلارنى نارازى قىلىپ قويىدىكەنمىز .
ــ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ . بىراق ...  تېخىمۇ ياخشى چارە تاپالمىغىنىمغا ئۆكۈنىۋاتىمەن .
ــ ھېلىمۇ پۈتۈن كۈچىڭىز بىلەن تىرىشىۋاتىسىزغۇ ، تېخىمۇ ياخشى ئۇسۇللارنى تاپىمەن دەيسىز، لېكىن بۇنداق سۇلىشىپ ئولتۇرسىڭىز ياخشى ئامالنى قانداق تاپىسىز ؟ ئاۋال بۇ چاينى ئىچىۋىتىپ ، ئاندىن ئۆيگە قايتىپ ئۇخلىۋالسىڭىز ياخشى ئامال تاپقىدەك كۈچ ماغدۇر كىرىدۇ .
«توۋا ، بۇ قىز ماڭا تەسەللى بېرىش ئۈچۈنلا يارالغانمىدۇ ، ھەر قېتىم ئاۋارىچىلىككە ئۇچۇرسام بۇ قىز يېنىمدا پەيدا بولىدۇ، » شۇلارنى ئويلىغان ئادىل گۈلنىساغا تىكىلىپ قاراپ قالغننى ئۆزىمۇ سەزمىدى .
ــ نېمانچە قاراپ كەتتىڭىز ؟مېنى كۆرۈپ باقمىغاندەك ...
ــ سىزنى يېڭى باشتىن كۆرىۋاتقاندەك بولىۋاتىمەن .
ــ قېرىپ كېتىپتىمەنما ؟
ــ تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كېتىپسىز . دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ ئۆيگە قايتالمىسىڭىز يولدىشىڭىز خاپا بولىدىغاندۇ ؟
ــ مېنىڭ يولدىشىم يوق .ـ گۈلنىسا قىزىرىپ يەرگە قارىدى .
ــ نېمە ؟
ــ بىز توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئاجىرىشىپ كەتكەن .
ــ شۇنداقمۇ ؟ ــ ئادىلنىڭ قىزغا ئىچى ئاغىردى ، يېزا بازىردا شۇنچە يىگىتلەرنى ئۆزىگە رام قىلغان بۇ بەرنا قىزنىڭ  بۈگۈنكى كۈندە تۇرمۇشتا تەلەيسىز بولۇپ قېلىشى ئادىلنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىدى ،
ــ نېمىشقا ؟
ــ كېلىشەلمىدۇق .
ــ كېلىشەلمىدۇق دەپلا ئاجىرىشىپ كەتتىڭىزما ، سىزدەك سەۋىرچان ، مۇلايىم قىزمۇ مۇشۇنداق قىلامدۇ ؟
ــ بولدى . سىز سورىماڭ ، مەن ئېيتماي ، ئەڭ ياخشىسى بۇ گەپلەرنى قىلىشمايلى ،ــ گۈلنىسانىڭ چىرايلىق كۆزلىرىدىن ياش سىرغىدى ،ــ مەن چىقاي ئادىل .
ــ توختاڭ گۈلنىسا ،ــ ئادىل ئورنىدىن تۇرۇپ گۈلنىسانىڭ قوللىرىنى تۇتتى ،ــ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلىپ قويدۇم ، مېنى كەچۈرۈڭ .
ــ ھېچقىسى يوق ، سىزگە تەسەللى بېرىمەن دەپ كىرىپ ،.. ئالدىڭىزدا يىغلىمىسام بولاتتى .
ــ ئالدىمدا يىغلىسىڭىز نېمە بوپتۇ ، بىز دېگەن يېقىن دوستلار تۇرساق ... يىغلىغۇڭىز كەلسە يىغلىۋىلىڭ ، يىنىكلەپ قالىسىز ،ــ ئادىل قىزنىڭ يېشنى سۈرتىۋاتقاندا ، ئىشىك تاراققىدە ئېچىلىپ شەھىدەنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .
ــ ۋۇ رەسۋالار ... ،ــ بوراندەك ئېتىلىپ كەلگەن شەھىدە گۈلنىسانى بىر كاچات سالدى ،ــ شەرمەندە ، رەسۋا ، تەپ تارتماي ئېرىم بىلەن ئېغىز بۇرۇن يالىشىپ كەتكىننى !
نېمە ئىش بولغىننى ئاڭقىرىپ بولالمىغان گۈلنىسا چاڭڭىدە تەككەن شاپىلاقتىن كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ ، كارۋاتقا ئولتۇرۇپ قالدى :
ــ سىز ...
ــ مەن ئادىلنىڭ ئايالى ، ئىككى بالىسىنىڭ ئاپىسى ، قانداق ... گېپىڭ بارما ؟بىلىم ئاشۇرمەن دېگەننى باھانە قىلىپ ،  مېنىڭ ئېرىمنى ياقىلاپ كەپتىكەنسەندە ، سەھرادا ئەر چىقمىدىما ساڭا !؟
ــ مەن ... بىز ...ھېچقانداق ئىش قىلمىدۇق ...
ــ يەنە نېمە ئىش قىلشساڭ بولاتتى پاسكىنا ... ،ــ شەھىدە گۈلنىسانى ئۇرۇشقا تەمشىلىۋىدى ، ئادىل شەھىدەنىڭ قولىنى تۇتۇۋالدى .
ــ بۇ يەردە سەتلەشمەڭ شەھىدە . بۇ قىز مېنىڭ بۇرۇنقى خىزمەتدىشىم . ئارىمىزدا ھېچقانداق ئىش يوق !
ــ سەتلەشمەڭ دېدىڭما ؟! ھېھ ... سەتلەشكەن كىم دېگىنە ، ئىككىڭلار ئېغىز بۇرۇن يالاشساڭلار سەتلەشكەن بولماي ، مەن سەتلەشكەن بولامدىكەنمەن ؟!
ــ بۇ دېگەن دوختۇرخانا ، بۇ يەردە ۋاقىراشماي ئۆيگە بېرىپ سۆزلىشەيلى !
ــ ۋارقىرايمەن قانداق ؟ دوختۇرخانا بولسا نېمە بوپتۇ ؟ ھەممەيلەن ئاڭلىسۇن ،تەپ تارتماي خىزمەت ئورنىدا قىلغان رەسۋاچىلىقىڭلارنى ھەممىسى بىلسۇن !
ــ بولدى قىل !ــ ئادىل شەھىدەنىڭ قوللىرىدىن سۆرەپ ئىشىكتىن چىقتى .
ــ مېنى قويۇۋەت ، قويۇۋەت ! ــ شەھىدەنىڭ چېرقىراق ئاۋازى كارىدۇرنى چاڭ كەلتۈرىۋەتكەچكە ، ياتاق –ياتاقلاردىن چىققان بىمارلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋە بۆلۈمدىكى دوختۇر –سېستىرالار نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ كۇسۇرلىشاتتى ،ــ مېنى قويۇۋەت ، مېنىڭ ئاۋۇ سەھرالىققا  دەيدىغىنىم تېخى تۈگىمىدى ! ئۇ تېخى قىلغانلىرىغا ھېساپ بېرىش كىرەك !
ئادىل شەھىدەنى ئىتتىرىپ يۈرۈپ ئۆيگە ئەكەلدى .
ــ بولدى قىلامسەن يوق ؟! ــ شەھىدەنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان بىزەپ گەپلەرگە چىداپ تۇرالمىغان ئادىل شەھىدەنى  شاپىلاق بىلەن بىرنى سالدى ،ــ گەپ قىلمىسام نېمانچە بىشەملىك قىلىسەن ھە !؟
ــ مېنى ئۇرۇۋاتامسەن ، ــ شەھىدەنىڭ جاۋغىيىدىن ئاققان قان بوينىغا ساقىپ توختاپ قالدى ،ــ ئۇرە ، ئۇرۇپ ئۆلتۈرىۋەت! ئاشۇ ئەر ئالمىغان شەرمەندىنى دەپ مېنى ئۇرۇۋاتامسەن تېخى !
سەن قەلەندەرنى ياخشى خىزمەت ئورنى ، ئېسىلزادىلەرچە  تۇرمۇشقا ئىگە قىلىپ قويسام ، ئەسكى چاپاندىن قۇتۇلىۋىپلا ماڭا قول تەككۈزىۋاتامسەن تېخى !؟
   شەھىدەدىن بۇنداق گەپ چىقىشىنى كۈتمىگەن ئادىل ، بىر دەم تىڭىرقاپ قالغاندىن كېيىن ئالدىدىكى تاماق ئۈستىلىنى بىر تېپىپلا ئۆرۈۋەتتى .
ــ ئالە ،چىكەڭگە تاڭ ! ھەممىنى ئال !
غەزەپتىن تىتىرگەن ئادىل ئىشىكنى « جاڭڭىدە » ياپقىنىچە چىقىپ كەتتى ...

          تۈن كىچە ، چىراقلىرى گوڭگا يورۇپ تۇرغان قاۋاقخانىنىڭ بۇلۇڭىدىكى ئۈستەلگە بېشىنى قويۇپ ئولتۇرغان ئادىل  بىرسىنىڭ تۈرتىشى بىلەن مىڭ تەستە كۆزىنى ئاچتى .
ــ ئەپەندىم ...ئەپەندىم ... قاۋاقخانىنى تاقايدىغان ۋاقىت بولدى ، ــ ھېساۋات قىلىۋىتىپ ئۆيىڭىزگە قايتىڭ .
ــ بۇ ... بۇ قەيەر ؟
ــ بۇ قاۋاقخانا . سىز بەك كۆپ ئىچىۋالدىڭىز ئەپەندىم ، تاكسى چاقىرىپ بىرەيمۇ ؟
ئادىل ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە قانداقلارچە كىرىپ ، قانچىلىك ھاراق ئىچىكىننىمۇ ئەسلىيەلمىدى . ئۇ ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغان كۈتكۈچى يىگىتكە بىر تۇتام پۇلنى بەرگەندىن كېيىن ئورنىدىن تۇردى :
ــ ئالە بۇ پۇلنى ... مەن قەلەندەر بولساممۇ ئىچكەن ھارىقىمنىڭ پۇلىنى تۆلىيەلەيمەن جۇمۇ ...
ــ ئەپەندىم . بەك كۆپ بېرىۋەتتىڭىز ،
ــ ساڭا بەردىم ... ھەممىنى ئال...ئال!
ئۇ سىرتقا چىقىپ كۈتكۈچىنىڭ يۆلىشى بىلەن تاكسىغا چىقىپ ، ئوبلاستلىق دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە چۈشۈپ قالدى . تاكسىدا  ئۇخلىۋالغاچقىمۇ ياكى سىرتنىڭ سالقىن ھاۋاسىنىڭ تەسىرىدىنمۇ ئۇنىڭ كاللىسى ئازراق سۈزۈلۈپ قالدى .
« بۇ يەردە مېنىڭ ئۆيۈم بولمىسا نېمە دەپ كېلىمەن بۇ يەرگە . مېنىڭ كۆڭلۈمنىڭ قانداق بولۇپ كېتىشىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىمىم بار ئىدى مېنىڭ ؟ .... ھە راست گۈلنىسا بارغۇ ، گۈلنىسا ، راست ... ئۇنى مېنىڭ ئېسىلزادە خوتۇنۇم ئۇرغان ئىدى ، قانداق بولۇپ كەتكەندۇ ؟» ئادىلنىڭ گۈلنىساغا تەسەللى بېرىپ قويغۇسى كېلىپ ، ئىختىيارىسىز ھالدا گۈلنىسانىڭ ياتىقى تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى .
ــ كىم ؟ ــ ئۇيقۇسىز ياتقان گۈلنىسا  يېرىم كېچىدە ئىشىكنىڭ چېكىلىشىدىن چۆچۈگەن ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ چىراقنى ياقتى .
ــ مەن .
ــ مەن دېگەن كىم ؟
ــ ئىشىكنى ئېچىڭ ،
ــ ئادىلمۇ سىز ،ــ بۇنداق چاغدا ئادىلنىڭ كېلىشىنى ئويلاپ باقمىغان گۈلنىسا  ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى .
ــ يېرىم كېچىدە نېمە دەپ كەلدىڭىز ، قايتىپ كېتىڭ !
ــ ئىشىكنى ئېچىڭ ، سىزگە دەيدىغان گېپىم بار ، دەۋىلىپلا كېتىمەن .
ــ بولمايدۇ .
ــ ئىشىكنى ئاچمىسىڭىز كېچىچە مۇشۇ يەردە تۇرىمەن  .
ــ سەل ساقلاپ تۇرۇڭ ،ــ گۈلنىسا كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشىكنى ئاچتى ، ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزىرىپ قالغان ئىدى .
ــ ئۇخلىيالمىغان ئوخشىمامسىز ؟
ــ شۇنداق .
ــ مېنى كەچۈرۈڭ ، سىزگە ئازار بېرىپ قويدۇم .
ــ بۇنداق چاغدا كەلمەسلىكىڭىز كىرەك ئىدى .
ــ سىزنى قانداق بولۇپ كەتكەندۇ دەپ ... سىزنى كۆرگۈم كەلدى .سىزگە تەسەللى بىرەي دەپ ...
مەستلىكتىنمۇ ياكى كەيپىنىڭ ناچارلىقىدىنمۇ ئادىلنىڭ گەپلىرى پەقەتلا قولاشمايتتى .
ــ ھەممىسى ئۆزەمنىڭ شورى ، سىزنىڭ يېنىڭىزغا كىرمىسەم بوپتىكەن .
ــ ئۇنداق دېمەڭ ، سىز ماڭا زەپە چاي ئەكىرگەن تۇرسىڭىز ، ــ ئادىل  قانداقتۇ بىر كۈچنىڭ تەسىرى بىلەن تۇيۇقسىز تۇرغان  گۈلنىسانى قۇچاقلىۋالدى ، قۇچاقلىشى بىلەنلا قەلبىدىكى بوشلۇق تولغاندەك ، يۈرىكى ۋىللىدە ئېرىگەندەك راھەتلىنىپ قالدى ،ــ بىلەمسىز ، سىز ئەكىرىپ بەرگەن چاي بەك تەملىككەن .
ــ بۇنداق قىلماڭ ،ــ  گۈلنىسا ئادىلنىڭ قۇچىقىدىن چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنغانسىرى ئادىل تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىدى ، بىر دەم تىركەشكەن گۈلنىسا ئاخىرى بوشاپ كەتتى .
گۈلنىسانىڭ ئۆكسۈپ يىغلاۋاتقانلىقىنى سەزگەن ئادىل ، ئۇنىڭ يۇمىلاق يۈزلىرىنى ئالقانلىرى ئارىسىغا ئېلىپ ، يېشىنى سۈرۈتۈپ ، قارا قاتتەك كۆزلەرگە بىر دەم تىكىلگەندىن كېيىن ، ئاۋال ياش يۇقى كۆزلەرگە ، ئاندىن ياشتىن ھۆللەنگەن يۈزلەرگە ، ئاندىن گىلاستەك لەۋلەرگە سۆيدى . گۈلنىسانىڭ ئاتەشتەك تىنىقلىرىدىن پۈتۈن بەدىنى ئېرىپ كەتكەن ئادىل قايتىدىن مەست بولۇپ كارۋاتقا يىقىلدى .
ئون نەچچە يىلدىن بېرى مۇشۇ يىگىتنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ،  باشقىلارغا ، ھەتتا ئېرىگىمۇ كۆڭۈل بىرەلمىگەن گۈلنىسا  بۈگۈن   سۆيگەن ئادىمىنىڭ قۇچىقىدا ئېرىپلا كەتكەن بولسىمۇ ، كارۋاتقا يىقىلىشى بىلەن ھوشىنى تاپتى .قانداقلا بولسۇن  بۇ ئوتتەك قىزىق لەۋلەر ، بەدەنلىرىنى سىلاۋاتقان قوللار ئۇنىڭغا مەنسۇپ ئەمەس ئىدى .
ــ بۇنداق قىلماڭ ئادىل ،ــ گۈلنىسا ئادىلنى ئىتتىرۋىتىپ ، تىزلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ ، كىيىملىرىنى تۈزەشتۈردى .
ــ نېمىشقا ؟،،،گۈلنىسا نېمىشقا ...
ــ سىزگە بولغان مۇھەببىتتىمنى پاك ساقلىغىلى قويۇڭ .
ئادىلنىڭ مەستلىكى ئەمدى تولۇق يېشىلدى . ئۇ گۈلنىساغا بىر دەم قاراپ تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ئىشىكتىن چىقىشى بىلەنلا ئۆي ئىچىدىن يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى . ئۇ گۈلنىسانىڭ يىغىسىغا بىر پەس قۇلاق سالغاندىن كېيىن ، ئېغىرلاشقان پۇتلىرىنى سۆرىگەنچە بۇ يەردىن ئايرىلدى ،
ئەتىسى ئەتىگەندە بۆلۈم مۇدىرىنىڭ ئىشخانىسىدا بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرغان ئادىلدىن باشقا يەنە سېستىرالار باشلىقىمۇ بار ئىدى .
ــ بۇ قانداق ئىش ئادىل ،ــ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتكەن مۇدىر ئاچچىقى بىلەن ئۈستەلگە مۇشلىدى ،ــ سىزگە شۇنچە ئىشەنسەم ، مۇشۇنداقمۇ قىلامسىز ھە ؟! بىلەمسىز ، دوختۇر دېگەن كەسىپتە ياخشى بولۇپلا قالماي ، ئېستىلدىمۇ دورۇس بولۇشى كىرەك . قاراپ تۇرۇپ ئىش ئورنىدا  جىدەل تېرىپ ، بۆلۈمىمىزنىڭ يۈزىنى تۆككىنىڭىز نېمىسى ؟ بىمارلارنىڭ ئالدىدىمۇ سەت ئەمەسمۇ ؟
ــ بۇ. ئەسلى ئۇنداق ئىش ئەمەس مۇدىر ،ــ ئادىل دودۇقلىدى ،ــ بۇ ...بۇ بىر ئۇقۇشماسلىق .
ــ ئۇقۇشماسلىق ؟ ئۇقۇشماسلىق بولسا نېمىشقا ئۆيىڭىزدىلا ھەل قىلىۋەتمەي ، نېمە دەپ بۇ يەرگە سۆرەپ كېلىسىز ؟! شۇنچىلىك ئىشلارنىمۇ بىر تەرەپ قىلالمىدىڭىزما ؟ــ مۇدىر سېستىرالار باشلىقىغا بۇرۇلدى ،ــ ھېلىقى قىزنى دەرھال قايتۇرۋىتىش كىرەك . بىلىم ئاشۇرۇشقا كەلگەن ئادەم جىم ئولتۇرۇپ ئۆگىنىشىنى قىلماي ، دوختۇرلىرىمىزنى ئازدۇرۇپ يۈرگىننى قارىمامدىغان ، ئۇنى بۈگۈنلا كەتكۈزىۋېتىڭ !
ــ ئۇ كېتىپتۇ مۇدىر ،ــ سېستىرالار باشلىقى ئادىلغا لەپپىدە قاراپ قويدى ،ــ ئۇ بىز ئىشقا كېلىشتىن بۇرۇنلا نۆۋەتچى سېستىراغا دەپ قويۇپ كېتىپ قاپتۇ .
ــ ئۆزىنى سوراپ ياخشى قىپتۇ . ئۇنىڭغا بىلىم ئاشۇرۇشتا لاياقەتلىك كېنىشكىسى بېرىشكە بولمايدۇ .
ــ لېكىن مۇدىر ، ئۇ قىز ناھايتى ياخشى ئۆگەنگەن ئىدى ،ــ دېدى  سېستىرالار باشلىقى جىددى تەرزدە ،ــ ئۇنىڭ ۋاقتى توشۇشىغىمۇ يەنە نەچچە كۈنلا قالغان ، شوڭا بۇ كېنىشكىنى چوقۇم بېرىشىمىز كېرەك .
ــ بولمايدۇ ! ئۇ بۆلۈمىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكۈپلا قالماي ، ئەڭ قابىليەتلىك دوختۇرىمىزنىڭ ئىستىقبالىغا تەسىر يەتكۈزدى ،ــ مۇدىر سەل پەسكويغا چۈشۈپ ئادىلغا قاراپ بېشىنى چايقىدى ،ــ مۇئاۋىن بۆلۈم مۇدىرلىقىدىن قالدۇرۇلدىڭىز ئادىل . ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ بىر كۈن بولا بولمايلا رەھبەرلىكنىڭ ئىشەنچىسىنى يەرگە ئۇردىڭىز !
مۇدىرنىڭ « چىقسىڭىز بولىدۇ » دېگەن ئىشارىتىدىن كېيىن ، ئادىل ئۆزىگە ئېچىنىش بىلەن قاراپ تۇرغان ئىككى جۇپ كۆزنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئىشخانىدىن چىقتى . ئۇنىڭ بېشى چىڭقىلىپ ئاغىرىپ تۇراتتى . بىر كۈنلا ئولتۇرغان ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقى ئۇنىڭغا ھېچقانچە تەسىر كۆرسەتمىسىمۇ ، بۆلۈمدىكىلەرنىڭ ، بىمارلارنىڭ ئالدىدا يۈزىنى تۆكۈۋالغىنى ئۇنىڭغا ئېغىر كەلدى . تۈنۈگۈنكى جىدەل ، شەھىدەنىڭ ھىڭدىن سېسىق گېپى ، گۈلنىسانىڭ ئۆزى سەۋەبلىك لاياقەتلىك كېنىشكىسىمۇ ئالالماي كېتىپ قېلىشى يەنە تېخى ئاخشام ئىچكەن ھاراقنىڭ تەسىرى  ئۇنى يىقىتىپ قويايلا دېگەن ئىدى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ ھېچكىم ئاۋارە قىلمايدىغان بىر جايغا بېرىپ ، ئارام ئېلىۋالغۇسى ، كاللىسىدىكى چىگىش خىياللارنى يەشكۈسى كەلدى . لېكىن بۈگۈن ئوپراتسىيە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ئىككى بىمار ئۇنى كۈتۈپ ياتسا ، ئۇ نەگە بارالىسۇن ؟
     ئۇ تۇنجى قېتىم كۈننى ناھايتى تەستە كەچ قىلدى . ئۇ ئوپىراتسىيە قىلغان بىمارنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىپ خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن ، كېچىلىك ئىسمىنىدىكى دوختۇرغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ خالىتىنى سالدى .
ئۇ گۈلنىسانىڭ ياتىقىنىڭ ئىشىكىنى خېلى ئۇزاق چەككەندىن كېيىن ، ئىشىك ئېچىلىپ  40 ياشلار ئۆپچۈرىسىدىكى بىر ئايال ئىشىكنى ئېچىپ ، ئادىلنىڭ بېشىدىن پۇتىغىچە قارىۋەتكەندىن كېيىن توڭلۇق بىلەن سورىدى :
ــ كىمنى ئىزدەيسىز ؟
ــ گۈلنىسانى ئىزدەپ كەلگەن .
ــ ئۇ كەتتى .
ــ قاچان ... قەيەرگە كەتتى ؟
ــ نەگە كەتكىننى مەن نەدەن بىلەي ، ئەتىگەندە ئاچقۇچنى بېرىپ كېتىپ قالدىغۇ تاڭ .
ئايال « گەپ تۈگىدى » دېگەندەك ، ئىشىكنى يېپىشقا تەمشەلدى .
ــ ئۇ ... ئۇ بىرەر نەرسە قالدۇرۇپ قويمىدىما ؟ــ ئادىل ياتاق ئىچىگە بويۇنداپ قارىدى .
ــ ياق !
ئايال ئىشىكنى « جاڭڭىدە » ياپتى . نېمە قىلارىنى بىلمىگەن ئادىل گۈلنىساغا چاقىرغۇ قىلىپ ، خېلى ئۇزاق ساقلىغان بولسىمۇ تېلېفۇن قايتمىدى .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شېرىن1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-8 22:51  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-8 19:01:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
              تەكرار يوللىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۆچۈرۈلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شېرىن1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-8 19:19  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-8 20:44:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                              11
         يىللار ئارقىسىغا قارىمايلا ئۆتىۋەردى . بۈگۈن ھەممە يەردە غول-غولا قوزغىغان ئىشلار ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كىشلەرنىڭ خاتىرسىدىن ئۆچۈرلۈپ كەتتى . شەھەر قۇرلۇشىنىڭ ئۆزلۈكسىز يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ ، شەھەرنىڭ بۇرۇنقى كوچىلىرى  كېڭىيىپ ، ئېگىز –ئېگىز بىنالار سېلىنىپ ، بۇرۇنقى كوچىلارنىڭ ، ئۆيلەرنىڭ ئورنىنىمۇ تاپالمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن تۇرسا ، ئۇنچىلىك كىچىك ئىشلار كىملەرنىڭ ئېسىدە قالىدۇ دەيسىز . ئوبلاستلىق دوختۇرخانىنىڭمۇ كونا ئۆيلىرى چېقىلىپ يېڭىلىنىپ ، سۆڭەك كىسەللىكلەر بۆلۈمىمۇ نەچچە قېتىم كۆچۈپلا قالماستىن ، يېڭى توي قىلغان يىلى شەھىدە بىلەن ئادىل پۇل يىغىپ ئالغان ، شەھىدەنىڭ خاھىشى بويىچە بىزەلگەن ۋە كېيىن ئەستىن چىقماس كۆڭۈل ئاغىرقىغا گۇۋاھچى بولغان ئۆيمۇ چېقىلىپ ، ئۇلارغا يېڭى بىر يۈرۈش ئۆي تەقسىم قىلىندى . لېكىن بۇ ئۆيگە ئادىل دەسسەپمۇ باقماستىن ، شەھىدەگە بەردى . ئۆزى بولسا دوختۇرخانىغا ئانچە يىراق بولمىغان جايدىن 100 كۇۋادرات مىتىرلىق ئۆيدىن بىرنى ئالدى ، شۇنداق .  ئۇنتۇلۇشقا تېگىشلىكلىرى ئۇنتۇلۇپ ، ھەممە نەرسە يېڭىلاندى . بىراق ،ئادىلنىڭ  شۇ قېتىمقى جىدەلدىن قالغان قەلب يارسى ئۇنتۇلمىدى ، ساقايمىدى . شەھىدەگە مېھىرلىك كۆزلىرى بىلەن باقالمىدى . ئادىلنىڭ قەلبىدە يېڭىلنىش بولدى دېسە ، ئۇنىڭ شەھىدەگە بولغان« يول قويۇش ، كەچۈرۋىتىش ، بولدى قىلىش » تۇيغۇسى ، شەھىدەنىڭ ھەممە ئېغىرچىلىقىنى كۆتۈرۈشكە تۆرتكە بولغان ئوتتەك قىزغىن مۇھەببىتى سۇسلاپ كەتتى . قىزلىرىنى دېمىسە  بۇ چاغقىچە ئاجىرشىپ كەتكەنمۇ بولاتتى .
  ھەي ... كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىپ ، كەنىت دوختۇرلۇقىدىن ئوبلاستلىق دوختۇرخانىنىڭ بۆلۈم مۇدىرلىقىغىچە بولغان جەرياننى ئوڭۇشلۇق بېسىپ ئۆتكەن ئادىلنى ، موھەببەتتە مەغلۇپ بولدى دېيىشكە بولامدۇ ؟ شۇنداق دەي دېسە ، ئۆزى ئوتىدا كۆيۈپ ، سۈيىدە ئاققان قىز ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولدى ، گۈلدەك چىرايلىق ، ئەقىللىق ئىككى قىز تۇغۇپ بەردى . ئۇنداق دېمەي دېسە ، ئاشۇ توزدەك چىرايلىق ئايالى بىرەر قېتىممۇ ئۇنىڭ قايغۇسىغا ، شاتلىقىغا ئورتاق بولۇپ باقمىدى . نەچچە يىل بىر ئۆيدە ياشاپ ، بىرەر قېتىم بولسىمۇ پىكىر بىرلىكىگە كېلەلمىدى . پەقەت ئادىلنىڭ يول قويۇشى بىلەنلا ئۆي ئۆيگە ئوخشاپ كېلىۋاتىدۇ .( ھېلىقى جىدەل چىققانغا قەدەر ) . مانا ، ئادىلنىڭ چاچلىرى چارلىشىپ ، قانلىرى كۈۋەجەپ تۇرىدىغان قىزىققانلىقى  ئاستا –ئاستا تۈگەشكە باشلىدى . مۇشۇ يېشىدا خىزمەتتىن ھېرىپ كېلىپ  ، مۇزدەك قۇلۇپقا ئاچقۇچ سېلىپ ، غېرىبلىق باسقان  ئۆيگە كىرگىنىدە ، ئۇ ئىچ –ئىچىدىن چاڭقاش ھېس قىلماسمۇ ؟! ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان نەچچە يىللار مابەينىدىغۇ قىزلىرى ئۇنى يالغۇز قويمىدى .بىراق ، ئىككى قىز بىر –بىرلەپ ئوقۇشقا كېتىۋىدى ، ئۇنى تەنھالىق ئىسكەنجىگە ئالدى .
       ئوبلاستلىق تاشقى كىسەللىكلەر بىناسىنىڭ 4- قەۋىتىدىكى  تاشقى كىسەللىكلەر 1- بۆلۈمىنىڭ چېتىگە جايلاشقان « مۇدىر ئىشخانىسى » دەپ ۋېۋىسكا ئېسىلغان ئىشخانا قاچانلا قارىسا بوش تۇراتتى .
« بۆلۈم مۇدىرىنى ئىزدەيمىز » دېگۈچىلەرگە ياندىكى ئىشىخانىدىن « مۇدىر ئوپىراتسىيەگە كىرىپ كەتتى ، مۇدىر يىغىنغا چىقىپ كەتتى ، مۇدىر قۇتقۇزۇش ئۆيىدە ...» دېگەندەك جاۋابلار بېرىلەتتى . شوڭا  مۇدىر بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلار كۈندە ئەتىگەندە دوختۇرلار كىسەللەر ياتىقىنى تەكشۈرگەندىلا ئاندىن كۆرۈشەلەيتتى .
ئادەتتە ئوچۇق ـ يورۇق يۈرىدىغان بۇ مۇدىرنىڭ بۈگۈن كەيپىياتى تازا جايىدا ئەمەستەك قىلاتتى .
ئەتىگەنلىك ياتاق تەكشۈرۈشتە بىمارلارغا بۇرۇنقىدەك چاقچاق قىلىپمۇ يۈرمىدى .  دوختۇرلار بىلەن ئېغىر كىسەللەرنىڭ داۋالاش لايھىسىنى مۇزاكىرە قىلغاندىمۇ ئۇنىڭ چىرايى ئېچىلمىدى .

       ئاخشام تۈن يېرىمغىچە بۈگۈن ئوپراتسىيە قىلىنىدىغان 70 ياشلىق بوۋاينىڭ ئوپراتسىيە لايھەسىنى تەھلىل قىلىپ كەچ ياتقاچقىمۇ ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئەتراپى قارىداپ ، چىرايى خۇنۇكلىشىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى،
ــ  54 – كارۋاتتىكى بىمارنى ئوپراتسىيە لايھەسىنى كۆرۈپ چىقتىم ،ــ ئادىل قولىدىكى ماتىريالنى ۋاڭ دوختۇرغا ئۇزاتتى ،ــ لايھەرىڭىز ياخشى بوپتۇ . مۇشۇ بويىچە بولسۇن .
ــ ماقۇل مۇدىر ، بىمارنى ئوپراتسىيەخانىغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى .
ــ چىقىپ تەييارلىق خىزمىتىنى قىلغاچ تۇرۇڭلار ، مەن ھازىرلا چىقىمەن .
ئادىل ئىشخانىدىن چىقىشىغا ، ئىشخانىدا قويۇپ قويغان يان تېلېفۇنى ئارقا –ئارقىدىن سايراشقا باشلىدى . بىراق ئۇنىڭ تېلېفۇن ئېلىشقا ۋاقتى يار بەرمىگەچكە ، ئىشىكنى تاقاپ ئوپراتسىيە ئۆيىگە قاراپ ماڭدى .
ــ مۇدىر ، سىزگە تېلېفۇن ،ــ سېستىرالار مۇلازىمەت ئورنىدىكى سېستىرا قىز ئادىلنى چاقىردى ،ــ ئائىلىڭىزدىكىلەركەن .
ــ ئوپراتسىيەدىن چۈشكەندە تېلېفۇن قايتۇردىكەن دەپ قويۇڭ ، بىمار مېنى ساقلاپ قالدى ،ــ ئادىل شۇنداق  دەپلا لېفىت ئىچىگە كىرىپ كەتتى .
        مۆرە قىسىمى سۇنۇپ كەتكەن   بۇ بوۋاينىڭ يۈرەك كېسلى بولغاچقا ، ئوپراتسىيە قىلىش بىر قەدەر خەتەرلىك ئىدى .بىراق ئوپراتسىيە قىلىپ سۇنغان جايغا پولات تاختا قويمىغاندا  سۇنغان سۆڭەكنى جايىغا كەلتۈرگىلى بولمايتتى . شوڭا ئۇلار ئالدىنقى ئۈچ كۈندە ئىچكى بۆلۈمدىن دوختۇر تەكلىپ قىلىپ بوۋاينىڭ يۈرەك كېسىلىنى داۋالاپ ، ئاندىن بۈگۈن ئوپراتسىيە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى . شۇنداقتىمۇ ئوپراتسىيە  جەريانىدا بوۋاينىڭ يۈرەك ھەركىتىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ ،  نەچچە قېتىم قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىپ ،تۆت  سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتا ئوپراتسىيە  ئوڭۇشلۇق تامام بولۇپ دوختۇرلار يىنىك تىندى .ئوپراتسىيە ئۈستىلىدە بوۋاينى قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا يۈرىكى ئەنسىز سوقۇپ ، بىئارام بولۇپ تۇرغان ئادىل ئوپراتسىيە تۈگىگەندىن كېيىنمۇ ئازادە بولالمىدى .  ئۇ  ئۈستىدىكى بىر قېتىملا كېيىلدىغان ئوپراتسىيە كىيىمنى سېلىپ تاشلاپ ، قوللىرىنى يۇيۇپ ،بۆلۈمگە كىرىشىگە سېستىرا قىز ھودۇققان ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەلدى .
ــ مۇدىر ، دادىڭىزنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئەمەس ئوخشايدۇ ، سىزنى تېز كەلسۇن دەيدۇ .
ــ نېمە ؟ دادام ئۇ ...تېخى ئۆتكەن ھەپتىلا ساپ –ساق ئىدىغۇ ؟ خاتا ئاڭلاپ قالمىغانسىز ؟
ــ ياق خاتا ئەمەس .ئائىلىڭىزدىكىلەر سىزنى بەك ئىزدەپ كەتتى .
مەڭدەپ قالغان ئادىل ئېسىنى يىغىپ ، ئۈستىدىكى خالاتنى سېلىپ ، سېستىرا قىزغا تۇتقۇزدى – دە ، پەلەمپەيدىن ئوقتەك ئۇچۇپ چۈشۈپ كەتتى .
          ئۇ چوڭ ئۆيىگە كەلگەندە ئابدۇللا ئاكىنىڭ ھويلىسى ئالدىدىن باشلاپ يولغىچە جامائەت لىق تولغان ئىدى . ھويلىدىن ئاياللارنىڭ ئۈن سېلىپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى . بۇ مەنزىرىنى كۆرگەن ئادىل نېمە قىلارنى بىلەلمەي يولنىڭ ئوتتۇرسىدا تىڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى . كۈلرەڭ پەلتۇسى ئۈستىدىن ئاق چىگىۋالغان ئالىم ئۇكىسىنى كۆرۈپ ،ئۈن سېلىپ يىغلىغىنىچە ئادىلنىڭ بوينىغا ئېسىلدى :
ــ دادىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق ئۇكام ، تۈنۈگۈنلا ساپ –ساق يۈرگەن دادام بۈگۈن بىزنى تاشلاپ كېتىپ قالدىغۇ ئۇكام .
ئالىم ئادىلنىڭ قولىدىن يېتىلەپ ھويلىغا ئېلىپ كىرگەندە پېشايۋان ئاستىغا قويۇلغان كارۋاتتا ھازا ئېچىپ ئولتۇرغان ئاياللار ئارسىدىن بېشىدىن ئايىقىغىچە ئاق كىيىم كېيىۋالغان ئاچىسى روشەنگۈل ھۆ تارتىپ يىغلىغىنچە ئادىلغا ئېسىلدى :
ــ ۋاي دادام ... ئامراق ئوغلۇڭ كەلدىغۇ دادام ... تارتىشقان ئوغلۇڭغا ئىسسىق يۈزۈڭنى كۆرسەتمەي كەتتىڭغۇ دادام ... باللىرىڭ يىتىم قالدىغۇ دادام ...
     يۈزلىرى ياش بىلەن ھۆللەنگەن ئادىل دادىسى ياتقان ئۆيگە كىردى .70 ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ  ساقاللىرى ئەمدىلا چارلاشقان بوۋاينىڭ  يۈزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇراتتى .
ئىچ –ئىچىدىن قاپساپ كەلگەن يىغىسىنى توختىتالمىغان ئادىل ھۆڭىرەپ يىغلىغىنچە داسىنىڭ مۇزدەك تېنى ئۈستىگە يىقىلدى .
ــ قارىغايدەك تىمەن ، چىناردەك مەزمۇت ئىدىڭغۇ دادا ، نېمىشقا شۇنچە تېز ، شۇنچە تۇيۇقسىز كېتىپ قالىسەن . ھېچ بولمىسا  مېنى ساقلاپ تۇرغان بولساڭ ،سېنى ئۆز قولۇم بىلەن تەكشۈرۈپ ، ئۆز قولۇم بىلەن قۇتقۇزۇشقا پۇرسەت بەرسەڭ بولماسمىدى دادا ... مەن ئەمدى قانداق قىلىمەن . دادام دەپ كىمگە يىغلايمەن ... سېنى سېغىنغاندا كىملەرنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالارمەن دادا ...
         ئابدۇللا ئاكىنىڭ مىيتى پىشىن نامىزىغا ئۈلگۈرتۈپ يەرلىكىگە قويۇلدى . دادىسىنىڭ قەبىرىسىگە يۈزنى يېقىپ ھۆ تارتىپ يىغلاۋاتقان ئاكا –ئۇكىنى جامائەت تەسلىكتە يۆلەپ تۇرغۇزدى . ئۇلار مەھەللىگە قايتىپ كەلگەندە ئۆي –ئۆيلەرگە چىراق يېقىلغان بولۇپ ، ئابدۇللا ئاكىنىڭ ھويلىسىمۇ نەچچە يەرگە ئېسىلغان لامپوچىكىنىڭ نۇرىدا كۈندۈزىدەك يورۇپ كەتكەن ئىدى . ئادىل ئۆيگە كىرىشىگە ئاچىسى روشەنگۈل يىغلىغان پېتى ئۇكىسىغا ئېسىلدى :
ــ دادامنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان سەن ! دادام ئاخشام ساپ –ساق ئېدى ، تېخى مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ تاماق يېگەچ سېنىڭ گېپىڭنى قىلغان ، ئۇنى « بىزنىڭ ئۆيگە كېتەيلى » دېسەم «ئادىل ئوغلۇم كېلىپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ ، ئۇ كەلسە مېنى تاپالماي قالمىسۇن » دەپ ئۆيدە يالغۇز قالغان . ئەتىگەندە يۈرىكىم ئەنسىز بولۇپ ، دادامدىن ئەنسىرەپ كەلسەم چىرايى ئانچە ياخشى ئەمەس ، ئاغزىنىڭ ئەتراپى كۆكىرىپ قاپتۇ . نېم بولدۇڭ دادا ، دوختۇرخانىغا ئاپىرايمۇ دېسەم « ھېچيەرگە بارمايمەن ، ئادىل ئوغلۇمنى ساقلايمەن » دېدى ، ساڭا تېلېفۇن قىلسام ئالمىدىڭ ، ئاكامنى چاقىرىپ چىقىپ دوختۇرخانىغا ئاپارساق ، قۇتقۇزۇشقا ئۈلگۈرمەيلا جان ئۈزدى . دادامنىڭ كۆزى ئوچۇق كەتتى ، بىلەمسەن ، ساڭا تارتىشىپ ، سەن ۋاپاسىزغا تارتىشىپ كۆزى ئوچۇق كەتتى . ئاخشام ئۇرغان تېلېفۇننى ئالغان بولساڭ ، دادامغا كېلەلمەيدىغانلىقىڭنى ئېيتقان بولساڭ ، دادامنى ئۆيۈمگە ئېلىپ كەتكەن بولسام مۇشۇ ئىش  يۈز بېرەرمىدى ؟ ئەتىگەندىن باشلاپ ئۇرغان تېلېفۇنلىرىمىزنىڭ بىرىنى بولسىمۇ ئالغان بولساڭ ۋاقتىدا كېلىپ دادامنى قۇتقۇزۇۋالالايتتىڭغۇ ؟ دادام سېنى شۇنچە ئارزولاپ ، ئارمانلاپ دوختۇر قىلغان ، مانا ئەمدى ئۆز داداڭنىڭمۇ جېنىغا ئارا تۇرالمىدىڭ ، ئۇ سەندىن مۇشۇنى كۈتكەنمىدى ۋاپاسىز !ــ كۆزلىرىدىن يامغۇردەك ياش تۆكۈلۈپ تۇرغان روشەنگۈلنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ قالدى ،ــ ئوبلاستلىق دوختۇرخانىدا سېنىڭدىن باشقا دوختۇر يوقمىدى ھە ، سەن بولمىساڭ داۋالاش توختاپ قالامتى؟! ئوبلاست تەۋەسىدە دوختۇر دېگەن جىق ، لېكىن دادامنىڭ ئوغىلى پەقەت ئاكام ئىككىڭلارلا ، بىلەمسەن شۇنى ؟!
         پۇت –قولىدا مىسقالچە ماغدۇر قالمىغان ئادىل ئاچىسى قاياققا تۈرتسە شۇ ياققا ئېغىپ ، پۇلاڭشىپلا قالغان ئىدى . ئاچىسىنىڭ گەپلىرى ئۇنىڭسىزمۇ پارە –پارە بولۇپ تۇرغان يۈرىكىگە قوقاس چېچىۋەتكەن ، يۈرەك باغىرىنى تېخىمۇ تىلغىۋەتكەنىدى، كۆزلىردىن تۆكۈلىۋاتقان ئاچچىق ياشلار ئۇنىڭ لەختە –لەختە بولغان باغىرىغا ئارام بىرەلەيدىغاندەك ئەمەس ئېدى .
       ئابدۇللا ئاكىنىڭ يەتتە نەزىرى بېرىلگەن كۈنى كەچتە يىراق –يېقىندىن كەلگەن تۇققانلار بىر –بىرلەپ قايتىشىپ ئۆيدە ئالىم ، ئادىل ، روشەنگۈل ۋە ئۇلارنىڭ بالا –چاقىلىرى بولۇپ ئوندىن ئارتۇق ئادەملەرلا قالدى . ئۆيدىكىلەر ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرگەن پەيتتىن پايدىلىنىپ ئالىم ئادىلنى باشلاپ ، ئۆينىڭ ئارقا تەرپىدىكى كەڭ كەتكەن ئېتىزلىققا چىقتى .
ــ ئۇكام ،ــ دېدى ئالىم ئولتۇرۇشقان كۆزلىرىنى ئۇكىسىغا تىكىپ ،ــ روشەنگۈلنىڭ گەپلىرىنى بەك كۆڭلۈڭگە ئېلىپ كەتمە ، ئۇ دادامغا چىدىماي شۇنداق دېگىنى بىلەن ساڭا ئازار بېرىشىنى خالىمايدۇ . دادام سەندىن رازى بولۇپ كەتتى ئۇكام . ئۇ سەندىن پەخىرلىنىدۇ ، مەھەللىكىدىكلەرنىڭ ئاغزىدىن ھەر قېتىم سېنىڭ ياخشى گېپىڭنى ئاڭلىغىنىدا ، ئۆزىنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلىغان ،بىمارلارنىڭ ھالىغا يېتىدىغان  دوختۇر ئوغلى بولغىنىدىن  پەخىرلىنىدىغانلىقىنى ، سېنىڭدىن ئىككى دۇنيالىق رازى ئىكەنلىكىنى، سېنىڭ ياخشى نامىڭنى ئاڭلاپ تۇرسىلا مەڭگۈ ئارمانسىز كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ،ــ ئالىمنىڭ ئاۋازى تىتىرەپ ، كۆزىدىن سىرغىپ چۈشكەن ياش بىر ھەپتىدىن بېرى تىغ تەگمىگەن يىرىك ساقاللىرى ئارسىغا سىڭىپ كىردى ،ــ دادامنىڭ روھىنى خۇش قىلاي دېسەڭ ، تېخىمۇ تىرىش ، كەسىپتە تېخىمۇ ئۇتۇق قازان ، دادامنىڭ كۈتكىنىمۇ ، مېنىڭ ئۈمۈد قىلدىغىنىممۇ شۇ .
  ــ ماقۇل ئاكا ، چوقۇم دېگىنىڭنى قىلىمەن ،ــ ئادىل چوڭقۇر ئوھ تارتتى ،ــ قانداقلا قىلسام دادامغا يۈز كېلەلمەيمەن ، لېكىن ئۇنىڭ كۈتكەن ئۆمۈدىنى ئاقلاشقا قۇربىم يېتىدۇ.
ــ بۇ يەرلەرنى دادام ساڭا ئاتىغان ، ئۇ « ئوغۇل بالىغا يەر بولمىسا بولمايدۇ، ئادىل پىنسىيەگە چىققاندا بولسىمۇ بۇيەرلەر ئۇنىڭغا لازىم بولىدۇ ، » دېگەن ئېدى .
  ــ يېشىمىز بىر يەرگە بېرىپ قالسىمۇ دادام بىزنىڭ غېمىمىزنى يەپتىكەن ئاكا ،لېكىن مەن ... دادامنىڭ غېمىنى يەپ باقماپتىمەن ... ئۇنى مەڭگۈ ساغلام ، مەڭگۈ ھايات تۇرىدىغاندەكلا ئويلاپتىمەن ئاكا ...
        ئاكا –ئۇكا ئىككىيلەن خېلى ئۇزاق پاراڭلىشىپ ئۆيگە قايتىپ كىرگەندە شەھىدە ئىككى قىزى بىلەن قازان بېشىدا ئالدىراش يۈرەتتى . ئۇنىڭ ئاق ياغلىق ئىچىدىكى يۈزى تېخىمۇ ئاقىرىپ ، سۈزۈلۈپ قالغاندەك ، ئۇزۇن قارا پەلتوسى ئىچىدىكى بەدىنى تېخىمۇ زىلۋا كۆرۈنەتتى .
ــ دادا ، ئالىم دادا ، ــ شادىيە بىلەن ئادىلە چاققان ھەركەتلەر بىلەن ئىككىسىنىڭ قولىغا سۇ بېرىپ داستىخان سالدى .ئاڭغىچە روشەنگۈل ئەر ئايال ۋە ئالىمنىڭ بالا چاقىلىرىمۇ داستىخانغا كەلدى . شەھىدە ئاش كۆكىنىڭ مەزىلىك ھېدى چىقىپ تۇرغان سۇيۇقئاشنى چىنىلەرگە ئۇسسۇپ تەييار قىلىشىغا ئالىمنىڭ ئايالى ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ، پەتنۇسقا سېلىپ ئۆيگە ئەكىردى .
   ئابدوللا ئاكىنىڭ قىرىقى نەزىرى ئۆرۈكلەر ھۆپپىدە چېچەكلەپ ، ئېتىز قىرلىرى كۆكىرىشكە باشلىغان باھار پەسلىگە توغرا كەلدى . نەزىر بېرىلىپ ئۈچىنچى كۈنى ئادىل شەھىدە ۋە باللىرىنى ئېلىپ قايتىش ئۈچۈن ماڭغىنىدا ئاچىسى بىر داستىخانغا تاتلىق –تۈرۈملەرنى ئوراپ شەھىدەگە تۇتقۇزدى ۋە ئادىلنىڭ ئالدىغا كەلدى :
ــ ئۇكام ، مېنىڭ گەپلىرىم كۆڭلۈڭدە تۈگۈن بولۇپ قالمىسۇن ، تاغدەك يۆلەنچۈكىمىز بولغان دادام كېتىپ قالدى ، مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرىلسەكمۇ ئۇنى قايتۇرۇپ كېلەلمىدۇق . ساڭا دېگەنلىرىمنى ئۇنتۇپ كەت ئۇكام، دادام سەندىن مىڭ مەرتىۋە رازى ئىكەنلىكىنى قايتا –قايتا دېدى . ئۇ سەندىن پەخىرلىنىدۇ ئۇكام ...
    ئاچا- ئۇكىلار بىر –بىرىنىڭ ياشلىرىنى سۈرتۈشۈپ ، بىر –بىرىگە ئاق يول تىلەپ يولغا چىققاندا كۈن چۈشتىن قايرىلغان ئېدى .چۈشتىن كېيىنلەر بىلەن شەھەرگە كىرگەن ئادىل  ماشىننى شەھىدە تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاتتى ۋە شەھىدەنىڭ چۈشۈپ قېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇردى .
ــ دادا ،ــ چوڭ قىزى شادىيەنىڭ تىتىرەڭگۈ ئاۋازى ماشىننىڭ يۆلەنچۈكىگە ئۆزىنى تاشلاپ ئولتۇرغان ئادىلنىڭ دىققىتىنى تارتتى ،ــ ئەمدى بىز سېنىمۇ ، ئاپامنىمۇ يالغۇز قويالمايمىز ، ئاپام ئىككىڭلار بىر –بىرىڭلارغا ھەمراھ بولۇپ ئۆتمىسەڭلار  سىڭلىم ئىككىمىزمۇ مەكتەپكە بارمايمىز . چوڭ  دادام كېتىۋىدى ھەمىمىز يىغلاپ ـ قاقشاپمۇ ئۇنى قايتۇرۇپ كېلەلمىدۇق . مۇشۇنچىلىك قىسقا ھاياتتا يەنە نېمىگە ئاچچىقلاپ ، نېمىدىن زارلىنىپ ئۆتىمىز دادا ؟ ئاتا –ئانىمىز ھايات تۇرۇپمۇ بىز ئىككى قىز يېتىم بالىلاردەك يۈرەمدۇق ؟!
    ئالى مەكتەپنىڭ 3- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بۇ قىزى ئادىلنىڭ نەزىرىدە تېخى كىچىك بالا ئېدى . ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپ قارىغاندا ، قوڭۇر چاچلىرىنى ئاق ياغلىق ئىچىگە يوشۇرۇپ چېگىۋالغان قىزىنىڭ ئۆزىگە تىكىلگەن كۆزلىرى بىلەن كۆزلىرى ئۇچۇرشۇپ قالدى . قىزنىڭ ئاپىسىنىڭكىگە ئوخشايدىغان كۆزلىرى سۇئال نەزىرىدە دادىسىغا تىكىلىپ تۇراتتى . ئەزەلدىن مۇلايىم ، سىلىق سىپايە بۇ قىزىنىڭ بۈگۈنكى ۋەزنى ئېغىر سۇئالىغا دەماللىققا جاۋاب بېرەلمەي قالغان ئادىل بېشىنى ئالدىغا بۇراپ ، پەس ئاۋازدا دېدى :
ــ سىلەر  ئاپاڭلار ئۆيگە كىرىپ تۇرۇڭلار قىزلىرىم .مېنىڭ كۆڭلۈم ھازىر ئارامىدا ئەمەس .
ــ بىر ئائىلە كىشلىرى بىر يەرگە جەم بولمىساق كۆڭلۈڭ مەڭگۈ ئارامىغا چۈشمەيدۇ دادا !ـ
     تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان  كىچىك قىزىنىڭ گېپى ئادىلنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىۋەتتى ،ــ مەن بۇ يىل ئالى مەكتەپكە ئېمتىھان بېرىمەن . باشقا ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئاتا –ئانىلىرى نۆۋەتلىشىپ ۋاقىت چىقىرىپ بالىلىرنىڭ ئۆگىنىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىۋاتىدۇ . لېكىن سىلەر ... مېنىڭ ئېمتىھان بېرىدىغانلىقىم خىيالىڭلارغا كىرىپمۇ چىقمىدى . كۆڭلۈم بۇنداق پاراكەندە تۇرسا ئېمتىھاننى قانداقمۇ ياخشى بېرەلەيمەن ؟!
ــ بولدى قىزلىرىم ، بولدى ،ــ شەھىدە مىچچىدە يىغلىدى ،ــ داداڭلاردا گۇناھ يوق ، ھەممە سەۋەنلىك مەندە ! بولدى ، سىلەر دادا –بالا ئۈچۈڭلار بىللە تۇرۇڭلار ، يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى مەنلا تارتىپ ئۆتۈپ كىتەي !
شەھىدە ئۆكسۈپ يىغلىغىنچە ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۆيگە قاراپ يۈگۈردى . ئەتىيازنىڭ غۇر –غۇر شامىلى ئۇنىڭ قارا پەلتو ئاستىدىن چىقىپ تۇرغان ئۇزۇن ئاق كۆڭلىكىنىڭ ئېتىكىنى لەرزان يەلپۈپ تۇراتتى . بۇ مەنزىرىگە قاراپ ئولتۇرغان ئادىل  تۇنجى قېتىم شەھىدەگە تەلەپ قويغان چاغدىكى ئۇزۇن ئاق گىرىپ  كۆينەك كېيىگەن شەھىدەنى كۆرگەندەك بولدى –دە،يۈرىكىدىكى مۇز« ۋىللىدە» ئېرىگەندەك بولۇپ ، شەھىدەنىڭ قارىسى يۈتكىچە كۆزىنى ئالالماي قالدى .
ــ دادا . ئاپامدىن ئۆتكەن يەرلىرى بولسا كەچۈرۋەت ،ــ شادىيەنىڭ ئاۋازىدىن ئېسىگە كەلگەن ئادىل ھودۇققاندەك بولۇپ ، ئۆزىنى رۇسلاپ ئولتۇرۋالدى ،ــ بۈگۈن سەن ئاپام بىلەن ئەپلىشىپ قالمىساڭ ، بىز ھەر ئىككى ئۆيگە بارمايمىز .
نەزىرىدە تېخىچە « ئىش ئۇقمايدىغان » كىچىك بالا ھېساپلىنىپ كەلگەن قىزلارنىڭ ئالدىدا تىلى تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى سەزگەن ئادىل ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىپ يەرگە چۈشتى ، دادىسىنىڭ ماشىننىڭ كەينىدىكى سومكىلارنى ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن قىزلار ، بىر –بىرىگە قاراپ كۆزىنى قىسىپ قويۇپ ، دادىسىنىڭ قېشىغا كەلدى .
ــ سومكىلارنى بىزگە بېرىڭ دادا ، بىز كۆتۈرەيلى .
ــ سىلەر كۆتۈرەلمەيسىلەر ، ئۆزۈم كۆتىرەي .
ــ دادا ، بىزمۇ چوڭ بولدۇق . بۇنچىلىك نەرسىلەرنى كۆتۈرەلەيمىز .
راست ، ئادىلنىڭ  كۆز ئالدىدا قارا چاپان يوپكا ئىچىگە ئاق كوپتا كېيىپ ، ئاق ياغلىق چېگىۋالغان ، ئوخشاش كېيىنگەن بىر جۇپ قىز كۈلۈپ تۇراتتى . شەھىدە بىلەن تەڭلىشەي دەپ قالغان بۇ قىزلارنى كىممۇ كىچىك قىزچاقلار دېيەلىسۇن ؟
قىزلار دادىسىنىڭ قولىدىكى سومكىنى ئېلىپ ، دادىسىنى ئىككى تەرەپتىنى قولتۇقلاپ بىنا ئىچىگە كىرىپ كەتتى .
                                                            12

          ئابدۇللا ئاكىنىڭ ئۆيىنىڭ كەينىدىكى ئون مو كۆلەمدىكى ئېتىزلىقلار تۈزلىنىپ ، دوختۇرخانا سېلىش ئۈچۈن تاش ، قۇم ، شېغىللار دۆۋلىنىپ كەتكەن ئىدى . دوختۇرخانا قۇرۇلۇشنى ئۆزى بىر قوللۇق لايھىلىگەن ئادىل قۇرۇلۇش ئۇستىلىرىغا بىر ئاي ئىچىدە كۆچۈپ كىرگىدەك قىلىپ بېرىشكە توختاملىشىپ ، ھۆددىگە بەرگەن بولسىمۇ ، خاتىرجەم بولالماي ھەر ھەپتىدىكى دەم ئېلىشىدا كېلىپ نازارەت قىلاتتى . ھەش –پەش دېگۈچە تاملار قوپۇرلۇپ ، ئۆيلەرنىڭ ئۈستى يېپىلىپ بولدى . ئەمدى ئاقارتىش ، زىننەتلەش قاتارلىق ئىنچىكە ئىشلار قالغان بولۇپ ، ھەر-بىر ئۆي ئالىم ۋە ئادىلنىڭ نازارەتچىلىكى ئاستىدا زىننەتلىنىۋاتاتتى . داۋالاش  ئۆيى ، تېڭىق ئۆيى ، دورىخانا ، دوختۇر سېستىرا ئىشخانىلىرى ۋە بالنىست ئۆيلىرىنىڭ ھەر –بىرىگە ئوخشىمىغان لايىھە بويىچە ئىشكاپ ، جاھازىلارنى ياسىتىپ ، كۆڭلىدىكىدەك بولۇۋاتقانلىقىدىن رازى بولغان ئادىل سىرتقا چىقىپ ، ئانداـ ساندا پاختا ئېچىلىپ قالغان كىۋەزلىكنىڭ قىرىغا كېلىپ ئولتۇردى . ھازىر پاختا تېرىدىغانغا تېخى بالدۇر بولغاچقا كەڭ كەتكەن كىۋەزلىكلەردە ئادەم كۆرۈنمەيتتى . تۇيۇقسىز مۆرىسىگە چۈشكەن قولدىن چۆچۈگەن ئادىل بېشىنى كۆتۈرۈپ ، كۈلۈمسىرەپ تۇرغان دېلشات ئېمىننى كۆرۈپ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى .
ــ دېلشاتكا ،..سىز ...
ــ شۇنداق . مەن ،ــ دېلشات ئېمىننىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدىكىنى كۆرۈۋۈتقاندەك قارايدىغان كۆزلىرى يەنىلا شۇنداق تىكىلىپ قارايتتى ، ئاقلىرى كۆپىيىپ قالغان چاچلارنى  ھېساپقا ئالمىغاندا يەنىلا شۇنداق تېتىك ، روھلۇق كۆرۈنەتتى .
ــ داداڭ تۈگەپ كېتىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم .
ــ شۇنداق بولدى ئاكا ، قانىتىمىز سۇندى .
ــئۇ چاغدا ئىچكىرىدە ئۆگىنىشتە بولۇپ قېلىپ كېلەلمىدىم.كۆڭلۈڭنى بۇزما ، بۇ شۇنداق جاھانكەن ، تۇغۇلىدىكەنمىز ، كېتىدىكەنمىز ، ھېچكىمگە باقىۋەندە ئەمەس ئىكەن بۇ جاھان . مېنىڭ دادام تۈگەپ كەتكەندىمۇ ئەمدى بۇ دۇنيانىڭ تارتىشقىدەك ھېچ يېرى قالمىدى دەپ ئويلىغان ئىدىم . لېكىن دادامنى كۆمۈپ قويغىنىم بىلەن ماڭا موھتاج ئادەملىرىم ئۈچۈن بولسىمۇ قەددىمنى تەك تۇتۇپ ياشىمىسام بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، ئۆزەمنى رۇسلىدىم.
ئۆزەمنى ئەڭ غېرىب ، بىچارە ھېس قىلغان شۇ چاغدا  نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىدىم . ھايات ناھايتى قىسقا بولىدىكەن ،شۇ قىسقا ھاياتىمىزدا ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلساق ، ئۆزىمىزمۇ خاتىرجەم ياشايدىكەنمىز ، ئۆلۈپ كەتسەكمۇ ياخشى نامىمىز قالىدىكەن . كىچىك ۋاقتىمدا دادام ئۆتكەن كەچكەنلەر يىسۇن دەپ ھويلىمىزنىڭ ئالدىدىكى چوڭ يولغا بەش تۈپ ئۈژمە كۆچىتى تىكىپ قويىۋېدى ھازىرغىچە ئېمىنئاخۇننىڭ ئۈژمىسى دەپ ئاتىلىپ كېتىۋاتىدۇ . شۇنداق بولغانكەن بىزمۇ قولىمىزدىن كېلىشىچە خەلىققە ياخشى ئىش قىلىپ بەرسەك ياخشى بولىدىكەن دەپ ئويلىدىم .  
ــ راست دەيسىز دېلشاتكا ،
ــ ئۆزەڭ بىلىسەن ، دادامدىن ماڭا ئەللىك مو چىلانلىق باغ بىلەن بەش يۈرۈش ئىجارە دوكان مىراس قالغان . ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزەم سېتىۋالغان ئىككى يۈزمو يەردىكى پاختىدىنمۇ يىلدا نەچچە يۈزمىڭ يۇەن كىرىم قىلىدىكەنمەن ، لېكىن شۇ پۇللارنى ئاز –تولا ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلەتكەندىن باشقا ، ئەستە قالغۇدەك بىرەر ئىش قىلىپ باقماپتىمەن .
ــ ھېلىمۇ قىيىنچلىقى بارلارنىڭ داۋالىنىش پۇلىنى ، نەچچە ئون بالىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ بېرىۋاتىسىز ، ئۇنىڭدىن باشقىمۇ قىلغان ياخشى ئىشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن . ئىش –ئىزلىرىڭىزنى تەشۋېق قىلمايلا جىممىدە ياخشلىق قىلىۋاتقاچقا يەنە قانچىلىك ياخشى ئىشلىرىڭىز بار تېخى بىز بىلمىگەن .ھە راست دېلشاتكا ،ئاڭلىسام پىنسىيەگە چىقىۋاپسىز.
ــ شۇنداق.
ــ سىزدەك قابىليەتلىك دوختۇر مۇشۇنداقلا چېكىنسە قانداق بولغىنى بۇ ؟
ــ خىزمەتتىن چېكىنگەن بىلەن كەسىپتىن چېكىنمەيمەن ئۇكا ، دوختۇرلۇقۇمنى قىلىۋېرىمەن . ھېلىمۇ بىر نەچچە دوختۇرخانا  مېنى كۈنىگە يېرىم كۈن  ئولتۇرۇپ كېسەل كۆرۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى . مەن قاراپ باقسام ، سەن سېلىۋاتقان مۇشۇ دوختۇرخانا ماڭا ئەڭ مۇۋاپىقتەك تۇرىدۇ .
ــ راستما ؟ــ ئادىل خوشاللىقىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ،ــ راستلا مۇشۇ دوختۇرخانىدا ئىشلەپ بېرىدىغان بولسىڭىز نەچچە پۇل دېسىڭىز ...،ــ ئادىل دېلشات ئېمىننىڭ چەكچەيگەن كۆزلىرىنى كۆرۈپ توختاپ قالدى ،
ــ مەن پۇلغا ئىشلەيمەن دېسەم بۇ يەرگە كەلمەيتتىم . سېنىڭ بۇ دوختۇرخاناڭ ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپە قوشاي دېدىم شۇ . ئەسىلىدە مېنىڭمۇ بىر دوختۇرخانا سېلىش نېيتىم بار ئىدى ، لىكىن سەن مەندىن چاققان چىقىپسەن ،
ــ بۇ دادامنىڭ ئۆمۈدى ،ــ ئادىل بېشىنى ئەگدى ،ــ ئۇنىڭ ئاخىرقى تىنىقلىردا يېنىدا بولالمىدىم ، ئۇزۇن يىللىق دوختۇر تۇرۇپ ، دادامغا بىر تال قۇتقۇزۇش ئوكۇلى ئۇرالمىدىم . ئەمدى ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر قان تەرى سىڭگەن بۇ يەرگە دادامنىڭ نامىدا  بىر شىپاخانا قۇرۇپ ، يەتمىش ياشتىن ئاشقانلارنى ھەقسىز داۋالاش ئېلىپ باراي دەپ ئويلىدىم . شۇنداق قىلسام بەلكىم دادامنىڭ روھى خوش بولۇپ قالار .
ــ ياخشى ئويلاپسەن . شىىپاخانىنىڭ رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىشنى ماڭا قويۇپ بەر . مېنىڭ ھازىر بىكار ۋاقتىم كۆپ . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ساھەدە تونۇشلىرىممۇ كۆپ .
ــ ئۇنداق بولسا شىپاخانىغا كېرەكلىك داۋالاش سايمانلىرى كىرگۈزىدىغان ئىشنىمۇ سىزگە ھاۋالە قىلاي دېلشاتكا ، سىزنىڭ بۇ جەھەتتە تەجىربىڭىز بار .
ــ خاتىرجەم بول .
شۇ كۈندىن باشلاپ دېلشات ئېمىننىڭ ئايىقى بۇ يەردىن ئۈزۈلمىدى . ئادىل ئىشقا كەتكەن كۈنلەردىمۇ ئۇ قايسى ئۆينى قانداق ئىشلىتىش ھەققىدە ئىنچىكىلەپ باش قاتۇراتتى . بەزىدە ئادىل ئىككىسى شىپاخانىنىڭ كەلگۈسى توغۇرلۇق نۇرغۇن پىلانلارنى تۈزۈشەتتى .
ــ مۇنداق قىلايلى ئۇكا ، ــ دېدى بىر كۈنى دېلشات ئېمىن ،ــ بۇ شىپاخانىنىڭ ئورنىمۇ چوڭ ، ئۆيلەرمۇ تولۇق بولغانكىن ، بالىلار كېسلىنى كۆرىدىغانغىمۇ مەخسۇس دوختۇر تەكلىپ قىلايلى .
ــ  تەجىربىسى بار دوختۇرلار بۇ يەرگە كېلەرمۇ ؟ــ دېدى ئادىل سەل ئىككىلىنىپ ،ــ دوختۇرنى تاپساق ، بالىلارغا ئوكۇلنى ياخشى ئۇرالايدىغان سېستىرادىنمۇ ئىككىنى تاپمىساق بولمايدۇ .
ــ مەن تونۇيدىغان بىردوختۇر بار ، تېخى يېقىندىلا ئارامغا چىقتى . پۈتۈن ناھىيە تەۋەسىدە ئۇنىڭدەك بالىلار دوختۇرىدىن پەقەت نەچچىسىلا بار ، ئۇنى ئەكەلسەكلا سېستىرانى ئۆزى تاپىدۇ . كىشىلەرنى رازى قىلىمىز دەيدىكەنمىز ، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ بالىلىردىن خاتىرجەم قىلىشىمىز كېرەك .
        شىپاخانا قۇرلۇشى تاماملانغىچە  دېلشات ئېمىن يۇقۇرى – تۆۋەن قاتىراپ يۈرۈپ شىپاخانىنىڭ بارلىق رەسمىيەتلىرىنى تولۇق بىجىرىپ بولدى .قۇرلۇش تاماملىنىپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغان كۈنى  ئادىل قۇرۇلۇشنى كۆتۈرە بەرگەن  غۇجايىنغا  پۇل بېرىش  ئۈچۈن بانكىغا بېرىپ كارتىنى سالغاندا ، كارتىدا 300 مىڭ يۇەن كۆپىيىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى . لېكىن بىر دەمدىلا « دېلشاتكامنىڭ قىلغان ئىشىكەندە » دەپ ئويلاپ يىنىك تىندى .
ــ سىزنىڭ ھەقسىز ئىشلەپ بېرىمەن دېگىنىڭىزمۇ چوڭ ياردەم ئېدى دېلشاتكا ،ــ  دېدى ئادىل قايتىپ كېلىپلا ،ــ يەنە بۇ پۇلنى ... ئەستا ... ئۆزەمنىڭ پۇلىمۇ يېتەتتى ئەمەسمۇ .
ــ بۇ پۇلنى ساڭا قەرز بەردىم . ئون يىلدىن كېيىن قايتۇرساڭ بولىدۇ ،ــ دېلشات ئېمىن ئادىلغا قاراپمۇ قويماي يېڭىدىن كەلتۈرۈلگەن قان تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى سىناپ بېقىش بىلەن ئاۋارە ئېدى ،ــ ئەمدى ئۆيۈڭنى ساتىدىغان ياكى باشقىلاردىن قەرز سورايدىغان ئىشلارنى ئويلاشما ، ــ سىز قانداق بىلدىڭىز ؟
ــ سېنىڭدەك بارلىقىنى كەسىپ ئۈچۈن ئاتىۋەتكەن دوختۇرنىڭ قانچىلىك پۇلى بولماقچىتى ، بۇنچىلىك ئىشنى بىلگۈچىلىكىم بار .
ئادىل نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدى ، دېمىسىمۇ بۇ ئۈچيۈز كۇۋادرات مىتىردىن ئارتۇق ئىككى قەۋەتلىك ئۆينىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن ئۇ ئىقتىسادتا خېلى ئوبدانلا قىيىنىلىپ قالغان ئىدى . ئۇنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئىقتىساد قىلغان پۇلى ۋە بانكىدىن ئالغان قەرز پۇل يېرىم يولدىلا تۈگەپ قالغانىدى . ھېلىمۇ ياخشى ئاكىسى قاراپ تۇرمىدى . ياغاچ ـ تاش ، قۇم –شېغىل، خش  قاتارلىق ماتىرياللارنى ئاكىسى بىر قوللۇق تەييار قىلىپ بەرگەندىن باشقا ،يىغقان تۈگكەنلىرىنىڭ ھەممىنى بەردى.
ــ   ئىشلارمۇ بىرەر قۇر جايىغا چۈشۈپ بولدى ،داۋالاش ئەسلىھەلىرنى تەمىنلەيدىغان شېركەت بىلەنمۇ ئالاقىلىشىپ قويدۇم ،ــ دېلشات ئېمىن جىممىدە تۇرۇپ  قالغان ئادىلنىڭ مۆرىسىگە يەڭگىل شاپىلاقلىدى ،ــ نېمە ھاڭۋېقىپ قالدىڭ ، ئارتۇقچە ئويلىماي مەن بىلەن يۈر ، ھاۋا يەپ كىرەيلى .
ئادىل ئۈن –تىنسىز ئەگەشتى .
ــ دەسلەپتە كەنت شىپاخانىسدا ئىشلەش ئارقىلىق دوختۇرلۇق ھاياتىڭنى باشلىغان ئىدىڭ ،ــ دېدى دېلشات ئېمىن  ،ــ ئاخىرىنىمۇ كەنت شىپاخانىسدا چۈشۈردىغان بولدۇڭ .
ــ شۇنداق . لېكىن ئۇ چاغلاردا قېنىم قىزىپ تۇرىدىغان ياش ئىدىم ، مانا ئەمدى ئۆچەي دەپ قالغان چىراققا ئوخشاپ قالدىم .
ــ مەن سەندىن چوڭ تۇرۇپ ئۆزەمنى قىران يىگىتلەردەك ساناپ يۈرسەم ، سېنىڭ نېمە دېگىنىڭ بۇ ئەمدى، خېلى شوق ، جۇشقۇن ئېدىڭ ، بۈگۈن نېم بولدى ساڭا ؟ــ دېلشات ئېمىن بىر دەم جىمىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلۇق –كىچىك تىندى ،ــ ئاجايىپ چاغلار ئىدى ئۇ . ئاجايىپ تېتىك ، روھلۇق ئىدىم . ئىشلىسەملا دەپ تۇراتتىم . بولۇپمۇ تىرەك بوستان يېزىلىق دوختۇرخانىدا ئىشلىگەن چاغلىرىم پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ .
ــ شۇنداق ، سىز شۇنداق روھلۇق بولغاچقا ، بىزمۇ ھېرىپ چارچىغىنىمىزنى بىلمەيتتۇق ،ــ ئادىل شۇنداق دەۋىتىپ تۇيۇقسىزلا   گۈلنىسانى ئەسلەپ ، يۈرىكىنى ئىسسىق بىر سىزىم كۆيدۈرۈپ ئۆتتى . شۇ كېچىدىن كېيىن ئۇ گۈلنىسانى زادىلا كۆرۈپ باقمىغان ئېدى . گۈلنىسا ئوبلاستلىق دوختۇرخانىدىن كېتىپ بىرەر ئايچە ئۆتكەندە ، ئادىل ئۆزى يالغۇز چوڭ ئۆيىگە كەلدى . ئۇ كېلىپ ئەتىسى  ئابدۇللا ئاكىنىڭ قورسىقى ئاغىرىپ ، ئىچى سۈرۈپ قالدى  . ئادىل شۇ ھامان ئاكىسىنىڭ موتىسكىلىتىنى مىنىپ  يېزىلىق دوختۇرخانىغا دورا ئېلىش ئۈچۈن باردى . ئۇ رېتسىپ يازدۇرۇپ ، دورا ئېلىش جەريانىدا گۈلنىسانى ئۇچىرتىپ قالارمەن دەپ شۇنچە ئۈمۈد بىلەن قاراپمۇ ،ئۇنى  كۆرەلمىدى . ئۇ بالنىست بىناسىغا كىرىپ ئىككى قەۋەتنى تولۇق ئايلىنىپ چىقتى . ئاپپاق خالات كېيىپ ئالدىراش يۈرگەن سېستىرالار ئارسىدىمۇ ،ئىشىك بېشىغا « سېستىرالار باشلىقى ئىشخانىسى» دېگەن خەت ئېسىلغان ئىشخاننىڭ قىيا ئوچۇق تۇرغان ئىشىكىدىن قاراپمۇ ، كۈتكەن ئادىمىنى كۆرەلمىگەن ئادىل دادىسىغا دورىنى تېزرەك ئاپىرىپ بېرىش ئۈچۈن ئالدىراپ كېتىپ قالدى . لىكىن شۇ كۈنى كەچتە ئۇنىڭ كۆزىگە ئۇيقۇ كەلمىدى . ئۈزۈم باراڭ ئاستىدىكى چوڭ كارۋاتقا سېلىنغان يۇمشاق كۆرپە ئۈستىدە خېلى ئۇزۇنغىچە ئۇ ياققا بۇياققا ئۆرۈلۈپ ئۇخلىيالمىغان ئادىل ئورنىدىن تۇرۇپ يولغا چىقتى . ئاي نۇرىدا يىلاندەك سوزۇلۇپ ياتقان چوڭ يولنىڭ ئىككى تەرپىگە جايلاشقان مەھەللە ئىچى جىمجىت ئىدى . ئۇ يۇلتۇزلار جىمىرلىشىپ تۇرغان ئاسمانغا بىر دەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ، ئىختىيارىسىز  ھالدا يېزىلىق شىپاخانا تەرەپكە قاراپ ئاستا قەدەم تاشلىدى .
ــ كىسەل كۆرسىتەمتىڭىز ؟
دەرۋازا يېنىدىكى كۆزەتچىنىڭ ئاۋازىدىن ئېسىگە كەلگەن  ئادىل ئۆزىنىڭ شىپاخانا دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرغانلىقىنى سىزىپ  چۆچۈپ كەتتى .
ــ ياق ... ھە ... ھەئە ، ئاشقازىنىم ئاغىرىپ كېتىۋاتىدۇ.
ــ ئەمسە كىرىڭ ،ــ دەرۋازىۋەن شاراقلاپ تۇرغان بىر توپ  ئاچقۇچ ئارىسىدىن بىر تال ئاچقۇچنى ئايرىپ   دەرۋازىنى ئاچتى ،ــ ئىككىنچى قەۋەتكە چىقىپ پەلەمپەينىڭ سول تەرپىدىكى ئىشخانىغا كىرسىڭىز بولىدۇ .
ئادىل تېز قەدەملەر بىلەن بىنا ئىچىگە كىرىپ ، پەلەمپەيدىن چىقىۋېتىپ  ئىككىلىنىپ قالدى ؛« نېمە دەپ كەلدىم ، بۇ كېچىدە نېمە بار بۇ يەردە ؟... ساراڭ بوپسەن ئادىل ، راستىنلا ساراڭ بوپسەن ، بۇ كېچىدە گۈلنىسانى سوراپ يۈرسەڭ سەت ئەمەسمۇ ؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈلنىسا سېنىڭ نېمەڭ ؟ كېچىدە ئۇنى ئىزدەيدىغانغا نېمە ئاساسىڭ بار ؟» شۇ خىياللار بىلەن ئادىل ئىككىنچى قەۋەتنىڭ كىرىش ئىشىكى ئالدىدىن ئاستا كەينىگە ياندى .
ــ دوختۇرنى تاپالمىدىڭىزما ؟ تېزلا يېنىپ چىقىپسىزغۇ ؟ــ ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي تولىمۇ تېتىك كۆرۈنىدىغان دەرۋازىۋەن كۆيۈنگەن ئاھاڭدا سورىدى .
ــ تاپتىم . دورا بەردى .
دەرۋازىۋەننىڭ چىرايىغا قاراشقىمۇ پېتىنالمىغان ئوچۇق تۇرغان كىچىك ئىشكىتىن تىزلا چىقتى –دە ، تىز قەدەملەر بىلەن يۈرۈپ كەتتى . ئۇ مەھەللىگە قايرىلدىغان دوقمۇشقا كەلگەندىلا ئاندىن قەدىمىنى ئاستىلىتىپ ، تەرلىرىنى سۈرتتى .
ــ جىمىپ كەتتىڭغۇ ؟ ــ خىيالغا پېتىپ كەتكەن ئادىل دىلشات ئېمىننىڭ ئاۋازىدىن ئېسىگە كەلدى .
ــ شۇ چاغلارنى ئويلاۋاتىمەن ،ــ ئۇ « گۈلنىسانىڭ خەۋىرىنى دېلشاتكامدىن سوراپ باقسام قانداق بولا » دەپ ئويلىغان بولسىمۇ ، ئاغزىدىن چىقىرالمىدى .  
ــ ھەممىڭلار  كەسىپكە ئوتتەك قىزىقىدىغان بالىلار ئىدىڭلار ،سىلەرنىڭ قىزغىنلىقىڭلار مېنى تېخىمۇ جانلاندۇرۋىتەتتى .بولۇپمۇ سەن ، ھەسەنجان ، ئابلىمىت ،.. يەنە سېستىرالاردىن  گۈلنىسا ، ئايگۆزەل ...ئاجايىپ جانلىق ئىشلەيدىغان قىزلار ئېدى .
ــ ھە راست ، گۈلنىسانى يۇرتىغا يۆتكىلىپ كېتىپتۇ دەپ ئاڭلىدىمغۇ دىلشاتكا ،
ــ شۇنداق .ئون نەچچە يىل بولغاندۇ ئۇ يۇرتىغا كەتكىلى .
ــ شۇنداقمۇ ؟خىزمەتنى ناھايتى ياخشى ئىشلەيتتى . نېمىشقا يۆتكىلىپ كەتكەندۇ ؟
ــ ئۇ قىزنى  ئوبلاستلىق دوختۇرخانىغا بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتسەم ، بىلىم ئاشۇرۇپ قايتىپ كېلىپلا ، ئاپىسىنىڭ ئېغىر ئاغرىق ئىكەنلىكىنى ، بىر ئايلىق رۇخسەت سورايدىغانلىقىنى ئېيتتى . بىر ئايلىق دەم ئېلىشتىن كېيىنلا « ئاپامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا يۇرتۇمغا يۆتكىلىدىغان بولۇپ قالدىم » دېدى . ئۇنىڭ كېتىشىگە كۆزۈم قىيمىسىمۇ ، ئائىلە ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ  ئۇنىڭ ئىلتىماسىغا قوشۇلدۇم .
كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاۋاتقان ئادىل دېلشات ئېمىننىڭ توختاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ، ئالدىراپ ئېغىز ئاچتى :
ــ ئاڭلىسام يولدىشى بىلەن ئاجىرشىپ كېتىپتۇ ھە ؟
ــ شۇنداق . يولدىشى خېلى يامان ئەمەس يىگىت ئېدى . يېزىلىق ھۆكۈمەتتە بىر مەزگىل ئىشلەپ ناھىيىگە يۆتكەلگەنتى . كېيىن نېم بولدىكىن بىلمىدىم ، گۈلنىسا ئاجىرشىمەن دەپ چىڭ تۇرۇۋاپتۇ دەپ ئاڭلىدىم .
ــ ھە ،ــ گۈلنىسا ھەققىدە كۆپرەك گەپ بولۇنۇشنى كۈتكەن ئادىل گەپنىڭ باشقا تېمىغا يۆتكىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ جىددىلىشىپ قالدى .
ــ كېيىن ئاڭلىسام ئۇلار يارىشىپ قاپتۇ . قوشكىزەك ئوغلى بار ئىكەن  ،ــ دېلشات ئېمىن ئادىلنىڭ كۆڭلىدىكىنى سەزگەندەك گېپىنى داۋاملاشتۇردى ،ــ گۈلنىسا بىلەن بىزنىڭ ئايال خېلى يېقىن ئۆتىدۇ ئەمەسمۇ ، ئايالنىڭ ئاغزىدىن بەزى گەپلەر قۇلىقىمغا كىرىپ قالىدىكەن ، لېكىن ئۇ ھازىر ئۆرۈمچىدە داۋالىنىۋاتقان ئوخشايدۇ .
ــ كىم ، گۈلنىساما ؟ نېمە كېسەل بىلەن ؟
ــ  ئۆز ۋاقتىدا گۈلنىسانىڭ كۆيۈپ پىشقانلىرىغا پەرۋا قىلماي ، ئۇنى داغدا قويۋېدىڭ ، ئەمدى ساقالغا ئاق كىرىپ قالغاندا ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ بولالمايۋاتىسەن ھە ،ــ دېلشات ئېمىن خىرىلداپ كۈلدى ،ــ سېنىڭ ھامان بىر كۈنى  ئۇ توغۇرلۇق سورايدىغىنىڭنى بىلەتتىم .لېكىن بەك كېچىكىپ سورۇدۇڭ ، يەنە سەل كېچىككەن بولساڭ ، ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى يەتكۈزگەن بولاتتىم .ــ دېلشات ئېمىننىڭ بايىلا كۈلكە يېغىپ تۇرغان چىرايى قايغۇلۇق تۈس ئالدى .
ــ نېمە دەيدىغانسىز دېلشاتكا ، گۈلنىسانىڭ كېسلى شۇنچە ئېغىرمىكەن ؟
ــ سۈت بېزى راكى بىلەن داۋالىنىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى ، ئايالىمدىن ئاڭلىسام كېسلى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قاپتۇدەك . يولدىشى كېچە –كۈندۈز يېنىدىن ئايرىلماي قاراۋېتىپتۇ دەيدۇ .
   ئادىل بايىلا ئۈزۈپ ، ئەمدىلا بىرنى چىشلىگەن ئالمىنىڭ  يەرگە چۈشۈپ كەتكىننىمۇ تۇيماي قالدى ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ئۇزۇن چاچلىرىنى ئەپچىلگىنە تۈگۈپ ، سېستىرالىق دوپپىسى كېيىۋالغان ، ئاپپاق خالات ئىچىدىمۇ زىلۋا ، چىرايلىق كۆرۈنىدىغان بەرنا قامەتلەر كېلىشى بىلەن ، ھېلىقى كېچىدىكى چوغدەك قىزىق لەۋلەر ، ئادىلنىڭ قەلبىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرغاندەك بولغان ئىسسىق تەن ، سۆپ –سۈزۈك ياش تامچىلىرى ئاستىدىكى قىزىرىپ تۇرغان يۈزلەر ،..كۆرۈنگەندەك بولۇپ  يۈرىكى يەنە بىر قېتىم تىتىرگەندەك بولدى . كىيىكتەك ئۈركۈپ تۇرغان ياشلىق كۆزلەر ئۇنىڭغا تىكىلگەندەك ، ئىسسىق نەپەسلەر ئۇرۇلغاندەك بولۇپ  ئېغىر ئوھ تارتتى .
ــ بولدى ئۇكا ، قايغۇرما . مۆجىزە يۈز بېرىپ ئۇنىڭ كېسلى ساقىيىپ قالامدۇ تېخى .
بىر كۈنى ۋاقت چىقىرىپ يوقلاپ كىلەرمىز .
   
                                                          خاتىمە

        ئابدۇللا ئاكىنىڭ يىل نەزىرى بېرىلگەن كۈنى « ئابدۇللا مېھىر –شەپقەت دوختۇرخانىسى »نىڭ  ۋېۋىسكىسى ئېسىلىپ رەسمى ئىش باشلىدى . ئابدۇللا ئاكىنىڭ تۈگەپ كەتكەن كۈنى بولغاچقا ، كەلگەنلا بىمارنىڭ ھەممىسىنى ھەقسىز داۋالاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ، دوختۇرخانا ئىچى ناھايتى ئاۋاتلىشىپ كەتكەن ئىدى .ئادىلنىڭ ئۇچىسىدىكى  ئاپپاق خالات ئىچىدىن چىقىپ تۇرغان كانىۋاي كۆڭلەكنىڭ ياقىسىدىن باشقا يەنە شەھىدە ئۆز قولى بىلەن كېيدۈرۈپ قويغان بادام دوپپا  ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى . دوختۇرلار ئالدىراش كىسەل كۆرەتتى ، سېستىرالار ئالدىراش ئوكۇل ئۇراتتى ، بىمارلارمۇ قوللىردىكى قەغەزلەرنى كۆتۈرۈپ تەكشۈرتۈش ، دورا ئېلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى . لېكىن شۇ ئالدىراشچىلىق ئىچىدىمۇ ھەممەيلەن شۇنداق خوشال ، كۆتىرەڭگۈ ، روھلۇق ئىدى .« ئابدۇللا مېھىر –شەپقەت دوختۇرخانىسى » دېگەن خەت قوياش نۇرىدا پارقىراپ تۇرغانغا ئوخشاش ، ھەممەيلەننىڭ  چىرايىدا خۇش تەبەسسۇم پارلاپ تۇراتتى .




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شېرىن1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-9 10:08  


ۋاقتى: 2015-9-8 22:00:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داششەت يىزىپ قويىدىكەنسىز، ئوقۇپ ئاخىرلاشتۇرۇپ بولغۇچە كۆزلۈرۈم تالدى، ھىكايە ئومۇمئى جەھەتتىن ياخشى چىقىپتۇ

ۋاقتى: 2015-9-8 22:01:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1-كۆزنەكتە ئەسەرنىڭ بۆلەكلىرىنى ئايرىيدىغان 4 دېگەن سان ئىككى يەردە بولۇپ قاپتۇ!

باھا سۆز

ئەمدى 10 دېگەن سان ئىككى يەردە بولۇپ قاپتۇ!  ۋاقتى: 2015-9-8 11:50 PM
رەھمەت. ئۆزگەرتىپ قويدۇم.  ۋاقتى: 2015-9-8 11:34 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-10 10:59:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا يازغان ئەسەر ئىدى ، پىشمىغان قەلەم بىلەن يازغان بۇنداق چوڭ ھەجىملىك ئەسەرنى مۇنبەرگە ياكى بىرەر مەتبۇئاتقا بېرىشكە جۈرئەت قىلالماي ساقلاپ قويغان ئىدىم . لېكىن ، شۇنچە ۋاقىت ۋە زېھنىمنى سەرپ قىلىپ يازغان ئەسىرىمنى تاشلىۋەتكۈم كەلمىدى ۋە مۇنبەردىكىلەرنىڭ پىكىرنى ئاڭلاپ باقاي دېگەن ئۈمۈدتە بۇ يەرگە يوللىدىم .

ۋاقتى: 2015-9-13 12:34:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېرىن جانىم مەرھابا ،بۇ ھېكايىڭىز شۇنچىلىك جانلىق چىقىپتۇ،شۇ بەرىكەتلىك  قوللار تالمىسۇن.

باھا سۆز

پوۋېستتۇ؟  ۋاقتى: 2015-12-29 01:37 PM
رەھمەت.  ۋاقتى: 2015-9-15 11:17 PM
ۋاقتى: 2015-9-13 14:12:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مىنىڭچە بۇ ھېكايىدىن ئۆتۈپ كىتىپتۇ.13،14 لىرى باركەنتۇق ئەسلى.مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرۇپ ئازراق كۈچىسىڭىز پوۋىست بوپمۇ كىتەتتىكەندۇق.
«خاتىمە» بىلەن ھەممىنى يىغىنچاقلاپ قويۇپسىز.ئەڭ ئاخىردىكى جۈملىگە قاراڭ.دوختۇرخانىغا كىرگەن ھەممە ئادەمنىڭ چىرايىدا خۇش-تەبەسسۇم پارلاپ تۇرشى ناتايىن.ئەمما مەخسىتىڭىزنى باشقا ئىبارىلەر بىلەن يورۇتسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ۋاقتى: 2015-9-13 17:03:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەسىرلىك يېزىلىپتۇ· بۇ ئ‍ەسەردىكى دوختۇر، سېستىرالارنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئ‍ېسىل پەزىلەتلىك ئ‍ىكەن.  ئ‍ەمما ئ‍ادىل دوختۇر تېخىمۇ كەسكىن زىددىيەتلەر ئ‍ىچىگە قويۇپ يېزىلغان بولسا تېخىمۇ تەبىئىي چىقار ئ‍ىكەن بۇ ئ‍ەسەر. چۈنكى ئ‍ادەمنىڭ ئ‍ورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنسېرى ئ‍ۇنىڭ رىقابەتچىلىرى ۋە رەقىبلىرىمۇ تەبىئىيلام كۆپىيىدۇ. لىكىن ئ‍ادىل ئ‍ۇنداق زىددىيەتلەردىن مۇستەسنا ھالدا تەسۋېرلىنىپتۇ.

ۋاقتى: 2015-9-13 17:24:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال يوللىغان ۋاقتى  2015-9-13 14:12
مىنىڭچە بۇ ھېكايىدىن ئۆتۈپ كىتىپتۇ.13،14 لىرى باركەنتۇ ...


تەھرىرلەندى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىپار. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-13 17:32  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-15 23:13:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال يوللىغان ۋاقتى  2015-9-13 14:12
مىنىڭچە بۇ ھېكايىدىن ئۆتۈپ كىتىپتۇ.13،14 لىرى باركەنتۇ ...

ئاخىرنى بەك ئۇزارتىپ ئوقۇغانلارنى زېرىكتۈرۈپ قويغۇم كەلمىدى، ھەم مۇشۇنداق ئاخىرلاشقىنى ياخشى دەپ ئويلىدىم .

ئاخىرقى جۈمىلىگە بەرگەن پىكىرىڭىزنى قۇبۇل قىلىمەن، راست ، بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقاندا نەزىر بولىۋاتقانلىقىنى ، ھەم دوختۇرخانىغا كەلگەن بىمارلارنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم پارلاپ تۇرمايدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلىماي ، ئادىلنىڭ دادىسىنىڭ كۈتكەن ئۈمۈدىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنىلا ئويلاپتىمەن . مۇشۇنداق سەمىمى پىكىرلەر كۆپرەك بولسا ياخشى بولىدىكەن .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-15 23:22:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەبىي يوللىغان ۋاقتى  2015-9-13 17:03
تەسىرلىك يېزىلىپتۇ· بۇ ئ‍ەسەردىكى دوختۇر، سېستىرالار ...

ئويلىغىنىڭىزمۇ توغرا .

ۋاقتى: 2016-1-8 20:55:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوختۇرلارنىڭ جاپاسىنى، دەردىنى قەلىمى ئارقىلىق يورۇتۇپ بەرگەن ئاپتۇرغا رەھمەت. ئەسەر مېنى بەكلا تەسىر قىلدى. بەزى جايلىرىدىن ئۆزۈمنى كۆرگەندەك بولدۇم .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش