كۆڭلۈم
ئەھەدى
بىلىپ ئوتقا ئۆزىن ئۇرغان گويا پەرۋانەدۇر كۆڭلۈم ،
ساماۋى بىر گۈزەل قىسسە ۋەيا ئەپسانەدۇر كۆڭلۈم.
توسۇن ئاتتەك تۇتۇق بەرمەي چېپىپ ھەريانە - ھەريانە ،
ئۆزى تاپقان بالالارغا ھامان ھەيرانەدۇر كۆڭلۈم .
قولۇلە قارنىدا پىنھان ياتارمىش ئۈنچە - مەرۋايىت ،
دېمەڭكىم سىرتىدىن داشقال ، ئىچى دۇردانەدۇر كۆڭلۈم .
كىيىپ جەندە كۇلاھ، چالسام ساپايى كۆپ ئەيىپ ئەتمەڭ ،
جۇدالىق دەشتىدە سەرسان، غېرىپ دىۋانەدۇر كۆڭلۈم .
پايانسىز كەڭرى بىر ئالەم ، سىغار ئالەمگە مىڭ ئالەم ،
بىراق، ئارتۇق ئازار سىغماس كىچىك بىر خانەدۇر كۆڭلۈم .
ئىكەنمەن ئاق كۆڭۈل، ساددا نېتەي قالسام يامان ئاتقا ،
ئۆزۈمدەك ئۆزگىنى چاغلاپ ئەجەپ ۋەيرانەدۇر كۆڭلۈم .
ئاۋايلاڭ ، تەلۋە نىمجاننىڭ جانان پىيالەسى نازۇك ،
ئۇنى چۇل - چۇل قېلىۋەرمەڭ ، ئاران بىر دانەدۇر كۆڭلۈم!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەھەدى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-7 23:27