كۆرۈش: 442|ئىنكاس: 13

مۇھەممەد تۇراپ(ت): ھەر نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدىبىيات مۇكاپاتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھەر نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدىبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەر
مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى

1.نۆۋەتلىك (1982-يىلى )
ۋېيۋېينىڭ «شەرىق»ناملىق رومانى، جوكېچىننىڭ « شۈماۋ ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى»ناملىق رومانى،  ياۋ شۈېگېننىڭ «لى زىچىڭ» ناملىق رومانى، مويىڭپېڭنىڭ «سانغۇن» ناملىق رومانى ، لى گوۋېننىڭ «قىشتىكى باھار»ناملىق رومانى،گ ۇخۇانىڭ«فۇروڭ بازىرى» ناملىق رومانى.

2.نۆۋەتلىك (1985-يىلى )
جاڭجېنىڭ «ئېغىر قانات»ناملىق رومانى،لىيۇ شىنۋۇنىڭ«قوڭغۇراق ناغرا راۋىقى» ناملىق رومانى، لى جۈننىڭ«خۇاڭخې دەرياسى شەرىققە قاراپ ئاقتى» ناملىق رومانى.

3.نۆۋەتلىك (1991-يىلى )
لۇياۋنىڭ «ئاددى دۇنيا» ناملىق رومانى، لىڭلىنىڭ «ئۆسمۈر شاھزادە» ناملىق رومانى، سۇنلى ۋە يۈشاۋخۇينىڭ «مەركىزى شەھەردىكى بوران چاپقۇن» ناملىق رومانى، لىيۇ بەييۈنىڭ «ئىككىنچى قۇياش» ناملىق رومانى، خۇدانىڭ«مۇسۇلمانلارنىڭ ئاخىرەتلىكى» ناملىق رومانى.

4.نۆۋەتلىك (1997-يىلى )
چېن جوڭشىنىڭ«بەيلۇ تۈزلەڭلىگى» ناملىق رومانى، ۋاڭخونىڭ«ئۇرۇش ۋە ئادەملەر» ناملىق رومانى، لىيۇ سىپېننىڭ«ئاق دەرۋازىدىكى سۆگەت» ناملىق رومانى، لىيۇ يۈمېننىڭ« پاراكەندىلىك قاپلىغان كۈز » ناملىق رومانى.

5.نۆۋەتلىك (2000-يىلى )
ئالەينىڭ « چاڭ-توزان بېسىققاندا» ناملىق رومانى، ۋاڭ ئەنيىنىڭ «تۈگىمەس ھەسرەتلىك ناخشا» ناملىق رومانى، جاڭپىڭنىڭ«تاللاش» ناملىق رومانى،  ۋاڭ كۇيپېڭنىڭ «چايچىلارنىڭ تىرولوگىيەىسى» ناملىق رومانى.

6.نۆۋەتلىك (2005-يىلى )
شىئوڭ جاۋجېڭنىڭ «جاڭ جۈجېڭ» ناملىق رومانى، جاڭجېنىڭ «يېزىلمىغان خەت» ناملىق رومانى، شۈگۇيشاڭنىڭ«تارىخنىڭ ئاسمىنى» ناملىق رومانى، لىيۇ جەنۋېينىڭ«قەھرىمانلىق يىللار» ناملىق رومانى، زوڭ پۇنىڭ «شەرقتىكى زاڭزۇلار خاتىرىسى».

7.نۆۋەتلىك (2008-يىلى )
جاپىڭئاۋنىڭ «چىنچىياڭ ئەلنەغمىسى» ناملىق رومانى، چى زىجەننىڭ «ئېرغۇنا دەرياسى بويىدا» ناملىق رومانى، مەيجانىڭ«قەست قىلىش» ناملىق رومانى، جو داشىننىڭ «تاغ ۋە كۆللەرنىڭ تەبىئى مەنزىرسى» ناملىق رومانى.

8.نۆۋەتلىك (2011-يىلى )
جاڭ ۋېينىڭ «ئىگىزلىكتىكى ئادەملەر»، لىيۇشېڭلوڭنىڭ «تەڭرى يولىدىكىلەر» ناملىق رومانى، بى پېييۈنىڭ «ئۇۋىلاش» ناملىق رومانى،  مويەننىڭ «پاقا» ناملىق رومانى، لىيۇ جېن يۈننىڭ «ئۇرۇنلۇق بىر جۈملە سۆز ئونمىڭ جۈملىگە تەڭ» ناملىق رومانى.

9.نۆۋەتلىك (2015-يىلى )
گې پېينىڭ «جاڭنەن تىرولوگىيەىسى» ناملىق رومانى، ۋاڭمېنىڭ «بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى گۈزەلدۇر گۈزەل» ناملىق رومانى، لى پېيفۇنىڭ«ھاياتلىق قوللانمىسى» ناملىق رومانى، جىن يۈچىننىڭ «غوللۇق گۈل» ناملىق رومانى، سۇتوڭنىڭ«سېرىق قۇچقاچ» ناملىق رومانى.

«خەلق گېزىتى» نىڭ چەتئەلگە تارقىتىلىدىغان نۇسخىسىنىڭ 2015-يىلى 21-ئاۋغۇستتىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.


往届茅盾文学奖获奖作品

第一届(1982年)



魏巍《东方》·周克芹《许茂和他的女儿们》·姚雪垠《李自成》·莫应丰《将军吟》·李国文《冬天里的春天》·古华《芙蓉镇》

第二届(1985年)

张洁《沉重的翅膀》·刘心武《钟鼓楼》·李准《黄河东流去》

第三届(1991年)

路遥《平凡的世界》·凌力《少年天子》·孙力、余小惠《都市风流》·刘白羽《第二个太阳》·霍达《穆斯林的葬礼》

第四届(1997年)

陈忠实《白鹿原》·王火《战争和人》·刘斯奋《白门柳》·刘玉民《骚动之秋》

第五届(2000年)

阿来《尘埃落定》·王安忆《长恨歌》·张平《抉择》·王旭烽《茶人三部曲》

第六届(2005年)

熊召政《张居正》·张洁《无字》·徐贵祥《历史的天空》·柳建伟《英雄时代》·宗璞《东藏记》

第七届(2008年)

贾平凹《秦腔》·迟子建《额尔古纳河右岸》·麦家《暗算》·周大新《湖光山色》

第八届(2011年)

张炜《人在高原》·刘醒龙《天行者》·毕飞宇《推拿》·莫言《蛙》·刘震云《一句顶一万句》

第九届(2015年)

格非《江南三部曲》、王蒙《这边风景》、李佩甫《生命册》、金宇澄《繁花》、苏童《黄雀记》。

《人民日报海外版》(2015年08月21日第07版)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بوستان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-31 12:32  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-28 22:01:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھىم ئۇچۇرنى يوللاپسىز....بىراق ئىملا خاتالىقى ئېغىر ئىكەن....مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى خاتا يازماسلىقىمىز كېرەك ئىدى....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-28 22:57:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىر بىرىپسىز، رەھمەت سىزگە، قايتا تۈزۈتۈپ قويدۇم.ئەمدى ئىملاسى توغرا بولدى.

ۋاقتى: 2015-8-29 01:04:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇچۇرلاردىن خەۋەر تاپتىم.

ۋاقتى: 2015-8-29 12:52:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوستان يوللىغان ۋاقتى  2015-8-28 22:57
ياخشى پىكىر بىرىپسىز، رەھمەت سىزگە، قايتا تۈزۈتۈپ قوي ...

رەھمەت. مەن بۇ ھەقتە ماتېريال تەييارلاي دەپ، پەقەتلا ۋاقىت چىقىرالمايۋاتقانتىم. بۇ قىممەتلىك ئۇچۇرىڭىزدىن سۆيۈندۈم. ئەمما ئاخىرىغا بۇ رومانلانىڭ قايسىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز، ئۇچۇر قىممىتى يەنىمۇ ئاشاتتى.
بۇ رومانلاردىن 10 پارچىدەك رومان ئانا تىلىمىزدا چىقىپ بولغان. ئەمما كىتاب ئىسمىنى ئاساسەن خاتا ئېلىپ قويۇپسىز. بۇ ئەلۋەتتە سىزنىڭلا سەۋەنلىكىڭىز ئەمەس. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەچچە يۈز بەتلىك كىتابنى چىقارغاندىكىن، بىر بەت بولسىمۇ كىرىش سۆز يېزىپ، ئەسەر ۋە ئاپتۇر ھەققىدە چۈشەنچە بىرىشى كېرەك ئىدى. نەشرىيات مۇشۇ مەسىلىگە ئىزچىل سەل قاراۋاتىدۇ.
سىزدىن سۆيۈندۈم! ئاۋۋال خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇشىمىز كېرەك. مىسالەن. لىيۇ سىشىن دېگەن يازغۇچى بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا ھىيوگو دۇنيا فانتازىيلىك ئەسەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ئاسىيا قىتئەسىدىن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى يازغۇچى بولۇپ قالدى. بۇنىمۇ ئوقۇرمەنلىرىمىز بىلىشى كېرەكتى... ھەممىنى ۋاقتى ئۆتكەندە بىلىشتىن ئۇچۇر دەۋرىدىن ئوبدان پايدىلانغىنىمىز ئەۋزەل.ئۈزۈكسىز تېرىشىڭ!

ۋاقتى: 2015-8-29 20:52:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئ‍ەھمىيىتى زور ئ‍ۇچۇركەن، ئ‍الەينىڭ رومانىنىڭ ئ‍ىسمى چاڭ تۇزان بېسىققاندا ئ‍ېدىغۇ، خاتا يېزىلىپ قالدىمۇ قانداق!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-30 21:33:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرنى بەرگىنىدىن سۈيۈندۈم، ھەممەڭلارغا رەھمەت. يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان رومانلارنىڭ ئىچىدە قايسى رومانلارنىڭ ئويغۇرچە نەشىر قىلىنغانلىقى توغىرسىدا ئومۇمىيۈزلۈك ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىغانلىقىم ئۈچۈن، ئامالسىز قالدىم. تورداشلار كەچۈرگەيسىلەر. تۇلۇق ئۇچۇرغا ئېرىشكەندە خەۋەر بىرىمەن.يۇقۇرقى رومانلارنىڭ ئىچىدە خاتا تەرجىمە قىلىنغانلىرىنىڭ ئىسمى توغىرسىدا ئەھەتجان ۋاقتىڭىز يەتسە توغرىسىنى ئىزاھلاپ قويغان بولسىڭىز. خاتالىقلارنى تۈزىتىۋالاي. رەھمەت.

ۋاقتى: 2015-8-30 22:11:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۆۋەتلىك (1982-يىلى )

  ياۋ شۈېگېننىڭ «لى زىچىڭ» ناملىق رومانى، گۇخۇانىڭ«فۇروڭ بازىرى» ناملىق رومانى.
جاڭجېنىڭ «ئېغىر قانات»ناملىق رومانى. خۇدانىڭ«مۇسۇلمانلارنىڭ ئاخىرەتلىكى» ناملىق رومانى. چېن جوڭشىنىڭ«بەيلۇ تۈزلەڭلىگى» ناملىق رومانى، ئالەينىڭ « چاڭ-توزان بېسىققاندا» ناملىق رومانى، چى زىجەننىڭ «ئېرگۇنا دەرياسى بويىدا» ناملىق رومانى،
بى پېييۈنىڭ «ئۇۋىلاش» ناملىق رومانى،  مويەننىڭ «پاقا» ناملىق رومانى،

مەن مۇشۇ رومانلارنىڭ ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنغانلىقىدىن خەۋەردار  ئىكەنمەن. كەم قالغان يەرلىرى بولسا باشقىلار كۆرسىتىپ بەرگەي!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-31 10:25:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرتدىشىم ھەبىبۇللا مۇئەللىم خەنزۇچىدىن  ئويغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنغان  ماۋدۇن ئەدىبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەر توغىرسىدا ئەتراپىق ئۇچۇر بىرىپسىز.سىزگە كۆپ رەھمەت.

ۋاقتى: 2015-8-31 10:53:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئۇرۇنلۇق بىر جۈملە سۆز ئونمىڭ جۈملىگە تەڭ»، «بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل» لەرمۇ ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-31 12:29:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭقۇرچاق ئەپەندىنىڭ بەرگەن ئۇچۇرىغا كۆپ رەھمەت.

ۋاقتى: 2015-8-31 12:52:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك، ئۇچۇرچانلىققا ئىگە تېمىنى تەرجىمە قىلغىنىڭزغا ئاپىرىن!

«ئېرگۇنا دەرياسى بويىدا»، «ئېرگۇنا دەرياسىنىڭ ئوڭ قىرغىنى»، «ئېرگۇن دەرياسى  بويىدا»  دىكى «ئېرگۇنا دەرياسى، ئېرگۇن دەرياسى» نى «ئارغۇن دەرياسى» دېسەك بولاتتى. ئەرگىناقۇن، ئارغۇن ئاتالغۇلىرى ئۆزگىرىپ كەتمىسە بولاتتى ئەسلى. «چىڭگىزخان» فىلىمىدە بۇ ئاتالغۇ «ئارغۇن دەرياسى» دەپ توغرا ئېلىنغان.

ۋاقتى: 2015-8-31 12:56:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەيجانىڭ «قارا ئۆي» ناملىق رومانى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، نەشر قىلىنغان، «قەست قىلىش» شۇمۇ قانداق؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-31 13:51:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېرچىن ئەپەندى ۋە باگيار  ئەپەندى تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا رەھمەت.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش