كۆرۈش: 189|ئىنكاس: 0

مۇھەممەد تۇراپ(ت): مۇز دەريا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مۇز دەريا
(روماندىن ئارىيە)
يۈ چىيۇيۈ
مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى
بۇ رومان يۈچىيۇيۈنىڭ تۇرمۇش توغىرسىدا يېزىلغان تۇنجى رومانى ھېساپلىنىدۇ. ھېكايە قەدىمقى جوڭگونىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن بولۇپ،چىرايلىق قىز مېڭخې بىر قېتىملىق ئەمەلدار بولۇش ئىمتىھانىسىغا قاتنىشىپ غەلبە قىلماقچى بولغان. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان. مېڭخې بىر قېتىم كېچىسى ئەرەنچە ياسىنىپ،كېمىگە ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا ئۆز دادىسىنى تېپىش يولىغا ئاتلانغان. كېمە يولدا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن قار مۇزغا يۇلۇققان. كېمىدىكى ئىمتىھان بىرىدىغان ئوقۇغۇچى مېڭخې كېچىدە مۈشكۈل ئەھۋالدا سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ ئادەم قۇتقۇزىۋالغان،مۇزدا توڭلاپ يارىلانغانلىقتىن ئىمتىھانغا ئۈلگۈرۈپ بارالمىغان.مېڭخېنىڭ مېھرى شەپقىتىگە جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن بىرەيلەن ئۇنىڭ ئورنىدا ئىمتىھان بىرىپ ئەليۇلئەلا بولغان،بۇنىڭ بىلەن بىر قاتار تەسادىبىلىقلار ۋە كۈڭۈلسىزلىكلەركېلىپ چىقىپ، بىر مەيدان شىرىن مۇھەببەت ھېكايىسى مەيدانغا كەلگەن.
جەنۇبىي جوڭگودا بىر چوڭ دەريا بار بولۇپ،ناھايىتى نۇرغۇن قۇيۇق ئورمانلىق، تىك يار، خەتەرلىك ساھىللارنى كىسىپ ئۈتەتتى، ئۇ يەرلەر ناھايىتى پاكىز ئىدى.كىشىلەر دەريا بويىغا يېقىنلاشمىغانلىقتىن،ھاياتنىڭ كۈچلۈك ھىدىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلمىگەن ئىدى.
قەدىمقى جوڭگودا كىشىلەر «ئاتا ئانىسى تەل بولسا يۇرت ئاتلىماس»دىگەن كوڭزىچىلىق تەلىماتىىغا بەكرەك ئېتىقات قىلاتتى. دۆلەت «دېھقانچىلىققا ئەھمىيەت بىرىپ سودىنى توسۇش» سىياسىتىنى يولغا قويۇلغانلىقتىن، دەريادا قاتنايدىغان كېمىلەرمۇ ناھايىتى ئاز ئىدى. شۇڭا بۇ يەر كەڭ ۋە تېپتېنىچ ئادىمىزات ئايىقى تەگمىگەن يەرلەر ئىدى.
نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، ئاۋام خەلقنى ھۆرمەتلەش سىياسىتى يولغا قۇيۇلغان بولۇپ، ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىسى ئېلىنغان. ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىسى تۈزىمى مەملىكەتلىك كۆلەمگە ئىگە مۈلكى ئەمەلدارلارنى تاللاپ ئۆستۈرىدىغان تۈزۈم بولۇپ، بۇ جوڭگودا جوڭگو ئەرلىرىنى تەرەققىياتقا ئىنتىلدۈرىدىغان بىردىن بىر چىقىش يولى ئىدى. ھەر قانداق ئەرلەر پەقەت مەدەنىيەت ئىمتىھانىسىدىن ئۆتسىلا،ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلىق ۋەزىپىسگە تەيىنلىنەتتى. ئۇنداق بولمىغاندا تېرىقچىلىق قىلىش پاتقىغىغا پېتىپ يۇرتىدا ئۈلۈپ كېتەتتى. نۇرغۇن ئەرلەر زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىمتىھان بىرىپ ئادەمدەك ياشاش ئۈچۈن تىركىشەتتى. شۇڭا ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئېلىنىدىغان ئىمتىھان ئومۇمى خەلقنىڭ بىر خىل ئارزۇسى،ھەم ئومۇمى خەلقنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان بىر خىل ئەپسانىسى بولۇپ قالدى.
ئەشۇ تالىپلار توغىرسىدا قانچىلىك ھېكايىلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئېنىق ساناپ بەرگىلى بولمايدۇ. بۈگۈنكى گەپ ئىككى موماي توغىرسىدا سۆزلىنىدۇ، ئۇنىڭ بىرى ۋېي خانىم،يەنە بىرى خۇ خانىم بولۇپ، بۇ ئىككى خانىم ئەرلىرىنىڭ دېڭىز قاراقچىلىرىغا زەربە بىرىشىگە ياردەملىشىپ چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەنلىگى ئۈچۈن،خان تەرپىدىن «ماندات خانىم» دىگەن ئىنئامغا ئېرىشكەن. ھازىر بۇ ئىككى ئەر ۋە خان ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ،بىراق ئۇلار ئاسان قولغا كەلمىگەن بۇ شەرەپنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈپ يۈرەتتى.
ئىككى خانىمنىڭ ھاياتىغا نەزەر سالغىنىمىزدا،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى كۆزكۆز قىلىشقا پۇرسەت تاپالمىغانلىقىدەك كۈڭۈلسىز بىر ئىشقا يۇلۇققان ئىدى.
نىمىگە ئاساسەن ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىنى ئەرلەر بىرىدىكەن،ئەگەر ئاياللارنى ئىمتىھان بېرىشكە رۇخسەت قىلسا،بىز قانداق بولۇپ كەتكەن بولاتتۇق؟بۇ ئۇلارنىڭ يېشى بىر يەرگە بېرىپ قالغاندا دائىم دەيدىغان نازارلىق سۆزى ئىدى.
بىر قېتىم خۇ خانىم يېقىنقى بىر قانچە نۆۋەتلىك ئەليۇلئالالارنىڭ ئىمتىھان سۇئالىنىڭ كۈچۈرۈلمە نۇسخىسىنى قولىغا ئېلىپ كۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قاقاھلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ،بۇ جۇجو بۇيىچە بىرىنچىلىككە ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئىمتىھان قەغىزىما؟ خۇاشا مىللىتىدىن ئىمتىزاندىن ئۈتۈدىغانلار چىقمىسا ئاسمان زىمىنمۇ مازاق قىلىدۇ جۇمۇ،دېدى.
ئۇ تەختىرۋانغا ئولتۇرۇشنى كېمىگە ئولتۇرۇشقا ئالماشتۇردى.ھەمدە چېي خانىمنى تېپىپ مەسلەھەتلىشىىش ئارقىلىق،چىرايلىق قىزلارنىڭ ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىسىغا قاتنىشىشىنى ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان ئىككى ئايماق دائىرسىدە ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى. چىرايلىق قىزلارنىڭ ئەمەلدارلىق ئىمتىھانى ئەرلەرنى ئېزىزلەپ ئاياللارنى خار كۈرۈشتەك ئەجداتلارنىڭ قائىدە يۇسۇنلىرىغا خىلاپ بولغاننىڭ ئۈستىگە، يەنە ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىنىڭ قائىدىسىگە خىلاپ ئىدى. بىراق بۇ ئىككى خانىمنىڭ سالاھىيىتى ئۇلارنى مۇشنداق قىلىدىغان سالاھىيەتكە ئىگە قىلغان ئىدى. قەدىمقى جوڭگودا مەيلى قانداق سۇرۇندا بولۇشتىن قەتئىنەزەر، مومايلار ئوتتۇرغا چىقسا ئاسمان زىمىنمۇ تەۋرەپ كېتەتتى.بىراق نىمىلا دىگەن بىلەن بۇلار دىگەن يەنىلا«ماندات خانىم»دە.
بۇ قېتىملىق چىرايلىق قىزلارنىڭ ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدا ئۈچ قېتىم تاللاش ئارقىلىق مېڭخې ئىسىملىك بىر قىز ئۇتۇپ چىقتى.
بۇ نەتىجە چىققاندىن كېيىن خۇ خانىمدا يېڭى بىر پىلان پەيدا بولدى.  ئۇ ئاۋال قول ئاستىدىكى مۇلازىمنى مېڭخېنىڭ تەققى تۇرقىنىڭ قانداق ئىكەنلىگىنى كۈرۈپ كىلىشكە ئەۋەتىپ ناھايىتى  قالتىس جاۋاپقا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن مېڭخېنى ئاۋات شەھەر رايۇنىدا كۆز كۆز قىلىپ، بۇ چىرايلىق قىز ئۈچۈن شان شەرەپنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولدى. ۋېي خانىمنىڭ جاسارىتى تېخىمۇ چوڭ بولغاچقا،ئۇ خۇ خانىمغا ئۇختۇرۇش قىلىپ، ئىككىسى ياش ۋاقتىدا ئەڭ ياخشى كۈرگەن ھەم كىيىشكە پېتىنالمىغان كىيىمىدىن ئون يۈرۈش تاللاپ،مېڭخېغا كەيدۈرۈپ ئۇنى كۆزكۆز قىلماقچى بولدى.
چىرايلىق قىزلارنىڭ ئەمەلدارلىق ئىمتىھانى ئەسلىدىنلا يىراق يېقىننى تەۋرەتكەنكەنلىگى،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قېتىم چىرايلىق كىيىمنى  نامايەن قىلىش ئېلانىدىن ئۇ كۈنىدىكى ئەھۋالنىڭ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولاتتى. بۇ بەلكىم جوڭگو  تارىخىدىكى كەم تېپىلىدىغان گۈزەللەرنى تاللاش مۇراسىمى بولسىمۇ،بىراق مۇراسىمدىكى باش پېرشۇناز پەقەت بىرلا ئادەم بولۇپ،ئۇ بولسىمۇ مېڭخې ئىدى.
ئىككى خانىم ئۆزلىرىنىڭ ياش ۋاقىتىدىكى تەققى تۇرقىدىن ناھايىتى رازى بولۇشتى. ئۇلار سەھنە ئاستىدىكى ئۈزۈلمەي چېلىنىۋاتقان چاۋاكلارنىڭ ئۆزلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىشتى. شۇڭا ئۇلار تۇرۇپلا ماغدۇرىدىن قالغانلىقىنى خىجىللىق ئىچىدە ئاشكارىلىدى. جاھاندىكى بارلىق ئاياللارغا ئوخشاش بىردىنلا تارتىنىپ يۈزى قىزارغان ھالدا ئەتراپىدىكى قىزلارغا ئوغۇرلۇقچە قاراشتى. ئىككى خانىم بىربىرىگە ئوغۇرلۇقچە قاراش داۋامىدا ئۆزلىرىنىڭ يېشىنى يېڭىۋاشتىن ئېسىگە ئېلىپ،قايتا خىجىل بولمىدى.
سەھنە ئاستىدىكى تاماشىبىنلار ئىككى خانىمغا دىققەت قىلمىغان ئىدى. بۈگۈن تاماشىبىنلار سەھنىگە چىققان كۈڭۈلدىكىدەك ئايالنى كۈرۈپ  رازى بولدى. نۇرغۇن خۇتۇنلار ئەرلىرىنىڭ چىرايىنىڭ ئوتتەك قىزىپ كەتمىگىنى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ چىرايى  ئەرلىرىنىڭ چىرايىدىن بەكرەك قىزىپ كەتكەن ئىدى.
بىر پالچى ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە،شۇ كۈنىدىىن باشلاپ،ئىككى ئايماق ئىچىدىكى نۇرغۇن بەگزادىلەر،ئۇقۇمۇشلۇق زاتلار ساراڭغا ئايلىنىپ قالغانمىش.يەنى مېڭخېنى دائىم ساراڭ دەيدىغانلار شۇنداق بولۇشقانمىش.ئۇ زادى كىم؟ ئۆيى قەيەردە؟ توي قىلغانمۇ يوق؟..... دىگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ تىگى تەكتىگە يېتىشكە ئەڭ تەربىيە كۆرگەن يىگىتلەرنىڭمۇ ئەقلى يەتمەيتى.
ئىككى ئايماقنىڭ ئىچىدە ئەسلىدە 350 دىن كۆپرەك ئەلچى خۇتۇنلار بار ئىدى. بىر قانچە ئايدىن بۇيان،ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ بوسۇغۇسىدىن ئادەم ئايىقى ئۈزۈلمىدى. بىراق بارلىق ئەلچى خۇتۇنلار مېڭخېنى تاپالماي يۈرۈشتى. ئەلچى خۇتۇنلارغا ھاۋالە قىلغان يىگىتلەرنىڭ ئۈمۈتسىزلىك بىلەن ئۇزاق ساقلىشى ئەشۇ ئەلچى خۇتۇنلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئىقتىدارسىز ھېساپلىشىغا سەۋەپ بولدى.
خاۋ پامىلىلىك بىر ئەلچى خۇتۇن بار بولۇپ،كۆپ تەرەپلىمە سۈرۈشتۈرۈگەندىن كېيىن،ئۇتۇن ساتىدىغان بىر بوۋاينىڭ ئاددى بايانلىرىدىن ئىشنىڭ بەزى تەپسىلاتلىرىنى ئاڭلىۋالدى،ئۇ ھېلىقى بوۋاينىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يېرىم ئاي ئىزدەپ ئەشۇ قاناتلىق كىچىك ھويلىنىڭ دەرۋازىسىنى تاپتى. مېڭخې بىلەن ئانىسى دەريا بويىدىكى بىر كىچىك تاغلىق كەنتتە ئولتۇراتتى. مېڭخېنىڭ ئاتىسى مېڭخې تۇغۇلغان يىلى كېمىگە ئولتۇرۇپ ئاستانىگە ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ماڭغان بولۇپ،كەتكىنىگە 20 يىل بولغان بولسىمۇ بىراق قايتىپ كەلمىگەن ئىدى.بىر ئاينىڭ ئالدىدا ئانىسى ئېغىر كېسەل بىلەن تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتكەن بولغاچقا،ھازىر مېڭخې ئۆزى يالغۇز ياشاۋاتاتتى.
مېڭخېنىڭ ئانىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىگىكىنى خاۋ پامىلىلىك ئەلچى خۇتۇن بىلگەچكە مېڭخېنىڭ ئاپىسىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ياردەملەشتى. ئۇ دەپىن قىلىش ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقاندا ئەلچىلىك قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇ يەرنىڭ ئادىتى بۇيىچە، قارىلىق تۇتۇش ۋاقتى 7 نى ھېساۋات بىرلىگى قىلغان بولۇپ،7 يەردە 7 بولغاندا 49 كۈن بۇلاتتى.شۇنىڭ بىلەن قارىلىق تۇتۇش ۋاقتى توشاتتى.شۇڭا 50-كۈنى كەچتە خاۋ پامىلىلىك ئەلچى خۇتۇن مېڭخېنىڭ دەرۋازىسىنى چەكتى.
ئىشلار شۇنداق جىددى بولۇپ كەتتى، خاۋ پامىلىلىك ئەلچى خۇتۇن بىر توپ يىگىتلەرنى باشلاپ كەلگەن ئىدى.49 كۈنلۈك قارىلىق تۇتۇش مەزگىلىدە نۇرغۇن ئادەملەر توپلاندى.بىراق بۇ بىر توپ كىشىلەر ئالاھىدە توپتىكى كىشىلەر بولۇپ، ئەتىسى كېمىگە ئولتۇرۇپ ئاستانىگە ئىمتىھان بىرىشكە بارىدىغانلار ئىدى.ئەينى ۋاقىتتا جوڭگولۇق ئەرلەرنىڭ ئەڭ ئالىي غايىسى «بىر ھوجرىغا كىرىپ شام يېقىش،ئەمەلدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەنلەرنى ئېلان قىلغان تاختىدا ئىسمى بولۇش»تىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك غايە ئىدى. بۇنداق دىگەنلىك بىر ياخشى ئايالغا ئۆيلۈنۈپ،بىر ياخشى ئورۇنغا ئىمتىھان بىرىپ ئۈتۈش دىگەنلىك ئىدى. بۇ ئىككى تۈرلۈك ئىشنى ياش ۋاقتىدا بىرلا ۋاقىتتا بېجىرسە كاۋاپمۇ زىخمۇ كۆيمەيدىغان ئىش بولاتتى.شۇڭا ئۇلار كېمىگە ئولتۇرۇشتىن بورۇن مېڭخې بىلەن كۈرۈشۈپ،ئاندىن مېڭخېنى تاللاشقا قويۇپ،ئاندىن ئوردىنىڭ تاللىشىغا قۇيۇشنى ئويلايتى.
«نۇر گېزىتى» نىڭ 2014-يىلى 26-دېكابىردىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
冰河
(长篇小说节选)
余秋雨
此书为余秋雨写作生涯首部长篇小说。故事发生在中国古代的南方,美丽的女子孟河在一次“淑女乡试”中拔得头魁,引来大批追求者,然而她暗中女扮男装,乘船踏上了去京城寻找生父的路途。途中,船只突遇冰雪。在绝境中,船上的考生金河深夜凿冰救人,却因冻伤无法赶考。孟河为报恩情冒名代考,却中了状元,引出一连串扑朔迷离的意外和磨难,留下一段沉香般的爱情传说。
地点在中国南方,那里有一条大河,穿越很多密林、峭壁、险滩,却依然洁净。人们还没有靠近河岸,就能闻到一股强大的生命气息。
在中国古代,大家信奉“父母在,不远游”的儒家伦理,国家又实行“重农抑商”的政策,因此在河流上很少有远行的船只,永远是波阔浪静、人迹杳然。
千百年来,朝野推崇的远行,仅是三年一度的科举考试。科举考试,是全国规模的文官选拔制度。这也是中国男子企求发达的唯一出路。任何男子,只要通过一场文化考试,就能担任各级官员。否则,只能埋首耕稼,老死乡间。这一来,很多男子的毕生精力,就是拼考试,一直拼到人不像人。因此,这三年一度的远行,既是一种全民的梦幻,又是一种全民的荒诞。
那连绵的书生风帆带出过多少故事?实在不能尽数。今天故事的起点,是两位老太太。一位是戚太太,一位是胡太太,都因为辅佐丈夫抗击海盗有大功,被先皇颁封为“诰命夫人”。现在,两位丈夫和颁封的先皇都已不在人世,她们只在享用来日无多的尊荣。
回顾平生,她们只有一件事不痛快,那就是没有机会显示她们的文化等级。
“凭什么科举考试只考男子?如果允许女子参试,你我会是什么模样!”这是她们晚年最常发的抱怨。
有一次,胡老太拿到了近几届状元试卷的抄本,看完哈哈大笑,说:“这是九州上下第一名?连天地也要嘲笑华夏无人!”
她坐轿换船,找到了戚老太,几经商议,决定举办一次“淑女乡试”,范围就在她们所在的两府之内。
“淑女乡试”,既违背了男尊女卑的祖训,又冲撞了科举考试的铁则。但她们的身份使她们有资格这么做。在中国古代,不管在什么场合,老祖母出来,天摇地动,何况还是“诰命夫人”。
这次“淑女乡试”,经过三轮筛选,终于让一个叫孟河的女孩脱颖而出。
有了这个结果,胡老太又有了新主意。她先让手下的女侍去看看孟河长相如何,得到的回答是非常出色。于是,她决定要在闹市区搭台展示,为淑女再争风光。
戚老太魄力更大,她通知胡老太,把两人年轻时最喜爱却又不敢穿的服装裙袍各选十套,让孟河一次次穿上现身。
由于“淑女乡试”本来就牵动远近,再加上这次丽服展示的预告,可以想象,那天的盛况是多么惊人。这可能是整个中国历史上少有的选美典仪,而典仪的主角只有一人,那就是孟河。
两位老太太很满意看到了年轻时的自己。她们只觉得台下的一声声欢呼都与自己有关,因此还不时地露出苍老的羞涩。像天下的一切女性一样,一羞涩,就会红着脸偷看旁边的女人。两位老太太在相互偷看中重新想起了自己的年龄,才不再羞涩。
台下民众没有注意两位老太太,让大家感到满意的是,今天在台上看到了梦想中的女神。很多妻子都在防范着丈夫灼热的目光,而自己的目光却比丈夫更加灼热。
据一位算命先生说,从那天起,两府之内大批的公子、才子、浪荡子,全都成了傻子,也就是经常把孟河挂在嘴边的傻子。
她究竟是谁?家在哪里?有无婚配?……这一连串的问题,连最有修养的男子都在捉摸。
两府之内,本有媒婆350多人。几个月下来,她们家的门槛快要被踩平了。但是,几乎所有的媒婆都找不到孟河。托媒的男子一次次久等无望,使得那些媒婆也只好直言自己无能为力。
只有一个姓郝的媒婆,在多方打听之后,从一个卖柴老汉的粗粗描述中听出了一些端倪。她顺着那个老汉的指点,经过半个月的蹲守,确认了那扇小院的门。
孟河和母亲,住在河边的一个小山村里。父亲在孟河出生那年坐船到京城参加科举考试,但一去整整二十年,再也没有回来。就在一个多月前,母亲突患重病离世,现在孟河完全是单身一人过日子了。
孟河的母亲去世,郝媒婆是知道的,她还帮助料理了后事。她知道,治丧期间绝对不能做媒。按当地风俗,丧期以“七”为计算单位,到了七个“七”,也就是49天,丧期就满了。所以,第50天的那个晚上,郝媒婆来敲孟河的门。
事情实在是很急了,她带来了一群新的追求者。49天丧期囤积下了一大批,而这群人更特殊,明天就要搭船到京城赶考。
那时的中国男子,最高的人生理想是两项:“洞房花烛夜,金榜题名时。”也就是娶到一个好妻子,考上一个好位子。这两件事,最好都在年轻时一起办妥,两全其美。因此,他们都想在上船前见见孟河。先让孟河选,再让朝廷选。
(摘自《冰河》,北京联合出版公司2014年12月出版)
《光明日报》(2014年12月26日15版)

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش