|
ئودانلىق يىزىسىدىكى يەر- جاي ناملىرى توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىش
3 E& E: q) Z% s6 O3 ]1 m+ K- \& m r% F1 T G. K* o5 Z
مەمتىمىن تۇرسۇن % Y- u+ c& j$ m9 |5 _, D( ^
1 V5 ?0 e. r0 c4 R/ q$ O8 n
ئودانلىق يىزىسى يەكەن ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىدىن 15كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان . مىللەت تەركىبى ئۇيغۇرلار ئاساسلىق ، خەنزۇ ، تاجىك ، قىرغىز ۋە ئۆزبىكلەر تارقاق ئولتۇراقلاشقان .
( C. R& l! k9 m/ |8 d9 B7 W- f# a) V9 k
ئودانلىق نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى 2 C/ h$ f/ I; V5 m) f5 {/ s1 {
3 J0 D$ g; o! K4 `! J% ^) x& s; s& `
ئودانلىق نامىنىڭ قاچان ، كىم تەرىپىدىن قويۇلغانلىقى توغرىسىدا ئىنىق تارىخى مەلۇمات يوق ؛ ئەمما كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا خەلق رىۋايەتلىرى بار . رىۋايەت قىلىنىشىچە ناھايتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى يۇرت شاھىنىڭ ئارزۇلۇق شاھزادىسى ئىغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولىدۇ ، ھەكىملەرنىڭ قىلمىغىنى قالمايدۇ ؛ ئەمما شاھزادىنىڭ ئەھۋالى تىخىمۇ ئىغىرلىشىپ كېتىدۇ . ئەنە شۇنداق شاھنىڭ بېشى غەمدىن قېتىپ تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاستانىگە دەۋرىش سۈپەت بىر كىشىنىڭ كەلگەنلىكى مەلۇم قىلىندۇ . شاھ : «مۇشۇ كىشى بىر سەۋەب قىلالىسا ئەجەب ئەمەس» دېگەن ئۈمۈدتە ئۇنى ئوردىغا چاقىرتىدۇ . دەۋرىش شاھقا شاھزادىنى ھاۋاسى يىقىشلىق ، باغۇ بوستانلىق بىر جايغا يۆتكىشىنى ئىيتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن شاھ شاھزادىگە ئىنتايىن چوڭ باغدىن بىرنى ئەھيا قىلدۇرۇپ ، ئوتتۇرىغا ساراي سېلىپ ، مۇھاپىزەتچىلەرنى قويىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ جاينى ئاۋام -خەلق «ئوردا ھويلا » دەپ ئاتايدۇ .( ئودانلىق يىزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ غەربى شىمالىغا جايلاشقان17-كەنىت ھىلھەم شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كېلۋاتىدۇ . ) كيىن كىشىلەر «ئوردا ھويلا » نىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنى «ئورداملىق » دەپ ئاتايدۇ ، كىيىن بۇ نام پۈتكۈل يۇرتنىڭ نامى بولۇپ قالىدۇ . ( S& `6 O' R5 o: H9 G- C: |
ئەمدى «ئورداملىق » نامىنىڭ قانداق بولۇپ «ئودانلىق » قا ئۆزگەرگەنلىكىنى ئىنىقلاشقا توغرا كېلىدۇ . ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق: خەلق جانلىق تىلىدا ، بولۇپمۇ يەكەن شىۋىسىدا سۆز ئارلىقىدا كەلگەن «ر» تاۋۇشى چۈشۈپ قالىدۇ ، ياكى «ي» تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىدۇ . ( مەسلەن : بىر - بى، بېرىش -بېيىش . ) ئوردا ھويلا كەنتىنى مىسالغا ئالساق شۇ كەنىتتىكى خالىغان بىر كېشىدىن« كەنتىڭىزنىڭ ئىسمى نېمە ؟ » دەپ سورالسا «ئودا ھويلا » دەپ جاۋاپ بېرىدۇ . ! a6 X5 b9 }7 Z5 ]. V f( S- R
ئەمدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە« ئوداملىق» «ئودانلىق » قا ئايلىنىپ قىلىشى . تىلشۇناسلارغا مەلۇملۇق «م،ن» تاۋۇشلىرى ئوخشاشلا جاراڭلىق ئۈزۈك تاۋۇش ؛ ھەم ھەر ئىككىلىسى دىماغ بوشلۇقىدا ياڭراپ ، دىماغ تاۋۇشلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ . شۇڭا «ئوداملىق» نىڭ «ئودانلىق » ئايلىنىپ قىلىشى «كاشغەر» نىڭ «قەشقەر»گە ئايلىنىپ قىلىشىغا ئوخشىسا كېرەك .
" H6 C* Z2 B* G! [6 ~" n4 u8 \, I4 j4 I |8 `; p
(داۋامى ئىنكاس شەكىلدە يوللىنىدۇ .)
|
|