يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 386|ئىنكاس: 1

ساداق (ت): ھىكمەت ئانىل ئۆزتەكىن ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھىكمەت ئانىل ئۆزتەكىن ئەسەرلىرىدىن تاللانمىلار

تەرجىمە قىلغۇچى:  ساداق


بىز ھەر كۈنى ئۆلىۋاتىمىز

   يوپۇرماق شاخلاردىن راھەت ھالدا چۈشەلىگۈدەك بۇ قەدەر جەسۇرمۇ؟يوپۇرماق ئۆلۈمدىن قورقامدۇ؟ياكى بىر دەرەخ ئۆلۈمدىن قورقۇپ تۇرۇپ ئۆسەمدۇ؟قورقۇپ تۇرۇپ چېچەكلەمدۇ ياكى مىۋە بېرەمدۇ؟
   بىر قۇش ئۆلۈمدىن قورقۇپ تۇرۇپ ياشىمايدۇ.ئۆلۈم كەلگەندە تەمىنى تېتىيدۇ ۋە پەقەت ئۆلىدۇ.ئارقىدا قالغان بايلىقىغا كۆڭلىنى يېرىم قىلماي،كەلگۈسىدىكى پىلانلىرىغا كۆڭلىنى يېرىم قىلماي.بىر چۆمۈلىمۇ ئۆمرىنى ئۆلۈمدىن قورقۇپ ئۆتكۈزمەيدۇ.ئۆلۈم كەلگەندە تەمىنى تېتىيدۇ.ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆلۈم قورقۇنچىدا پىلانلىرى بىلەن ياشىمايدۇ.
   بىر تاشپاقىنىڭ تاشلىقلار ئارىسىدا خاتىرجەم ماڭغانلىقىنى كۈزەتتىڭىزمۇ؟بىر بۈركۈتنىڭ كۆك يۈزىدە پەرۋاز قىلىشىدىن بىرئاز ئاستا خالاس.ئىككىلىسىدە ئەندىشە يوقتۇر.چۈنكى ياشاۋاتىدۇ.ياشىماق ئىشىنىشتۇر.ئىشەنگەن ئەندىشە قىلمايدۇ.ئىشەنگەن بىلىدۇ.خاتىرجەم بولالايدۇ.پەقەتلا ياشايدۇ.
   ئەمما بىز قورقىمىز،ئەندىشىلىنىمىز. كەلگۈسىمىزنى بىلمەيمىز.قايسى مەكتەپتە ئوقۇيمىز؟قانداق يەردە خىزمەت قىلىمىز؟بۇ ئۆمۈرنى كىم بىلەن بەھىرلىنىمىز؟قەيەردە ياشاپ؟نېمىلەرنى ئېلىپ،نېمىلەرنى كىيەلەيمىز؟مەڭگۈلۈك ھەقىقەت ئۈچۈن پىلان تۈزۈشنىڭ ئورنىغا،ئۆمرىمىزنىڭ تامامىنى دۇنيا پىلانلىرى بىلەن ئۆتكۈزىمىز.
   دۇنياغا پىلان تۈزگەن ئەندىشە ئىچىدە قالىدۇ.بىر قۇشنىڭ پىلانسىز ھالدا ھەر كۈنى ئۇۋىسىدىن ئۇچۇپ بالىلىرىغا ئوزۇق ئەكەلگىنىدەك ئىتىقادىمىز يوق.چۈنكى بىز ياشىمايۋاتىمىز دوستۇم...بىز ھەر كۈنى،ھەر كۈنى ئۆلىۋاتىمىز.

كىتاب ئوقۇمايدىغان بىلەن توي قىلىنامدۇ؟

   ھەممىڭلارغا ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن،ئەمما كىتاب ئوقۇمايدىغانلارنى سۆيەلمەيمەن.سۆيەلمەسلىكىم كىتاب ئوقۇماسلىقى ئەمەس،كىتاب ئوقۇماسلىقىدىن تۇغۇلغان ھادىسىلەر.
   بىر كىنو كۆرگىنىڭدە ئۆيۈڭنىڭ يورىغانلىقىنى كۆرەلەيسەن،ئەمما دەرىزەڭنىڭ ئالدىدىكى گۈللەرنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئۆيۈڭگە كىرگەن قۇياش نۇرىنىڭ تاملىرىڭغا چۈشىشىنى،ھەمدە خىيالىڭدا تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ ئىشەنگىلى بولمايدىغان ھوزۇرىنى كىنولاردىن ئالالمايسەن.بۇ ھوزۇرنى بىلمەيدىغان بىرى بىلەن توي قىلماق سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيدىغان بىرى بىلەن قېيىقنىڭ ئۈستىدە ياشاشقا ئوخشىماسمۇ؟لازىم بولغان ئەڭ مۇھىم ئىش ئۈزۈش ئىكەن،يېنىڭىزدىكى ئۈزۈشنى بىلمەيدۇ.يەنى ھوزۇر ئېلىشتىكى ئەڭ گۈزەل ئىش سۆيگۈنىڭىز بىلەن خىياللار قۇرۇش ئىكەن،بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايسىز.
   كىتاب ئوقۇمايدىغان ئىنسانلار مەشىق قىلمايدىغان تەنتەربىيەچىلەرگە ئوخشايدۇ.مۇسكۇللار ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بوشىشىدۇ ۋە ئىقتىدارىنىڭ قىممىتى قالمايدۇ.كىتاب ئوقۇيدىغانلار بولسا سۆزىڭىزگە قۇلاق سالغىنىدا سىزنى تونۇش ئۈچۈن ئەمەس،چۈشۈنۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتىدۇ.تېخىمۇ ئىھتىياتچان بولىدۇ.بىر مەسىلە ئۈستىدىكى پىكىرلىرىنى بىر قانچە يازغۇچىنىڭ قەلىمىدىن چىققان جۈملىلەر بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەپ ئاندىن ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
   كىتابلار بەزىدە ھەقىقى سۆيۈشلەرنىڭ ئىپادىسىدۇر.بىر شائىرنىڭ شېئىرلىرىدا بىر ئايالنى ياشاتقانلىقى،ئۇ ئايالنى ھەقىقى سۆيگەنلىكىدۇر.چۈنكى شېئىر يازماق سۆيگىنىنى ياشىتىپ ئۆزىدىن ۋاز كەچكەنلىك مەنىسىنى بېرىدۇ.سىز سۆيۈپ تۇرۇپ بارىدىغان كىتابچىلارنىڭ كىتاب جازىلىرىنى ئويلاڭ.ئەمدى ئۇنۇتماق مۇمكىن ئەمەس.نەقەدەر قىيىن ۋە قورقۇنۇشلۇق ھە!ئۇنداق ئەمەسمۇ؟
   شائىرلار قورۇقماس،شائىرلار پەقەتلا سۆيىدۇ.

بىر دەردىم بار مېنىڭ

پەريادىمغا پەرياد قاتقان،
دۇنيانى قاراڭغۇ كۆرسەتكەن،
ئاشكارلىمىغان بىر دەردىم بار مېنىڭ.
يازنى قىش قىلىۋىتىدىغان،
باشنى تاش قىلىۋىتىدىغان،
چاشقا ئاق چۈشۈرۈۋىتىدىغان بىر دەردىم بار مېنىڭ.
باغلارنى قۇرۇتىۋىتىدىغان،
يۈرەكلەرنى كۆيدۈرۈۋىتىدىغان،
كېچىلىرى ھىچ ئۇخلاتمايدىغان بىر دەردىم بار مېنىڭ.
چۈشەندۈرسەممۇ چۈشۈنۈشۈلمەيدىغان،
تىنجىسام قەغەزلەرنى كۆيدۈرۈۋىتىدىغان،
ئۇنىڭسىز لوقما يېسەم،
گېلىمدىن ھىچ ئۆتمەيدىغان بىر دەردىم بار مېنىڭ.
كەتسىمۇ،كەلسىمۇ كۆيدۈرىدىغان
پەقەتلا قەبرە تېشىمغا يېزىلىدىغان بىر دەردىم بار مېنىڭ.


نېمە ئۈچۈن يوقتەكلا ياشايسەن؟

   ھال رەڭلىك كىتابنى ئوغۇللارنىڭ سېتىۋالالماسلىقى نەتىجىسىدە،كىتابلار ئوغۇللار ئۈچۈن كۈلرەڭ ۋە قارا رەڭلىك قىلىپ بېسىلىدىغان بۇ دۇنيادا،ھېچبىر كىشىنىڭ سىرتنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرماي تۇرۇپ ياشىيالمايدىغانلىقىنى ئىنكار قىلمايدىغانسەن ھەر ھالدا.
   بىز باشقىلارنىڭ ئىدىيەسى بويىچە ھايات كەچۈرىۋاتىمىز.ئۇلارنىڭ ياردەم بېرىشىنى،ئارقىمىزدا تىرەك بولىشىنى كۈتىمىز.ئېنىقكى ئىشلار يامىنىغا ماڭغاندا،گۇناھنى ئارتىپ قويىدىغان بىرلىرىنى ئىزدەيمىز.ئەكسىچە ئىشلىرىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا،بىزنى ماختايدىغان،ئالقىشلايدىغان بىرلىرى بولىشى كېرەك.
   شۇنداق بىز ماختىلىش ئۈچۈن ياشاۋاتىمىز.
   پەقەت ئادەملەر بىزنى چىرايلىق دېگىنىدە چىرايلىق ئىكەنلىكىمىزگە ئىشىنىمىز ياكى ئۈگۈنۈش ئەھۋالىمىز ماختالغىنىدا تېخىمۇ تىرىشچان بولالايمىز.ئىشىمىزنى بىرلىرى تەرىپلىگەندە بىز تېخىمۇ ئۇتۇق قازانغانلاردىن ئورۇن ئالىمىز.
   بىز خۇمار بولۇپ قالغان.كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىگە،ماختاش ۋە تەنبىھلىرىگە خۇمار بولۇپ قالغان.ئۇلارنىڭ باشقىلار ھەققىدە نىمە دېگىنىگە قاراپ،داۋاملىق ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىۋاتىمىز.ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر ئادەم بولۇشقا ئىنتىلىپ،ئىچىمىزدىكى《مەن》نىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز.
   بۇلارنىڭ سەۋەبى،《ئىنسان》سۆزىنىڭ مەنىسىنى بىلمىگەنلىكىمىزدىن مەنبەلىنىدۇ.شۇنداق،بۇقەدەر كۆپ نەرسىنى بىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقىنىمىزدا،ئەجەبا تۇنجى سوئالدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشىمىز قانداق مۇمكىن بولۇپ قالدى؟بۇنى بىزگە كىم ئۈگىتىشى كېرەك ئىدى ۋە ئۈگەتمىدى؟
   گۇناھكارنى ئىزدەشنى كېيىنگە ئېلىپ قويساق،ئۇ ھالدا بىز كىم؟زادى قانداق بولىشىمىز كېرەك؟ۋە بۇ دۇنيادا قىلىشىمىز كېرەك بولغان ئىشلار نېمىلەر؟
   بىز خۇمار بولۇپ قالغان.بۇ ھەر زامان مۇشۇنداق.ئۆزىمىزنى چۈشەنگەن بولساق بۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالمايتتۇق.يولنى ۋە مېڭىشنى بىلگەن بىرسى،بىرلىرى قاراۋاتىدۇ دەپ مېڭىش يولىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.
   كىم ئىكەنلىكىمىزنى،يولنىمۇ،مېڭىشنىمۇ بىلمەيمىز.
   ھەممىسى بىرلىرى نېمە دەركىن دەپ ياشاۋاتقان بولسا،ئۇ ھالدا ھېچكىم ھەقىقىي ئەمەس.ھەممىسى بىر رولنىڭ ئىچىدىدۇر.ھەممىسىنىڭ ئۈستىدە نىقاب باردۇر.ھەممىسى تەڭلا ۋاقىتتا نىقابىنى ئېلىۋەتسە،خىجىل بولىدىغان بىر ھالەتمۇ قالمايدۇ.چۈنكى ھەممىسىنىڭ يالغانچىلىقى تەڭلا ۋاقىتتا ئاشكارلىنىدۇ....
...


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-3 22:34  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-3 22:35:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىماننىڭ ئىسىم-فامىلىسى تولۇق يېزىلسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش