يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 294|ئىنكاس: 1

تاغداش: سەھرادىكى جاپاكەش ئۇستازلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سەھرادىكى جاپاكەش ئۇستازلار

(نەسىر)
مەتيۈسۈپ ئابدۇسەمەت
(ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا ئاتاپ بىر سەبىي قىز تىلىدىن يېزىلدى)

سالام! ئىلىم- مەرىپەت نۇرلىرى بىلەن سەبىي دىللارنى يورىتىۋاتقان جاپاكەش ئۇستازلار، ياخشىمۇ سىلەر!؟
بۈگۈنكىدەك خۇشاللىققا تولغان بۇ كۈندە سىلەرگە بولغان ئوتلۇق بولغان ئوتلۇق سالىمىمنى يەتكۈزۈشۈمنى قوبۇل قىلغايسىلەر!بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!...
جاپاكەش ئۇستازلار ، سىلەرنىڭ مۇشۇ كىچىككىنە خۇشاللىق كۈندىن باشقا بىر يىل 365 كۈنۈڭلار ئۈن- تۈنسىز ئەجىر- مېھنەت بىلەن ئۆتىدۇ ئەمەسمۇ، سىلەرنىڭ زىممەڭلەردىكى يۈك نەقەدەر شەرەپلىك، نەقەدەر جاپالىق ھە!...
جاپاكەش ئۇستازلار، سىلەر ھەر قېتىم يۈزلىرىنى توپا- چاڭ باسقان، چىرايىدىن بىر خىل مىسكىنلىك چىقىپ تۇرىدىغان سەبىي غۇنچىلارنى، ئۇلارنىڭ ئاقكۆڭۈل، ساددا ئاتا- ئانىللىرىنى كۆرگىنىڭلاردا ئۆز ۋەزىپەڭلارنىڭ ناھايىتىمۇ جاپالىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدىغانسىلەر، ئۇلارنىڭ يالاڭ ئاياق پۇتلىرىغا، يىرتىق- ياماق كىيىملىرىگە قاراپ چوڭقۇر ئاھ ئۇرىدىغانسىلەر، ئاھ! نېمىدېگەن ئاجىز، نېمىدېگەن بىچارە ھە!... سىلەرنىڭ ئاشۇ سەبىي غۇنچىلارنى قاتارغا قوشۇش جەريانىدا تارتىدىغان جاپالىرىڭلار ئازمۇ؟!...
زىمىستان قىش، قار لەپىلدەپ ياغماقتا، ھەممە ئىسسىق ئۆيلىرىدە، جاپاكەش ئۇستازلار سىلەرچۇ؟...
سىلەر لەپىلدەپ يېغىۋاتقان قارغا، ئاچچىق شىۋىرغانغا، قۇلىقىڭلارنىڭ ئۈششۈپ، پۇتلىرىڭلارنىڭ مۇزلاپ كېتىۋاتقانلىقىغا قارىماي يۇرتىمىزنىڭ ئوڭغۇل- دوڭغۇل يوللىرىدا سەبىي غۇنچىلارغا بىر مىنوت، بىر سېكونت بولسىمۇ ئىلىم- مەرىپەت نۇرلىرىنى يەتكۈزۈش، ئۇلارنى مەكتەپكە يىغىش ئۈچۈن كېتىۋاتقانسىلەر...
سەبىي غۇنچىلارنى مىڭبىر جاپادا مەكتەپكە يىغىپ ئۇلارنىڭ يىلىڭ كىيىملىرىگە قاراپ ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇغان ھالدا مەشكە ئوت يېقىش بىلەن ئاۋارە بولىدىغانسىلەر،...
پەرزەنتلىرىنى تۈرلۈك باھانە- سەۋەپلەر بىلەن ئوقۇشتىن قالدۇرىۋاتقان بىر قىسىم ئاتا- ئانىلار نېمىلەرنى ئويلايدىغاندۇ، پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلمامدىغاندۇ؟ پەرزەنتلىرىنڭ مۇشۇ يىراق سەھرادا مەڭگۈ كەتمەننىڭ قۇلى بولۇپ ئۆتۈشىگە قاراپ تۇرۇپ يول قويامدىغاندۇ؟...
سىلەر ئاشۇنداق بىر قىسىم نادان ئاتا- ئانىلارنىڭ ئاچچىق تىل- ھاقارەتلىرىگە قارىماي ئۇلارغا تەربىيە ئىشلەپ پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قانچىلىك جاپالارنى تارتىدىغانسىلەر،...
        خەير، مەن بولسام بىر ناراسىدە قىز، سىلەرگە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش ھازىرچە قولۇمدىن كەلمەيدۇ، لېكىن سىلەرگە ياخشى تىلىكىم بار: يۇرتىمىزنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان جاپاكەش ئۇستازلار، يۇرتىمىزغا شان- شەرەپ كەلتۈرگۈچى قەددىڭلار پۈكۈلمىسۇن، سەپىرىڭلارغا ئاق يول بولسۇن، ماڭغان يوللۇرۇڭلاردىن گۈل- غۇنچىلار پورەكلەپ ئېچىلسۇن، ئەجرىڭلار مېۋە بەرسۇن!!!...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاغداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-7 13:30  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-7 18:11:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تېخى كەلمىگەندە بايراماغا  نەغمە قىلۋاتىقان گەپكەن  ماۋۇ ھەھ ەھ!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش