يىقىندا يولدىشىم ئىككىمز ئوتتۇرىسىدا كىچىككىنە بىر ئىش سەۋەپلىك سۇركىلىش يۇزبەردى.ئۇھەركۇنى ئەتىگەنلىكى ئالدىراش ناشتىلىقىنى قىلىپ بۇلۇپ ئىشىغا ماڭاتتى،لىكىن ئوغلۇم ئىككىمىز بىلەن قىلچە كارى بۇلمايتتى.بۇنداق چاغلار دا ئۇزۇمنى ئىنتايىن بىچارە ھىسقىىلىپ قالىمەن.بىركۇن كەچكىچە ئۇي ئىشلىرى بىلەن ھېرىپ ھالىمدىن كەتسەممۇ ئوغلۇم يىغلاپ ياخشى ئارام ئالالمىساممۇ ئۇ ھىچ ئىش بۇلمىغاندەك خاتىرجەم ئۇخلايتتى.بىرەر قىتىم بۇلسىمۇ چارچاپ كەتتىڭىز ئارام ئىلىۋىلىڭ دىگەندەك سۇزلەرنى ئەسلا قىلمايتتى.شۇنداخ ئاياللار ئەرلىرىرىدىن ھاردىڭىز مۇ،تاماخ يىدىڭىز مۇ ،قانداق تاماخ ئىتىپ بىرەي ،بىردەم يىتىپ ئارام ئېلىۋالامسىز ؟دىگەندەك سۇئاللار نى دائىم سۇراپ تۇرىشنى ئاساسەن ئۇنتۇپ قالمايدۇ.لېكىن ئەرلەر شۇنداخ ئاددىي ئەمما كۇڭۇلنى ئىللىتىدىغان ئۇنداخ سۇزلەرنى ئۇزجۇپتى ئۇچۇن ئىشلىتىشنى خالىمايدۇ ياكى ھىچقانداق ئەھمىيىتى يۇق دەپ قارايدۇ.بىز ئاياللار ئۇچۇن زىبۇ-زىننەت كىيىم -كېچەك،قاتار چاي دىگەنلەر مۇھىم ئەمەس بەلكى يۇلدىشىمىزنىڭ كۇيۇمچانلىقى مېھىر-مۇھببىتى ھەممىدىن مۇھىم.شۇڭا مەن ئەر دۇسلارنىڭ ئاياللىرىغا كۇڭۇل بۇلىشىنى ئۇلارنى قەدىرلىشىنى ،چىن يۇرىكىدىن سۇيىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.
|