يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 630|ئىنكاس: 4

ئەخەتجان: بالىلىق خاتىرىلىرى ۋە بالىلار ئەدەبىياتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بالىلىق ئەسلىمىلىرىمنىڭ ماڭا بەرگەنلىرى
ئەخەتجان تۇردى
ahatjan.JPG

    ئېسمىمنى بىلسەم ئاتا-ئانام دېھقان ئىكەن. ئۇلار گەرچە ساۋاتسىز بولسىمۇ ناخشا-سازغا خۇمار ئىدى. ئۆيىمىزدە بىر قارا رادىئو بولىدىغان.  دادام ھەر كۈنى كەچتە ئاشۇ رادىئونى قوياتتى. ئۇنىڭدا ئۈزمەي بېرىلىدىغان ئېسىل ناخشىلار ھەممىمىزنى مەپتۇن قىلاتتى. مېنىڭ يۈرىكىمگىمۇ ئەدەبىيات-سەنئەت ئوتى ئاشۇ چاغلاردىلا يېقىلغان ئىدى.  كېيىن مەكتەپكە كىردىم. ساۋادىمىز چىقىشى ھامان مۇئەللىم ھەر بىرىمىزنىڭ  ئوقۇشى ئۈچۈن  ئۈچ تالدىن «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىنى تارقىتىپ بەردى.  مەن ھەجىلەپ يۈرۈپ بۇ گېزىتلەردىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا باشلىدىم. مەن بۇ ئەسەرلەرنى ئوقۇغانچە قىزىقىپ قالدىم.  بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى تاتلىق يېزىلغان شېئىرلار  مېنى ئۆزىگە تارتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ شېئىرلارنى نەچچە ئون قېتىم ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن  باشقا ساۋاقداشلىرىمنىڭ قولىدىكى گېزىتنى ئارىيەت ئېلىپ ئۇلارنىمۇ قايتا-قايتا ئوقۇدۇم.  شۇنداق قىلىپ ئەدەبىياتنىڭ ئوتى يۈرۈكۈمگە رەسمىي يېقىلدى.  باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدىن باشلاپلا «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىدىكى شېئىرلارغا تەقلىق قىلىپ شېئىرلارنى يېزىشقا باشلىدىم. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىغا چىققاندىن كېيىن مەنمۇ يازغانلىرىمنى گېزىتكە ئەۋەتمەكچى بولدۇم ۋە مۇئەللىمنىڭ ياردىمىدە «قارلىغاچ» ناملىق بىر شېئىرىمنى چىرايلىق كۆچۈرۈپ گېزىتكە ئەۋەتتىم. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپ بۇ شېئىرىم «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. مەن ئالەمچە خوشال بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن ئىجادىيەتكە بېشىمچىلاپ كىرىپ كەتتىم.
    مەن تاكى 2007-يىلغىچە شېئىرلا يېزىپ يۈردۈم. بۇ ئارىدا 30 پارچىدىن كۆپرەك شېئىرىم  «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى »گېزىتىدە ئېلان قىلىندى.  مەن بۇ ئارىدا «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى»، «تارىم غۇنچىلىرى» دىكى ھېكايىلەرنىمۇ قالدۇرماي ئوقۇپ ماڭدىم. ئەمما بۇ ھېكايىلەردىن ماڭا يارايدىغانلىرى بەك ئاز ئىدى. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان  «ئۈچ بولكا»غا ئوخشاش نادىر ھېكايە يوق دىيەرلىك ئىدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ناھايتى ئاددىي بايان ماقالىلىرى بولۇپ، كۆپىنچىسى قۇرۇق ۋەز - نەسىھەتلەر بىلەن تولغان ئىدى . ناھايتى كەپسىز، دۆت بىر ئوقۇغۇچىنىڭ مۇئەللىمنىڭ بىر قېتىملىق نەسىھىتى  بىلەنلا ئۆزگىرىپ ھەممىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان ياخشى  بالىغا ئۆزگىرىدىغان  سۈنئىي تىپتىكى ئەسەرلەر كۆپ ئىدى. ۋەقەلىك مەكتەپ ئىچىدىكى ئىشلاردىن يىراقلىيالمايتتى . ئاشۇ تەربىيەنىڭ، ئاشۇ مەكتەپ تۇرمۇشىنىڭ بالىلارنىڭ قەلبىدە پەيدا قىلغان ئۆزگىرىشلىرىگە بەكلا سەل قارالغان ئىدى. «ئۈچ بولكا»غا ئوخشاش تەربىيە  ۋەقەلىك جەريانىغا سىڭدۈرىۋېتىلىدىغان ئالاھىدىلىك بۇ ئەسەرلەردىن تېپىلمايتتى . بۇنداق ئەسەرلەر ئاتا-ئانىسى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىدىن كۈندە نەچچە رەت تەربىيە ئاڭلاپ تۇرىدىغان كىچىك ئوقۇرمەننى ئاسانلا زېرىكتۈرۈپ قوياتتى.
  مەن بۇ ئەھۋاللارنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن شېئىر ئىجادىيتىمگە قوشۇپ ھېكايىمۇ يېزىشقا باشلىدىم. مەن تاكى «بۇزغۇنچى» دېگەن ھېكايىنى ئوقۇغۇچە بولغان ئارىلىقتا ناھايتى ئاددىي ھېكايىلەرنى يازدىم.  بۇنىڭدىن بەش-ئالتە پارچىسى «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى. 2009-يىلى «بۇزغۇنچى» دېگەن ھېكايىنى ناھايتى زوقلىنىپ ئوقۇدۇم. بۇ ھېكايىنى ئوقۇشۇم بىلەن تەڭ بالىلىق چاغلىرىمدىكى كۆڭۈللۈك كۈنلىرىم كۆز ئالدىمغا كېلىشكە باشلىدى.  مەن چەت بىر مەھەللىدە تۇغۇلغان،  ئۆيىمىزگە يېقىنلا يەردە تىزناپ دەرياسى بار ئىدى. مەن يەنە مەكتەپكە كىرىشتىن  ئىلگىرى ئىككى يىل جاڭگالدا قوي باققان ئىدىم. بۇ كۈنلەر قەلبىمدە ئۇنتۇلماس ئەستىلىكلەر قاتارىدا ساقلىنىۋاتاتتى.
  بالىلىقتىكى ئاشۇ گۈزەل خاتىرىلەر كۆز ئالدىمغا كېلىشى بىلەن تەڭ كۆڭلۈم پاللىدە يورۇپ كەتتى.  مەن بۇ خاتىرىلەردىن قايسىلىرىنى يېزىشنى، قانداق يېزىشنى ئاسانلا بىلىۋالدىم. شۇنىڭ بىلەن يەنە يېرىم يىلدەك ئۆزۈم تاپالايدىغانلىكى بالىلار كىتابلىرىنى قېتىرقىنىپ ئوقۇپ ماھارەت ئىگەللىدىم. ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىنلا يۇرتۇمدىكى ئەنئەنىۋى مەھەللىلەرنىڭ ئىسمى بىلەن ناملانغان بىر يۈرۈش ھېكايىلەرنى يېزىشقا باشلىدىم.  ئىمكان بار ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى يېزىشقا، تەربىيەنى ئوچۇقتىن-ئوچۇق ئەمەس، ھېكايە ئىچىگە سىڭدۈرۈشكە تىرىشتىم.
   بىز ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنگىچە بولغان تەرەققىياتىنى سۆزلىگەندە، بولۇپمۇ بالىلار ھېكايىچىلىقىنى تىلغا ئالغاندا  «ئۈچ بولكا»، «مېنىڭ دادام»، «مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى»، «بۇزغۇنچى»،  «گۆش يىمەيدىغان بالا» قاتارلىق ھېكايىلەرنى مەمنۇنلۇق بىلەن تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز. بۇ ھېكايىلەر ھەر قايسى جەھەتلەردىن ۋايىغا يەتكەن ئۈلگىلىك ئەسەرلەر ھېسابلىنىدۇ. «مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى»  دېگەن ھېكايىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ داۋۇدېتنىڭ  مەشھۇر ئەسىرى «ئەڭ ئاخىرقى دەرس»تىن قېلىشمايدۇ. «ئۈچ بولكا» ھېكايىسى بالىلارغا ئەدەپ- ئەخلاق تەربىيسى ئېلىپ بېرىشتا ئەڭ ياخشى ئوقۇشلۇق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بالىلارنىڭ تولىمۇ ساپ بولغان روھىي دۇنياسىنى مۇۋاپپىقىيەتلىك يورۇتۇپ بەرگەن نادىر ھېكايە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
لېكىن  ئۇيغۇر بالىلار پروزىچىلىقى يەنىلا ئاجىز ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ.گەرچە يۇقارقىدەك سەرخىل ئەسەرلەر ئاز-تولا يېزىلغان بولسىمۇ،بالىلارنىڭ پىسخىكىسى ۋە خاراكتېرىنى ئېچىپ بېرەلىگەن ئەسەرلەر تولىمۇ ئاز.  مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر، بالىلار ئويۇنلىرى، چوڭقۇر مەنىلەر سىڭدۈرۈلگەن ئەسەرلەر تېخىمۇ ئاز.
  ھازىرغىچە يازغان ھېكايىلىرىمدىن تاللاپ تۈزۈلگەن «قۇشقا ئامراق بالا» ناملىق توپلىمىم تۇنجى نۆۋەتلىك «تارىم غۇنچىلىرى بالىلار ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. مەن ھەم خوشال بولدۇم، ھەم خىجىل بولدۇم. خۇشال بولۇشۇم تۇنجى كىتابىم مۇكاپاتلاندى. خىجىل بولۇشۇمنىڭ سەۋەبى-تېخىچە ئۆزۈم رازى بولغۇدەك ھېكايىلەرنى يازالمايۋاتاتتىم.
   مۇكاپاتقا ئېرىشىش شەرەپلىك ئىش. ئەمما مۇكاپاتقا ئېرىشىپلا خۇدىنى بىلمەي قېلىش، مەسئۇلىيەتنى ئۇنتۇش نومۇسلۇق ئىش. شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، بالىلار  ئەدەبىياتىمىزدا ھەممىنى ھاڭ-تاڭ  قالدۇرىدىغان  ئەسەرلەر تېخى يېزىلغىنى يوق. ئەنە شۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىش، بالىلىرىمىزنىڭ يۈرەك ساداسىغا ياندىشىش، ئۇلارغا ھەقىقىي مەنىۋى ئوزۇق ۋە زوق بېرىش بىز بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيتى. مەن مۇشۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىمەن. مەن ئۈچۈن تۈگىمەس بايلىق ھېسابلىنىدىغان بالىلىق خاتىرىلىرىمنى داۋاملىق نۇرلاندۇرۇپ تۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن.
(«تارىم عۇنچىلىرى»ژۇرنىلىنىڭ 2015-يىللىق 2-3-قوشما سانىدىن)



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-8 11:37  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-8 11:44:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىمىڭىز مېنىڭمۇ بالىلىق چاغلىرىمنى ئىسىمگە سالدى. نەشىر قىلىنغان كىتابىڭىز، ئىرىشكەن مۇكاپاتلىرىڭىز كېينكى تېخىمۇ كاتتا شان-شەرەپلەرنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالار. ۋاقىتتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىڭىزگە قايىلمەن.

ۋاقتى: 2015-9-11 10:11:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلار ئەسەرلىرىمىز ئىچىدە بالىلىق ئەسلىمىلىرى تېمىسىدىكى ئەسەرلەر كۆپ سالماقنى تەشكىل قىلىدۇ. چۈنكى، چوڭلارنىڭ بالىلار ئەسەرلىرىنى يېزىشى بىرى بالىلىققا قايتىشنى، بالىغا ئايلىنىشنى، يەنە بىرى نۆۋەتتىكى  بالىلار تۇرمۇشىنى ئىنچىكە كۈزىتىپ، بالىلىق دۇنياغا چوڭقۇر چۆكۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەخەتجاننىڭ بالىلىق ئەسلىمىلىرىنىڭ ئىجادىيىتى ئۈچۈن قۇرىماس بۇلاق بولىشىغا تىلەكداشمەن. ئەخەتجان ئىنىم بالىلرىمىزنىڭ ،جۈملىدىن بىزنىڭ كۆزىمىز سىزدە، ئىجادىيەت تۇلپارىڭىز تېخىمۇ يىراقلارغا،تېخىمۇ ئىگىزلەرگە پەرۋاز قىلسۇن!

ۋاقتى: 2015-9-11 16:47:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بالىلىق ئەسلىمىلىرىڭىز  ئادەمنى قىزىقتۇرىدىكەن، سىز ھەقىقەتەن بالا ۋاقتىڭىزدىلا بىر كىتابنى ئېلان قىلدۇردىڭىز،

ۋاقتى: 2015-9-17 14:27:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچانلىقىڭىزغا قايىلمەن، مەنمۇ ئىزدىنىۋاتقان، لېكىن تىرىشچانلىقى تازا يېتەرلىك بولمايۋاتقان بىر ھەۋەسكار بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزنىڭ قازانغان ئۇتۇقلىرىڭىزنى تەبرىكلەيمەن. بولسا ھەمكارلىق ئاساسىدا بىزنىمۇ يېتەكلىۋېلىڭ!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش