كۆرۈش: 345|ئىنكاس: 3

ئىلھام مۇھەممەد : ئۇلۇغ ئەربابلار كەينىدىكى بىشەم ئاياللار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇلۇغ ئەربابلار كەينىدىكى بىشەم ئاياللار  


ئىلھام مۇھەممەد




(چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گۇرۇپپىسى)


— ياخشى خوتۇن يامان ئەرنى  ئەر قىلار،
يامان خوتۇن ياخشى ئەرنى يەر قىلار. (ئۇيغۇر خەلق ماقالى)
ھۆرمەتلىك ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن «ئائىلە» ناملىق ئەسىرىنىڭ سۆز بېشىدا: «ئائىلە ــ نوقۇل مەنىدىكى ئىككى جىنىس قوشۇلمىسىنىڭ قانۇنىي شەكلى بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە، ئىنسان ئەۋلادلىرىنىڭ تەۋەللۇتگاھى؛ مېھىر-شەپقەت، ئەقىل- ئىدراك، ئەخلاق- ئادەت، بىلىم- مەدەنىيەتنى يېتىشتۈردىغان تۇنجى مەكتىپى؛ ئۆمۈر ئەجىرلىرىنىڭ ئەڭ مۇپەسسەل مۇزېيى؛ كۆڭۈل جاراھەتلىرىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك شىپاخانىسى؛كىشىنى مەڭگۈلۈك دۇنياغا ئۇزىتىدىغان مۇسىبەت ئۆيى؛ ئەۋلادلار شەجەرىسىنىڭ يىلتىز ۋە شېخى؛ مىللەتنى قۇيۇپ چىقىدىغان قېلىپ.»دېگەن. ئۆزئارا چۈشىنىش، ھۆرمەتلەش، كۆيۈنۈش، قوللاش، قەدىرلەشنى مىزان قىلمىغان نىكاھتا بەختىمۇ بولمايدۇ. ئەر- خوتۇنلار بىر-بىرىگە سەمىمىي-سادىق بولىشى، ئۆزئارا كۆيۈنىشى، بىر-بىرىنىڭ سەۋەنلىكىگە يول قويۇپ،جاپا- مۇشەققەتتىمۇ ئۆزئارا يار-يۆلەكتە بولىشى، ئائىلىسىنىڭ بەخت- ئىستىقبالى،كەسپىدە ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى يېتىلدۈرىشى كېرەك. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھەرقانداق ئەرنىڭ كەينىدە ئۇنى قوللايدىغان بىر ياكى بىر نەچچە ئايالنىڭ بولىدىغانلىقى ھېچكىمگە سىر ئەمەس. دۇنيادىكى ئاتاقلىق  شەخسلەردىن ۋولئۇ كيۇرى بىلەن مارىيە كيۇرى، ساترې بىلەن سىمونا، جوۋئېنلەي بىلەن دىڭ يىڭچاۋ... قاتارلىقلار بىر- بىرىگە سادىق بولۇپ،ئۆزئارا يار- يۆلەكتە ئۆتكەن ئۆمۈرلۈك ھەمراھلاردۇر. ئامېرىكىلىق مۇتەپەككۇر تاۋلېس دېكس ئېيتقاندەك: «بىر ئەرنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇش- بولماسلىقىدا ئۇنىڭ ئايالىنىڭ مىجەزى ھەرقانداق ئىشتىنمۇ مۇھىم. ئايال كىشى جاھاندىكى ھەممە گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مىجەزى چۇس، كوت-كوت، قۇسۇرچى بولسا، ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاقى نۆلگە تەڭ بولىدۇ.» مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئۇلۇغ ئەربابلار ئىچىدە بىشەم، ۋالاقتەگكۈر ئايالىنىڭ تۈگىمەس زارلىنىشلىرى، يولسىز ئەيىپلەشلىرى، گۇمانخور، كۈنداشلىقى سەۋەبىدىن، بەختسىزلىكىنىڭ ئازابىنى يەتكىچە تارتقان شەخسلەرمۇ ئاز ئەمەس.   
(1) ناپولېئونIII  ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى‐ ئېۋخېنى
ناپولېئونIII لۇئى بوناپارت (1808-1873)دۇنيا يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئاتاقلىق ئەرباب ناپولېئون بوناپارت(1769-1821)نىڭ جىيەنى،ئۇ ناپولېئوندىن كېيىن فىرانسىيە 2- ئىمپېرىيەسى(1852-1870) نىڭ پادىشاھى بولغان. ناپولېئونIII 1840- يىلى فىرانسىيەگە پادىشاھ بولغاندىن كېيىن، ئىسپانىيەلىك گرافنىڭ قىزى، جاھاندا ئەڭ گۈزەل ساھىبجامال ئېۋخېنى دېبورغا كۆڭلى چۈشۈپ قالىدۇ. ناپولېئونIII  نىڭ ئىچكىي كابنېت مەسلىھەتچىلىرى: «ئۇ ئانچىكى بىر گرافنىڭ قىزىغۇ، خانىش بولۇشقا لايىق ئەمەس!» دەپ تويغا قەتئىي قارشى تۇرغاندا، ناپولېئون: «ئۇنىڭ گۈزەل ھۆسن-جامالى، ئاجايىپ سېھرىي كۈچى مېنى مەھلىيا قىلىپ، ماڭا روھىي جەھەتتە مۇقەددەس بەخت ئاتا قىلدى. مەن ئەڭ چۈشىنىدىغان، ئۆزۈم ئەڭ سۆيۈملۈك دەپ بىلگەن قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم!»دەپ خىتاپ قىلىدۇ ۋە ئېۋخېنى بىلەن توي قىلىدۇ. دەرۋەقە، ناپولېئون ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىنىڭ توققۇزى تەل، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ، ساغلاملىق، مال-دۇنيا، كۈچ- قۇدرەت، ھوقۇق- مەرتىۋە، گۈزەل سۇمبات، مۇھەببەت ۋە ئېتىقاد دېگەنلەردىن مىسلىسىز دەرىجىدە  بەھرىمان بولىدۇ. ناپولېئون ئېۋخېنىگە خانىشلىق مەرتىۋىسى بېرىشى مۈمكىن ئىدى. بىراق گۈزەل فىرانسىيەنىڭ بارلىق نېمەتلىرى، ئېرىنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتى ياكى ئۇنىڭ پادىشاھلىق نوپۇزىمۇ ئۇنىڭ تولا كوتۇلدايدىغان ئاغزىنى باسالمايدۇ. كۈنداشلىقى، گۇمانخورلۇقى كۈچلۈك بۇ ئايال ئېرىنىڭ بۇيرۇقى ۋە نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىمايدۇ، ھەتتا ئىما- ئىشارەت قىلىشلىرىغىمۇ پەرۋا قىلمايدۇ. بىر دۆلەتنىڭ باشلىقى بولغان ئېرىنى «پەقەت ماڭىلا تەۋە» دەپ قاراپ، ئېرىنىڭ كۆڭلىنىڭ ئۆزگىرىپ قېلىشىدىن، باشقا ئاياللار بىلەن باردى- كەلدى قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئېرىنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىنىڭ بولۇشىغا، ھەتتا يالغۇز قېلىشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ. دائىم ئېرىنىڭ كۇتۇپخانىسىغا بېسىپ كىرىپ، توختىماي كوتۇلداپ، يولسىزلىق قىلىپ جىدەل تېرىيدۇ. ئېرى دۆلەت ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان چېغىدىمۇ دائىم يىغىن زالىغا ئۈسۈپ كىرىپ، ئېرىنىڭ دۆلەت ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا دەخلى قىلىپ، بىشەملىكنى چەككە يەتكۈزىدۇ. سورۇنلاردا ئېرىنىڭ باشقا ئاياللار بىلەن پاراڭلاشقانلىقىنى كۆرۈپلا قالسا، شۇ مەيداندىلا غوۋغا كۆتۈرۈپ، يىغلاش، تىللاش ئارقىلىق، ئېرىگە تەھدىت سېلىپ، بىر ھەقىقىي «دۆلەت ئانىسى» دا بولۇشقا تېگىشلىك ئەدەپ-قائىدىگىمۇ ئەمەل قىلمايدۇ. ھەمىشە سىڭلىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئېرىنى داتلاپ، قېيىداپ يىغلاپ، ئاغزى بېسىقماي كوتۇلداپ، ئېرىگە پوپوزا قىلىدۇ. مۇشۇنداق قىسمەتكە دۇچ كەلگەن فىرانسىيەنىڭ بۇ پادىشاھى ئۆز ئىناۋىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، دائىم دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ، خوتۇنىغا يول قويۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. سەلتەنتلىك ئوردا- سارايلىرى بار بۇ بىچارە پادىشاھ ھەشەمەتلىك ئوردا خانىلىرىدىن بىر دەم-يېرىم دەم خاتىرجەم ئارام ئېلىۋالغۇدەك پىنھان جاي تاپالماي قالىدۇ. لائىنخاد «ناپولېئون ۋە  ئېۋخېنى: ئىمپېرىيەدىكى تىراگىدىيە»ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە مۇنداق دەيدۇ: «كېيىن ناپولېئون دائىم كېچىلىرى يان ئىشىكتىن خۇپىيانە چىقىپ، شىلەپىسىنى كۆزىگە چۆكتۈرۈپ كىيگەن ھالدا ئىشەنچىلىك ئادىمىنىڭ ھەمراھلىقىدا كۆڭلىدىكى دەردىنى ئاڭلايدىغان ھەقىقىي گۈزەل ساھىبجاماللارنىڭ قېشىغا بارىدىغان بولدى ياكى قەدىمكى زامان سەيلىلىرىدەك ئۇلارنى ئېلىپ ئىمپىرىيەنىڭ كېچىلىرىدە شەھەرنى ئايلىنىپ، خالىغانچە كۆڭۈل ئېچىپ، شەھەرنىڭ ساپ، ھاۋاسىدىن بەھۇزۇر نەپەس ئالاتتى.» ناپولېئوننىڭ قەلبىدىكى مۇھەببەت ئوتىنىڭ تامامەن ئۆچىشىنى، ئوغرىلىقچە ئوردىدىن چىقىشىنى ئېۋخېنىنىڭ ۋالاقتەگكۇرلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. ئېۋخېنى بىر مەزگىل فىرانسىيەنىڭ سەلتەنەتلىك خانىشلىق تەختىدە ئولتۇرغان ۋە جاھاندا بىر ساھىبجامال بولسىمۇ، ئۇنىڭ كوت- كوتلۇق زەھەرى ئىچىدە خانىشلىق تەختى ھەم ساھىبجاماللىقىمۇ مۇھەببەتنىڭ داۋاملىشىشىغا دال بولالمايدۇ. ئالمالسىز قالغان بۇ بىچارە خوتۇن ئەپسۇسلانغان ھالدا قاتتىق يىغلاپ تۇرۇپ:«مەن ئەڭ قورقىدىغان ئىش ئاخىر يۈزبەردى!»دەپ ھەسرەت چەككەن بولسىمۇ، لېكىن شۇ ۋاقىتقىچە مۇھببەت ئوتىنى ئۆچۈرگەن كىشىنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ كۈنداشلىكى ۋە كوت- كوتلىقىدىن شۇ كۈنگە قالغانلىقىنى سەزمىگەنىدى.
(2) لىنكولىن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى‐ مارې
ئابراخام لىنكولىن(1809-1865) ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ پىرېزىدېنت، كېنتۇككى ئىشتاتىدا تۇغۇلغان،1861~ 1865- يىلغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن.  1862- يىلى دۇنياغا مەشھۇر «ئەركىنلىك خىتاپنامىسى»نى ئېلان قىلغان، قاتىلنىڭ قەستلىشى بىلەن بېشىغا ئوق تېگىپ قازا قىلغان. بۇ ئۇلۇغ پىرېزىدېنتنىڭ ھاياتىدىكى چوڭ پاجىيەمۇ ئۇنىڭ قەست قىلىنىشى بولماستىن، بەلكى خىزمەتدىشى خوددى ئېيتقاندەك، ئۇنىڭ 23 يىلدىن بېرى ھەركۈنى دېگۈدەك تارتقان «نىكاھ بەختسىزلىكى»نىڭ ئازابىدۇر. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ بېشىغا ئارتىس بوسنىڭ ئوقى تەگكەندىمۇ، ئۇ «جېنىمغا ئوق ئەمەس، بەلكى بەختسىز نىكاھىم زامىن بولدى» دېگەن ئىكەن. 1842- يىلى لىنكولىن كېنتۇككى ئىشتاتلىق پارلمېنت ئەزاسىنىڭ قىزى مارې تود بىلەن توي قىلىدۇ. ئۇلار تۆت ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن بولسىمۇ، بەختكە قارشى ئىككى ئوغلى كېسەل بىلەن قازا قىلىدۇ. مارېنىڭ ئاتا- ئانىسى بىر نەۋرە ئاكا- سىڭىللاردىن بولۇپ، يېقىن تۇغقانلارنىڭ توي قىلغانلىقىدىن بولسا كېرەك، تود ئائىلىسىدە ھەممەيلەننىڭ مىجەزى غەلىتە ئىدى. لىنكولىن ئەر- خوتۇنلار تەربىيەلىنىش، مىجەز- خۇلق، ھەۋەس- قىزىقىش، كۆزقاراش قاتارلىقلاردا تامامەن قارمۇ قارشى بولغانلىقتىن، دائىم تەگىشىپ قالىدۇ. شۇنچە كۆپ يىللار جەريانىدا، لىنكولىن خانىم دائىم جىلە بولۇپ، ئاۋارىچىلىق، كۆڭۈلسىزلىك تېرىدۇ، ئېرىگە توختىماي شالىنى چېچىپ، ئۇنىڭدىن قۇسۇر ئىزدەيدۇ. تىل- ئاھانەت ۋە باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئاچچىقىنى چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك چىرقىراق ئاۋازى كوچىنىڭ ئۇ تەرىپىدە تۇرغانلارغىمۇ ئاڭلىنىدۇ. مارېنىڭ ئاغزى بېسىقماي كوتۇلداشلىرى، تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەشلىرى، ھاكاۋۇرلىقى، مەمەدانلىقى، دائىم جىلە بولۇپ بىشەملىك قىلىشى لىنكولىننىلا ئەمەس، ئۆپ-چۆرىسىدىكى قوشنىلىرىنىمۇ بىزار قىلىۋېتىدۇ. ئېرىنى ئەيىپلەش ۋە ئۇنىڭدىن ئاغرىنىش ھوقۇقىغا ئۆمۈرلۈك ئىگە بولىۋالغاندەك، ئېرىدىن زارلىنىپ، ئۇنى سۆكۈپ، ھەممە ئىشىنى خاتاغا چىقىرىدۇ. لىنكولىننى «مېڭىشى سەت، دوڭغاقلاپ ماڭىدۇ، قەدەم ئېلىشى ئىندىيانلارغا ئوخشاش كالانپاي، پۇتلىرى تاياقتەك، يۈرۈش- تۇرۇشى سالاپەتلىك ئەمەس، كالپۇكى ئورانگوتاننىڭكىگە ئوخشايدۇ» دەپ قاقشايدۇ. قەدەم ئېلىشىنى دوراپ مەسخىرە قىلىپ، ئېرىدىن پۇتىنىڭ ئۇچچىدا دەسسەپ مېڭىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ھەتتا ئېرىگە ئوچۇقتىن- ئوچۇق:«قۇلاقلىرىڭىز سالپاڭ، بۇرنىڭىز مايماق، دورداي كالپۇك، سىياقىڭىز سىل كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىنى ئەسلىتىدۇ، پۇت- قولىڭىز بەك چوڭ، بېشىڭىز بەك كىچىك» دەپ ئۇنىڭ قىياپىتىنى ياراتمايدۇ. لىنكولىن مارې بىلەن توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار چونتاندىكى بىر دوختۇرنىڭ تۇل قالغان ئايالى ئوللى خانىم بىلەن بىللە تۇرىدۇ. بىر كۈنى ئەتتىگىنى ناشتا ۋاقتىدا لىنكولىن خانىم نېمە ۋەجىدىندۇر تېرىكىپ قېلىپ ئوللى خانىمنىڭ ئالدىدىلا ئېرىنىڭ يۈزىگە بىر ئىستىكان قىزىق قەھۋەنى چاچىدۇ. لىنكولىن دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ ئۈن-تىنسىز ئولتۇرغاندا، ئوللى خانىم لۆڭگە بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىبېشىنى سۈرتىدۇ. ئائىلىدە خۇشاللىققا ئېرىشەلمىگەن لىنكولىن كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەپ تۇغقانلىرى ياكى دوستلىرىنى بىرەر قېتىممۇ ئۆيىگە تاماققا تەكلىپ قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. مارېنىڭ قاتتىق قارشى تۇرشى بىلەن لىنكولىننىڭ ئۆگەي ئاپىسى 23 يىلدىن بېرى ئۇلارنىڭ بوسۇغۇسىدىن ئاتلاپمۇ باقمايدۇ. لىنكولىن بۇنداق ئىشلارغا ئۈن- تۈنسىز بەرداشلىق بېرىپ، ئايالىغا شۇنچە نەسىھەت قىلغان، ئۇنىڭغا يول قويغان بولسىمۇ، بۇ ئۆكتەم خوتۇننى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. نەتىجىدە ئايالىنىڭ بۇنداق بىشەملىكلىرى، ئەيىپلەشلىرى، تېرىكىشلىرى لىنكولىننىڭ بەختسىز نىكاھتىن پۇشايمان قىلىپ، ئايالىغا بولغان پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئۇنى نىكاھ بەختسىزلىكىدىن ئۆكۈنىدىغان، ئىمكان بار ئايالىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان قىلىپ قويىدۇ. لىنكولىن چونتان بازىرىدا ئادۋوكات بولغاندا، ھەپتە ئاخىرىدا باشقا ئادۋوكاتلار بىر ئامال قىلىپ، دەم ئېلىش كۈنىنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۆيىگە قايتىشقا ئالدىرىغاندا، ئۆيىگە قايتىشتىن بىزار بولغان لىنكولىننىڭ قىش- ياز كۈنلىرىمۇ ئائىلىسىگە قايتىشقا رايى بارمايدۇ. يىللارنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئايالىنىڭ ۋالاقتەگكۈرلىكىدىن بىزار بولغان، نىكاھ بەختسىزلىكىدىن ئۆكۈنگەن ئامېرىكىنىڭ بۇ ئۇلۇغ پىرېزىدېنتى يىرگىنىشلىك بۇ خانىمىدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن، دوستلرىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قېلىشقا، يېرىم كېچىدە يالغۇز كوچا ئايلىنىشقا رازى بولغانكى، ئايالىنىڭ يولسىز تىللاش، ۋاقىراشلىرىنى ئاڭلاشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
بىشەملىكتە ئۇچچىغا چىققان بۇ ئۆكتەم «دۆلەت ئانىسى» بىشەم- بەتخۇيلىقىنى لىنكولىن پىرېزىدېنت بولۇپ ئاق سارايغا كىرگەندىن كېيىنمۇ كونا سەنەمگە دەسسەپ يۈرىۋېرىپ، ئېرىنى بەكلا چارچىتىۋېتىدۇ. «ئەگەر سەن مەن دېگەن ئادەمنى ئۆستۈرمىسەڭ كۆپچىللىكنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى پاتقاققا تاشلايمەن!» دەپ ئېرىگە تەھدىت سالىدۇ. ئائىلىنىڭ گۈزەل ۋە ئىللىق مېھرى لىنكولىننىڭ قەلبىدە پۈتۈنلەي تۈگىگەن بولغاچقا، ھازازۇل خوتۇندىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرىكىدەك شارائىتى ناچار مېھمان- سارايلاردا ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇشقا، ھېچكىم بىلمەيدىشغان جايغا بېرىپ ئۇخلىۋېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بىر قېتىم ئۇ مۇھىم زىياپەت ۋاقتىدا لىنكولىننىڭ ئىشخانىسىغا ئۈسسۈپلا كىرىپ ۋالاقلاپ كەتكەندە، لىنكولىن گەپ ياندۇرماي ئىشخانىسىدىن چىقىرىۋېتىپ، ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك ئىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بۇ بىرىنچى خانىمى كىشىلىك تۇرمۇشتىكى بۇ «گۆر» نى مانا مۇشۇنداق بىر گۈرجەك، بىر گۈرجەكتىن قېزىپ ئېرىنىڭ مۇھەببىتى، بەختىنى نابۇت قىلىپلا قالماي، ئۆز بەختىنىمۇ ۋەيران قىلىدۇ.   
(3) لېف تولستوي ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى‐ سوفىيە
لېف تولستوي (1828-1910) رۇسىيەنىڭ 19- ئەسىردىكى مەشھۇر يازغۇچىسى. موسكۋاغا يېقىن جايدا ئاقسۆڭەك ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ھاياتىدا «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» (1863-1869)، «ئاننا كارىننا» (1873-1877)، «تىرىلىش» (1889) قاتارلىق رومانلارنى، «ئىۋان ئىلئىچنىڭ ئۆلۈمى» (1886)، «ھاجى مۇرات» (1886-1904) قاتارلىق پوۋېستلارنى يازغان. 1862-يىلى ئوتتۇرا بوي، تەمبەل، بومبا ساقال، كۆكۈش كۆزلىرىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدىغان، چىشلىرى كۆكىرىپ كەتكەن كۆرۈمسىز تولستوي 34 يېشىدا موسكۋادىكى ئاتاقلىق دوختۇرنىڭ قىزى− تېرىسى سۈزۈك، چېچى قاپقارا، لەۋلىرىدىن ھەمىشە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇردىغان 18 ياشلىق سوفىيە ئاندىرېۋنا بېلسنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، شۇ يىلى يىلى 9- ئاينىڭ 23- كۈنى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشى تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتىدۇ، مۇھەببەت ۋە ئائىلە بەختىدىن  ھەقىقىي ھۇزۇرلىنىپ، 13 پەرزەنتلىك بولىدۇ. ئىستىداتلىق، چىۋەر، ئۆي ئىشلرىغا پۇختا تولستوي خانىم ئېرىنىڭ ھەربىر پارچە ئەسىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئاغزاكى بايانلىرىنى خاتىرىلەپ، ئارگىناللىرىنى ئاققا كۆچۈرۈپ بېرىدۇ. تولستوينىڭ «ئۇرۇش ۋە تىنچلىق»، «ئاننا كارىننا» ناملىق بۇ ئىككى پارچە يىرىك ئەسەرنى غەيرەت بىلەن يېزىپ چىقالىشىنى ئايالىنىڭ ئۆي ئىشىنى ئۆزى قىلىپ، باللىرىنى ئۆزى بېقىپ ئېرىگە كۆيۈنگەنلىكى، غەمخۇرلۇق قىلغانلىقىدىن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى شام يورۇقىدا ئېرىنمەستىن ئەستايىدىل كۆچۈرۈپ چىققانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئىككى جەمەتنىڭ مىراسخورى بولغان تولستوي كۆپلىگەن مۈلۈككە ۋارىسلىق قىلغان بولغاچقا، تولستوي ئەر-خوتۇن مۇھەببەت، ئائىلە، بەخت، نام- ئاتاق، مەرتىۋە، مال- مۈلۈك دېگەنلەردىن مىسلىسىز دەرىجىدە بەھرىمان بولىدۇ. مۇھەببەت ھەم ئائىلە بەختنىڭ شېرىن مېۋىسىنى قانغۇچە تېتىغاندا، ئۇلار تەڭرىدىن ئۆزلىرىنىڭ نىكاھىنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشىنى تىلەيدۇ. ئەپسۇسكى، ئۆمۈر بويى كۆپ بەدەل تۆلىگەن تولستوي خانىم ئەر- خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ بارغانچە يىرىكلىشىپ، چوڭقۇر ھاڭنىڭ پەيدا بولىشىنى دۇنيا قارىشى ئۆزگەرگەن ئېرىنىڭ مۇرەككەپ ئىچكىي دۇنياسىنى ئۆزىنىڭ چۈشەنمەسلىكى،ھەقىقىي كۆيۈنمەسلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، بۇنداق ئىناقسىزلىق تولستوينىڭ ئىجادىيىتىگە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى قىلچە ھېس قىلمايدۇ. كۈندەشلىك ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئېزىپ، تولستوينىڭ ئىلگىرىكى ئىشلىرى ئۇنى ھەر ۋاقىت دەككە- دۈككىگە سالىدۇ. مەشھۇر نامى سانسىز ئاياللارنى ئۆزىگە رام قىلغان تولستوي تويدىن كېيىن بىرەر قېتىممۇ باشقا ئايالغا يېقىن يولىمىغان بولسىمۇ، شۆھرەتپەرەس، كۈنداشلىقى كۈچلۈك، جاھىل، بىشەم، ئەسەببىي مىجەزلىك تولستوي خانىم ئېرىنى ھەتتا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئامراق سىڭلىسىدىنمۇ كۈنلەپ بىرەر كۈنمۇ ئارامىدا قويمايدۇ. تولستوي تويدىن بۇرۇنلا سوفىيەگە ئۆزىنىڭ ياشلىق قىلىپ، قورۇقىدىكى خىزمەتكار ئايال ئاكسىنا بىلەن ئۈچ يىل ئارىشلىشىپ، ئۇنىڭدىن بىر نىكاھسىز پەرزەنتلىك بولغان مەخپىيىتىنى سەمىمىي ئىقرار قىلىدۇ. بۇ ئىشنى كۆڭلىدىن چىقىرىۋەتمىگەن تولستوي خانىم چۈشىدىمۇ ئاشۇ بالىنى تېپىپ ئۆلتۈرىۋېتىشنى ئويلايدۇ. ئېرىنى كىمنى كۆرسە شۇنىڭغا ئاشىق بولۇڭپ قالدىغان ئادەم دەپ ئويلاپ، ئۇنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن، يېزىلىق قىزلارغا ئوخشاش ياسىنىدۇ.
تولستوينىڭ كۈندەشلىكىمۇ بەك قاتتىق ئىدى. بىر كۈنى موسكۋادىن بىر يىگىت كېلىپ تولستوينىڭ يۇرتىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ قالىدۇ. تولستويغا بۇ يىگىت سوپفىيەگە بەك يېقىنچىلىق قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلغاچقا، تولستوي ئۇنىڭغا:«سىز ئولتۇرماقچى بولغان پوچتا ھارۋىسى مۇددەتتىن بۇرۇن يولغا چىقماقچى بوپتۇ» دەيدۇ.
تولستوي ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، خۇسۇسىي مۈلىكچىلىك تۈزۈمىدىن نەپرەتلىنىپ، دېھقانلارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ، تىنچلىقنى تەشۋىق قىلىپ، نامراتلىقنى تۈگۈتىشنى مۇراجەت قىلىدۇ. ئاقسۆڭەكلەرچە تۇرمۇشنىڭ ئۆز ئېتىقادىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئاددىي پۇقراچە تۇرمۇشقا ئىنتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئېكىنزارلىقلىرىدىن ۋاز كېچىپ، يەرلىرىنى باشقىلارغا ھەدىيە قىلىدۇ. تۇرمۇشتا ئاددىي- ساددا ياشايدۇ، يېمەك- ئىچمەك ۋە يۈرۈش- تۇرۇشتا ئۆزىگە قاتتىق چەكلىمە قويۇپ، گۆشسىز تاماق يەيدۇ، موزدوزلۇق قىلىدۇ. جىسماني ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىپ، ساپان بىلەن يەر ئاغدۇرىدۇ، ئوتياش تېرىيدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەۋىسى ئوۋچىلىقتىنمۇ قول ئۈزىدۇ. ئەپسۇسكى، تولستوينىڭ بۇ ھەركىتى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىپ، ئايالى بىلەن پىكىر ئىختىلاپى تۇغۇلىدۇ. كونا ئۆرپ- ئادەتلەرنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمىغان تولستوي خانىم تالانت ئىگىسى بولغان ئېرىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىغا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، «ئېرىمگە ئېھتىياجلىق بولغىنى پەقەت مېنىڭ جىسمىم ،خالاس» دەپ قارايدۇ، ئېرىنىڭ جىمغورلىقىغا قاراپ كېسەل بولۇپ قالغان چېغى، دەپ ئويلايدۇ. سەيلە قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان تولستوي ئايالىغا ھەمراھ بولۇپ سەيلە قىلىشنى ياكى ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىشنى خالىمايدۇ. تولستوي ئۆزىنىڭ ھەرقانداق نەشر ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمەكچى بولغاندا، ئېرىنىڭ مەردلىكى، ساخاۋەتلىك ئىشلىرىدىن قاتىىق غەزەپلىنىپ، ئېرى يازغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىنى پۇلغا ئايلاندۇرۇش غەرىزىدە بولىدۇ. ئېكىنزالىقتىن ۋە ئاپتورلۇق ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشىنىڭ بەختلىك ئائىلە تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئىلگىرىكىدەكلا پۇلنى سۇدەك خەجلەپ، نام- ئابروي قوغلىشىدۇ، جەمئىيەتتىكى ئاتاقلىق ئەربابلار بىلەن باردى- كەلدى قىلىپ، ئېرىنىڭ نامىدىن پايدا ئېلىشنى ئويلايدۇ. تولستوي ئايالىغا قارشى قاتتىقراق گەپ قىلىپ قويسىلا، ئۇ شۇ ھامان ئەسەبىيلەرچە چىچاڭشىپ، يەردە ئېشەكتەك ئېغىنايدۇ، ھەتتا ئەپيۇننى قولىغا ئېلىپ «بۇنى يەپ ئۆلىۋالىمەن»، «ئۆزۈمنى قۇدۇققا تاشلايمەن» دەپ تەھدىت سالىدۇ. يىغلاش، جىدەل تېرش، سىرتماققا ئېسىلىش دېگەندەك ئېرىنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تۈرلۈك بىشەملىكلىرىگە ئېرى پەرۋا قىلمىغانلىقتىن، بۇ ئۇرۇنۇشلار ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ.
تولستوي ئەر- خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت قاتماللىشىپ، ئۇلار بىر- بىرىنى چۈشىنەلمەس دەرىجىسىگە بېرىپ قالىدۇ، ئىلگىرىكى يەرگە يۈكۈنۈپ ئۆزلىرىگە بەخت تىلەيدىغان ھېسسىياتلارنىڭ ئازراقمۇ ئىزى قالمايدۇ. بۇنداق ئىناقسىزلىق ئاخىرى بېرىپ ئائىلە تىراگىدىيەسىنى پەيدا قىلىدۇ. ئايالى بىلەن بولغان زىددىيەتنىڭ چوڭقۇرلىشىشى تولستوينىڭ روھىي ئازابىنى ئېغىرلاشتۇرغانلىقتىن، بىر قانچە قېتىم ئۆيدىن چىقىپ كەتمەكچىمۇ بولىدۇ. دەرۋەقە، تولستوي ئەر- خوتۇن ئۆزلىرىمۇ خالىمىغان ھالدا بىرمەزگىل ئايرىلىپ تۇرىدۇ. ئايالىنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى ئارزۇ قىلغان تولستوي «نېمە قىلىش كېرەك» دېگەن ئەسىرىنىڭ خاتىمە قىسمىدا «ئېرىگە توسقۇنلۇق قىلماي، بەلكى ئېرىگە ياردەم بەرگەن ئاياللا كۆڭۈلدىكىدەك خوتۇن ھېسابلىنىدۇ.» دەپ يازغان. لېكىن تولستوينىڭ ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يېقىن ئادىمىمۇ ئۇنىڭ روھىي ئۆزگىرىشىدىكى ئۇلۇغلۇقنى قىلچە چۈشەنمەي، ئىلگىرىكىدەكلا كونا سەنەمگە دەسسەپ يۈرىۋېرىدۇ.
سەۋر قاچىسى سۇنغان تولستوي بىر كۈنى خوتۇنى بىلەن كۆرۈشمەسلىكنى قارار قىلغاندا، سوفىيە ئېرىنىڭ تىزىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ، 50 يىل ئىلگىرى ئۆزىنىڭ گۈزەل چىرايى ھەم ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى شېرىن مۇھەببەتنى كۈيلەپ يازغان مىسرالارنى يەنە ئوقۇپ بېرىشنى ئۆتىنىدۇ، سېھرىي كۈچىنى ھازىر يوقاتقان ھېلىقى تەسىرلىك جۈملىلەرنى ئوقۇۋېتىپ، ھەر ئىككىسى كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي قالىدۇ. ئۇزۇن مۇددەتلىك روھىي ئىزدىنىش ۋە ئىدىيەۋى كۈرۈشلەردىن كېيىن،«ئاددىي پۇقرا» بولۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان 82 ياشلىق تولستوي ئاخىرى ئاقسۆڭەكلەرچە تۇرمۇش بىلەن خوتۇنى مەجبۇرى سالغان روھىي كىشەندىن قۇتۇلۇش نىيىتىدە بارلىق مال- دۇنياسىنى ئايالىغا قالدۇرۇپ، 1910- يىلى 10- نويابىر شىۋىرغانلىق كېچىدە ئۆيىدىن ھېچكىمگە تۇيدۇرماي يالغۇز چىقىپ كېتىدۇ. 11 كۈندىن كېيىن، يول ئۈستىدە ئۆپە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ، 11- ئاينىڭ 20 كۈنى ئاستاپوۋ دېگەن پويىز ئىستانسىدا قازا قىلغان. تولستوي جان ئۈزۈش ئالدىدىمۇ ئۆمۈرلۈك ھەمرايى بولغان يېقىن ئادىمىنىڭ يېنىغا كېلىشىنى خالىماي: «خوتۇنۇمنى يېنىمغا كەلتۈرمەڭلار!» دەپ باشقىلاردىن ئۆتۈنگەن. ئېرى سەكراتقا چۈشكەن پەيتتە تولستوي خانىم كەينىدە بىر توپ مۇخبىرلارنىڭ تۇرغانلىقىنى بايقايدۇ-دە، مۇشۇنداق ۋاقىتتىمۇ ئېرىنىڭ يېنىدىن ئايرىلمىغانلىقىنى جامائەتكە كۆرسىتىپ قويۇشنى ئۇنتىمايدۇ، ئۆزىنىڭ داڭلىق يازغۇچىنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىنى، ئېرىنىڭ ئۆزىنى ھېلىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ. بۇ تىراگىدىيەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشغا ئۆزىنىڭ بىشەملىكى، ۋالاقتەگكۈرلۈكى سەۋەبچى بولغانلىقىنى تەن ئالغان، كېچىكىپ بولسىمۇ تونۇپ يەتكەن تولستوي خانىم ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا قىزلىرىغا: «داداڭلارنىڭ ۋاقىتسىز قازا قىلىشىغا مەن سەۋەبچى بولدۇم» دېگەندە، قىزلىرى ئۆكسۈپ يىغلىشىپ كېتىدۇ.

**************************************************
  مەزكۇر ماقالە «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2015- يىللىق 3- سانىدا ئېلان قىلىنغان. ئاپتورنىڭ ھاۋالىسى بويىچە يوللاندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-6 20:06  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-9-6 22:41:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم ئىلھامجاننىڭ ئىزدىنىش روھىغا ئاپىرىن.

ۋاقتى: 2015-9-11 01:59:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانداق بىر ئايالنىڭ ،جەزمەن ئوقۇپ قۇيىشىغا زۆرۆر بولغان دەرسلىككەن.بۇ تېما ماڭا بەكمۇ ياراپ كەتكەچكە،تەكرار-تەكرار ئوقىۋەتتىم.يوللىغۇچىغا كۆپ رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-9-11 02:17:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلھام مۇھەممەدنىڭ بۇ ‹‹ماقالە››سىدىكى بايانلار قايسى ئەسەرلەردىن كۆچۈرۈلگەن (پايدىلىنىلغان)؟ بۇنىڭغا نېمىشقا ئىزاھ بېرىلمەيدۇ؟ بۇ ھەممە ئەسەردىكى قاراشلارنى تۈپتۈزلا ياكى سەل ئۆزگەرتىپلا قۇراشتۇرىدىغان ئاسپىرانتلارنىڭ ماقالىسى بولمىغاندىكىن... بۇ ئاپتوردىكى زور سەھۋەنلىك، ئاپتۇر بۇ يەردە ئوقۇغۇچىلارغا بۇ توغرىسىدا دەرس سۆزلەۋاتقان بولسا مەيلى ئىدى...
كىروران ژۇرنىلى بۇ ‹‹ماقالە››نى شىنجاڭ ياشلىرىدىن كۆچۈرۈپ باسقانمۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تارال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-11 02:24  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش