يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 452|ئىنكاس: 6

بەگيار(ت):ئەدەبىيات ئۈگىنىلىشى كېرەك بولغان ئىلمدۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەدەبىيات ئۈگىنىلىشى كېرەك بولغان ئىلمدۇر

گابرىل گارسىيا ماركوز(كولومبىيە)

       «يۈز يىل غېرىپلىق»،«بۇزرۇكنىڭ كۆزى»ۋە«ئاشكارە قاتىللىق قىسسەسى»قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە خېلى تونۇش بولغان كولۇمبىيەلىك ئەدىپ گابرىېل گارسيا ماركوز دۇنيا ئەدەبىياتىدا ئۆز سۆزى ۋە ئۇسلۇبىغا ئېگە ئىجادكارلاردىن بىرى سانىلىدۇ.ئۇنىڭ ئەدەبىيات ھەمدە دۇنيانىڭ كلاسسىك يازغۇچىلىرى ھەققىدە بىلدۈرگەن پىكرلىرى يىللار ئوتسىمۇ ئەھمىيىتىنى يوقاتمىغان.بۇنىڭدىن نەچچە يىللار مۇقەددەم ھاۋانانىڭ «بوخمىيە» ژۇرنىلىدا ئەدىپ بىلەن كۇبالىق ژۇرنالىست مانۇېل پېرېيراينىڭ ئەدەبىيات خۇسۇسىدىكى سۇھبىتى ھەققىدىمۇ شۇنداق «ئەھھمىيىتىنى يوقاتمىغان» دېسەك بولىدۇ.تۆۋەندە بۇ سۇھبەتنىڭ بىر قىسمىنى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ دىققىتىگە سۇنىمىز.
       —نەچچە يىللار ئىلگىرى سىز ئېيتقان بىر گەپ قۇلىقىمغا كىرىپ قالغانىدى.شۇ چاغدا سىز يازغۇچى ياخشى ئەسەرلەرنى ئىجادقىلىش ئۈچۈن سېرۋانتېس،لاپې دې ۋېگا، كېۋېدالاردىن بەكراق دادىل بولۇش بىلەن بىر گە،ئۆز ئالدىغا ئېنىق مەقسەدلەرنى قويۇشنىمۇ بىلىشى كېرەك، دېگەنىدىڭىز. ھازىرچۇ، بۇ ھەقتىكى پىكرىڭىز ئۆزگەرمىدىمۇ؟
       —بىر يازغۇچى ئۈچۈن مۆتىدىللىك،كەمتەرلىكلەرنى ئارتۇقچە ياخشى پەزىلەت، دەپ ئويلايمەن. ئەگەر سىز ئەل قاتارى يېزىش نىيىتىدە بولسىڭىز، ئۇ ھالدا ئاشۇ ئاددىيلار دەرىجىسىدە قېلىۋېرىسىز.دۇنيادا بارچە شۆھرەتپەرەس ئىنسانلار داىم ئۆز ئالدىغا ناھايىتى ئۇلۇغ، يۇكسەك مەقسەدلەرنى قويىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە،ئۇلار سوفكل، دوستيوۋېسكىي قاتارلىق مەشھۇرلارنى مىسال كەلتۈرۈپ، ساڭا يېزىشنى ئۈرگىتىشكە ئىنتىلىدۇ. شۇنداق ئىكەن، نېمە ئۈچۈن بۇ بۈيۈك رەسساملاردىن يامانراق يېزىشىمىز كېرەك؟ ئىجادكارنىڭ مەقسىتى ئەلۋەتتە، ئۇلاردىن ياخشىراق يېزىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرۈشتىن ئىبارەت ئەمەسمۇ؟
       —دېمەك،رېجى دابرې بىر نۇتقىدا ئۆرنەك بولالايدىغان مەشھۇرلار زەىپلىشىپ كېتىشتىن بۇرۇن ئۇلار بىلەن ئېلىشىش كېرەك، دەپ تەكىتلىگەن، سىزئۇنىڭ بۇ پىكرگە قوشۇلارسىزمۇ؟...
      — داىم شۇنداق ئويلاپ يۈرىيمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قېتىم كىشىلەر مەندىن فولكنېر توغرىسىدا سوراشقاندا مەقسىتىمنىڭ ئۇنىڭغا تەقلىد قىلىش ئەمەسلىكىنى ئېيتىمەن.بۇنداق پىكرلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەر بىر ئىجادكار ئامېرىكا ئەدەبىياتى ۋەكىلىدىن دۇرۇستراق يېزىپ، ئامما ئېڭىغا تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك.ئەنە شۇ چاغدىلا بارچە ئۇششاق- چۈشەك گەپلەرگە ئورۇن قالمايدۇ. تەقلىدچىلىك ھەققىدىمۇ شۇنداق.
      — سىزنى سېرۋانتېسقىمۇ تەقلىد قىلىدۇ دېيىشىدۇ...
      — ياق،ئۇ ماڭا تەسىر كۆرسەتكەن،دەپ ئويلامەيمەن.
       — يازغان ئەسەرلىرىڭىزنى ئاممىغا ئېلان قىلىشتىن ئاۋال بەزىلەرگە ئوخشاش كىمگىدۇر ئوقۇپ بېقىشقا بېرەمسىز؟
       — ھەزگىز. ئەسەرلىرىم ئۇ ياقتا تۇرسۇن،ھەتتا يازغان بىرەر ھەرپىمنىمۇ ئۆزگىگە كۆرسەتمەيمەن.چۈنكى ئەدەبىيات جەمئيەتنىڭ مەھسۇلى بولسىمۇ،ئۇنى ئىندىۋىدۇال شەخس يارىتىدۇ.ئۇنىڭدىن قالسا، ئەسەر يېزىش پەقەت بىرلا كىشىنىڭ ئىجادىي مېھنىتى ھېسابلىنىدۇ.ھېچ بىر ئىنسان سېنىڭ يېزىشىڭغا ياردەم بېرەلمەيدۇ.ئەسەر يېزىۋاتقىنىڭدا سەن مۇتلەق يالغۇزسەن،ئاجىزسەن،باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا،سەن گويا دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا غەرق بولىۋاتقان كېمىگە ئوخشايسەن.ئەگەردە كىمنىڭدۇر ياردىمىگە تايىنىپ، ئەسەرلىرىڭنى بىرەر كىشىگە بەرسەڭ ۋە ئۇ ساڭا ناتوغرا يول كۆرسەتسە،بۇ، ئىجادكار ئۈچۈن ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقان بىلەن باراۋەر.
      يەنە بىر تەرەپتىن بولسا،ئەسەر يېزىۋاتقىنىڭدا نېمىلەرنى ئويلاۋاتقا نلىقىڭنى،ھېس قىلىۋاتقانلىقىڭنى سەندىن باشقا ھېچ كىم بىلمەيدۇ. ئەمما ئەسەرلىرىمنىڭ باھاسىنى بىلىش ئۈچۈن باشقىچىراق سىستېمىغا ئاساسلىنىمەن. ھەر قېتىم بىرنەرسە يېزىشنى ئويلىسام داىم دوستلىرىمغا سۆزلەپ بېرىمەن. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزۈمنى ئۇنۇتقان ھالدا بىر ھېكايىنى ئۇلارغا ئۈچ قېتىملاپ ئېيتىپ بېرىدىكەنمەن. ئەڭ قىزىقى،بىر ھېكايەمنى ھەر قېتىم ئۆزگەرتىپ سۆزلەيدىكەنمەن. بۇ راستىنلا شۇنداق. شۇ تەرىقىدە دوستلىرىمنىڭ ئىنكاسى ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ ئاتۇقچىلىق ۋە يىتەرسىزلىكلىرىمنى بىلىۋالىمەن.قاراڭ،بۇ نداق ئىشلەش ماڭا دۆلەتنىڭ قايېرىدە تۇرۇش ۋە تۇرماسلىقنى ئۈگىتىدۇ.
        —زەمانىۋىي تېخنىكىلارغا قانداق قارايسىز؟ يەنى دېمەكچىمەنكى،داىم كومپىيوتېردا يازامسىز؟
        — بىر كۇنى ئۇنىڭدا يېزىشقا ئۇرۇنۇپ باقتىم ۋە ئۈگىنىۋالدىم. ھەتتا ھازىر ئۇنىڭ ياردىمىسىز بىرەر ئىشنىمۇ قىلالمايمەن. غەيرى ئاددىي قىيىنچىلىقلار نېمەدۇر يېزىشقا توسقۇنلۇق قىلىشى مۇمكىن. بۇنداق ھاللاردا كومپىيوتېرلار توسقۇنلۇقلارنى شۇنداق بىر سىپايىلىك بىلەن ھەل قىلىدىكى،بۇنى ھەتتا سەزمەي قالىسىز.
      ئەلۋەتتە،كومپىيوتېردا يېزىشتىن قورقىدىغان خېلى كۆپ يازغۇ چىلارنى بىلىمەن. گېزى كەلگەندە بىر گەپنى ئېيتىپ ئۆتىشىم كېرەك: ھاياتتا سۆيگۈ، مۇھەببەت، نەپرەت، ئاداۋەت، ئەدالەتكە ئوخشاش تۇيغۇلار مەۋجۇت.بىراق ئىجادكار ئۇلارنى يېزىشى،رەسسام سىزىشى ئۈچۈن ئۇ بەختسىز بولىشى ياكى ئاچلىقنى بېشىدىن كەچۈرىشى كېرەك. ئەمما ياخشى شارائىتتا زور ئەسەرلەر يېزىلىدۇ،دېگەن پىكرگىمۇ قوشۇلىمەن. مېنىڭچە،ئاچلىقنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن ئىنسان ئاچ قېلىشى شەرت ئەمەس، بەلكى ھېس قىلىشنىڭ ئۆزى كۇپايە.
      ئىنسانىي تۇيغۇلاردىن تاشقىرى يازغۇچى ئۈچۈن باشقا نەرسىلەرمۇ زۆرۇر. مەسىلەن،ئەگەر سەن ياش بولساڭ،ئاشۇ رۇھتا يازىسەن. پىكرلەر خۇددى دولقۇندەك دەۋرەپ كېلىۋېرىدۇ. ئاشۇ پەيتتە ئادەمدە بولغان تۇيغۇلارنىڭ بولسا، ئەستا-ئاستا ئۆلۈپ بېرىشى بەك ئاسان. مۇبادا ياشلىقىدا يازغۇچىلىقنى تاللاپ، كېيىنچە قابىلىيىتىڭنى يوقىتىپ قويساڭ، ئەمدى يازالماسلىقىڭ مۇمكىن.يادىمدا بار، بىرنەرسىلەرنى تەر جىمە قىلىپ گېزىتلاردا ئېلەن قىلىپ، تەربىيەۋىي ماقالىلەرنى يېزىپ يۈرگەن چاغلىرىمدا، ئىشنى تۈگىتىش ئۈچۈن ياكى ئىجاد قىلىش باھانىسىدە يېرىم كېچىلەرگىچە ئىشخانىدا ئولتۇرغان چاغلىرىمدا گاھىدا بىر ئولتۇرۇشتىلار بىرەر پارچە ھېكايىنى پۈتتۈرۋېتەتتىم. ھازىر پۈتۈن ئىش كۈنۈم داۋامىدە بىر بەت ياخشى نەرسە يازالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك، ھېساپلايمەن.ئەتىسى بولسا، پۈتۈن ۋاقتىمنى ھېلىقى پۈتكەن «ئەسىر ىم»نى قايتا ئىشلەشكە سەرىپ قىلىمەن
       — سۇھبىتىمىز ئۆزلىكىدىن كەسپ تاللاش ھەققىدە، بىر چاغلاردا «ئەدەبىيات پىشىۋاسى»ئېرنېست ھېمىڭۇېي توغرىسىدا ئېيتقان پىكر ىڭىزگە ئۇلانماقتا...
      —ھېمىڭۇېينى دۇردانە رومانلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئاجايىپ ھېكا يىلەرنىڭ مۇئەللىپى دەپ ھېساپلايمەن. ئۇنىڭ رومان يېزىلىشىدا بىراز ئاقساقلاشلار بار. ئەمما ھېكايىلىرىدە بۇ ژانىر قانداق مېزانلارنى تەلەپ قىلسا، ھەممىسىنى ئۇچرىتىشىڭىز مۇمكىن.بىلەمسىز، مەن نېمە ئۈچۈن ھېمىڭۇ ېينى ياخشى كۆرىمەن؟ بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ رومانلىرىنىڭ ياكى ھېكايىلىرىنىڭ ھېچ قانداق ئالاقىسى يوق. كەمىنىگە ئەدىپنىڭ يازغۇ چىلىقتا ناھايىتى ئەسقاتىدىغان مەسلىھەتلىرى بەك ياقىدۇ.
          — ئۇسلۇبى چۇ؟
          —دەل مۇشۇ ئەدىپ كىشىلەرگە ئەدەبىيات تېخنىكىسى ۋە مېتودىدىن دەرس بېرىدۇ. ئەلۋەتتە،بۇنىڭ بىر نەچچە سەلبىي تەرەپلىرى ھەم بار. جۇملىدىن،ئۇنىڭ تېخنىكىسى ھەددىن تاشقىرى ئەقىلگە ئاساسلانغان. بىراق يەنە دەيمەنكى: مەسلىھەتلىرى بەك ياخشى. ھېكايىلىرى سىرتدىن ناھايىتى ئاددىيدەك تۇيۇلسىمۇ،لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھەر تەرەپتىن پۇختا ھەم پىشىق يېزىلغانلىقى،ھەجمىنىڭ كىچىكلىگى بىلەن ئوقۇر مەننى تۇتۇپ تۇرالايدۇ.
       بىز تەبئەتتە كۆرۈپ كەلگەن ئەيسبېرگ(ئانتاراكتىدا قىتئەسىدىكى بىر مۇز تاغنىڭ نامى-ت) ناھايىتى چوڭ،شۇنداقمۇ؟ بىراق، ئەسلىدە بۇ مۇز تاغنىڭ سەككىزدىن يەتتە قىسمى سۇ ئاستىدا بولىدۇ. چېمىڭۇېينىڭ ھېكايىلىرى خۇددى شۇنداق. ئۇلارنىڭ ھەجمى ئىخچام بولغىنى بىلەن مەزمۇن-ماھىيىتى چەكسىز. شۇڭا ياش ئىجادكارلارنىڭ بۇ خۇلاسىلەرنى چۈشىنىۋېلىشى ئىنتايىن مۇھىم.چۇنكى دۇنيا ئەدەبىياتىنى ئۈگەنمەي تۇرۇپ،دۇرۇس ئەسەرلەرنى يېزىش (مۇبادا ئۇ پەۋقۇلئاددە ئىقتىدار، تالا نتلىق بولمىسا) مۇمكىن ئەمەس.
نۆۋىتىدە ئىجادىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئىلھامغا ۋە ئستىخىيەلىككە ئىشىنىشنىدىغانلىقىنىمۇ ئېيىتىپ ئۆتۈش ئورۇنلۇق،شۇ مەنادا ئېيتقاندا، ئەدەبىياتمۇ ئۈگۈنىلىشى، تەتقىق قىلىنىشى كېرەك بولغان ئىلمدۇر. چۈنكى ئون مىڭ يىل ئىلگىرى ئىجاد قىلىنىپ،بۈگۈنگىچە ھاياتىي كۈچىنى يوقاتماي كېلىۋاتقان ئەسەرلەردىن بۇگۈنكى ھېكايىلەرگىچە تونۇشۇپ چىقىش ھەر بىر قەلەم ئەھلىگە ئاددىي ۋە سەمەرىلىك ئىجاد قىلىش ئىمكانىيىتىنى بېرىدۇ.
       ھېمىڭۇېينىڭ يەنە بىر مۇھىم مەسلىھىتى ھازىرقى زاماندا ھەر كۈنى ئەمەلىيەتتە بەك كۆپ تەكىتلىنىدۇ. بۇ-ئەڭ قىيىنى-يېزىشنى باشلاش. ھەقىقەتەن شۇنداق، كۈچلۈك ئىستەك بىلەن يېزىش ئۈچۈن قولغا قەلەم ئالغان ئادەم ئاپئاق قەغەزنىڭ ئالدىدا بېسىپ ئولتۇرۇشى خېلىلا مۈشكۈل. شۇنىڭغا قارىماستىن بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماي قىلىۋەتكەن ياخشى. ئەتىنىڭمۇ ئۆز غەملىرى، ئۆز ئىشلىرى بار. ئەگەر ئىمكانىيەت يار بەرسە،بۈگۈنكى ئىشنى كېچە باشلانغان جايىدىن داۋاملاشتۇرۇشقا ئادەتلىنىش ئىنتايىن مۇھىم.
ئوتتۇرىغا قويغان پىكرلىرىمىزدىن ھېمىڭۇېينىڭ بۈيۈك يازغۇچى ئەمەسلىكى ئايدىڭلاشسىمۇ، ئوقۇر مەنلەر نىڭ ئۇنى يۈزەكى دەپ قارىما سلىقىنى قوشىمچە قىلىپ ئۆتمىسەم بولمايدۇ. ئۇ پەقەت يېزىش نورمىلىر ىنى ئىشلەپ چىققان ئىجادكار.
       — ھېمىڭۋېينىڭ كىتابلىرىنىڭ تىلىغا قانداق قارايسىز؟
       — بۇنىڭغا ھېچ قانداق پىكىر بىلدۈرەلمەيمەن.چۈنكى،مەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئەستايدىل تەتقىق قىلىپ ئوقۇپ باقمىغان.
       — ئەسەرلىرىنىڭ ئاتمۇسفېراسى ۋە كونتېكسلىرىچۇ؟
       — مەن سىزگە بىر نەرسەنى ئېيتىشىم مۇمكىن؛ھېمىڭۇېي كۇبادا ياشىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ كارىپ دۇنياسىنىڭ يازغۇچىسى بولۇشقا ئوبدانلا ئىمكانىيىتى بار ئىدى. بىراق ئۇ ئەنە شۇنداق،ئەمما ئۇ بۇيەرنىڭ باشقا ئەدىبلىرىگە ئوخشىمىدى.چۈنكى ھېمىڭۇېي-پۈتۈنلەي ئەدەبىيات نەزىرىيەسى. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى بىزنىڭ بۇ پىكرىمىزنى تەستىقلايدۇ.
        — نەزىرىيە ...ئەمما ئەدىبنىڭ ئۆزىگە خاس«ئەدەبىي روھى»مۇ بار. شۇنداق ئەمەسمۇ؟
        — ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ رىئاللىقى بىلەن ئىجاد قىلىشى كېرەك. بۇ مۇقەررەر نەرسە. ئەگەر يازغۇچى ئۆزىنىڭ رىئاللىقى ۋە ماھارىتىگە تايانمىسا،دېمەك، ئۇ ناتوغرا يولدىن كېتىۋاتقان بولىدۇ.
رىئاللىق مەسىلىسىدە فولكنېرنى مىسالغا ئالساق بولىدۇ. ئۇ كولۇ مبىيەنىڭ جەنۇبىي قىرغاقلىرىنىڭ مەنزىرىسىنى كوپ تەسۋىرلىگەن. ئوقۇرمەنمۇ بۇنى ھېس قىلالايدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن فولكنېرنى كارىپ دۇنياسىنىڭ ئەدىبى دېيىشكە بولىدۇ.
          — ئۇمۇ تاسادىپىي ھېمىڭۇېيدەك شۇ نامغا ئېگە بولغانمۇ؟
          —ياق،ئەلۋەتتە. بۇنىڭ باشقا سەۋەپلىرى بار.مەسىلەن؛ ھېمىڭۇېينىڭ «بوراندىن كېيىن»ناملىق ھېكايىسى ناھايىتى ھەيران قالارلىق. ترانسئا تلانتىك ناملىق پاراخوت تاشلىنىپ ياتقان چۇڭقۇر دېڭىز خۇددى ئەينەك  قاچا ئاستىدىكىدەك گويا.بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەقىل يەتمىگىدەك دەر ىجىدە ئاجايىپ.بۇ ھېكايىلەرنى ئوقۇۋېتىپ،ھېمىڭۇېي ئۆزىگە ئەر كىنلىك بەرمىگەنلىكىنى،ئەسەرلىرىدە ئوقۇرمەننى تۇتۇپ تۇرىدىغان بىر كۇچنىڭ بارلىقىنى سېزىدۇ كىشى.
        — ئۆزىگە ئەركىنلىك بەرمەيدۇ،دېگىنىڭىزنى قانداق چۈشەنسەك بولىدۇ؟ يا ئۇنىڭ فانتازىيەسى ھەققىدە گەپ كېتىۋاتامدۇ؟
       — ھەممە گەپ ئۇنىڭ فانتازىيەسىدە.چۈنكى ھېمىڭۇېي نەزەرىيە يارىتىپ،ئۆزىنىڭ پىرىنسىپلىرىنى ئەدەبىياتقا تەلەپچانلىق بىلەن تەدبىق قىلالىغان.ئۇنى ئەدەبىياتتا بىرىنچى بولۇپ  تەلەپچانلىقنى ئېلىپ كىر گەن كىشى، دېسەك،خاتا قىلغان بولمايمىز. بۇ توغرىسىدا كەلگەن ئاخىرقى خۇلاسەم شۇكى،ئەدىپ يازغۇچىلىق ھەققىدە ئەسەرلىرىدە ئەدەبىي ماھارەتنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ئۇقتۇرغان.
      — سىز«يازغان بارچە ئەسەرلىرىمنىڭ ئاساسىنى رىئاللىق تەشكىل قىلىدۇ» دېگەنىدىڭىز. لېكىن دېگەن بىلەن،كىتابلىرىڭىزنىڭ ھە ممىسىدە بۇ ئەكس ئەتمىگەن بولسا كېرەك،ئەلۋەتتە. ياكى بۇنى ئىسپا تلاپ بېرىشكە ئۇرۇنۇپ كۆرەمسىز؟
        — مەن مۇشۇ كۈنگىچە نېمە يازغان بولسام بۇلارنىڭ ھەممىسى رىئال ۋەقەلىك ئاساسىدا يارىتىلغان. ئەگەر بۇنداق بولمىغاندا ئەسەرلىرىم فانتازىيە بولۇپ قالاتتى. مۇبادا كىتابلىرىمدا زېغىردەك بولسىمۇ فانتەزىيە بارلىقىنى سەزسەم ئۇيىلىپ كېتىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشەنچ بىلەن ئېيتالايمەنكى،بىرەر كىتابىمدىمۇ فانتازىيە تېپىلمايدۇ. مىسال تەرىقىسىدە «يۈز يىل غېرىپلىق»ناملىق ئەسىرىمدىكى مائۇرىسى بابىلون ئىشتىراك قىلغان مەشھۇر سېرىق كېپىنەكلەر ئېپىزوتىدا مۇنداق دېيىلگەن:«قانداق فانتازىيە؟ جىن ئۇرسۇن،ھېچ قانداق فانتازىيە يوق. ناھايىتى ئېنىق ئېسىمدە تۇرۇپتۇ،ئالتە ياش ۋاقتىمدا ھەرە كونىگىدەك ئۇيىمىزگە مانتېر كەلگەنىدى. نەزەرىمدە، مەن مومامنىنىڭ ئاق كېپىنەكتىن ئاشۇ ئاخشىمىدىكىدەك قورققىنىنى كۆرمىگەنمەن» مانا، سىزگە چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدىغا مەسىلىلەر...
        — تەپسىلىراق چۈشەندۈرۈپ بەرسىڭىز...
        — چۈشەنچە بۇ سىرلارنى ئېچىپ بېرەلەمدۇ؟ياق ئۇنداق ئەمەس؛ چۈنكى سەن ئىنتىلگەنسېرى سىرلار تېخىمۇ چۇڭقۇرلىشىپ بېرىۋېرىدۇ. ئويۇنچى سېھرىگەرلەر داىم تۇخۇم مانە بۇ يەردە تۇرۇپتۇ، دەپ سۆزلەيدۇ. ئەمما گەپ شۇنىڭدىكى،ئۇلار ئاۋۋال يىپ بىلەن ئېسىپ قويۇلغان تۇخۇملارنى مەندە دەپ ھەممىگە كۆرسىتىدۇ.ئەڭ قىزىقى،سېھرىگەر بۇنىڭ قانداق ئىشىكە نلىكىنى چۈشەندۈرىۋاتقاندا ھەقىقىي جادۇ بىر ياقتا قېلىپ ھەممە بىردەك ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىدىن سېھرلىنىپ قالىدۇ.چۈنكى سېھرگەرلىك ئاددىي بولۇپ تۇيۇلسىمۇ،ھىيلە-نەيرەڭنى چىۋەر قوللار بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش تولىمۇ تەس.شۇنىڭ ئۈچۈن مەن، مېنى پاش ۋە تەنقد قىلىدىغان ھېچ نەرسىدىن قورقمايمەن. مېنىڭ مومام بولسا ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قولىدىكى لاتىنى سىلكىپ ئاق (سېرىق ئەمەس) كېپىنەكلەرنى ھۈركىتەتتى. مەن ئۇنىڭ ۋارقىرىغىنىنىمۇ ئاڭلايتتىم؛«جىن ئۇرسۇن! مەن بۇ كېپىنەكلەرنى قوغلىۋېتەلمەيۋاتىمەن. ھەر قېتىم مانتېر كەلگەندە ئۇلارمۇ ئۆينىڭ ئەتراپىدا پەيدا بولىدۇ. بۇ مەن ئۈچۈن داىم شۇنداق بولۇپ قېلىۋېرىدۇ».ئەگەر بۇ ئىپىزوت ئەدەبىياتتا تەكرار ئىشلىتىلسە،نېمە بولۇشىنى كېيىن كۆرىسىز.
         يەنە بىر ئىشنى دېمىسەم بولمايدۇ.ھەقىقەتەنمۇ ئاشۇ چاغدا كېپىنە كلەر ئاق ئىدى. بۇنىڭغا ھەتتا ئۆزۈممۇ ئىشەنمىدىم. دەسلەپ ئۇلارنى سېرىققا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كۆردۈم، لېكىن كېپىنەكلەر ئاللىقاچان ئۆز رەڭگىنى تېپىشقا ئۇلگۇرگەنىدى. شۇنداق قىلىپ،ئەسەرلىرىمدە رىئاللىق بىرىنچى ئورۇندا، جۇملىدىن،كېپىنەكلەرنىڭ رەڭگىمۇ، بارچە ئەدەبىي ۋەقەلەرنىڭ كىتابتا يېزىلىشىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. بۇلارنى پوېتىكىدىن باشقا ھېچ بىر يوسۇندا ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.
        —ئاخىرقى سوئال؛ دىداكتىك ئەسەرلەر ھەققىدىكى قارىشىڭىز قانداق؟
        —بۇنداق ئەسەرلەر ماڭا يېرمىغىچە ئاجايىپ تەسىرات قالدۇرىدۇ. نېمەئۈچۈنكى،ئۇلار چۇۋۇلغان ۋە چىگىشلەنگەن ئويۇندىن ئىبارەت. چىگىشلەشكەن ۋەقەلەر ئاجايىپ،بىراق چۇۋۇلغانلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىخلاسىنى قايتۇرىدۇ.شۇنداق دېيەلەيمەنكى،ئەڭ ياخشى دىداكتىك ئەسەر –سوفكىلنىڭ«شاھ ئەدىپ»ئى.چۈنكى ئۇنىڭدا جىنايەت تېرگاۋ بىلەن ئېچىلىدۇ.قاتىل بولسا ئەدىپنىڭ ئۆزى.بۇنداق ئەسەرنىڭ قايتا ئىجاد قىلىنمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا، چارلىز دىككېنسنىڭ «ئېدۋىن درۇد سىرى»ناملىق ئەسەرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.نېمە ئۈچۈنكى،ئەدىپ كىتابنى تاماملىماي تۇرۇپلا ئۆلگەن.ئەمدى ھېچ كىم قاتىلنىڭ كىملىكىنى بىلەلمەيدۇ. دىداكتىك رومانلارنىڭ بىردىنبىر كەمچىلىكى ئۇلار ساڭا ھېچ قانداق سىر قالدۇرمايدۇ. ئەدەبىيات بولسا سىرلارنى ئاشكار قىلىش ۋە ۋەيران قىلىش ئۈچۈن يارالغان. بۇنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش بولسا باشقا مەسىلە.
         ئۆبېكچە«ھۆرىيەت»گېزېتىنىڭ 2011-يىللىق 1279-ساندىن ئېلىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-8 11:04  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-8 07:10:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىيات ئۈرگىنىلىشى كېرەك بولغان ئىلمدۇر

ئۈرگىنىلىشى ؟ ئۆگىنىلىشى بولسا كېرەك

ماۋزۇ سەل پىستان چاققاندەك بىلىنىۋاتىدۇ، ئەدەبىيات ئۆگىنىش زۆرۈر بولغان ئىلىمدۇر دەپ ئالغان بولسىڭىز، ئېغىز سەل مايىلراق بولار ئىكەن...

ۋاقتى: 2015-9-8 09:58:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزكۇر تېمىدىن ئىنتايىن مۇھىم بىر نەرسىنى ئۆگىنىۋالدىم. ئەدەبىيات ئۆگىنىلىشى كېرەك، بىز داۋاملىق ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ئەمما قانداق ئۆگىنىش، قانچىلىك ئۆگىنىش ئۆزىمىزگە باغلىق تېخىمۇ زىل مەسىلە.  ماركوزنىڭ ئەسەرنى يىگانىيلىقتا يېزىشى، ئېلان قىلماي تۇرۇپ باشقىلارغا كۆرسەتمەسلىكى مېنى چوڭقۇر ئويغا سالدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qongkurqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-8 09:58  


ۋاقتى: 2015-9-8 12:40:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىيات ئۈرگىنىلىشى كېرەك بولغان ئىلمدۇر

ۋاقتى: 2015-9-8 13:07:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داىم - يوللىنىش جەريانىدىكى خاتالىقمۇ ،نىمە ؟ مېنىڭمۇ شۇنداق بولغان.

«شۇنداق دېيەلەيمەنكى،ئەڭ ياخشى دىداكتىك ئەسەر –سوفكىلنىڭ«شاھ ئەدىپ»ئى.چۈنكى ئۇنىڭدا جىنايەت تېرگاۋ بىلەن ئېچىلىدۇ.قاتىل بولسا ئەدىپنىڭ ئۆزى.بۇنداق ئەسەرنىڭ قايتا ئىجاد قىلىنمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا، چارلىز دىككېنسنىڭ «ئېدۋىن درۇد سىرى»ناملىق ئەسەرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.نېمە ئۈچۈنكى،ئەدىپ كىتابنى تاماملىماي تۇرۇپلا ئۆلگەن.ئەمدى ھېچ كىم قاتىلنىڭ كىملىكىنى بىلەلمەيدۇ. دىداكتىك رومانلارنىڭ بىردىنبىر كەمچىلىكى ئۇلار ساڭا ھېچ قانداق سىر قالدۇرمايدۇ. ئەدەبىيات بولسا سىرلارنى ئاشكار قىلىش ۋە ۋەيران قىلىش ئۈچۈن يارالغان. بۇنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش بولسا باشقا مەسىلە.»
ئەدەبىيات ھەقىقەتەن ئۈگۈنىلىشى كېرەك.تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۇر.

ۋاقتى: 2015-9-8 16:17:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« ئۆگىنىلىشى» دەپ يېزىلىشى كېرەك، بەگيار!

ۋاقتى: 2015-9-8 18:12:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ABLAJAN.BOWAKI يوللىغان ۋاقتى  2015-9-8 16:17
« ئۆگىنىلىشى» دەپ يېزىلىشى كېرەك، بەگيار!

ئۇنداق دېيىلسە تازا ھەيۋەتلىك ئاڭلانمامدۇ قانداق؟

باھا سۆز

توغرا ئاڭلانسا بولار، ئىنىم؟  ۋاقتى: 2015-9-8 09:08 PM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش