تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
كۆرۈش: 366|ئىنكاس: 20

تۇرمۇش چىنلىقىنىڭ يادرۇسى-تۇيغۇ چىنلىقىدۇر ئەزىز ھېيت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 20:49:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       تۇرمۇش چىنلىقىنىڭ يادرۇسى-تۇيغۇ  چىنلىقىدۇر

-پەرۇزاننىڭ « باھاردا تۇزىغان چىچەكلەر» ناملىق پوۋىستى توغىرسىدا   

           ئەزىز ھېيت كۈن

    «باھاردا توزىغان چېچەكلەر» نى بىر ئوقۇشتىلا تۈگەتتىم.ماڭا يەنە ئاخىرى باردەك بىلىندى.ئويلاپ باقسام ئەسەرنىڭ داۋامىنى ئوقۇرمەنلەر كۆڭلىدە داۋاملاشتۈرۈلىشى زۈرۈردەك بىلىندى.بولۇپمۇ ئاخىرىدىكى تېراگىدىيە –ئۆلۈم ئېڭى ئۆتمۇش،ھازىر.كەلگۈسىنى سىغدۇرالايدىغان كەڭ بوشلۇق بولۇپ قالدۇرۇلغانلىقنى سەزدىم.ھاياتلىقنىڭ قانۇنىيىتى شۇنداق تۇغۇم بىلەن ئۆلۈمنىڭ دەۋرىيلىكى (قايتىلىنىدىغان-تەكرارلىنىدىغان) بولۇپ داۋام قىلىدۇ.مۇنبەر ئېكرانىدىكى،كىتاپ يۈزىدىكى ئەسەر تاماملانغان بىلەن شۇ ئەسەرنىڭ ئوقۇرمەنلەر قەلبىدە قالدۇرغان ئۇنتۇلماس تەسىرى ئەسەر تۈگەش بىلەنلا ئاخىرلاشمايدۇ بەلكى داۋاملىشىدۇ.ئوقۇرمەن قەلبىدە ساقلىنىپ كەلگەن «ئوخشىشىپ» كېتىدىغان كەچمىش تۇيغۇلىرىنى قايتا قوزغىتىدۇ.شەخسەن ئۆزۈم مەزكۇر پوۋىستنى ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كىيىن 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن 80-يىللىرىغىچە بولغان مەزگىللىرىدىكى ئىجتىمائى ھايات كارتىنىمىزنى ئەسلەپ چىقتىم.ئەسلىمەمنىڭ بېشى مەزكۇر پوۋىست بولسا تۈگەللىمىسىمۇ يەنە مۇشۇ پوۋىستقا كېلىپ توختىدى.مەن مەزكۇر پوۋىستا قەلبلەرنى ئۆزىگە ئىختىيارسىز مەپتۇن قىلغۇچى بىر سېھرى كۈچنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم.ئۇنداقتا شۇ سېھرى كۈچ قايسى؟                             
  ئەسەردىكى سېھرى كۈچ دەل پىرسۇناجلارنىڭ تىرىلگەنلىكىدە كۆرۈلىدۇ. نىمە ئۈچۈن شۇنداق دەيمىز؟ بىز مەزكۇر بوۋىستنى ئوقۇپ تۈگەتكىنىمىزدە يا  بىر ئەدەبىي ئەسەرنى ئوقۇغانلىقىمىزنى ياكى گۈلشەن ئىسىملىك بىر دىيانئەتلىك ئايالنىڭ ئۆز ئاغزىدىن تەسىرلىك،ئېچىنىشلىق،ئازاپلىق سەزگۈرەشتلىرىنى يۈزمۇ-يۈز تۈرۈپ ئاڭلاۋاتقانلىقىمىزنى پەقەتلا ئايرىيالماي قالىمىز.كۆزىمىز ئەمەس قەلبىمىز ئېچىشىدۇ.ئەسەردە باشتىن ئاخىر بىر جانلىق-ھايات پىرسۇناج يادرۇ قىلىنىپ تۇرمۇش كارتىنىلىرى تۇرمۇش رىتىمى ،تۇيغۇ رىتىمنىڭ دەل ،ماس بىرىكىشىگە بايان رىتىمىنى ئەگەشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇلغان.ئادەتتە بىر قەلەم ساھىبىنىڭ ئۆزىگە تونۇش بولغان بولۇپمۇ ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋىردە مەۋجۇت بولغان ھاياتلىق،تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى تەسۋىرلىشى،،چىنلىققا-ئەينەنلىككە ئۇيغۇن قىلىشى قىيىنغا توختىمايدۇ.لىكىن ئۆتمۈش دەۋىرلىرىدىكى ھايات كارتىنىسىنى چىنلىققا ئىگە قىلىش قىيىغا توختايدۇ.شۇڭا تارىخى كىتاپلار ئەمىلىي پاكىتلىق بايانلار ئارقىلىق ئوقۇرمەندە قايىللىق پەيدا قىلسا تارىخى رومان،ھىكايە،-پوۋىستلار  تۇيغۇ-ھېسىيات تارىخىنىڭ ئەينەن يورۇتۇلغان كارتىنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوقۇرمەنلەر قەلبىدە تىل بىلەن  ئىپادە قىلغىلى بولمايدىغان ھاياجاننى پەيدا قىلىدۇ.                     
         مەزكۇر ئەسەردە ئاپتور ئۆزىنى ئۆتمۈشكە،ئۆتمۈشتىكى بىر دىيانەتلىك ئايالنىڭ (گۈلشەننىڭ ) روھىغا ئايلاندۇرۋەتكەن.ئەسەر نىمە ئۈچۈن تەسىرلىك؟ رىيال تۇرمۇشتا راست ياشىغان بىر ئايالنىڭ يوقلۇققا ئايلانغان ئوبرازى ئاپتورنىڭ ئۆز روھى،قەلبى،يۈرىكى،تىلىنى بېرىپ تۇرىشى بىلەن تىرىك ئادەم سۈپىتىدە نامايەن بولغانلىقى ئۈچۈن تەسىرلىك.ھاياتلىق سەزگۈرەشتىلىدە مەزكۇر ئەسەردىكىدەك كارتىنىلارنىڭ راست بولۇپ ئۆتكەنلىكىمۇ رىياللىقتۇر.موھىم نوقتا دەل شۇ تارىخى ئەمىليەتنى قانداق قىلىپ قايتىدىن جانلىق پىرسۇناج قىلىپ كۆرسىتىش مەسىلىسىدۇر.              
«باھاردا توزىغان چىچەكلەر»نىڭ سېھرى كۈچى دەل ئاددى تۇرمۇش كارتىنىلىرى ئىچىگە قويۇلغان ئاساسى پىرسۇناجلارنىڭ ھاياتنى،دۇنيانى قىزغىن سۆيۈدىغانلىقى،ئىچ-ئىچىدىن ئۇرغۇپ تۇرغان ئۈمىدۋار روھى بىلەن چەكسىز ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىنغانلىقىدا.بىز مەزكۇر پوۋىستا تەسۋىرلەنگەن پىرسۇناجلار ۋە ئۇلار باشتىن كەچۈرگەن كۈچۈرمىشلەرنىڭ كىشىنى ھاڭ تاڭ قالدۇرغۇدەك بىر ئاجايىپلىق بولماستىن بەلكى ئادەتتىكىچە،نورمال بولغان ئەھۋال ئىكەنلىكىنى،يەنى ئاددى ئادەملەر ۋە ئاددى تۇرمۇش كارتىنىسى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.شۇنداق ئاددى ئادەملەر .ئوبرازى ۋە ئۇلارنىڭ سەزگۈرەشتىلىرى نىمە ئۈچۈن بىزدە ھاياجان،تەسىرلىنىش قوزغىيالايدۇ؟بۇنىڭدىكى سەۋەپ ئەسەردىكى ئاساسى پىرسۇناجلار بىلەن بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىكى ئوقۇرمەنلەردە بىرخىل ئورتاقلىقنىڭ بارلىقىدا.يۇقۇرقى پوۋىستىكى ئاساسى پىرسۇناجلار گەرچە بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىركى دەۋىرلەرگە مەنسۇپ بولغان ئادەملەرنىڭ بەدئىلەشتۈرۈلۈپ ئەكس-ئەتتۈرلىشى بولسىمۇ ئىنسانلاردا زامان ۋە ماكان چەكلىمىسىدىن ھالقىپ ئۆتەلەيدىغان ئۇلۇغ بىر ئورتاقلىق بار.شۇ ئورتاقلىق ئادەملەرنىڭ دۇنيانى،ھاياتنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى،ئۈمىد،قەيسەرلىك،مۇھەبەت،قىزغىنلىق ... ياشاشنىڭ مەنىسى ئىكەنلىكىنى،شۇنىڭ ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىش،بارلىق توسالغۇلارنى يېڭىشقا يۈزلىنىش زۈرۈرلىكى....دىن ئىبارەت . شۇڭا ئادەم    لەرنىڭ تۇرمۇشنىڭ كارتىنا ھالەتلىرلا ئەمەس چىن-ھەققىقى تۇيغۇ تەسۋىرلەنگەن ئەدەبىي ئەسەرلەر قايسى تىلدا،قايسى زاماندا بارلىققا كەلگەن بولسۇن تەرجىمانلار ئەجرى ئارقىلىق دۇنياغا تارايدۇ ۋە قەلبلەردە يىلتىز تارتىدۇ.بىز يۇقۇرقى پوۋىستىنى ئوقۇغان چېغىمىزدا گۈلشەن بىلەن باھادىرغا ئىختىيارسىز ئامراق بولۇپ قېلىشىمىزنىڭ سەۋەبى شۇ.ئەشۇ ئاساسى پىرسۇناجلاردا شارائىت قانچە قىيىن،توسالغۇ قانچە ئېغىر بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۆز بەختى،مۇھەبىتى،ئىستىقبالى،ياشاش يولى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش روھى دەل ھازىرقى ئوقۇرمەنلىرىمىزدىمۇ-ياشلاردىمۇ مەۋجۇت.شۇڭا يۇقۇرقى پوۋىستنى ياقتۇردۇ.چوڭقۇر تەسىراتلارغا چۆمىدۇ.مۈشكۈللۈك ۋە ئۈمىدنىڭ يۇقۇرقى پوۋىستا زىت ھالەتتە بىر يەرگە قويۇلىشى پىرسۇناجلارنى « تىرىلدۈرۈش» نىڭ «يىپ» ى بولۇش رولىنى ئوينىغان.بىزنىڭ يۇقۇرقى پوۋىستنى ئوقۇش جەريانىمىز ئەشۇ « يىپ» نى تارتىش جەريانىمىزدۇر.شۇ «يىپ» گۈلشەن بىلەن باشلىنىپ،ئاخىرى گۈلشاەن بىلەن تۈگەيدۇ.يەنى ئەسەردىكى باش پىرسۇناج بىزگە ئۆلۈك پىرسۇناج ئەمەس ھەققىقى ھايات ياشىغان ئايال بولۇپ سېزىلىدۇ...                              
          مەشھۇر پىرۇزا ئەسەرلىرى كۆپ بولسىمۇ ئاجايىپلىق ئالاھىدىلىكى بىلەن  ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغانلىرى ئەنگىليە يازغۇچىسى دانىل دېفۇنىڭ «دېڭىز سەرگانداننى روبىنزۇ كىرۇنزۇ» ناملىق روماننى،ھېمىڭۋاينىڭ «دېڭىز ۋە بوۋاي » ناملىق پوۋىستى،مارك تىۋېننىڭ « ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ كۈندىلىك خاتىرسى»چىڭگىز ئايتماتۇپنىڭ « ئالا ئىت قىياسى» قاتارلىق ئەسەرلەردىن ئىبارەت.يۇقۇرقى 4 ئەسەرنىڭ ئاپتورى،ئىجات قىلىنغان ۋاقتى،مەنسۇپ بولغان مەدەنىيەت چەمبىرى،يورۇتماقچى بولغان مەنا قاتلىمى ئوخشاشلىققا ئىگە بولمىسىمۇ لىكىن بىرلا جەھەتتە –تۇيغۇ چىنلىقىغا ئۇيغۇن بولۇش جەھەتتە تامامەن ئوخشاشلىققا ئىگە.بىرىنچى ئەسەردە؛ باش پىرسۇناج روبىنزۇ كىرىنزۇنىڭ ئادىمىزاتسىز ئارالدا ئۆلۈپمۇ قالماي،ساراڭ بولۇپمۇ قالماي ئىككى يېرىم يىل ياشىغانلىقى بايان قىلىنغان.تەسىرلىك يېرى ئاپتور دانىل دېفۇ شۇ كەچمىشنى خۇددى روبىنزۇ كىرىنزۇ بىلەن بىللە ياشاۋاتقاندەك،ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك جانلىق تەسۋىرلىگەن.پىرسۇناجنىڭ ھەر بىر ھەركىتى،خىيالى ناھايىتى تەبئى تەسۋىرلەنگەن.ئوقۇغان ئادەم ئۆزىنى رۇبىنزۇ بىلەن  بىر ئارالدا بىللە كۈن ئۆتكۈزۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ.ئىككىنچى ئەسەردە؛ ياشانغان بىر بىلىقچىنىڭ 4 كېچە –كۈندۈزلۈك دېڭىز سەپىرى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ يىغىنچاقلىغاندا شۇ «بوۋاينىڭ 4 كۈنلۈك دېڭىز سەپىرى» دىگەن بىر جۈملە بىلەن تۈگەيدۇ.لىكىن بوۋاينىڭ ھېسسىياتى بويىچە ئېيتقاندا ئەشۇ تۆت كۈنلۈك سەپەر  تەنھا بىر بوۋاينىڭ دېڭىزدىن ئىبارەت چوڭ رەقىپ-تەبئەت دۇنياسى بىلەن ھايات-ماماتلىق دەشھەت ئېلىشىشىدۇر.ئەسەردە بوۋاينىڭ تەنھا ئۆزىبېلىقلار،لەھەڭلەر بىلەن سۆزلەشكەنلىكى ،چىگىشلەشكەن خىياللىرى شۇ زامان،شۇ ماكاندىكى بىر بېلىقچى بوۋاينىڭ روھى ھەم ئەمىلىي سەزگۈرەشتىلىرىگە ئەينەن ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ تەسۋىرلەنگەن.ھېمىڭۋاي ئەسەردە بىر بوۋاينىڭ روھىغا ئايلىنىپ كېتەلىگەن.ئۈچۈنچى ئەسەرمۇ ئوخشاشلىققا ئىگە.مارك تىۋىن شۇ ئەسەرنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن 20 يىلدىن ئۇزۇن ۋاقتىنى سەرىپ قىلغان.چۈنكى ئۇنى چۆچەكتەك ياكى فانتازىيدەك يېزىپ قۇيۇشقا بولمايدۇ.ئوقۇغان ئادەمگە چوقۇم راست ئادەم ئاتا،راست ھاۋا ئانا بولۇپ تۇيۇلىشى كېرەك.مارك تىۋېن « ئادەمنىڭ يارىلىش قىسىسى »دىن ئىبارەت بىر ئەپسانىنى ئۆزىنى ئادەم ئاتىنىڭ ھەم ھاۋا ئانىنىڭ ئورنىغا ھەققىقى قويۇپ تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ تۇيغۇ چىنلىقىغا رەسمى ئۇيغۇن قىلىپ بىر جۇپ پىرسۇناج ئوبرازىنى ياراتقان.«ئالا ئىت قىياسى»ناھايىتى لىرىك،تەسىرلىك يېزىلغان پوۋىست.پوۋىستا چىڭگىز ئايتماتۇپ 11 ياشلىق تۇسۇقنى دېڭىزدا تەنھا قويۇپ ...ئاخىرى ماكانىغا كەلگەنلىكى...ئۈمىدنى تەسۋىرلىگەن.«ئالا ئىت قىياسى » يەككە ئادەمنىڭ دېڭىزدا  تەنھا قالغانلىقىنى تەسۋىرلەشتە « بوۋاي ۋە دېڭىز» دىن ئەندىزە ئالغاندەك تەسىر  بېرىدۇ. لىكىن « ئالا ئىت  قىياسى» مۇستەقىل ئەسەرلىك نوقتىسىدىن ئالغاندا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىنغان.ئاپتور ئەسەردە قەدىمكى زامان ئەپسانىسى بىلەن يېڭى زامان ئەپسانىسىنى بىرلەشتۈرۈپ 11ياشلىق نارسىدە بالىنىڭ ئوبرازىغا ئۆز قەلبى.روھىنى تولۇق سىڭدۈرۋەتكەن.  
       يۇقۇرقى دۇنياۋى 4 مەشھۇر ئەسەر بىلەن « باھاردا توزىغان چىچەكلەر» پوۋىستىنى 2 جەھەتتە تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدۇ.لىكىن يەنە ئىككى جەھەتتە تەڭلەشتۈرگىلى بولىدۇ.تەڭلەشتۈرگىلى بولمايدىغان ئىككى جەھەت: ئەشۇ 4 دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر بىلەن «باھاردا توزىغان چىچەكلەر» مەشھۇرلۇقتا تەڭ ئەمەس،4دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرنىڭ ھەممىسىدە ئالاھىدە مۇھىتتىكى ئالاھىدە پىرسۇناجلار تەسۋىرلەنگەن.«باھاردا توزىغان چىچەكلەرپوۋىستىدا بولسا ئاددى،ئادەتتىكىچە تۇرمۇش رىياللىقىدىكى ئاددى ئادەملەر تەسۋىرلەنگەن.دىمەك «باھاردا توزىغان چىچكلەر»پوۋىستى مەشھۇرلۇق،ئالاھىدە موھىت،ئالاھىدە پىرسۇناج يارىتىش جەھەتتە يۇقۇرقى دۇنياۋى 4مەشھۇر ئەسەر بىلەن نۇر-جۇلا تالىشالمايدۇ.لىكىن «باھاردا توزىغان چىچەكلەر»پوۋىستى بىرىنچىدىن تۇيغۇ چىنلىقىغا ئۇيغۇن بۇلۇش جەھەتتە ئىككىنچىدىن ئۈمىدۋارلىق،قەيسەرلىك،ھاياتنى،دۇنيانى سۆيۈش،توسالغۇلارنى يېڭىشكە پىداكارلىق كۆرسىتىش ...روھىنى ئىپادىلەشتە يۇقۇرقى دۇنياۋى 4 مەشھۇر ئەسەر بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە. مەيلى  روبىنزۇ ،مەيلى بېلىقچى بوۋاي،مەيلى ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا،مەيلى 11ياشلىق بالا توسۇق بولسۇن ياكى بىزنىڭ ئاپتورىمىزنىڭ ئەسىرىدىكى گۈلشەن بىلەن باھادىر بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھاياتنى،دۇنيانى،قىزغىن سۆيىدۇ.ياشاش ئۈمىدى،ياشاشنىڭ ئوتلۇق ئىستەكلىرى ئۇلارنى توسالغۇنى يېڭىشكە ئۈندەيدۇ.....«باھاردا توزىغان چىچەكلەر» ناملىق پوۋىست بىر جەھەتتە يۇقۇرقى دۇنياۋى 4 مەشھۇر ئەسەر ئىگە بولالمىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە.ئۇنداقتا شۇ ئالاھىدىلىك قانداق ئالاھىدىلىك؟ شۇ ئالاھىدىلىك ئاددى تۇرمۇش كارتىنىسى ئىچىدىكى ئاددى ئادەملەرنى تەسۋىرلەشتۇر.نىمە ئۈچۈن ئاددى تۇرمۇش كارتىنىسى ئىچىدىكى ئاددى ئادەملەر تەسۋەرلەنگەن «باھاردىكى چىچەكلەر» پوۋىستى ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە كۈچلۈك جەلپ قىلىدىغان سېھرى كۈچكە ئىگە بولىدۇ؟                                                                                                                  ئۇنىڭ موھىم ئىككى سەۋەبى بار. بىرى؛ئاددىلىق-باراۋەرلىك ئادەملەرنىڭ ئەسلى ماھايىتىدۇر.بىر دۆلەتنىڭ پادىشاھى بولسۇن ياكى بىر تىلەمچى بولسۇن ئادىمىيلىك جەھەتتە پۈتۈنلەي باراۋەرلىككە ئىگە.قانۇن جەھەتتىمۇ باراۋەرلىككە ( قانۇن راست ئىزچىللاشقان بولسا) ئىگە.ئادەملەر ئېرىشكەن تۈرلۈك سالاھايەت ۋە دەرىجىلەر ئىجتىمائىيەت تەرپىدىن يۈكلەنگەن بولۇپ،ئۇ ناملارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ يۈكلەنگىنىگە ئوخشاش يەنە بىر-بىرلەپ ئەمەلدىن قېلىپ ئادەم ئاخىرىدا ئەسلىدىكى ئاددى ئادەملىك ھالىتىگە قايتىدۇ.پەۋقۇللادە ئادەم دەپ ئاتالغان ئادەملەرنىڭ پەۋقۇللادىلىكىمۇ مەلۇم ئالاھىدە شارائىتتا رولىنىڭ قالتىس ئۈنۈملۈك بولغانلىقىدىن بولىدۇ.پەۋقۇللادە ئادەملەرنىڭ پەۋقۇللادىلىكى پەقەت شۇ ئادەمنىڭ قىسمەن تەرپىدىن ئىبارەت.كۆپۈنچە چاغلاردا بولسا ئەڭ ئاددى ئادەملەردىن پەرقلەنمەيدۇ. «باھاردا توزىغان چىچەكلەر »پوۋىستىدا ئاددى تۇرمۇش كارتىنىسى ئىچىدىكى ئاددى ئادەملەر تەسۋىرلىنىپ ،ئەسەر تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرۇلۇشتىن ھالقىپ رىيال تۇرمۇش كارتىنىسىنىڭ ھەققىقى سۈرىتىگە ئايلاندۇرۇلغان.گۈلشەن،باھادىر،ماخمۇت،سۈبھىنۇر،ھېزىم،سوپى ھاجى قاتارلىق پىرسۇناجلار ئوقۇرمەنلەرگە ئىختىيارسىز ھالدا ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە ياشاۋاتقان ئادەملەرنى ئەسلىتىدۇ...ئاددى ئادەملەرنى تەسۋىرلەش مەزكۇر پوۋىستنىڭ ئوقۇرمەنلەر قەلبىگە يېقىنلىشىش،ئوقۇرمەنلەر قەلبىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرغان.گەرچە دەۋىر ئوخشىمىسىمۇ شۇنداقلا پىرسۇناجلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىدە ئۆزىگە خاس يارقىن ئۆزگىچىلىكلەر بولسىمۇ مەزكۇر ئەسەرنى ئوقۇۋاتقان ئوقۇرمەنلەر گۈلشەن بىلەن باھادىرنى ئۆزلىرىگە ئىنتايىن يېقىن كۆرىدۇ.ھەتتا گۈلشەن بىلەن باھادىرنىڭ كۆپ جەھەتتە ئۆزلىرىگە ئوخشاشلىغىنى ھېس قىلىدۇ.بۇ خىل يېقىنلىق ناھايىتى تەبى شەكىلىندىغان بولۇپ شۇنداق ھېسسىياتقا قانداق بولۇپ كېلىپ قالغانلىقىنى ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرىمۇ سەزمەي قالىدۇ. دىمەك «دېڭىز ۋە بوۋاي»دەك ياكى «روبىنزۇ-كىرىنزۇ» دەك پىرسۇناجلارنى ئالاھىدە موھىت ئىچىگە قويمايمۇ ھەم ئالاھىدە موھىت ئىچىدىكى ئالاھىدە ئوبراز قىلىپ يارىتىشقا كۈچىمەيمۇ ئاددى تۇرمۇش كارتىنىسى ئىچىدە ئاددى ئادەملەر ئوبرازىنى ئەينەن-چىن يارىتىش ئارقىلىقمۇ ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىدىغان سېھر كۈچنى ياراتقىلى بولىدىغانلىقىنى «باھاردا توزىغان چىچەكلەر»پوۋىستى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن.بۇنداق ئۈنۈمنى ياراتقىنى يالغۇز يۇقۇرقى پوۋىستلا ئەمەس.بىز باشقا نادىر ئەسەرلەردىمۇ بۇ خىل ئۈنۈمنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك يارىتىلغانلىقىنى بايقايمىز.«باھاردا توزىغان چىچەكلەر» پوۋىستىنى بىز شۇ خىل ئۈنۈم ياراتقان ئەسەرلەرنىڭ يارقىن بىر نامايەندىسى دەپ ئېيتالايمىز.
يەنە بىرى:پوۋىستا تۇرمۇش رىتىمى بىلەن تۇيغۇ رىتىمىنىڭ ئىنتايىن لىللا بىرىكىپ تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تاشقى لىنيە ياكى قوشۇمچە لىنيە قىلىغانلىقى تۇيغۇ رىتىمىنىڭ ئىچكى لىنيە يەنى ئاساسى لىنيە قىلىنغانلىقىدۇر.بىز «باھاردا توزىغان چىچەكلەر» پوۋىستىدا تۇيغۇ رىتىمى،تۇرمۇش رىتىمى ،بايان رىتىمىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل رىتىمنىڭ جىپىسلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقايمىز.تۇرمۇش رىتىمى-ياشاشنىڭ قانۇنيەتلىك دەۋرىيلىكى-داۋاملىشىش تەرتىپىنى كۆرسىتىدۇ.ياشاش تەرتىپى –ئادەملەرنىڭ زامان ،ماكاندىكى پائالىيىتىنىڭ داۋاملىشىش،قايتىلىنىش ھالىتىدىن ئىبارەت.تۇيغۇ رىتىمى-پىرسۇناجلارنىڭ كەيپىياتى-ھېسسىياتىنىڭ كونكىرت داۋاملىشىش ،راۋاجلىنىش تەرتىپىدۇر.بايان رىتىمى-ئەسەرنىڭ بايان قىلىنىش –يورۇتۇلۇش تەرتىپىنى كۆرسىتىدۇ.«باھاردا توزىغان چىچەكلەر" پوۋستىنىڭ بەدئى مۇۋاپىقىيىتى تۇرمۇش رىتىمى بىلەن تۇيغۇ رىتىمىنىڭ ئىنتايىن ماس بىرىكتۈرۈلگەنلىكى شۇنداقلا تۇيغۇ رىتىمىنى ئاساسى لىنيە قىلغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ.بىز زەن سالىدىغان بولساق يۇقۇرقى پوۋىستا مەيلى تۇرمۇش رىتىمىنىڭ ياكى تۇيغۇ رىتىمىنىڭ غەيرىلىكتىن،بىنورماللىقتىن خالى ئىكەنلىكىنى ،ئەينى دەۋىرنىڭ تۇرمۇش رىياللىغىغا ۋە شۇ دەۋىر كىشىلىرىنىڭ تۇيغۇ چىنلىقىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بايقايمىز.تۇيغۇ چىنلىقىنىڭ ئاساسى لىنيە قىلىنىش مەسلىسى بولسا يۇقۇرقى پوۋىستا كۈچەپ چىڭ تۇتۇلغان ئىچكى ھالقىدۇر.پوۋىستا گۈلشەن ئوتتۇرغا چىققاندىن باشلاپ ئۇنىڭ تۇيغۇ-سەزگۈسىنىڭ ئىپادىلىنىشى ئۇ تۇرىۋاتقان ۋاقىت ۋە ئورۇندىكى كونكىرت سەزگۈ تەرتىپى بولۇپ ئىنچىكە يورۇتۇلغان.ئۇچۇرشىش،سۆھبەت قاتارلىق دېتاللار يۇقۇرقى پوۋىستا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تەپسىلاتلار كۆۆرىنىشىدۇر.ئەمما شۇ ئاددى ئۇچىرشىش،سۆھبەتتىن ئىبارەت ب ھەر بىر قىسقا جەرياندا ئاپتورئاساسى پىرسۇناجلارنىڭ روھى دۇنياسىدىكى ئۆزگىرىش،كەيپىيات ھالىتى،تۇيغۇنىڭ ئەينەنلىكىنى يارقىن يورۇتۇپ خۇددى ھايات ئادەملەردىكىدەك تۇيغۇ ئەينەنلىكى دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن.ئەسەردە گۈلشەن باھادىرنى تۇنجى كۆرگەندىن تارتىپ تاكى ياخشى كۆرۈپ قېلىش ۋە ئاشىق-مەشۇقلۇق دەرىجىسىگە يەكىچە بولغان جەرياندا كۆپلىگەن نازۇك،كىچىك،باسقۇچلار شەككىللىنىدۇ.ھەر بىر باسقۇچتىكى سەزگۈ ئەينەنلىكى ۋە تەرەقىياتى ئەشۇ باش پىرسۇڭناجلارنىڭ تۇيغۇ چىنلىقى بويىچە يورۇتۇپ بېرىلگەن. ئۇ خىل سەزگۈلەرنىڭ كونكىرتلىقى پەقەت گۈلشەن بىلەن باھادىرغىلا مەنسۇپتۇر.بىز مۇشۇ باسقۇچتا «ئاچال»نىڭ ئايرىلىپ بولغانلىقىنى سېزىشىمىز كېرەك.پىروزا ئەسەرلىرى بىلەن سەھنە،ئېكران ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنىڭ ئورتاقلىقى تۇرمۇش چىنلىقى بىلەن تۇيغۇ چىنلىقىنى ئىنتايىن ماس بىرىكتۈرۈىشىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىدە كۆرۈلىدۇ.ئوخشىمايدىغان يېرى: پىروزا ئەسەرلىرىدە ئاساسى لىنيە تاللانغاندا تۇيغۇ چىنلىقىنى ،يەنى روھى دۇنيانى يورۇتۇش ئاساسى لىنيە قىلىنىپ تاللىنىدۇ.سەھنە ۋە ئېكران ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدە بولسا تۇرمۇش چىنلىقى ئاساسى لىنيە قىلىنىپ تاللىنىدۇ.ئەمما بۇنداق دىگەنلىك سەھنە ۋە ئېكران ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدە تۇيغۇ چىنلىقىغا ئېتىۋار بېرىلمەيدۇ دىگەنلىك ئەمەس بەلكى كۆرۈنۈش-كارتىنىلارنى مەركەز قىلىش ئاساسىدا روھى دۇنيانى يورۇتۇش مەخسەت قىلىنىدۇ دىگەنلىكتۇر.بۇنداق بولۇش ئىپادىلەش ۋاستىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.پىروزا ئەسەرلىرى تىلنى ئىپادىلەش ۋاستىسى قىلغانلىقتىن تۇيغۇ چىنلىقىنى،كەڭ روھى دۇنيانى يورۇتۇپ بېرىشنى ئاساسى ئالاھىدىلىكى قىلغاندىلا ئەڭ ئالاھىدە ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.سەھنە ۋە ئېكران ئەدەبىياتىنىڭ ئىپادىلەش ۋاستىسى كۆپ خىل ،شۇنداقلا ئونۋېرساللىققا ئىگە بولغاچقا ئۆز ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشتە ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە.ئەمما تۇيغۇ چىنلىقىنى يورۇتۇشتا پىرۇزا ئەسەرلىرىگە قارىغاندا چەكلىمىگە ئىگە.قىسقىچە ئېيتقاندا «باھاردا توزىغان چىچەكلەر» پوۋىستى پىروزا ئەسەرلىرىدە كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا ئەدەبىي ئەسەرلەردە بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ تۈپ ئالاھىدىلىكنى نامايەن قىلغان ئەسەردۇر .
   ئادەتتە نەزىريىدە تۇرمۇش چىنلىقى ۋە بەدئى چىنلىق ئۆلچىمى تىلغا ئېلىنىدۇ.تۇيغۇ(ھېسسىيات ) چىنلىقى دىگەن ئۇقۇم تىلغا ئېلىنمايدۇ.  بۇ  ئۆلچەم –پىرىنسىپ 100  يىل ئاۋالقى پىروزا ئەسەرلىرىگە ئۆلچەم بولۇشقا ئۇيغۇن.بىر ئەسىردىن بۇيان كىنۇ، تىلۋىزىيە تەرەققى قىلدى.ھازىر تىلۋىزىيە،كومپىيۇتىر ،تىلفۇن تور بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان بىر گەۋدە بولوپ كېتىۋاتىدۇ.بىر ئەسىر ئىلگىرلا غەرپتە ئاڭ ئېقىمى ،مودىرنىزىم ئەدەبىياتى بارلىققا كېلىپ 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغىچە گۈللەش دەۋرىنى بېسىپ ئۆتتى.دۆلىتىمىزدە تاكى 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە تۇرمۇشقا چۆكۈش،تۇرمۇش ئۈگىنىش»پىرىنسىپى ھۆكۈم سۈردى.شۇ چاغقا كەلگەندە ئەدەبىياتتىكى يۈزەكىلىك،ھادىسىلىك،تېيىزلىق،قېلىپلاشتۇرۇش،ئۇقۇملاشتۇرۇش...قاتارلىق ئاجزلىقلار بايقىلىپ غەرىپ ئەدەبىياتى تەسىرى ھەم دۆلەت ئىچىدىكىلەرنىڭ ئىزدىنىشىدە ئەسەرلەردە ئاڭ،روھى دۇنيا،روھى پائالىيەت ،كىشىلەرنىڭ روھى دۇنياسى...قىسقىسى تاشقىرلىقنى...ھادىسلىكنى، يورۇيۇشتىن ،تەسۋىرلەشتىن ماھايەت بولغان روھى دۇنيانى يورۇتۇش، تەسۋىر لەشكە بۇرۇلۇش بارلىققا كەلدى....
تىلۋىزىيە ،ئېكران كەڭ ئومۇملاشقان بۈگۈنكى كۈندە پىرۇزا چوقۇم مەڭگۈلۈك خاسلىق،ئۆزگىچىلىككە-باشقا ھەرقانداق سەنئەت تۈرلىرى ئورۇنلىيالمايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى كېرەك.مانا شۇ زۈرۈريەتنى،ئېھتىياجنى دەل ھازىرقى پىروزىچىلىق ( تاشقى-ھادىسەنى يورۇتۇشنى قوشۇمچە،روھى دۇنيا تەسۋىرلەشنى ئاساس قىلىدىغان) ئورۇنلاشقا يۈزلەندى. سىن،ئېكران بۇيۇملىرى شۇنچە كۆپىيىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە يەنە نىمىشقا تىلفۇن ياكى كومپىيۇتىرغا ئۇلانغان تور ئارقىلىق ھىكايە، پوۋىست،رومان،شئېىر .نەسىر ئوقۇش قىزغىنلىقى يەنە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ؟ ئاچقۇچلۇق سەۋەپ ئەدەبىياتنىڭ ئورنىنى كىنو،تىلۋىزىيە ئورۇنلاپ كېتەلمەيدىغانلىقىدا.موھىمى روھى دۇنيانى ئەدەبىي ئەسەرلەردەك يورۇتۇپ بېرەلمەيدىغانلىقىدا. ئەدەبى ئەسەرلەرنىڭ شۇ ئالاھىدىلىكى يىراق كەلگۈسىدىمۇ ئەدەبىياتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدىكى موھىم بىر رىيال ئاساستۇر.
  تۇرمۇش چىنلىقى ناھايىتى كەڭ ئۇقۇم.كەڭ مەنىدە ئۇ تۇيغۇ چىنلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.تۇرمۇش چىنلىقى-تۇرمۇشنىڭ ئەينەنلىكىدىن ئىبارەت.تۇرمۇش چىنلىقى كونكىرت جەھەتتە تاشقى چىنلىق (تۇرمۇش كارتىنا-كۆرۈنۈشلىرى)  ۋە ئىچكى چىنلىق ( تۇيغۇ چىنلىقى-ھېسسىيات  چىنلىقى) ىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.سەھنە ۋە ئېكران ئەدەبىياتى تاشقى چىنلىقنى تەسۋىرلەشنى ئاساس قىلىدۇ.تۇيغۇ چىنلىقنىنى ئىپادىلەشتە ئەدەبىي ئەسەرلەردەك ئەركىنلىككە ئىگە ئەمەس چەكلىمىگە ئىگە.تاشقى تۇرمۇش چىنلىقى( ئەينەنلىكى) –بىر ئادەمنىڭ ئانىنىڭ قورسىقىدىن تۇغۇلغاندىن تارتىپ گۆرگە كىرگىچە بولغان ھاياتلىق مۇسا پىسىدىكى كۆزبىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ياشاش كۆرۈنىشى جەريانلىرىدۇر.ئۇ ئاشكارە بولغانلىقى ئۈچۈن قىلچە مۇرەككەپلىككە ۋە سىرلىقلىققا ئىگە ئەمەس.ئىچكى چىنلىق يەنى تۇيغۇ چىنلىقى بولسا بىر ئادەمنىڭ ئۆمۈرلۈكلا ئەمەس بىركۈن-تۈن 24 سائەت ۋاقىت ئىچىدىكى تۇيغۇ ،ھېسسىيات كەچۈرمىشى جەريانىدۇر.بىز بىر مىنۇت ئويغاق بولساق قەلبىمىزنى تۇيغۇ بىر مىنۇت ئىگىللەپ تۇرىدۇ.ھېسسى ئۆزگىرىشلەرمىنۇت،سىكىنۇتلاپ بىز بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.ئادەمنىڭ كۆپۈنچە ۋاقتىغا ھېسسىياتى قوماندانلىق قىلىدۇ.گۆدەك،تۇرمۇش تەجىربىسى يوق،ھېسسىياتى بويىچە ئىش كۆرۈپ ئۈگىنىپ قالغانلار ھېسسىياتنى ئەقىلنىڭ ئورنىغا ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ.ھېسسى جەريان ئالدى بىلەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەر بىر دەقىققىلىق ھاياتىدا مەۋجۇت. ئادەم تاشقى كۆرۈنىشى جەھەتتە بىر خىللا كۆرۈنسىمۇ قەلبىدە تۇيغۇسىنىڭ ئۆزگىرىشى،كۈچىيىشى،سۇسلىشى،تىزلىشىشى ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىپ تۇرىدۇ.شۇڭا ھەر بىر كۆڭۈل بىر ئالەم،بىر دۇنيا دىگەن گەپلەر ...تىلغا ئېلىنىدۇ.ھاياتلىق ۋە ياشاش قانۇننىيىتى نوقتىسىدىن ئالغاندا ھەممە جانلىقلارنىڭ ،ئادەملەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىن ئۆلۈپ كەتكىچە بولغان ياشاش جەريانىنىنىڭ تەرتىپ رىتىمى ۋە باسقۇچلىرى بولىدۇ.ھەر بىر باسقۇچتا ئادەم جەمىيەتكە ۋە تەبئەتكە يۈزلىنىدۇ.يۈزلىنىش داۋامىدا خوشاللىق،خاپىلىق،ئۈمىد.ئۈمىسىزلىك،ئىرادە كۈچلۈكلىكى ،بوشاڭلىق،شوخلۇق،گومۇشلۇق....قاتارلىق خىلمۇ –خىل تۇيغۇ –ھېسسىيات ئۆزگىرىشلىرىگە دۇچ كېلىدۇ.قىسقىسى بىر ئادەمنىڭ تىرىكلىكىنى ئۈچ جەھەتتىن بىلگىلى بولىدۇ. بىرىنچى:ھەركەتلىك كۆرۈنۈش،ئىككىنچى؛جىملىقتا نەپەسلىنىش،ئۈچۈنچى :ھاياجان دەرىجىسى ئىچىدە (سۇس پوزىتسىيەدە بولۇشتىن ئۆزىنى تۇتالماي ...قېلىشقىچە) بولۇش قاتارلىقلار،شۇ ئالاھىدىلىك ئەدەبىي ئەسەرلەردە نامايان قىلىنىپ ئەسەردىكى پىرسۇناجلار ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئورتاق ھېسسىياتىغا يولۇققان ھامان تىرىلىشكە باشلايدۇ،ھېسسىياتنىڭ ھېسسىياتقا تەسىر قىلىشى داۋام  قىلغاچقا تاكى ئەسەر ئاخىرىغىچە ھەتتا ئەسەر ئاخىرلاشقاندىن كىيىنمۇ خېلى ئۇزۇنغىچە پىرسۇناجلار بىلەن ئوقۇرمەننىڭ قەلب،ھېسسىيات ئالماشتۇرىشى ئۈزۈلمەيدۇ.                                                                                                                                                   
   تۇرمۇش چىنلىقىنىڭ يادرۇسى- تۇيغۇ چىنلىقىدۇر.ئادەم ھېسسىياتلىق بولغانلىقى ئۈچۈن تاش،ياغاچ قاتارلىق جىسىملاردىن،تىل ۋە ئاڭ ئارقىلىق ئۆزىدىن باشقا جانلىقلاردىن پەرقلىنىدۇ.ياشاش نوقتىسىدىن ئالغاندا ئەقىل ۋە ئاقىلانە ھەركەتنى يادرۇ دەيمىز.ئەدەبىي ئەسەر نوقتىسىدىن ھېسسىياتنى –تۇيغۇ چىنلىقىنى تۇرمۇش چىنلىقىنىڭ يادرۇسى دەيمىز.تۇيغۇ چىنلىقىنىڭ يەنە تەبى –ئەينەنلىك نوقتىسىدىن ياشاشنىڭمۇ يادرۇسى بولالايدىغانلىقى راست.چۈنكى غايە،ئارزۇ،ئۈمىد،قەتئىلىك..قاتارلىقلار مەيلى ئەقلى ياكى ھېسسى نوقتىدىن ئوخشاشلا موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
يەر شارى ئۆز ئوقىنى مەركەز قىلىپ ئايلانغاندەك ھاياتتا نورمال بولغان ھەر بىر ئادەم ئۆز ئارزۇ،ئارمىنى،ھېسسىياتىنى مەركەز قىلىپ  ياشايدۇ.بۇ مۇتلەق شۇنداق بولىدۇ.مىڭ دانە تۇخۇم كۆرۈنۈشتە ئوخشىغىنى بىلەن ئەڭ ئىنچىكە نوقتىدا يەنىلا مىڭ خىل بولغىنىدەك رىياللىقتىكى ھەر بىر ئادەم ئۆزىگە خاس ئۆزگىچىلىككە – مەڭگۈ ئىككىنچى بىر ئادەم ئورۇنلاپ بولالمايدىغان ئىندىۋاللىققا ئىگە.تۇيغۇ جەھەتتىمۇ ئىندىۋاللىققا ئىگە.مانا بۇ تۇيغۇ چىنلىقىنىڭ ئەڭ ئىنچىكە تەرپىدۇر.«باھاردا توزىغان چىچەكلەر» پوۋىستىدىكى گۈلشەن بىلەن باھادىر ئىككى باش پىرسۇناجنىڭ ئوبرازىمۇ خاسلىققا-ئىندىۋاللىققا ئىگە قىلىنغان.يەنى شۇ ئىككى باش پىرسۇناج باشتىن –ئاخىر كەم-كۈتىسىز،ئەيىپ-نوقسانسىز ئادەم سۈپىتىدە تەسۋىرلەنمەستىن كۆپ جەھەتلەردە ئېسىل  ئەمما ئانچە-مۇنچە ،ئۇششاق-چۈششەك كەمچىلىكلەردىن خالى ئەمەس .مەسلەن گۈلشەن باھادىرنىڭ 200 يۈن پۇلىنى قايتۇرۇپ بەرگندە باھادىرنىڭ رەنجشى ۋە قېيداپ كېتىپ قېلىشى،گۈلشەن ھامىلدارمەزگىلىدە سۈبھىنۇر بىلەن باھادىرنىڭ بىللە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ كۈنلەش ھېسسىياتىنىڭ قوزغىلىشى،دادىسىنىڭ ئاقلىنىپ نامىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگنلىكى،مەكتەپكە ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق خۇش خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ ئوڭشىلىپ قېلىشى قاتارلىقلار...ئۇنىڭدىن باشقا سوپى ھاجى ئوبرازىمۇ خېلى مۇۋاپىقىيەتلىك يارىتىلغان.سوپى ھاجى گەرچە ھاياتىدا كۆپ خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ھاياتنىڭ ھېس قىلدۇرىشى،ياخشى كىشىلەرنىڭ ئارىغا ئېلىشى،دىننىي ئىبادەت يولىغا كىرىش قاتارلىق ئامىللار تۈرتكىسدە ئۆزگىرىپ ياخشى بىر ئادەم  بولۇشقا بۇرۇلىدۇ...قىسقىسى پوۋىستا يارىتىلغان ئوبرازلار تۇرمۇش چىنلىغىغا ۋە تۇيغۇ ئىندىۋاللىقىغا ئۇيغۇن يارىتىلغان.
  تۇيغۇ چىنلىقى يەنە تۇرمۇش چىنلىقىدىن ھالقىپ كېتىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.رومانتىكىلىق،فانتازىيلىك، ئەپسانىۋى تەسەۋۇر،خىيال،ئىش،ھەركەتلەر تۈرمۇش ئەينەنلىكى-قانۇنىيىتىدىن ھالقىپ كەتسىمۇ تۇيغۇ چىنلىقىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەھۋال بولىدۇ.«ئەمەلگە ئاشمايدىغان خىيال» «خام خىيال» مۇبالىغىلەر شۇنىڭغا كىرىدۇ. تۇيغۇ چىنلىقى ئونۋېرساللىققا ئىگە.بۇ ھەرخىل ژانىردىكى ئەدەبئىي ئەسەرلەر ئۈچۈن ئورتاقلىققا ئىگە دىگەنلىكتۇر.يەنى شئېىريەت ...قاتارلىق ھەرقايسى ژانىرلارغا ئوخشاش تەدبىقلىنالايدۇ.تۇيغۇ چىنلىقى پىرۇزىغا قارىتىلغاندا رىيال تۇرمۇش بىلەن بىرىككەندە ئاجايىپ سېھرى كۈچكە ئىگە بولۇپ رومان،پوۋىست،ھىكايىلەرنىڭ جەلپكارلىقىنى،بەدئى ئۈنۈمدارلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ.
  «باھاردا توزىغان چىچەكلەر»ناملىق پوۋىستا چوڭ بىر تاساادىپىلىق گەۋدىلەندۈرۈلگەن.يەنى ئەسەر ئوقۇرمەنلەر ئويلىمىغان ،كۈتمىگەن بىر نوقتىغا بۇرۇلغان بولۇپ باھادىرنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھادىسىگە ئۇچرىشى،گۈلشەننىڭ كېسەل بولۇپ تىز ئۆلۈپ كېتىشى ئوقۇرمەنلەر ئەسلا كۈتكەن ئەھۋال ئەمەس.ئەسەردىكى تۇيغۇ رىتىمىنىڭ راۋاجلىنىش ئېقىمىدىن قارىغاندىمۇ ھېزىمدىن ئىبارەت شۇم نىيەت ئىنساننىڭ گۈلشەنگە نەپسانى نەزەردە تىكىلىشى،باھادىرغا غۇم ساقلىشى ئەسلا پەسىيىپ قالغان ئەمەس.بىر شۇملۇق ،سۈيقەست ھېزىمدىن ياكى ياكى ھېزىمنىڭ پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ پىلانلىشىدىن كېلىپ چىققىدىغاندەك خەۋىپ تۇيغۇسى ئېھتىماللىقى كۈچىيىپ بارىدۇ.لىكىن ئەسەر شۇ تۇيغۇ رىتىمىدا كېتىۋېتىپ باھادىر كۈتۈلمىگن ھادىسىدە قازا غا يولۇقىدۇ،گۈلشەنمۇ كېسەلدە ۋاپات بولىدۇ. ...
     ئاپتورنىڭ ئەسەردە تىلنى ۋاستە قىلىپ سېھرىگەرلىك قىلىۋاتقانلىقى دەل شۇ باسقۇچقا كەلگەندە ئاشكارە بولىدۇ.ئاپتور ئالدى بىلەن باش پىرسۇناج گۈلشەننىڭ تىلى ئارقىلىق بالىلىق چاغىدىن تارتىپ تاكى باھادىرغا چىن مۇھەبەت تۇيغۇسىنىڭ ئويغانغانلىقىچە بولغان سەزگۈرەشت جەريانىنى تۇيغۇ چىنلىقى رىتىمى بويىچە تەسۋىرلەپ.پىرسۇناجلارنى ھايات ئادەملەردەك تېتىكلىككە ،جانلىقلىققا ئىگە قىلىپ ئوقۇرمەنلەرنى ئەسەرگە جەلپ قىلىپ تەدرىجى چوڭقۇرلاپ كىرگۈزۈپ باھادىر ئۇشتۇمتۇت ھادىسىگە ئۇچرىغان باسقۇچقا كەلگەندە   ئاپتور ئۆزىمۇ كۈتمىگەن ۋە ئوقۇرمەنلەرمۇ كۈتمىگەن چوڭقۇر بىر ئازاپنى ئوقۇرمەنلەرگە سوغا قىلىدۇ.ياكى ئاۋال تاتلىقنى يىگۈزۈپ كەينىدىن ئاچىقنى تېتىپ  بېقىشقا سۇنىدۇ....ئەسەرنىڭ چوڭقۇرلىغىغا شۇڭغىغان ئوقۇرمەن ئىنتايىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە كېتىۋېتىپ باش پىرسۇناجلارنىڭ قىسمەتلەرگە يولۇققانلىقىنى كۆرگەندىن كىيىن دەسلەپتە باش پىرسۇناجلارنى شۇنداق قىسمەتكە يولۇقتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئاپتوردىن رەنجىيدۇ.ئەمما ھاياتلىقنىڭ مۇقەرەرلىك ۋە نىسپىيلىك (تاسادىپىيلىق) تىن خالى بولالمايدىغانلىقىنى،ھادىسە،ئۆلۈم،كېسەللىك قاتارلىق مۇدھىش قىسمەتلەرنىڭ ئادەملەر ئەسلا ئارزۇ قىلمىسىمۇ،كۈتمىسىمۇ ئادەملەرگە مەھكەم يېپىشىۋېلىشقا ئامراقلىقىنى ئويلىغاندا ئەسەردىكى ئەشۇ قىسمەت بىلەن تۇرمۇشتىكى قىسمەتلەرنىڭ ئوخشاشلىققا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئويلىغىنىدا ئاپتوردىن رەنجىپ كەتمەيدۇ. ئاپتور ئەسەرنىڭ بېشىدىن باھادىر ھادىسىگە يولۇققىچە بولغان جەرياندا تۇيغۇ چىنلىقىنى تەسۋىرلەشتىكى ماھرىتىنى ئىشقا سالسا مۇشۇ باسقۇچقا كەلگەندە قايناۋاتقان قازاننىڭ چوغىنى تارتىۋەتكەندەك ئەسەرنى ناھايىتى تىزلا ئاخىرلاشتۇرۋەتكەن.دىمەك بۇ باسقۇچتا يەنە بىر ماھارىتىنى ئىشقا سالغان..                              
        « باھاردا توزىغان چىچەكلەر» پوۋىستنى 3 چوڭ بۆلەككە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئەسەردە گۈلشەننىڭ ئوتتۇرغا چىققىشىدىن باھادىرنىڭ ھادىسىگە يولۇقۇشىغىچەبولغان ئاساسى قىسمى 1-بۆلەكتۇر.1-بۆلەكنىڭ ئەسەردە ئىگىللەيدىغان سالمىقى 70 پىرسەننى ئىگىللەيدۇ.باھادىر ۋە گۈلشەننىڭ ھادىسە ھەم كېسەل تۈپەيلى كەينى-كەينىدىن قازا قىلىپ كېتىشى 2-بۆلەكتۇر.2-بۆلەكنىڭ ئەسەردە ئىگىللەيدىغان سالمىقى 10 پىرسەننى ئىگىللەيدۇ. پوۋىست تاماملىنىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئويلىنىشىغا قالدۇرۇلغان بوشلۇق –تىندىسىيە(يوشۇرۇن) قىسمى 3-بۆلەكتۇر،3-بۆلەكنىڭ ئەسەردە ئىگىللەيدىغان سالمىقى 20 پىرسەننى ئىگىللەيدۇ.ئەسەرنىڭ مۇققەدىمىسى يەنى گۈلشەننىڭ ئوغلى گازارمىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ ئانىسى گۈلشەندىن قالغان خاتىرىنى قولىغا ئېلىپ ئوقۇشقا تەمشەلگىچە بولغان جەريان ئەسەرنىڭ  ئاساسى قىسمى بولغان 1-بۆلەككە ئۆتۈشتىكى بىر ئۆتكۈنچى باسقۇچ بولغان بولسا 2-بۆلەك يەنى باھادىرۋە گۈلشەننىڭ ۋاپاتى 3-بۆلەككە ئۆتۈشتىكى يەنە بىر ئۆتكۈنچى باسقۇچتۇر.ئوقۇرمەن قەلبىدە ئەسەرنىڭ 1-بۆلىكى بىلەن 2-بۆلىكى روشەن بىر سېلىشتۇرمىنى ھاسىل قىلىدۇ.ئوقۇرمەنلەر بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا  مەزكۇر پوۋىست ئارقىلىق ھاياتنىڭ گۈزەل، سۆيۈملۈك، ئۇلۇغ، قەدىرلىك بولىدىغانلىقىنى،ئۇنى قەدىرلەشنىڭ،ھەر بىر كۈننى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشنىڭ زۈرۈرلىكىنى.... ھېس قىلىدۇ.يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا  ئەڭ چوڭقۇر مەنىدىن ھەر بىر ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ ئۆزى بىر ئەسەر.... ئىكەنلىكىنى، ياشاش جەريانى ئەسەرنىڭ يېزىلىپ تااملىنىش... جەريانى ئىكەنلىكىنى،ھاياتتا نىمىلەرنى قىلىش ۋە قىلماسلىق،ھاياتنى قانداق ئۆتكۈزۈش ...كونكىرت ئادەمنىڭ كونكىرت ھېس-تۇيغۇسى،ئارزۇ-ئارمانلىرى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يېتىدۇ.قانچىلىك ئويلاش،چوڭقۇرلاش ئوقۇرمەنلەرنىڭ سېزىش،بايقاش ئوي چوڭقۇرلىقى بىلەن باغلىنىشلىق...ئۇ ھەقتە ئىنچىكىلەش   ھاجەتسىز.                  
          « باھاردا توزىغان چىچەكلەر» ناملىق پوۋىستنىڭ سېھرى كۈچىنىڭ  دەل تۇيغۇ چىنلىقىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلغانلىقىدىن شۇنداقلا ئەينى تۇرمۇش قانۇنىيىتىنىمۇ يورۇتۇپ بېرىلگەنلىكىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى سېزىپ يېتەلەيمىز.ئەسەر ماكرۇ جەھەتتە تۇرمۇش قانۇنىيىتى،ئەينەنلىكىگە ئۇيغۇن،كونكىرت جەھەتتە تۇيغۇ چىنلىقىغا ئۇيغۇن.ئەسەردە ۋارىس، گۈلشەن، باھادىر، مەخمۇت،سۈبھنۇر،ھېزىم،سوپى ھاجى قاتارلىق پىرسۇناجلار گۈلشەندىن ئىباردت باش پىرسۇناجنىڭ تىلى،سەزگۈسى،بايانى ئارقىلىق يورۇتۇلغان.ئۇلار كەچمىىشىمىزدە ئۆتكەن تونۇش كىشىلىرىمىزنى ئەسكە سالىدۇ. مەزكۇر ئەسەر 10 يىل ئىلگىرى يېزىلىپ ئىلان قىلىنغان.ئۇ چاغلاردا كورىيە تىلۋىزىيە فىلىملىرى ھازىرقىدەك بازار تاپمىغان ئىدى.مەزكۇر پوۋىست تۇرمۇشقا ئىنتايىن يېقىن بولۇش جەھەتتە ئىختىيارسىز كورىيە فىلىملىرىنى ئەسلىتىدۇ.پىرسۇناجنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ناھايىتى چىن ۋە لىرىكىلىق يورۇتۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن كورىيە فىلىملىرىدىن پەرقلىنىدۇ. گازارما ،مەكتەپ، ،يېزا،،ناھىيە بازىرى...قاتارلىق تاشقى چىنلىق ئامىللىرى قوشۇمچە قىستۇرۇلغان.تۇرمۇش سەزگۈرەشتىسىنىڭ قەلب خەرىتىسى بويىچە يورۇتىلىشى يادرۇ قىلىنغان.شۇڭا ئەسەرنىڭ جانلىقلىقى،جەلىپكارلىقى ئاشۇرۇلغان. .ئەسەرنىڭ ئاخىرىنى ئاپتور قەلەمدە ئاخىرلاشتۇرسىمۇ قەلبتە ئاخىرلاشتۇرماي ئوقۇرمەنلەر قەلبىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.ئەسەرنى ئوقۇغانلار بىر نەچچە كۈنگىچە ئەسەردىكى كارتىنا، پىرسۇناجلار كەچمىشى بولۇپمۇ باھادىر ۋە گۈلشەن يولۇققان بەختسىزلىك ھەققىدە ئويلىنىپ شۇ تەقدىرنىڭ ھەر كىم بېشىدا بارلىقىنى سېزىپ يېتىدۇ.مەن يازغۇچى پەرۇزاننىڭ «باھاردا توزىغان چىچەكلەر» دەك نادىر ئەسەرلەرنى يەنە يورۇقلۇققا چىققىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


    2012-يىل 9-ئاپرىل قايتا تۈزىتىلدى ۋە پىششىقلاندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-15 06:41  

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 23:09:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزى ھېيت ئەپەندى  ،مەن كەچتە ئىشتىن كېلىپ مۇنبەر ئارلاپ ئولتۇرۇپ ‹‹باھاردا توزىغان چېچەكلەر››دىكى ئىنكاسىڭىزنى كۆرگەن ئىدىم .سىز ئۇ تېمىغا ئىنكاسىڭىزنى يېزىپ ئارىدىن تۆت سائەت ئۆتكەندە بۇ يازمىڭىزنى يېزىپ يوللاپسىز،مەزمۇنىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم.پوۋسىتقا بەرگەن باھايىڭىز ياخشى چىقىپتۇ .مەنمۇ ئۆز كۆڭلۈمدە بۇ ئەسەر ۋە ئەسەر ئاپتۇرىنىڭ ئىپادىلەش ۋە ئىپادىلىنىشى،تۇرمۇش چىنلىغى،تىل گۈزەللىگى ، چۈشۈنىشلىك جەلپكارلىغى بىلەن كۆپ ئوقۇرمەنلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان يېزىش ئۇسلۇبىغا قايىل بولماي تۇرالمايمەن .ھەم ئالاھىدە ھۆرمىتىم بار .........
ئەمدى سىزدىن سۇراپ باقسام سىز بۇ باھايىڭىزنى تۆت سائەت ئىلگىرى يازغان ئىنكاسىڭىزدىن كېيىن يازدىڭىزغۇ دەيمەن ،سۈرىتىڭىزنىڭ تېزلىگىگە ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم . ئەمما سىز بۇ  يازمىڭىزنى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىش خىيالىڭىز يوقمۇ ؟مەنچە سىز پەقەت مۇشۇ يەردىلا باھايىڭىزنى ئوتتۇرغا قويۇشنى ئويلاشتىڭىزغۇ دەيمەن . ئەگەر مەتبۇئاتلارغا بېرىش خىيالىڭىز بولسا مېنىڭچە يەنە ئازراق تولۇقلاشقا توغرا كېلەمدۇ قانداق ؟مەن پەقەت يازمىڭىزنى ئوقۇش جەريانىدا ھىس قىلغىنىمنى تۈز كۆڭۈلۈك بىلەن سۇرىغىمنى ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز.
http://www.nazugum.com/

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 23:54:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تورداش ماھىرە سىزمۇ يۇقۇرقى ئەسەرگە كۆڭۈل بۆلىدىكەنسىز.بۇ جەھەتتە ئورتاقكەنمىز.

     راست گەپنى قىلسام مەن ئىنكاسنى يازغان چىغىمدا مېڭەمدە پىكىرنى بىر قېتىم پىشۇرۇپ  ئېلىپ ماقالىنى يېزىشقا تەمشەلگەن ۋاقتىم ئىدى.ماقالىنى يېزىش جەريانىدا چوڭ،ئومۇمى گەۋدە بويىچە مۇلاھىيزە قىلىش،بەك ئىنچىكىلەپ كەتمەسلىك،ماۋزۇ بىلەن پوۋىست ھەققىدە توختىلىشىنى تەڭ ئورۇنغا قويغان بولغاچقا يا پوۋىست ھەققىدە يا تۇيغۇ چىنلىقى ھەققىدە ئىنچىكىلىپ تەپسىلى يېزىشنى كۆزلىمىدىم.شۇنداق يېزىشىمنى پوۋىستنىڭ ئۆزى سەزدۈردى.خۇددى پوۋىستنىڭ ئاخىرى يەنە باردەك بىر كەيپىيات ئىچىدە تاماملانغىنىدەك ماقالىمۇ يېرىمدەك،تۈگىمىگەندەك ئاخىرلاشقىنى ياخشى.شۇنداق بولغاندا ئوقۇرمەنگە ئويلىنىش بوشلىقى قالىدۇ.ئۆز تەسىراتى بويىچە پىكىر يۈرگۈزەلەيدۇ.                        
     توغرا ئېيتىسىز .بۇ ماقالىنى بىرەر ژورنالدا ئىلان قىلىشنى ئويلاپ باقمىدىم.ئەگەر ئىلان قىلدۈرۈشقا توغرا كەسىمۇ قايتا پىششىقلاپ ،ئۆزگەرتسەم بۇ ماقالىنىڭ قوشياقىلىمىلىق خاراكتىرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. دەرۋەقە دۇنياۋى مەشھۇر 4 ئەسەرنى تىلغا ئېلىشىم بىر قارىماققا ئارتۇقچىدەك بىلىنىدۇ.ئۇلانما تەسەۋۇر يەنى مەزكۇر پوۋىست بىلەن ئەشۇ ئەسەرلەرنىڭ باغلىنىش مۇمكىنچىلىكى نوقتىسىدىن ئويلىغاندا پوۋىست ھەققىدە ئونبەتلەپ زىغىرلاپ توختىلشىمدىن يۇقۇرقى تۆت ئەسەرنىڭ ئاچقۇچلۇق يېرىنى تۇتۇپ ئېچىپ بېرىشىم تىز،دەل،قايىل قىلارلىق ئۈنۈمگە ئىگە بولىدۇ.شۇنداقلا يەنە مەزكۇر پوۋىستنى ئوقۇرمەنلەر كۆڭلىدە تۇتقان ئورنىنى يۇقۇرى كۆتىرىدۇ.
     مۇئايەشتۈرۈۈشتىمۇ چوقۇم ئاساس بولىشى كېرەك.ئاساسنى تۇتۇپ مۇلاھىيزە قىلغاندا پىكىر مەزمۇت تۇرالايدىغان قىممەتكە ئىگە بولىدۇ.تۇيغۇ چىنلىقى دىگەن ئۇقۇم مەن ئويلاپ كېلىۋاتقان ئۇقۇم ئىدى.ئۇنى ئىشلىتىش پۇرسىتى مەزكۇر پوۋىستنى كۆرۈش پەيتىكە توغرا كەلدى.كىيىن چوڭقۇرلاشتۇرىمەن.

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 01:25:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئوبزور ماقالىسى خېلى قايىل قىلارلىق يېزىلىپتۇ.سېلىشتۇرما قىلىش ئارقىلىق پاكىتلار جانلىق چىقىپتۇ،پوۋسقىمۇ جايىدا باھا بېرىلىپتۇ .مەن پوۋسنى وقۇغان ئىدىم.

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 01:26:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېلشتۇرما نوقتىدىن خېلى ئەتراپلىق پىكىر يۈرگىزىپسىز،شۇنداقتىمۇ پوۋىستتىكى ۋەقەلىك قاتلىمى ۋە پىرسۇناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا چوڭقۇرلاپ  كىرىش زۈرۈرمۇ قانداق؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇرسۇنگۈل ساۋۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-2 01:33  

ئۆزىنى ئالداش ئازابلىق،باشقىلارنى ئالداش رەزىللىك.

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 01:59:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   تورداش  تۇرسۇنگۈل ساۋۇتقا :
  
    مەن ماقالىدا  « ۋەقەلىك » دىگەن سۆزنى تىلغا ئالمىدىم.«ۋەقەلىك» كىنو-تىلۋىزىيەدە ئارام تاپقىنى ياخشى.بۇرۇۇن    «ۋەقەشۇناس» يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ۋەقە بىلەن چەكلىنىپ قېلىپ ئوقۇرمەننى بىزار قىلاتى.
مەزكۇر پوۋىستنىڭ مۇۋاپىقىيتى دەل ۋەقە قوغلىشىشقا قارىشى تۇرۇپ تۇرمۇش رىتىمى (بۇرۇن ۋەقە رىتىمى دىيىلەتى) گە ماس بولغان تۇيغۇ رىتىمى بويىچە قانات يېيىپ روھى دۇنيانى كەڭ ۋە چوڭقۇر يورۇتۇپ بېرىلگەنلىكىدە.
    بەزى ئوبزور ماقالىلەردە پىرسۇناجنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا ئىچكىرلەپ كىرىش نامى بىلەن ئەسەردىكى تەپسىلاتلارنى يەنە بىر قېتىم قايتىلاپ چىققىدۇ.لىكىن يېڭى تەھلىل ئېلىپ بېرىلمايدۇ.ياكى ئوقۇرمەن مۇلاھىيزە قىلىش لىنيىسى ئېچىپ بېرىلمەيدۇ.  مەن ماقالىدا شۇ كونا ئۇسۇلغا يوللىماي تۇيغۇ چىنلىقىدىن ئىبارەت بىر مۇلاھىيزە قىلىش يولى... كۆرسىتىپ ئۆتتۈم.ئوقۇرمەنلەر شۇ بويىچە مۇلاھىيزە قىلامدۇ ياكى خالىغىنىچە بويىچە ئويلامدۇ بوشلۇق قالدۇردۇم.ئادەم ئوخشىمانلىقتىن ئەسىردىن بەھە ئېلىش،تەسىرلىنىش ئەھۋالىمۇ ئوخشىمايدۇ.شۇڭا پىرسۇناجنىڭ روھى دۇنياسىغا ئىچكىرلەپ كىرىشنىڭ تېيىز-چوڭقۇرلىقى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇلغىنى ياخشى.شۇنداق بولغاندا ئەسەرنىڭ سېھرى كۈچى ھەر بىر ئوقۇرمەنگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 02:57:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇۇن    «ۋەقەشۇناس» يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ۋەقە بىلەن چەكلىنىپ قېلىپ ئوقۇرمەننى بىزار قىلاتى.

  
يۇقارقى پىكىرىڭىز توغۇرلۇق  كونكىرىتراق سوزلەپ باقسىڭىزكەن؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇرسۇنگۈل ساۋۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-2 02:58  

ئۆزىنى ئالداش ئازابلىق،باشقىلارنى ئالداش رەزىللىك.

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 12:07:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   غەرپ ئەدەبىي تەنقىدچىلىرى 20-ئەسىرگە كەلگەندە فىرانسىيەنىڭ 19-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئىككى يازغۇچىسى فىلوبىر  بىلەن بالزاككا باھا بېرىپ  بالزاكنى «ھۈنەرۋەن» «ۋەقەشۇناس» دەپ ئاتىغان.فىلوبىرنى« سەنئەتكار»«تىلنى مۇزىكىغا  ئايلاندۇرغۇچى »دەپ ئېيتقان.ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئىچىدە كىمنىڭ «ۋەقەشۇناس» يازغۇچى... ئىكەنلىكىنى ئېيتمايلى.ھازىرقى پىروزا ئەسەرلىرىدە چوڭقۇرلۇق بار .شۇنداقتىمۇ پىرسۇناج ئوبرازىنى تۇرمۇش رىتىمى ۋە پىرسۇناجنىڭ خاراكتىرىنىڭ تەرەقىيات يۆنۈلۈشى بويىچە يورۇتۇپ بەرمەي ۋەقەگە باغلاپ،مىڭ بىر كېچىدەك سوزۇپ ...بىر كىتاپ بىلەن ئىپادىلىسىمۇ بولىدىغان مەزمۇننى نەچچە كىتاپقا....ئايلاندۇردىغان ئەھۋال بار.ئاقىل ئوقۇرمەنلەر پىرسۇناجنىڭ قانداق خاراكتىرى ۋە تۈپ ئالاھىدىلىكلىرىگە،ساددا ئوقۇرمەنلەر  كۆپ قىسىملىق تىلۋېزىيە فىلىملىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ۋەقەلەرنىڭ ئايىقى تۈگىمەيدىغان بىر قانچە توملۇق رومانلارغا قىزىققىدۇ....ئۇيغۇرچە رومانلارنىڭ كېلەڭسىزلىرىمۇ ،«قۇم باسقان شەھەر» دەك نەچچە توم بولىدىغان مەزمۇننى ئىخچام يورۇتۇپ بەرگەنلىرىمۇ بار...قالغىنىنى ئۆزىڭىز ھېس قىلىڭ.

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 14:56:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاقىل ئوقۇرمەنلەر پىرسۇناجنىڭ قانداق خاراكتىرى ۋە تۈپ ئالاھىدىلىكلىرىگە،ساددا ئوقۇرمەنلەر  كۆپ قىسىملىق تىلۋېزىيە فىلىملىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان ۋەقەلەرنىڭ ئايىقى تۈگىمەيدىغان بىر قانچە توملۇق رومانلارغا قىزىققىدۇ....


‹‹لېيىغان بۇلاق››، ‹‹ئانا يۇرت››،‹‹باھادىرنامە››دەك  نادىر كىتابلار ھېلىھەم ئۇقۇرمەنلەرنىڭ سۆيۈپ ئۇقۇشىغا ئىرىشۋاتىدۇ.سىزنىڭچە  بولغاندا بۇ كىتابلارنىڭ ئۇقۇرمەنلىرى بىر توپ ساددىلار ئىكەندە؟
ئۆزىنى ئالداش ئازابلىق،باشقىلارنى ئالداش رەزىللىك.

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 15:12:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېزىز ھېيت ئەپەندى،غەرىپ ئەدەبىي تەنقىدچىلىرى ‹‹ ۋەقەشۇناس››دەپ ئاتىغان بالزاك ئەمەلىيەتتە 19 -ئەسىردە ‹‹ئىنسان كۆمىدىيەسى››بىلەن ياۋرۇپا ئەدەبىيات تارىخى ۋە دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا ناھايتى يۈكسەك ئۇرۇنغا ئېرىشكەن.فىلوبېرمۇ   ‹‹بوۋارى خانىم›› رومانى بىلەن داڭ چىقىرىپ ،فرانسىيدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى يازغۇچلار قاتاردىن ئۇرۇن ئېلىپتىكەن ،بۇنى قانداق چۈشىنىمىز؟
ئۆزىنى ئالداش ئازابلىق،باشقىلارنى ئالداش رەزىللىك.

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 15:38:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تۇرسۇنگۈل ساۋۇت، سىزمۇ قىزىقكەنسىز،
    بالزاك بىلەن  فىلوبىرنى ياۋروپا ئەدەبىياتىغا يېڭىچە ئىككى يېزىقچىلىق ئۇسۇلىنى ئەكەلدى دېسەك، زوردۇن سابىر نى تارىخنى قانداق يېزىشنى ئۇيغۇرغا ئېلىپ كىرگەن گېگانىت، ياسىنجان سادىقىنى باھادىرلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىقىمىز ۋە ئۇلارنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ يېزىشىمىز بۇ ئارقىلىق تارىخىمىزنىڭ يىللار تەرتىپىنى تۇرغۇغۇزۇشتا ئىنتايىن جاپا چېكىپ خاتىرىگە ئالغان تۆھپىكار دېيىش مۈمكىن.
   ئارلىقتىكى ئاۋۇ لېيىغان بۇلاقنىڭ كۆزى ئېتىلىپ قالماي، ئېقىۋاتقان دەريا شەكىللەندۈرۈرىشىنى بىر قېتىملىق ئاپەت خارەكتېرلىك كەلكۈن دېسەكمۇ بولىدۇ.

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 15:53:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئەزىز ھېيت كۈن بۇرادەر؛ ماقالىنىڭ ئۇسلۇبى، كىرىش، چىقىش، مۇھاكىمە، تەھلىللەر ئۆزگىچە چوڭقۇرلۇققا ئىگە بولۇپ، مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان ئەسەرگە ھۆسۈن قوشۇپتۇ. لېكىن ماڭا نىسپەتەن ماۋزۇ خۇددى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئوبزورلارنىڭ ماۋزۇسىدەك تۇيغۇ بەردى.

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 15:54:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تۇرسۇنگۈل ساۋۇت، سىزمۇ قىزىقكەنسىز،
    بالزاك بىلەن  فىلوبىرنى ياۋروپا ئەدەبىياتىغا يېڭىچە ئىككى يېزىقچىلىق ئۇسۇلىنى ئەكەلدى دېسەك، زوردۇن سابىر نى تارىخنى قانداق يېزىشنى ئۇيغۇرغا ئېلىپ كىرگەن گېگانىت، ياسىنجان سادىقىنى باھادىرلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىقىمىز ۋە ئۇلارنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ يېزىشىمىز بۇ ئارقىلىق تارىخىمىزنىڭ يىللار تەرتىپىنى تۇرغۇغۇزۇشتا ئىنتايىن جاپا چېكىپ خاتىرىگە ئالغان تۆھپىكار دېيىش مۈمكىن.
   ئارلىقتىكى ئاۋۇ لېيىغان بۇلاقنىڭ كۆزى ئېتىلىپ قالماي، ئېقىۋاتقان دەريا شەكىللەندۈرۈرىشىنى بىر قېتىملىق ئاپەت خارەكتېرلىك كەلكۈن دېسەكمۇ بولىدۇ.



رەھمەت كۈرەش ئەپەندى ،يەنە ئەزىز ھېيت ئەپەندىنىڭ ئەدەبىي تەنقىتچىلىكتىكى ئىزدىنىشلىرى مۇۋەپەقەيەتلىك بولسۇن.
ئۆزىنى ئالداش ئازابلىق،باشقىلارنى ئالداش رەزىللىك.

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 16:35:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      مەنچە بۇ ماقالە ئوبدان يېزىلىپتۇ ، ئەسەرمۇ ئۆزگىچە تەھلىل قىلىنىپتۇ،ياخشى دەپ قارىغان ئەسەرگە ياخشى باھا ماقالىلىرى بېرىلىشى كېرەك .  بەزى ئىنكاسلاردا سورالغان سۇئاللارغا ماقالا ئاپتورى جاۋاپ بەرسە يېڭى بىلىم ئالغۇدەكمىز دەپ ئويلاپ قالدىم . يېڭى مۇنبەردە يېڭى پىكىرلەرنى كۆرۈپ خوشال بولۋاتىمەن

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 22:29:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بەگيار ماقالىنىڭ ماۋزۇسى ھەققىدىكى پىكرىڭىزنى كۆردۈم.ياڭاقنىڭ تېشى كۆرۈمسىز بولسىمۇ لىكىن ئىچى قۇرۇق بولمىغانغا ئوخشاش ماقالەمنىڭ ماۋزۇسى كونا تۈستە قويۇلۇپ قالغان بولسىمۇ مەزمۇن جەھەتتە كونا ئەمەس.خۇددى ئۆزىڭىز ئېتقاندەك.
     مېنىڭچە ئەشۇ 80-يىللاردىكى ئوبزورچىلىقنىڭ دەلىللەش،ئىسپاتلاش ئۇسۇلىدىن ۋازكەچكىلى بولمايدۇ دەپ قارايمەن.گەرچە ئوبزورنىڭ قۇرۇلمىسى،يېزىلىش ئۇسلۇبىنى داۋاملىق يېڭىلاش زۈرۈر بولسىمۇ.بۈگۈنكى ئوبزورچىلىقتا ئەركىن تەھلىل ئۇسۇلى كۆڭۈلگە ياققاندەك بىلىنسىمۇ ئۆتكۈرلۈككە يەنى يا مۇئايەنلەشتۈرۈش يا ئىنكار قىلىش نوقتىسىدىن ئوقۇرمەننى ئىچ-ئىچىدىن قايىل قىلىش كۈچىگە ئەمەس.ئەسەرنىڭ مۇۋاپىقىيىتى قايەردە،يېتەرسىزلىكىچۇ؟ دىگەنلەرنى ئېنىق،دەل كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:

ستاتىستىكا|Archiver|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网 ( ICP经营许可证编号:新ICP备10200746号 )

GMT+8, 2012-4-16 03:59 , Processed in 0.096001 second(s), 11 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش