كۆرۈش: 219|ئىنكاس: 0

مۇھەممەد تۇراپ(ت): لۇشۈننىڭ ياپۇنغا قارشى تۇرۇشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
لۇشۈننىڭ ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشى

لىيۇ جامېن

مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى

لۇشۈن ئەپەندى 1936-يىلى 19-ئۆكتەبىر ۋاپات بولغان بولۇپ، ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتىلىغان 1937-يىلى 7-ئىيۇلغىچە بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بار ئىدى. شۇڭا  بۇ ئەھمىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، لۇشۈن ئەپەندى ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئومۇمىيۈزلۈك ئۇرۇشنى بېشىدىن كەچۈرمىگەن ۋە بۇ مەزگىلدە چوڭ نەتىجە ياراتمىغان. بىراق 1931-يىلىدىكى 18-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن 1937-يىلىدىكى ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئومۇمىيۈزلۈك پارتلىغىچە بولغان ئارلىقتا مەدەنىيەت ساھەسىدە ئالىي مەكتەپ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ۋە يەرلىكتىكى قوراللىق ئەل ئىچىدىكى ياپۇنغا قارشى ئۇرۇشنى ئەزەلدىن توختاپ قالمىغان.
لۇشۈن مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتىكى يادرولۇق شەخىسلەرنىڭ بىرى.
لۇشۈن،شېن دۇەنشەن ۋە پېڭ نەيچاۋ قاتارلىقلار 1930-يىلى 2-مارت قۇرۇلغان جوڭگو سولقانات يازغۇچىلار بىرلەشمە ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق تەشەببۇسچىلىرى ئىدى. قۇرۇلۇش مۇراسىمىدا لۇشۈن يازغان «سولقانات يازغۇچىلار بىرلەشمە ئىتتىپاقىغا پىكىر»ناملىق داڭلىق نۇتۇق سولقانات يازغۇچىلار بىرلەشمە ئىتتىپاقىنىڭ پىروگىرامىسى دەپ قارالغان. سولقانات يازغۇچىلار بىرلەشمە ئىتتىپاقى ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللى بىرلىكسەپتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان مەدەنىيەت تاشكىلاتى بولۇپ،ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى جوڭگونىڭ ھازىرقى زامان ئەدىبىيات تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقە ھېساپلىنىدۇ. لۇشۈن ئۆزىنىڭ قەلەم ھەققىنى سولقانات يازغۇچىلار بىرلەشمە ئىتتىپاقىنىڭ پائالىيەت خىراجىتى قىلىشقا ئىئانە قىلغان.1931-يىلى 18-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، سولقانات يازغۇچىلار بىرلەشمە ئىتتىپاقىنى يادرو قىلغان ۋەتەنپەرۋەر ئەدىبىيات سەنئەت خىزمەتچىلىرى ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.15 -ئۆكتەبىر سولقانات يازغۇچىلار بىرلەشمە ئىتتىپاقى ئىجرايە كومۇتېتى «پورولتارىيات ئىنقىلابى يازغۇچىلىرى ۋە بارلىق ئەدىبىيات سەنئەتكە قىزىقىدىغان ياشلارغا»ناملىق خىتاپنامىنى ئېلان قىلىپ،ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرىغا ئېتىراز بۈلدۈرگەن؛ سولقانات يازغۇچىلار بىرلەشمە ئىتتىپاقى بىلەن گۈزەل سەنئەت  تەتقىقات جەمىيىتى بىرلىشىپ تەھرىرلىگەن چاتما رەسىم «شەرقتىكى ئەجنەبىلەرنىڭ ئەسكەر چىقىرىشى» مۇ شۇ ئايدا نەشىر قىلىنىپ، ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ جوڭگوغا قاراتقان جىنايى ھەركىتىنى يۈرەكلىك بىلەن پاش قىلغان. 1932-يىلى يانۋاردا شاڭخەيدىكى ھەر ساھە خەلقنىڭ ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەنى قۇتقۇزۇش بىرلەشمىسى قۇرۇلغان بولۇپ، سولقانات يازغۇچىلار بىرلەشمە ئىتتىپاقى ۋەكىل ئەۋەتىپ قاتناشتۇرغان،ھەمدە يازغۇچىلارنى ئالدىنقى سەپكە زىيارەتكە بېرىپ ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى تەشۋىقات ماقالىسى يېزىپ،جەڭگىۋارلىق روھىنى ئۇرغۇتۇپ، دۈشمەنگە قارشى سەپتە تۇرۇشقا ئەۋەتكەن.1932 -يىلى 28-سىنتەبىر ياپۇن باسقۇنچىلىرىنىڭ شەرقي شىمالغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا ئېتىراز بۈلدۈرۈش ئۈچۈن، سولقانات يازغۇچىلار بىرلەشمە ئىتتىپاقى«خەلقئارا پۇرولىتارىيات ۋە ئەمگەكچى خەلقنىڭ مەدىنىيەت تەشكىلاتىغا »ناملىق خىتاپنامىنى ئېلان قىلغان.15-ئۆكتەبىر سولقانات يازغۇچىلار بىرلەشمە ئىتتىپاقى ئىجرايە كومۇتېتى «پورولتارىيات ئىنقىلابى يازغۇچىلىرى ۋە بارلىق ئەدىبىيات سەنئەتكە قىزىقىدىغان ياشلارغا»ناملىق خىتاپنامىنى ئېلان قىلىپ،ياپۇن تاجاۋۇزچىلىرىغا ئېتىراز بۈلدۈرگەن.
لۇشۈن سولقانات يازغۇچىلار بىرلەشمە ئىتتىپاقىنىڭ پائالىيىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن قوللىغاندىن سىرت يەنە باشقا ئۇقۇمۇشلۇق زاتلار بىلەن بىرلىشىپ خىتاپنامە ئېلان قىلىپ،ياپۇنىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ جوڭگولۇقلارنى قىرغىن قىلىش قىلمىشىغا ئېتىراز بۈلدۈرگەن.1932-يىلى 2-فېۋرال لۇشۈن قاتارلىق 43 نەپەر كىشى «شاڭخەيدىكى مەدەنىيەت ساھەسىنىڭ دۇنياغا خىتاۋى »نى ئەمزالىق ئېلان قىلىپ،،ياپۇن باسقۇنچىلىرىنىڭ شاڭخەيگە ھۇجۇم قىلغانلىقىغا ئېتىراز بۈلدۈرگەن. 1932-يىلى 7-فېۋرال لۇشۈن قاتارلىق 129 نەپەر ۋەتەنپەرۋەر زات بىرلىشىپ«جوڭگودىكى ئاپتورلارنىڭ ياپۇن قۇشۇنلىرىنىڭ شاڭخەيگە ھۇجۇم قىلىپ ئاممىنى قەتلى قىلغانلىقىغا ئېتىراز بۈلدۈرۈش ختاپنامىسى »نى ئېلان قىلغان.
ياش يازغۇچىلارنىڭ ياپۇنغا قارشى تۇرۇش مەزمۇنىدىكى ئەسەرلىرىنى پائال تۇنۇشتۇرۇش لۇشۈننىڭ ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشتىكى يەنە بىر خىل ئۇسۇلى ھېساپلىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئەدىبىيات ساھەسىنىڭ سەركىسى ھېساپلانغان لۇشۈننىڭ بىر ئېغىز سۆزىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان.ئۇ ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تېمىسىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى زور كۈچ بىلەن تۇنۇشتۇرۇپ، ئەدىبىيات سېپىگە يېڭىدىن قۇشۇلغان بىر تۈركۈم ياشلارنى تېز سۈرئەتتە باش كۆتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان.1935-يىلى ئاۋغۇست ۋە دىكابىردا شىياۋجۈننىڭ «ئاۋغۇستتىكى يېزىلار» ۋە شۇ خوڭنىڭ «ھايات ماماتلىق مەيدان» ناملىق رومانلىرى لۇشۈننىڭ ياردىمى ئارقىسىدا ئاخىر نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان. نامى چىقمىغان شەرقىي شىمالنىڭ لۇنشەن رايۇنىدىن كەلگەن بۇ ئىككى نەپەر يازغۇچىنىڭ رومانىغا لۇشۈن ئۆز قەلىمى بىلەن مۇقەددىمە يېزىپ بىرىپ يۈكسەك باھا بەرگەن. «ھايات ماماتلىق مەيدان» ناملىق روماننىڭ مۇقەددىمىسىدە لۇشۈن شۇ خوڭ تەسۋىرلىگەن شىمالدىكى خەلقنىڭ ھاياتلىققا بولغان قەيسەرلىگى،ماماتلىققا بولغان جان تالىشىشىنىڭ كۈچلۈكلىگىنى ماختىغان؛ ئاياللارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەنگەن ئىنچىكە تەپسىلاتلارنى كۈزىتىپ ۋە بەزى ھالقىلارغا كۆركەملىك ۋە يېڭىلىق قوشقان.گېچىننىڭ «چېكىنىش»ناملىق ھېكايلار توپلىمىدا شاڭخەيدىكى ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ 1932-يىلى يانۋاردىن مارتقىچە بولغان«سۇڭجاڭ-شاڭخەيدىكى ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش»تىكى قەھرىمانلىق ئىپادىسى بىرقەدەر ھەقىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. لۇشۈنمۇ مۇقەددىمە يېزىپ بۇنى مۇشۇ دەۋىردە مەيدانغا كەلگەن ئەسەر دەپ ماختىغان.
لۇشۈن يەنە ئەدىبىيات ساھەسىنىڭ ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مىللى بىرلىكسەپ قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلغان. 1936-يىلى 1-ئىيۇن لۇشۈن ۋە پېڭ شۈېپېڭ قاتارلىقلار «مىللى ئىنقىلاۋى ئۇرۇشنىڭ ئاممىۋى ئەدىبىيات شۇئارى»نى مەسلەھەتلىشىپ بېكىتكەن.15-ئىيۇن«كېچىدىكى تورغاي»نىڭ 4-سانىدا «مىللى ئىنقىلاۋى ئۇرۇشتىكى ئاممىۋى ئەدىبىيات»ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلىپ، «مىللى ئىنقىلاۋى ئۇرۇشتىكى ئاممىۋى ئەدىبىيات» نى ماختىغان.1-ئىيۇل لۇشۈن«بىزنىڭ ئەدىبىيات ھەركىتىمىز توغىرسىدا» ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلىپ، پورولتارىياتنىڭ ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرلىكسەپتىكى رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تەكىتلەپ،«مىللى ئىنقىلاۋى ئۇرۇشتىكى ئاممىۋى ئەدىبىيات»نىڭ باش شۇئارىنىڭ «دۆلەت مۇداپىيە ئەدىبىياتى»دا ئىختىيارىچە ئۆزگۈرىدىغان كونكىرىت شۇئار ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلغان.شۇ كۈنى لۇشۈن «تىروتسىكچى تەرەپدارلىرىنىڭ خېتىگە جاۋاپ»نى ئېلان قىلىپ، تىروتسىكچى تەرەپدارلىرىنىڭ ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرلىكسەپكە قارشى تۇرۇش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىكى ھەركىتىنى ئەيىپلىگەن،ھەمدە مۇشۇ زىمىندا جوڭگو خەلقىنىڭ ھاياتىىنى قۇربان قىلىپ ۋە قان تۈكۈپ كۈرەش قىلغانلىقىنى نامايەن قىلىپ،بۇ يولداشلاردىن ئۆزىنى شەرەپ قېس قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.15-ئاۋغۇست لۇشۈن «ياغۇچىلار» ژورنىلىدا «شۈ ماۋيوڭنىڭ ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى بىرلىكسەپ توغىرسىدىكى سۇئالىغا جاۋاپ »نى ئېلان قىلىپ، يازغۇچىلارنىڭ ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش بايرىقىنىڭ ئاستىدا بىرلىشىپ،ياپۇنغا قارشى بىرلىكسەپنى ياپۇنغا قارشى ھەرقانداق كۈچنىڭ قوبۇل قىلىدىغانلىقى،شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا ئەدىبىياتمۇ ھەر قانداق كىشىلەر ئوتتۇرغا قويغان يېڭى پىكىرلەر توغىرسىدىكى مۇزاكىرىلەرنى سىغدۇرالايدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى سولقاناتچىلارنىڭ «مىللى ئىنقىلاۋى ئۇرۇشتىكى ئاممىۋى ئەدىبىيات شۇئارى» بىلەن ئوڭ قاناتچىلارنىڭ «دۆلەت مۇداپىيە ئەدىبىياتى»دىن ئىبارەت بۇ ئىككى شۇئارنىڭ مۇھىم نوقتىسى ئوخشىمايدۇ،بۇلار ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش بايرىقى ئاستىدا بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇدۇ،دەپ قارىغان. ئۇ ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش بايرىقى ئاستىدا،ھەر قايسىلىرىنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىگى ۋە ئىدىيەۋى ئېڭىنى ساقلاشنى تەشەببۇس قىلىپ،بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىكنى ۋە ئۇ بولسىمۇ ياكى بولمىسىمۇ مەيلى دىمەسلىكنى ئۈمۈت قىلغان.
1936-يىلى 1-ئۆكتەبىر ۋاپات بولىدىغانغا 18 كۈن قالغاندا تېنى ئاجىزلاپ كەتكەن لۇشۈن 21 ئادەم بىلەن بىرلىشىپ«ئەدىبىيات سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىتىپاقلىق ئۈچۈن ھەيۋە قىلىش ۋە مۇنازىرە ئەركىنلىكى خىتاپنامىسى»نى ئېلان قىلىپ،«مەملىكەت بۇيىچە ئەدىبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ كونا يېڭى تەرەپدارلارنى ئايرىماي،ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىرلىشىشى»نى تەشەببۇس قىلغان. مىللى ھەقىقەت ئالدىدا،لۇشۈن قىلچە ئىككىلەنمەي ئىتتىپاقلىق ئۈچۈن ھەيۋە قىلىشنىڭ يۈكسەكلىگىدە تۇرغان. بۇلار مەدەنيەت ساھەسىنىڭ ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش ئومۇمىيۈزلۈك پارتلىغاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە ئىدىيەنى بىرلىكە كەلتۈرۈپ،كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئۇرۇشقا پائال تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان.
«نۇر گېزىتى»نىڭ 2015-يىلى 2-سىنتەبىردىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.

鲁迅的抗战

刘加民

鲁迅先生是1936年10月19日去世的,距离全面抗战爆发的1937年7月7日,还有1年多的时间,所以从这个意义上讲,鲁迅先生没有经历全面抗战,也就没有在此期间有所作为。但是,从1931年“九一八事变”到1937年全面抗战爆发,文化界的、大中小学里的、地方武装的“民间抗战”,从来没有停止过。
鲁迅就是文化界抗战的核心人物之一。
创立于1930年3月2日的中国左翼作家联盟,主要发起人有鲁迅、沈端先、冯乃超等。在成立大会上,鲁迅所作的著名演讲——《对于左翼作家联盟的意见》,被认为是左联的纲领。左联是后来在抗日民族统一战线中发挥重要作用的文化社团,它的成立是中国现代文学史上的重要事件。鲁迅还将自己的稿酬捐给左联作为最初的活动经费。1931年“九一八事变”之后,以左联为核心的爱国文学艺术工作者进行了大量的抗日工作。10月15日,左联执委会发表《告无产阶级革命作家及一切爱好文艺的青年们》宣言,抗议日本侵略者;左联与美术研究会联合编辑的连环图画《东洋人出兵》也同月出版,大胆揭露日本侵华的罪行。1932年1月,“上海各界民众反日救国联合会”成立,左联派代表参加,并安排作家深入前线采访,撰写抗日宣传文章,鼓舞士气,同仇敌忾。1932年9月28日,为抗议日本侵占东北,左联发表《告国际无产阶级及劳动民众的文化组织书》,10月15日,左联执委会发表《告无产阶级作家革命作家及一切爱好文艺的青年》,抗议日本侵略。
除了积极支持左联的活动外,鲁迅还与其他知名人士联合发表宣言,对日本的侵略和屠杀中国人的行为进行抗议。1932年2月4日,鲁迅等43人联名发表《上海文化界发告世界书》,抗议日本进攻上海。1932年2月7日,鲁迅等129名爱国人士联合发表《中国著作者为抗议日军进攻上海屠杀民众宣言》。
积极推介年轻作家的抗日作品,是鲁迅积极参与抗战的另一种方式。作为当时文坛的主将,鲁迅一言九鼎。他大力推介了一些抗战题材的文学作品,使一批文学新人快速崭露头角。1935年8月和12月,萧军的小说《八月的乡村》和萧红的小说《生死场》在鲁迅的帮助下,终于出版发行。鲁迅为这两个名不见经传的来自东北沦陷区的年轻作家,亲写序言,高度评价。在为《生死场》所作的序言中,鲁迅称赞萧红所描写的“北方人民对于生的坚强,对于死的挣扎却往往已经力透纸背;女性作品的细致的观察和越轨的笔致,又增加了不少明丽和新鲜。”葛琴的《总退却》短篇小说集,比较真实地反映了上海军民在1932年1到3月“淞沪抗战”中的英勇表现,鲁迅也为之作序,盛赞其是“这一时代的出产品”。
鲁迅还领导了文学界抗日民族统一战线的建设。1936年6月1日,鲁迅、冯雪峰等商定了“民族革命战争的大众文学口号”。6月15日,《夜莺》第四期刊出《民族革命战争的大众文学》,发表鲁迅等赞同“民族革命战争的大众文学”的文章。7月1日,鲁迅发表《论现在我们的文学运动》,强调无产阶级在抗日民族统一战线中的领导权,主张“民族革命战争的大众文学”是一个总口号,“国防文学”是“随机应变的具体口号”。同日,鲁迅发表《答托洛茨基派的信》,痛斥托洛茨基派反对和破坏抗日民族统一战线的行为,并表示:“那切切实实,足踏在地上,为着现在中国人民的生存而流血奋斗者,我得引为同志,是自以为光荣的”。8月15日,鲁迅在《作家》上发表《答徐懋庸关于抗日统一战线问题》,主张作家应在“抗日”的旗帜下联合起来,“在抗日战线上是任何抗日力量都欢迎的,同时在文学上也应当容许各人提出新的意见来讨论”,认为当时左翼的“民族革命战争的大众文学”和右翼的“国防文学”这两个口号侧重点不同,可以在“抗日”的旗帜下并存。他主张抗日旗帜下面要保持各自的文学特色和思想意识,不希望一刀切,非此即彼。
1936年10月1日,距离逝世还有18天,身体已经极度虚弱的鲁迅,仍会同21人联合发表《文艺界同人为团结御侮与言论自由宣言》,主张“全国文学界同人应不分新旧派别,为抗日救国而联合。”在民族大义面前,鲁迅毫不犹豫站到了超越派别、团结御侮的高度,这对文化界在全面抗战爆发之后能够迅速统一思想、凝聚力量、积极抗战,发挥了重要作用。
(作者单位:中国民间文艺家协会)
《光明日报》(2015年09月02日10版
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-3 20:20  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش