سۈكۈتتىكى سىياھ
سۈكۈتتىكى قاراڭغۇ خىيال ،
ۋاقتىڭ كەلدى يورىيدىغان .
ئاچ كۆزۇڭنى ،
ئېچىلغاندەك تاشنىڭ كۆزى
بەلكىم ، بۇ باغرىڭغا
توشتى پىغان .
تېشىۋاتقان سۇ ئەمەس ، نېمە ؟
ئېقىۋاتقان ۋاقىتنىڭ دەردى .
مۇڭغا كىرگەن دەرەختەك جىمجىت
تىڭشىغانسەن ،
جىمجىت تۇرۇپ
ھىجراندەك بەلكى .
تۆكۇلگەندە ياپراقلار كۈزگە ،
تۆكۇلىسەن چۆچەكچى قاپاق
تۆكۇپ قويغان ،
يوللاردەك ئۇزۇن ...
بىر – بىرىگە ئۇلاپ دەردىڭنى
بىر – بىرىدىن تىرەن مەنادەك ،
ئاسماندىكى
يۈلتۈزدەك چاقناپ
يورىقىڭنى چېچىپ قەغەزگە ،
قېتىپ قالدىڭ
دېمەك ، سىياھدەك .
سىياھ -
قاپ قارا كۈندۈز ،
بىر سۈكۈتكە ئايلانغان چوڭقۇر .
بەتلەر ئارا
ئاپپاق نۇر چاچقان
ئۆچۇپ بولماس ئاخىرغىچە
ئۆچۇپ كەتتى چىراقلار لېكىن ،
ئۆچۇپ بولماس ئۇ
ئارماننى ئاچقان .
سۈكۈتتىكى سىياھ
سەن قاراڭغۇغا
ئۆمۇلەپ كىرگەن جان .
يورىغانچە ،
دىلنى چاقناتقان .
مېنى ئوقۇپ دائىم ،
پىراقىمدا
يالقۇنلاپ قالغان .
2015 – يىلى 2 – سىنتەبىر
|