كۆرۈش: 319|ئىنكاس: 5

ئەھەدجان:دۇنياۋىي تەسىرگە ئىگە ئاياللار ھوقۇقى قوللانمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                      دۇنياۋىي تەسىرگە ئىگە ئاياللار ھوقۇقى قوللانمىسى

                                                             ئەھەدجان تۇردى         

     بۇنىڭدىن دەل 21 يىل بۇرۇن لىن بەي ئىسىملىك جۇڭگولۇق بىر ئايال يازغۇچىنىڭ «يالغۇز كىشىلىك كۆرەش» ناملىق ئېسىل رومانى نەشردىن چىقىپ، ھەممە تەرىپىدىن ئورتاق ھالدا « جۇڭگو ئاياللار ھوقوقىنىڭ خىتابنامىسى»، «ئاياللار ھوقوقى قوللانمىسى» دەپ تەرىپلەنگەن ھەم دەل مۇشۇ رومان شەرىپى بىلەن جۇڭگودا خاس ئاياللار ئەدەبىياتغا قارىتىلغان مۇكاپات تەسىس قىلىنغان.

                                          22.png

                                      ( داڭلىق يازغۇچى لىن بەي خانىم )

     ئاياللارنىڭ ئورنىغا تارىخىي نۇقتىدىن باھا بېرىپ، ئاياللارنىڭ جەمئيەتتىكى ئورنى ھەققىدە چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلگەن بۇ نادىر روماننىڭ چەت ئەللەردىكى تەسىرى ھازىرمۇ پەسەيگىنى يوق.


                                  33.png

                    («يالغۇز كىشىلىك كۆرەش »رومانىنىڭ مۇقاۋىسى)

   لىن بەي خانىمنىڭ 2012-يىلى نەشر قىلىنىپ لاۋشې ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «سەپەر خاتىرىسى» ناملىق رومانىمۇ بىر ئايالنىڭ كۆزى ئارقىلىق جەمئىيەتنى كۆزىتىپ، ئۆزگىچە ئۈنۈمگە ئېرىشكەن.


                                       44.png

                        («سەپەر خاتىرىسى» رومانىنىڭ مۇقاۋېسى)

  لىن بەي خانىمنىڭ تەسىرى تېخى بېسىلماي تۇرۇپ، 2012-يىلى مالايسىيا تەۋەلىكىدىكى لى زېشۇ ئىسىملىك بىر ئايال يازغۇچى باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، دۇنيانى تاڭ قالدۇردى.

                                  55.png
                              
                                     (لى زېشۇ خانىم )

1976-يىلى مالايسىيادا تۇغۇلغان بۇ ئايال يازغۇچىنىڭ ھازىرغىچە 13 پارچە ھېكايىسىدىن تەركىب تاپقان  «ياۋايى بۇددا» ناملىق توپلىمى جۇڭگودا نەشر قىلىنغان بولۇپ، 2014-يىلى نەشر قىلىنغان بۇ كىتاب جۇڭگو ئوقۇرمەنلىرىگە ناتونۇش بولغان بۇ يازغۇچىنى بىراقلا تونۇتۇپ، قىزغىن بەس- مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان.
لى زېشۇ خانىمنىڭ چەت ئەللەردىكى تەسىرى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، ئۇ چەت ئەللەردە جۇڭخۇا يازغۇچىلىرىغا قارىتىلغان ھەر تۈرلۈك چوڭ مۇكاپاتلارنىڭ ھەممىسىگە ئېرىشكەن بولۇپ، «دۇنيا ئاياللار ھوقوقى قوللانمىسىنىڭ بەرپاچىسى» دەپ يۇقىرى باھالانغان.
ئۇنىڭ «ياۋايى بۇددا» ناملىق ھېكايىلار توپلىمى ھازىرغىچە 30 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايۇندا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان، تونى موررىسۇن قاتارلىق نوبېل مۇكاپاتىغا  ئېرىشكەن ئايال يازغۇچىلار بۇ كىتاب ھەققىدە خاس ماقالىلارنى يازغان، شۇ سەۋەبتىن ئۇ ئاياللار ھوقوقى خىتابنامىسىغا ئايلانغان.  شۇنىڭ بىلەن بىللە لى زېشۇ لىن بەي خانىمغا قوشۇلۇپ دۇنيا ئاياللار ھوقوقى ھەققىدە قەلەم تەۋرەتكەن نوپوزلۇق يازغۇچىلارغا ئايلانغان.
لىن بەي خانىمنىڭ يۇقىرىقى ئىككى رومانى ۋە «ياۋايى بۇددا» ناملىق ھېكايىلار توپلىمىنى ئوقۇپ شۇنى ھېس قىلدىمكى، بۇ يازغۇچىلار ئەسەرلىرىدە ئاياللارنىڭ مۇھەببەت، ئائىلە، نىكاھ قاتارلىق جەھەتلىرىدىن كۆپ ھالقىپ كەتكەن.ئاياللارنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىغا كۆڭۈل بۆلۈش توغرىىسىدا ئىزدەنگەن.


                                        00.png

                           («ياۋايى بۇددا» توپلىمىنىڭ مۇقاۋىسى)           

    بۇ توپلامدىكى 13 پارچە ھېكايە ھەقىقەتەن ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇنىڭ 12 پارچىسى نوپۇزلۇق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. تېما ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىن رەڭگارەڭ بولۇپ، بىر ئوقۇشقا، ئۇسلۇب جەھەتتىن ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ.  بۇ ھېكايىلار يەنە چەت ئەل ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى بىلەن كىلاسسىك خەنزۇ ئەدەبىياتىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ يېزىلغان بولۇپ، بەكلا ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئىكەن.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-8 13:42  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-8 11:48:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئائىلە ماجراسى، نىكاھ پاجىئەسى دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتەلمىگەن ئۇيغۇر ئاياللار ئەدەبىياتى ئۈچۈن بىر  سېگنال بوپتۇ.

ۋاقتى: 2015-9-8 12:08:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرچە تەرجىملىرى بارمىدۇ؟

ۋاقتى: 2015-9-8 13:03:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئوقۇپ بېقىشقا ئەرزىگىدەك .

ۋاقتى: 2015-9-8 13:37:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەھەدجاننىڭ ئەجرىگە رەھمەت! تولىمۇ قىممەتلىك ئۇچۇرلاردىن خەۋەر تاپتىم.

ۋاقتى: 2015-9-9 16:55:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە قىلغۇچە ساقلاپ تۇراي،كۈندە خەنزۇچە خەلتەر ئارىسىدا يۈرگەچكىمۇ ،ئۇيغۇرچە خەتنى ئوقۇش ماڭا ئالامچە ھۇزۇر بىغىشلايدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش