يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 356|ئىنكاس: 3

ئابدۇقېيۇم ئابدۇرېھىم: پىنھاندىكى كەچمىشلەر (نەسىر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پىنھاندىكى كەچمىشلەر
(نەسىر)

ئابدۇقېيۇم ئابدۇرېھىم

   زارىققان تۇيغۇلار قاقشال بولغان چۈشلىرىنى سۆرەپ، تەلمۈرگەن كۆز ياشلاردا سۆيگۈ مىلودىيىسىنى ياڭراتماقتا. ئوتلۇق نەپەسلەر ئاشىق خىياللارنى كۆيدۈرۈپ، ھىجران چۆلىدە پارات ئۆتكۈزمەكتە. مەڭدەرىگەن ئارمانلار ۋىسال كۈنلىرىگە سېغىنىپ، چوغلانغان مۇڭلىرىغا  تېۋىنماقتا باش ئۇرۇپ. چۈش بەرگىدە تامچىلىغان ئۆڭگەن خىياللار سۈپ-سۈزۈك ھەسرەتلەرنى يىمەكتە  پارچىلاپ.
ئوتلۇق تىلەكلەر شەدلىق سەيناسىدا ئۇسۇل ئوينىماقتا ۋىسال دەقىقىلىرىنى سېغىنىپ. سېغىنىشتىكى گۈلگۈن سالاملار سۆيگۈ بولدۇقلاپ تۇرغان نەپەسلىرىدە گۇگۇم قوينىدا ئۈنسىز ياش تۆكمەكتە. تەلپۈنگەن ئارمانلاردا قىيسايغان ئۈمىد شولىسى، مۇھەببەت يېغىپ تۇرغان ئوتقاشتەك لەۋلىرىڭگە تەلمۈرگىنىچە، سابالارغا دەردىنى تۆكمەكتە ياقا يىرتىپ.
ئوت بولۇپ يانغان تىلەكلەردە بىر تۇتام ھىجران ئۇخلاپ قاپتۇ سۆيگۈ يۈرىكىدە. سىمىلدىغان قاراقلاردا مۇڭ تۆكىدۇ تەنھا بىر تىۋىش.
گۇگۇم قوينىدا پىچىرلىغان دەملەر، گۈلگۈن ئازاپلارنى پارچىلاپ، ۋاقىت ياپراقلىرىغا سۆيگۈسىنى يېزىپ قويدى. چاپچىپ تۇرغان خىياللىرىم بىناۋا تۇيغۇلىرىمنى ئالداپ، كۆيۈپ تۇرغان سېغىنىشىمنى يۇلتۇزلارغا ئېسىپ قويۇپ، سۆيگۈ دوقمۇشلىرىدا تۇرار قول باغلاپ.
   چۈشەكىگەن ئۇھسىنىشلارغا يەڭگىل قونغان جىمجىتلىق، دولقۇنلۇق سائىللاردا مۈگدەيدۇ تىۋىشسىز. ئۆرتەنگەن يۈرەك ،ئىشق كۆلبىسىدە سۆيگۈ بولدۇقلاپ  تۇرغان  كۆزلىرىڭگە  تەلمۈرگىنىچە ياش تۆكۈپ، ئىنتىزار يوللىرىدا تۇرىدۇ ساپايى چېلىپ. تېڭىرقاش ھارۋىسىدا ئولتۇرغان سۇنۇق خىياللار، ۋىسال تۈنلىرىدىكى ئۇيقۇسىز  ئاقارغان تاڭلار بەرگىگە يۆلەنگىنىچە ، سۆيۈش بىلەن سۆيۈلۈشنىڭ ئوتتۇرسىدا جان تالاشماقتا.
     گۈلگۈن چۈشلەر قوينىدا ۋىلىقلاۋاتقان بىناۋا تۇيغۇلار، ئۆڭگەن ۋاقىتلارنى تىلىپ، تەلپۈنگەن ئۇپۇقلاردا تۇرىدۇ ياش تۆكۈپ. گۇگۇمغا سىرداش ئاشق خىياللار، سۆيگۈگە تولغان گۈزەل كېچىلەرگە بۆلەنگىنىچە، سۆيگۈ كۈيلىرىنى ياڭرىتىپ، سېغىنغان چۈشلەرنىڭ باغرىنى قان قىلدى. سەرسان تۇيغۇلار، چاڭقاپ كەتكەن ئارمان دېڭىزىدا تەمتىرەپ يۈرۈپ، تەنھالىق قەسىدىسىنى ئوقۇماقتا ئۆزىنى ئىزدەپ.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-3 22:29  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-9-4 18:46:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېغىنىش ئ‍وتىدا كۆيۈۋاتقان ئ‍اتەش يۈرەك ئىگىسىگە سالاملار بولسۇن !  قەلىمىڭىزگە يەنىمۇ بەرىكەت تىلەيمەن ئ‍اكا، ئ‍ىشلىرىڭىز خەيىرلىك بولسۇن !

ۋاقتى: 2015-9-5 15:57:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىرىڭىزنى بەكمۇ ياقتۇردۇم.
مۇبارەك قوللىرىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!

ۋاقتى: 2016-3-11 20:30:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىن ھىسىيات يارقىن ئىپادىسىنى تېپىپتۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش