قەلبتىكى قەبرە
(نەسىر)
قەلبىنۇر ئېلياس
ھەر بىر قەلبنىڭ زىمىنىدا , بىردىن قەبرىستانلىق بار .
ئادەملەر بىر كىملەرنى سۆيۈپ قالىدۇ ۋە كىملەرنىدۇ سۆيگۈ قىلىچىدا قەتلە قىلىپ ئاندىن ئۇنى دەپنە قىلىدۇ قەلبلەرنىڭ چوڭقۇر قېتىغا ...
ئەمما قەلبدىكى قەبرىستانلىقتىن ئۆلۈم ھىددى پۇرىمايدۇ پەقەت مۇھەببەتنىڭ ئەتىر گۈلدەك پۇرىغى كېلىپ تۇرىدۇ، يۈرەكلەرنىڭ قات- قاتلىرىدىن سۆيگۈ تارايدۇ ...
قەلبدىكى قەبرىدە دەۋران سۈرىدۇ ئېغىر سۈكىنات . گاھىدى ھىجران شىۋاقلىرى ئۇنەر ئۇنىڭدىن ، سېغىنىش چىمەنلىرىمۇ يېشىللىشىپ قالىدۇ ھەتتا ، قىشنىڭ شىۋىرغانلىرىدەك ھۇۋلىسىمۇ تەغدىر ئەمما ئۆز قوينىنى تولدىرىدۇ باھارغا...
قەلبدىكى قەبرىدە شېھىت ياتىدۇ نەۋقىران ۋە ياكى بىر ساھىبجامال، ئەقىدە مومياسىدا قاتۇرۇلغاندەك... ئۇ تىلسىز ۋە ئىپادىسىز ھالدا ۋاقىتلارنى چىرىتىدۇ، ئەمما ئىپار ھىددى تاراپ تۇرىدۇ قەلب ئوردىسىدا خۇپىيانە...
قەلبدىكى قەبرىستانلىقتا پىرچەڭگى مۇزىكىسىنى چالىدۇ . قەبرىلەرنى ئارلاپ يۈرۈپ ، پەرىشتىلەرنى قايمۇقتۇرىدۇ ، ئۆلگەن بەندىلەرنى ئازاپتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن...
ھەر كىم ئۆز قەلبىنىڭ قەبرىستانلىقىدا ناخشا ئېيتىدۇ، ئۆز ئاۋازىنى جاھاندىن يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئۈنسىز ئاۋازدا...
قەلبدىكى مۇزىكا دەل ئەشۇ قەبرىستانلىقتا ئىجاد قىلىنىپ ھاياتلىق رويالىدا ئۆزىنى ئاشكارلايدۇ ، شۇڭا بۇ تىلسىم قەبرىلەرگە بىزنىڭ روھىمىز ئۇچۇپ كىرىپ –چىقىپ تۇرىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-31 20:24