ماۋزۇسىز
ئا. جۇدۇن
ئۈندىدارغا دۈم چۈشۇپتۇ بىر چوكان،
بىر تۈپ سېدە سايىسىدا ئولتۇرۇپ.
دەم يىغلايدۇ، دەم كۈلىدۇ شۇ تاپتا،
بوۋىقىنى ھارۋىسىدا ئۇنتۇلۇپ.
قىيا باقسام،ئەرشتىكەن ئۇ ‹‹گۈزەل››،
ئوماق بۈگۈن قاپتۇ ئاڭا يۈك بولۇپ.
ھېچبىر تىۋىش چىقماس ئەسلا ھارۋىدىن.
قالغان ئىكەن ئەسلى بوۋاق ‹‹شۈك›› بولۇپ...
2015.7.17
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-29 16:29
|