كۆرۈش: 273|ئىنكاس: 2

ئىلھام مۇھەممەد: «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ دۇنيادىكى قوليازما ۋە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


«قۇتادغۇبىلىك» نىڭ دۇنيادىكى قوليازما ۋە نەشر نۇسخىلىرى

ئىلھام مۇھەممەد

(چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسى)


       دۇنياغا مەشھۇر ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى، مۇتەپەككۇر، شائىر، پەيلاسوپ، دۆلەت ئەربابى يۈسۈپ خاس ھاجىپ(1019-1085)نىڭ«قۇتادغۇبىلىك» داستانى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «داستان» دەپ ئاتىلىدۇ) «يۈكسەك ئەدبىي ماھارەت ئىپادىلەنگەن، تەبىئىي پەن بىلەن ئىجتىمائىي پەن، بەخت- سائادەتلىك جەمئىيەت قۇرۇش بىلەن دەۋر روھى ئورگانىك ھالدا بىرلەشتۈرۈلگەن ئەدەبىي ئەسەر، ئىلمىي ئەسەر، شۇنداقلا پەلسەپىۋى ئەسەر.» داستاننىڭ يىزىلغان ۋاقتى مىلادىيە 1069~ 1070- يىللارغا توغرا كىلىدۇ. ئاپتور بۇ ئەسىرىنى داستانىنىڭ نەزمىي مۇقەددىمىسىدە قەيت قىلغاندەك «بۇغراخان دەۋرىدىكى خاقانىيە تىلى» بىلەن يېزىپ، ئەينى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ نەپىس، ئەڭ ئاھاڭدار شېئىرىي ئۈلگىسىنى ياراتقان. 85 بابلىق بۇ ئەسەر ئايرىم تۆتلىكلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مەسنەۋى (ئىككىلىك) شەكلىدە، ئارۇز ۋەزىننىڭ مۇتەقارىب بەھرىدە يېزىلغان. «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ ئاپتورنىڭ 30 يىل ئىزدىنىش ئاساسىدا ئۆز قەلىمى بىلەن يېزىلىپ، ھەسەن بىننى سۇلايمانغا تەقدىم قىلىغان ئەسلى قوليازما نۇسخىسى ھازىرغىچە تىپىلمىدى. ئۇنىڭ ئىلىم ساھەسىگە مەلۇم بولغىنى ئۆز زامانىسىدىن خېلى كېيىن كۆچۈرۈلگەن ۋېنا، قاھىرە، پەرغانە(ياكى نەمەنگان) نۇسخىلىرىدىن ئىبارەت. داستاننىڭ بۇ ئۈچ خىل قوليازما نۇسخىسىنىڭ تېپىلىشى شەرقشۇناس ئالىملارنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، خەلقئارادا «قۇتادغۇ بىلىك» تەتقىقاتى قىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرلىشىگە تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ بىلەن «قۇتادغۇ بىلىك»تەتقىقاتى خەلقئارالىق تەتقىقات تېمىسىغا ئايلاندى. 1992- يىلغىچە «قۇتادغۇ بىلىك» داستانىنىڭ دۇنيادا تۈركچە، رۇسچە، ئۆزبېكچە، ئىنگلىزچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە، قىرغىزچە 8 خىل تىلدىكى 16 خىل نۇسخىسى نەشر قىلىندى.
1. «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ ھىرات- ۋېنا نۇسخىسى
ۋېنا نۇسخىسى 1439- يىلى ھىرات شەھرىدە مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى، خەتتاتى ھەسەن قارا سايىل شەمىس دېگەن كىشى تەرىپىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن، 1474- يىلى فاتارى ئوغلى قادى ئالى كەندى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ تونات شەھرىگە كەلتۈرۈلگەن. 1796- يىلى ئاۋىسترىيەلىك شەرقشۇناس ھاممىر پورگىستال ئىستانبولدىكى كىتابپۇرۇشتىن بۇ نۇسخىنى سېتىۋېلىپ، ئۇنى ۋېنا خانلىق كۇتۇپخانىسىغا تاپشۇرغان، ھازىرمۇ شۇ جايدا ساقلانماقتا. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە شەرقشۇناس ئالىملار بۇ نۇسخا ئاساسىدا «قۇتادغۇ بىلىك» ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى باشلاپ، ئۇنى رۇس ۋە نېمىس دۇنياسىغا تونۇتۇشنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقان. 1823- يىلى فىرانسوز ئالىمى ژائوبرىت ۋامبىرى تەرىپىدىن «ئاسىيا ژۇرنىلى»دا تۇنجى بولۇپ داستان ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭدىن بەزى نەمۇنىلەرنى نەشر قىلدۇرغان. 1870- يىلى ۋېنگىرىيە ئالىمى ھېرمان ۋامبىرى بۇ ئەسەرنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسىملىرىدىن 950 بىيىتنى نېمىسچىغا تەرجىمە قىلىپ، «ئۇيغۇر تىلى يادىكارلىقى ۋە‹قۇتادغۇبىلىك›»ناملىق ماقالىسى بىلەن دۇنياغا ئاشكارىلىغان.
2. «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ قاھىرە نۇسخىسى
بۇ نۇسخا مىسىر سۇلتانلىرىدىن ناسىرغا ئاتاپ تەييارلانغان، ئەرەب ھەرىپى ئاساس قىلىنغان ئۇيغۇر يېزىقىدا ئەسلى ئۆرنەككە سادىقلىق بىلەن سۈپەتلىك كۆچۈرۈلگەن. ئارىدىن ئالتە ئەسىر ئۆتۈپ بۇ نۇسخا 1896-يىلى قاھىرەدىكى سابىق «ھىدىۋ» (ھازىرقى قىرال) كۇتۇپخانىسىنىڭ مۇدىرى، نېمىس ئالىمى، دوكتور مورىتىز تەرىپىدىن بايقىلىپ تۇنجى قېتىم ئاشكارىلانغان، ھازىر قاھىرەدىكى سابىق «ھىدىۋ» كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا. مورتىز 1897- يىلى مەشھۇر رۇس ئالىمى رادلوفقا بۇ نۇسخىنىڭ كۆچۈرمىسىنى ئەۋەتكەن. رادلوف ۋېنا نۇسخىسى بىلەن بۇ نۇسخىنى سېلىشتۇرۇپ، نۇرغۇن ئەمگەك سىڭدۈرگەندىن كېيىن، داستاننىڭ تىرانسكىرىپىسىيەسى بىلەن نېمىس تىلىغا قىلىنغان تەرجىمىسىنى نەشر قىلدۇرغان. 1943- يىلى قاھىرە نۇسخىسىنىڭ فوتو نۇسخىسى تۈركىيە تىل جەمئىيىتى تەرىپىدىن تۈركىيەگە كەلتۈرۈپ، شۇ پېتى بېسىلىپ چىققان.
3. «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ پەرغانە- نەمانگان نۇسخىسى
بۇ نۇسخىنىڭ قەيەردە، كىم تەرىپىدىن كۆچۈرۈلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس. پەرغانە نۇسخىسى ئەرەب ھەرىپى ئاساس قىلىنغان ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە تېپىلغان ئۈچ خىل نۇسخا ئىچىدە ئەڭ قەدىمكى، ئەڭ تولۇق، ئەڭ ياخشى ساقلانغان نۇسخا دەپ قارلماقتا. بۇ نۇسخىنى رۇسىيە ئارخېئولوگىيە جەمئىيىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان تاتار ئالىمى، شەرقشۇناس زەكى ۋەلىدى قوقان شەھرىگە كېلىپ، پەرغانىنىڭ نەمەنگان شەھرىدىكى مۇھەممەد ھاجى ئىشان لالەرىش دېگەن كىشىنىڭ شەخسىي كۇتۇپخانىسىدا كۆرۈپ، 1914- يىلى بۇ ھەقتە رەسمىي ئۇچۇر بەرگەن. 1924-يىلى بۇخارالىق ئۆزبېك ئالىمى، پىروفېسسور فىترەت كىتاب ساقلىغۇچىدىن بۇ نۇسخىنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئۇنى تاشكەنت كۇتۇپخانىسىغا تاپشۇرغان، ھازىر ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدا ساقلانماقتا. پىروفېسسور فىترەت 1928- يىلى بۇ نۇسخىدىن ئايرىم پارچىلارنى زۆرۈر ئىزاھلار بىلەن ئۆزبېك تىلىدا نەشر قىلدۇرغان. داستاننىڭ بۇ ئۈچ خىل قوليازما نۇسخىسى بىر- بىرىنى تولۇقلاپ، داستاننىڭ تولۇق تېكىستىنى ئىشلەشتە مۇھىم رول ئوينىغان.
4. «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ فاكسىمىل نۇسخىسى
داستاننىڭ تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنىشىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىملىرى بىلەن تۈركىيە ئالىملىرىنىڭ كۆرسەتكەن خىزمىتى ناھايىتى زور بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن «قۇتادغۇ بىلىك» تەتقىقاتى يېڭى بىر تارىخىي باسقۇچقا كىرگەن. رۇسىيەلىك رادلوف ۋە مالوفلار تۇنجى بولۇپ داستاننىڭ ئۈچ خىل قوليازما نۇسخىسى ئۈستىدە تېكىستولوگىيەلىك ۋە تىرانسكىرىپىسىيەلىك خىزمەتنى قانات يايدۇرغۇچىلاردۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەلىك ئالىم رەشىت رەھمىتى ئاراتنىڭ تېكىستولوگىيەلىك تەتقىقاتى جەھەتتە سىڭدۈرگەن زېھنىي كۈچى ۋە مەسئۇليەتچانلىقى داستاننى يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلغان. رەشىت رەھمىتى ئارات 1942-،1943- يىللىرى داستاننىڭ ئۈچ خىل قوليازما نۇسخىسىنىڭ فاكسىمىلى(فوتو كۇپىيەسى)نى ئىشلەپ نەشر قىلدۇرغان.
5. «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ تىرانسكىرىپىسىيەلىك تولۇق مەتىن نۇسخىسى ۋە تۈركچە تەرجىمە نۇسخىسى
رەشىت رەھمىتى ئارات داستاننىڭ ئۈچ خىل نۇسخىسىنىڭ فوتو كۇپىيەلىرىنى نەشر قىلدۇرغاندىن كېيىن، مىسرامۇمىسرا سېلىشتۇرۇپ، داستاننىڭ لاتىن ھەرىپلىرى بىلەن تىرانسكىرىپىسىيەلەشتۈرۈلگەن تولۇق مەتىن(تېكىست) نۇسخىسىنى ئىشلەپ، 1947-يىلى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ بۇ ئەمگىكى داستاننىڭ فاكسىمىلىنى تۇرغۇزۇشتا ھەمدە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنىشىدا جاھان ئېتىراپ قىلغان زور ئىلمىي ئەمگەك بولدى. داستاننىڭ رەشىت رەھمىتى ئارات تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان تىرانسكىرىپىسىيەلىك تولۇق مەتىن بويىچە تۈركچە نەسرىي تەرجىمە نۇسخىسى 1959- يىل ئەنقەرەدە مىللەتلەر مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
6. «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ رۇسچە فاكسىمىل نۇسخىسى ۋە قىسقا ھەجىملىك رۇسچە تەرجىمە نۇسخىسى
دۇنيادىكى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلىۋاتقان نۇسخا رەشىت رەھمىتى ئارات تۇرغۇرغۇزۇپ بەرگەن نۇسخىدۇر. رەشىت رەھمىتى ئاراتنىڭ فاكسىمىل ئۈلگىسى ئاساسىدا رۇسسىيەلىك نائوماگرېبنېۋا 1963-يىلى تاشكەنتتە داستاننىڭ چاققان بىر فاكسىمىلىنى نەشر قىلدۇرغان، نائوماگرېبنېۋا تەرجىمە قىلغان قىسقا ھەجىملىك رۇسچە نۇسخىسى 1971- يىلى موسكۋا بەدىئىي ئەدەبىيات نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
7. «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ ئۆزبېكچە تەرجىمە نۇسخىسى   
داستاننىڭ نەمەنگان نۇسخىسى ئاساسىدا ئۆزبېك ئالىمى قەييۇم كېرىموف نەشرگە تەييارلىغان ئۆزبېكچە تولۇق نەزمىي نۇسخىسى 1971- يىلى تاشكەنتتە ئىلىم- پەن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
8. «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ رۇسچە تەرجىمە نۇسخىسى  
رۇس ئالىمى س.ن ئىۋانوف تەرجىمە قىلغان رۇسچە تولۇق نەزمىي نۇسخىسى 1977-، 1983- يىلى موسكۋادا ئىلىم- پەن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.  
9. «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسى
ئامىرىكىلىق تۈركولوگ روبىرت دانكوف تەرجىمە قىلغان ئىنگلىزچە نۇسخىسى 1983- يىلى چىكاگو شەھرىدە چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. بۇنىڭ بىلەن ئىنگلىز تىلىدا سۆزلەشكۈچى نەچچە مىليون ئادەمنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» بىلەن تونۇشۇش ۋە بەھرلىنىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىندى.   
10.«قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمە نۇسخىسى
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنىستىتۇتى 1980- يىلى 8- ئايدا خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ھامۇت ئىمىنوفنىڭ باشچىلىقىدا «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي ھەم نەسرىي يەشمىسى بىلەن خەنزۇچە تەرجىمىسىنى، ئاخىرىدا ئىندىكس (سۆزلۈك) نى نەشرگە تەييارلاش خىزمىتىگە كىرىشتى. ئەھمەد زىيائىنى مەركەز قىلغان داستاننى نەشرگە تەييارلاش گۇرۇپپىسى داستاننىڭ ئۈچ خىل قوليازما نۇسخىسى ۋە تۈركىيە ئالىمى رەشىت رەھمىتى ئارات نەشر قىلدۇرغان تىرانسكىرىپىسىيەلىك تولۇق مەتنىنىڭ رەت نومۇرى ھەم باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللاردىن پايدىلنىش ئاساسىدا ئىشلەنگەن داستاننىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ تىرانسكىرىپىسىيەسى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي نۇسخىسى 1984- يىل 5- ئايدا بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
11. «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ خەنزۇچە تەرجىمە نۇسخىسى
داستاننىڭ گېڭ شىمىن ئەپەندى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغان قىسقا ھەجىملىك نۇسخىسى 1979- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. داستاننىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي نۇسخىسى ئاساسىدا خاۋگۇەنجۇڭ، جاڭ خۇڭچاۋ، ليۇبىڭ قاتارلىقلار خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان تىرانسكىرىپىسىيەسىز نەزمىي نۇسخىسى 1986- يىلى بېيجىڭدىكى  مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
12. «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ قازاقچە تەرجىمە نۇسخىسى
داستاننىڭ ئا. ئىگەمبايېف تەرجىمە قىلغان قازاق تىلىدىكى نەزمىي نۇسخىسى 1986-يىلى ئالمائاتا شەھرىدە يازغۇچىلار نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
13. «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ قىرغىچە تەرجىمە نۇسخىسى
داستاننىڭ ت. قوزىبايېف تەرجىمە قىلغان قىرغىز تىلىدىكى نۇسخىسى 1988- يىلى بېشكەك شەھرىدە نەشر قىلىندى.
14. «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ قازاقچە تەرجىمە نۇسخىسى
داستاننىڭ ئەسقەر ئىگەي .بايۇپ تەرجىمە قىلغان قازاق تىلىدىكى نەزمىي نۇسخىسى 1989- يىلى بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
15. «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەسرىي يەشمە نۇسخىسى
ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيەسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدىن ئابدۇشۈكۈر تۇردى، قادىر ئەكبەر ئىشلىگەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىدىكى نەسرىي يەشمە نۇسخىسى 1991- يىل 11- ئايدا بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
16. «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ قىرغىچە تەرجىمە نۇسخىسى
داستاننىڭ تۇرغانباي قىلىچبېك، نورۇز ھۈسەنئالى تەرجىمە قىلغان قىرغىز تىلىدىكى نەسرىي نۇسخىسى 1992- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-8 01:26  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-8 09:37:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۆزىگە سىغدۇرغان ماقالە ئىكەن.
ئىلھام ئەپەندىمنىڭ ھەربىر يازمىسى مېنىڭ دىققەت نەزەرىمدە. يوللىغۇچى ئەخمەتجان ئەپەندىمنىڭمۇ ئەجرى رەھمەتلەر بولسۇن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-8 12:46:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىدىن مۇئەللىپنىڭ ئىزدىنىش روھى چىقىپ تۇرىدۇ. ئاپتورنىڭ ئىجادىيىتى بەرىكەتلىك بولغاي!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش