كۆرۈش: 872|ئىنكاس: 0

تۇراخۇن ئابلىز دولان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                   تۇراخۇن ئابلىز دولاننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى


turajan.jpg


  تۇراخۇن ئابلىز دولان 1980-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى مەكىت ناھىيەسىنىڭ يانتاق يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1987-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 2000-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ تارىخ فاكۇلىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ، 2005-يىلى 7-ئايدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. 2005-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ مەكىت ناھىيەلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپتە تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.
  تۇراخۇن ئابلىز دولاننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى «قەشقەر گېزىتى»نىڭ 2005-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان «مىللىي ئەنئەنىمىزگە <كىر> قونمىسۇن» ناملىق ماقالىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ «جۇڭگو مىللەتلىرى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»، «پەن ۋە تۇرمۇش»، «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرىستېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، «شىنجاڭ مائارىپى»، «دولان مەدەنىيىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا «ئېسىل ئادەتلىرىمىز مەڭگۈ نۇرلانسۇن»، «ئوقۇتقۇچىلىق ئوبرازىمىز تېخىمۇ نۇرلانسۇن»، «ھايات ھەققىدە ئويلار»، «ئايجامال گاسىلغا ئوچۇق خەت»، «ئەركەكلىك توغرىسىدا ئويلار»، «مەھمۇد يۇرتىغا سەپەر»، «ئاياللار گۈزەللىك ئىزدەۋاتامدۇ ياكى...»، «ئاتا ئارزۇسى»، «قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرىدىكى مەدەنىيەت ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە»، «ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تارىم رايونىدىكى يىپەك يولىنىڭ خارابلىشىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللار توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە»، «مائارىپىمىزدىكى ئەجەللىك يوچۇق»، «‹رېئاللىق ۋە رىۋايەت›تىن رېئاللىقىمىزغا نەزەر» قاتارلىق 24 پارچە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.
تۇراخۇن ئابلىز دولان 2009-يىلى «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» ژۇرناللىرى نەشرىياتى ئويۇشتۇرغان «مۇنەۋۋەر ئاپتور»لارنى باھالاش پائالىيىتىدە «مۇنەۋۋەر ئاپتور» بولۇپ باھالانغان. ئۇنىڭ «ئېسىل ئادەتلىرىمىز مەڭگۈ نۇرلانسۇن» ناملىق ماقالىسى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا ئاڭلىتىلغان. «مائارىپىمىزدىكى ئەجەللىك يوچۇق» ناملىق ماقالىسى 2013-يىلى «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنى باھالاش پائالىيىتىدە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «مائارىپىمىز ھەققىدە ئاچچىق- چۈچۈك پاراڭلار» ناملىق ماقالىسى 2014-يىلى 5-ئايدا «شىنجاڭ مائارىپ» ژۇرنىلى بىلەن قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن يوپۇرغا ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلىق ماقالە ئوقۇش پائالىيىتىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
  تۇراخۇن ئابلىز دولاننىڭ ئىجادىيىتى ئاساسلىقى ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتى، مىللىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى ئاساسىي تېما قىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرى مەدەنىيەت، مائارىپ، كىشىلىك ئەخلاق، ئۆرپ-ئادەت، مىللىي ئەنئەنە ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.
       ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ  ۋە مەكىت دولان قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-30 08:55  


QQ截图20150830085427.png
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش