يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 854|ئىنكاس: 6

تۇرسۇن مەخمۇت: تەرجىمان باۋۇدۇن ھەسەن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تەرجىماننىڭ بايانى، تەرجىمىنىڭ پايانى
(يېتىلگەن تەرجىمان باۋۇدۇن ھەسەن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت)

تۇرسۇن مەخمۇت


ئۇيغۇر تەرجىمە تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن،بىر مىللەت مەدەنىيىتىدە شانلىق تەرجىمە تارىخىنىڭ بولۇشى ھەم بۈگۈنكى ھاياتىدا يەنە يېتۈك تەرجىمانلىرىنىڭ بولۇشى مىللىي مەدەنىيەت تەرەققىياتىدا تولىمۇ زۆرۈر .چۈنكى، بىز شۇنى بىلىمىزكى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئەزەلدىن يەككە يۆلىنىش ياكى تەنھا يولدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئەمەس،بەلكى كۆپ خىل قەۋم-مىللەتلەرنىڭ بىر بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى، ئىلغار تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلىشى، سەلبىي، قالاق تەرەپلىرىدىن ئىبرەت ئېلىشى ھېسابىغا ئۆزئارا ئوزۇق ئېلىپ روناق تاپقان، قەدىمدىن شۇنداق بولۇپ كەلگەن ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە شۇنداق بولىدۇ.
قەدىمكى زامانغا تەئەللۇق قىممەتلىك ئەدەبىيات مىراسلىرىمىزدىن«ھۇن قوشىقى»،«تۇرا قوشىقى»قاتارلىقلارنىڭ خەنزۇ مەنبەلىرىدە ساقلىنىپ قېلىشى، قەدىمكى تۇرپان ۋەسىقىلىرى كەبى مىراسلىرىمىزنىڭ كۆپ خىل تىل يېزىقتا خاتىرىلىنىشى، «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئاجايىپ ئۇلۇغۋار غۇرۇر ھەم مەخسەتلەرگە كۆرە مەيدانغا كېلىشى قاتارىدىكى تارىخىي ئۆزگچىلىكنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەرجىمىگە،تىللار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە  ئەزەلدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان خەلق ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا ئەجدادلارنىڭ باشقىلاردىن ئۆگىنىش بىلەن باشقىلارغا ئۆگىتىشنى دەمبەس قەدەمدە ئېلىپ بارغان، كەڭ قورساق ھەم ئىلىمگە ھېرىسمەنلىكتەك تېپىلغۇسىز پەزىلەتلەرگە ئىگە  ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىمىز.
باۋۇدۇن ھەسەن زامانىمىزدىكى ساناقلىق قوش يۆنىلىشلىك تەرجىمانلىرىمىزنىڭ بىرى، شۇنداقلا مەسئۇليەتچان تەرجىمان،ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان،شۇنداقلا ئانا تىلىمىزغا ئەقىدە ھەم پىداركارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان تەرجىمان، مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا باۋۇدۇن ھەسەننى ئەڭ ياخشى تەرجىمانلىرىمىزنىڭ بىرى دېيىشكە تىل كۆيىدىغان تەرەپ يوق. بىزدە كەسپكار كۆپ،ئەمما ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىدىغانلار ئاز، قولىنىڭ ئۇچىدا ئىش قىلىدىغان،ئىلىم ئىشىغا «ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ، نان تېپىپ يېيىش»تەك چاكىنىلىق بىلەن يېپىشىدىغانلارمۇ تولا. ئىلىمدىن نان تېپىپ يېيىشنى يامان دېمەيمىز، يامان دېيىشلا ئەمەس، ئىلىمنىڭ نېنىنى يېيىش ھەقلىق ھەم تولىمۇ خاسىيەتلىك ئىش، ئەمما بۇ يەردىكى مەسىلە ئىلىمگە ھەقىقىي بېرىلىپ، ناننى ھالال يېيىش ھەم يېگەن نانغا يۈز كېلىش مەسىلىسى.
باۋۇدۇن ھەسەننىڭ تەرجىمىلىرى كۆپ ھەم سۈپەتلىك،كۆپ بولۇش بىلەن سۈپەتلىك بولۇشنى بىر يەرگە ئەكىلىش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس، بۇ كىشىدىن قالتىس ئىجتىھات تەلەپ قىلىدۇ. مەن بىلىدىغان باۋۇدۇن ھەسەننىڭ پەزىلەتلىرىنىڭ بىرى شۇكى، ئۇ ئىزدىنىش ھەم ئىلمىي ئەمگەكنى كۈندىلىك ھاياتىنىڭ تۈپ مەزمۇنى قىلالىغان ھەم ئىزچىل ئىجتىھات قىلالىغان ئادەم.
ئەمگەك ئىگىلىرىنى ھۆرمەتلەش ھەم ئۇلارنىڭ ئۇتۇقلىرى ھەققىدە ئەلگە ئۇچۇر بېرىش مۇددىئاسىدا،تارىخچى غالىب بارات ئەرك ئەپەندىنىڭ مەسلىھەتى بىلەن مەن بىلىدىغان ھەم ھۆرمەتلەيدىغان تەرجىمانلىرىمىزنىڭ بىرى بولغان باۋۇدۇن ھەسەننىڭ ھاياتىنى ئىنچىكە تەرەپلىرىگىچە يورۇتۇش مەخسىتىدە باۋۇدۇن ھەسەن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردىم. بۇ يازما تەرجىماننىڭ ئۆتمۈشى،بۈگۈنى، ئۈمىد-ئارزۇسى ھەم ئىنسانىي پەزىلەتلىرىنىڭ خاتىرىسى بولۇپ قالغاي.
تۇرسۇن مەخمۇت
2015-يىلى 5-،8-ئايلار
باۋۇدۇن ھەسەننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
باۋۇدۇن ھەسەن، كورلا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىدە ئالى تەرجىمان، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى،شىنجاڭ تەرجىمە ئەدەبىياتى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىستىداتلىق قوش يۆنۈلۈشلىك ئەدەبىي تەرجىمانلارنىڭ بىرى.
باۋۇدۇن ھەسەن 1959-يىلى قاراشەھەردە ئىشچى  ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، يۇرتىدا باشلانغۇچ- ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن، 1979-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىپ جۇڭگو تىللىرى فاكۇلتېتى خەنزۇ تىلى (تەرجىمە) كەسپىدە ئوقۇغان،  1983-يىلى 7-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن بۇيان ئىزچىل تۈردە كورلا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەرجمە بۆلۈمىدە ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ. تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان كەسپىي خىزمەت ۋەزىپىسىنى سۈپەتلىك ئورۇنداش بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىپ، جۇڭگو ۋە چەتئەللەرنىڭ نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇردى. 80-يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ «دۇنيا ئەدەبىياتى»، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ئۇيغۇر تىلىدىكى نوپۇزلۇق ئەدەبىي تەرجىمە ژورناللىرىدا ۋە گېزىتلەردە تۈركىيەلىك يازغۇچى ئەزىز نەسىننىڭ «مەن قانداق ئۆلىۋالماقچى بولدۇم؟»، «كاتتا ئەرباپ»،«ھەممىمىز كۆرگۈلۈكىمىزنى كۆردۇق»، «پىت بەيگىسى» قاتارلىق ساتىرىك ھىكايىلىرى، غەرپ ئەللىرى يازغۇچلىرىنىڭ «رېينانىڭ پاجىئەسى»،«مۇھەببەت مەنتىقىسىزلىكى»، روسىيەلىك يازغۇچى شولىخوفنىڭ «بالىلىرىنىڭ قايغۇسىدا قالغان ئادەم»  قاتارلىق پوۋىست-ھىكايىلىرى، نايپاۋىل،كوتزې، ئۇرخان پامۇك قاتارلىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرى، نوبىل نۇتۇقلىرى (نوبىل مۇكاپىتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن سۆزلىرى) قاتارلىق نەزەرىيەۋى ماقالىلىرى، جيا پىڭۋا قاتارلىق مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ «ئادەم كېسىلى»، «ئاينىڭ ئىزى»، «چېپىلغاقلار»، «قىش مەنزىرىسى»، «دۈمچەكلەر يۇرتى» قاتارلىق ئەسەرلىرى، يىشىدەنزىن قاتارلىق داڭلىق ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلارنىڭ «لاسادا ئۆتكەن ئىشلار»، «تاز قارچىغا»، «ئازاد قوي» قاتارلىق چوڭ ھەجىملىك ھىكايىلىرى بولۇپ جۇڭگو ۋە چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ 100 پارچىغا يېقىن پوۋىست، ھىكايىلىرى، نەزەرىيىۋى ماقالىلىرىنى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغاندىن باشقا، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «مىللى يازغۇچىلار»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى مەجمۇئەسى»، «كۆنچى دەرياسى»، «كورلا كەچلىك گېزىتى» قاتارلىق خەنزۇچە ژورناللاردىمۇ تۇرسۇن مەخمۇت، مەخمۇت مۇھەممەت، ؟ مونىياز قاتارلىق بىر قىسىم ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلدى. «دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100 ئۇرۇش»، «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەج پائالىيىتى»، «تۇغۇلغان كۈن سوغاتلىرى»، «ئايىم قىزلار»، «ناپولېئون»، «ئاشۇ كۈنلەر»، «تىبەت دالاسىدىكى تاڭغىت تايغىنى»، «روزۋېلىت»،  «غىرىبانە يۈز يىل»، «سەندەل قوزۇق جازاسى»، «پامىردىكى قار»، «ناپولېئون» قاتارلىق 30 پارچىغا يېقىن كىتاپنى تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى، يەنە بىرمۇنچە تەرجىمە ئەسەرلىرى بىرقانچە توپلامغا كىرگۈزۈلدى.
باۋۇدۇن ھەسەن كىچىكىدىنلا ئۆگۈنۈشكە ھېرىسمەن ئىدى، بولۇپمۇ ئەدەبىياتقا، خەنزۇ تىلى ئۆگۈنۈشكە تولىمۇ ھەۋەس قىلاتتى. مالىمان «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىگە توغرا كەلگەن ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق ھاياتىدا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىدا ئۇيغۇرچە كىتاپلار ئىنتايىن ئاز ئىدى. باۋۇدۇن ھەسەن كىتاپخانىدا بار ئۇيغۇرچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن، باشقا ھەر خىل ژانىردىكى كىتاپلارنى، جۈملىدىن مىدىتسىنا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسازلىقى، ماركىس، ئېنگىلىس ئەسەرلىرى، ھەتتا چاۋ گۇەنخۇا، دېڭ شياۋپىڭلارنىڭ ب د ت ئومۇمىي يىغىنلىرىدا سۆزلىگەن سۆزى قاتارلىق سىياسىي نەزەرىيىۋى كىتاپلارنىمۇ ئالا قويماي دىگىدەك ئېلىپ ئوقۇپ بولغانىدى. مەدەنىيەت ئىنقىلابى ئاياقلىشىپ ئالى مەكتەپكە كىرگىنىدىن كېيىنلا خۇددى قاقاس جەزىرىدە تەشنالىقى قانماي كەلگەن، بوستانلىققا ئۇلىشىپ سۈزۈك بولاق سۈيىگە ئىرىشكەن چاڭقاق يولۇچىدەك بىلىم بولاقلىرىدىن قانغىچە سۇ ئىچىپ تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. ئۇنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ تۈرلۈك ژانىردىكى كىتاپلارنى ئوقۇپ، ئىجتىھات بىلەن ئۆگەنگەنلىرى كېيىنكى چاغلاردا  تۈرلۈك ژانىردىكى ئەسەرلەرنى، ماقالىلارنى تەرجىمە قىلىشقا ماھىر، ھەر تەرەپلىمە بىلىمگە ئىگە كۆزگە كۆرۈنگەن ياراملىق ئەدەبىي تەرجىمان بولۇپ چىقىشىغا پۇختا ئاساس بولغانىدى. ئۇ ئەدەبىي تەرجىمىگە كىرىشكەن دەسلەپكى چاغلىرىدا ئەدەبىي تەرجىمىدىن باشقا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، «بوستان» (ھازىرقى «كىروران»)، «تارىم» قاتارلىق ژورناللاردا بىر قىسىم ھىكايىلەرنى ئېلان قىلىپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىدە بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە يازغۇچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغانىدى، بۇمۇ باۋۇدۇن ھەسەن تەرجىمە ئەسەرلىرى تىلىنىڭ شۇنچە پۇختا ۋە راۋان، ئىستىلىستىك ئۈنۈمىنىڭ شۇنچى يۇقۇرى، تەرجىمە سۈپىتىنىڭ شۇنچە ياخشى بولۇپ چىقىشىنىڭ سەۋەپلىرىدىن بىرى دىيىشكە بولىدۇ.
باۋۇدۇن ھەسەن ئەدەبىي تەرجىمە ئەمەلىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماستىن، تەرجىمە تەتقىقاتىغىمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەت بىرىپ كەلدى. گىرامماتىكا، لوگىكا، ئىستىلىستىكا بىلىملىرى، تىلشۇناسلىق نەزەرىيىلىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگۈنۈش ۋە تەتقىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگو ۋە چەتئەللەرنىڭ «سادىق، راۋان، گۈزەل» تەرجىمە نەزەرىيەسى، «تەڭ قىممەت» نەزەرىيەسى، «مەزمۇنىمۇ، شەكلىمۇ ئوخشاش» تەرجىمە نەزەرىيەسى، «ئەڭ يېقىن» تەرجىمە نەزەرىيەسى قاتارلىق تەرجىمە ئۆلچىمىگە دائىر نەزەرىيەلەرنى خېلى پۇختا ئۆگىنىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ تەرجىمە ئەمەلىيىتىگە تەدبىقلىدى. شۇڭا تەرجىمە ئەمەلىيىتىدە يولۇققان مۇرەككەپ، چىگىش مەسىلىلەرنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىپلا قالماستىن، ئۆگەنگەن نەزەرىيىۋى بىلىم ئاساسىدا ئۆزىنىڭ تەرجىمە ئەمەلىيىتى داۋامىدا ھېس قىلغان مەسىلىلەرنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، «تەرجىمە ۋە ئىستىلىستىكا»، «تەرجىمە ۋە نۇتۇق ئادىتى» قاتارلىق 10 پارچىغا يېقىن ئىلمىي ماقالە يېزىپ «تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلىدا ئېلان قىلدى.
سوئال قويغۇچىدىن ئىلاۋە:
    يۇقۇرىدىكى تەرجىمىھالدىن بىلىنىپ تۇرۇپتىكى، باۋۇدۇن ھەسەن قىممەتلىك ئەمگەكلىرى بىلەن تەرجىمە ساھەيىمىزدە مۇناسىپ ئورۇن تۇتقان تەرجىمان، ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبەت تېخىمۇ كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلاتتى، ۋاقىت ھەم باشقا شارائىتلار سەۋەبىدىن ھازىرچە مۇشۇ دائىرە بىلەن چەكلەندى، ئۇنىڭ بىزگە دەپ بېرىدىغان ئىلمىي قىممەتكە ئىگە پاراڭلىرى بۇنىڭ بىلەن تۈگىمەيدۇ، ئەلۋەتتە. تۆۋەندىكىلەر باۋۇدۇن ھەسەن بىلەن مېنىڭ (تۇرسۇن مەخمۇتنىڭ) سۆھبىتىمىزنىڭ قىسقىچە خاتىرىسى.
1. تەرجىمىھالىڭىزدىن بىلىشىمچە، سىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپى بويىچە ئالىي تەربىيە ئالغانكەنسىز،خەنزۇ تىلى كەسپىدە ئوقۇپ قېلىشىڭىز ئارزۇيىڭىز بويىچە بولغانمۇ؟ ئەينى يىللاردىكى ئالىي مەكتەپ ھاياتى، ئۆگىنىش ۋە شۇ يىللاردىكى ئارمانلىرىڭىز ھەققىدە سۆزلەپ بېرەمسىز؟
باۋۇدۇن ھەسەن: نېمە دېسەم بولار...مۇنداق دەي: ئالى مەكتەپنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىدە ئوقۇپ قېلىشىم ئارزۇيۇم بويىچە بولغان ئىش ئەمەس، ھېچ بولمىغاندا ئىشتىياقىم بويىچە بولغان ئىش ئەمەس دېسەم توغرىراق بولىدۇ. چۈنكى، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئەدەبىياتقا ئاجايىپ كۈچلۈك ئىشتىياقىم بار ئىدى، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئوتلىرىدىن ئامان ساقلاپ تىقىپ قويغان «پولات قانداق تاۋلاندى» قاتارلىق بىرمۇنچە كىتاپلىرىنىمۇ ئوقۇپ بولغانىدىم، ھەتتا ساددا قوشاقلار، ساددا نەسىرلەرنىمۇ يېزىپ باققانىدىم. ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز (ھەم سىنىپ مۇدىرىمىز)مۇ ئەگەر سىياسەت ئوڭشىلىپ ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئىش بولۇپ قالسا، چوقۇم مېنى ھەر ئامال قىلىپ ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇشقا ئەۋەتمەكچى، راۋۇرۇس شائىر ياكى يازغۇچى قىلىپ يېتىشتۈرمەكچى ئىدى. بىراق، بىز تولۇق ئوتتۇرىنى 1976-يىلى 7-ئايدا پۈتتۈردۇق، ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى 1977-يىلنىڭ كېيىمكى يېرىمىدا ئەسلىگە كەلدى. مەن 1979-يىلى ئالى مەكپتەپكە ئىمتىھان بەرگەن (ئىمتىھال نەتىجەم ناھىيە بويىچە بىرىنچى بولغان) يىلى خەنزۇ تىلى كەسپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپ، سىنىپ ۋە سان ئەڭ كۆپ ئىكەن، شۇڭا باشقا كەسىپنى تاللىسام قوبۇل قىلىنماي قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ خەنزۇ تىلى كەسپى بار ئالى مەكتەپلەرنىڭ ھەممىنى تاللاپ ئانكىت تولدۇرغان، ئەدەبىياتنى 2-ئورۇندا تاللىغانىدىم، بۇ خۇددى ئۆزۈم ئەڭ كۆيىدىغان باينىڭ قىزىنى ئالالىشىمغا كۆزۈم يەتمەي، ئىككىنچى ئورۇندا كۆيىدىغان قىزغا تەلەپ قويۇشقا مەجبۇر بولغىنىمدەك بىر ئىش بولدى. بىراق، خەنزۇ تىلى كەسپىنى تاللىغىنىمنىمۇ خاتا دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمدا كىتاپخانىدىكى ئۇيغۇرچە كىتاپلارنىڭ ئازلىقىنى تەرجىمانلارنىڭ ئازلىقىدىن كۆرۈپ، «خەپ، مەنمۇ بىر كۈنلەردە تەرجىمان بولۇپ كىتاپخانىنىڭ جازىلىرىنى كىتاپلار بىلەن تولدۇرۇۋەتمەيدىغان بولسام!» دەپ ئارمان قىلىپ كېتىدىغان چاغلىرىممۇ بولغانىدى... شۇنداق قىلىپ بارا-بارا تەرجىمانلىق كەسپى بىلەن چىقىشىپ قالدىم ھەم ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلىغاندەك ئەدەبىي تەرجىمىگىمۇ ئىشتىياق باغلىدىم. ئەدەبىي تەرجىمىنى، مېنىڭچە، بىر-بىرىدىن قېلىشقۇسىز گۈزەل قوشگېزەك ئاچا-سىڭىللارغىمۇ ئوخشىتىش مۇمكىن. ھەر ھالدا ئىككىسىدىن بىرى ئەمرىمدە، شۇڭا ئەدەبىي تەرجىمىگە ئىشقى-زوقۇم بىلەن كىرىشىپ كەتتىم.

2. 70-يىللارنىڭ ئاخىرى، 80-يىللارنىڭ بېشىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى بۈگۈنكى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمىسا كېرەك، ئەينى يىلاردىكى ئۆگىنىش شارائىتى ھەققىدە، بولۇپمۇ شۇ يىللاردا خەنزۇچە ئۆگىنىشتىكى قىينچىلىقلار توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرسىڭىز.
باۋۇدۇن ھەسەن: ھازىرقى ئالى مەكتەپلەرنىڭ، جۈملىدىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى تولۇق چۈشەنمەيمەن، ئوبدان بىلىدىغىنىم ئالىي مەكتەپتە ئاجايىپ ئىسىل ماددى شارائىتلار يارىلىپتۇ (ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم)، مەن ئوقۇغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ باغچىنىڭ ئۆزىدەك بولۇپ كېتىپتۇ. بىز ئوقۇغان يىللاردا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ماددى شارائىتى، بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شارائىتى ناچارراق ئىدى. مەن 1983-يىلى سەھەر ۋاقتىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگىنىمدە، مەكتەپنىڭ ئالدى قىسمىدىكى گۈللۈكنى، كۆزگە بىرىنچى بولۇپ تاشلىنىپ تۇرىدىغان كۇتۇپخانا بىناسىنى ۋە كۇتۇپخانىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئوقۇتۇش بىنالىرىنى، شۇ سوغۇق مەۋسۇمدىمۇ ئوتقاشتەك قىپقىزىل گۈللەر ئېچىلىپ تۇرغان گۈللۈكنى، گۈللۈكنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى دەرەخزارنى... كۆرۈپ دىلىم يايراپ كەتكەنىدى، كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرە تەسەۋۋۇرۇمدىكىدەك ئىدى. ئەپسۇسكى، يورۇق چۈشۈپ، مەكتەپ خادىملىرى پەيدا بولۇپ بىزنى ياتاق بىناسىغا باشلاپ ماڭغاندا ئۇچرىغان مەنزىرىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بارا-بارا غەش بولۇشقا باشلىدى: سۇۋاقلىرى تۆكۈلۈپ چۈشكەن رەتسىز كېسەك  ئۆيلەر، سۇۋاقسىز كونا خىش ئۆيلەر، ئىس-تۈتەكتە قارىداپ كەتكەن توپا دۆۋىلىرى، ئەخلەت-يۇندا ئورەكلىرى... بايىقىدەك گۈزەل مەنزىرىنىڭ ئورنىغا ئالماشتى. شۇنداقتىمۇ بۇ كۆڭۈلسىز مەنزىرىدىن كېيىن يەنە گۈزەل مەنزىرىنى ئۇچرىتارمىز دېگەن ئۈمىدتتە ئىدىم. ئەپسۇسكى، خادىم بىر كونا بىناغا باشلاپ كىردى. بىنانىڭ ئىچى خىرە يورۇق ئىدى، نېمىشقىدۇ چىللە بۇرىقى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، يەنە قاناقتۇ بەتبۇي يۇندا ۋە باشقا ئېچىمال پۇراقلارمۇ قوشۇلۇپ كۆڭۈلنى بىئارام قىلاتتى. كۆڭلۈمدە بۇ بىنانىنى ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەر ئامبىرى بولسا كېرەك، خادىم ئامباردىن ئېلىۋالىدىغان نەرسە بولۇپ قېلىپ بىزنى باشلاپ كىرگەن بولسا كېرەك، كۆتۈرۈشۈپ بىرەرمىز دەپ ئويلاپتىمەن. نەدىكىنى! ئۈچىنچى قەۋەتكە باشلاپ چىقىپ، بىزنى بىر نەچچە ياتاققا باشلاپ، «ياتىقىڭلار مۇشۇ، جايلىشىۋېلىپ ياخشى دەم ئېلىڭلار» دەپ چىقىپ كەتتى. نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم... راستىنى ئېيتسام، بۇ مەكتەپكە كەلگىنىمگە سەل پوشايمان قىلدىم، ھەتتا بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ قايتىپ كېتىش خىيالىغىمۇ كېلىپ قالدىم. چۈنكى، تەسەۋۋۇرۇمدىكى ئالى مەكتەپ ھەرگىز مۇنداق ئەمەس ئىدى،  (كىنولاردا كۆرگەنلىرىمنى ساددا تەسەۋۋۇرۇمغا سىڭدۈرۈۋالغان بولسام كېرەك، شۇنچە تەلپۈنگەن ئۈرۈمچىدە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا بۇنداق مەنزىرىنى كۆرەرمەن دەپ ئويلاپمۇ باقمىغاندى)... كېيىن قوشنا ياتاقلاردىكى كونا ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىرىمىزغا ھال-ئەھۋال سوراپ كىرىپتۇ، شۇ چاغدا كۆڭۈلگە ئارام بېرىدىغان، تەسەۋۋۇرۇمدىكىدەك چىققان بىردىنبىر ئىش شۇ بولدى. كېيىن بۇ كۆڭۈلسىز مەنزىرىگىمۇ كۆنۈپ كەتتۇق. «ئايرىلىش مىنوتلىرى» دېگەن ناخشىدىكىدەك، مەكتەپ، سىنىپ، ياتاق... ھەممە-ھەممە نەرسە شۇنداق مېھىرى ئىسسىق بولۇپ كەتتى.
ئۇ چاغلاردا دۆلەت مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ بورانلىرىدىن ئەمدىلا قەددىنى رۇسلاپ ئۆزىنى ئوڭشاۋاتقان بولغاچقا، مەكتەپنىڭ ماددى شارائىتىنى بىراقلا ئوڭشاپ كېتەلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، شۇنداقتىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلاتتى: ھېچقانداق ئوقۇش ھەققى، ياتاق ھەققى ئېلىنمايتتى،  تامىقىمىزمۇ ھەقسىز ئىدى، دەسلەپتە سەل غورگۈلراق بولسىمۇ، بارا – بارا ياخشىلىنىپ ۋە موللىشىپ كەتتى؛ ئاغرىپ قالساق مەكتەپ دوختۇرخانىسىدا ھەقسىز داۋالىناتتۇق. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز يوتقان-كۆرپە، زورۇر كېيىم-كېچەك بېرىلەتتى. كۇرمىڭ ئىشنى باشقىدىن ئوڭشاشقا توغرا كېلىىۋاتقان، ھەممە ساھە نۇرغۇن پۇلغا موھتاج بولۇۋاتقان، يەنە كېلىپ ۋېيتنامنىڭ جىدىلى بىلەن دۆلىتىمىز جەنۇپ چېگرىسىدا ۋيېتنام تاجاۋۇزچىلىرىغا قايتارما زەربە بېرىپ ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان ئەنە شۇنداق شارائىتتا دۆلەتنىڭ بۇ غەمغورلىقى ھەممىمىز چەكسىز مىننەتدار بولۇشقا تېگىشلىك ئاجايىپ ھىممەت ئىدى.
ئۇ چاغلاردا ئوقۇش كەيپىياتى ئاجايىپ قويۇق ئىدى، سەھەر تۇرۇپ تاماق ۋاقتىغىچە دەرىس يادلاۋاتقان، دەرس تەكرارلاۋاتقان، تەنھەركەت بىلەن چېنىقىۋاتقان  ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇچراپ تۇراتتى. ھازىرقى غوللۇق ئالىملىرىمىز، يازغۇچى-شائىرلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ئەنە شۇ مەزگىلدە ئوقۇغان ئىدى. بىز ئوقۇغان تىل كەسپىدە دەرىسلەرغۇ ئانچە كۆپ ئورۇنلاشتۇرۇلمايتتى ھەم ئېغىرمۇ ئەمەس ئىدى (ھېچ بولمىغاندا ماڭا شۇنداق تۇيۇلاتتى).لېكىن، تەرجىمانلىق كەسىپنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئەتراپلىق ئۆگىنىشكە، كۆپلەپ كىتاپ ئوقۇشقا توغرا كېلەتتى. مەن دەرىسخانىدا ئۆتۈلگەن دەرىسلەرنى، بولۇپمۇ خەنزۇ تىلى سۆزلەملىرىنى، تېكىسلەرنى ئاساسەن دەرىس ۋاقتىدىلا يادلاپ بولاتتىم، بىر قىسىم تاپشۇرۇقلارنىمۇ دەرىس ۋاقتىدا ئىشلەپ بولۇشقا تىرىشاتتىم. بىراق، تاپشۇرۇقتا ئامال بار تۆۋەنراق نومۇر ئېلىشقا تىرىشاتتىم. چۈنكى، كۆپ نومۇر ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بىلىم ئىگىلەش ئۈچۈن ئوقۇۋاتقانلىقىمنى ئوبدان بىلەتتىم. شۇڭا، تاپشۇرۇقتا جۈملىلەرنى ئاددى تۈزۈپلا ئىشنى پۈتكۈزۈپ يۇقۇرى نومۇر ئالاي دىمەي، ئىمكان بار مۇرەككەپ ۋە ئېغىر جۈملىلەرنى تۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىمىزنى تۈزۈتۈپ بېرىشكە سالاتتىم. شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىلىرىمىز شۇ ئېغىر جۈملىلىرىمنى تولا تۈزۈتۈپ كۆپرەك نومۇر تارتاتتى، ماڭا بولسا كۆپرەك بىلىم قوناتتى (ئىمتىھاندا ھەرگىز تۆۋەن نومۇر ئېلىپ قالمايتتىم، ئەلۋەتتە). دەرس يوق چاغلاردا ياكى ئاخشاملىرى تاپشۇرۇقلىرىمنى ئىشلەپ بولۇپلا كۆپلەك كىتاپ ئوقۇيتتۇم، بولۇپمۇ تولۇق چۈشىنىپ كېتەلمىسەممۇ خەنزۇچە كىتاپ-ژورناللارنى، بولۇپمۇ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى بەكراق ئوقۇيتتۇم. ئالى مەكتەپكە بېرىپ ئىككىنچى مەۋسۇمىدىلا تۈركىيە يازغۇچىسى خالىدنىڭ  «ئىچىمىزدىكى شەيتان» ناملىق رومانىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى)«我们心中的魔鬼»(نى ئوقۇغان ھەم مەزمۇنىنى ياتاقداشلىرىمغا دەپ بەرگەنىدىم. بەزى كېچىلەردە ھەممە ياق تىمتاسلىققا چۆككەن كېچىلەردە ياتاقنىڭ دەرىزىسىدىن ئۈرۈمچىنىڭ يىراقلاردا چىمىرلاپ تۇرغان چىراقلىرىغا قانداقتۇر بىر ھەۋەسنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇزاقتىن ئۇزاق قاراپ كېتەتتىم، خۇددى بۇرۇنلاردا يۇلتۇزلار چاراقلاپ تۇرغان تۈن ئاسمىنىغا قارىغىنىمدەكلا. بەزىدە تاڭ ئالدىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېقىنراق ھايۋىنات باغچىسدىكى قۇشلارنىڭ تاڭ نۇرىدىن ئويغىنىپ چۇرقىراشلىرىغا جىمجىت قۇلاق سالاتتىم.
يىغىپ ئېيتقاندا، ئالىي مەكتەپتە ماددى شارائىت ناچارراق بولغىنى بىلەن مەنىۋى ھايات ئاجايىپ مول ئىدى.

3. سىزنىڭ ئوقۇش تاماملاۋاتقان شۇ يىللاردىكى ئارزۇيىڭىز تەرجىمان بولۇشمىدى ياكى باشقا كەسپ قىلىشنى ئويلاشقانمۇ؟
باۋۇدۇن ھەسەن: شۇنداق، تەرجىمان بولۇش ئىدى. ئوقۇتقۇچى بولۇش، ئوقۇتقۇچى بولغاندىمۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇشنىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. چۈنكى، بالىلارنى ياخشى كۆرەتتىم، بالىلارغا ياخشى تەربىيەچى، كۈچلۈك مەدەتكار، يۆلەنچۈك ھەم غەمگۈزار بولغۇم بار ئىدى. ئەگەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغان بولساممۇ ياراملىق ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن ئىدى. بىراق، ئاخىرقى ھېسابتا تارجىمانلىقنى تاللىدىم. ئوقۇغان كەسپىمگە يۈز كېلەلىشىم كېرەك-دە.

4. ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭىزدا سىزگە ئۆگىنىش ۋە ئىلگىرىلەشلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن ئىشلار قاتارىدا ئەسلەيدىغانلىرىڭىز قايسىلار بولۇشى مۈمكىن.
باۋۇدۇن ھەسەن: يوق بولسا كېرەك. تەسىر كۆرسەتكىدەك ئالاھىدە بىر ئىش بولمىسىمۇ، ئوقۇشنى ئىنتايىن قەدىرلەيتتىم. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەنى پۈتتۈرۈپ ئۈچ يىل ئۆتكەندە ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئوقۇشقا كىرىشىمگە نىم شېھىتنىڭ «...جاھان رەنالىرى ئىچرە بىلىمدىن ئۆزگە ھېچ يار يوق» دېگەن ھېلىقى شېئىرى بەكرەك تۈرتكە بولدى. ئوقۇشقا كىرگىنىمدىن كېيىن ئىجتىھات بىلەن ئوقۇشۇمغا تەسىر كۆرسەتكەن ئىش بار دىيىلىدىغان بولسا، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ تەسىرى بولسا كېرەك: دوتسېنت رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا مۇئەللىم ئىستىلىستىكىدىن دەرس بېرەتتى، دەرسنى ناھايىتى قىزىقارلىق ھەم جانلىق ئۆتەتتى. بىزگە دايىم ياخشى كىتابلارنى كۆپ ئوقۇشنى، ئوقۇغاندىمۇ ئەسەردىكى ۋەقەلىككىلا بېرىلمەي، تىلىغا ــ گىرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسىغا، بولۇپمۇ ئىستىلىستىكىلىقى، مەنتىقىلىقى قاتارلىق تەرەپلىرىگە بەكراق دېققەت قىلىپ ئوقۇشىمىزنى، بولۇپمۇ قۇسۇر تېپىپ ئوقۇشقا ئادەتلىنىشىمىزنى تەۋسىيە قىلاتتى، شۇنداق «پاچاقچى» بولغاندىلا ياراملىق تەرجىمان، تىلشۇناس، يازغۇچى بولۇپ چىقالايسىلەر دەيتتى. يەنە ئۇيغۇر تىلىدىن دەرىس بېرىدىغان پىروفېسسور تۇردى ئەخمەت، ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتى ۋە يېزىقچىلىقىدىن دەرس بېرىدىغان لېكتور زەينۇرە ئەيسا خانىم، خەنزۇ تىلى لېكسىكىسىدىن دەرس بېرىدىغان سىنىپ مەسئۇلىمىز لېكتور خېي زەيچىن، لوگىكا دەرسى بېرىدىغان فاكۇلتېت مۇدىرى، دوتسېنت ئەنسەردىن مۇسا قاتارلىق ئۇستازلارمۇ بار. ھەممىسى ئاجايىپ قابىلىيەتلىك ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە كاتتا تىلشۇناسلار ئىدى. زەينۇرە ئەيسا خانىم تىلشۇناس بولۇپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە داڭلىق شائىرە ئىدى. دەرىسنىمۇ شۇنداق جانلىق ئۆتەتتى. ئوقۇتقۇچىلىرىمىز دەرىسلىككىلا ئېسىلىۋالمايتتى، ھەرگىز ئۆلۈك دەرىس ئۆتمەيتتى. دەرىسلىك كىتابىمىز بىر تەڭ بولسا، ئۇستازلارنىڭ قوشۇمچە قىلىدىغىنى بىر تەڭ ئىدى. ئۇلار ئۆز ۋاقتىدىكى شارائىتا تېگىشلىك ئۇنۋانغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە داڭىلق پىروفېسسورلاردىن قېلىشمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مەن ئوقۇتقۇچىلاردىن تەللىيىمىز كەلگەن دەپ قارايمەن. كۆپىنچىسى بىز ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەتكەندىن كېيىن پىروفېسسور بولۇپ لايىقىدا قەدرىنى تېپىپتۇ. يەنە بىر ئىشنى قىستۇرۇپ ئۆتكۈم كېلىۋاتىدۇ، خېي زەيچىن مۇئەللىم بىزگە يېڭى دەرسكە كىرگەن دەسلەپكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە «سىلەر ئۇيغۇر تىلىنى يەتمىش-سەكسەن پەرسەنت بىلسەڭلار چوڭ گەپ، مەنمۇ خەنزۇ تىلىنى شۇنچىلىك بىلەرمەن» دېۋىدى، ئىچىمدە كۈلگۈم كەلگەنىدى. چۈنكى، تۇغۇلۇشىمىزدىن ئۇيغۇرچە ئاڭلاپ، ئۇيغۇرچە سۆزلەپ، ئۇيغۇرچە ئوقۇپ كەلگەن بالىلارغۇ بىز دەپ ئويلايتتىم. كېيىن «يەتمىش-سەكسەن پەرسەنت بىلەرسىلەر» دەپ ئارتۇق دېۋەتكەنلىكىنى ھەقىقى ھېس قىلدىم. كىشى ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكىنى ياكى بىلىمىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ئىچكرىىلەپ ئۆگەنگەنسىرى ھېس قىلىپ يېتىدىكەن. ئىمتىھانلاردىن ئەلاچى دېگىدەك نەتىجىلەر بىلەن ئۆتۈپ ئوقۇش پۈتتۈرگىنىمدە ئالى مەكتەپتە تۆت يىل ئوقۇپ قانداق ئۆگىنىش كېرەكلىكىنىلا ئۆگىنىۋالغاندەك تۇيغۇدا بولغانىدىم. خىزمەتكە چۈشكىنىمدىن كېيىنمۇ نۇرغۇن يىل ئۆگىنىشنى توختاتمىدىم، ھازىرمۇ ۋاقتىمنىڭ يېتىشىچە ھەر خىل ئۇسۇل ۋە شەكىلدە ئۆگىنىپ تۇرۇۋاتىمەن.

5. تەرجىمانلىققا تەقسىم قىلىنىشىڭىز ۋە تەرجىمانلىققا يېڭى كىرىشكەن يىللاردىكى قىيىنچىلىقىڭىز ۋە خوشاللىقلىرىڭىز توغرىسىدا ئەسلەپ باقسىڭىز.
باۋۇدۇن ھەسەن: 1983-يىلى 7-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، 10-ئايدا كورلا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەرجىمە بۆلۈمىگە خىزمەتكە چۈشتۈم. مۇشۇنداق بىر مۇھىم ھەم چوڭ بىر ئورگاننىڭ مەمۇرىي خادىمى بولۇپ قېلىشنىڭ يېڭىلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى ئۈچۈن نەقەدەر خۇشاللىق ئىش ئىكەنلىكى ئۆز-ئۆزىدىن چۈشۈنۈشلىك. يەنە كېلىپ، ئۇ چاغلاردا جەمىيەت تەرجىمىگە ئالاھىدە موھتاج ئىدى، تەرجىمانلارنىڭمۇ ئالاھىدە ئەتىۋارى بار ئىدى، ئادەتتىكى پۇقرالارلا ئەمەس،ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرمۇ تەرجىمانلارغا ئالاھىدە ھۆرمەت كۆرسىتەتتى، يۇقۇرىدىن تۆۋەنگىچە ھەرقانداق خىزمەت تەرجىمىسىز-تەرجىمانسىز ياخشى يۈرۈشمەيتتى. قىيىنچىلىققا كەلسەك، يېڭى خىزمەتكە چۈشكەندە بەزى كونا تەرجىمانلار مېنى «ياخشى ئوقۇپتۇ، بىرەر يىلدا ياخشى تەرجىمان بولۇپ قالغىدەك» دەپ باھا بەرگىنىنى ئاڭلاپ ئاغزىمدا بىرنېمە دېمىگەن بولساممۇ، ئچىمدە ئاغرىنغانىدىم. نېمە؟ مەخسۇس تەرجىانلىق كەسپىدە ئالى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن تۇرۇقلۇق بىرەر يىلدا ئاندىن تەرجىمان بولۇپ چىقالايدىكەنمەنما؟...نىھايەت، بىرقانچە ئايدىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ بىرەر يىلدا ئەمەس، ئۈچ-تۆت يىلدا ئاندىن تەرجىمان بولۇپ چىقالايدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ياراملىق تەرجىمان بولۇش ئۈچۈن  ئىككى خىل تىلنىڭ لوغەت بايلىقىنى ــ تۈرلۈك سەھە ۋە كەسىپلەرگە خاس ئاتالغۇلارنى، سۆزلەملەرنى كەڭ دائىرىدە ئىگىلىگەن بولۇشى كېرەك ئىكەن، بۇ ئەقەللى شەرت ئىكەن، كۆپ نەرسە بىلىمەن دەپ تەمەننا ئەيلىشىمگە نۇرغۇن قوغۇن پىششىقى بار ئىكەن. يەنە كېلىپ، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ بىزگە قويغان تەلىپى ئوبدانلا تۆۋەن ئىكەن. ئوقۇتقۇچىلىرىمىز بىزگە بىرەر پارچە ماتىرىيالنى تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىر قېتىمدىن ئۈچ قېتىم ئوقۇپ، مەنىسىنى پىششىق بىلىۋېلىپ ئاندىن تەرجىمىگە تۇتۇش قىلىسىلەر؛ ئاغزاكى تەرجىمىدە، سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزىنىڭ مەنىسىنى %70 ~ %80 تەرجىمە قىلىپ بىرەلىسەڭلەر قالتىس ئىش بولىدۇ دەيتتى. ئەمەلىي خىزمەتتە بولسا كاتىپلار كېچىلەپ يېزىپ ئاران تەييارلىغان ماتىرىيالنى قولغا ئېلىپلا تەرجىمىگە تۇتۇش قىلمىساق ئۈلگۈرمەيتتى، ئاۋۋال ئوقۇپ تەرجىمە قىلىشقا نەدە ۋاقىت! ھەتتا بەزىدە ماتىرىيالنى قولغا ئېلىپلا تەرجىمە قىلىپ ئوقۇشقا توغرا كېلەتتى... ئاغزاكى تەرجىمىنىڭ پۈتۈن تەرجىمە، بۆلەكلىمە تەرجىمە، ئۇدۇللۇق تەرجىمە دېگەندەك تۈرلىرىنىڭ بارلىقىنى خىزمەت ئەمەلىيىتى جەريانىدىلا بىلدىم. شۇنىڭ بىلەن تۆت يىل ئوقۇپ قانداق ئۆگىنىش كېرەكلىكىنىلا بىلىۋالغانلىقىمنى ھېس قىلغانلىقىمنىڭ خاتا ئەمەسلىكىنى تېخىمۇ چۈشەندىم. شۇنىڭدىن كېيىن ۋاقىت تاپساملا خەنزۇچە – ئۇيغۇرچە گېزىتلەرنى ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە ئوقۇپ مەشىق قىلىپ ئاغزاكى تەرجىمە ماھارىتىمنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشتىم؛ «شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى ئىلمى» دېگەندەك ئىككى خىل تىلدىكى ئىلمىي ژورناللارغا بېسىلغان ماقالىلارنىڭ تەرجىمىسىنى تېپىپ، جۈملىمۇ- جۈملە سېلىشتۇرۇپ ئۆگەندىم. بىرەر يىلدا تۈرلۈك زىيائەتلەر، ئۆسۈملۈكلەر، چارۋىلار ۋە تۈرلۈك زىيانداش ھاشارەتلەر، كۆپ ئۇچرايدىغان زىرائەت ۋە چارۋا كېسەللىرىگە، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش جەريانىغا، سۇ ئىنشاھاتىغا دائىر نۇرغۇن بىلىملەرنى بىرمۇ – بىر خاتىرىلەپ ۋە يادلاپ ئۆگىنىپ، بىر-ئىككى يىلدا ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزلەشتۈرۈپ بولدۇم؛ ئاندىن يەنە شۇ ئۇسۇلدا مالىيە-ئىقتىساد، پىلان، ئىستاتىستىكىغا دائىر ماتىرىياللارنى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەدلىيە- قانۇنغا دائىر بىلىملەرنى ۋە ئاتالغۇلارنى بىر-بىرلەپ پۇختا ئۆگىنىشكە كىرىشتىم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان گىرامماتىكا، ئىستىلىستىكا، شەكلەن لوگىكا، رۇس تىلى دەرىسلىكلىرىمنى قايتىلاپ ئۆگىنىپ پۇختىلاشقا كىرىشتىم، يېڭى نەشىردىن چىققان تىل ئىلمىغا دائىر ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە بىرمۇنچە كىتاپلارنىمۇ ئۆگۈنۈپ ماڭدىم. ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە «تىل ۋە تەرجىمە»، خەنزۇچە «جۇڭگو تەرجىمانلىقى» قاتارلىق كەسپىي ژورناللاردىكى ماقالىلارنىمۇ ئۇدۇللۇق تاللاپ، كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىپ ھەم تەتقىق قىلىپ ماڭدىم، «شەكلىمۇ، مەزمۇنىمۇ ئوخشاش تەرجىمە نەزەرىيەسى». «ئەڭ يېقىن تەرجىمە نەزەرىيەسى» دېگەندەك ئەڭ يېڭى تەرجىمە نەزەرىيەلىرى بىلەن شۇ چاغلاردا تونۇشتۇتۇم، «توغرا، راۋان، گۈزەل تەرجىمە» نەزەرىيەسى، «تەڭ قىممەتلىك تەرجىمە» نەزەرىيەسى دېگەندەك ئەنئەنىۋى تەرجىمە نەزەرىيەلىرىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئۆگەندىم  ۋە تەتقىق قىلدىم ھەمدە تەرجىمە ئەمەلىيىتىمگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا تىل-تەرجىمىگە دائىر بەزى ماقالىلارنىمۇ يېزىپ، «تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلىدا ئېلان قىلدۇردۇم. ئۆگەنگەنلىرىمنى ئۆگەنگەن پېتى تاشلاپ قويماي، تىل-تەرجىمىگە دائىر نەزەرىيەلەرنى تەرجىمە ئەمەلىيىتىمگە، شۇنداقلا يېزىقچىلىق ئەمەلىيىتىمگە ئۇدۇللۇق تەدبىقلاپ ماڭدىم. خۇلاسە كالام، لاياقەتلىك تەرجىمان بولۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۇزاق ۋە جاپالىق جەريان كېتىدۇ.

6. تەرجىمە ئەمەلىيىتىنى ئېغىز تەرجىمىسى ۋە يېزىق تەرجىمىسى دەپ ئىككىگە بۆلۈش مۇمكىن.بۇ ئىككىسىنىڭ قىيىنلىق دەرجىسىدىكى پەرق ۋە ھەل قىلىش چارىسى ھەققىدە توپلىغان تەرجىرىبىلىرىڭىزنى بىلىپ باقساق.
باۋۇدۇن ھەسەن: شۇنداق، تەرجىمە ئاغزاكى تەرجىمە، يازما تەرجىمە دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئاغزاكى تەرجىمە يەنە بايىقى جاۋابىمدىكىدەك پۈتۈن تەرجىمە، بۆلەكلىمە تەرجىمە، ئىچاملىما تەرجىمە، ئۇدۇللۇق تەرجىمە دېگەندەك يۈرلەرگە بۆلىنىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا ئورگىنالىق تەرجىمە، ئورگىنالسىز تەرجىمە دەپ بۆلىنىدۇ. يازما تەرجىمە ئۇدۇل (تۇز تەرجىمە)، مەمەن تەرجىمە، ئىچاملىما تەرجىمە  دېگەندەك تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ. ھەر خىل تەرجىمىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئالاھىدىلىكلىرى، قىينلىق دەرىجىسى، ھەل قىلىش چارىسى بولىدۇ. بۇ ھەقتە توختىلىپ كەلسەم گەپ تولا، نەزەرىيەۋى مەسىلىگىمۇ ئايلىنىپ كېتىدۇ، مۇشۇنچىلىكلا توختىلاي، زېرىكتۈرۈپ قويماي يەنە.

7. تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا بۇ كەسپتىن زېرىككەن، تەرجىمان بولغىنىڭزىدىن پۇشايمان قىلغان، ۋاز كەچمەكچى بولغان چاغلىرىڭىز بولغانمۇ؟ سەۋەبى نېمە؟
باۋۇدۇن ھەسەن: تەرجىمانلىقتىن زېرىككەن چاغلىرىم بولمىدى، ھېچقاچان زېرىكىپ باقمىدىم، ئەكسىچە بۇ كەسىپكە پىشقانسىرى شۇنچە سۆيۈنۈپ، شۇنچە بېرىلىپ باردىم. تەرجىمانلىققا بەك ئىشتىياق باغلاپ كەتكەنلىكىم ئۈچۈن بولسا كېرەك، ئەزەلدىن ئۆز كەسپىمدىن سۆيۈنەتتىم ۋە تەرجىمان بولغىنىمدىن پەخىرلىنەتتىم. دەرۋەقە، تەرجىمان بولۇپ قالغىنىمغا پۇشايمان قىلغان ــ بۇ كەسىپنىڭ ئەتىۋارى بولمىغان، تەرجىماننىڭ قەدرى بولمىغان چاغلاردا تەرجىمان بولغىنىمغا بەكمۇ پۇشايمان قىلغان چاغلىرىممۇ بولغانىدى. چۈنكى، بىر چاغلاردا دۆلەتنىڭ كادىرلارنى ئالى مەكتەپلەرگە بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىپ تەربىيەلىشى، ئىش ئورنىدا تۇرغۇزۇپ ماتىيال ئارقىلىق ئوقۇتۇپ ئالى مائارىپ بويىچە تەربىيەلىشى، كاردىرلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن خەنزۇچە بىلىدىغان كادىرلارنىڭ كۆپەيگەنلىكى (بۇ خۇشاللىنارلىق ئاجايىپ ياخشى بىر ئەھۋال ئىدى، ئەلۋەتتە) تۈپەيلىدىن  بولسا كېرەك، تەرجىمە خىزمىتى ئانچە نەزەرىگە ئېلىنماس بولۇپ قالدى، تەرجىمانلارمۇ قەدىرسىز بولۇپ قالدى، ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان بىزگە ئوخشاش تەرجىمانلارنىڭمۇ شوپۇر، زاپخوس (تەمىنات خادىمى)، تازىلىق خادىمى قاتارلىق ئەڭ ئادەتتىكى خادىملارچىلىكمۇ ئەتىۋارى بولمىدى. بىر چاغلاردا تەرجىمان ئىشلىتىش تۈگۈل، خەنزۇ تىلىنى ئانچە بىلمەيدىغان ئاز سانلىق مىللەت خادىملارنىڭ چوڭ-كىچىك يىغىنلاردا سۆزلىشى زورۈر بولغان سۆزلىرى، يېزىشى زورۈر بولغان ماقالىلىرى، ماتىرىياللىرى ئۈچۈن جەزمەن خەنزۇ تىلىنى قوللىنىشى تەلەپ قىلىندى. ئەمەلىيەتتە بولسا خەنزۇچە بىلىدىغانلار بەرىبىر چاغلىق، بىلىدىغانلارنىڭ بىلىدىغىنىمۇ چاغلىق، خەنزۇچە بىلمەيدىغان ئاددى پۇقرالار مۇتلەق كۆپ ساندا ئىدى. ئەپسۇسكى، بۇ رىياللىقنى ھېچكىم نەزەرگە ئالماس بولۇپ كەتكەنىدى...بوپتۇلا، بۇ رىيالللىقنى، شۇنداقلا تەرجىمە خىزمىتىنى ۋە تەرجىمانلارنى نەزەرگە ئېلىشمىسا ئېلىشماۋەرسۇن، بۇ كەسىپنى ئۆزۈم قەدىرلەۋىرەي دېگەندەك ئويلاردا كىتاپ تەرجىمە قىلاي دېسەم، تونۇلغان تەرجىمان بولمىغانلىقىم، تېخىمۇ توغرىراقى ئاساسىي قاتلامدىكى تەرجىمان بولغانلىقىم ئۈچۈن تەرجىمىگە كىتاب ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىدىغان نەشىرىياتنىڭ تايىنى بولمىدى، بەزىدە كىتاپ ئۇيۇشتۇرۇلۇپ بېرىلسىمۇ، كۆڭۈلدىكىدەكراق كىتابلارنىڭ تايىنى بولمىدى (شۇنداقتىمۇ قولۇمغا چۈشكەن كىتابلارنى بار كۈچۈم بىلەن ياخشى تەرجىمە قىلىشقا تىرىشتىم، ئەلۋەتتە). ھالبۇكى، كەسىپكە تازا پىشقان قىران چاغلىرىم ئىدى، ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىشقا چاپچىپ تۇرغان تۇلپاردەك ئىچىم قايناپ تۇراتتى، خېلى-خېلى سالماق كىتاپلارنى (خەنزۇچە ياكى ئۇيغۇرچە يىرىك كىلاسسىك كىتابلارنىمۇ) تەرجىمە قىلىشقا تامامەن كۆزۈم يېتەتتى، شۇنداقلا خېلى-خېلى داڭلىق تەرجىمانلاردىن ياخشىراق تەرجىمە قىلالايدىغانلىقىمغا ئىشەنچىم كامىل ئىدى. شۇڭا بۇنداق قەدىرسىز كەسپ ئىگىسى بولۇپ قالغانىمدىن پۇشايمان قىلغانىدىم. ئادەمنىڭ ئۆمرى قانچىلىك بولماقچىتى، شۇ قىسقىغىنا ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى بېغىشلىغان كەسپى ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە قەدىرسىز بولۇپ قالسا، ئادەمنىڭ شۇنداق قەدىرسىز بىر كەسىپ ئىگىسى بولۇپ قالغىنىغا پۇشايمان قىلىشى تەبىئى-دە. بىراق، شۇنداق كۈلەردە «دۇنيا ئەدەبىياتى»نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ ئالى مۇھەررىرى راخمات مامۇت ئاكا، مۇھەررىرىلىرى دىلشات سۇلتان ئاكا، مۇنارجان توختاخۇن ئەپەندى، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ساتتار ئابدۇللا ئاكا، مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى غوپۇر قادىر ئاكا، مۇھەررىرى قادىر راخمان ئاكا قاتارلىق ئۇستازلار بۇ ئىككى ژورنالغا ئەۋەتكەن خېلى كۆپ تەرجىمە ئەسەرلىرىمنى ئاساسىي جەھەتتىن بىرىنىمۇ قالدۇرماي ئىشلەتتى، بۇ ھال ماڭا كۈچلۈك مەدەت بولدى ھەمدە ئاشۇ كۈنلەردە پەرىشان كۆڭلۈمگە بىردىنبىر تەسەللى بولدى. بۇ يەردە قىستۇرۇپ ئۆتۈشۈمگە توغرا كېلىۋاتىدۇ، بەزى كەسپداشلارنىڭ مېنى شۇ ژورناللارنىڭ مۇھەررىرلىرى بىلەن تونۇشلۇقى ياكى ئالاھىدىراق مۇناسىۋىتى بار، ئۇنداق بولمىغىنىدا نېمىشقا بىزنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىمىز چىقماي، باۋۇدۇن ھەسەننىڭلا تەرجىمىسى چىقىدۇ دېگەندەك پاراڭلارمۇ قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالغانىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇستازلارنىڭ ھېچقايسىسى مېنى تونۇمايتتى، مەنمۇ ئۇلارنى ژورنال يۈزىسىدىلا تونۇيتتۇم. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۈرۈمچىگە يول چىقىپ، «دۇنيا ئەدەبىياتى»دىكىلەرگە سالاپ بېرىپ ئۆتۈش ئويىغا كېلىپ، تەھرىر بۆلۈمىگە ئۇدۇللا ئۈسۈپ كىرىۋىدىم، ئۇلار مېنىڭ ئۆزلىرى ئويلىغىنىمدەك پېشقەدەم تەرجىمان ئەمەس، خېلى ياش بىر يىگىت ئىكەنلىكىمنى بىلىپ ھەيران قېلىشتى (ئۇ چاغلاردا ئوتتۇز ياشتىن ھالقىغان ۋاقتىم ئىدى). 1990-يىلىغۇ دەيمەن، ئاقسۇدا چاقىرىلغان شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئەدەبىي تەرجىمە مۇھاكىمە يىغىنىغا بارغىنىمدا، شۇ يىغىننى كونكىرىت تەشكىللىگۈچى ساتتار ئابدۇللا، غوپۇر قادىر  قاتارلىق ئۇستازلارمۇ: «ۋوي، پېشقەدەم تەرجىمان ئوخشايدۇ دېسەك، ياشلا بالا ئىكەنسىزغۇ» دەپ قېلىشقانىدى (شۇ چاغدا يىغىن قاتناشقۇچىلار ئىچىدە ئەڭ ياش ئىدىم، «ئىستىلىستىكىنىڭ ئەدەبىي تەرجىمىدىكى رولى مەسىلىسى» دېگەن ئىلمىي ماقالام بىلەن يىغىنغا چاقىرىلغانىدىم). دېمەك، ئۇ ئۇستازلار بىلەن ھېچ تونۇشلۇقىمىز يوق ئىدى.
دەپ-دەپ چەتنەپ كەتتىممۇ-قانداق، مۇشۇنچىلىك جاۋاب بېرىپ تۇراي.

8. ئالىي مەكتەپ بىلەن ئەمەلىي خىزمەت ئىككىسى ئىككى دۇنيا، ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەن نۇرغۇن نەزەرىيە ھەم يادلىما چۈشەنچىلەر ئەمەلىيەت جەريانىدا ئەسقاتماسلىقى، ھەتتا كىشىنى كۈلكىلىك ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشىمۇ مۇمكىن. مۇشۇ ھەقتىكى تەسىراتىڭىزنى ئاڭلاپ باقايلى.
باۋۇدۇن ھەسەن: ئۇنداق دېگىلىمۇ بولمايدۇ، ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەن نەزەرىيەۋى بىلىم ئەمەلىي خىزمەتتە تازا ئەسقاتىدۇ، گەپ تەدبىقلاشنى بىلىشىمىزگە باغلىق. بۇ دېگەنلىك ئۆگەنگەن نەزەرىيەۋى بىلىم بىلەنلا خىزمەتنىڭ ھۆدىسىدىن چىقىپ كەتكىلى بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. دەرۋەقە، ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەن بىلىم ئازلىق قىلىدۇ، خىزمەت ئەمەلىيىتى بولسا مۇرەككەپ بولىدۇ، شۇڭا خىزمەت جەريانىدا نەزەرىيەۋى بىلىمىمىزنى تولۇقلاپ، يېڭىلاپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ بېرىشىمىزغا، ئەمەلىي خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىللدۇرۇشقا، تەدبىقلاپ مېڭىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئۆزەمنىڭ ئەمەلىيىتىمنى مىسالغا ئالسام، تەرجىمە جەريانىدا مۇرەككەپ، چىگىش تەرجىمە ۋە تىل مەسىلىلىرىگە دۇچ كەلگىنىمدە تەرجىمە ۋە تىل نەزەرىيەلىرىگە، ھامان بىر نەزەرىيەۋى قانۇنىيەتكە، جۈملىدىن ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەن نەزەرىيەۋى بىلىمگە مۇراجەت قىلىمەن-دە، كۆڭلۈم پاللىدە يورۇپ، مەسىلىنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىپ كېتىمەن. ياش چاغلىرىمدىلا ئەمەس، ھازىرمۇ شۇنداق.

   9. سىز ئۇزۇن مۇددەت مەمۇرىي ئورۇندا پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك سىياسىي ماتېرىياللىرىنى (سىياسىي دېگىنىڭىز تازا توغرا بولمىدى، ماتىرىيال ياكى ھۆججەت دېسىڭىزلا كۇپايە) تەرجىمە قىلىش بىلەن شۇغۇللاندىڭىز، بۇنداق ماتېرىياللارنىڭ تەرجىمىسى بىلەن ئەدەبىي تەرجىمىنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى زور پەرق بولۇشى مۈمكىن، ئىككى خىل تەرجىمىنىڭ ئوخشاشلىقى ھەم پەرقى ھەققىدە سۆزلەپ باقسىڭىز.
  باۋۇدۇن ھەسەن: پەرققۇ بار، ھەتتا چوڭراق پەرق بار دېگىلىمۇ بولار، لېكىن چوڭ ياكى زور پەرق يوق. چۈنكى، كۈزىتىشىمچە، كۆپىنچە ژانىر ئەدەبىياتسىز، ئەدەبىي تىلسىز پۈتمەيدۇ، ئەدەبىي ئەسەرلەرگە خاس تىل ئامىللىرى بىلەن باشقا ژانىرلارنىڭ تىل ئامىللىرى بەزى ھاللاردا بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كېتىدۇ.  ھەتتا تەبىئىي پەنگە مەنسۇپ ژانىرلارمۇ شۇنداق. پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا كۆپرەك قوللىنىلىدىغان ھۆججەت-ماتىرىياللارغا كەلسەك،بۇلار پوبلىستىك ماقالە- ئەسەر ژانىرىغا مەنسۇپ، بۇنداق ماقالە ئەسەرلە ھۆججەت-ئالاقە دەپمۇ، سىياسىي نەزەرىيەۋى ماقالە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇنداق ماقالە-ھۆججەتلەردە ئاددىسى ماقال- تەمسىل، ئىدىيوم، شېئىر، مەسنەۋى، شۇنداقلا ئوخشىتىش سۆزلىرى دېگەندەك ئەدەبىيات ژانىرىغا مەنسۇپ ئامىللار كۆپرەك ئۇچرايدۇ. بۇنداق ئامىللارنى تەرجىمە جەريانىدا ئەدەبىي ئامىللارنى نىشان (تەرجىمە) تىلىدا چۈشۈرۈپ قويماي ئەينى پېتى يەتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. بىرلا مېسال ئېلىپ ئۆتەي، بۇرۇن «ئۇزۇن يېشىل ئەجدىھا» ماۋزولۇق بىر پارچە پوبلىستىك ماقالە ئۇچرىغان، بۇ ماقالىدا دېيىلىۋاتقان «ئەجدىھا» كورلىغا قاتنىغان پويىز. ئېنىقكى، ئەسلى تىلدا ئوخشىتىش ۋاسىتىسى قولىنىلغان. بۇ ئوخشىتىشنى ئۇيغۇرچىدا ئەينى پېتى «ئەجدىھا» دەپ تەرجىمە قىلىدىغان بولسام، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرنىڭ قانداق تەسىراتتا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى سىزمۇ ئوبدان بىلىسىز. «پويىز» دەپ ئۇدۇللا ئالسام، ئەدەبىيات ئامىلى يوقاپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىجادىي بىر تەرەپە قىلىپ «خاسىيەتلىك يېشىل ئەجدىرھا» دەپ ئېلىپ خېلى ياخشى بىر تەرەپ قىلدىم («خەيرلىك يېشىل ئەجدىرھا» دەپ ئالغان بولسام تېخىمۇ ياخشى بولار ئىكەن). ژانىرلارنىڭ ئوخشاشلىقىغا كەلسەك، ھەممىسى تىل بىلەن پۈتىدۇ. «ئەدەبىيات ــ تىل سەنئىتى» دېگەن ھۆكۈمنى كۆپ ئۇچرىتىمىزغۇ؟ مېنىڭچە، ئەدەبىياتلا ئەمەس، ھەرقانداق ژانىر «تىل سەنئىتى». چۈنكى، تىل سەنئىتىگە قانچىكى ماھىر بولغان كىشى ھەرقانداق ژانىردىكى نۇتۇق ياكى ماقالىدا ئۇقۇم ۋە ئوي-پىكىرنى شۇنچىكى ئېنىق ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ، تەرجىمىدىمۇ شۇنداق. ھالبۇكى، ئەدەبىي تەرجىمە تەرجىماندىن كۈچلۈك بەدىئىي تالانت ۋە ماھارەت، مۇنداقچە ئېيتقاندا، يازغۇچىدىنمۇ كۈچلۈكراق بەدىئىي تىل ماھارىتى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى، ئەدەبىيت ژانىرى ئارىلاپ-ئارىلاپ ئەدەبىيات ئامىلى ئارىلىشىپ قالىدىغان باشقا ژانىرلاردىكى ئەسەر-ماقالە ئەمەس، بەلكى ساپ ئەدەبىيات ئامىلى بىلەن پۈتكەن ئەسەر ژانىرى.
10. بىزدە تەرجىمانلار ناھايىتى كۆپ، بىر ئۆمۈر ئادەتتىكى ئىشخانا ماتېرىياللىرىنىڭ  تەرجىمىسى بىلەن ئۆتۈپ كېتىدىغانلارمۇ تالاي، سىز قانداق بىر سەۋەبلەرگە كۆرە ئەدەبىي تەرجىمىگە كىرىشىپ قالدىڭىز؟
  باۋۇدۇن ھەسەن: توغرا دەيسىز، تەرجىمانلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر ئۆمۈر خىزمەت دائىرىسىدىكى ژانىر تەرجىمىسى (ھۆججەت-ماتىرىيال تەرجىمىسى، پەن- تېخنىكا ماقالە - ئەسەرلىرى تەرجىمىسى قاتارلىق تەرجىمىلەر) بىلەنلا ئۆتۈپ كېتىدۇ. بىراق، بۇنىمۇ يامان دېگىلى بولمايدۇ، پەقەت جان باقتىلىق بىلەن ئەمەس، كەسىپچانلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئۆز كەسپىنى بېرىلىپ ئىشلىگەن بولسىلا. مېنىڭ ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىپ كېتىشىمدىكى سەۋەب، يىغىپ ئېيتقاندا، باشتا ئېيتقىنىمدەك، كىچىكىمدىنلا ئەدەبىياتقا كۈچلۈك ئىشتىياقىم بار ئىدى، شۇڭىمۇ ئەدەبىيات ئوچۇقىدا خېلى تاۋلانغان، كونكىرىت ئېيتسام، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئوقۇغان، ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمدىلا شېئىر-قوشاق، نەسىر، كېيىنچە ھېكايە يېزىپ مەشىق قىلغان (ئۇ چاغلاردا مەشىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم،پەقەت يازغۇملا كلەتتى، شۇڭا قاملاشتۇرالىسامدۇ-قاملاشتۇرالمىسامدۇ يازاتتىم)، شۇنىڭ بىلەن ۋۇجۇدۇمدا بەلگىلىك بەدىئىي ماھارەت يېتىلدۈرگەن بولسام كېرەك،بىر چاغلاردا ئاساسەن «بوستان» ژورنىلىدا، شۇنداقلا باشقا گېزىت-ژورناللاردا بولۇپ ئون نەچچە ھېكايە ئېلان قىلدۇرغان، كۆپىنچە ھېكايەم ئۆزۈمگە تازا يارىمىسىمۇ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋە يارەنلىرىمنىڭ خېلى ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەنىدىم. كېيىنچە ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن توختاپ قالدىم، لېكىن ئەدەبىي تەرجىمىدىن توختىمىدىم، بەلكى ئەدەبىي تەرجىمىگە بەكراق بېرىلدىم ۋە ئىچكىرىلەپ كىرىپ كەتتىم. دېمەك، ئەدەبىي تەرجىمىنى قاملاشتۇرماق ئۇنچە ئاسان ئىش بولمىسا كېرەك، مەن ھەرھالدا قاملاشتۇردۇم دېسەممۇ بولىدۇ. راستىمنى ئېيتسام، ئەدەبىي تەرجىمە ماڭا باشقا ژانىرلارنىڭ تەرجىمىسىدىن ھېچقانچە پەرقى يوقتەك، ھەتتا ئاسانراقتەك بىلىنىدۇ.

11. ئەڭ بۇرۇنقى ئەدەبىي تەرجىمە ئەسىرىڭىز قايسى؟ ئېلان قىلىنىش جەريانى قانداق بولغان؟
باۋۇدۇن ھەسەن: تۇنجى قېتىم مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان تەرجىمە ھېكايەم «دۇنيا ئەدەبىياتى»نىڭ 1984-يىللىق سانلىرىنىڭ بىرىدە ئېلان قىلىنغان «كىشىلەر ئازابتىن قۇتۇلسۇن» ناملىق ھېكايە. بۇ تۈركىيەلىك يازغۇچى ئەزىز نەسىننىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان شۇ ناملىق ساتىرىك ھېكايىلەر توپلىدىكى قىسقىراق ساتىرىك ھېكايىسى ئىدى. ئالاھىدە جەريانمۇ يوق، ئەمدى ھېكايە تەرجىمە قىلىپ باقمايمەنمۇ دېگەندەك ئويلار بىلەن تەرجىمە قىلىپلا ئەۋەتتىم (ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلرىمدىمۇ پەن-تېخنىكا بىلىملىرى، ساۋاتلىرىغا دائىر ماقالىلارنى تەرجىمە قىلىپ «بىلىم-كۈچ»، «شىنجاڭ ياشلىرى» قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلدۇرغان، ئەدەبىي تەرجىمە مەشقىمۇ قىلىپ باققانىدىم)،  ئۇزۇنغا قالماي بېسىلىپ چىقتى. بۇ تەرجىمەمنى ژورنال يۈزىدە كۆرۈپ بەك ھاياجانلاندىم ۋە ماڭا ئاجايىپ مەدەت بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەزىز نەسىننىڭ شۇ كىتابىدىن خېلى كۆپ ھېكايە تەرجىمە قىلىپ ئەۋەرتىۋەردىم، بىرىمۇ قالماي بېسىلىپ چىقىۋەردى (ئېلان قىلىنمىغانلىرىدىن ئەڭ ياخشىسى دەپ قارىغانلىرىمنى تاللاپ تەرجىمە قىلاتتىم). باشقا چەت ئەل ھېكايىلىرىنىمۇ تەرجىمە قىلىپ ئەۋەتتىم، ھەممىسى دېگىدەك بېسىلىپ چىقتى. ئارىلاپ جۇڭگولۇق يازغۇچىلارنىڭ، جۈملىدىن موڭغول، تىبەت يازغۇچىلارنىڭ ھېكايىلىرىنىمۇ تەرجىمە قىلىپ «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژورنىلىغا ئەۋەتىپ باقتىم، ئۇ ژورنالدىمۇ بېسىلىپ تۇردى. «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» قاتارلىق گېزىتلەردىمۇ بىرقانچە پارچە ئەدەبىي تەرجىمە ئەسەر ئېلان قىلدۇردۇم. «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ تەھرىر بۆلۈمىدىكىلەر بەزىدە تەرجىمىگە ئەسەر ئۇيۇشتۇرۇپ بېرەتتى، «رېينانىڭ پاجىئەسى» ناملىق پوۋىستنىمۇ راخمات مامۇت ئاكا ئۆزى ئۇيۇشتۇرۇپ ئەۋەتكەنىدى. دېمەك، خېلى تەلەيلىك ئوخشايمەن.

12. تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلالمىغان ئەسەرلىرىڭىزدىن نەچچىسى بار؟
باۋۇدۇن ھەسەن: كۆپ ئەمەس، ئالتە-يەتتە پارچىدىن ئاشمايدۇ. ئېلان قىلىنمىغانلىقىنىڭ  ئاساسىي سەۋەبى، ئەسەرنى ياخشى تاللىيالمىغانىكەنمەن (مەتبەلەرگە يارىغىدەك ئەسەر تاللاپ تەرجىمە قىلماق ۋە ئېلان قىلدۇرماق ئاسان ئەمەس-دە، شۇڭا بۇنى كۆپ دېگىلى بولمايدۇ). تەرجىمە ئۈچۈن ئەسەر تاللاشمۇ بەك مۇھىم، ھەرقانچە ياخشى تەرجىمە قىلغىنىڭىز بىلەن، تەرجىمە قىلغان ئەسىرىڭىز گېزىت-ژورنالنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، تەھرىرلەرمۇ ئېلان قىلالمايدۇ. بەزى تەرجىمە ئەسىرىمنىڭ ئېلان قىلىنمىغىنىغا ئۆزۈممۇ قايىل بولۇپ قالاتتىم. پەقەت بىر يىلى «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژورنىلىغا ئەۋەتكەن ياپونىيەلىك بىر يازغۇچىنىڭ «ئەدەن قولتىقىدىن ئۆتكىچە (خەنزۇچىسى «去亚丁湾的路上» ئىدى) ناملىق بىر ھېكايىسىنىڭ تەرجىمىسىنىڭ چىقمىغىنىغىلا بەك ئۆكۈندۈم. چۈنكى، بۇ پارىژدا ئوقۇيدىغان ياپونىيەلىك بىر يىگىت ــ سېرىق تەنلىك يىگىت بىلەن فىرانسىيەلىك بىر قىز ــ ئاق تەنلىك قىزنىڭ مۇھەببىتى تەسۋىرلەنگەن، ياپونىيە بويىچە قايسىدۇ بىر تۈرلۈك كاتتا ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا قاتناشتۇرۇلۇپ 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تولىمۇ لېرىك ۋە تەسىرلىك، ھەجمى پوۋىستچە كېلىدىغان خېلى چوڭ ھەجىملىك بىر ھېكايە بولۇپ، چوقۇم چىقىدۇ دەپ ئويلىغاندىم، چىقمىدى. ئىككى يىلچە ئۆتكەندە سۈرۈشتۈرۈۋىدىم، تەھرىرلەر پەقەت ئېسىگە ئالالمىدى. كېيىن كونا ماقالىلار ئىچىدىن كۆپ ئاختۇردۇق، چىقمىدى دەپ ئۇچۇرمۇ بەردى. مېنىڭچە، ئۇ بىر تەساددىپىيلىق ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن شۇ ھېكايىنى كىتاپخانىلاردىن، كۇتۇپخانىلاردىن، كونا كىتاب بازارلىرىدىن كۆپ ئىزدىدىم، تاپقان بولسام قايتا تەرجىمە قىلاتتىم، تاپالمىدىم. ئەپسۇس.

13. سىزنىڭچە تەرجىمىنىڭ ئەڭ جاپالىق يېرى نەدە؟
باۋۇدۇن ھەسەن: بۇ خېلى مۇرەككەپ سۇئال بولدى، بۇ سۇئالىڭىزغا بىر-ئىككى ئېغىز گەپ بىلەنلا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ بىرنېمە دەپ باقاي. تەرجىمە يېزىقچىلىققا ئوخشاشلا ئىجادىي ئەمگەك، شۇنداقلا تېخنىكىلىق ئەمگەك. يېزىقچىلىقتا ياكى نۇتۇقتا بەزى مۇرەككەپ مەزمۇننى تاشلىۋەتسىڭىزمۇ، تومتاقلا يازسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن تەرجىمىدە ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ، ئەسلى ئەسەردە ياكى نۇتۇقتا بار مەزمۇننى چۈشەنگىلى ياكى ئېنىق ئىپادىلىگىلى بولمىدى دەپ تاشلىۋەتسىڭىز ياكى ئۇرۇپ-سوقۇپ، پوملاپلا يەتكۈزسىڭىز، ئامانەتكە خىيانەت قىلغاندەك بىر ئىش بولىدۇ. شۇڭا، بەزىدە مۇرەككەپ كىچىككىنە بىر مەزمۇننى چۈشۈنىۋېلىش (چۈشىنىش تەرجىمىنىڭ ئاساسى) ئۈچۈن كۆپلەپ ماتىرىيال كۆرۈشكە، كۆپ تەرەپلىمە ئىزدىنىشكە، ئەتراپلىق ئويلىنىشقا، شۇ ئاساستا نىشان تىل ئوقۇرمەنلىرى چۈشۈنەلىگىدەك ئېنىق ئىپادىلەش ئۈستىدە ئويلىنىشقا توغر توغرا كېلىدۇ. يەنە كېلىپ تۈرلۈك ژانىرلاردىكى ماقالە-ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە تەلىپى بىردەك بولۇۋەرمەيدۇ، بەزى ژانىرلاردىكى مەزمۇننى،مەسىلەن، قانۇن ھۆججەتلىرىنىڭ، جۈملىدىن توختاملارنىڭ تىلىنى قىلچە ياسىماي ئەينى بويىچە تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ (ئەسلى مەزمۇن قەستەن مۈجىمەل، ئىككى بىسلىق يېزىلغان بولۇشى مۈمكىن). ئۇنىڭ ئۈستىگە، تۈرۈك ئوقۇرمەن ياكى ئاڭلارمەنلەر ئۈچۈن قىلىنىدىغان تەرجىمىنىڭ تەلىپىمۇ ئوخشاش بولۇپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ئوقۇرمەن ياكى ئاڭلارمەنلەرنىڭ سەۋىيەسى، چۈشۈنۈش ئىقتىدارى، زوقى قاتارلىق تەرەپلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىدە، خەنزۇچىنى ياكى ئەسلى تىلنى ئانچە – مۇنچە بىلىۋېلىپلا تەرجىمىڭىزدىن پۇتاق چىقىرىدىغانلارمۇ چىقىپ قالىدۇ، خۇددى تولۇق بىلىدىغاندەك ياكى ئەسلى تىلدا نېمە دېيىلگەنلىكىنى، تەرجىمىدە نېمە دېيىلگەنلىكىنى ياكى نېمە دېيىش كېرەكلىكىنى بىلىدىغاندەكلا. شۇڭا، تەرجىمە ئوقۇرمەنلىرىنى رازى قىلماق ئانچە ئاسان ئەمەس.  مەن بەزىدە ھەتتا تەرجىمە مۇھەررىرلىرىنىڭ خۇسۇسىي تىل ئادىتى قاتارلىق تەرەپلىرىنى نەزەرگە ئېلىپ، بەزى سۆز-جۈملىلەرنى ئىرادەمگە خىلاپ ئېلىشقىمۇ مەجبۇر بولۇپ قالىمەن.

14. تەرجىمە مۇرەككەپ ئىلمىي ئەمگەك دەپ قارىلىدۇ، بۇ ئەمگەكنى «ئىلمىي» دېيىشىمىزنىڭ ھەم «مۇرەككەپ» دېيىشىمىزنىڭ ئاسىاسى نېمە؟
   باۋۇدۇن ھەسەن: بۇ سۇئالىڭىزغا بايىقى جاۋابىمدىن جاۋاب چىقىپ قېلىشى مۈمكىن.

15. ئۆزىڭىز ئەڭ رازى بولغان تەرجىمىڭىز قايسى، ئەڭ رازى بولمىغان تەرجىمىڭىزچۇ؟
باۋۇدۇن ھەسەن: بۇ تېخىمۇ قىيىن سۇئال بولدى، ماڭا  خۇددى قايسى بالىڭىز ئەڭ چىرايلىق، قايسى بالىڭىز ئەڭ سەت دېگەن سۇئال ئالدىدا توختاپ قالغىنىمدەك توختاپ قېلىۋاتىمەن (چاقچاق-ھە). ئەڭ رازى بولغان تەرجىمە ھېكايەم «دۇنيا ئەدەبىياتى»نىڭ 1986-يىللىق 4-سانىغا بېسىلغان «كاتتا ئەرباپ». مۇھەررىرلەرنىڭ، شۇنداقلا كېيىن تونۇشقان بەزى ئاغىنىلەرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا مېنى «پېشقەدەم تەرجىمان» دەپ ئويلاپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان تەرجىمە ھېكايەممۇ شۇ بولسا كېرەك. چۈنكى، ئەشۇ ھېكايىدە سۆز-جۈملىلەرنى خېلى جايىدا جانلىق قوللانغاندەك قىلىمەن. ئۆزۈم ئەڭ جايىدا تەرجىمە قىلماپتىمەن دەپ ئويلىغان تەرجىمە ھېكايەم «دۇنيا ئەدەبىياتى»نىڭ 1984-يىللق سانلىرىنىڭ بىرىدە ئېلان قىلىنغان تۇنجى تەرجىمە ھېكايەم «كىشىلەر ئازابتىن قۇتۇلسۇن» بولسا كېرەك. چۈنكى، بۇ تەرجىمەمنىڭ تىلى تازا تاۋلانمىغان، ئۈچۈنچى شەخس ئالماش «ئۇ» سۆزىنىمۇ خېلى كۆپ ئىشلىتىۋەتكەنىكەنمەن، ھەتتا «كىرسۇن» دەپ بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا تىرىڭ تەرجىمە قىلىشقا تېگىشلىك بىر جۈملە سۆزنى «ئۇنى ئېلىپ كىرىڭلار» دەپ كېلەڭسىز تەرجىمە قىلغانىكەنمەن. يەنە شۇ يىللىق 5-ساندا ئېلان قىلىنغان شولۇخوفنىڭ «بالىلىرىنىڭ قايغۇسىدا قالغان ئادەم» ناملىق ھېكايىسىنىڭ ماۋزوسىنىڭ تەرجىمىسىمۇ ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك چىقمىغان. مەن ئەسلى «بالا-چاقا بالاسىدا قالغان ئادەم» دەپ تەرجىمە قىلغان، مۇھەررىر شۇنداق ئۆزگەرتىپ قويۇپتۇ، ئۆزگەرتكىنى مېنىڭ تەرجىمە قىلغىنىمدىن ياخشى چىقىپتۇ، ئەلۋەتتە. بىراق، «بالا دەردى» دەپلا ئالغان بولسام، تېخىمۇ ياخشىراق بولارمىتىكىن دەيمەن (رۇس تىلىدىن ئازراق خەۋىرىم بار ئىدى، ماۋزوسىنىڭ رۇسچىسىنى بىلگەن بولسام، تېخىمۇ ياخشى تەرجىمە قىلغالىغان بولار ئىدىم).  
16. سىز بىر ئەدەبىي تەرجىمان بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن تەرجىمە ئىشلىرى جەريانىدا تەبىئىي يوسۇندا «تىل سىنچىسى» بوپ قالىدىغانلىقىڭىز ئېنىق، سىز ئۇيغۇر-خەنزۇ تىللىرى بويىچە قوش يۆنىلىشلىك تەرجىمان، تەرجىمە ھاياتىڭىزدا خەنزۇ تىلى ھەققىدىمۇ، ئۇيغۇر تىلى ھەققىدىمۇ چوقۇم ئۆزگىچە قاراشلىرىڭىز بار، خەنزۇ تىلىغا نىسبەتەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانداق ئارتۇقچلىقلىرى ھەم كەمچىلىكلىرى بار؟ ھېس قىلىغىنىڭىزچە بولغاندا خەنزۇ تىلىنىڭ ئىپادىلەشلىرىدە قانداق ئارتۇقچىلىق ھەم يېتىشسىزلىكلەر بار دەپ قارىدىڭىز؟
باۋۇدۇن ھەسەن: «تىل سىنچىسى» دېگەن ئاتالمىڭىز ماڭا بەك ياقتى، بۇ ئاتالمىنى «تىل كۈزەتكۈچىسى» ياكى تېخىمۇ ئىخچاملاپ «تىلچى» دېگەن مەنىدە چۈشەنسەك بولار دەيمەن. تەرجىمان بولغان ئادەم ئالدى بىلەن تىلچى بولۇشى كېرەك، ئۆزىدە بەلگىلىك دەرىجىدە تىل ساپاسى ھازىرلىمىغان ئادەم لاياقەتلىك تەرجىمان بولالمايدۇ، زومىزو تەرجىمان بولغان تەغدىردىمۇ «چالا تەرجىمان» بولۇپ قالىدۇ. دېمەك، تەرجىمان تىلنى ــ تىلنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى، يەنى گىرامماتىكىسى، ئىستىلىستىكىسى قاتارلىق تەرەپلىرىنى، ھەتتا مەنتىقىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىمۇ ياخشى بىلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن سەھە ۋە كەسىپكە دائىر بىلىمگە، جۈملىدىن شۇ كەسىپ ۋە ساھەدە قوللىنىلىدىغان تىل بىلىمىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. مەن شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ تەرجىمانلىق ھاياتىمدا ئالىي مەكتەپتە ئىستىلىستىكا دەرسى بەرگەن رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا مۇئەللىمنىڭ تەلەپ قىلغىنىدەك، ئىزچىل تۈردە تىلغا، تۈرلۈك تىل ھادىسىلىرىگە ـــــ سۆزلەرنىڭ لېكسىكىلىك مەنىلىرىگە ۋە گىرامماتىكىلىق ئۆزگۈرۈشلىرىگە، ئىستىلىستىكىلىق، لوگىكىلىق ئالاھىدىكلىرىكلىرىگە يېقىندىن دېققەت قىلىپ كەلدىم، ئالى مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنمۇ تۈرلۈك ساھەدىكى كىتابلارنىمۇ خېلى ئوقۇغانمەن. تەرجىمە داۋامىدا، مەيلى ئۇيغۇرچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا بولسۇن ياكى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىش داۋامىدا بولسۇن، سۆز تاللاشقا، تەرجىمىنىڭ چۈشىنىشلىك بولۇشىغا، ئۇقۇملارنىڭ ئېنىق يەتكۈزۈلۈشىگە ئالاھىدە دېققەت قىلىپ كەلدىم. تىل ھادىسىسى ئۆز نۆۋىتىدە مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ، بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتى شۇ مىللەتنىڭ تىلىدىمۇ ئۆز ئاپادىسىنى تاپىدۇ. شۇڭا، بىر مەللەتنىڭ تىلىنى ياخشى بىلىش بىلەن بىرگە شۇ مىللەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى بىلەنمۇ تونۇشۇشقا توغرا كېلىدۇ,قانچە پىششىق ۋە چوڭقۇر تونۇشسا، شۇنچە ياخشى. مەن تەرجىمانلىق ھاياتىمدا خەنزۇ خەالقىنىڭ تىلىنى يۈزەكى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش بىلەنلا قانائەتلىنىپ قالماستىن، مەدەنىيىتى، ئىدولوگىيەسى، مىجەز-خارەكتىرى قاتارلىق تەرەپلىرى بىلەنمۇ پىششىقراق تونۇشۇشقا تىرىشىپ كەلدىم، بەزىدە ئۆزۈمنى «خەنزۇشۇناس» دەپ ئاتىۋالغۇم كېلىپمۇ قالىدۇ.
ئۇيغۇر-خەنزۇ تىللىرى ئوتتۇرۇسىدىكى پەرققە كەلسەك، ھەر ئىككى تىلنىڭ بىر-بىرىدىن ئۈستۈن تۇرۇدىغان ئارتۇقچىلىقلىرىمۇ، بىر - بىرىگە يەتمەيدىغان يېتەرسىزلىكلىرىمۇ بار. تىللار ئادەتتە يېپىشقاق تىل، بوغۇملۇق تىل دەپمۇ بىرقانچە تۈرگە ئايرىلىدۇ، ئۇيغۇر تىلى يېپىشقاق تىلغا، خەنزۇ تىلى بولسا بوغۇملۇق تىلغا كىرىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەملەر تۈرلۈك قوشۇمچىلار بىلەن تۈرلىنىش ئارقىلىق ئۇقۇملارنى بىرقەدەر ئېنىق ۋە ئەپچىل ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ، بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، خەنزۇ تىلىدىن ئۈستىن تۇرىدۇ. مەن بۇ نۇقتىنى ئالى مەكتەپتە خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشكە يېڭى كىرىشكەن ۋاقتىمدىلا ھېس قىلغانىدىم. باشتا دېگىنىمدەك، ئۇ چاغلاردا دەرىسلىكتىن باشقا ماتىرىياللارنىمۇ كۆپلەپ ئوقۇيتتۇم، ئوقۇغاندىمۇ چۈشۈنۈپراق ئوقۇشقا تىرىشاتتىم. بىر كۈنى قايسى بىر ژورنالدىكى بىر ماقالىدا كۆزئەينەكنىڭ بىرنېمىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر سۆز ئۇچراپ قالدى، نېمىلىكىنى ھېچ بىلەلمەي، لوغەتلەردىن ئەسلا تېپىلمىدى. ئۇيغۇر تىلى كەسىدە ئوقۇۋاتقان خەنزۇ سىنىپتىكى خەنزۇ ساۋاقداشلاردىن سورىۋىدىم، ئۇلارمۇ بىلەلمىدى، خەنزۇ تىلى لېكسىكىسىدىن دەرىس بېرىدىغان سىنىپ مەسئۇلىمىز خېي زەيچىن مۇئەللىمدىن سورىۋىدىم، ئۇ مۇئەللىممۇ بىلەلمىدى ھەمدە «خەنزۇ تىلى ئۇيغۇر تىلىدىغا ئوخشاش قوشۇمچىلار بىلەن تۈرلەنمەيدىغان بولغاچقا، بەزى ھاللاردا بەزى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلگىلى بولمايدۇ. بۇ سۆزنى پەقەت كۆزئەينەك ياسىمىچىلىقى ياكى رىمونتچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ۋەياكى شۇ كەسىپنى پىششىق بىلىدىغان كىشىلەرلا چۈشىنەلەيدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، خەنزۇ تىلىدا يەنە شۇ سەۋەپ تۈپەيلىدىن بەزى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى كونكىرىت تىل مۇھىتىدىلا بىلگىلى بولىدۇ. م: (بەك كونا مىسال بولسىمۇ ئېلىپ ئۆتەي) «看病» دېگەن سۆز «كېسەل كۆرمەك» دېگەن مەنىگىمۇ، «كېسەل كۆرسەتمەك، دوختۇرغا كۆرۈنمەك» دېگەن مەنىگىمۇ، «كېسەل (ئاغرىق) يوقلىماق» دېگەن مەنىگىمۇ ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە زامان، شەخس، راي، مەيىل دېگەندەك گېرامماتىكىلىق مەنىلىرىدىن  زادى قايسى مەنىدە ئېيتىلىۋاتقانلىقىنى شۇ سۆزنىڭ ئۆزىدىن بىلگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە زامان، شەخس، راي، مەيىل دېگەندەك گېرامماتىكىلىق مەنىلىرىنىمۇ ئاسان بىلگىلى بولمايدۇ، بۇلارنى پەقەت كونكىرىت نۇتۇق شارائىتىدىلا بىلگىلى ياكى ھېس قىلىپ يەتكىلى بولىدۇ. خەنزۇ تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا يەتمەيدىغان يەنە بىر تەرىپى شۇكى، ئاھانداش سۆزلەر بەك كۆپ، ئۇقۇملار ئاسان ئارىلىشىپ كېتىدۇ (ئاغزاكى تىلدىلا شۇنداق، ئەلۋەتتە)، بەزىدە بەزى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى كونكىرىت نۇتۇق شارائىتىدا ئالدى- كەينىدىكى سۆزلەر بىلەن باغلاشتۇرغاندىلا چۈشەنگىلى بولىدۇ. مەسىلەن: «看书» بىلەن «砍树». ھەر ئىككى سۆز «كەنشۇ» دەپ ئوقۇلىدۇ، ئاھاڭىلا ئەمەس، تونىمۇ ئوخشاش، لېكىن بىرىنىڭ مەنىسى «كىتاب ئوقۇماق»، بىرىنىڭ مەنىسى «دەرەخ كەسمەك». بۇنداق مىساللار بەك كۆپ. بىراق، بۇنىڭلىق بىلەن خەنزۇ تىلىنى يارامسىز تىل، مۇجىمەل تىل دەپ ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ، كەمسىتىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. بىلىشىمىز كېرەككى، خەنزۇ تىلى تارىختىن بۇيان خەنزۇ قاتارلىق خەلق ۋە مىللەتلەر ئۈچۈن ئۈنۈملىك خىزمەت قىلىپ، نازۇك ئوي-پىكىر ۋە ھېس-تۇيغۇلارنى ئىخچام تىل شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلەپ، جاھاندا ئەڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بەرپا بولۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ كەلگەن، ھازىرمۇ خەنزۇ، مانجۇ، خۇيزۇ قاتارلىق بىرمۇنچى خەلقنىڭ پىكىر-ئالاقىسى ئۈچۈن ئۈنۈملىك خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، خەنزۇ تىلىنى قوللىنىدىغان مىللەتلەر ھېچقانچان خەنزۇ تىلىدىكى ئەنە شۇ يېتەرسىزلىكلەر تۈپەيلىدىن ئالاقىدە قىينىلىپ قالغان ئەمەس، بۇ تىل ئۇلار ئۈچۈن ئۇلۇق تىل،  ب د ت نىڭ مۇھىم بىر خىزمەت تىلى. دېمەك، «ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزگەڭنى قوي». خەنزۇ تىلىنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا كەلسەك، بىرىنچى، سۆز-ئىبارىلەر، جۈملىلەر ناھايىتى ئىخچام؛ ئىككىنچى، سۆزلەم بايلىقى ئىنتايىن مول. بولۇپمۇ مىقتار سۆزلەر، ئۇرۇق-تۇغقان ئاتالمىلىرى، تۈرلۈك – تۈمەن كەسپىي ئاتالمىلار، تېرمېنلار ناايىتى مول، خەنزۇ تىلىنى ئوبدان بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى  خەنزۇ تىلىنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز بايلىقىمۇ يوقسۇل ئەمەس، لېكىن خەنزۇ تىلىغا يەتمەيدۇ. ھەتتا خەنزۇ تىلىدىكى «橱窗、马桶、厨房» دېگەندەك كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئۇچرايدىغان ئاددى ئاتالمىلارغىمۇ، «抑郁症、强迫症、多动症»  دېگەندەك كۆپ ئۇچرايدىغان تىببى ئاتالمىلارغىمۇ ۋە باشقا پەن ساھەسىدە كۆپ ئۇچرايدىغان تېرمېنلار ۋە كەسپىي ئاتالمىلارغىمۇ لايىقىدا تەييار خاس ئاتالغۇ يوق، شۇڭا بۇنداق ئاتالمىلارنى ئاتالما شەكلىدە ئەمەس، ئېنىقلىما شەكلىدە كېلەڭسىز، ناباپ ئاتاشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمىز؛ ئۈچىنچى، سۆز ياساش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك. ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغان يەنە بىر گىراماتىكىلىق ئارتۇقچىلىقى شۇكى، خەنزۇ تىلىدا جۈملىلەر ئومۇمەن ئىگە  - خەۋەر - تولدۇرغۇچى تۈزۈلۈشىدە كېلىدۇ، يەنى ئالدى بىلەن كىم (نېمە) ئىكەنلىكى، ئاندىن نېمە قىلغانلىقى (قىلمىغانلىقى) ئېنىق ئۇقتۇرۇلىدۇ، بۇ ھال تەرجىمىگە، بولۇپمۇ ئۇدۇللۇق ئاغزاكى ئىنتايىن قۇلايلىق. ئۇيغۇر تىلىدا بولسا جۈملىلەر ئاساسەن ئىگە، ئېنىقلىغۇچى-خەۋەر شەكلىدە كېلىدۇ، يەنى خەۋەر جۈملىنىڭ ئاخىرىدا كېلىدۇ، بۇ ھال تەرجىمىگە، بولۇپمۇ ئۇدۇللۇق ئاغزاكى تەرجىمىگە قۇلايسىز. چۈنكى، خەۋىرىنىڭ مەزمۇنىنى بىلمەي تۇرۇپ پۈتۈن جۈملىنىڭ مەزمۇنىنى ئاغدۇرغىلى بولمايدۇ-دە. خەنزۇ تىلىدا  دېگەن بىر كېسىم سۆز بار، بۇ سۆز دېيىلىۋاتقان گەپنىڭ مەنىسىنى ئېنىق بىلىۋېلىشقا ياخشى ئىمكان بېرىدۇ. خەنزۇ تىلىدا يەنە ھەرقانداق سان مىقتار بىلەن ئېيتىلىدۇ ھەمدە ھەرقانداق نەرسە ياكى شەيئىگە خاس ئايرىم-ئايرىم مىقتار سۆز بار. ھەر ئىككى تىلدا گىراماتىكىلىق قانۇنىيەتكە بېقىنمايدىغان يەنە بەزى مۇجىەللىكلەرمۇ مەۋجود. م: ئۇيغۇرچىدا «ئادەم يەيدىغان بۆرە بار جاڭگال» (ئادەمنى يەيدىغان بۆرىمۇ ياكى ئادەم ئوزۇق قىلىدىغان بۆرىمۇ) دېگەەندەك بىرمۇچە مۇجىمەل جۈملە شەكىللىرى ۋە سۆز ئىبارىلەر تولاراق ئۇچرايدۇ. خەنزۇ تىلىدىمۇ «一锅饭可以好吃三个人» دېگەندەك شەكىللەر خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. گىراماتىكىلىق تۈزۈلىشى بويىچە بولغاندا، بۇ جۈملىدىن «بىر قازان تاماق ئۈچ ئادەمنى يېسە بولىدۇ (ياكى يەۋىتەلەيدۇ)» دېگەن مەنا چىقىدۇ، لېكىن ھېچكىم ئۇنداق مەنىدە چۈشەنمەيدۇ، بەلكى «بىر قازان تاماق ئۈچ ئادەمنىڭ يېيىشىگە يېتىدۇ» دېگەندەك مەنىدە چۈشۈنىۋىرىدۇ، خۇددى «ئادەم يەيدىغان بۆرە بار جاڭگال» دېگەن سۆزنى «ئادەملەرنى يەيدىغان بۆرە بار جاڭگال» دەپ مەنتىقى چۈشىنىۋەرگىنىمىزگە ئوخشاش. بۇ ئاددىلا مىساللار، ئەلۋەتتە. ئەمەلىي تەرجىمە جەريانىدا ئەنە شۇنداق تۈزۈلۈشتە كېلىدىغان نى-نى مۇرەككەپ ۋە مۇجىمەل جۈملىلەر ئۇچرايدۇ، بەزىدە مەنمۇ قايمقۇپ كۈلكىلىك تەرجىمە قىلىپ سالىمەن، لېكىن ئاخىر قايتا تەكشۈرۈپ كۆرۈپ تۈزىتىۋالىمەن. بۇنداق جۈملىلەرنى شەكلىگە قاراپ ئۇتتۇرلا ئاغدۇرماي، مەنتىقىلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ ۋە چۈشىنىپ توغرا تەرجىمە قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. يەنە بەزىدە گىرامتىكىلىق تۈزۈلۈشىدىمۇ، جۈملە تەركىبىدىكى سۆزلەرنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىدىمۇ ھېچقانداق مۇجمەللىك يوق، ئەمما يۈكلەنگەن مەنىسى باشقىچىراق بەزى جۈملىلەرمۇ ئۇچرايدۇ. بۇنداق جۈملىلەردىن ھەرقانچە ئويلىنىپمۇ شۇ مەنىسىدىن باشقىچە مەنە تاپقىلى بولمايدۇ، لېكىن يۈكلەنگەن مەنىسى بويىچە ئاغدۇرماي بولمايدۇ. مەسىلەن: «宗教与社会主义相适应». مەن دەسلەپتە بۇ جۈملىنى «دىن بىلەن سوتسىيالىزىمنى بىر-بىرىگە لايىقلاشتۇرۇش» دەپ ئاغدۇرغان،ھەتتا مىللەتلەر-دىن ئىدارىسىدىكى خادملارنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىگىمۇ قايىل بولماي ئۆز پىكرىمدە چىڭ تۇرغانىدىم. دەرۋەقە، بۇ جۈملىدىن ھەرقانچە ئۆرۈپ-چۆرۈپ تەھلىل قىلغان بىلەنمۇ شۇنىڭدىن باشقىچە مەنا چىقمايتتى. بىراق، كېيىن بىر ماتىرىيالدا بۇ جۈملىگە بېرىلگەن ئنىقلىما ئۇچراپ قالدى، شۇنىڭدىن كېيىن «دىننى سوتسىيالىزىمغا ماسلاشتۇرۇش» دەپ ئالىدىغان بولدۇم. ھالبۇكى، شۇنداق مەنا ئۈچۈن باشقىچە تەييار جۈملە شەكلىمۇ بار ئىدى، زادى نېمە ئۈچۈن شۇنداق مەنا يۈكلەنگنلىكىنى ھازىرغىچە بىلىپ يېتەلمىدىم. ئۇيغۇر تىلىنىڭ يەنە بىر يېتەرسىزلىكى شۇكى، كىرمە سۆزلەر بەك كۆپ، ھەتتا بەزىدە تىلىمىزغا ئۆزلىشىپ قالغان بەزى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنىمۇ ئېنىق چۈشەنگىلى بولمايدۇ، مەنمۇ تەرجىمە جەريانىدا ئەنە شۇنداق كىرمە سۆزلەرنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمەن. چۈنكى، ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى ياساپ ئورنىغا قويسام ياكى ئاددى، چۈشۈنۈشلىك ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى ئىشلەتسەم، كىشىلەر ئېتىراپ قىلمايدۇ، ھەتتا چالا ساۋات ئىكەن دەپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. بەزىدە مۇھەررىرنىڭمۇ ئېتىراپ قىلماي قويۇشىدىن ئەندىشە قىلىمەن.
ئۇيغۇر-خەنزۇ خەلقى ئۇزاى زامان قويۇق ئالاقىدە بولۇپ كەلگەچكە، بۇ تىللار بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن ( ھەتتا بۇ تىللارنى قەدىمدە بىر تىل ئىدى دېگەن قاراشمۇ بار. مېنىڭچە، بۇمۇ ئاساسسىز قاراش ئەمەس. بۇ ھەقتە توختالماي، ھازىرقى زاماندىكى ئەھۋال ئۈستىدىلا توختىلىمىز). ئۇيغۇر تىلىغا نۇرغۇن خەنزۇچە سۆزلەر (مىسل ئېلىشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق)، بىرمۇنچە جۈملە شەكلى، جۈملىدىن خەنزۇچىغا چەت تىللاردىن ئۆزلەشكەن جۈملە شەكلى سىڭىپ كىرىپ ئۆزلەشتى. خەنزۇ تىلىغىمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ بەزى ئىپادە شەكلى سىڭىپ كەتتى. مەسىلەن: «كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرىماق» دېگەندەك ئىدىيۇملار خەنزۇ تىلىغا ئۆزلىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە قوللىنىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، خەنزۇ تىلىنىڭ شىنجاڭ شىۋىسىدە بالاڭزى (بالا)، ئايلاڭزى (ئايلا)، ئاكاڭزى (ئاكا)، ياڭگاڭزى (يەڭگە)، بىكار، داڭ بەيخۇزى (ئاقساقاللىق قىلماق)، چاپەن (چاپان) دېگەندەك نۇرغۇن ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئۆزلىشىپ بولدى.

17. ئەدەبىياتنى تىل سەنئىتى دەيمىز، بۇرۇندىن شۇنداق، كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئەدەبىي تەرجىمىمۇ ئەمەلىيەتتە يەنە بىر تۈرلۈك تىل سەنئىتى، تىللار ئارا ئىنچىكە مۇناسىۋەتلەرنى مۇۋاپىق، توغرا بىر تەرەپ قىلىشمۇ كىشىدىن كۆپ ئەجىر تەلەپ قىلىدۇ، ئەدەبىي تەرجىمىنىڭ تىلىغا نىسبەتەن ئىزدىنىشلىرىڭىز ھەققىدە بىلىپ باقساق.
باۋۇدۇن ھەسەن: باشتا ئېيتقىنىمدەك، ئەدەبىىي ئەسەرلەردە ئەدەبىياتتىن باشقا تۈرلۈك ژانىردىكى ئەسەرلەرگە خاس تىل ئامىللىرىمۇ ئۇچراب تۇرىدۇ، باشقا ژانىرلاردىمۇ ئەدەبىيات  ژانىرىغا خاس تىل ئامىللىرىمۇ بولىدۇ.تەرجىمە جەريانىدا ئەنە شۇنداق نازۇك تىل مۇناسىۋەتلىرىنى جايىدا بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن تەرجىماننىڭ ئەتراپلىق بلىمگە ئىگە بولۇشى، ھېچ بولمىغاندا ھەممە ساھەدىن ئاز-تولا بولسىمۇ خەۋردار بولۇشى، سۆزلەمگە باي بولۇپلا قالماي، تىلنى قوللىنىشقا ماھىر بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ۋاھالەنكى، سىزمۇ ئوبدان بىلىسىز، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تىلى ئالاھىدە زىل كېلىدۇ. چۈنكى، تىلنى زىل قوللانمىسا، ئىنسان روھىيىىدىكى نازۇك ھېس-تۇيغۇلارنى، نازۇك ئوي-پىكىرنى ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئەدەبىيات تىل سەنئىتى دېيىلىدۇ. ئەدەبىي تەرجىمىنىمۇ تىل سەنئىتى دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، ئەدەبىي تەرجىمە بىر تىلدا ئىپادىلەنگەن ئەنە شۇنداق نازۇك ھېس-تۇيغۇلارنى، نازۇك ئوي-پىكىرنى باشقا بىر تىلدا ئوخشاشلا زىل ۋە نازۇك سۆز-جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلەپ بېرىدىغان نازۇك جەرياندۇر. مەن تەرجىمان ـــــ ئەدەبىي تەرجىمان بولۇشتىن ئىلگىرى ئەدەبىياتقا كۈچلۈك  ئىشتىياق باغلىغان ھەۋەسكار بولغاچقا نۇرۇغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى زوق-ھەۋەس بىلەن بېرىلىپ ئوقۇغان، ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى چىرايلىق سۆز-جۈملىلەرنى كۆپلەپ خاتىرىلىۋالغان؛ ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا «ئىككىنچى قېتىم قول ئېلىشىش» رومانى، «قىزىل بايراق شەجەرىسى»نىڭ 1-تومى قاتارلىق يىرىك ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىسىنى، لۇشۇن نەسىرلىرىنىڭ، يەنە نۇرغۇن ھېكايە-نەسىرلەرنىڭ تەرجىمىسىنى ئەسلىسى بىلەن قۇرمۇ-قۇر، جۈملىمۇ-جۈملە سېلىشتۇرۇپ ئوقۇپ ئۆگەنگەن، ئەمەلىي تەرجىمە مەشقىمۇ قىلىپ باققان، تەرجىمىسى كۆڭلۈمگە ئالاھىدە ياققان جۈملىلەرنى ئابزاس-ئابزاسلاپ خاتىرەمگە كۆچۈرۈۋالغان، شۇ جەرياندا ۋۇجۇدۇمدا بەلگىلىك بەدىئىي دىت ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ماھارىتىنى يېتىلدۈرگەنىدىم.

18. سىزنىڭچە ئەدەبىي تەرجىمە جەريانىدا ئەڭ كۆپ يولۇقىدىغان قىيىنچىلىقلار قايسى؟ ئۇنى ھەل قىلىشىنىڭ چارىسى نېمە؟
باۋۇدۇن ھەسەن: ئەدەبىي تەرجىمىدە ئەڭ كۆپ يولۇقىدىغان قىيىنچىلىق يەنىلا تىل، بولۇپمۇ بەدىئىي تىل. چۈنكى، ئەدەبىي تەرجىمىمۇ تىل سەنئىتى. ئەدەبىي تەرجىمە جەريانىدا ئەسلى ئەسەردىكى مەزمۇننى ئۇجۇر-بۇجۇرىغىچە چۈشەنگەن بىلەنمۇ ئىش پۈتمەيدۇ، ئەسلى ئەسەردىن چۈشەنگەن شۇ ئۇچۇرلارنى نىشان تىلدا ئەينەن ئىپادىلەپ بېرىش ئۈچۈنمۇ باش قاتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ەگەر ئەڭ تەس توختايدىغان قىيىنچىلىق نېمە دەپ سورىماقچى بولسىڭىز، ئەڭ تەس توختايدىغىنى يازغۇچىنىڭ ئۇسلۇبى، جۈملىدىن تىل ئۇسلۇبى، يەنى يېزىقچىلىق ئۇسلۇبى، ئوبراز يارىتىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى نىشان تىلدا سادىقلىق بىلەن ئەينەن ئىپادىلەپ بېرىشدۇر. ئالايلى، بەزىلەر رەڭدار ۋە لېرىك تىل بىلەن يازىدۇ، ئەسەردە ياراتقان ئوبرازنىڭ نازۇك تۇيغۇلىرى، ئۆزىنىڭ تىرەن ئوي-پىكرى قاتارلىقلارنى نازۇك تىل، مۇرەككەپ جۈملىلەر بىلەن، بەزىدە ئېغىر جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلەيدۇ،  ھېس- تۇيغۇسىنى ۋە  تەسىراتىنى سۆز-جۈملىلەر ئارىسىغا يوشۇرۇپ ئىپادىلەيدۇ (سىزنىڭ، ئەخمەت ئىمىن، ليۇ لياڭچېڭ قاتارلىق نەسىر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. ئابباس مۇنىيازنىڭ ئەسەرلىرىمۇ شۇنىڭغا مايىلراق)؛ بەزىلەر ھادىسىنى ئۇدۇللا يېزىپ ئوبراز يارىتىدۇ ۋە ئوي-پىكرىنى ئىخچام، قىسقا جۈملىلەر، كۆپىنچە ھاللاردا ئاددى جۈملىلەر بازىدۇ؛ بەزىلەر يۇمۇرلۇق ۋە شوخ، ئويناق تىل بىلەن يازىدۇ، ئەزىز نەسىننىڭ ھېكايىلىرى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ، جيا پىڭۋا ئەسەرلىرىنىڭ تىلىمۇ ناھايىتى ئويناق ۋە شوخ)؛ بەزىلەر يۇمۇرلۇق تىل، ئىچام ۋە ئويناق جۈملىلەر بىلەن يازغاندىن باشقا يەنە مۇرەككەپ ۋە چۈشۈنۈكسىزراق، لېكىن پاساھەتلىك ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ يازىدۇ (مەخمۇت مۇھەممەتنىڭ كېيىنكى ئەسەرلىرى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ) ۋە باشقىلار. ئەدەبىي تەرجىمىدە ئىخچام جۈملىلەرنىغۇ ئاغدۇرماق ئاسان، لېكىن يۇمۇرىستىك خۇسۇسىيەتلىرىنى ئەينەن يەتكۈزمەك ئانچە ئاسان ئەمەس. چۈنكى، بەزىدە بىر مىللەتنىڭ تىلىدا ناھايىتى يومۇرلۇق بىلىنىدىغان گەپ باشقا تىلدا ھېچقانچە يۇمۇرلۇق بىلىنمەيدۇ، بەزىدە كىنايە، مەسخىرىلەرمۇ شۇنداق بولىدۇ. شۇڭا، بۇنداق دوقاللارنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدىراق ماھارەت كېتىدۇ؛ مۇرەككەپ ۋە ئېغىر جۈملىلەرنى ئاغدۇرماق تېخىمۇ قىيىن. قىيىنلىقى شۇ يەردىكى، ئەينى پېتى تەرجىمە قىلىپ قويغاندا نىشان تىلدىكى ئوقۇرمەنلەر زوق ئالالمايدۇ ۋە راۋان چۈشۈنۈپ كېتەلمەيدۇ. چۈنكى، تىل – نۇتۇق ئادىتى، ئالاھىدىلىكى ئەسلى ئەسەر تىلىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. شۇڭا، بەزىدە بۇنداق جۈملىلەرنى پارچىلاپ تەرجىمە قىلماي بولمايدۇ؛ ئەكسىچە، بەزىدە بۇنىڭ ئىكسىچە ئەسلى ئەسەردىكى بىرقانچە جۈملىنى بىر جۈملىگە يىغىنچاقلاپ تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ....دېمەك، تەدەبىي تەرجىمە ئەنە شۇنداق مۇرەككەپ جەريان.

19. ھازىرقى ئۇيغۇر ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر قاتارىدا قايسىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىسىز؟
باۋۇدۇن ھەسەن: يەنىلا تىل مەسىلىسى. بەزى تەرجىمە ئەسەرلەردە چۇۋالچاق جۈملىلەر كۆپراق ئۇچرايدۇ. جۈملە بۆلەكلىرى جايىنى تاپالمىغان جۈملىلەر ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. سۆز-ئىبارىلەرنىڭ مەنىسىنى بىلىپ-بىلمەي قوللىنىدىغان ئەھۋالمۇ خىلى بار. بۇنداق مەسىلىلەر ئەدەبىي تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن كۆرە ئىجادىي ئەدەبىي ئەسەرلەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ، بۇنداق ئەھۋال خەنزۇچە ئەدەبىي ئەسەرلەردىمۇ، جۈملىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان تەرجىمە ئەسەرلەردىمۇ يوق ئەمەس، ئەلۋەتتە. مەن ئادەتتە كىتاپ ياكى ماقالە-ئەسەر ئوقۇغانلىرىمدا تىل مەسىلىلىرىگە بەكراق دېققەت قىلىمەن، بۇ يىللار بويى يېتىلدۈرگەن ئادىتىم، خۇددى رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا مۇئەللىمنىڭ تەلەپ قىلغىنىدەك. قىستۇرۇپ ئۆتۈپ كېتەي، ھازىر تىلىمىزدا «ياخشى بولغان شارائىت (ۋەزىيەت، كەيپىيات...)» دېگەندەك داڭقان پۇتى گەپلەر كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ، مۇدا بولۇپ قېلىۋاتىدۇ دېسەكمۇ بولىدۇ. مۇشۇنداق كېتىۋىرىدىغان بولسا، «بىر پىيالە قىززىق چاي» دېگەن گەپمۇ « قىززىق بولغان بىر پىيالە چاي» دېيىلىدىغان بولۇپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ. «شىنجاڭ فىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژورنىلى»نىڭ مۇھەررىرى مەرھۇم راشىدىن يولۋاس ئەپەندى «تىل-ۋە تەرجىمە» ژورنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇنداق خاھىشنى «تىلدىكى بوشىشىش ھادىسىسى» دەپ ئاتاپ تەنقىدلىگەنىدى. بۇنداق ھادىسە تۈزىتىلىش تۈگۈل، ئەدەپ كېتىۋاتقىنىنى دەيمەن. بۇرۇن «ھېيت (بايرام) مۇناسىۋىتى بىلەن سالام يوللىماق (تەبرىكلىمەك، ھال سورىماق...)» دېگەندەك تۈزۈك شەكىلدە كېلىدىغان گەپمۇ خۇددى «ھېيتلىق پۇل (كېيىم، سەدىقە)» دېگەن شەكلىدە «بايراملىق سالام يوللىماق» دېيىلىۋاتىدۇ... بولدىلا، قايسى بىرىنى دەپ بولاي، ئويلىساملا كۆڭلۈم غەش بولىدۇ. بەزىدە ماڭا زامان تەرەققى قىلغانسىرى تىلىمىز تۈزۈلۈپ بېرىش تۈگۈل، بۇزۇلۇپ بېرىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ.

20. شېئىر تەرجىمىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ باقتىڭىزمۇ؟ سىزچە شېئىر تەرجىمىسى بىلەن پىروزا تەرجىمىسىگە قويىلىدىغان تەلەپلەر نۇقتىسىدىن پەرقلەر قايسى جەھەتتە كۆرۈلىدۇ؟
باۋۇدۇن ھەسەن: شېئىرىيەت نەزەرىيەسىدىن چالا ساۋاتمەن، شېئىر تەرجىمىسى ئۈستىدىمۇ ئىزدىنىپ باقمىدىم، شۇنداق ئارزۇيۇم بولسىمۇ ھىزىرغىچە ئىزدىنەلمىدىم، شۇڭا شېئىر تەرجىمىسىگە قويۇلىدىغان تەلەپ توغرىسىدا تۈزۈك بىرنەرسە دەپ بېرەلمەيمەن. بىلىدىغىنىم ياكى ئۆزۈمچە ھېس قىلغىنىم شۇكى، شېئىر تەرجىمىسى بىلەن نەسرىي ئەسەرلەر تەرجىمىسىگە قويۇلىدىغان تەلەپ ئوتتۇرىسىدا ئازراق پەرىق بولىدۇ. ھەر ئىككىسىلى ئەدەبىي تەرجىمىگە كىرىدۇ، ئادەتتە ئەدەبىي تەرجىمىدە سۆز-جۈملىلەرنى  بىرقەدەر ئەركىن قوللىنىشقا، جانلىقراق تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، شېئىر تەرجىمىسىدە، مېنىڭچە، تېخىمۇ شۇنداق. تەرجىمە ساھەسىدە شېئىرنى تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ دېگەن قاراشتىكىلەرمۇ بار. دەرۋەقە، شېئىر تەرجىمىسىدە ئەسلى تىلدىكىسىدەك ئوقۇرمەنگە بېرىدىغان بەدىئىي زوق سۇسلاپ قېلىشى، شائىرنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى پۈچەكراق يەتكۈزۈلۈپ قېلىشى ياكى ئەسلىدىكى رەڭ-بوياقلىرى سۇسلاپ ياكى قېنىقلىشىپ قېلىشى مۇمكىن. ئېھتىمال، يەنە باشقا نۇقسانلىرىمۇ بولۇشى مۇمكىن. ئابدۇكېرەم خوجايوپ قاتارلىق پېشىۋالار تەرجىمە قىلغان «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» رومانىدىكى نەزمىلەرنىڭ تەرجىمىسىنى ئالىدىغان بولساق، بۇ شېئىرلارنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى شۇنچە پاساھەتلىك چىققاندەك بىلىنسىمۇ، ئەسلىسى بىلەن سېلىشتۇرۇدىغان بولساق ئارىدا خېلى پەرىق بارلىقىنى بىلەلەيمىز. ئېھتىمال، دۇنيادىكى ھەرقاندا تىلغا تەرجىمە قىلغان ھەرقانچە كاتتا تەرجىمانمۇ ئەسلىسىدىكى مەنالارنى تولۇق چىقىرىلماسلىقى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، مەن شېئىرنى تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ ياكى تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ دېگەن قاراشقا قوشۇلالمايمەن. چۈنكى، گەرچە شېئىر تەرجىمىسىدە ئەنە شۇنداق نۇقسانلاردىن خالى بولغىلى بولمىسىمۇ، بىز لى بەي، بەيجۈيىلەرنىڭ، شېكىسپىر، بايرون، ماياكوۋىسكىلارنىڭ شېئىرلىرىدىن تەرجىمە ئارقىلىق بەدىئىي زوق ئالدۇق.
مەن بۇرۇنلاردا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمدا شېئىر توپلاملىرىنىمۇ خېلى كۆپ ئوقۇغان، شائىر بولۇشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ شېئىر مەشىقىمۇ قىلىپ باققانىدىم. شۇڭا، خەنزۇچە شېئىرلارنى ئۇيغۇرچىغا يامان ئەمەس ئاغدۇرالايمەن دېسەممۇ بولىدۇ. قايسى بىر يىلى «تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلى ئۇيۇشتۇرغان شېئىر تەرجىمىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 3-دەرىجىلىك بولۇپ باھالانغانىدىم. ئۇ مۇسابىقىگە ئۈچ پارچە خەنزۇچە قەدىمقى شېئىر بېرىلگەنىكەن، مەن بۇ ئۈچ پارچە شېئىر ئىچىدە بىر پارچىسىنى ئاجايىپ ياخشى تەرجىمە قىلىۋەتكەنىدىم، ئاشۇ بىر پارچىسىنىڭ كۈچى بىلەن 3-دەرىجىلىك بولۇپ باھالانغان بولسام كېرەك دەيمەن. ئەگەر ئۇ ئۈچ شېئىرنىڭ تەرجىمىسىنى ئومۇمىي نەتىجىسىگە قاراپ باھالىماي، ئايرىم-ئايرىم باھالىغىنىدا، شۇ بىر پارچە تەرجىمەم چوقۇم بىرىنچى بولغان، قانغان ئىككىسى ھېچقانداق دەرىجىگە ئۇلىشالمىغان بولار ئىدى. (زورۈر بولسا، شۇ شېئىرنى تېپىپ بەرسەممۇ بولىدۇ). بۇنىڭدىن باشقا، ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغۇللانغاندىن بۇيان ئاغدۇرغان بەزى ئەسەرلەرنىڭ تېكىستىدا قىستۇرما شېئىر-قوشاق ۋە بىيىتلارمۇ ئۇچراپ قالىدۇ، بۇنداق شېئىرلارنىمۇ ئىمكانقەدەر شېئىر ھالتىگە كەلتۈرۈپ تەرجىمە قىلدىم، بۇنداق شېئىر تەرجىمىلىرىمنىڭ بەزىسى ئۆزۈمگە خېلى يارايدۇ (ئۆزگە يارىغان خانغا ياراپتۇ). باشقىسىنى دېمەي، «سەندەل قوزۇق جازاسى»دىكى ماۋچياڭ ناخشىلىرىنى مىسالغا ئالسام كۇپايە بولار. ماۋچياڭ ناخشىلىرى ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن گاۋمى (ئاپتورنىڭ يۇرتى) ناھىيەسىگە مەنسۇپ خەلق ناخشىلىرىدىن بولۇپ، تېكىستىدىكى مىسرالارنىڭ كۆپىنچىسى قاپىيە، تۇراق دېگەندەك شېئىرىي ئامىللاردىن ئەسەرمۇ يوق ناھايىتى ئاددى ۋە ساددا «سەھراھ ناخشىلىرى» ئىدى، ھەتتا بەزى جايلىرىنى ناخشا تېكىستى دېگەندىن كۆرە ئادەتتىكى گەپلەر دېگەن تۈزۈك ئىدى. شۇ ماۋچياڭ ناخشىلىرىنىڭ تەرجىمىسىنى ھەر ھالدا شېئىر ھالىتىگە كىرگۈزدۈم، تەرجىمىسىنىڭ بوغۇم، تۇراق دېگەندەك شېئىرىي ئامىللىرىغا خېلى ئېتىبار بەردىم.

21. تەرجىمە جەريانىدا سىزنى ئەڭ ھاياجانغا سالغان ئەسەرلەر قايسىلار؟ ئەڭ تەس تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرىڭىز قايسىلار؟
باۋۇدۇن ھەسەن: مېنى ئەڭ ھاياجانغا سالغان ئەسەرلەر شولۇخوپنىڭ «بالا-چاقىسىنىڭ قايغۇسىدا قالغان ئادەم» ناملىق ھېكايىسى، ياڭ جىجۈننىڭ «تىبەت دالاسىدىكى تاڭغىت تايغىنى» ناملىق پوۋىستى، جاۋ گۇاڭمىڭنىڭ «پامىردىكى قار» (مەن ئەسلىدە «قارلىق پامىر ئېتىكىدە» دەپ تەرجىمە قىلغان، مۇھەررىر ئىخچاملىقنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق ئۆزگەرتىۋىتىپتۇ) ناملىق پوۋىستى قاتارلىقلار. تەرجىمىسى ئەڭ تەس توختىغان تەرجىمە ئەسەرلىرىم جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە دائىر بەش كىتابچە بولدى (بۇ كىتابچىلارنىڭ تەرجىمىسىنى قولدىن چىقارغىنىمغا بىرقانچە يىل بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە نەشردىن چىقماي بېسىلىپ تۇرۇپ قېلىۋاتىدۇ). چۈنكى، بۇ كىتابچىلاردا جۇڭگونىڭ ياكى خەنزۇ خەلقىنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيەسىگە، قەدىمقى زامان پەن-تېخنىكىسىغا، ئۇرۇش تاكتىكىسى تاكى تەدبىرىلىرىگە دائىر مەزمۇنلار، زور تارىخىي ۋەقەلەر تەپسىلاتى، نەزمە-مەسنەۋىلەر بەك كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەدىمقى زامان خەنزۇ تىلىدا يېزىلغان خاتىرىلەرمۇ خېلى بار، چۈشەنمەك قىيىن، لېكىن ھەممىسىنى مۇۋەپەقىيەتلىك تەرجىمە قىلدىم. يەنە «سەندەل قوزۇق جازاسى»مۇ بار. چۈنكى، بۇ روماندا نامەلۇم ئاتالمىلار بەك كۆپ، ھەممىسىنى دېگىدەك لايىقىدا ئاتالغۇ ياساپ تەرجىمە قىلىشىمغا توغرا كەلدى.

22. مەنچە، تەرجىمىنىڭ تىلنى تۈزەيدىغان ئىجابىي رولى ھەم بۇزۇدىغان سەلبىي رولىنى ئوخشاش نەزەردە دىققەت-ئېتىبارغا ئېلىش كېرەك. ئومۇمىي نۇقتىدىن ئالغاندا، تەرجىمەنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق تەرەپلىرى قايسى بولدى؟ ئۇيغۇر تىلىغا سەلبىي تەسىر ياتكۈزگەن تەرەپلەر قايسى بولۇشى مۇمكىن؟
باۋۇدۇن ھەسەن: تەرجىمىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن ئىجابى تەسىرى ھەقىقەن زور. بىز قەدىمقى زاماندا قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى ئۇرخۇن يېزىقى بىلەن پۈتۈلگەن مەڭگۈتاش پۈتۈكلىرى، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا پۈتۈلگەن «ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى»، «مايترى سىمىت» دېگەندەك تەۋەرۇك پۈتۈكلەرنىڭ تېكىستىنى يېقىنقى زامان ياكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يازمىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسەكلا پەرىقنىڭ ــ فونىتىكىلىق، لېكسىكىلىق، گىراماتىكىلىق پەرق ۋە تەرەققىياتنىڭ نەقەدەر زور ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ يېتەلەيمىز. ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ بېكىنمە ھالەتتە ياشىغان ئەمەس، جاھان ئەھلى بىلەن ئارىلىشىپ، باردى-كەلدى قىلىشىپ ئۆتكەن بولغاچقا، جاھاندىكى نۇرغۇن خەلقنىڭ تىلىدىن ئۆز تىلىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق تەركىبلەرنى قوبۇل قىلىپ ئۆزلەشتۈرگەن ۋە ئۆز تىلىنى بېيىتقان، بۇنداق تەرەققىيات تەرجىمە ئارقىلق ۋۇجۇدقا كەلگەن (تەرجىمىسىز راۋان ئالاقىمۇ بولمايدۇ-دە)، ئەلۋەتتە. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىغا ئالدى بىلەن ئەرەپ- پارىس تىللىرىنىڭ تەسىرى بەكراق سىڭگەن. «ۋاھالەنكى»، «ھالبۇكى»،«شۇكى»، «ھەتتاكى» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تۈزۈلىدىغان جۈملە شەكىللىرى دەل ئەرەپ-پارىس تىللىرىنىڭ تەسىرىدە بارلىققا كەلگەن. يېقىنقى ۋە ھازىرقى زاماندا رۇس تىلى ۋە رۇس تىلى ئارقىلىق ياۋروپا تىللىرىنىڭ، خەنزۇ تىلىنىڭ گىراماتىكىلىق تەسىرى سىڭدى. بۇ تىللارنىڭ لېكسىكىلىق تەسىرىگە پەيدا بولغان ياكى تىلىمىزغا ئۆزلەشكەن سۆزلەرنىڭ سانىنى ئالغىلىمۇ بولمايدۇ. ئويلاپ باقايلى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا رومانچىلىق بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى ئوقۇيدىغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى چەت ئەل رومانلىرىنىڭ، خەنزۇ رومانلىرىنىڭ تەرجىمىسى ئىدىغۇ؟
تەرجىمىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا يەتكۈزگەن سەلبىي تەرەپلىرىمۇ بار، ئەلۋەتتە. بۇنداق سەلبىي تەسىر تولاراق سۆز بىرىكمىلىرىدە كۆرۈلىدۇ. ھازىرچە 19-سۇئالىڭىزغا بەرگەن جاۋابىمدىن مىسال ئېلىپ تۇراي: بۇرۇن «ھېيت (بايرام) مۇناسىۋىتى بىلەن سالام يوللىماق (تەبرىكلىمەك، ھال سورىماق...)» دېگەندەك تۈزۈك شەكىلدە كېلىدىغان گەپمۇ خۇددى «ھېيتلىق پۇل (كېيىم، سەدىقە)» دېگەن شەكلىدە «بايراملىق سالام يوللىماق (ھال سورىماق...)» دېيىلىۋاتىدۇ. بۇنىمۇ تەرجىمىدىن، توغرىراقى خەنزۇ تىلىنىڭ تەسىرىدىن كۆرۈشكە بولىدۇ. چۈنكى، بۇ سۆز خەنزۇ تىلىدا «致以节日的祝贺» دېگەن شەكىلدە ئېلىنىدۇ. يەنە «ياشانغاندا كۈتىنىش» دېگەن ئاتالمىمۇ ئومۇملىشىپ كەتتى. بۇ سۆز خەنزۇچىدا «养老» دېيىلىدىغان ئاتالمىدىن ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل تەرجىمە قىلىنىپ ئېلىنغان، يەنى خەنزۇچىنىڭ  تەسىرىدىن پەيدا بولغان. «كۈتۈنۈش» دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچىدا قانداق مەنا ئۇقتۇرۇدىغانلىقىنى ھەممە ئۇيغۇر بىلىدۇ. ھالبۇكى،«养老» دېگەن سۆزدىن ئۇنداق مەنا چىقمايدۇ، بەلكى ياشانغاندا بېقىش، تېخىمۇ توغرا مەنىىسى «ياشانغاندا  پاراۋان تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش» دېگەن مەنا چىقىدۇ. بۇ گەپ بۇرۇن «ياشانغانلار پاراۋانلىقى» دەپ توغرا ئېلىناتتى، تۇرۇپلا «ياشانغاندا كۈتۈنۈش» بولۇپ قالغىنىنى كۆرمەمدىغان. نىھايەت، ياش ۋاقتىڭىزدا ياشانغانلار پاراۋانلىقى سۇغۇرتىسىغا ىاتنىشىپ سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇق تاپشۇرغان بولسىڭىز،سۇغۇرتا شىركىتى ياشانغىنىڭىزدا ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىپ كۈتمەيدۇ (پەقەت ياشانغانلار ساناتورىيەسىلا ھالىڭىزدىن خەۋەر ئېلىپ كۈتىدۇ، لېكىن بۇ «养老» سۇغۇرتىسى دائىرىسىدىكى ئىش ئەمەس)، بەلكى سۇغۇرتا قانۇنلىرى ياكى سىياسەت – بەلگىلىمە بويىچە ياشانغانلار پاراۋانلىقى تۈرىدىكى سۇغۇرتا پۇلى بىلەن تەمىنلەپ، ياشانغان ۋاقتىڭىزدىكى تۇرمۇش پاراۋانلىقىڭىزغا ياكى تۇرمۇش خىراجىتىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇنداق مىساللار خېلى كۆپ. بۇلارنىڭ ھەممىسى «تەرجىمە»نىڭ تەسىرىدىن بولغان. مېنىڭچە، بۇنى تەرجىمىنىڭ تەسىرى دېگەندىن كۆرە، خەنزۇچىنىڭ تەسىرى دېگەن تۈزۈك.

23. بىر تىل بىر مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ، مۇشۇ مەنىدىن تەرجىمە ئەمەلىيەتتە بىر مەدەنىيەتنىڭ يەنە بىر مەدەنىيەت شەكلىگە ياكى مەنىسىگە ئايلىنىش جەريانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، مۇشۇ مەنىدىن تەرجىمانلىق ئالاھىدە بىر كەسپ، ھازىر چەت تىللارنى بىلگەنلىكى ياكى بىر قەدەر بىلگەنلىكى ئادەم تەرجىمانلىق يولىغا كىرىۋېرىدىغان ئەھۋالمۇ يوق ئەمەس، تەرجىمە سۈپتىدىكى مەسىلىلەرمۇ ئاز ئەمەس. مۇشۇ ھەقتىكى قاراشلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق.
باۋۇدۇن ھەسەن: تەرجىمانلىق ھەقىقەتەنمۇ ئىجادىيلىققا، تېخنىكىۋىلىققا، بەدىئىيلىققا ئىگە ئايرىم بىر كەسىپ. بەزى رەھبەرلەر بۇنى چۈشەنمىگەچكە، خىزمەت ئورنىدىكى خەنزۇ تىلىنى ياخشى بىلىدىغان خادىملىرىنى تەرجىمانلىققا سېلىپ قىينايدىغان، تەرجىمە قىلالمىسا، سەۋەبىنى چۈشۈنەلمەي ھەيران قالىدىغان ۋە ئەيىپ كۆرىدىغان ئىشلار ئۇچراپ تۇرىدۇ. يەنە كېلىپ، تەرجىمان بولۇش ئۈچۈن ۋۇجۇدىدا ئالاھىدە «خېمىرتۇرۇچ» بولۇشى كېرەك، ئەگەر شۇنداق «خېمىرتۇرۇچ» بولمىغىنىدا ھەرقانچە تىرىشقىنى بىلەن ياخشى تەرجىمە ماھارىتى يېتىلدۈرۈپ بولالمايدۇ ياكى لاياقەتلىك تەرجىمان بولۇپ چىقالمايدۇ. بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكىنىڭ پېشىۋاسى، كۆزگە كۆرۈنگەن تەرجىمىشۇناس مەرھۇم توختى باقى ئارتىشى، بىلىشىمچە، تەرجىمە كەسپىدە ئوقۇپ ياكى ئالىي مەكتەپنىڭ مەخسۇس تەرجىمانلىق كەسىپدە ئوقۇپ يېتىلگەن ئەمەس، بالا ۋاقتىدا ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ نابۇرچىكلىقتىن تەرجىمان بولۇپ يېتىشىپ چىققان. دېمەك، توختى باقى ئاكىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەنە شۇنداق «خېمىرتۇرۇچ» بار دېگەن سۆز. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاساسىي قاتلامدا خېلى يىل تەرجىمە بىلەن شۇغۇللانغان خېلى كۆپ تەرجىمانلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تامچىلىقتىن تەرجىمان بولۇپ قالغان بىر تەرجىمان بولىدىغان (باشلانغۇچتا خەنزۇچە ئوقۇغان ياكى خەنزۇچىنى كىچىكىدىن ياخشى بىلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۆز ۋاقتىدىكى ئېھتىياج تۈپەيلىدىن تەرجىمانلىققا قوبۇل قىلىنىپ قالغان بولسا كېرەك). بىز تونۇشقاندا تازا لاياقەتلىك قوش يۆنۈلۈشلۈك تەرجىمان ئىكەن، ئاغزاكى تەرجىمىدە بولسۇن ياكى يازما تەرجىمىدە بولسۇن، سۆز-جۈملىلىرى شۇنداق راۋان. تەرجىمىدە گىراماتىكا، ئىستىلىستىكا، لوگىكا تەلەپلىرىگىمۇ شۇنداق ئەھمىيەت بېرىدىكەن. لېكىن ھېچقاچان، ھېچقانداق كەسپىي تەلىم-تەربىيە كۆرمىگەن، ھەممىنى خىزمەت داۋامىدا ئۆزلىكىدىن ئۆگەنكەن ئىكەن. دېمەك، ئۇ تەرجىماننىڭ ۋۇجۇدىدىمۇ ئوبدانلا «خېمىرتۇرۇچ» بار دېگەن سۆز. يەنە بەزى كەسپىي تەرجىمانلار باركى، بىرلىرى ماڭا ئوخشاشلا ئالىي مەكتەپنىڭ تەرجىمدە كەسپىدە ئوقۇش پۈتتۈرگەن باكلاۋىر؛ بىرلىرى تەرجىمە كەسپىدە ئوقۇمىغان بولسىمۇ ئالى مەكتەپنىڭ باشقا كەسپىدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئىگىلىگەنلىكى ئۈچۈنلا تەرجىمانلىقنىڭ نېنىنى تېپىپ يېيىشنى ئاسانراق كۆرۈپ تەرجىمان بولۇپ قالغان، خېلى يۇقۇرى ئۇنىۋانمۇ ئالغان، لېكىن ئۇلار تەرجىمە كەسپىي بىلەن شۇنچە كۆپ يىل شۇغۇللىنىپمۇ لاياقەتلىك تەرجىمان بولۇپ چىقالمىغان (بۇ ھالدىن ئۆزلىرىمۇ بەك خىجىل، ئەلۋەتتە)، ئۇلارنىڭ تەرجىمە سەۋىيەسى ھەتتا قوشۇمچە تەرجىمانلارنىڭ ياكى تەرجىمە ھەۋەسكارلىىرنىڭ سەۋىيەسىگىمۇ يەتمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار باشقا كەسىپ بىلەن ياكى ئوقۇغان كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، بۇ چاغقا شۇ كەسىپتە داڭلىق مۇتەخەسىسلەردىن بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمىكن ئىدى. دېمەك، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا «تەرجىمە خېمىرتۇرۇچى» يوق. بۇ خۇددى يازغۇچىنى، شائىرنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ يۈرۈپ يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولمىغاندەك بىر ئىش، بەدىئى خېمىرتۇرۇچى يوق ئادەم مەڭگۈ تىرىشىپمۇ داڭلىق ئەسەر يارىتالمايدۇ-دە. ياخشى تەرجىمان بولۇپ چىقىش ئۈچۈن جاپالىق تىرىشچانلىقمۇ كېرەك، لېكىن ئالدى بىلەن «خېمىرتۇرۇچى» بولۇشى كېرەك. شۇڭا، «خېمىرتۇرۇچى» يوق ئەشۇنداق تەرجىمانلارنىڭ قولىدىن چىققان تەرجىمىنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە كۆرۈلۈشى تەبىى.
24. ئويلىغىنىمنى دەپ باقاي، مەنچە  چەت تىل ياكى خەنزۇ تىلىنى 8 ئۈلۈش بىلگەن ئادەم ئانا تىلنى 10 ئۈلۈش بىلسە ھەم بىلگەندىمۇ ئەقىدە بىلەن بىلسە ئاندىن تەرجىمە تەرجىمىدەك چىقارمىكى دەپ ئويلىدىم، مۈمكىن بولسا ھەر ئىككىسىنى  10 ئۈلۈش بىلسە ئەلۋەتتە ياخشى. تەرجىمىدە چەت تىل بىلەن ئانا تىلنى چۈشىنىش ھەم بىلىش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر توغرىلىق قانداق ئويلايسىز؟
باۋۇدۇن ھەسەن: ئەگەر 10 ئۆلۈش دېگىنىڭىز %100 دېگەن مەنىدە بولسا، بۇ مۈمكىن بولمايدىغان تەلەپ بولۇپ قالىدۇ. زادى قانچە ئۆلۈش بىلىشى كېرەكلىكىگە مەنمۇ بىر نېمە دېيەلمەيمەن، لېكىن تىلنى ـــــ تەرجىمە قىلىنغۇچى تىل بىلەن نىشان تىلنى پىششىق بىلمىسە بولمايدىغانلىقى مۇقەررەر. تىلنى قانچە پىششىق بىلسە، تەرجىمە شۇنچە ياخشى چىقىدۇ. تەرجىمە جەريانى، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، چۈشۈنۈش ۋە ئىپادىلەش جەريانى بولىدۇ. چۈشۈنۈش دېگىنىمىز، تەرجىمە قىلىنىدىغان تىلدا ئىپادىلەنگەن مەزمۇن ۋە تۈرلۈك مەنالارنى چۈشۈنىشكە ئېيتىلىدۇ. ئىپادىلەش دېگىنىمىز، تەرجىمە قىلىنىدىغان تىلدىكى مەزمۇن-مەنالارنى چۈشەنگەن ئاساستا نىشان تىلغا ئاغدۇرۇشقا ئېيتىلىدۇ. شۇڭا تەرجىمان تىلنى ــ ھەر ئىككى تىلنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى، يەنى گىرامماتىكىسى، ئىستىلىستىكىسى قاتارلىق تەرەپلىرىنى، ھەتتا مەنتىقىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىمۇ ياخشى بىلىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ساھە ۋە كەسىپكە دائىر بىلىمگە، جۈملىدىن شۇ كەسىپ ۋە ساھەدە قوللىنىلىدىغان خېلى پۇختا تىل ئاساسىغا ئىگە بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ھەم چۈشىنەلەيدۇ، ھەم تەرجىمە تىلىدا ياخشى ئىپادىلىيەلەيدۇ. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، تەرجىمە تىلىنى، يەنى نىشان تىلنى پۇختا بىلىش تەرجىمە قىلىنىدىغان تىلنى بىلىشتىن بەكراق مۇھىم. چۈنكى، تەرجىمە تىلىغا، يانى نىشان تىلغا پۇختا بولمىسا، تەرجىمە قىلىنىدىغان تىلنى ھەرقانچە ياخشى چۈشەنگىنى بىلەن بەرىبىر ياخشى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. رىيال تۇرمۇشتىمۇ كىچىكىدىن خەنزۇ تىلىدا ئوقۇغان خېلى كۆپ ئاز سانلىق مىللەت كىشىلەر بار، ئۇلار ئانا تىلنى ئانچە-مۇنچە بىلسىمۇ پۇختا بىلمىگەچكە ياخشى تەرجىمە قىلىش تۈگۈل، ئادەتتىكىدەكمۇ تەرجىمە قىلالمايدۇ.

25. ئانا تىلغا چىن ئىخلاس بولۇشتەك مەنىۋىي ئامىلنىڭ ئانا تىلنى ئۆگىنىشتىكى ئەھمىيىتى زور، ئانا تىلنى مۇكەممەل بىلگەن ئادەمنىڭ چەت تىللارنى ئۆگىنىشتىكى ئاچقۇچلۇق رولى ھەققىدە سۆزلەپ بەرسىڭىز.
باۋۇدۇن ھەسەن: توغرا دەيسىز. بىر تىلنى ياخشى بىلمەي تۇرۇپ، يەنە بىر تىلنى ياخشى ئىگىلىمەك تەس. بۇ يەردە يەنە مۇنداقمۇ بىر مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالايلى، بەزى بالىلارنىڭ تىلى مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن ئانا تىلدا چىقماي، ئانا تىلىدىن باشقا تىلدا چىقىپ كېتىدۇ. چۈنكى، تىلى چىقىدىغان مەزگىلدە باشقا تىل مۇھىتىدا ياشىغان-دە، كېيىنمۇ شۇ تىلدا ئوقۇپ ياكى شۇ تىل مۇھىتىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان. بۇنداق بالىلار ياكى ئادەملەر ئۈچۈن شۇ تىل «ئانا تىل» بولۇپ قالغان. مۇھاكىمە قىلىۋاتقىنىمىز باشقا مەسىلە بولغاچقا، بۇ ھەقتە كۆپ توختالمايمىز. قانداقلا بولمىسۇن، ئانا تىل بەك مۇھىم. ئانا تىل ئاساسىدا باشقا تىلنى ياخشىراق ئۆگەنگىلى بولىدۇ. مۇمكىن بولسا يەنە باشقا تىللارنىمۇ بىلىۋالسا، ئانا تىلىدا ئىپادىلىشىگە ياكى تەرجىمە قىلىشقا تېخىمۇ پايدىلىق. مەن ئالى مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا رۇس تىلىنىمۇ قوشۇمچە ئۆگەنگەن (ئەپسۇسكى، پۇختا ئۆگىنىپ بولالمىدىم)، رۇس تىلى سەۋىيەم چاغلىق بولسىمۇ، ئاز-تولا خەۋىرىم بولغاچقا، بەزى رۇسچە جۈملە شەكىللىرىنى تەرجىمە ئەمەلىيىتىمدە قولاندىم. مەسىلەن، بىز خەنزۇ تىلىدىكى جۈملە شەكلىنىڭ تەسىرىدە «Ⅹ-ئاينىڭ Ⅹ-كۈنىدىن بۇرۇن...» دېگەندەك جۈملە شەكلىنى قوللىنىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەنمىز. رۇس تىلىدا بولسا بۇنداق جۈملە شەكلى يوق، «؟-ئاينىڭ؟ -كۈنىگىچە...» دېگەن شەكىللا بار. بۇ ئىككى خىل جۈملە شەكلىدە ئىپادىلەنگەن مەنا تامامەن ئوخشاش. شۇنداق ئىكەن، نېمىشقا ئەڭ ئىخچام شەكىلنى قوللانمايمىز؟ يەنە كېلىپ بىزدىمۇ ئەسلى شۇنداق جۈملە شەكلى بار ئىدى، لېكىن خەنزۇچە جۈملە قېلىپىدىن چىقىپ كېتەلمىگەنمىز، خالاس. بۇ بىر ئاددى مىسال، رۇس تىلىدىن خەۋىرىم بولغانلىقىنىڭ پايدىسى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئەلۋەتتە. تەرجىمە ئەمەلىيىتىمدە رۇس تىلىنىڭ يەنە بىرمۇنچە ئىپادىلەش شەكىللىرىدىن پايدىلاندىم ۋە ئۈلگە ئالدىم.

26. خەنزۇ تىلىدىن كۆپ خەۋىرىم يوق، ئەمما بىر قىسىم تەرجىمىلەرنىڭ بەكلا نابابلىقىنى، ئۇيغۇر تىلىنى قىيناپ، بېسىپ، يانچىپ، تولغاپ، سوزۇپ غەلىتە بىر ھالغا كەلتۈرۈپ قويۇۋاتقانلىقىنىمۇ ھېس قىلىپ تۇرىمەن، ئەقەللىيسى: «يېتىشىسزلىكلەرنى ئۆزگەرتىپ، ياخشىلاپ، خىزمەتلىرىمىزىنى مۇكەممەللەشتۈرىشىمىز كېرەك...» دېگەندەك پەلىپەتىش جۈملىلەر دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ئۆزىلا ئۆزگەرتىش، ياخشىلاشلارنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تىلىمىزدا بىر فونېما ئارقىلىق بىرمۇنچە مەنا سىغىدىلىپ كېتىدۇ، بىر ئىش يۈزىدە سۆزمۇ سۆز، قۇرمۇ قۇر، جۈملىمۇ جۈملە ئۇدۇللاشتۇرىمەن، دەپ ھەم لۇغەتكە چوقۇنۇشنى مىزان قىلىۋالىدىغان ئىشلارمۇ  يوق ئەمەسمىكى دەيمەن.
باۋۇدۇن ھەسەن: سىز ئانا تىلنى ياخشى بىلگەنلىكىڭىز ئۈچۈن تەرجىمىدىكى تىل مەسىلىلىرىنى بايقىۋاپسىز. دەرۋەقە، بەزى تەرجىمىلەردە ئەنە شۇنداق پەلەپەتىش گەپ-سۆزلەر ماڭدامدا بىر ئۇچرايدۇ. ئاساسىي سەۋەبىگە كەلسەك، شۇنداق تەرجىمىلەرنىڭ تەرجىمانى، بىرىنچىدىن، «سادىق تەرجىمە»نىڭ نېمىلىگىنى چۈشەنمەي، خەنزۇچىدا قانداق شەكىلدە ئىپادىلەنگەن بولسا، شۇ پېتى ئاغدۇرۇشنى ئەۋزەل بىلگەن ياكى شۇنىڭ بىلەنلا قانائەتلەنگەن؛ ئىككىنچىدىن، ئانا تىلغا، يەنى نىشان تىلغا پۇختا ئەمەس، ئىستىلىستىك قايىدە-قانۇنىيەتلەرنى بىلمەيدۇ، قانداق سۆزلەرنىڭ قانداق سۆزلەر بىلەن بىرىكىدىغان-بىرىكمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ياكى ئويلاشمايدۇ، شۇنداقلا سۆزلەرنىڭ لېكسىكىلىق مەنىسىنى ياخشى چۈشەنمەيدۇ، تىلنىڭ باشقا قايىدە-قانۇنىيەتلىرىنىمۇ بىلمەيدۇ ياكى بۇ قانۇنىيەتلەرگە ئېتىبار بەرمەيدۇ ۋە باشقىلار.

27. تىلنى ئىخچام، چۈشىنىشلىك ئىشلىتىش، ئاياپ ئىشلىتىش، سوزۇنچاقلىقتىن، كالاماپايلىقتىن ساقلاش بەكلا زۆرۈر، ئىلگىرى بىرگەپلەرنى ئاڭلىغان ئىدىم، 50-يىللاردا بىر بەت خەنزۇچە ماتېرىيال بىر بەت تەرجىمە بولۇپ چىقاتتىكەن، 70-يىللاردا بىر يېرىم بەت چىقىدىغان بولدى، ھازىر ئىككى بەت چىقىدۇ، دېگەندەك. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا بىر مەسىلە، سىز مۇشۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟
باۋۇدۇن ھەسەن: باشتىمۇ ئېيتىپ ئۆتكەنىدىم، خەنزۇ تىلى ئالاھىدە ئىخچام تىل. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، خەنزۇچە بىر بەت يازمنىڭ ئۇيغۇرچىدا بىر بەت بولۇپ چىقىشى ناتايىن. ئۇيغۇر تىلىدىلا ئەمەس، فىرانسۇزچە، ئەېەبچە، ئېنگىلىزچە دېگەندەك كۈچلۈك دۇنياۋى تىللاردىمۇ خەنزۇچە بىر بەت چىققان ماتىرىيالنىڭ بىر بەت بولۇپ چىقىشى ناتايىن. بىراق، بۇنداق بولۇشىمۇ مۇتلەق ئەمەس، ماھىر تەرجىمانلار بەزىدە خەنزۇچە بىر بەت ماتىرىيالنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىمۇ بىر بەت، ھەتتا بىر بەتتىنمۇ ئىخچام چىقىرالايدۇ، شۇنداق ئىخچام تەرجىمە قىلغاندىمۇ خەنزۇچىدىكى مەزمۇن-مەنالارنى چالا قويماي تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. ئەپسۇسكى، ھەرقانداق مەزمۇندا، ھەرقانداق ئۇسلۇپتا يېزىلغان يازمىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنداق ئىخچام تەرجىمە قىلغىلى بولۇۋەرمەيدۇ. يىغىپ ئېيقاندا، تەرجىمە ھەجمىنىڭ ئاز-كۆپلىكى ئۇنچە مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى تەرجىمىدە ئەسلى مەنانى ئىشەنچلىك (سادىقلىق)، چۈشۈنۈشلىك، راۋان ئىپادىلەپ بېرىش. سادىقلىق، چۈشۈنۈشلىك، راۋانلىق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى جايىدا بىر تەرەپ قىلماق بەك تەس. بۇ تېخنىكا ياكى ماھارەت مەسىلىگە ياتىدۇ، ماھىر تەرجىمانلار بۇ مەسىلىنى ھامان ھەل قىلىپ، ئەپچىل جۈملە شەكىللىرىنى، ئورۇنلۇق سۆز – ئىبارىلەرنى قوللىنىپ ئىچام تەرجىمە قىلىش مەقستىگە يېتەلەيدۇ.

28. يەرلىك شىۋىلەرنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ توپا بېسىپ ياتقان ئەڭ كاتتا بايلىقلىرىنىڭ بىرى دېيىش مۇمكىن. سىز تەرجىمىدە يەرلىك شىۋىلەردىن قانداق پايدىلىنىسز،خەنزۇ تىلىنىڭ يەرلىك شىۋىلىرىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ يەرلىك شىۋىلىرىگە ئۇدۇللاشتۇرۇش جەھەتتە ئىزدىنىپ باقتىڭىزمۇ؟
باۋۇدۇن ھەسەن: شېۋە سۆزلىرىنى «ئەڭ كاتتا بايلىقلىرى» دەپ كەتكىلى بولماس، لېكىن بەرىبىر بايلىق ۋە غەزنە. دەرۋەقە، بەزىدە ئەدەبىي تىلدا تاپقىلى ياكى ئەپچىل ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان بەزى ئۇقۇملارنى يەرلىك شېۋىلەرگە خاس سۆزلەر بىلەن ئەپچىل ئىپادىلەپ، مەسىلىن بىر قەدەر ياخشى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: كېۋەز ئىشلەپچىقىرىشى جەريانىدا كېۋەزنىڭ «ئۇچىنى ئۈزۈش» دەيدىغان بىر جەريان بار، «ئۇچىنى ئۈزۈش» دېگەن بۇ سۆز خاس ئاتالغۇ ئەمەس، يەنە كېلىپ باشقا «ئۇچىنى ئۈزۈش»لەر بىلەن ئارىلىشىپ قېلىشى مۈمكىن. كۇچا شېۋىسىدە بولسا شۇ ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان «پېپەكدەش» دەيدىغان ئەپچىل خاس بىر ئاتالما بار ئىكەن، «ئۇچىنى ئۈزۈش»نىڭ ئورنىدا «پېپەكدەش» دېگەن سۆز ئومۇملاشتۇرۇلۇشى، لوغەتلىرىمىزدىن ئورۇن بېرىلىشى كېرەك ئىدى.
مەن تەرجىمە جەريانىدا ئۇقۇمنى ئېنىق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ئەنە شۇنداق شېۋە سۆزلىرىنىمۇ قوللىنىمەن، تولاراق ئەدەبىي تەرجىمىلىرىمدە قوللىنىمەن. بىراق، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك چۈشۈنۈپ يېتەلەيدىغان-يېتەلمەيدىغانلىقىنىمۇ ئويلىشىمەن، بولۇپمۇ ھۆججەت تەرجىمىسىدە بەكراق ئويلىشىمەن. خەنزۇ تىلىنىڭ يەرلىك شېۋىلىرىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ يەرلىك شېۋىلىرىگە ئۇدۇللاپ باقمىدىم، بۇرۇن ئۇدۇللاپ بېقىشقىمۇ ئورۇنغان، لېكىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى (دوستلىرىمغا كۆرسىتىپ پىكىر ئېلىپ باقسام، ئىنكاسى ياخشى بولمىدى، ۋاز كەچتىم). ئەمما، «پامىردىكى قار» دېگەن توپلامغا كىرگۈزۈلگەن، ئۇيغۇر ھاياتى ــ قەشقەرلىكلەرنىڭ ھاياتى تەسۋىرلەنگەن «مىنگو دەۋرىدىكى تەخسە» دېگەن پوۋىستتا ئادەتتە «ئەمەت ئاكا، سەمەت ئاكا، ئوسمان ئاكا» دەپ تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىدىغان «ئاكا»نى قەشقەرلىكلەرنىڭ تىل ئادىتى بويىچە «ئەمىتانىكو، سەمىتانىكو، ئوسمىنانىكو» دېگەن شەكىلدە ئالدىم. چۈنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى چۈشۈنىدىغان شىنجاڭلىق داڭلىق يازغۇچى جاۋ گۇاڭمىڭ ئەپەندى بۇ ئەسىرىنى ئۇيغۇرچە يازغان بولسا، چوقۇم مەن تەرجىمە قىلغاندەك ئېلىشى مۇمكىن ئىدى (بۇ پوۋىستنىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇغان كىشى ئاپتورىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن شارائىتتا چوقۇم ئۇيغۇر يازغۇچى يازغان ئىكەن دەپ قېلىشى مۈمكىن.

29. مەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىيالېكىت مەسىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتىمەن، ئۇيغۇر تىلىدا دىيالېكىت بار دېگەندىن گۇمانلىنىمەن، دىيالېكىت بىر تىلغا نىسبەتەن خېلى چوڭ خاسلىق ھەم ئايرىملىققا ئىگە تىل بۆلىكى، دىيالكىت بىلەن دىيالېكىت ئارىسىدا زور پەرقلەر بولۇشى كېرەكمىكىن دەيمەن،ئاڭلىشىمىزچە ئىچكىرىدىكى بەزى دىيالېكىت پەرقلىرىدە تەرجىمانسىز ئالاقە قىيىن بولىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇد ئىكەن، مۇشۇ جەھەتلەردىن ئويلىغاندا سىزنىڭچە ئۇيغۇر تىلىدا دىيالېكىت بارمۇ؟ بولسا نېمە سەۋەبتىن بار دەيمىز؟
باۋۇدۇن ھەسەن: دىئالىكىتنىڭ ئۆلچىمىنى ئېنىق بىلمەيمەن، تەخمىنەنلا بىلىمەن. مېنىڭچە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خوتەن دىئالېكتى، لوپنۇر دىئالېكتى ۋە مەركىزىي دىئالېكىت دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە ئايرىلغىنى توغرا. بۇ دىئالېكىتلار ئارىسىدا خېلى پەرق بار، بەزى دىئالېكىت سۆزلىرىنى باشقا دىئالېكىتتا سۆزلىشىدىغانلار چۈشۈنۈپ كېتەلمەيدۇ. دىئالېكىت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، چەرچەن ئەمەلىيەتتە خوتەن ۋىلايىتىگە تەۋە بولسا كېرەك، چەرچەن شېۋىسى بىلەن لوپنۇر دېئالېكتى باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شېۋىسىگە قارىغاندا يېقىنراقمىكىن دەيمەن، چۈنكى لوپنۇرمۇ، چەرچەنمۇ قەدىمدە كىروران ئېلىگە تەۋە (ئۆزۈمچە شۇنداق چۈشۈنىۋالىمەن). شۇڭا، سىز خوتەن، لوپنۇر دىئالېكىتلىرىدىكەر بىلەن باشقا رايوندىكىلەرنىڭ تىلى ئوتتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئېنىق ھېس قىلمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. مېنىڭچە، تۇرپان-قۇمۇل ۋىلايەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شېۋىسىمۇ ئايرىم بىر دىئالېكىتقا ئايرىلىشى كېرەك ئىدى.
دەرۋەقە، خەنزۇ دىئالېكىتلىرى ئارىسىدىكى پەرىق ئالاھىدە چوڭ، ھەتتا ئۇيغۇر-ئۆزبەك دەپ ئايرىم-ئارىم مىللەت بولۇپ قالغان خەلقنىڭ تىلى بىلەن قازاق، تۈركمەن، تۈرك تىللىرى دېگەندەك تۈركىي تىللار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقتىنمۇ چوڭ. بىراق، دىئالىكىتلارنى ئايرىش ئۈچۈن خەنزۇ دىئالىكىتلىرىنى ئايرىش ئۆلچىمىنى ئۆلچەم قىلغىلى بولماس دەيمەن. خەنزۇلارنىڭ مىللەت تەركىبى بەكلا مۇرەككەپ، ھازىرقى خەنزۇلارغا ھەتتا قەدىمقى غەربىي يۇرتلۇقلارمۇ، جۈلىدىن قەدىمقى ئۇيغۇرلارمۇ، كېيىنكى ئۇيغۇرلارمۇ قوشۇلۇپ كەتكەن (بۇنداق مىللەتلەر قوشۇلمىسى ئۇيغۇرلاردىمۇ بار، ئەلۋەتتە). مۇنداقچە ئېيتقاندا، خەنزۇلارنى مىللەتلەرنىڭ قوشۇلمىسىدىن شەكىللەنگەن دېيىشكە بولارمىكىن دەيمەن. بۇ تارىخشۇناسلىق، مىللەتشۇناسلىق قاتارلىق پەنلەرگە يادىغان مەسىلە، بۇ ھەقتە ئارتۇق بىرنېمە دېيەلمەيمەن.

30. سىزگە قايسى يۆنىلىشتىكى تەرجىمە راھەت بىلىنىدۇ؟ تەرجىمە سۈرئىتى جەھەتتىن قايسى خىلىنىڭ سۈرئىتى تېز؟
باۋۇدۇن ھەسەن: خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە تەرجىمە راھەت بىلىنىدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى، كىچىكىمدن ئۇيغۇرچىدا ئوقۇغان، ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدا چوڭ بولغان، ئالى مەكتەپكە چىققىچە ئېتىڭ نېمە دېگەندىن ئاددى گەپلەردىن باشقا گەپلەرنى قىلالىغان ۋە ئاڭلىيالىغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، پەقەتلا خەنزۇچە ساۋادىم يوق ئىدى. شۇڭا، خەنزۇچىغا قارىغاندا ئۇيغۇرچىىنى پىششىق بىلىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە سۈرئىتىممۇ تېزراق. خەنزۇچىغا بولسا كۆپ يىل تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، خەنزۇلار بىلەن قويۇق ئارىلىشىپ ئۆتۈش نەتىجىسىدە ئاران پىشىپ، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى خەنزۇچىغا يامان ئەمەس قاملاشتۇرۇپ تەرجىمە قىلالىغىدەك بولدۇم، لېكىن ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە تەرجىمە سۈرئىتىم خېلىلا ئاستا، شۇنداق بولسىمۇ ئۆزۈم خالايدىغان بولغاچقىا ئۇيغۇرچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىشقا بەكراق ئامراق.

31. سىز ئادەتتە خەنزۇ تىلىدىن ئەسەر تەرجىمە قىلىسىز، خەنزۇ يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش بىلەن چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش ئارىسىدا روشەن پەرق بولۇشى مۇمكىن، بىز ئادەتتە رۇس، ئېنگىلىز، ياپۇن قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلىرىنى كۆپرەك ئۇچرىتىمىز، قايسى مىللەتنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى ئەدەبىي ئەسىرىنى تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىش ئەڭ قىيىن بولۇشى مۇمكىن.
باۋۇدۇن ھەسەن: شۇنداق، روشەن پەرق بولىدۇ. چۈنكى، خەنزۇ يازغۇچىلار ئىجادىي ئەسەرلىرىدە تامامەن دېگىدەك خەنزۇ تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە رايە قىلىدۇ، ھازىرقى زامان خەنزۇ ئەدەبىي تىلىنىڭ، ھەتتا قەدىمقى زامان خەنزۇ تىلىنىڭ (ئومۇمەن ئەنئەنىۋى خەنزۇ تىلىنىڭ) ئامىللىرى كۆپرەك بولىدۇ، شۇڭا مۇرەككەپراق بىلىنىدۇ؛ خەنزۇچە تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ تىلى بولسا تەرجىمە قىلىنغۇچى تىلنىڭ گىراماتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك، كۆپىنچە ھاللاردا بۈگۈنكى زامان خەنزۇ تىلىغا خاس ئاممىباپ تىل ئۇسلۇبى قوللىنىلىدۇ. بىراق، شۇ تىللارنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىلىرى ئوتتۇرۇسىدا ئانچە روشەن پەرق بولمايدىغۇ دەيمەن. پەرىق بار دېگەندىمۇ، بۇ ئاساسەن تەرجىماننىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىگە ياكى تەرجىمە (ئىپادىلەش) ئۇسلۇبىغا باغلىق بولىدۇ. بىرلا مىسال ئالاي: بۇنىڭدىن ئون يىللار بۇرۇن  گېرمانىيەلىك تەرجىمىھال يازغۇچى ئېمېل لودۋىگنىڭ نېمىسچە يازغان «ناپولېئون» ناملىق خېلى يىرىك رومانىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغانىدىم. تەرجىمە جەريانىدا بايقىدىمكى، بۇ روماننىڭ مەن تەرجىمە قىلغان خەنزۇچە تەرجىمىسىنىڭ ھەر بىر باپىنى جەمى بەش تەرجىمان بىردىن تەرجىمە قىلغان، ھەر بىر تەرجىماننىڭ تىل ئۇسلۇبى ياكى تەرجىمە ئۇسلۇبى تازا ئوخشىشىپ كەتمىگەن بولغاچقا،  بەزى باپلىرىنىڭ سۆز-جۈملىلىرى ئېغىرراق، بەزى باپلىرىنىڭ تىلى ئويناق چىققان؛ بەزى باپلىرىنىڭ سۆز-جۈملىلىرى ئادەتتىكى ئاممىباپ تىل ئۇسلۇبىدا تۈزلا ئېلىنغان، بەزى باپلىرىردا بولسا تۆت بوغۇملۇق ئىبارىلەر ياكى سۆز بىرىكمىلىرى قاتارلىق خەنزۇ تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىگە خاس ئامىللار كۆپرەك ئۇچرايدۇ. يەنە كېلىپ، ئەسەر ئاپتورىنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىگە بەرگەن ئىزاھىدا، ئەسلى ئەسەرنىڭ تىل ئۇسلۇبى مۇرەككەپ، غەلىتە، مۇجىمەل، چۈشەنمەك قىيىن بولغاچقا، تەرجىمىسىمۇ قىيىنغا توختىغانلىقى، تەرجىمە جەريانىدا بەزى سۆز-جۈملىلەرنى جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان گېرمانىيەلىك ئاسپىرانتلار،ئەلچىخانا خادىملىرى قاتارلىق گېرمانلاردىن سوراپ  يۈرۈپ ئاران چۈشەنگەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ. چەت تىللاردىن تەرجىمە قىلىنغان خەنزۇچە تەرجىمە ئەسەرلەردىن ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىش نىسبەتەن ئاساراق توختايدىغىنى تۈركىي تىللاردىن، ئەرەپ-پارىس تىللىرىدىن، ھەتتا ھىندى-ئوردۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان خەنزۇچە ئەسەرلەر. چۈنكى، بۇ مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرى، تىل ئادىتى، سۆز-جۈملىلىرى، ئىجتىمائىي مەدەنىيىتى قاتارلىق تەرەپلىرى بىزگە يېقىن ياكى تونۇش. ياۋروپا ۋە شۇ ئىقلىمغا مەنسۇپ تىللاردىن تەرجىمە قىلىنغان خەنزۇچە تەرجىمە ئەسەرلەر ئىچىدە رۇس تىلىدىن ئاغدۇرۇلغان خەنزۇچە ئۇغدۇرمىلارنى ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرماق ئاسانراق. چۈنكى، بىز رۇس ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ ئاغدۇرمىلارنى كۆپ ئوقۇغانمىز ھەم رۇسلارنىڭ تۇرمۇش ئەدەتلىرى قاتارلىقلارمۇ بىزگە خېلى تونۇش.

32. رۇس، ئېنگىلىز ياكى ياپۇن يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە شۇ مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئىنچىكە مەدەنىيەت ئامىلى ۋە تۇرمۇشىدىكى بىزگە يات تەپسىلاتلارنى ئۇقۇشلۇق تەرجىمە قىلىشنىڭ ئۆزى بىر ماھارەت. سىز مۇشۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىڭىز ھەم ئومۇمىي تەرجىمە ساھەيىمىزدە مۇشۇ جەھەتتە ساقلىنۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر قىلىپ باقسىڭىز.
باۋۇدۇن ھەسەن: رۇس ئەدەبىياتىغا، ئەنگىلىيە-ئامېرىكا ۋە ياپون ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ يىرىك ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش نېسىپ بولمىدى، لېكىن ھېكايىلارنى خېلى كۆپ تەرجىمە قىلدىم، پوۋىستتىنمۇ تەرجىمە قىلىپ باقتىم. ئەپسۇسكى، ئۇ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىپ كېتەلمىدىم. ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىم ئۇلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرى ۋە باشقا ژانىردىكى ئەسەرلىرىدىكى، كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدىكى تەسۋىرلەردىن بىلگەن يۈزەكى چۈشەنچەم ۋە تەسىراتىمدىنلا ئىبارەت دېسەممۇ بولىدۇ. بىراق، تەرجىمە ئەمەلىيىتىمدە شۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆزۈم بىلىدىغان مەدەنىيەت ئامىللىرىغا ئالاھىدە دېققەت قىلىمەن، ئۇلارنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىي ۋە ھادىسىلەرگە تۇتقان بىزنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان پوزىتسىيەسى، قاراشلىرى، بىزنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئىدىلوگىيەسى، بىزگە يات تۇرمۇش تەپسىلاتلىرى، نۇتۇق ئالاھىدىلىكى، مىجەز-خارەكتىرى، مىللى خاسلىقى قاتارلىق تەرەپلىرىنى بىزنىڭكىگە ئوخشىتىپ قويۇشتىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىمەن. كونكىرىت تەرجىمە جەريانىدا ئۇچرىغان ئەنە شۇنداق بىزگە يات ئامىللارنى تولۇقراق چۈشۈنىۋېلىش ئۈچۈن شۇ ھەقتىكى چۈشەنچەم ۋە تەسىراتىمغا ئاساسلانغاندىن باشقا، مۇناسىۋەتلىك كىتاپ-ماتىرىياللارغا، بولۇپمۇ خەنزۇچە تور لوغەتلىرىگە، «بەيدۇ» تورىغا مۇراجەت قىلىمەن، بەزىدە مەسىلىنى خېلى ئاسان ھەل قىلىمەن، بەزىدە ئىرىنمەي كۆپلەپ ماتىرىيال كۆرۈپ، ھەر تەرەرەپلىمە ئىزدىنىمەن ۋە ئويلىنىمەن. ئۇيغۇر ئەدەبىي تەرجىمە ساھىسىدە ساقلىنىۋاتقان ئومۇمىي مەسىلىلەرگە كەلسەك، ھازىر چەت ئەل ئەدەبىي ئەسەرلىرى پۈتۈنلەي دېگىدەك خەنزۇچە تەرجىمىسىدىن تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ،  جۇڭگودىكى موڭغول، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئانا تىلىدا يېزىلغان ئەسەرلىرىمۇ خەنزۇچە تەرجىمىسىدىن تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ(ناھايىتى ئاز ساندىكى ئەسەرلەرلا ئۆزبېكچە، قازاقچە ۋە تۈركچە  دېگەندەك تۈركىي تىللاردىن ئۆزلەشتۈرۈلۈۋاتىدۇ). ئەگەر خەنزۇچە تەرجىمىسىدىن ئەمەس، ئۆز تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولسا، ئەسلى ئەسەردىكى مەنا، بولۇپمۇ نازۇك مەنالار ئۇيغۇرچە ئوقۇرمەنلەرگە ئەينەنراق يەتكۈزۈلگەن بولاتتى، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئىپادىلەش ۋاسىتىلىرىمۇ شۇ تىللارنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىدە كۆپ مەنبەلىك بېيىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتىغىغا مەنپەئەتى يۇققان بولاتتى. سەللا دېققەت بىلەن كۈزىتىدىغان بولسىڭىز، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا تەۋە ئەسەرلەرنىڭ تىلى (ئەرەپ-پارىس ۋە ھىندى-ئوردۇ تىل-ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىدە) بىر خىل ئۇسلۇپتا، يېقىنقى ياكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تەۋە ئەسەرلەرنىڭ تىلى (رۇس تىل-ئەدەبىايتىنىڭ تەسىرىدە) باشقىچە بىر خىل ئۇسلۇپتا، بۈگۈنكى زامان زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تەۋە ئەسەرلەرنىڭ تىلى (خەنزۇ تىل-ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىدە) يەنە بىر خىل ئۇسلۇپتا ئەكەنلىكىنى بىلىۋالالايسىز. شۇڭا، ئەڭ كونا زىيالىلارنىڭ، يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان ئەدىبلىرىنىڭ، بۈگۈنكى زامان ئەدىبلىرىنىڭ يازمىلىرى بىر-بىرىنىڭكىدىن پەرىقلىنىدۇ. بىلىشىمچە، ئەدەبىي تەرجىمانلار سېپىدە پەرھات جىلان ئەپەندى قاتارلىق رۇس تىلىدىن ئوبدان خەۋىرى بار بىر قىسىم پېشقەدەم ۋە ياش ئەدەبىي تەرجىمانلاردىن باشقا،  ئېنگىلىزچە، فرانسۇزچە، نېمىسچە، ئەرەپچە، ياپونچە قاتارلىق تىللارنى ئوبدان بىلىدىغان ياش ئەدىبلەرمۇ خېلى بار ئىكەن. ئەگەر مەتبەئە-نەشرىيات ئورۇنلىرى ئاۋارىچىلىق كۆرمەي جەمىيەتكە مۇراجەت قىلىدىغان بولسا، بۇ جەھەتتىكى ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تاپماق مۇمكىن بولمايمۇ قالماس ئىدى.

33. تەرجىمە جەريانىدا ئويلىمىغان قىيىنچىلىقلار يولۇقۇپ تۇرىدۇ، بىر ئاماللارنى قىلىپ يېڭىپ كېتىش مۇمكىن، ئەمما بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ھەقىقەتەن قىيىن، تەرجىمە جەريانىدا سىز ئەڭ باش قاتۇرىدىغان مەسىلە نېمە؟
باۋۇدۇن ھەسەن: مەن تەرجىمە جەريانىدا يولۇقۇدىغان ئەڭ باش قاتۇرىدىغان قىيىن مەسىلە مەدەنىيەت ئامىللىرى مەسىلىسى، بۇنى  يەنىلا تىل مەسىلىسى، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئاتالغۇ مەسىلىسى دېسەكمۇ بولار. چۈنكى، بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا بار بەزى شەيئى-ھادىسە باشقا مىللەتتە بولمايدۇ. شۇنداق شەيئى-ھادىسىلەرنى ئىپادىلەيدىغان سۆز-ئىبارىلەرگە ئۇدۇل كېلىدىغان ئىبارە باشقا مىللەتنىڭ تىلىدا تېپىلمايدۇ. مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئېغىزلاندۇرماق»، «قىرقى»، «ئىسسىقلىق» دېگەندەك ئۇقۇملار، خەنزۇ تىلىدىكى  «阎王爷、江湖» دېگەندەك ئۇقۇملار شۇ جۈملىدىندۇر.  يەنە بەزى شەيئىي-ھادىسىلەر ھەممە مىللەتتە بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، دەل ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان سۆزلەرنىڭ بولۇشى ناتايىن، مەسىلەن: «رەڭلىك ئولتۇرۇش»، «قاتار چاي» دېگەندەك. بۇنداق مەسىلىلەر دىن ساھەسىدە ئەڭ كۆپ، مەسىلەن، «جەننەت»، «دوزاق»، ئەزرائىل»، «تۆرەلمەك» دېگەندەك ئۇقۇملار ھەممە مىللەتتە بولسىمۇ، بىر-بىرىدىن پەرىقلىنىدۇ. ئالايلى، بۇددا دىنىغا خاس «超度» دېگەن سۆزنى ئادەتتە ئۇيغۇرچىغا «روھىغا دۇئا ئوقۇماق»، «ئۇ دۇنيالىقى ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت ئۆتكۈزمەك»دەپ ئېلىشقا مەجبۇر بولىمىز. ئەمەلىيەتتە، بۇ سۆزدە ئىپادىلىنىدىغان مەنا ئۇنداق ئاددىلا ئەمەس، «روھىغا دۇئا ئوقۇماق» پەقەت  «超度»دا ئىپادىلىنىدىغان مەنانىڭ ئازلا بىر قىسمى. بۇ ئاددى مىساللار، ئەلۋەتتە.

34. تەرجىمە قىلىش بىر ئىش، قانداق ئەسەرنى تەرجىمە قىلىشنى بىلىش يەنە بىر ئىش. مېنىڭچە ئەدەبىي تەرجىمانلاردا بۈگۈنكى ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەڭ پايدىلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش، يەنى بۈگۈنكى دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ياكى ئالدىنقى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەسەرلەرنى تاللاپ تەرجىمە قىلىشنى بىلىش  تەرجىمانلارنىڭ ساپاسىغا چېتىلىدىغان يەنە بىر مەسىلە بولۇشى مۇمكىن.
باۋۇدۇن ھەسەن: بۇ پىكرىڭىز تامامەن توغرا، مەنمۇ شۇنداق ئويدا. بىراق، ئەسەر تاللاپ تەرجىمە قىلىش تەرجىماننىڭ خاھىشى ياكى ئارزۇسى بويىچە بولۇۋەرمەيدۇ، بۇ ئىش نەشرىياتلارنىڭ، نەشىر شىركەتلىرىنىڭ، جۈملىدىن مۇھەررىرلەرنىڭ ئىلكىدە... توغرا دەيسىز، تەرجىمانلارمۇ نەشرىياتلارنىڭ شۇنداق ئەسەرلەرنى تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىشىنى پاسسىپ كۈتۈپ ئولتۇرماي، ئۆزىمىزمۇ ئاكتىپ تەۋسىيە قىلىپ تۇرساق بولغۇدەك. بۇ ئىشنى سەمىمگە ياخشى سالدىڭىز، بۇ سۇئالىڭىزنىڭ جاۋابى ئۈستىدە ئويلىنىۋېتىپ، بۇ جەھەتتە ئاكتىپچانلىقىم ۋە تەشەببۇسكارلىقىمنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇرۇنغۇ تەۋسىيە قىلمىغانمۇ ئەمەس، لېكىن يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن.

35. سىز يېقىندا «يۈز يىل غېرىبلىق» دېگەن نامدا نەشىر قىلىنغان روماننى «غېرىبانە يۈز يىل» نامىدا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇردىڭىز، شۇ ھەقتىكى ماقالىڭىزغا قارىسام بەزى روشەن پەرقلەرنى ھېس قىلىپسىز، بىزدە بىر ئەسەرنى تەرجىمە قىلىشقا توغرا كەلسە پالانى تەرجىمە قىلىپ بولغان دەيدىغانلار بار، ئەلۋەتتە تەرجىمانلار قىس، مەبلەغ ۋە باشقا شارائىتلارنىڭ چەكلىمىلىكى نۇقتىسىدىن بۇنىمۇ چۈشىنىشكە  بولار،بىراق بىر ئەسەرنىڭ بىرنەچچە خىل تەرجىمىسىنىڭ بولۇشى تېگىدىن ئالغاندا ياخشى ئىش، يەنى ئەڭ مۇۋاپىق تەرجىمىسىگە يېتىش ئۈچۈن بىر مەشھۇر ئەسەرنىڭ بىرنەچچە تۈرلۈك تەرجىمىسى بولۇش نورمال ئەھۋال. بۇ ھەقتە نېمىلەرنى دېگۈڭىز بار؟
باۋۇدۇن ھەسەن: ئالدىنقى يىلى شىنجاڭ ئېلېكتىرون نەشرىياتىنىڭ مۇھەررىرى نۇرئالىيە خانىم بۇ كىتابنىڭ خەنزۇچە ئەڭ يېڭى تەرجىمىسىدىن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى قايتا ئىشلەپ بېرىشنى ماڭا تاشۇرغانىدى، خۇشاللىق ھەم دىلىغوللۇق ئىچىدە قوبۇل قىلدىم. خۇشال بولۇشۇمنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇنداق دۇنياۋى نادىر ئەسەرنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلەش شەرىپى ھەركىمگە نېسىپ بولۇۋەرمەيدۇ. دىلىغول بولۇشۇمنىڭ سەۋەبى ھەممىگە چۈشۈنۈشلىك بولسا كېرەك، تەييارغا ھەيراي بولغاندەك ئىش بولارمۇ دەپ ئويلىدىم. چۈنكى، 1989-يىلىلا غوپۇر نۇرىدىن ئەپەندى تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان تەييار ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بارغۇ دەپ ئويلىغانىدىم (دەرۋەقە، بۇنداق تەرجىمىلەر بەزى كىشىنىڭ نەزىرىدە «ساقتا تەرجىمە» دەپ قارىلىدۇ). نىھايەت، قايتا تەرجىمىسىنى ئىشلەش جەريانىدا بۇ ئەندشەمنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى، نەشرىياتنىڭ قايتا تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرغانلىقىنىڭ بىكار ئەمەسلىكىنى، قايتا تەرجىمە ۋە قايتا نەشىر قىلىشنىڭ  تامامەن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، 1982-يىلىدىن ھازىرغىچە ئۇيغۇر تىلىدا بىرلا تەرجىماننىڭ قولىدىن چىققان، بىرلا نەشرىيات تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بىرلا تەرجىمە نۇسخىسى، بىرلا نەشىر نۇسخىسى بار، خەنزۇ تىلىدا بولسا 1982-يىلى تۇنجى قېتىم گاۋ چاڭرۇڭ (高长荣)، خۇاڭ جىڭيەن (黄锦炎)، شېن گوجېڭ (沈国正)، چېن چۈەن (陈泉)، ۋۇ جيەنخېڭ (吴健恒)، تۇڭ يەنفاڭ(仝彦芳) قاتارلىق ئەدەبىي تەرجىمانلار رۇسچە، ئېنگىلىزچە تەرجىمىلىرىدىن ۋە ئىسپانچىسىدىن تەرجىمە قىلغان بىرمۇنچە تەرجىمە ۋە نەشىر نۇسخىلىرىدىن باشقا، يۈنا قاتارلىق تەرجىمانلارنىڭ قولىدىن چىققان ئىشەنچسىز تەرجىمە نۇسخىلىرىمۇ بار ئىكەن (تەيۋەندە سۇڭ بىيۈن (宋碧云) خانىم، ياڭ نەيدۇڭ(杨耐冬) ئەپەندى قاتارلىقلار تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان بىرمۇنچە تەرجىمە نۇسخىسى بۇنىڭ سىىرتىدا). 2011-يىلى بۇ روماننىڭ ئاپتورى گارسىيە ماركوز جۇڭگوغا رەسمى نەشىر ھوقۇقى بەرگەندىن كېيىن، ئىسپان تىلى مۇتەخەسىسى فەن يې (范晔) ئەپەندى بۇ روماننى ئىسپانچىدىن (ئەسلى ئەسەر ئىسپانچە يېزىلغان) قايتا مۇنتىزىم تەرجىمە قىلغان ۋە خەينەن نەشر شىركىتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. شىنجاڭ ئېلېكتىرون نەشرىياتىمۇ دەل فەن يې ئەپەندىنىڭ قولىدىن چىققان شۇ يېڭى تەرجىمە نۇسخسىغا ئاساسەن تەرجىمە قىلىشىمنى تاپشۇرغانىدى. دېمەك، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى تۇنجى تەرجىمىسىدىن كېيىن ئوتتۇز يىلچە ئۆتكەندە ئاندىن قايتا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى.
ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ، بولۇپمۇ دۇنياۋى نادىر ئەسەرلەرنىڭ بىرقانچە خىل تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ بولۇشى ھەقىقەتەنمۇ زۆرۈر. چۈنكى، تەرجىماننىڭ ئەسلى ئەسەرنى، جۈملىدىن ئەسلى ئەسەر ئاپتورىنىڭ تىل ئۇسلۇبىنى، ئەسەردىكى پىرسۇناژلارغا، شەيئىي ۋە ھادىسىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى، ئەسەردە ئىپادىلىگەن نازۇك ھېس-تۇيغۇلىرىنى... چۈشىنىش ۋە تەرجىمىدە ئىپادىلەش ئۇسۇلى، شۇنداقلا ئەينەنلىك دەرىجىسى تازا ئوخشاپ كەتمەيدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، تارىخنىڭ يېڭىلىنىشىغا، ئىلگىرىلىشىگە، تەرجىمىدە ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ يېڭىلىنىشىغا، پۇختىلىنىشىغا ئەگىشىپ ئەسلى ئەسەرنىڭ تەرجىمىسىنى يېڭىلاپ، ئوقۇرمەنلەرگە ئەسلى ئەسەرنىڭ بايىقىدەك ھەممە تەرەپلىرىنى تېخىمۇ ئەينەن، تېخىمۇ توغرا يەتكۈزۈش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، « غېرىبانە يۈز يىل» قاتارلىق دۇنياۋى نادىر ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ باشقا تەرجىمانلار تەرىپىدىن قايتا ئىشلىنىشىمۇ يېڭى دەۋىرنىڭ تەلىپى، بۇنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەلىپى دېيىشكىمۇ بولىدۇ، شۇنداقلا تەرجىمە تەرەققىياتىنىڭ رىياللىقىغىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. دېمەك، ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ قايتا تەرجىمە قىلىنىشى مۇھىم قىممەتكە ۋە رىيال ئەھمىيەتكە ئىگە.
ماۋزوسىنىڭ تەرجىمىسىگە كەلسەك، بارلىق خەنزۇچە تەرجىمىلىرىنىڭ ماۋزوسى «百年孤独» ئىكەن، بۇ تەرجىمە خەنزۇ تىلىنىڭ گىراماتىكىلىق قانۇنىيىتىگىمۇ، ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغىمۇ تامامەن ئۇيغۇن، ئۇيغۇرچە كونا تەرجىسىمۇ خەنزۇچە تەرجىمىسىنىڭ گىرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسىغا ئوخشاشلا «يۈز يىل يىل غېرىبلىق» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. دەرۋەقە، ئۇيغۇرچىدا بۇ تەرجىمە ئەسلىگە (خەنزۇچە تەرجىمىسىگە) سادىقتەك بىلىنىدۇ. بىراق، ئىنچىكىلەپ تەھلىل قىلىدىغان بولساق، بۇ تەرجىمىنىڭ تازا ئورۇنلۇق بولمىغانلىقىنى بايقايمىز: «يۈز يىل غېرىبلىق» دېگەن سۆز بىرىكمىسىدە  ئېنىقلاش - ئېنىقلىنىش مۇناسىۋىتى ياكى ئېنىقلاش - ئېنىقلىنىش تەرتىپى ئورۇنلۇق ئەمەس. چۈنكى، «غېرىبلىق» ئىسىم ئەمەس، بەلكى سۆزنىڭ ئىسىم شەكلى، ئۇيغۇر تىلىدا بولسا سۈپەتلەرنىڭ ئىسىم شەكلى سۆز بىرىكمىسىدە باش بۆلەك بولۇپ كەلمەيدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ سىنتاكسىزلىق قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى نۇقتىسىدىن ئويلاشقاندىمۇ، ئىسىم شەكلىدە كەلگەن سۆز تۈركۈمى ئادەتتە سۈپەتلەرگە ئوخشاش پەقەت ئېنىقلىغۇچى بولۇپلا كېلىدۇكى (مەسىلەن، «خەيىرلىك كۈنلەر»، «قەيسىرانە روھ»، «ئاقىلانە پىكىر»... دېگەندەك)، ئېنىقلانغۇچى بولۇپ كەلمەيدۇ ، مەسىلەن، «توققۇز قەۋەتلىك»، «يەتتە قات ئاسمانلىق» «تۆت قۇر كۆچەتلىك» دېگىلى بولمىغاندەك، «يۈز يىل غېرىپلىق» دېيىلسە ئورۇنلۇق بولمايدۇ. ئەگەر «بىنالىق»، «كۆچەتلىك»، «غېرىپلىق» دېگەن سۆزلەر سۆز تۈركۈمى تەركىبىدە (مەسىلەن:«يەتتە قات ئاسمانلىق ئالەم»، «توققۇز قەۋەتلىك بىنا»، «تۆت قۇر كۆچەتلىك ئېتىز» شەكلىدە) ئېنىقلىغۇچى بولۇپ كەلسە، بۇ باشقا گەپ. ھالبۇكى، «يۈز يىل غېرىبلىق» دېگەن سۆز بىرىكمىسى بۇ قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. شۇڭا، خەنزۇچە تەرجىمىسىدە ماۋزوسىنىڭ قانداق گىراماتىكىلىق، سېمانتىكىلىق تەرتىپتە تۈزۈلگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانۇنىيىتىگە بويسۇندۇرۇپ «غېرىبانە يۇز يىل» دەپ ئالدىم. ئېنگىلىزچە، ياپونچە، تۈركچە، ئەزەربەيجانچە، ئۆزبەكچە، قازاقچە تەرجىمىلىرىنىڭمۇ «يالغۇزانە يۈز يىل» شەكلىدە ئېلىنغانلىقى ئورۇنسىز ئەمەس، باشقا تىللاردىكى تەرجىمىسىمۇ شۇنداقراق ئېلىنغانلىرى بولۇشى مۇمكىن، ھەتتا ئەسلى تىلدىكىسىمۇ شۇنداق. مەن ئەسلى «يالغۇزانە يۈز يىل» دەپ ئالماقچى بولغان، ئۇيغۇرچە ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆنگىنىنى نەزەردە تۇتۇپ «يالغۇزانە» دەپ ئېلىشقا تىگىشلىك سۆزنىڭ ئورنىغا «غېرىبانە» دەپ ئالدىم.

36. ھازىر تەرجىمىنىڭ باھارى كەلدى دېيىلدى، دېمىسىمۇ ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىدە يولغا قويۇلغان ياخشى سىياسەت ۋە باشقا ئىشلار ناھايىتى كۆپ بولۇۋاتىدۇ، سىزچە تەرجىمە باھارى بولۇۋاتقان مۇشۇ دەۋردە بىز نېمىلەرنى ئالدىن ھەم ئەڭ مۇھىم دەپ قىلىشىمىز كېرەك؟
باۋۇدۇن ھەسەن: شۇنداق، ھەممىمىز كۆپ يىل تاشنا بولغان ئەدەبىي تەرجىمىنىڭ باھارى يېتىپ كەلدى دېيىشكە بولىدۇ. مەركەزنىڭ ئالاھىدە غەمخۇرلۇقىدا يولغا قويۇلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى ئەدەبىي  ئەسەرلەر بىلەن خەنزۇ تىلىدىكى ئەسەرلەرنى ئۆزارا تەرجىمە قىلىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەر كۆپلەپ تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ، بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن غەنىيمەت پۇرسەت. سىز دېگەن مەسىلە ھەممىمىز ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەن. مېنىڭچە، بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، نەشرىياتلارنىڭ ئەسەر ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشىنى پاسسىپ ھالەتتە كۈتۈپ ئولتۇرماي تەشەببۇسكارلىق ۋە ئاكتىپلىق بىلەن قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. كونكىرىت ئېيتقاندا، ياخشى ئەسەرلەرنى كۆپلەپ ئوقۇپ، ياخشى ئەسەرلەر ئىچىدىكى نادىر ئەسەرلەرنى تاللاپ، يازغۇچىلار جەمىيىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا كۆپرەك تەۋسىيە قىلىشىمىز، شۇنداق نادىر ئەسەرلەرنىڭ بالدۇرراق تەرجىمە ۋە نەشىر قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

37. ھەر بىر تەرجىماننىڭ ئەسەر تاللاش ۋە تەرجىمە قىلىش جەريانىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن، ئۆزى رىئايە قىلىدىغان تەرجىمە پىرىنسىپى بولۇشى مۇمكىن، سىزنىڭ ئەسەر تاللاش ۋە تەرجىمە قىلىشتا  قانداق پىرىنسىپىڭىز بار؟
باۋۇدۇن ھەسەن: مەن ئادەتتە ئۆزۈمگە يارىغان، ئوقۇرمەنلەرنى قىزىقتۇرالايدۇ دەپ قارىغان ئەسەرلەرنى تاللاپ تەرجىمە قىلىمەن. تەرجىمە پىرىنسىپىغا كەلسەك، بۇ چوڭ ۋە خېلى مۇرەككەپ نەزەرىيەۋى مەسىلە. ئەگەر تەرجىمە ئۆلچىمىنى تەرجىمە پىرىنسى دەپ قارىغىنىمىزدا، مەن «ئەڭ يېقىن تەرجىمە» نەزەرىيەسىگە مايىلراق. بۇ خىل تەرجىمە پىرىنسىپىدا تۈرلۈك تەرجىمە شەكىللىرى ياكى جۈملە شەكىللىرىدىن ئەسلى ئەسەرگە ئەڭ يېقىن كېلىدىغان شەكىلنى قوللىنىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. مەسىلەن، دېققەت قىلىدىغان بولسىڭىز، مەلۇم بىر ئۇقۇم، مۇنداقچە ئېيتقاندا، بەزىدە خەنزۇچىدىكى مەلۇم بىر جۈملە سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى گېزىتتە بىرخىل، رادىيودا بىر خىل،  تېلېۋىزوردا بىر خىل ئېلىنىدۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى خاتا دېگىلى بولمايدۇ.  لېكىن، شۇ شەكىللەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى، يەنى ئەسلىسىگە ئەڭ يېقىنى بولىدۇ. بەزىدە شۇ «ئەڭ يېقىنى» ئومۇملىشىدۇ. بۇ پەقەت ئاددىلاشتۇرۇپ ئېيتىلغان پاراڭ. تەرجىمە جەريانى بۇ دېگەنلىرىمدىن كۆپ مۇرەككەپ. «ئەڭ يېقىن تەرجىمە» پىرىنسىپى بىلەن « مەزمۇنىمۇ، شەكلىمۇ ئوخشاش بولۇش» پىرىنسىپى بىر-بىرىگە يېقىن كېلىپ قالىدۇ. «مەزمۇنىمۇ، شەكلىمۇ ئوخشاش بولۇش» پىرىنسىپىدا شەكلى بىلەن مەزمۇنىنى ئوخشاش چىقارماق قىيىنراق. مېنىڭ پىرىنسىپىمغا كەلسەك، بىرمۇنچە ئەسلىگە يېقىن شەكىللەر ئىچىدىكى «ئەڭ يېقىن»لىق ئاساسىدىكى «ئەڭ سەرخىل» شەكىلنى تاللاش.

38. ئەدەبىي تەرجىمانلار قوشۇنىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم بىر تەركبىي قىسمى دەپ قارىغىنىمىزدا، سىز بۇ قوشۇننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قانداق باھا بېرىسىز، خوشال بولىدىغان ئىشلار قايسى، ئىچ پۇشۇق پەيدا قىلىدىغان ئىشلار قايسى؟
باۋۇدۇن ھەسەن: مەن خۇشال بولىدىغان ئىش ياش ھەۋەسكارلار، ياش قەلەمكەشلەر، ياش يازغۇچىلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ، ئارىلىقتا ئۈزۈكچىلىك يوق. كۆڭۈلنى سەل بىئارام قىلىدىغان ئىش ئۇيغۇرچە يېزىلىۋاتقان ئەسەرلەر ئىچىدە سەرخىل ئەسەرلەر بەك ئاز. خېلى داڭقى بار بەزى ئۇيغۇر ئاپتورلارنىڭ بەزى ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ باقتىم، ئانچە تايىنى يوق. بەزى ئەسەرلىرىنى ئاندا-مۇندا ۋاقراقلاپ قويۇپلا يالتىيىمەن، چۈنكى پەقەتلا قىزىقتۇرالمايدۇ. بەزى ئەسەرلىرىنى زورۇقۇپ ئوقۇپ تۈگىتىمەن، ياخشى ئىكەن دېگۈچىلىكى يوق، يامان ئەمەس ئىكەن دېيىشكىلا بولىدۇ. ئۆتكەندە كىتابخانىدىن ئەلقەم ئەختەمنىڭ «زېمىن، قارا ئادەملىرىڭگە» دېگەن توپلامىنى ئېلىپ ئوقۇدۇم، شۇنداق ئىسىل ئەسەرلەر ئىكەن. چوڭ ھەجىملىك بىر پوۋىستى بار ئىكەن (ماۋزۇسى ئېسىمگە كەلمەيۋاتىدۇ)، بەدىئىيلىكىنىڭ ۋاي دېگىچىلىكى يوق، ئەمما مەزمۇنى ئادەمنى زىل-زىلگە سالىدۇ. ئۇ پوۋىسنىڭ ۋەقەلىكى، پوۋىستىكى مۇھىم بىر پىرسۇناژ نەفىسەنىڭ پەجىئەلىك تەغدىرى ئېسىمگە كېلىپ قالسا، ھازىرمۇ يۈرىكىم ئېچىشىدۇ. ھەممە يازغۇچىنىڭ قەلىمىدىن كىشىنىڭ ۋۇجۇدىنى زىل-زىلگە سالغىدەك شۇنداق ئەسەرلەرنىڭ چىقىشىنى تەلەپ قىلغىلى بولمايدۇ، ئەمما شۇنداق يېزىشقا تىرىشىشىنى تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ. ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان يەنە بىر ئىش، بۇرۇنلاردا خېلى ياخشى يازىدىغان، خېلى كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان يېشى چوڭراق بەزى يازغۇچى-شائىرلىرىمىز يېزىشتىن چۇرتلا قالدى، ھاراققا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتتىمۇ ياكى ئادەم يېشى چوڭ بولۇپ كەتسە شۇنداق بولۇپ قالامدۇ-قانداق؟ ھالبۇكى، يېشى ئۇلاردىن ئوبدانلا چوڭ بەزى قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ قەلىمىدىن ھېلىمۇ خېلى-خېلى ئىسىل ئەسەر-ماقالىلەر چىقىپ تۇرۇۋاتىدۇغۇ؟! دېمەك، يازغۇچىلىرىمىز بوشاڭلىشىۋالمىسا، ئۆزىنى تاشلىۋەتمىسە ئىكەن. يازغۇچىنىڭ قەلىمى ئاسان پىشمىغان-دە، شۇنچە يىل سەرىپ قىلىپ ۋە شۇنچە ئەجىر سىڭدۈرۈپ مىڭ جاپادا يېتىلدۈرگەن ماھارىتىنى ئەمدىلىكتە ئىسراپ قىلىۋەتسە ئېچىنىشلىق ئىش بولمامدۇ.

40. تەرجىمە نەزەرىيەسى بىلەن تەرجىمە ئەمەلىيىتى ئارىسىدىكى پەرق ھەققىدىكى چۈشەنچىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق.
باۋۇدۇن ھەسەن: تەرجىمە نەزەرىيەسى بىلەن تەرجىمە ئەمەلىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت باشقا ھەرقانداق كەسىپكە خاس نەزەرىيە بىلەن بىلەن ئەمەلىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ئوخشاش بولسا كېرەك. بۇنى سورىسىڭىز، يەنىلا كونا گەپنى تەكرارلايمەن: نەزەرىيە ئەمەلىيەت تەجرىبىسىنىڭ يەكۈنى ۋە جەۋھىرى، نەزەرىيە ئەمەلىيەتكە يېتەكچى بولىدۇ. دەرۋەقە، تەرجىمىنىڭ قېلىپى بولمايدۇ، ئەمما نەزەرىيەنىڭ يېتەكچىلىكىگە موھتاج بولمايمۇ قالمايدۇ. نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ پەرقىغە كەلسەك، توغرا نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ پەرقى بولمايدۇ، توغرا نەزەرىيە ئەمەلىيەتنى توغرا يېتەكلەيدۇ. شۇڭا، نەزەرىيەنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. دەرۋەقە، بەزىلەر نەزەرىيەنى توغرا ۋە پۇختا ئىگىلەپ كېتەلمىگەن بولۇشى ياكى نەزەرىيەنى ئەمەلىيەت جەريانىدا قانداق تەدبىقلاشنى بىلمەيدىغان بولۇشى، شۇڭا نەزەرىيەنى باشقا نەرسە ياكى ئەسقاتمايدىغان نەرسە، ئەمەلىيەت بولسا باشقا نارسە دەپ قارىشى مۇمكىن. دەرۋەقە، بەزىلەرگە نەزەرىيەنى ئىگىلىمەك تەس، ئەمەلىي خىزمەت بىلەن شۇغۇللانماق ئاسان بىلىنىشى مۇمكىن. مېنىڭچە، نەزەرىيەنىڭ يېتەكچىلىكى بولمىسا، ئەمەلىي تەرجىمىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ پۈتتۈرگىلى بولمايدۇ. مەن گەرچە ئەمەلىي تەرجىمە جەريانىدا دائىم نەزەرىيەنى ئويلاپ، نەزەرىيە قېلىپىغا چۈشۈرىمەن دەپ ئولتۇرمىساممۇ، بىمالال تەرجىمە قىلالىغىدەك ھازىرقىدەك ھالغا كەلگىچە يەنىلا نەزىرىيەنى تەرجىمە ئەمەلىيىتىمگە يېتەكچىلىك قىلدۇرۇپ يۈرۈپ ھازىرقىدەك ماھارەت يېتىلدۈرگەنمەن.

41. تەرجىمىنىڭ ئۆزىگە خاس نەزەرىيەسى بولىدۇ، شۇنداقلا يەنە ئەدەبىياتتا تۈرلۈك ئېقىملار بولغىنىدەك تەرجىمە ھەققىدىمۇ بەزى نەزەرىيەۋى ئېقىملارنىڭ بولۇشى ئېنىق. مۇشۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرسىڭىز.
باۋۇدۇن ھەسەن: تەرجىمە ئېقىملىرىغۇ بار، لېكىن ئەدەبىيات ئېقىملىرىدەك ئېنىق ئەمەس، يەنە كېلىپ نەزەرىيە تەتقىقاتى، تىل تەتقىقاتى ۋە تەرجىمە تەتقىقاتى بىلەن گىرەلىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا چۈشەنمەك ۋە چۈشەندۈرمەكمۇ قىيىن. مېنىڭچە، «توغرا، راۋان، گۈزەل تەرجىمە»، «تەڭ قىممەتلىك تەرجىمە»، «(ئەسلىگە) ئەڭ يېقىن تەرجىمە»، «شەكلىمۇ، مەزمۇنىمۇ ئوخشاش تەرجىمە»  قاتارلىق تەرجىمە نەزەرىيەلىرىنىڭ ھەر بىرى بىر خىل تەرجىمە ئېقىمى. بۇ نەزەرىيەلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئانچە-مۇنچە پەرقلا بار. بىراق، بۇ نەزەرىيەلەر بىر-بىرىگە زىت ئەمەس، بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، پەقەت تەكىتلەش نۇقتىلىرىلا ئوخشىمايدۇ....دېمەك، تەرجىمانلار ئىناق جامائەتمىز (چاقچاق).

42. ئۇيغۇر تەرجىمە ئۇستازلىرى ھەم ئۇلارنىڭ پەزىلەتلىرى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق.
باۋۇدۇن ھەسەن: رەھمەتلىك توختى باقى ئاكا، داڭلىق ئەدەبىي تەرجىمان ۋە ئالىي مۇھەررىر راخمات مامۇت ئاكا قاتارلىق ئاز بىر قىسىم داڭلىق تەرجىمە ئۇستازلىرىنى دېمىگەندە، باشقا ئۇستازلار بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغانمەن. شۇڭا شۇلار ھەققىدىكى تەسىراتىم توغرىسىدىلا توختىلىپ ئۆتەي: 1990-يىلى بولسا كېرەك، بىر ئىش بىلەن ئۈرۈمچىگە بارغىنىمدا «دۇنيا ئەدەبىياتى»دىكى مۇھەررىرلەرگە شۇ پۇرسەتتە سالام بېرىپ ئۆتەي دېگەن ئويدا تەھرىر بۆلۈمىگە ئۈسۈپلا كىرگەنىدىم، راخمان مامۇت ئاكىمۇ بۆلۈمدە بار ئىكەن،  مېنىڭ كىم ئىكەنلىكمنى بىلىپ ئالاھىدە ئالدىمغا كېلىپ قىزغىن كۆرۈشتى، داۋاملىق تەرجىمە قىلىپ تۇرۇشۇمغا رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن بىرگە تەرجىمەمدىكى مەسىلىلەرنى، تەلەپلىرىنى ئوچۇق-يورۇق ئېيتىپ ئۆتتى ھەمدە بىردەمدىن كېيىن بىر ھېكايىنى تەرجىمە قىلىشىمغا تاپشۇردى. كېيىن باشقىلاردىن ئاڭلىسام، مېنى تەھرىر بۆلۈمىگە يۆتكەپ كېلىش ئويى بارلىقىنى ئېيتىپ، شۇ كىشىگە مەن بىلەن پاراڭلىشىپ بېقىشنى ئېيتقانىكەن. ئۇ چاغدا ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ بولغان ۋاقتىم بولۇپ، ئىشتات مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئائىلەمنى يۆتكەپ بېرىش مۇمكىن ئەمەستەك ئىدى، شۇڭا ئامال بولمىدى. (كېيىن «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ساتار ئابدۇللا، مۇئاۋىنى غوپۇر قادىر ئاكىلارمۇ شۇنداق ئويى بارلىقىنى ئېيتىپ، يۆتكىلىپ كېلىشىمنى ئوچۇق تەۋسىيە قىلغانىدى، يەنە شۇ سەۋەب تۈپەيلىدىن مۇمكىن بولمىدى). شۇنىڭدىن كېيىن راخمان مامۇت ئاكا بىلەن بىرقانچە قېتىم كۆرۈشتۇق، ھەمسۆھبەت بولۇشتۇق. ماڭا «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەج پائالىيىتى» قاتارلىق بىرقانچە كىتابنىڭ تەرجىمىسىنىمۇ ئۇيۇشتۇرۇپ بەردى. يەنە «ناپولېئون» ناملىق يىرىك روماننىڭ تەرجىمىسىنىمۇ ئىشەنچ بىلەن تاپشۇرغاندى، لېكىن بۇ روماننىڭ تەرجىمىسى بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نەشر قىلىنماي تۇرۇپ قالغانىدى، يېقىندا «شەرق شامىلى»نىڭ خاسىيىتى بىلەن نەشىر قىلىنىپ يورۇقلۇققا چىقتى. راخمان مامۇت ئاكا بىلەن ھازىرغىچە ئاندا-مۇندا تېلېفونلىشىپ تۇرىمىز. ساتتار ئابدۇللا، غوپۇر قادىر، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ كېيىنچە توختى باقى ئاكىنىڭ ئورنىغا چىققان، خېلى-خېلى تورى بار تارىخىي كىتابلارنى، ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان ئابدۇغوپۇر سەئىدى قاتارلىق ئاكىلار بىلەنمۇ ھازىرغىچە مۇناسىۋەتلىشىپ تۇرىمىز، ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ ئۆگىنىشىمگە ئەرزىيدىغان، جامائەتنىڭ ھۆرمىتىگە مۇناسىپ پەزىلەت ئىگىلىرى ئىدى، شۇڭا مېنىڭدەك كىچىك تەرجىماننىمۇ ئۆزىگە يېقىن تۇتۇپ يېتەكلىگەنىدى.
توختى باقى ئاكا ھەققىدىكى بىۋاسىتە تەسىراتىم ھەققىدىلا توختىلاي. 1987- يىلىغۇ دەيمەن، ئاقسۇدا چاقىرىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ ئەدەبىي تەرجىمە مۇھاكىمە يىغىنىغا توختى باقى ئاكىمۇ قاتناشقانىدى، ئۇ چاغلاردا تېخى پېنسىيەگە چىقمىغان بولسىمۇ، چاچلىرى ئاقارغان يېشى خېلى چوڭ كىشى بولغىنىغا قارىماي يىگىتلەردەك تېتىق، خۇشچاقچاق، چىقىشقاق ئىدى. خېلى يىللاردىن كېيىن ئۈرۈمچىدە داۋاملىق تەربىيەدە بولغىنىمدا، توختى باقى ئاكا تەرجىمە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدىن دەرىس ئۆتۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغانىكەن. بۇ چاغدا شۇنچە ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، تازا ئەسقاتىدىغان ناھايىتى ئەمەلىي تەرجىمە ماھارەتلىرى، ئەمەلىي تەجرىبىلىرى ھەققىدە رېتىملىق لېكسىيە سۆزلەپ بەردى. مېىنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈرگىنى شۇ بولدىكى، شۇنچە كاتتا تەرجىمان بولغىنىغا، شۇنچە ياشقا كىرىپ قالغىنىغا قارىماي، لېكسىدە داۋامىدا قولىدىكى تەرجىمە نەزەرىيەسىگە دائىر خەنزۇچە كىتابلاردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتەتتى. ئېنىقكى، شۇ چاغدىمۇ تەرجىمە نەزىرىيەسىنى ئۆگىنىشتىن ۋە تەتقىق قىلىشتىن توختىمىغانىدى.

43. تەرجىمىسى سىزنى ئەڭ قايىل قىلىدىغان ئەسەر قايسى بولۇشى مۈمكىن، بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئورتاقلىشىپ باقايلى.
باۋۇدۇن ھەسەن: بۇ سۇئالىڭىزغا ئېنىق جاۋاب بېرەلمەيمەن. چۈنكى، تەرجىمىسى ماڭا يارايدىغان كىتاب-ئەسەرلەرمۇ ئاز ئەمەس. يەنە كېلىپ خېلى يىللاردىن بېرى ئانچە كىتاب ئوقۇيالماس بولۇۋالدىم. ئوقۇيمەن دەپ ئويلىغان خېلى كىتابلار بار ئىدى، ئوقۇيالمىدىم.

44. مەن ئاتالغۇ تەرجىمىسىدىكى ئۇزۇنلۇقنى كالامپاي تەرجىمە دەپ ئاتىدىم، چالا-پۇچۇق ياكى ئېنىق مەنا بېرەلمەيدىغان تەرجىمىلەرنى مەتۇ تەرجمە دېدىم، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاتالغۇ ياكى باشقا جەھەتلەردە بولسۇن كالامپاي تەرجىمە ۋە مەتۇ تەرجىمىلەر كۆپىيىپ قالدى.
باۋۇدۇن ھەسەن: شۇنداق، «كالامپاي تەرجىمە»، «مەتۇ تەرجىمە»لەر ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى، بەزىلەر قانداق سۆزلەرنىڭ قانداق مەنا بىرىدىغانلىقى، قايسى سۆزلەر بىلەن قايسى سۆزلەر بىلەن بىرىكىدىغان- بىرىكمەيدىغانلىقى بىلەن، شۇنداقلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياكى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ شۇنداق «تەرجىمە»نى ئوقۇسا ياكى ئاڭلىسا قانداق  چۈشەنچىدە بولۇدىغانلىقى بىلەن ھېسابلاشماي،  ئۇدۇل كەلگەن، ئۆزىگە تەخمىنەن توغرا بىلىنگەن سۆزلەرنى قوراشتۇرۇپلا قويغانلىقىدىن بولغان. تېخىمۇ قىزىق يېرى شۇكى، ئۇيغۇر جامائىتىمۇ بەزىدە شۇنداق مايماق، پۈچەك ئاتالمىلارنى نېرى-بېرىسى بىلەن كارى بولماي شۇ پېتى قوبۇل قىلىۋىرىدۇ، ھەتتا مودا قىلىۋالىدۇ. بۇ يەردە مىسال ئالمايلا قوياي، چۈنكى بەزى «ئەرباپلار» ياكى نوپۇزلۇق ئورگانلاردىكىلەرنىڭ چىشىغا تېگىپ قويغۇم يوق.

45.تەرجىمىنىڭ گۈزەللىكى ھەم پاكىزىلىكىگە ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل قايسى بولۇشى مۇمكىن.
باۋۇدۇن ھەسەن: ئېنىقكى، تىل ئامىلى. تەرجىنىنىڭ گۈزەللىكى تەرجىمىدە قوللىنىلغان تىل گۈزەللىكىگە باغلىق. بۇ يەرە «تىل» دېگىنىم گىراماتىكا (جۈملە شەكلى ۋە باشقا گىرامماتىكىلىق شەكىللەر، گىرامماتىكىلىق قوشۇمچىلار)، لېكسىكا (ئەسلىسى مەناغا ئەڭ ماس ۋە ئەڭ يېقىن كېلىدىغان سۆزلەر) قاتارلىق ئامىللارلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر. «ئەر كۆركى ساقال، تىل كۆركى ماقال» دېگەن گەپ ماقال بارغۇ بىزدە، بۇ يەردە ئېيتىلغان «ماقال» پەقەت  «ماقال-تەمسىل»لا ئەمەس، ماقال-تەمسىل، ئىدىيۇم (ئادەت سۆزلىرى)، ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش قاتارلىق بارلىق ئىستىلىستىك ۋاسىتىلەرنى، ئىخچام، جانلىق ئىپادىلەش شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالسا كېرەك. دېمەك، تەرجىمىنىڭ گۈزەللىكى ۋە پاكىزلىقى ئۈچۈن تەرجىماننىڭ تىل ماھارەتلىرىنى پۇختا ئىگىلىشىگە توغرا كېلىدۇ.

46. تەرجىمىدە تىل باراۋەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھەرقاچان ھېس قىلىپ تۇرىمىز، يەنى باشقا تىلنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە قانداق ھۆرمەت قىلساق ئۆز تىلىمىزغىمۇ شۇنداق ھۆرمەت قىلىش بەك مۇھىم، بولمىغاندا سۆزمۇ سۆز، خەتمۇ خەت سادىق بولىمەن دەپ تىلنى بۇزىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ.
باۋۇدۇن ھەسەن: بۇمۇ «مەتۇ تەرجىمە»گە كىرىدۇ. ئەسلى تىلدىكى سۆزنىڭ قانداق مەنىدە كېلىۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ئۇدۇل كەلگەن ياكى ئۆزى بىلىدىغان بىرلا مەنىسىگە ئېسىلىۋېلىپ تەرجىمە قىلىدۇ. ئاددىلا بىر مىسال ئالاي: «保险» دېگەن سۆزنىڭ «ئىشەنچلىك»، «بىخەتەر» دېگەندەك مەنىلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلمەي «سۇغۇرتا» ياكى «ئىستىراخۇانىيە» دەپ ئېلىۋىرىدۇ-دە.بەزىدە خەتمۇ- خەت تەرجىمە قىلىپ ئېلىۋېرىپ، ئەسلى مەنىسى بىلەن ھېسابلاشماي ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل تەرجىمە قىلغىنىنى «سادىق تەرجىمە» دەپ چۈشۈنىۋالىدۇ.
تەرجىمان بولغان ئادەم بىلىشى كېرەككى، تىللار ئوتتۇرۇسىدا باپ-باراۋەر بىرمۇ سۆزنى تاپقىلى بولمايدۇ، كىرمە سۆزلەرنىڭ كۆپىنچىسىمۇ شۇنداق بولىدۇ. «نان» دېگەن سۆزنى ئالايلى، بۇ گەپ ھازىر خەنزۇ تىلىدا «馕» دەپ ئۆزلەشتى، لېكىن بىزدە تونۇر نېنى، قازان نېنىدىن باشقا ھورنان دېگەندەك «نان»لارمۇ،«نېنىنى تېپىپ يېمەك»، «نېنىنى تارتىۋالماق» دېگەن ئىدىيۇملارمۇ بار. «مەتۇ تەرجىمە»لەردىن باشقا، «كولامپاي تەرجىمە»لەرمۇ بار. بەزى تەرجىمانلار تىل يوقسۇللىقىدىن، ئېھتىياتسىزلىقتىن ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جۈملىلەر بىلەن پوملاپ- يۆمەپ چۇۋالچاق تەرجىمە قىلىپ قويىدۇ-دە، بۇ تەرجىمىسىنىڭ مەنىسى ئۆزىگە چۈشۈنۈشلۈك بولسىمۇ، ئوقۇرمەنلەرگە مۇجىمەل، تۇتۇق، چۈشۈنىكسىز بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەيدۇ (بۇنداق ئەھۋال تەرجىمىدىلا ئەمەس، ئانا تىلىدىكى يازمىلاردىمۇ كۆپراق ئۇچرايدۇ). مېنىڭچە، «سۇنى سەپ سىڭار يەرگە، گەپنى قىل سىغار يەرگە» دېگەن ئاتا سۆزىنى تەرجىمىگە قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ.

47. تەرجىمە كىتابلىرىڭىزنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە سېلىشتۇرما كاتولوگىنى كۆرۈپ باقايلى.
باۋۇدۇن ھەسەن:
«دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن يۈز ئۇرۇش»ــ «影响历史进程的100次战争»
«جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەج پائالىيىتى» ـــــ «中国穆斯林朝觐纪实»
«تۇغۇلغان كۈن سوۋغاتلىرى» (12 قىسىم) ـــــ «生日礼物丛书»
«ئايىم قىزلار» ـــــ «小妇人»
«دىراكولا» ـــــ «德拉库拉»
« شوتلاندىيەنىڭ ئايال پادىشاھى مارى» ـــــ «苏格兰女王玛丽»
«پامىردىكى قار» ـــــ «帕米尔远山的雪峰»
«تىبەت دالاسىدىكى تاڭغىت تايغىنى» ـــــ «原液藏獒»
«سەندەل قوزۇق جازاسى» ـــــ «檀香刑»
«غېرىبانە يۈز يىل» ـــــ «百年孤独»
«ئاشۇ كۈنلەر» ـــــ «日夜书»
«ناپولېئون» (ئۇيغۇرچە نەشرى ئىككى توملۇق) ـــــ «拿破仑传»
«مۇرەسسە-مادارا يولى» ــــــ «中庸之道»
«ئويلار» ـــــ «沉思录»
«شەلپەر پانۇس» ـــــ «红纱灯»
«جۇڭگو تارىخىي ھېكايەتلىرى»، «چۇڭگو ۋە چەت ئەل ھېكايىلىرى» ـــــ «中国历史故事»، «中外民间故事» قاتارلىق بەش كىتاب ـــــ ھېچ چىقىپ بولالمايۋاتىدۇ.
«ئاكۇيناس» ــــ «阿奎那»
  بۇلاردىن باشقا، كورلىدا يەرلىك تارماقلار نەشىر قىلدۇرغان تەرجىمە كىتابىم، بىرقانچە كىشى بىرلىشىپ تەرجىمە قىلغان، كۆپ كىشى تەرجىمە قىلغان، تەرجىمە ھېكايىلىرىم كىرگۈزۈلگەن كىتابلاردىن يەنە بىرمۇنچىسى بار.

48. شۇنچە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپسىز، پەخىرلەنسىڭىز ئەرزىگۈدەك، يەنە قانداق ياخشى پىلانلىرىڭىز بار؟
باۋۇدۇن ھەسەن: تەرجىمە ساھەسىدە كىتابلارنى ئەركىن تاللاپ تەرجىمە قىلىش ئىمكانىيىتى يوق دېيەرلىك، قانداق كىتابلارنى تەرجىمە قىلىدىغانلىقىمىز پۈتۈنلەي دېگىدەك نەشرىياتلارنىڭ بۇيرۇتمىسىغا باغلىق، شۇڭا ئېنىق پىلانىممۇ يوق. ھازىر قولۇمدا ئىككى كىتاب بار، بىرىسى داڭلىق يازغۇچى جيا پىڭۋانىڭ «چىراق چوكان دەيدېڭ (带灯)» (بۇ كىتاب ئېتىنىڭ ۋاقىتلىق تەرجىمىسى، ھازىر تەرجىمە قىلىۋاتىمەن، يەنە بىرى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتى ئۇيۇشتۇرغان «جۇڭگو ئەدەبىي ئاخباراتلىرىدىن 2014- يىللىق تاللانما»، ھەر ئىككى كىتابنىڭ تەرجىمىسىنى يىل ئاخىرىغىچە تاماملىماقچىمەن. بايا ئېيتقىنىمدەك سەرخىل كىتاب تېپىپ نەشرىياتلارغا سۇنۇپ بېقىش ئويۇم بار.

49. نۇرغۇن قەلەمكەشلەر بىلەن سۆھبەتلەردە ياكى ئۇلار بايان قىلغان يازما ماتېرىياللاردا ئۇلارنىڭ ئالتۇندەك ۋاقىتلىرىنىڭ قانداقتۇر ئەھمىيەتسىز ئىشلار بىلەن خوراپ تۈگىگەنلىكى ھەققىدىكى زارىنى ئاڭلاپ،كۆرۈپ تۇرىمىز، سىزنىڭمۇ «ئالتۇندەك چاغلىرىڭىز زايە بولغان» كەچمىشىڭىز بارمۇ؟
باۋۇدۇن ھەسەن: بار، تولا. ئاساسىي سەۋەبى، باشتىكى سۇئاللىرىڭىزدىن بىرىگە بەرگەن جاۋابىمدا ئېيتقىنىمدەك، زېھنىم ئەڭ ئوچۇق، قىزغىنلىقىم ئەڭ كۈچلۈك چاغلىرىم «ئىشسىزلىق» مەزگىلىگە توغرا كەلگەچكە، ئالتۇندەك ۋاقتىمنىڭ تولىسى قىلىدىغان چوڭراق «ئىش» يوق بىھۇدە ئىشلار بىلەن زايە كەتتى. ئۇ چاغلاردا ئىچىم تىتىلدايتتى، تىپىرلايتتىم، لېكىن ۋاقتىمنى شۇنداق زايە قلماقتىن بۆلەك ئامالىم يوقتەك ئىدى. خۇددى «چىڭگىزخان» دېگەن تېلېۋىزىيە فىلىمىدە چىڭگىزخاننىڭ: ئەگەر ماڭا ئاراملىق بولىدىغان بولسا، ماۋۇ تاغنى بىر خىل رەڭدىكى يىلقىلار بىلەن، ئاۋۇ تاغنى يەنە بىر خىل رەڭدىكى يىلقىلار بىلەن، ئاۋۇ تەرەپتىكى تاغنى يەنە بىر خىل رەڭدىكى يىلقىلار بىلەن توشقۇزۇۋىتەتتىم دېگىنىدەك،  ئەگەر شۇ چاغلاردا نەشرىياتلاردىن كۆپرەك كىتاب ئالالىغان بولسام، كىتابخانىلاردىكى كىتاب جازىلىرىنىڭ بىرىنى بىر تۈردىكى كىتابلار بىلەن، يەنە بىرىنى يەنە بىر خىل كىتابلار بىلەن، باشقا بىرىنى باشقا بىر خىل كىتابلار بىلەن .... توشقۇزۇۋىتەتتىم دەپ ئارمان قىلىپ كېتىمەن. ھېلىمۇ شۈكرى، تېنىم ساق بولسىلا، شۇ ئارمانىمغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىمەن.

50. نۇرغۇنلىرىمىز بەزى ساھەلەرگە خاتا كىرىپ قالىمىز،چىن ئېيتقاندا نەتىجە ياكى ئۇتۇقلىرىمىز بىزنىڭ شۇ ساھەنىڭ ھەقىقىي ئادىمى ئىكەنلىكىمىزگە بىردىن- بىر ھەم تولۇق ئىسپات بولۇشى ناتايىن. سىزمۇ ئۆتمۈشىڭىز ھەم خىزمەتلىرىڭىز توغرۇلۇق ئويلانغاندا، مەن ئەسلى تەرجىمان ئەمەس، پالانى كەسپ بىلەن شۇغۇللانغان بولسام قالتىس ئىشلارنى قىلاتتىم، دەپ ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
باۋۇدۇن ھەسەن: كەسپ نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئويلاپ باقمىدىم دېسەممۇ بولىدۇ. چۈنكى، ئۆزۈمگە ئەدەبىي تەرجىمان بولۇش ئۈچۈنلا يارالغاندەك تۇيۇلىمەن. بۇرۇن كاتتا بىر يازغۇچى بولۇپ قالغان بولسام-ھە، دەپ ئارمان قىلغان چاغلىرىممۇ بولغان، ئەلۋەتتە.كېيىن،خۇددى باشتىكى سۇئاللىرىڭىزغا بەرگەن جاۋابىمدا ئېيتقىنىمدەك، ئەدەبىيات ئىشقىم ئەدەبىي تەرجىمىگە ئۆتۈپ كەتتى. نىھايەت، بۇ ئىككىسى بەرىبىر قوش گېزەك. مېنىڭ ئارمانىم چوڭراق، نەپسىممۇ يامانراق ئىدى، ئەگەر قانچىلىك كىتاپ تەرجىمە قىلسام ھەم خالىغان كىتابنى تەرجىمە قىلسام بولۇۋىرىدىغان بىرەر ئورۇندا ئىشلەپ قالغان بولسام، نۇرغۇن-نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىۋەتكەن بولسام دەپ ئارمان قىلىپ كېتەتتىم. بۇرۇنلا ئەمەس، ھازىرمۇ شۇنداق ئارماندا.

51. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۆزىگە خاس نەزەرىيەسى شەكىللىنىشى كېرەك ئىدى،بۇ نۆۋەتتىكى تەخىرسىز ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى،كىم بولمىسۇن، قايسى بىر ئورگان بولمىسۇن ئۇيغۇر ئەدەبىاتىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا خاس نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرىشى زامانىمىزدىكى مۇھىم ئىشلار كۈن تەرتىپىگە قويۇلۇشى لازىم بولىدۇ، شۇ نۇقتىدىن ئويلىساق تارىخى بەك ئۇزۇن،تۈرى بەك كۆپ بولغان ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكىدە «ئۇيغۇر تەرجىمە نەزەرىيەسى» شەكىللەندىمۇ يوق، شەكىللىنىشنىڭ زۆرۈر شەرتلىرى ھازىرلاندىمۇ؟
باۋۇدۇن ھەسەن: جۇڭگونىڭ تەرجىمە پىرىنسىپى، ئۆلچىمى ۋە تەرجىمە تەلىپى قەدىمقى زاماندا نوم تەرجىمىسى داۋامىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان، لېكىن ھەقىقى سىستېمىلىق نەزەرىيە بولۇپ شەكىللەنمىگەن. پەقەت 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ياشىغان مۇتەپەككۇر ھەم تەرجىمىشۇناس يەنفۇ «توغرا، راۋان، گۈزەل» (بۇ ئاتالما ئۇيغۇرچىدا شۇنداق قېلىپلىشىپ قالدى، «گۈزەل» ئەمەس، «پاساھەتلىك» دەپ قېلىپلاشقان بولسا، خەنزۇچىدىكىسىگە ئەڭ يېقىن كېلەتتى) تەرجىمە پىرىنسىپى ۋە ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىنلا جۇڭگونىڭ سىستېمىلىق تەرجىمە نەزەرىيەسى شەكىللەنگەن، بۇ ئۆلچەم جۇڭگونىڭ تەرجىمە پىرىنسىپىدا ھازىرمۇ نەزەرىيەۋى ئاساس قىلىنىۋتىدۇ، كونكىرىت تەرجىمە  ئۆلچىمى ۋە تەلەپلىرى ھەققىتىكى مۇھاكىمىلەرمۇ شۇ نەزەرىيە ئاساسىدا قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ. يەنفۇدىن باشقا لۇ شۈن، گومورو قاتارلىق ئەدىپ ۋە مۇتەپەككۇرلارمۇ ئۆز زامانىدا نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزلىرىگە خاس تەرجىمە پىرىنسىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لۇشۇن ئۇدۇل تەرجىمىنى، گومورو تىل گۈزەللىكىنى بەكراق تەكىتلەيدۇ. لېكىن ھېچقايسىسى توغرا تەرجىمىگە، يەنى سادىق تەرجىمىگە ئېتىبارسىز قارىمايدۇ.
ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكى، دەرۋەقە، ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئۇيغۇر تەرجىمە تارىخىنى «مايترى سىمىت» دىراممىسى ۋە بۇددا نوملىرى سانسكىرىتچىدىن قەدىمقى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان، شۇنداقلا كوماراجىۋا غەربىي يۇرتتا (كۈسەن، سۇلى(قەشقەر)لاردا ياشىغان) مىلادىيە يىللىرىنىڭ  دەسلەپكى ئەسىرلىرىدىن باشلىنىدۇ دېيىشكە بولىدۇ (ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكىسى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق). نىھايەت، شۇ زامانلاردىن بۇيان ئۇيغۇرچىغا خېلى كۆپ يىرىك ئەسەرلەر تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكى نەزەرىيەسى شەكىللەنگەن ئەمەس(مەن ئۇچراتمىدىم). ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكىدە مەملىكىتىمىزدىكى باشقا مىللەت ۋە باشقا تىللاردىكى تەرجىمە ئەمەلىيىتىگە ئوخشاشلا «توغرا،راۋان، گۈزەل» تەرجىمە نەزەرىيەسى ئۆزىنىڭ تەرجىمە پىرىنسىپى ۋە ئۆلچىمى قىلىنىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، ئۇيغۇر تىلىمۇ باشقا تىللارغا ئوخشاش ئايرىم تىل بولغاچقا، ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكىدە كونكىرىت تەرجىمە ئۆلچەملىرى، كونكىرىرىت پىرىنسىپلىرى بولۇشى كېرەك ئىدى. بىراق، ئۇيغۇر تەرجىمە تەتقىقاتىدا ئاساسەن تەرجىمە ئەمەلىيىتى داۋامىدا يەكۈنلەنگەن تەرجىمە تەجرىبىلىرى، ئەمەلىي تەرجىمە مۇھاكىمىلىرى يەنى يۈزەكى تەرجىمە نەزەرىيەلىرىلا ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتىدۇ، تېخى ئايرىم نەزەرىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىدى. ئەگەر ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكى جەھەتتىكى تەتقىقات يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىپ بېرىپ، كەلگۈسىدە شۇنداق بىر نەزەرىيە شەكىللىنىپ قالسا ئەجەب ئەمەس. بىراق، بىرەر سىستېمىلىق نەزەرىيە بەرپا قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس، شۇنداقلا بۇ ئىشقا ئۇزاق ۋاقىت ۋە جەريان كېتىدۇ. بۇ كەلگۈسىدە ئىجتىھاتلىق ياش تەرجىمانلىرىمىزنىڭ، تەرجىمە نەزەرىيەچىلىرىنىڭ غەيرىتىگە باغلىق ئىش.

52. ئوبزورچىلىق ياكى ئەدەبىيات تەنقىدچىلىكىنىڭ ئەدەبىيات تەرەققىياتىدىكى پىشاڭلىق رولىنى ھەممەيلەن بىلىمىز،ئوبزورچىلىق تەرجىمە ساھەسىدىمۇ مەلۇم كۆلەمدە مەۋجۇد دېيىش مۇمكىن،تەرجىمە ئوبزورچىلىقى ھەققىدە توختىلىپ باقساق.
باۋۇدۇن ھەسەن: شۇنداق، تەرجىمە ئوبزورچىلىقى، بولۇپمۇ تەرجىمە تەنقىدچىلىكى ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر ۋە پايدىلىق ئىدى. بىراق،  بىزدە باشقىلارنى رەنجىتىپ قويۇشتىن ئەنسىرەش تۈپەيلىدىن تەرجىمە ئەسەرلىرىنىڭ، تەرجىمە كىتابلىرىنىڭ تەرجىمىسى ئۈستىدە مەخسۇس ئوبزورلار يېزىلمايۋاتىدۇ، تەرجىمىگە دايىر بەزى ماقالىلاردا پەقەت بەزى ئەسەر-كىتابلاردىكى ئايرىم مەسىلىلەر، ئومۇمىيۈزلۈك ياكى كۆپرەك ئۇچرايدىغان تەرجىمە نۇقسانلىرى ئاندا-ساندا مىسال ئېلىنىش بىلەنلا توختاپ قېلىۋاتىدۇ. «تىل ۋە تەرجىمە» ژورناللىرىنىڭ سابىق مەسئولى ئابدۇزاھىر تايىر ئەپەندى بىر قېتىم ژورنال ھەققىدە جايلاردىن پىكىر ئېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن كورلىدىكى سۆھبەت يىغىنى ئارىللىقىدا مېنىڭ تەرجىمە ئەسەر-كىتاب ھەققىدە مەخسۇس ماقالە يېزىپ بېرىشىمنى تەۋسىيە قىلغانىدى. بىراق، مەنمۇ خەقنى رەنجىتىپ قويۇشتىن ئەندىشە قىلىپ ئۆزرە ئېيتتىم. نىھايەت، مەن ئەسلىدە تەرجىمىدىن قۇسۇر ئىزدەشكە خېلى ماھىر «پاچاقچى» ئىدىم. چۈنكى، تەرجىمىلىرىمدە خاتالىقلاردىن، نۇقسانلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ، جۈملىدىن ئۆزۈمنىڭ تەرجىمىسىدىن قۇسۇر ئىزدەش ئۇزاق يىلدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئادىتىم. قۇسۇر ئىزدەش داۋامىدا نى-نى ئىسىل تەرجىمە ئۆرنەكلىرىنى ئۇچرىتىپ تەرجىمىلىرىمگە ئۆرنەك قىلغانمەن، نۇرغۇن خاتالىق-سەۋەنلىك ۋە نۇقسانلارنى ئۇچرىتىپ تەرجىمىلىرىمگە ئىبرەت قىلغانمەن.
مېنىڭچە، ئەگەر مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار، بولۇپمۇ «تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلى قاتارلىق مەتبۇئاتلار تەرجىمە تەنقىدچىلىكىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان بولسا،تەرجىمە ئوبزورچىلىقىدىكى، بولۇپمۇ تەرجىمە تەنقىتچىلىكىدىكى بۇنداق قاتمال ھالەتنى ئۆزگەرتىپ، تەرجىمە سۈپىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولاتتى. ئەگەر شۇنداق بىر قىزغىنلىق ۋە جانلىق ھالەت بارلىققا كەلسە، تەرجىمانلارمۇ تەرجىمە تەنقىدچىلىكىگە توغرا مۇئامىلىدە بولۇشىمىز كېرەك.

53. تەرجىمىدە تەنقىد مەسلىسىگە قانداق قارايسىز، ماختىسا كېرىلىش، تەنقىدلىسە چىچاڭشىپ كېتىشتەك تەرجىمە ساھەسىدىمۇ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ،دەپ قارايمەن.
باۋۇدۇن ھەسەن: شۇنداق، تەرجىمە ئوبزورچىلىقىدا «ماختىسا كېرىلىش، تەنقىدلىسە چېچىلىش» خاھىشى ئەدەبىي ئوبىزورچىلىقتىكىدىنمۇ ئېغىر. ئەدەبىي تەرجىمىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئەدەبىي ئەسەردە  ئاپتور پەقەت ئۆز كاللىسىدىكى نەرسىلەرنىلا يازىدۇ، تەرجىمىدە بولسا تەرجىمان ئۆز كاللىسىدىكىنى ئەمەس، ئەسەر ئاپتورىنىڭ كاللىسىدىكىنى باشقا بىر تىلدا يازىدۇ، ئاپتورنىڭ ئەسەردە يازغىنى بىر، تەرجىمانلارنىڭ باشقا تىلدا بايان قىلىپ بېرىدىغىنىمۇ بىر بولسىمۇ، ئىپادىلەپ بېرىش ئۇسۇلى بىر خىل بولمايدۇ، بۇ خۇددى ئون ئادەمنىڭ ئاۋازى ئون خىل چىققىنىغا ئوخشايدۇ. تەرجىمە ئوبزورىنىڭ ئەدەبىي ئوبزورغا ئوخشىمايدىغان بىر مۇھىم  يېرى شۇكى، ئەدەبىي ئوبزورلاردا كۆپۈنچە مەلۇم ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ياكى شۇ ئەسەردىكى چوڭراق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ تەنقىدلىنىدۇ. تەرجىمە ئەسەرلىرى ئۈستىدىكى تەنقىتتە بولسا ئوبزور ئاپتورى ئومۇمىي تەرجىمە سۈپىتىگە باھا بەرگەندىن باشقا، شۇ تەرجىمىدىكى مەسىلە بار دەپ قارىغان كونكىرىت سۆز-جۈملىلەرنى تەھلىل قىلىپ، ئۆزىنىڭ قارىشى ياكى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇدۇ. تەرجىمە تەنقىدى شۇ تەرجىماننىڭ تەرجىمە سۈپىتىگە بېرىپ تاقىلىدۇ، شۇڭا تەرجىمە ئوبزورى ياكى تەرجىمە تەنقىتى شۇ تەرجىماننىڭ شەخسىيىتىگە بەكراق تېگىپ كېتىشى مۇمكىن. مېنىڭچە، تەرجىمە ئوبزورچىلىرى ھەرگىز ئۆزلىرى تەنقىت يازغان تەرجىمە ئاپتورىنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىش مەقسىتىدە ئەمەس، شۇ تەرجىمىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، شۇ ئارقىلىق تەرجىمە سۈپىتىنى ياخشىلاش مەقسىتىدە يازىدۇ. يازغىنى توغرا بولمىسا، ئوقۇرمەنلەرنى قايىل قىلالمايدۇ-دۇ، شۇڭا چوقۇم ئورۇنلۇق ۋە توغرا تەنقىت يېزىشقا تىرىشىدۇ. شۇڭا، تەرجىمانلار تەرجىمە تەنقىتلىرىگە توغرا مۇئامىلىدە بولساق بولاتتى.

   54. سىز تەرجىمە ساھەسى بويىچە نۇرغۇن تەربىيەلىنىشلەرگە قاتناشتىڭىز،سىزگە ئەڭ نەپ بەرگەن تەربىيەلىنىش جەريانى ھەققىدە توختىلىپ باقامسىز،تەرجىمانلارنىڭ ھازىرقى تەشكىللىك تەربىيەلىنىش ئەھۋالى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟
باۋۇدۇن ھەسەن: ش ئۇ ئا ر تىلكوم ئۇيۇشتۇرغان داۋاملىق تەربىيە كۇرۇسلىرىدا، تىل-يېزىق، تەرجىمە خادىملىرى تەلىم-تەربىيە كورسلىرىدا، بىر قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تەرجىمە باشقارمىسى ئۇيۇشتۇرغان ئىككى ئايلىق ئىشلىگەچ تەربىيەلىنىش (以干代训) كۇرسىدا بولدۇم، ھەر قېتىمدا تېگىشلىك نەپ ئالدىم. بولۇپمۇ 2008–يىلى لۇشۇن ئەدەبىيات ئېنېستىتوتىدا مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتى كونكىرىت تەشكىللەپ ئۇيۇشتۇرغان 10–قېتىملىق ياش-ئوتتۇرا ياش يازغۇچىلار كۇرسى (تۇنجى قېتىملىق ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي تەرجىمانلار ئالىي كورسى)غا قاتناشتىم. بۇ كۇرۇستا بېيجىڭدىكى ئەدەبىيات، تەرجىمە، ئادىمىيەت، مىللەتشۇناسلىق تەتقىقاتچىلىرى، ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىكى داڭلىق پىروفېسسورلار، شۇنداقلا مىنىستىر قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرى لېكسىيە سۆزلەپ بەردى. ئىككى ئايلىق بۇ كۇرۇستا ئەدەبىي تەرجىمىگە دائىر بەزى يېڭى ماھارەت ۋە بىلىم بىلەن تونۇشقاندىن باشقا، دۆلەتنىڭ ئەدەبىيات – ئەدەبىي تەرجىمە ۋە نەشىر توغرىسىدىكى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان يېڭى سىياسەت ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشتىم. بىز شۇ چاغدا دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى توغرىسىدىكى يېڭى ئۇچۇرلار بىرقانچە يىلدىن كېيىن ئەمەلىيلەشتى. ھازىر دۆلەت نۇرغۇن پۇل ئاجرىتىپ ئەدەبىيات - ئەدەبىي تەرجىمە - نەشىر ئىشلىرىنى ئالاھىدە قوللاۋاتىدۇ، «شەرىق شامىلى قۇرۇلۇشى» (ئاز سانلىق مىللەتلەر تىللىرىدىكى ئەسەرلەر بىلەن خەنزۇ تىلىدىكى ئەسەرلەرنى بىر-بىرىنىڭ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىش قۇرۇلۇشى) دېگەن سىياسەتلەر شۇنىڭ مىسالى.

   55.تىل ئۆگىنىشتە، مۇنداقچە دېگەندە تەرجىمانلىقنى ئۆگىنىشتە جاپاغا چىداش، ئەقىدە بولۇش ئەلۋەتتە مۇھىم، بۇلاردىن سىرت ئەمەلىي ئۆگىنىش جەريانىدا باشقىلارغا دەپ بېرىشكە تېگىشلىك ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ۋە تەرجىمە ئۇسۇللىرىڭىز ھەققىدە ئورتاقلىشىپ باقساق.
باۋۇدۇن ھەسەن: تەرجىمە ماھارىتى باشقىلارنىڭ ئېيتىپ بېرىشى ياكى ئۆگىتىپ قويۇشى بىلەن يېتىلدۈرگىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس، شۇنداقلا تەرجىمە نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش بىلەنلا يېتىلدۈرگىلى بولىىغان نەرسىمۇ ئەمەس (بۇ دېگىنىم باشقىلارنىڭ ئۆگىتىشىنىڭ، يېتەكلىشىنىڭ زورۈرىيىتى يوق، تەرجىمە نەزەرىيىسىمۇ ئەسقاتمايدۇ دېگىنىممۇ ئەمەس، ئەلۋەتتە). تەرجىمە ھەۋەسكارلىرى ئۆزىدە تەرجىمە ماھارىتى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن خۇددى يېزىقچىلىق ماھارىتى يېتىلدۈرگەنگە ئوخشاش كۆپلەپ مەشىق قىلىشى، داڭلىق تەرجىمانلارنىڭ سۈپەتلىك تەرجىمىلىرىنى ئەسلى تىلدىكىسى بىلەن جۈملىمۇ-جۈملە، قۇرمۇ-قۇر سېلىشتۇرۇپ ئۆگىنىشى كېرەك. مېنىڭ ئۇسۇلۇم بويىچە بولغاندا، ئاۋۋال ئەسلى تىلدىكىسىنى ئىچىدە ئۆزى تەرجىمە قىلىپ كۆرۈشى، ئاندىن تەرجىمىسىنى كۆرۈشى كېرەك. ئەڭ ئۈنۈملىك ئۇسۇل شۇ. بۇنى تەرجىمە ماھارىتى يېتىلدۈرۈشنىڭ سىرى دېسەكمۇ بولىدۇ.

  56. نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەرجىمە قوراللىرى (لۇغەت، ئېلىكتىرونلۇق لۇغەت) قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەرەققىيات ھەققىدە كۆرگەن، بىلگەنلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز.
باۋۇدۇن ھەسەن: ھازىرقى دۇنيادا ھەر خىل تىلدىكى لوغەتلەر، جۈملىدىن ئىككى خىل ۋە كۆپ خىل تىللار ئارا سېلىشتۇرما لوغەتلەر ئىنتايىن كۆپ. ئېلېكتىرون تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كۆپ خىل تىلدىكى ئېلېكتىرونلۇق لوغەتلەرمۇ بارلىققا كەلدى. بىلىشىمچە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە قەغەز لوغەتلەرنىڭ ئورنىنى پۈتۈنلەي دېگىدەك ئېلېكتىرونلۇق لوغەتلەر ئاپتۇ. ئېلىمىزدىمۇ ئېلېكتىرونلۇق لوغەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى تېز بولۇۋاتىدۇ. جۈملىدىن مەنمۇ زۆرۈر تېپىلغاندا «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لوغەت»دىن ئانچە-مۇنچە پايدىلانغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا قەغەز لوغەتلەرنى ئاساسەن ئىشلەتمەس بولدۇم. چۈنكى، ئېلېكتىرونلۇق لوغەت قەغەز لوغەتكە قارىغاندا ئىزدېمەككە قۇلاي، كېرەكلىك سۆزلەرنى تاپماق ئاسان، كىرگۈزۈلگەن سوزلەملەرنىڭ دائىرىسى كۆپرەك بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئېلېكتىرونلۇق لوغەتتىن پايدىلانغاندا ۋاقىت كۆپ تېجىلىدۇ. مەن ھازىر كۆپرەك خەنزۇچە «有道词典 (شۇنداق بىر لوغەت)»تىن، «ئۇيغۇرسوفىت لوغىتى»دىن پايدىلىنىۋاتىمەن،百度(بەيدۇ)، google翻译  قاتارلىق ۋاسىتىلەردىنمۇ كۆپ پايدىلىنىمەن، بەزىدە ئۇيغۇرچە «تېزتاپ» قاتارلىقلاردىنمۇ پايدىلىنىمەن.
تەرجىمە ماشىنىسىغا كەلسەك، بۇ خەلقارادا خېلى بۇرۇنلا ئومۇملىشىپ بولدى. ماشىنا تەرجىمە تەسەۋۋۇرىنى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا فىرنسىيەلىك بىر ئالىم ئوتتۇرىغا قويغان. 50-يىللارنىڭ ئاخىرىدا دۇنيا بويىچە ئومۇملىشىشقا باشلىغان. ھازىرقى زاماندا بولسا ئېلېكتىرون تېخنىكىسىنىڭ، بولۇپمۇ ئىنتېرنىت تېخنىكىسىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ماشىنا تەرجىمە تېخنىكسى شۇ چاغدىكى پېشىۋالار تەسەۋۋۇر قىلىپ يېتەلمىگىدەك دەرىجىدە تېز تەرەققى قىلدى ۋە ئومۇملاشتى. ماشىنا تەرجىمە بىر ئالاھىدە مۇرەككەپ جەريان. تەرجىمە ماشىنىسى ئەڭ دەسلەپتە بىر تىلدىكى تاق سۆزلەرنى باشقا بىر تىلدىكى تاق سۆزلەرگە ئايلاندۇرۇپ بېرىشتىن تەرەققى قىلىپ پۈتۈن جۈملىنى  ئايلاندۇرۇپ بېرىش دەرىجىسىگە يەتتى، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ چەتئەللەردىكى ياكى چەتئەلىكلەر ئارىسىدىكى پائالىيەت-ئالاقىلىرىگە كۆپ قۇلايلىق يارىتىلدى. تەرجىمە ماشىنىسى ياكى ماشىنا تەرجىمە ھازىر سودا، ساياھەت، ئۆگىنىش، كارخانىچىلىق قاتارلىق نۇرغۇن ساھەدە قوللىنىلىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا، خىزمىتىگە، ئۆگىنىشىگە كۆپ قولاي بولدى. ھازىر تەرجىمە ماشىنىسىغا سەپلەنگەن تىلنى بىلىدىغان كىشىلەر مەقسىتىنى تەرجىمە ماشىنىسىدىن پايدىلىنىپ يېزىق ياكى ئاۋاز ئارقىلىق باشقا تىللاردا ئۇقتۇرالايدۇ. بىراق، بايا ئېيتقىنىمىزدەك، بۇ بىر مۇرەككەپ جەريان بولغاچقا، ماشىنىغا كىرگۈزۈلگەن سۆز-جۈملىلەر  ئۆلچەملىك بولۇشى، ئاۋازى ئوچۇقراق (غاراڭ-غۇرۇڭدىن، كۇششۇڭ-كۇشۇڭدىن...)  خالى بولۇشى كېرەك، بولمىسا ماشىنا تونۇيالمايدۇ ياكى ئاڭقىرالمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تەرجىمە ماشىنىسى سۆز-جۈملىلەرنىڭ لېكسىكىلىق، سىنتاكسىسلىق مەنىسىنىلا بىلەلەيدۇ، مەنتىقىي ئەقىل دېگەندەك ئىقتىدارلار بولمىغاچقا، سۆز-جۈملىلەرنىڭ مەنتىقىي مەنىلىرى، ھېسسىي مەنىلىرى، يوشۇرۇن مەنىلىرى دېگەندەك نازۇك مەنالىرىنى ئاڭقىرالمايدۇ ياكى باشقا تىلدا ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا ئەدەبىي تەرجىمىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايدۇ، ئۇ دەرىجىگە يېتىشىنى فانتازىيە ئورنىدا تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن. شۇڭا. تەرجىمە ماشىنىسى مەڭگۈ ئادەم تەرجىمىسىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ.
مەملىكىتىمىزدىكى ماشىنا تەرجىمىنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، خەنزۇ تىلى 50-يىللاردىلا تەرجىمە ماشىنىسىغا كىرگۈزۈلۈشكە باشلىغانىكەن. ھازىر ماشىنا تەرجىمە خېلى تەرەققى قىلغان غەرىپ ئەللىرىدىلا ئەمەس، جۇڭگودىمۇ بىرمۇنچە ماشىنا تەرجىمە شىركەتلىرى بارلىققا كەلدى. خەنزۇ تىلى بىلەن دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللار ئوتتۇرىسىدا، جۈملىدىن ئەرەپ، تۈرك تىللىرى ئوتتۇرىسىدا ماشىنا تەرجىمە مەشخۇلاتى راۋان. بۇنداق تەرجىمە ماشىنىسى خەنزۇلار ۋە خەنزۇ تىلىنى قوللىنىدىغانلار ياكى خەنزۇ تىلىنى پىششىق بىلىدىغان كىشىلەر ئىچىدىمۇ بىرقەدەر ئومۇملاشتى. جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى ئەڭ يېڭى بىر خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، جۇڭگودا تۇنجى تىبەتچە-خەنزۇچە تەرجىمە يۇمشاق دېتال سىستېمىسى شىزاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى زامانىۋى مائارىپ تېخنىكىسى مەركىزىدە دۇنياغا كەلگەن. بۇ سىستېمىنى تەتقىق قىلىپ پۈتكۈزۈشكە ئىككى مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ كەتكەن. تىبەتچە-خەنزۇچە قوش لىنىيەلىك بۇ تەرجىمە سىستېمىسىنىڭ تەرجىمىسىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى دۇنياۋى سەۋىيەدە ئىكەن. سۆزلەرنى ئايرىش سۈرئىتىمۇ ئىنتايىن تېز بولۇپ، تىبەتچە گەپ كىرگۈزۈلسە، بىر-ئىككى سىكونت ئىچىدىلا خەنزۇچىغا ئايلاندۇرۇپ بولىدىكەن. بىراق، تىبەتچە تىل ماتىرىيالى ئاز بولغاچقا، تىبەتچىدىن خەنزۇچىغا ئاغدۇرۇلغىنىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى تۆۋەنرەك بولۇپ، ئادەم تەرجىماننىڭ تەكشۈرۈپ تۈزۈتۈشىگە توغرا كېلىدىكەن. خەنزۇچىدىن تىبەتچىگە ئاغغدۇرۇلغىنىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى نىسبەتەن ياخشىراق ئىكەن. بىز بۇ خەۋەردىن دۆلىتىمىزنىڭ ماشىنا تەرجىمە تېخنىكىسىنىڭ قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز.
تىل-يېزىق تەرجىمە ماشىنىسىدىن باشقا يەنە ئىشارەت تىلىنى يېزىققا ياكى ئاۋازغا ئايلاندۇرۇپ بېرەلەيدىغان تەرجىمە ماشىنىسىمۇ بارلىققا كەلگەن، بۇنداق ئاپپارات ياكى سىتېما ئارقىلىق كۆزى، قۇلىقى، تىلى ئاجىز مېيىپلارنىڭ ئالاقىسى ئۈچۈنمۇ كۆپ قۇلايلىق يارىتىلغان.
ئەپسۇسكى، ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتال تېخنىكىسى مەملىكەت بويىچە خەنزۇچىدىن كېيىنلا ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇرچە ماشىنا تەرجىمە يۇمشاق دىتالىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە خېلى ۋاقىت بار. مېنىڭچە، بۇنداق بولۇشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى شۇكى، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات نەتىجىلىرى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، ھەتتا ئىملا قائىدىمىزنىڭمۇ ھېچ تىكىشى توختىمايۋاتىدۇ. بىلىشىمىز كېرەككى، ماشىنا تەرجىمىسى ئۈچۈن تىل ماتىرىيالى ئەڭ مۇھىم: تەرجىمە ماشىنىسىغا تىل ئامبىرى سەپلەشكە، بۇ ئامبارغا كۇرمىڭ قېلىپلاشقان سۆز-ئىبارىلەر، نۇرغۇن جۈملە شەكىللىرىنى، باشقا تىلدىكى شۇنىڭغا ئۇدۇل كېلىدىغان تىل ماتىرىياللىرىنى رەت-رېتى، تۈر-تۈرى بويىچە كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇ ئالدىنقى ئامىل تەييار بولسىلا، ئالىم ئەھەت قاتارلىق سۆيۈملىك مۇتەخەسىسلىرىمىز باشقا تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى تامامەن ھەل قىلىپ كېتىشكە قادىر. دەرۋەقە، تىبەتچە-خەنزۇچە تەرجىمە يۇمشاق دېتال سىستېمىسىنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى جاكارلىنىپ ئازغىنە كۈندىن كېيىن ئۇيغۇرسوفىت شىركىتى ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە تەرجىمە يۇمشاق  دېتالىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى جاكارلاپ، جەمىيەتنىڭ ھەقسىز ئىشلىتىشىگە سۇندى. مەن كومپيۇتېر مەشخۇلاتىدا خامراق بولغاچقا، بۇ تەرجىمە دېتالىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ، سۈپىتىنىڭ قانداقلىغا بىرنېمە دېيەلمەيمەن.لېكىن ئىشلىتىپ كۆرگەنلەرنىڭ دېيىشىچە، ئادەتتىكى پايدىلانغۇچىلار ئۈچۈنلا ئەمەس، كەسپىي تەرجىمانلارنىڭ تەرجىمە ئەمگىكىنى يېنىكلىتىشكىمۇ ئوبدانلا ياردىمى بولىدىكەن. بىزدە يەنە بەزى بايدىلىق شارائىتلارمۇ بار، يەنى ئەل ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى تىل-يېزىق ھۆججەتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسىى بويىچە دىتال تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان، دادىل ئىزدىنىۋاتقان، مەلۇم ئۇتۇق قازىنىپ خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن بىر تۈركۈم تالانتلىق ياشلىرىمىزمۇ بار، ئۇلار بىزنىڭ پەخرىمىز. ئۇلار بىزگە خېلى زور ئۈمىد بەخش ئېتىۋاتىدۇ.

   57. ئېسىمدە قېلىشىچە ئاتاقلىق تەرجىمان راخمان مامۇت ئاكا بىلەن بېيجىڭ سەپىرىدە بىللە بولۇپ قالغاندا ئۇ كىشىگە:«سىز نەشرىياتچىلىق ھەم تەرجىمە  ساھەسىدىكى تەجرىبە ھەم نوپۇزىڭىز بىلەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بارلىق ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرۇشتەك كاتتا خىزمەتكە كۈچ چىقارسىڭىز قالتىس ئىش بولاتتى» دېگەن تەكلىپنى بەرگەن ئىدىم، راخمان مامۇت ئاكا بۇنىڭدىن بەك ھاياجانلانغان ھەم خوشال بولغان، ئەمما كېيىنكى كۈنلەردە بۇ ئىش روياپقا چىقمىدى، ئەلۋەتتە بۇنىڭ تۈرلۈك سەۋەبلىرى بولۇشى مۇمكىن. سىزنىڭچە ھازىرقى «تەرجىمە باھارى»بولۇۋاتقان شارائىتتا بارلىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنى يۈرۈشى بويىچە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئىمكانى بارمۇ؟
باۋۇدۇن ھەسەن: مېنىڭچە، تامامەن شۇنداق ئىمكانىيەت بار. نىھايەت، سىز دېگەن «تەرجىمە باھارى» ئەمدىلا يېتىپ كەلدى. مۇشۇ قىسقىغىنە بىرقانچە يىلدا نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەر تەرجىمە ۋە نەشىر قىلىندى، تېپىلماس بولۇپ كەتكەن نۇرغۇن داڭلىق دۇنياۋى ئەسەرلەر قايتا تەرجىمە، قايتا نەشىر قىلىندى، يەنە نۇرغۇن ئەسەرلەر داۋاملىق تەرجىمە ۋە نەشىر قىلىنىۋاتىدۇ، بۇ نەتىجىلەرنى ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. سىز دېگەندەك نوبىلچى ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمە-نەشرى نۆۋەت كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ھەر ئىش ۋاقتى-سائىتى بىلەن بولىدۇ ئەمەسمۇ، ئۇزاققا قالماي بۇ ئارزۇيىمىزمۇ رۇياپقا چىقىپ قالار. «تەرجىمە باھارى»نى ۋاقىتسىز قىرو بېسىپ قالماسلىقىنى تىلەيلى.

   58. ناۋادا تەرجمە ساھەسىدە قانداق يېڭىلىقلارنى ياراتتىڭىز، دەپ سورالسا نېمە دەپ جاۋاب بېرەتتىڭىز؟
باۋۇدۇن ھەسەن: ئەپسۇس، ھېچقانداق يېڭىلىق يارىتالمىدىم، پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ ماھارىتىدىن ئۈلگە ئېلىش ئاساسىدا تېخىمۇ ماھىرلىق بىلەن تەرجىمە قىلىشقا، بۇرۇنقىلاردىن ئېشىپ كېتىشكە تىرىشتىم.
59. مۇشۇ سۆھبىتىمىزنىڭ بىر مەزمۇنى سۈپىتىدە سىزنىڭ نەسەبىڭىز ھەققىدە سۆزلىشىپ باقساق.
باۋۇدۇن ھەسەن: ئاتا جەمەت-ئانا جەمەت بوۋا-مومىلىرىم ئاتۇشتا ئۆتكەن كىشىلەر ئىكەن.ئاتا جەمەت بوۋام قاسىماخۇن ئاتۇشنىڭ كاتتايلاق يېزىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، كېيىن قاراشەھەرنى ماكان تۇتقان كىشى. كېيىن دادىسى (ئۇلۇق بوۋام) باھاۋىدىن باينىڭ سودىگەرلىك كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ، سودا بىلەن خېلى بېيىغان، كېيىنچە سۇنغان سودىگەر ئىكەن. ئۇلۇق بوۋام باھاۋىدىن باي خېلى داڭلىق سودىگەر كىشى بولسا كېرەك. چوڭلارنىڭ ئىشىدىن خېلى خەۋىرى بار بىر شىرەم تۇغقىنىمىزنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، بىرقانچە يىلنىڭ ئالدىدا خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ مۇڭغۇللار ياشايدىغان خىلۋەت بىر يېزىسىدا كونا يولنىڭ بويىدىكى ناھايىتى كونا بىر تاش ئۆينى كۆرۈپ قىزىقسىنىپ، شۇ يەرلىك موڭغۇللاردىن بۇنىڭ نېمە ئۆيلىكىنى سورىغانىكەن، «باھاۋۇدۇننىڭ ئۆيى» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ھەمدە ئۆتمۈشتە باھاۋۇدۇن باي دېگەن كاتتا بىر سودىگەر كىشىنىڭ شۇ زاماندا كەچ قالغان كارۋانلارنىڭ ياكى يولۇچىلارنىڭ چۈشكۈن قىلىشى ئۈچۈن ئۆز خىراجىتى بىلەن خالىس سالدۇرۇپ قويغان چۈشكۈن ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۆينى موڭغۇللارنىڭ سۆيۈنۈش بىلەن «باھاۋۇدۇننىڭ ئۆيى» دەپ ئاتاپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. دادام ھوشۇراخۇن ئاتۇشتا تۇغۇلغان، كىچىكىدىلا دادىسى قاسىماخۇن بىلەن بىللە قاراشەھەرگە كېلىپ ماكانلىىشىپ تۇرۇپ قالغان، ياش چاغلىرىدا بىر مەزگىل غۇلجا، ئۈرۈمچى تۇدۈنخابا تەرەپلەردە ئورۇسلارنىڭ ئورمان پونكىتىدا، شال زاۋۇتىدا ئىسكىلاتچى قاتارلىق خىزمەتلەردە بولغان، ئازادلىقتىن كېيىن قاراشەھەر ۋىلايەتلىك (ئوبلاستلىق) سودا ئىدارىسىدا ئامبارچى، كېيىن قاراشەھەر ماي ئىسكىلاتىدا ئىشچى (قاراۋۇل) بولۇپ ئىشلەپ، شۇ يەردە پېنسىيەگە چىققان. ئانا جەمەت ئاتا-بوۋىلىرىم ئاتۇشنىڭ ئىشتاچى يېزىسىدا ئۆتكەن كىشىلەر ئىكەن. بوۋام ھەسەن باي (ئەمەلىيەتتە باي دېگىدەك باي ئەمەس، ھاللىق ئۆتكەن ھۈنەرۋەن. پەرىزىمچە، كىشىلەر  ھۆرمەت يۈزىسىدىنلا «باي» سۆزىنى قوشۇپ ئاياشقا ئادەتلەنگەن بولسا كېرەك) ئىشتاچى يېزىسىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، كېيىن قاراشەھەر، غۇلجا، بۆرتالا، يۇلتۇز يايلىقى قاتارلىق جايلاردا بىرمەزگىل تۇرۇپ يۇرتىغا قايتىپ كەتكەن، كېيىن قاراشەھەرنى ماكان تۇتۇپ تۇرۇپ قالغان كىشى ئىدى. ھەسەن باينىڭ دادىسى (مېنىڭ ئۇلۇق بوۋام) غوجەشئاخۇن ئاتۇشنىڭ ئىشتاچى يېزىسىدا ئۆتكەن داڭلىق قوغۇنچى دېھقان، ئۇلۇق مومان بۇرەۋىخان بوۋام ھەسەن باي قاتارلىق ئالتە-يەتتە ئوغۇلنىڭ، ئايخان ئاتلىق بىر قىز (بوۋامنىڭ كۆيۈمچان سىڭلىسى)نىڭ ئانىسى ئىكەن. مېنىڭ «ھەي دادا، ھەي دادا» ناملىق ھېكايەمدىكى پىرسۇناژلار دەل شۇ بوۋام ھەسەن باي بىلەن ئۇلۇق بوۋام غوجەشئاخۇننىڭ ئوتتۇرۇسىدا بولۇپ ئۆتكەن كىچىككىنە ۋەقە ئىدى. بوۋام ھەسەن باي تولىمۇ پاراڭچى كىشى ئىدى، ئاغزىدىن ئانا يۇرتى، قېرىنداشلىرى، مەھەللىداشلىرى ھەققىدىكى نۇرغۇن قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتىم، ھازىرقى زاماننىڭ ھېكايىلىرىگە ئايلاندۇرۇپ قەلەمگە ئالارمەن دەپ ئويلىۋىدىم، لېكىن ئۇنداق قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدىم (كېيىن يېزىقچىلىقتىن قالدىم ئەمەسمۇ). مەن تۇغۇلۇشۇمدىنلا ئەشۇ ھەسەن باينىڭ تەربىيەسىدە چوڭ بولغان، شۇڭا دادام ھوشۇرئاخۇننىڭ ئەمەس، بوۋام ھەسەن باينىڭ ئېتىنى فامىلە قىلىپ قوللاندىم. كېيىن ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ يۇرتىدىكى قەۋىم-قېرىنداشلىرى بىلەن ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالغان بولغاچقا، نەسەبىم ھەققىدە سۈرۈشتۈرۈپمۇ بولالمىدىم. نەسەبىم ھەققىدە بىلىدىغىنىم شۇنچىلىكلا.

60. بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرىڭىزنى سۆزلەپ بېرەمسىز؟
باۋۇدۇن ھەسەن: نۇرغۇن كىتاپ تەرجىمە قىلىش ئارزۇيۇملا بار. لېكىن، قايسى-قايسى كىتابلارنى تەرجىمە قىلىدىغانلىقىمىز ئىختىيارىمىزدا بولمىغاچقا، كونكىرىت تەرجىمە پىلانىمنى تۈزۈشۈممۇ مۇمكىن بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، كەسپىي خىزمىتىمىز توغرىسىىدىكى بەزى ئويلىرىمغۇ بار، كورلا شەھەرلىك تەرجىمانلار جەمىيىتى ياكى مۇمكىن بولسا شىنجاڭ تەرجىمانلار جەمىيىتىنىڭ كورلا شۆبىسى دېگەن نامدا تەرجىمانلار جەمىيىتى قۇرساق بولاتتى دەيمەن. شۇنداق بىر ئورگەن قۇرۇلسا، كورلا شەھىرىدىنلا ئەمەس، ئوبلاست بويىچە ئەزا قوبۇل قىلساق، ھازىرقى بەزى جەمىيەتلەردەك ئۆز ئەزالىرىغا ھېچ ئىش قىلىپ بەرمەي ئېتى ئۇلۇق، سۇپرىسى قۇرۇق ئاپپارات بولۇپ قالماي، تەرجىمانلار جەمىيىتىمىزنىڭ ئەزالىرىنى تۈرلۈك كەسپىي ئۇچۇر مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمىن ئېتىش، تەرجىمانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەتىنى قوغداش،ئەزالارنى تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە تەشكىللەش،تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇقۇرى دەرىجىلىك تەرجىمانلار جەمىيەتلىرى ۋە باشقا جايلاردىكى تەرجىمانلار جەمىيەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئارقىلىق تەرجىمانلارنى ۋە تەرجىمە ھەۋەسكارلىرىنى ئەتراپىمىزغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كورلا شەھىرىنىڭ، شۇنداقلا ئوبلاستىمىزنىڭ تەرجىمە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆپرەك تۆھپە قوشسام دېگەن ئارزۇدىمەن، ھېچ بولمىغاندا «كورلا شەھەرلىك ئىككى خىل تىلدىكى يەر ناملىرى، ئورگان ناملىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش گۇرۇپپىسى» دېگەندەك بىرەر مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئاتاق-نام قالايمىقانچىلىقىنى ئوڭشىسام دەيمەن. دەرۋەقە، ھازىر مەھەللە ناملىرى بەك قالايمىقان. نۇرغۇن مەھەللە ناملىرى ئۆي قۇرۇلۇشى شىركەتلىرىنىڭ، شۇنداقلا پىلان (گۇيخۇا) تارماقلىرىنىڭ ۋاقتىنچە قويۇپ تۇرغان نامى بويىچىلا ئاتىلىپ كېتىۋىرىۋاتىدۇ. يول، بىنا-ساراي ناملىرىدىمۇ خېلى مەسىلە بار. ۋاقتىدا تۈزۈتۈلمىسە، كېيىن ئۆزگەرتكىلى بولماي قالىدۇ (مەسىلەن: سودا-سانائەت، ج خ رويخەتلىرىگە شۇ پېتى ئېلىنىپ كېتىۋىرىدۇ، ئۇ چاغدا ئۆزگەرتكىلى بولماي قالارمىكىن. بۇلارنى ئويلىسام، بەك ئىچىم تىتىلدايدۇ). كورلا شەھىرىدىكى بۇنداق تىل-يېزىق قلايمىقانچىلىقىنى ئوڭشاپ بولۇپلا ناھىيەلەرگە ئۆتسەك دەيمەن. بۇلتۇر بىر پۇرسەت چىقىپ، مۇناسىۋەتلىك بىر يىغىندا تازا بىر قاينىۋىدىم، ئۈنۈمى بولۇپ، كورلىدىكى بارلىق كوچا ئاپتوبۇس بېكەتلىرىنىڭ نامى باشقىدىن تەرجىمە قىلىنىپ خېلى ئوڭشالدى، ھازىر ئاپتوبۇسلارنىڭ كانىيىدا بۇرۇنقى تاققا-تۇققۇ ناملارمۇ تۈزۈتىلىپ، مېنىڭ بېكىتىپ بەرگىنىم بويىچە ئاتىلىۋاتىدۇ. بىراق، مۇناسىۋەتلىك شەھەر رەھبەرلىرى بۇ ئىشقا تازا ئېتىبار بېرىپ كەتمەيۋاتىدۇ، ماقۇل دەيدۇ ۋە ئىشنى باشلاپ قويىدۇ-يۇ، بىر باشقا ئېلىپ چىقمايلا توختىۋېلىۋاتىدۇ. مەن ھازىرغىچە كەينىدە تۇرۇپ مىللەتلەر-دىن تارمىقىدىكىلەرنى ئالدىغا چىقىرىپ كەلدىم، ئۇلارمۇ ئەپلەشتۈرۈپ بولالمىدى. يۇرتىمىز ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە كۆپرەك ئىش قىلىپ بەرسەم دەپ بەك ئىچىم تىت-تىت بولىدۇ. «مەن ئالدىرايمەن ماڭغىلى، ئېشىكىم ئالدىرايدۇ ياتقىلى» دېگەندەك ئىش بولۇۋاتىدۇ. ئېرىنچەكلىكىم ۋە تارتىنچاقلىقىمنى قايرىپ قويۇپ، شۇنداقلا مەن دېگەن بىر شەخسى، ھېچقانداق بىرەر ئورگانغا ۋەكىللىك قىلالمايمەن، ئاقساقاللىق قىلماي، تەشكىلنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ بىر نېمە دېگىنى ياخشى دەپ تۇزۇت قىلىپ ئولتۇرماي ئۆزۈملا دوكلات تەييارلاپ باش شەھەر باشلىقى ياكى پارتكوم رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈۋەرسەم بولامدىكىن دەپمۇ ئويلايمەن، لېكىن ھېچ ئۇنداق قىلىپ بولالمايۋاتىمەن. ئىشلار دېگىنىمدەك بوپ قالسا، ھېچقانداق ھەقمۇ تەلەپ قىلمايتتىم، ئوبلاستىكى ئۆزۈم تازا ياخشى بىلىدىغان ھەقىقى مۇتەخەسىسلەرنىمۇ، ھەتتا ئالى ئۇنۋانى بار بىر پېنسىيۇنېرنىمۇ بۇ يولدا ھەقسىز ئىشلەپ بېرىشكە قايىل قىلىپ قويغاندىم (ئۇلارمۇ يۇرتىمىزنىڭ تىل-يېزىق قالايمىقانچىلىقىنى ئوڭشاش يولىدا خالىس ۋە ھەقسىز تئىشلەشكە جان-دىلى بىلەن رازى ئىدى). دېمەك، ھەق ئالماي بىكىرىغا ئىشلەيدىغان چاكارلار تەييار ئىدۇق، بەزى رەھبەرلەرنىڭ مۇشۇنداق پايدىلىق شارائىت تۇرۇپ، بۇ ئىشقا تازا كۆڭۈلشىمەيۋاتقىنىنى دەيمەن، ئىسىت!... بۇ ئويلىرىممۇ بىر كۈنلەردە ئىشقا ئېشىپ قالار. ئۇ چاغقىچە بەك قېرىپ كەتمىسەملا بولاتتى.
يېتىلگەن تەرجىمان باۋۇدۇن ھەسەننىڭ سۈرەتلىرى
مەزكۇر سۆھبەتنىڭ مۇئەللىپى، تونۇلغان يازغۇچى تۇرسۇن مەخمۇتنىڭ سۈرەتلىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-28 19:00  


QQ图片20150825114240.jpg
003752wigxvxsrx2sm29ss[1].jpg
000232iaj5jyft5enufjtj[1].jpg
IMG_3_副本.jpg
101_0114.JPG
101_0110.JPG
100_0097.JPG
100_0095.JPG
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-28 16:44:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆھبەتلەشكۈچى ئىككەيلەننىڭ كېيىنكى ئىجادىيەتلىرى تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولغاي.

ۋاقتى: 2015-8-28 17:55:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماقالىكەن ، سۆيۈندۈم .
............

ئۆتكەندە كىتابخانىدىن ئەلقەم ئەختەمنىڭ «زېمىن، قارا ئادەملىرىڭگە» دېگەن توپلامىنى ئېلىپ ئوقۇدۇم،
..............

بۇ توپلام ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئىدىغۇ دەيمەن ؟!......

ۋاقتى: 2015-8-29 01:13:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       
تەرجىماننىڭ بايانى بىر چېكىت
بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلەر توختاپ قالمىغاي!

ۋاقتى: 2015-8-29 13:04:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇن مەھمۇد ئاكامغا ۋە باۋۇدۇن ھەسەن ئاكامغا سالامەتلىك، ئىجادىيتىگە بەرىكەت تىلەيمەيمەن.
باۋۇدۇن ئاكامنىڭ تەرجىمىلىرى بەك ئېسىل چىقىۋاتىدۇ. خەن شاۋگۇڭ قاتارلىق كاتتا يازغۇچىلارنىڭ رومانلىرىنى تۇنجى بولۇپ سۇپەتلىك تەرجىمە قىلىپ، ئۇنى تۇنجى بولۇپ بىزگە تونۇشتۇردى. چەت ئەل ئەدەبىياتىدىكى «غېرىبانە يۈز يىل» قاتارلىق نادىر رومانلارنىمۇ يەنە بىر قېتىم بەك سۈپەتلىك تەرجىمە قىلىپ بىزنى سۆيۈندۈردى.«ئازاد قوي» ھېكايىسىنى سۆيۈنۈپ ئوقۇمىغان ئۇيغۇر ئوقۇرمەن يوق دېيەرلىك. مانا بۇ باۋۇدۇن ئاكامنىڭ تېرىشچانلىقىنىڭ مېۋىسى. سىزدىن سۆيىنىمەن ئاكا. نەشرىياتىمىزدىن پىلانغا ئېلىنغان تەرجىمە ھېكايە- پوۋېستىلار توپلىمىڭىزنىڭ تېزراق نەشىردىن چىقىشىغا تېرىشچانلىق كۆرسىتىمەن. سالامەت بولۇڭ!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-29 13:50:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mingoy يوللىغان ۋاقتى  2015-8-28 17:55
ياخشى ماقالىكەن ، سۆيۈندۈم .
............

دېگىنىڭىز توغرا. «زېمىن، قارا ئادەملىرىڭگە» ناملىق توپلامنىڭ ئاپتورى توغرا بولماي قاپتۇ. زىيارەت قىلىنغۇچى دىققەت قىلمىغان ئوخشايدۇ، تۈزىتىش بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-29 13:53:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچان، جاسارەتلىك يازغۇچىمىز تۇرسۇن مەخمۇت ئۇيغۇر پىروزا ئىجادىيىتىدە ئۆزىگە خاس يول تۇتۇپ، مۇئەييەن خاسلىقنى شەكىللەندۇردى. لىللا گەپنى قىلساق، تۇرسۇن مەخمۇتنى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر پىروزىسىنىڭ ۋەزىنلىك يازغۇچىلىرى قاتارىغا قويساق ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇئەييەن خاسلىقنى شەكىللەندۇرگەن ئەسەرلىرى ئارقىلىق رايونىمىز ئەدەبىياتىنىڭ دىققەت مەركىزىدىكى تۆھپىكار يازغۇچىغا ئايلاندى. تۇرسۇن مەخمۇت ئۇزۇن يىللىق ئەدەبىي ئىجادىيىتى جەريانىدا ئۆزى قايىل بولىدىغان، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى، تارىخىي ئۈچۈن تىنىمسىز تۆھپە قوشقان شەخسلەرنى سوئال- جاۋاپ شەكلىدە زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنى ئەلگە تونۇشتۇرۇشنى ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندۇرغان. ناھايىتى ئىلگىرىلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ سەركىلىرىدىن مەرھۇم ئىمىن تۇرسۇن ئاكا، مەرھۇم مۆتىۋەر تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى، سۆيۈملۇك ئالىملىرىمىزدىن ئىبراھىم مۆتىئىي، مىرسۇلتان ئوسمان، داڭلىق رەسسام غازى ئەمەت قاتارلىقلار ھەققىدە مۇشۇ شەكىلدىكى سۆھبەتنى ئۇيۇشتۇرغان بولسىمۇ، ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ خاسىيەتلىك ئەمگەك روياپقا چىقماي قالغان. تۇرسۇن مەخمۇت بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالماي كىرورانشۇناس، تارىخ مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى غالىپ بارات ئەرك بىلەن 80 دىن ئارتۇق سوئال – جاۋابلىق سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، بۇنىڭ باش قىسمىنى «كروران» ژورنىلىدا ئېلان قىلدۇردى. بۈگۈنكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان شائىر ئۆمەر مۇھەممەت ئىمىن بىلەن 100 دىن ئارتۇق سوئال- جاۋابتىن تەركىپ تاپقان چوڭقۇر سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، بۇ سۆھبەتلەرنى «شائىر مەڭگۈ تېشى» ماۋزۇسى بىلەن ئۆمەر مۇھەممەت ئىمىن ئىجادىيىتى ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزى تەشكىللەپ نەشر قىلدۇرغان «كروران ھەققىدە يېڭى داستان» ناملىق كىتابتا ئېلان قىلدۇردى. بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 50 مۇنەۋەر تەرجىماننىڭ بىرى، يېتىلگەن تەرجىمان باۋۇدۇن ھەسەن ئەپەندى بىلەن يۇقارقى سۆھبەت خارەكتىرلىك ئىجادىي ئەمگەكنى روياپقا چىقاردى.
بۇ خىلدىكى ئەدەبىي شەكىل بىزگە يېڭىلىق ئەمەس، ئەمما كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، تۇرسۇن مەخمۇتنىڭ سوئال- جاۋاپلىق سۆھبىتى ئۆزگىچىلىككە ئىگە. سورالغان سوئال كۆپ، شۇنداقلا چوڭقۇر. سوئاللارنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، نوقۇل شەخسنى گەۋدىلەندۈرۈش ئاساسىي مەقسەت قىلىنمىغان. بېرىلگەن جاۋابلاردىن بىز زىيارەت قىلىنغۇچى ھەققىدە ئومۇمىي چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشتىن تاشقىرى شۇ شەخس ۋەكىللىكىدىكى ساھە ۋە ژانېر ھەققىدىمۇ خېلى ئەتراپلىق تونۇش ھاسىل قىلالايمىز. چوڭقۇر مەزمۇنلۇق سوئال- جاۋاب سۆھبىتىنى تۇرسۇن مەخمۇت ئىجادىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان يەنە بىر تەرەپ دەپ قاراشقا بولىدۇ.
يازغۇچى تۇرسۇن مەخمۇتنى بىلىدىغان ۋە چۈشىنىدىغانلارغا مەلۇمكى، ئەدەبىي ئىجادىيەتتە بەلگىلىك ئۇتۇق- نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن تىرىشچان يازغۇچى تۇرسۇن مەخمۇت ئۆزىنى تەشۋىق قىلىشقا، تونۇشتۇرۇشقا كەلگەندە بەكلا «جاھىل». ئۇنىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان 12 پارچە كىتابىنىڭ ئىككى- ئۈچ پارچىسىدا قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە سۈرىتى بولغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا قالغانلىرىدا ئىسمىدىن باشقا خۇسۇسى ئۇچۇر يوق. بۇنى ھەرگىزمۇ نەشرىياتلارنىڭ سەۋەنلىكى دېيىشكە بولمايدۇ. تەرجىمىھالغا «قىزىقمايدىغان» تۇرسۇن مەخمۇتنىڭ باشقىلارنىڭ ناھايىتى ئېنىق ۋە ئەتراپلىق تەرجىمىھالىنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ خىلدىكى ئىجادىي ئەمگىكى شەك شۈبھىسىزكى، تۇرسۇن مەخمۇتنىڭ پىشقان قەلەم ئىگىسى بولۇپلا قالماي، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇش روھىغا ئىگە پەزىلەت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى تەلتۆكۈس ئىسپاتلايدۇ. مېنىڭچە تۇرسۇن مەخمۇتنىڭ مول مەزمۇنلۇق ئىجادىي ئەمگىكى بىلەن بىرگە ئۇنىڭ مۇشۇ خىل روھى ئىنتايىن قىممەتلىك.
پاراسەتلىك، ئىجتىھاتلىق، پەزىلەتلىك تۇرسۇن مەخمۇتنىڭ ئىجادىيىتى تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىغاي!              

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش