قەلبىمدىكى دەريا
( چاتما نەسىرلەر)
قەلبىنۇر ئىلياس
*
مېھىر ئالىمىنىڭ جوغراپىيىۋىلىك خەرىتىسى قەلبكە سىزىلغان. ئۇنىڭ يۈكسەك تاغلىرى ، بىپايان ئاسمانلىرى ،چەكسىز كەتكەن يېشىل يايلاقلىرى ،زۇمرەتتەك دېڭىزلىرى ئارىسىدا ئىنسان قەدرى – قىممىتىنىڭ بەرنالىقى يېتىلگەن .
قەلبدىكى دەريا -ئەنە شۇ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان تۇيغۇ زىمىنىدا ئېقىپ توختىمىغان، چەكسىز مۇھاببەتنىڭ داۋامى. ئۇ تولىمۇ يۈكسەك بولغان سۆيگۈ چوققىلىرىدىن باشلانغان ، ئاندىن قەلبلەر ئارقىلىق قەلبلەرگە ئاچىلانغان.
1
ئۇپۇقنىڭ يۈرىكىدە ئولتۇرغان يالقۇنلۇق رىۋايەت ،پەلەك بوشلىقىدىن ئېقىپ چۈشۈپ، تومۇر ئۆستەڭلىرىمدە ئۆركەشلىدى . روھىمنىڭ بېپايان تاغلىرى ئارىسىدىن بۇلاقتەك كۆزلەر ئېچىلىپ، زۇمرەتتەك بىر تۇيغۇ ئەنە شۇ ئۆركەشلەرگە قوشۇلدى .
مەن ئاسمان بىلەن زىمىننىڭ ئارىسىدا لەپىلدەپ تۇرغان تەسەۋۋۇرۇم بىلەن ھەۋا ئانىنىڭ ئاياللىق دەرياسىنى قەلبىمگە باشلىغان ئىدىم ، دىلىم ئىزگۈلەرگە لىققىدە تولدى .
شۇندىن بۇيان ئۆز قەلبىمنىڭ پايانىدا ئېقىپ كەلدىم ،كۆڭۈل گىرۋەكلىرىم ئەتراپىدا گۈللەر ئېچىلدى.سەن ساھىلىم يېيىلغان ئورمانلار ئارىسىدىن چىقىپ كەلدىڭ ،ئەرلىك چىنارىڭغا سۆيگۈم ئېسىلدى. زۇمرەتتەك ئەقىدەڭنى يۈرىكىمگە تاشلىغان ئىدىڭ ، ئۇ، چەكسىز چوڭقۇرلۇغىمغا ئۈنچە بولۇپ چېچىلدى . شۇندىن ئېتبارەن ئاياللىق ئىمتىيازىنىڭ تەختىدە ئولتۇردۇم ، بەخت كۈشەندىسىدەك بىر پاتمان ئازاپ ، تۇرمۇش كۆيىقابىدىن چىققان بوراندەك ھاياتلىق زەمزەملىرىمنىڭ ئۈستىگە ئاستا- ئاستا يېيىلدى ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-8 11:39