كۆرۈش: 229|ئىنكاس: 6

بۈۋىنىسا: ئوقۇغاچ كىتاب، يۈرىكىمدە بىخلاندى خىتاب

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
<< دىل ئارام >> دا كۆرگەچ مەن كىتاب، يۈرىكىمدە بىخلاندى خىتاب
( كىتاب بىلەن بېزەلگەن << كېرىيە < دىل ئارام > تاماقخانىسى>> ھېسلىرىمنى ئويغاتتى )

بۈۋىنىسا ئابدۇغېنى



ئالدىراش خىزمەت، تېز تۇرمۇش رېتىمى تۈپەيلىدىن ئاتا-ئانا ۋە قان-قېرىنداشلار ئارا << ھالىڭ نېچۈك؟ كۈنۈڭ قانداق ؟... >> دېيىشكىمۇ پۇرسەت بولمايۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە دەم ئېلىشمۇ تەستە قولغا كېلىدىغان بولۇپ قالغاچقا، بىر كۈنى كەچلىك تاماق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، چوڭلار بىلەن جەم بولۇپ << دىل ئارام >> غا غىزالانغىلى باردۇق. چۈنكى بۇ تاماقخانىنىڭ  مۇھىتى پاكىزە ھەم ساپ، تائاملىرى  تەملىك، مۇلازىمەتچىلىرىنىڭ مۇئامىلىسى ئىللىق بولۇپ، كىشىگە ئۆزگىچە ئازادىلىك ھەم راھەت بېغىشلايتتى.
تاماقخانىغا شۇنداق قەدەم ئېلىشىمغىلا يۈرىكىم قەپەستىن قۇتۇلۇپ، كەڭ سامادا ئەركىن پەرۋاز قىلىپ، زوق-شوخى بىلەن سايراۋاتقان قۇشتەك  شوخ ئويناقلاشقا باشلىدى.
_ << ھەي، بۇ مەندىكى قانداق ئۆزگۈرۈشدۇ ؟... بۇ جايغا ئىلگىرىمۇ بىر نەچچە رەت كەلگەن تۇرسام!؟... ئەجەب بۈگۈن باشقىچە سېزىم بارغۇ مەندە !...>> دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە ئاستا پىچىرلىدىم.
_ << كۆز دېگەن كامار نېمە، كۆرمىسە بىكار نېمە. >> دېگەندەك، << < ئەقىل كۆرمىسە، كۆز كۆرمەس. > دەپتىكەن، < ئوبدان قارا،تاماقخانا ئۆزگىچە بېزىلىپتۇ...>> دېدى سەزگۈم.
مەن كۆزۈمنى ئۇۋىلىۋېتىپ، ئەستايىدىل كۆز يۈگۈرتتۈم. پاھ!...ھەر بىر تاماق ئۈستىلى 15-20 پارچىدەك سەرخىل كىتاب  بىلەن  ئۆزگىچە بېزەلگەن. مەن بۇ مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم،-دە، قاتتىق ھاياجاندا ئۈنلۈك ئاۋازدا توۋلىۋەتكىلى تاس-تاس قالدىم،-يۇ، ھاياجىنىمنى بېسىۋېلىپ، كىتابنىڭ ئىنساننى بارلىق يامانلىق ۋە ئاپەتنىڭ تۈپ مەنبەسى بولغان نادانلىق ۋە بىلىمسىزلىكتىن قۇتۇلدۇرىدىغان بىباھا ئەڭگۈشتەر ئىكەنلىكىنى؛ خەلقنى ماددىي ئوزۇق بىلەنلا ئەمەس،  ساپ مەنىۋىي ئوزۇق بىلەن تويغۇزغاندىلا، ئەل-ۋەتەنگە كېرەكلىك ساغلام  كىشىلەردىن قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ھەقىقىي تونۇپ يېتىپ، بۇ تاماقخانىنى << بىباھا ئەڭگۈشتەر >> بىلەن زىننەتلىگەن، مەسئۇلىيەتچان، كىتابخۇمار  خوجايىن باشچىلىقىدىكى مەرىپەتسۆيەرلەرگە << ئەي، كىتاب سۆيگەن ئوت يۈرەكلەر، بەخت قۇشى بېشىڭلاردا قانات قاقسۇن!  ئەل سۆيگەن  گۈل ھۆنىرىڭلار تېخىمۇ ئاقسۇن!... >>  دەپ مىڭ- مىڭ ئاپىرىن ئېيتتىم ئىچىمدە. بۇيرۇتۇلغان تائاملار كەلتۈرۈلگىچە سەرخىل كىتابلار جاھازىسىدىن  بىز ئۆزىمىز خالىغان كىتابنى تاللاپ ئېلىپ ئوقۇپ، ئاز-تولا بولسىمۇ مەنىۋىيىتىمىزنى بېيىتتۇق. دېمەك، تائامنىڭ كەلتۈرۈلىشىنى ھەرگىزمۇ ئۇزاق ساقلىغاندەك ئەمەس، بەلكى ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنىمۇ سەزمەيلا قاپتۇق. بۈگۈنكى كەچلىك تائام بىز ئۈچۈن ئىنتايىن تېتىملىق، قۇۋۋىتى ئاسانلىقچە يوقاپ كەتمەيدىغان، ئۇنتۇلغۇسىز تائام بولدى. نېمىشقا؟...  قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان كېرىيە ناھىيەمىز  _  قاراقۇرۇم باغرىدىكى يېشىل مەرۋايىتنىڭ كەڭرى ئېتىكىدە << شىنخۇا كىتابخانىسى >> ، << مەرىپەت كىتابخانىسى >> ، << بۇلاق كىتابخانىسى >> قاتارلىق بىر قانچە كىتابخانا؛ ھەر قايسى يېزا-بازار، مەكتەپ ۋە كەنتلەردە كۈتۈپخانا بار بولسىمۇ، كىتابخانىنىڭ نەدىلىكىنى بىلىدىغانلارمۇ، كىتابنى سېتىۋېلىپ ياكى ئىزدەپ، سوراپ ئوقۇيدىغانلارمۇ ھەقىقەتەن ئاز. گەرچە ئىلگىرىكى  بىر قانچە يىللاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا خېلى زور دەرىجىدە كۆپەيگەن بولسىمۇ.
خەلقنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش بىرەر دەقىقە توختاپ قالسىمۇ قەتئىي بولمايدىغان مۇھىم مەسىلە بولۇۋاتقان بۈگۈنكى ئىلىم –پەن، ئۇچۇر دەۋرىدە ناھىيە مەركىزىدىكى بىر تاماقخانىغا كىتابلارنىڭ سېلىنىشى ئەلۋەتتە  چىن يۈرەكتىن سۆيۈنۈشكە، ئالقىشلاشقا تېگىشلىك ياخشى ئىش. ئىنسان بولغانىكەن، ئۇنىڭ بەدىنى كېرەكلىك ئوزۇقلۇقنى تولۇقلاشقا ئەلۋەتتە مۆھتاج بولىدۇ.  شۇنداق بولغاچقا، تاماقخانا بىركىم تەكلىپ قىلمىسىمۇ، بىركىم مەجبۇرلىمىسىمۇ، شەخس ئۆزى ئىختىيارى قىلىپ بارىدىغان ئاممىۋىي سورۇن. ئەگەر ئالدىنئالا تائام بۇيرۇرۇتۇلمىغان بولسىلا، بىر ئاز  بولسىمۇ ساقلاپ، ئاندىن غىزالىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بىكار ئولتۇرۇپ ساقلاش مېنىڭچە زېرىكەرلىك ھەم تائامنى تەستە بەرگەندەك تۇيۇلۇپ، ئادەمنىڭ كەيپىياتىغىمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسۈتىدۇ. مانا ئەمدى ياخشى بوپتۇ. ۋاقىتمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن، قۇرساقمۇ تويغان. ئەڭ مۇھىمى روھىي ئۇسسۇزلۇق زەررىچە بولسىمۇ قېنىش ئىمكانىيىتى بولغان.
ھەممىگە مەلۇملۇق، ئادەمنىڭ جىسمانىيىتى تويغان بىلەن، مەنىۋىيىتى قۇرغاق، روھىيىتى پۇچەك بولسا، بەلكىم ئۇنىڭ قۇرسىقىنى تويغۇزۇش بەسى مۈشكۈل بولىدۇ. ئىنسان ھەقىقىي ئىنساندەك ياشىشى ئۈچۈن مەنىۋىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈشى، روھىيىتىنى ئالىيجانابلاشتۇرۇشى، بۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى كىتابلارنى كۆپلەپ سېتىۋېلىپ ياكى ئارىيەت ئېلىپ، ياكى ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ تېپىپ ئوقۇپ، مەنىۋىي ئوزۇق ئېلىپ، ئۆزىگىمۇ، ئائىلىسىدىكىلەرگىمۇ، ئەتراپىدىكىلەرگىمۇ ئۈلگە بولۇپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، ھەممە  پەخىرلەنگۈدەك ، ئىزىنى بويلاپ ماڭغۇدەك، ھېچبولمىغاندا يامانلىقتىن يىراق تۇرۇپ خاتىرجەم ياشىشى؛ بۇ قىسقىغىنە ھاياتىنى ئەڭ مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە، ۋەتەن-خەلق باغرىنى خۇشپۇراق گۈللەرگە پۈركەشكە تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈشى زۆرۈر. دەر ھەقىقەت، كىتاب ئىنتايىن مۇھىم.
بۇيىل، 2015- يىلى كىتاب ئوقۇش يىلى. 23-ئاپرېل << دۇنيا كىتاب ئوقۇش ۋە نەشىر ھوقۇقى كۈنى >>. بىز ھەممىمىز  كىتابخانىغا، كۇتۈپخانىغا بارايلى!... كىتاب ئوقۇيلى!  كىتاب ئوقۇشنى كۈندىلىك ئادىتىمىزگە، تەۋەرۈك ئۇدۇمغا ئايلاندۇرالايلى!...
مەسئۇلىيەتچان، تۆھپىكار، ئىشچان مۇئەللىم؛ زامانىمىزدا تەپەككۇرنىڭ يوقىرى پەللىسىگە كۆتۈرۈلەلىگەن ھەقىقىي مەنىدىكى ئۇلۇغ ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئېيتقاندەك:  كىتاب _ يۈكسەك ئۇچۇر ۋە مۇقەددەس تامغىدىن ئىبارەت. كىتاب _ كەڭ مەنىدە ئىنسانىيەتنىڭ بىلىش تارىخى. كىتاب ئالدى بىلەن ئىنسان قەلبىدىكى كائىنات. ياخشى كۇتۈپخانا ھەقىقىي مەنىسى بىلەن كائىناتنىڭ جاھاننەما ئەينىكى بولۇپ، بۇ ئەينەكتە ئۆز سەرگۈزەشتلىرىمىزدىن ھالقىغان دۇنياۋى ماھىيەتلەر جىلۋىلىنىدۇ. ئىنسان كىتاب ئارقىلىقلا پۈتكۈل تارىخنى قىياسەن باشتىن كەچۈرىدۇ. ئەنگىلىيەلىك مۇتەپەككۇر بېكون ئېيتقاندەك، << كىتاب قىممەت باھا يۈكنى ئەجدادتىن ئەۋلاتقا يەتكۈزىدىغان كېمە >>.  كىتاب بىزنى مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتنىڭ ئىزاھلىغۇچىسى، ۋارىسى قىلىدۇ. پۈتۈن ماددىي روزىغارلار، بىنالار، بانكىلار، شەھەر ۋە مەملىكەتلەر، ھەتتا پۈتۈن سۈرۈك مىللەتلەرمۇ يوقىلىپ كېتىدۇ، پەقەت كىتاب يوقالمايدۇ... ئىنسان ياراتقان مۆجىزىلەر ئىچىدە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە  مۆجىزە پەقەت كىتابتۇر. كىتاب ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئۆلمەس روھى. ئۇلۇغ تارىخىي سىيمالارنىڭ ھەقىقەت يالقۇنلىرىنى مەڭگۈ يېلىنجىتىپ تۇرىدىغان مۇقەددەس ئوچاق. ئەگەر كىتاب بولمىغان بولسا، دۇنيانى مىڭلىغان قۇياشمۇ جاھالەت ئازابىدىن قۇتۇلدۇرالىشى مۇمكىن بولمىغان بولاتتى!!!... كىتاب _  ھەر بىر شەخسنىڭ مەنىۋىي فوندى ۋە ئۇنىڭ كامالەت گۇۋاھنامىسى. قەدىمكى رىم ناتىقى تىستىرون << كىتابسىز ئۆي-جانسىز تەن >> دەپ توغرا ئېيتقان. كىتابسىز شەخس مەيلى ئۇ باي مىراسخور ياكى ئالتۇن خەزىنە ئىگىسى بولسۇن، ئۇ بەختسىز ۋە بەختسىزلىكىدىن خەۋەرسىز ناداندۇر. ئۇ ھەتتا يۈز يىل  ياشىسىمۇ، مەدەنىيەت تارىخىدىن ساۋاتسىز ئۆمرى كوتا بەندە ھېسابلىنىدۇ. كىتاب ئۆز ئاشىقىغا چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر بەخش ئېتىدۇ. ناداننىڭ بىر ئەسىرلىك ئۆمرى بىلىملىك كىشىنىڭ يېرىم ئەسىرلىك ئۆمرىدىن كۆپ قىسقا ھېسابلىنىدۇ. كىتاب قەلبنى پاكلايدۇ. ئۇنىڭ ئىنسانغا بېغىشلىغان نۇر – نۇسرىتىنى ھەرقانداق زىننەت بۇيۇملىرىمۇ پەيدا قىلالمايدۇ. ئۇ ئىنساننىڭ يۈزى، كۆزى ۋە سۆزىگە مۇقەددەسلىك نۇرى ئاتا قىلىدۇ. كىتاب ئاشىنالىرى خۇددى ئالماستەك يارقىن بولسا، نادانلىق ئىجىللىرى بەئەينى گۆشىيىپ تۇرغان قارا تاشقا ئوخشايدۇ.
كىتاب _ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت دەرياسى ۋە مەنىۋىي قىياپەت مەكتىپى. نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى پۇل تېجەش  ئەمەس، بەلكى نادانلىقتىن قۇتۇلۇش ۋە بۇ يولدا كىتاب بىلەن ھەپىلىشىشتۇر. نادانلىققا قارشى ئاتلىنىشقا جۈرئەت قىلغاندىلا، بەخت يولى ئېچىلىدۇ، بۇ ئەپسانە ئەمەس، پولاتتەك ھەقىقەتتۇر. پۇل تاپقاندا ئۆيىنى كۆزنى چاقنىتىدىغان گىلەم ۋە زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن بېزىگەن ئائىلە بىلەن ئۆيىنى كىتاب ئىشكابلىرى بىلەن بېزىگەن ئائىلىنىڭ قىممىتى پەرقلىقتۇر. كىتاب _ لوقمان ھېكىم. كىتاب _ رۇستەم پالۋان. كىتاب _ بەخت قۇشى ئەنقا، بۇ ئاددىي تەسۋىر ئەمەس، بەلكى مەڭگۈلۈك ھەقىقەت!
بىز ئەقىل كۆزىمىزدە ئوبدان قاراپ باقايلى ! ئەگەر دۇنياۋىي مەشھۇر ئەسەر، ئۇلۇغ ئىلمىي ئابىدە _ << قۇتادغۇبىلىك >> (بەخت كەلتۈرگۈچى ئىلىم )، << دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرۈك >> (تۈركىي تىللار دىۋانى ) تىن ئىبارەت تەۋەررۈك كىتابلىرىمىز بولمىغان ،  تا بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلمىگەن بولسا، بىز ئەۋلادلار  بۇندىن بىرنەچچە ئەسىر بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن مەھمۇد كاشىغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق  دۇنياۋىي مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىملىرىمىزنى؛ بىباھا بىلىم دۇردانىلىرىنى بىلەر بولغىيمىدۇق؟...( شۇ دەۋىرلەردىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ياشاپ ئۆتكەنلىكى ئەمەلىيەت.) مانا بۇ، دەل كىتاب سۆيگەننىڭ، بىلىم سۆيگەننىڭ خاسىيىتى-ئەمەسمۇ!؟... << بىلىملىك نۇرلىنار، بىلىمسىز خارلىنار! >> دېگەننىڭ دەلىلى ئەمەسمۇ!؟...
كىتابنى ئاسرايلى! كىتابنى سۆيەيلى! چۈنكى ئۇنىڭدا بىزنىڭ چاڭقاق دىلىمىزنى قاندۇرىدىغان تۆگىمەس بۇلاق- بىلىم شەربەتلىرى بار؛ ئۇنىڭدا بىزنى بۈيۈكلۈككە ئىگە قىلىدىغان غايەت زور قۇدرەتلىك كۈچ بار؛ ئۇنىڭدابىزنى ئەركىن پەرۋاز قىلدۇرىدىغان سۇلماس قانات بار!...كىتابنى يىرتىپ، ئەخلەتخانىغا تاشلىغانلىق؛ كىتابنى تۇپا-چاڭ بىلەن باستۇرۇپ خارلىغانلىق، ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنى ئەخلەتكە ئايلاندۇرغانلىق، ئۆزىمىزنى خارلىغانلىقتۇر. ئەھمىيەتلىك يىغىلىشلاردا، خاتىرە كۈنلەردە كىتاب سوۋغا قىلىش مۇھىم ئادىتىمىزگە ئايلانسۇن!...بۈگۈن ئاددىي بىر تاماقخانىغا كىتاب سېلىنىپتۇ. دېمەك، ئەتە، ئۆگۈندىن ئىبارەت يېقىن كەلگۈسىدە ئادەملەرنى چاقىرمىسىمۇ بارىدىغان دوختۇرخانا، پوچتىخانا، ساتىراچخانا، ھۆسىن تۈزەش سالۇنلىرى، سودا-سارايلارغىمۇ كىتاب سېلىنىدۇ؛ كىتابخانىسى يوق ئائىلىلەردىمۇ كىتابخانا قۇرۇلىدۇ، ئادەملەر كىتاب ئوقۇپ، تېخىمۇ بەختلىك ياشايدۇ؛ نادانلىقنى، خۇراپاتلىقنى يىراق-يىراقلارغا كەلمەسكە چۆرۈپ تاشلايدۇ... دېگەنگە ئىشىنىشكە  مېنىڭچە بولىدۇ. ئەقلى ئويغاق، ئىنسانپەرۋەر ئوغلانلىرىمىز؛ مەسئۇلىيەتچان، مېھرىبانلىرىمىز بۇلارنى چوقۇم روياپقا چىقىرىدۇ...ھەممە بىر نىيەتتە گۈزەل ئىقبالغا قاراپ ئالغا باسىمىز!...
يول _ ئاچقۇچىلارغا، غەلىبە _ ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپ!...ئوقۇيمەنلا دەيدىكەنمىز، گېزىت، كىتاب –ژۇرناللار << تارىم>>، << جۇڭگۇ مىللەتلىرى >>، << شىنجاڭ مائارىپى >>، << شىنجاڭ ئاياللىرى >>، << شىنجاڭ ياشلىرى >>، << تەڭرىتاغ >>، << مىراس >>، << بىلىم-كۈچ >>، << پەن ۋە تۇرمۇش >>، << يېڭى قاشتېشى >>،   << تارىم غۇنچىلىرى >>،...دېگەندەك  ئىنتايىن جىق ۋە سەرخىل.  قىممەتلىك ھاياتىنى بىلىم ئۆگىنىشكە، ئىلىم- پەن تەتقىقاتىغا، ئىجادىيەتكە ئاتىغان؛ ۋەتەن- خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىغان  ئىلىمسۆيەر، كىتابخۇمار، مەسئۇلىيەتچان، يۈكسەك ئالىيجاناب ئىنسانىي روھقا ئىگە قەدىردانلىرىمىزدىن ئۇلۇغ ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىنىڭ << ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى>> ناملىق كىتابى؛  ئۇلۇغ ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ << ئىز >>، << ئويغانغان زېمىن >> ناملىق رومانلىرى؛ زوردۇن سابىر ئەپەندىنىڭ << ئانا يۇرت >> ناملىق تىرىلوگىيىسى؛ ئەخەت تۇردى ئەپەندىنىڭ يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا تويۇنغان << سەرسان روھ >> ناملىق رومانى؛ ياسىن زىلال ئەپەندىنىڭ ئالىيجاناب ئىنسانىيلىق روھىغا باي << مۇھەببەت >>، << ساداقەت >> ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى؛ ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ << ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا >> ناملىق كىتابى؛ خالىدە ئىسرائىل خانىمنىڭ ‹‹ قۇملۇقنىڭ چۈشى ›› ناملىق پوۋېستى؛ تۇرسۇنجان مۇھەممەت ئەپەندىنىڭ << ھىجران >>، << كۈز يامغۇرى >> ناملىق رومانلىرى؛ رېھىم نىياز ئەپەندى بىلەن مەتتۇرسۇن سۇلايمان ئەپەندى بىرلىكتە تۈزگەن << قاراقۇرۇم باغرىدىكى يېشىل مەرۋايىت-كېرىيە >> ناملىق كىتاب...قاتارلىق كىتابلار ھەقىقەتەن ئوقۇشقا تېگىشلىك، ئەتىۋارلىق كىتابلاردۇر. (بۇ كىتابلار مەن يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا كېچىكىپ بولسىمۇ تونۇشقان، سۆيۈپ ئوقۇغان ، مەنىۋىي زوق ئالغان،  ئانا تىلىمىزدا نەشىر قىلىنغان قىممەتلىك كىتابلار )   مەن تېخى ئوقۇشقا نائىل بولالمىغان ، ئانا تىلىمىزدا ۋە باشقا، نۇرغۇن تىللاردا نەشىر قىلىنغان ئەتىۋارلىق كىتابلار يەنە ئىنتايىن كۆپ.
بىزدە << دانا مېڭىسىنى تولدۇرۇشقا قايغۇرسا، نادان قارنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن قايغۇرىدۇ. >> دەيدىغان گەپ بار. يەنە <<چىشىڭنىڭ بارىدا گۆش يە. >> دېگەن گەپمۇ بار. بىز ھەممىمىز ھايات كارۋانلىرى. بىزنىڭ كۆزىمىز ھامىنى يۇمۇلىدۇ، پەقەت ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى بار شۇ. شۇڭا نۇرلۇق، ئۆتكۈر كۆزلىرىمىز مەڭگۈلۈك يۇمۇلۇشتىن ئىلگىرى ئۆزىمىزگە ماس كېلىدىغان، ياخشى كىتابلارنى جىق ئوقۇپ، بىلىم قاچىمىزنى لىق تولدۇرۇپ، ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان شان-شۆھرەتلەرگە يېڭى ۋە مۇناسىپ شان-شۆھرەتلەرنى قوشۇپ، ھەقىقىي شەرەپلىك بولۇشقا تىرىشايلى! ...
ئېسىمىزدە بولسۇنكى، كىتاب- ئىنساننىڭ ئوتلۇق يۈرىكى، گۈزەل تىلىكى بىلەن يېزىلىدۇ.

مەن دەيمەنكى:

كىتاب، ئۇ- ئىنساننىڭ بەخت يول خېتى!
كىتاب، ئۇ- ئىنساننىڭ تەخت ھۇل تېشى!
كىتابنى  ھەرچاغ  دوست  تۇتسا  كىشى،
ھامىنى     كۆككە   تاقىشار    بېشى  !!!


كىتاب، ئۇ- ئىنسانغا    سۇلماس   قانات!
كىتاب، ئۇ- ئىنسانغا    ئۆلمەس   ھايات!
كىتاب  ئۇقۇ!   بىلىم  ئال! ئەي  ئىنسان،
مەرىپەت    نۇرىنى    جاھانغا    تارات !!!

چۈنكى:

بىر  دانا  توختىماي   قىلاتتى    خىتاب،
بىلىمسىز   كىشىلەر   ئەما  ھەم   بىتاپ.
سورىدىم: << ئەملەشنىڭ دورىسى   نېمە؟
ئۇ دېدى: << كىتابتۇر،كىتابتۇر،كىتاب! >>
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-8 10:48  


باھا سۆز

ئۇزۇن ماۋزۇ كۆرۈنمە مۇندەرىجە كاتەكچىسىگە پاتماي، قىسقارتىپ ئېلىندى.  ۋاقتى: 2015-9-8 10:51 AM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-8 09:33:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تولىمۇ بەلەن ئىش بولۇپتۇ... باشقا تاماقخانىلارمۇ ئىجابىي ئۆرنەك ئالسا بولغۇدەك...

ۋاقتى: 2015-9-8 10:10:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشخانىلىرىمىز بۇنداق مەنىۋىي ئوزۇقمۇ بىرەلىسە، بۇخىلدىكى ئاشخانىلار كۆپەيسە قانداق ياخشى-ھە؟ ئىنتايىن ياخشى باشلىنىش بوپتۇ. شۇ كىتابلارنى قەدىرلەپ ئىتىبارىنى قىلىدىغانلارمۇ بارغانسىرى كۆپەيگەي.

ۋاقتى: 2015-9-8 10:26:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاب بىلىم بۇلىقى،كىتاپ ئ‍ۇقۇش يىلىدا ئۆزىمىزنىڭ  قۇلىدىن كېلىشىچە كىتاپقا مۇناسىۋەتلىك خەيىرلىك ئ‍ىش قىلىش ھەربىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى .تىما ئ‍ىگىسىگە رەھمەت ئ‍ېيتىمەن ھەمدە "دىل ئارام تاماقخانىسى"دىكى ئ‍ىنىم مەمتىمىن، مەترۇزاخۇن ۋە بارلىق ئ‍ۇستا ،شاگىرتلارنىڭ ئ‍ىشلىرىغا نۇسرەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-9-8 11:39:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       بىزنىڭ ياشلىرىمىزغا بەكمۇ زۈرۈر بولغان ئەھمىيەتلىك تېمىنى ياخشى يۇرۇتۇپسىز. بىزدە مەنىۋى دۇنيارىمىزنى بېيىتىشقا ئىنتىلىش يەنىلا يىتەرلىك بولمايۋاتىدۇ. كىتاپ ئوقۇپ بىلىم ئېلىشقا ئىنتىلىش ھازىرقى زامان ئادەملىرى ئۈچۈن دەۋىرگە ئۇيغۇنلىشىپ ياشاشنىڭ بىردىن-بىر يولى. ماددى تۇرمۇشىمىز ياخشىلاندى. مەنىۋى دۇنيارىمىز تېخىچە نامرات. بۇنى پەقەت كىتاپ ئوقۇش، بىلىم ئىگەللەش ئارقىلىق تولۇقلىغىلى بولۇدۇ. بۇ يەردە شۇنى دىگۈم كىلىدۇ، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كىتاپلار  تارىختا ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك كۆپ بولغان ئەمەس. ھەممە ساھە، ھەممە كەسىپنىڭ كىتابى بار   بولدى. ئەمما بىزدە كىتاپ ئوقۇيدىغانلار بەكمۇ ئاز. بۇ بىزدىكى چوڭ نوقسان. سىزنىڭ بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ، ياخشى بىر تېمىنى تورغا يوللىغىنىڭىزغا ئاپىرىن.

ۋاقتى: 2015-9-9 16:27:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەن ياخشى باشلىنىش بوپتۇ. مۇشۇنداق خۇش-خەۋەرلەردىن بىزنى بەھرىمان قىلغان   قەلەم ئىگىسىگە رەھمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-9 23:27:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارنىڭ مەدەت بەرگىنىگە كۆپ تەشەككۈر!...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش