يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 490|ئىنكاس: 5

ئابلىز ئوسمان (ت): كافكا ــــ ھىكمەتنامە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ھىكمەتنامە

(نەسر)

كافكا(ئاۋستىرىيە)
ئابلىز ئوسمان تەرجىمىسى

1
ھەقىقىي يول بوشلۇققا ئېسىلغان، ھەر قانداق ئېگىزلىكتە ئوخشاشلا چىڭ تارتىلمىغان ئارقانغا ئوخشايدۇ. ئۇ خۇددى كىشىلەر ئۈستىدىن ئۆتكەندە تەۋرىنىش پەيدا قىلىش ئۈچۈنلا لايىھىلەنگەندەك.
2
ئىنساننىڭ سەۋەنلىكى سەۋرسىزلىك، پۇرسەت پىشىپ يېتىلمىگەندە ئاسانلا ۋاز كېچىش، شۇنداقلا ئەسەبىيلەرچە خام خىيالغا بېرىلىش.
3
بارلىق جىنايەتنىڭ مەنبەسى ئىككى ئاساسلىق گۇناھقا مۇجەسسەملەنگەن: ئۇ بولسىمۇ سەۋرسىزلىك ۋە يەلقاۋلىق. بىز سەۋرسىزلىك تۈپەيلىدىن جەننەتتىن قوغلانغان، يەلقاۋلىق سەۋەبىدىن قايتىشقا ئامالسىز قالغان. بىراق پەقەت سەۋرسىزلىكتىن ئىبارەت بىرلا ئاساسلىق گۇناھ بولۇشى، بىز سەۋرسىزلىك تۈپەيلىدىن قوغلانغان، سەۋرسىزلىك تۈپەيلىدىن قايتىشقا ئامالسىز قالغان بولۇشىمىز مۇمكىن.
4
سانسىزلىغان ئەرۋاھلار «ئۆلۈم دەرياسى»نىڭ دولقۇنلىرىنى تەشنالىق بىلەن سۈمۈرمەكتە. چۈنكى بۇ دەريا بىزنىڭ مۇشۇ يەردىن باشلانغان، ئۇ يەنىلا تۇزلۇق دېڭىز سۈيىنىڭ بىر قىسمى. بىراق دەريا نەپرەت بىلەن كەينىگە بۇرۇلۇپ ئېقىپ، ئاشۇ ئەرۋاھلارنى غەرق قىلىپ تاشلىسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنە خۇشاللىقتىن قىن-قىنىغا پاتمىغان ھالدا مىننەتدارلىق ناخشىسىنى ياڭراتتى ھەم غەزەپ بىلەن ئېقىۋاتقان دەريانى مەھكەم قۇچاقلىدى.
5
بىز مەلۇم نۇقتىدىن ئالدىمىزغا قاراپ ئاتلىنىمىز-يۇ، يولغا چىقىپلا كەينىگە بۇرۇلۇشقا ئامالسىز قالىمىز. ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ يەتمەكچى بولغىنىمىز دەل ئاشۇ نۇقتا.
6
ئىنسانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىدىكى ئاشۇ ھەل قىلغۇچ پەيت بىر ئۈزۈلمەس دەقىقە. شۇ ۋەجىدىن ئالدىدا جاكارلانغان ئاشۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەھمىيەتسىز، لېكىن قۇرۇقتىن قۇرۇق ئېلىپ بېرىلغان ئىنقىلاپ خاراكتېرىدىكى ئاشۇ تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنىڭ ھەممىسى توغرا بولۇپ، ھازىرغا قەدەر بىرەر كۈتۈلمىگەن ئاپەت پەيدا قىلغىنى يوق.
7
شەيتاننىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئېزىقتۇرۇش ھىيلىسى ئۇتۇققا جەڭ ئېلان قىلىش، ئۇ خۇددى ئاياللار بىلان ھەپىلەشكەنگە ئوخشاش كارىۋات ئۈستىدە ئاخىرلىشىدۇ.
8
Aتولىمۇ مەغرۇر ئىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەخلاق-پەزىلەتتە زور قەدەم بىلەن ئىلگىرلەۋەتقانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنەتتى. ئۇ بىر مەردانە جەڭچىگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئېزىتقۇلارنىڭ تەرەپ-تەرەپتىن كېلىپ ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بايقاپ قالدى. بىراق ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ زادى قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلەلمىدى. ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي ئەھۋال مۇنداق ئىدى: بىر بەھەيۋەت ئالۋاستى ئۇنىڭغا مەھكەم چاپلىشىۋالغان بولۇپ، بىر توپ كىچىك شەيتان تەرەپ-تەرەپتىن كېلىپ ئۇ ئالۋاستىنىڭ كەتمىنىنى چېپىۋاتاتتى.
9
ھەر بىر ئادەمنىڭ نۇقتىنەزەرى ئۆزگىرىشچان ھەم ئوخشاش بولمايدۇ. ئالمىنى مىسال قىلايلى: كىچىك بالا بوينىنى سوزۇپ، ئۇنىڭ شىرە ئۈستىگە قويۇلغانلىقىنى ئاران كۆرەلەيدۇ-مانا بۇ بالىنىڭ كۆزىدىكى ئالما، ساھىپخان بولسا ئۇنى ئېلىپ تەبىئىي ھالدا مېھمانغا سۇنىدۇ-مانا بۇ ساھىپخاننىڭ نەزىرىدىكى ئالما.
10
ئۆلۈمگە بولغان ئىنتىزارلىق «تونۇش»قا باشلاشنىڭ بىرىنچى بىشارىتى. بۇ تۇرمۇشقا چىدىماق ھەقىقەتەن تەس، ئەمما باشقا تۇرمۇشمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمايدۇ، كىشىلەر ئۆلۈمگە تەشنا بولغانلىقىدىن ھەرگىز خىجىللىق ھېس قىلمايدۇ، ئۇلار ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان كونا ئۇۋىدىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن تىلاۋەت قىلىدۇ-يۇ، ئەمما تېخى ھېس قىلمىغان يېڭى ئۇۋىغا كىرىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز بىر ئېتقادنىڭ خارابىسىنى كۆرىمىز. مەھبۇسلار ئالمىشىۋاتقان پەيتتە خىرىستوس كارىدور بويلاپ ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، مەھبۇسقا سىنجىلاپ قارىغان بولۇشى، ئاندىن:«سىلەر بۇ ئادەمنى ئۇنداق قاتتىق تەقىپ ئاستىغا ئالماسلىقىڭلار كېرەك، ئۇ بۇ يەرگە مېنى دەپ كەلگەن» دېگەن بولۇشى مۇمكىن.

11  
ئەگەر سەن بىر دالىدا كېتىۋاتقان بولساڭ، قەلبىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلەر بىلەن تولغان ھالدا تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرلەشنى ئىستەيسەن، بىراق ئۆزۈڭنىڭ چىقىش نۇقتىسىغا قايتىۋاتقانلىقىڭنى بايقاپ قالساڭ، بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ئىش بولىدۇ. ھالبۇكى، سەن بىر ئېگىز بىر چوققىغا ياماشقان چاغدا ئۇ سەن پەستە تۇرۇپ قارىغاندىكىگە ئوخشاشلا تىك بولسا، شارائىت تەبىئىي ھالدا سېنى بۇ ئىشتىن يالتىيىشقا مەجبۇر قىلىدۇ، بۇ چاغدا سەندە ھەرگىزمۇ ئۈمىدسىزلىك تۇيغۇسى بولمايدۇ.
12
كۈزدىكى چىغىر يول شۇنداق: تېخى پاكىز تازىلاشقا ئۈلگۈرمەيلا خازان بىلەن تولىدۇ.
13
بىر قەپەز قۇش ئىزدەپ يۈرمەكتە.
14
مەن ئەزەلدىن بۇ يەردە قونۇپ باقمىغان. بىر ئادەمنىڭ نەپەس ئېلىشىنىڭ ئۆزگىرىشى ئوخشاش بولمايدۇ. قۇياشقا يېقىن ئاشۇ يۇلتۇزنىڭ يورۇتۇشى قۇياشقا قارىغاندا تېخىمۇ نۇرلۇق بولىدۇ.
15
بابىل مۇنارىنى قۇرۇشقا بولىدۇ، يامىشىشقا بولمايدۇ، ئەگەر بۇ ئىش مۇمكىن بولىدىغان بولسا، بۇ قۇرۇلۇشقا چوقۇم ئىجازەت بېرىلگەن بولاتتى.
16
شەيتاننىڭ سېنى قايىل قىلىشىغا ھەرگىز يول قويما، ئۇنىڭدىن ھەر قانداق مەخپىيەتلىكنى قانداق بىلىۋالغانلىقىنى سورىساڭ بولىدۇ.
17
بىر توپ قاپلان ئىبادەتخانىغا باستۇرۇپ كىردى ھەم نەزىر-چىراغقا ئاتاپ قويۇلغان ئىلاھىي شارابنى ئىچىپ قۇرۇقداپ قويدى. بۇ ئەھۋال بىر نەچچە قېتىم تەكرارلىنىپ ئاخىرى ئادەتتىكى تەبىئىي ئىشقا ھەم نەزىر-چىراغ مۇراسىمىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى.
18
قولۇڭدىكى تاشنى مەھكەم تۇت، قانچىلىك چىڭ تۇتساڭ شۇنچىلىك چىڭ تۇت، بىراق بۇ ئۇنى تېخىمۇ يىراقلارغا ئېتىش ئۈچۈندۇر. تاش قەيەرگە چۈشسە يولمۇ شۇ يەرگە تۇتىشىدۇ.
19
سەن دەل سوئالنىڭ ئۆزى، يەنە نەلەرگىدۇر بېرىپ ئاللىقانداق بىلىم ئىزدەپ يۈرىشىڭ ھاجەتسىز.
20
بىر ھەقىقىي رەقىپ سەندىكى تەڭداشسىز جاسارەتنى يېتىلدۈرىدۇ.
21
ئۆزۈڭنىڭ قىممەتلىك بايلىقىنى مەھكەم ساقلا، قەددىڭنى تىك تۇت، سەن دەسسەپ تۇرغان يەرنىڭ كۆلىمى سەن ئىگىلىگەن ئاشۇ بىر پارچە يەردىنمۇ كەڭ.
22
نېمىشقا بەزى كىشىلەر بۇ دۇنيادا خۇشال ياشىيالايدۇ؟ ئۇنىڭ خۇشاللىق قوينىغا ئۆزىنى ئېتىشى پاناھلىنىشنىڭ سەۋەبى ئۈچۈندۇر، خالاس.
23
پاناھلانغىلى بولىدىغان سان-ساناقسىز جاي بار، بىراق ئۇنىڭ بىرىدىلا قۇتۇلغىلى بولىدۇ، شۇنداقتىمۇ باشقا بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قۇتۇلۇش ئېھتىماللىقى پاناھلىنىدىغان جايغا ئوخشاشلا كۆپ.
24
زىممىمىزگە ئالغىنىمىزنىڭ ھەممىسى «ئىنكار»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، «مۇئەيەنلەشتۈرۈش» ئاللىقاچان تاشلىۋىتىلگەن.
25
بىز ھامان بىر كۈنى شەيتان بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە رازى بولىمىز. ئۇ شۇ چاغدىلا بىزنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشىمىزنى قايتا تەلەپ قىلمايدۇ.
26
كېيىن شەيتان بىلەن ئۆزۈم ئوتتۇرسىدىكى ماسلىشىش زۆرۈر ئىدى، دەپ قارىغان ئاشۇ ئىدىيەڭ ساڭا ئەمەس بەلكى شەيتانغا مەنسۇپتۇر.
27
مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا گۈزەل ئەخلاق غېرىبانە، ئۈمىدسىز بولىدۇ.
28
پەقەت نىشانلا بار، يول يوق؛ بىزنىڭ ئاتالمىش يولىمىز-تەۋرىنىپ تۇرىدىغان ئۆزگىرىشچان نەرسىدۇر.
29
قاغا پەقەت بىرلا قاغا تەڭرىنى بىتچىت قىلىۋىتەلەيدۇ دەپ جاكارلىدى. شۈبھىسىزكى، نەتىجە تەڭرىنىڭ ھىچقانداق زىيانغا ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. چۈنكى تەڭرى ئاددىيلا قىلىپ:«قاغىلار توپىنىڭ بۇنىڭغا چامى يەتمەيدۇ» دېگەن.
30
تەرىقەت يولىدا قۇربان بولغۇچى تەننىڭ قىممىتىنى تۆۋەن مۆلچەرلىمەيدۇ؛ ئۇلار تەننى كرېست ئۈستىگە ئېلىپ كۆتۈرىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، ئۇ دۈشمىنى بىلەن ئەزەلدىن بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ كەلگەن.
31
ئۇنىڭ ھارغىنلىقى گىلادىئاتورلارنىڭ ئېلىشىشتىن كېيىنكى ئاشۇ خىل ھارغىنلىق؛ ئۇنىڭ خىزمىتى بولسا ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ بىر بۇلۇڭىنى ئاقارتىش.
32
«بارلىق» يوق، پەقەت «مەۋجۇدلۇق»لا بار، ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەم سىقىلىشىنىڭ «مەۋجۇدلىقى» ئۇنىڭ نەپەس سىقىلىشىنىڭ كارنىيىنىڭ بۇغۇلغانلىقى ئۈچۈنلا ئىكەنلىكىدە.
33
ئىلگىرى مەن ھەمىشە سوئاللىرىمنىڭ نېمىشقا جاۋابى يوقلۇقىنى ھېچ چۈشەنمەيتتىم. بۈگۈن مەن يەنە ئۆزۈمنىڭ نېمىشقا سوئال قويۇش ئىقتىدارىمغا ئەزەلدىن ئىشىنىپ كەلگەنلىكىمنى چۈشىنەلمىدىم. ئەمەلىيەتتە مەن راست ئىشەنمەيمەن، مەن پەقەت سوئال سورىغۇچى، خالاس.
34
ئۇ ئۆزىدىكى «ھازىرقى بار»لىق تەشەببۇسلارغا ئىلگىرى تىترەش ھەم ھودۇقۇش بىلەن ئىنكاس قايتۇرغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق «ھازىر» ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس.
35
ئۇ چەكسىزلىكنىڭ بۇنداق ئاسان يولىنى بايقاپ ئىختىيارسىز قاتتىق چۆچۈپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ دەل ۋاقتىدا ئاشۇ يولنى بويلاپ ئارقىسىغا قاراپ كېتىۋاتاتتى.
36
ئادەم شەيتانغا مۇددەتكە بۆلۈپ ھەق تۆلىسە بولمايدۇ، بىراق ئادەم مەڭگۈ شۇنداق قىلىشنى سىناپ باقىدۇ.
ئىمپراتور ئالكساندىرنى ئالايلى- ئۇنىڭ ئىلگىركى ھەربىي يۈرۈشلىرى شۇ قەدەر شانۇ-شەۋكەتلىك بولسىمۇ، بىر قوللۇق يېتىشتۈرگەن مۇنەۋۋەر قوشۇنغا ئىگە بولغان بولسىمۇ، دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدىغان جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرسىمۇ، بىراق ئۇ خېلىسپونت بوغۇزىنىڭ قىرغىقىدا توختاپ قالغان، بىر ئۆمۈر ئۇنىڭدىن ھالقىپ ئۆتەلمىگەن. بىراق بۇ ئۇنىڭ قورقۇنچاقلىقىدىن ئەمەس ھەم ئۇنىڭ لىڭتاسمىلىقىدىنمۇ ئەمەس، ھەتتا ئۇنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئاجىزلىقىدىنمۇ ئەمەس، بەلكى پەقەت ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ سەۋەبىدىندۇر.
37
يول چەكسىزلىككە سوزۇلغان، سەن ئۇنى ئۇزارتىشقىمۇ، قىسقارتىشقىمۇ ئامالسىزدۇرسەن. بىراق ھەر بىر ئىنسان قەتئىي ھالدا ئۆزىنىڭ گۆدەكلەرچە ئۆلچىمى بىلەن ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىمەكچى بولىدۇ. «دۇرۇس، سەنمۇ پۈتۈن مۇساپىنى بېسىپ تاماملىشىنىڭ زۆرۈر. بۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايسەن.»
38
پەقەت «ۋاقىت» دېگەن ئۇقۇملا ئەڭ ئاخىرقى سوراق پەيتىدە «ۋاقىت» دېگەن بۇ ئىسىمنى ئىشلىتىشنى ئېسىمىزگە سېلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئۇ مەڭگۈلۈك سوراق ئىچىدىكى بىر ھۆكۈم ئېلان قىلغۇچى سوت.
39
بۇ دۇنيانىڭ ئىناقسىزلىقى- كىشىگە يېتەرلىك تەسەللىي بېرىدىغان –گويا بىر خىل ھىسابتىكىدەكلا ئىناقسىزلىق.
40
ئاشۇ نەپرەت ۋە ئاغرىنىشقا تولغان چىرايىڭنى يۈرىكىڭگە كۆمىۋەتسەڭچۇ!
41
سىرتلان باغ-ۋاراندا ئويناۋاتقان بولسىمۇ، ياۋا توشقان بەرىبىر ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئورمانلىقتىن بۆسۈپ ئۆتەلىگەن-ئۆتەلمىگەنلىكىدىن، سۈرئىتىنىڭ ھەر قانچە تېز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر.
42
بۇ دۇنيانىڭ سەۋەبىدىن سەن كۈلكىلىك ھالدا ئۆزۈڭگە بويۇنتۇرۇق سېلىۋالدىڭ.
43
ئات قانچە كۆپ بولسا تېخىمۇ كۆپ يۈكنى توشۇغىلى بولىدۇ. شۇ كەمدە سەن ئات بىلەن بىر قىيا تاشنى يۆتكىمەكچى بولغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ئۇنى يىلتىزى بىلەن قوشۇپ يۆتكىگىلى بولمايدۇ، پەقەت ئۇنى ئۆرۈپ سۇندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ھاسىلات ئاتنىڭ بىر مەيدان يېنىك، ئەمما قۇرۇقتىن قۇرۇق چېپىشى بولىدۇ، خالاس.
44
نېمىس تىلىدىكى «sein»(مەۋجۇد) دېگەن سۆز مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋالنى ئىپادىلەيدۇ: ئۇنىڭغا ئايلىنىش ياكى ئۇنىڭغا تەۋە بولۇش.
45
ئۇلار پادىشاھ ياكى پادىشاھنىڭ خەۋەرچىسى بولسىمۇ بولىدىغان بىر تاللاش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. كۆپچىلىك خۇددى كىچىك بالىلاردەك پادىشاھنىڭ خەۋەرچىسى بولۇشنى ئۈمىد قىلدى. شۇنداق قىلىپ دۇنيادا ئۇياقتىن-بۇياققا چېپىپ يۈرۈپ، ئاللىقاچان ئەھمىيىتىنى يوقاتقان ئۇچۇرلارنى ئۆز-ئارا يەتكۈزۈشىدىغان سان-ساناقسىز خەۋەرچىلەر بارلىققا كەلدى- چۈنكى پادىشاھ يوق ئىدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار بۇ خىل بەختسىز تۇرمۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى شۇ قەدەر ئارزۇ قىلىدىغان بولدى، بىراق قەسىمىگە سادىق بولۇش ئۈچۈن ئۇنداق قىلىشقا پېتىنالمىدى.
46
ئىلگىرلەش ئىچىدىكى ئىشەنچ، ئىلگىرلىگەندىلا ئىشەنچكە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەگەر شۇنداق بولىدىغان بولسا ئۇ ئىشەنچ ئەمەس.
47
A بىر سەنئەت پېشۋاسى، تەڭرى بولسا ئۇنىڭ گۇۋاھچىسى.
48
ئادەم بۇ دۇنيادا ياشىغانىكەن، مەلۇم مەڭگۈلۈك نەرسىلەرگە نىسبەتەن بىر خىل ئۆزگەرمەس ئىشەنچتە بولۇشى كېرەك. بىراق سەن شۇنداق قىلغان ۋاقتىڭدا بىر ئۆمۈر ئاشۇ مەڭگۈلۈك نەرسىنى تونۇپ يېتەلمەسلىكىڭ ھەم ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچنى ھېس قىلالماسلىقىڭ مۇمكىن. بۇ خىل مەڭگۈلۈك «ھېس قىلالماسلىق»نىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرى ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىلى دەل ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولغان بىر ئىلاھقا ئېتقاد قىلىشتۇر.
49
خىيالىڭغا مۇناسىۋەتلىك (جەننەتتىكى) ئاشۇ يىلان زۆرۈردۇر؛ رەزىللىك ئىنساننى ئازدۇرالايدۇ، بىراق ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
50
سەن بىلەن دۇنيا ئوتتۇرسىدىكى بۇ بىر مەيدان كۆرەشتە مەن دۇنيانى قوللايمەن.
51
ھەر قانداق بىر ئادەمنى ئالدىما، ھەتتا دۇنيانى ئالداپ ئېرىشكەن غەلىبەڭمۇ كېرەك ئەمەس.
52
پەقەت روھى دۇنيالا بار، بىزنىڭ ئاتالمىش ماددى دۇنيارىمىز مەنىۋى دۇنيارىمىزدىكى ئىبلىس، بىراق بىزنىڭ ئاتالمىش ئىبلىسىمىز توختاۋسىز ئۆسۈپ يېتىلىشىمىز جەريانىدىكى مۇقەررەر پەيت.
نۇر شۇنداق كۈچلۈككى، كۆزۈڭنى چېقىپ، كۆز ئالدىڭدىكى دۇنيانى ئاستا-ئاستا غايىپ قىلۋىتىدۇ، بىراق كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلارغا بۇ دۇنيا يەنىلا مۇستەھكەم كۆرۈنىدۇ، تېخىمۇ ئاجىزلارغا غەزەپلىنىپ مۇشتۇمىنى پۇلاڭلىتىدۇ، ئەڭ ئاجىزلارغا قارىتا ئۇ نۇمۇس ۋە غەزەپلىنىش تۇيغۇسىدا بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىگە قاراشقا پېتىنغانلارنى سوقۇپ يەر بىلەن يەكسان قىلۋىتىدۇ.
53
سېنىڭ ئەڭ قىسمەنلىكتىكى خىيالى كۆرۈنۈشتە ياشاشنى دىناپ بېقىشىڭمۇ، خىيالى كۆرۈنۈش ۋە ھەقىقى رىئاللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەۋجۇد شەيئىلەرنى قوبۇل قىلىشىڭمۇ، خىيالى كۆرۈنۈشتىكىدەك دۇنيا ئىچىدە ئاخىرقى چەككىچە ياشاپ بېقىشىڭمۇ پۈتۈنلەي خام خىيال.
بىرىنچى خىل ئەھۋالدا، سەن بارلىق ئىزگۈ نەتىجىلىرىڭنى ئۆزگەرتمەكچى بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ناھايىتى ئاسانلا ئىزگۈلۈككە ئاسىيلىق قىلىسەن، شۇنداقلا ئۇ شەكىللەندۈرگەن پايدىسىز ئۇرۇش مۇھىتى سەۋەبىدىن رەزىللىككىمۇ ئاسىيلىق قىلىسەن. ئىككىنچى خىل ئەھۋالدا، پانى ئالەمدىمۇ ئىزگۈلۈككە بولغان تىرىشچانلىقنى رەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن ئىزگۈلۈكتىن ئايرىلىپ قالىسەن. ئۈچىنچى خىل ئەھۋالدا، سەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئىزگۈلۈكتىن يىراقلىشىپ، ئىزگۈلۈككە ئاسىيلىق قىلىسەن ھەم رەزىللىكنىڭ ھەممە يەردە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىش سەۋەبىدىن رەزىللىكنى زىيانسىزلاشتۇرۇش ئارقىلىق رەزىلىككە ئاسىيلىق قىلىسەن. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىككىنچى خىل ئەھۋال ھەممە كىشىنى دېگۈدەك سۆيۈندۈرىدۇ، چۈنكى سەن بىرىنچى خىل ئەھۋالدا ئىزگۈلۈككە ئاسىيلىق قىلغان، بىراق ئىككىنچى خىل ئەھۋالدا سەن ھېچ بولمىغاندا رەزىللىككە بولسىمۇ ئاسىيلىق قىلمىغان.
54
بەزى مەسىلىلەر بار، بىز ئۆمۈر بويى يېڭىشكە ھەم ھالقىپ كېتىشكە ئامالسىزدۇرمىز، پەقەت تەبىئەتنىڭ كۈچىگە تايىنىش ئارقىلىقلا ئاندىن ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ كېتەلەيمىز.
55
ماددى دۇنيادىن ھالقىغان بارلىق نەرسىلەرگە نىسبەتەن تىل پەقەت قىسمەن ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنى پۈتۈنلەي توغرلىققا يەتكۈزەلەيدۇ دەپ ئېيتقىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ماددى دۇنيادىن ئېلىپ بايان قىلالايدىغىنى پەقەت ئۇ ئىگىلىيەلىگەن شەيئى بىلەن چەكلىنىدۇ، ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئېيتىپ بېرەلەيدىغىنى بىشارەت بىلەنلا تۈگەللىنىدۇ، خالاس.
56
بىر ئادەمنىڭ ئىمكانقەدەر يالغان گەپ قىلماسلىقى ئۇنىڭ يالغان گەپنى قىلالمايدىغانلىقىدىن، ھەرگىزمۇ يالغان گەپ قىلىدىغان پۇرسەتكە ئاز ئېرىشكەنلىكىدىن ئەمەس.
57
بىر مەزگىللىك سان-ساناقسىز دەسسەشلەردىن كېيىنمۇ ئېگىلىپ كەتمىگەن شوتا- ئۇنىڭ ئۆز نۇقتىئىنەزەرى بويىچە ئېيتقاندا- ھېچنىمىدىن خەۋىرى يوق بىر نەچچە پارچە ياغاچقا بىرلىكتە مىخلانغان ياغاچ بويۇمىدىن ئىبارەت، خالاس.
58
دۇنيادىن ۋاز كەچمىگەن ئاشۇ كىشىنى ئادەملەر سۆيۈشكە تېگىشلىك، چۈنكى ئۇ ئۇلارنىڭ دۇنياسىدىنمۇ ۋاز كەچمىگەن. بۇ نۇقتىغا ئاساسلانغاندا ئۇ ئادەملەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى قىياس قىلىشقا باشلىغان. مۇبادا ئادەم سۆيۈلەلەيدىكەن، ئىنسانىيەتمۇ سۆيۈلۈشى كېرەك.
59
ئەگەر سەن پانىي ئالەمدىكى قوشناڭنى سۆيسەڭ، خۇددى ئاشۇ پانىي ئالەمدىكى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەكلا ئادالەتسىزلىك. بىردىنبىر مەسىلە-بىرىنچى قىياسىڭنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىش-چىقماسلىقىدا.
60
روھىي دۇنيا پەقەت بىرلا، بۇ پاكىت بىزنىڭ ئۈمىدىمىزنى تارتىۋالىدۇ ھەم ئۇنىڭ مېۋىسىنى بىزگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ.
61
بىزنىڭ سەنئىتىمىز ھەقىقەتنىڭ ئالدىدا كىشىلەرنىڭ ئېزىقىشىنى يۇشۇرغىچىدۇر. بۇ ھەقىقەت ئاشۇ غەلىتە، سۇلغۇن چىرايلارنى نۇرلاندۇرالىسا ئاندىن چىن بولىدۇ، باشقىسى بىكار.
62
ئىنساننىڭ جەننەتتىن قوغلىنىشىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەھمىيىتى بار: گەرچە جەننەتتىن قوغلىنىش ھەممىگە ئايان ئىش بولسىمۇ، لېكىن بۇ دۇنيادا ياشاشمۇ پىشانىمىزگە پۈتۈلگەن. گەرچە بۇ ۋەقەنىڭ مەڭگۈلۈك ماھىيىتى (ۋاقىتلىق نامىنىڭ مەڭگۈلۈك قايتا زاھىر بولۇپ تۇرۇشى) بىزنى داۋاملىق جەننەتتە تۇرغۇزۇش بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بىز مەڭگۈ ئاشۇ يەردە تۇرىمىز، ئۇ يەردە بۇ نۇقتىنى ھېس قىلىش-قىلالماسلىقىمىزدىن قەتئىينەزەر.
63
ئۇ، بۇ دۇنيادىكى ئەركىن ھەم بىخەتەر شەھەر ئاھالىسى، چۈنكى ئۇ بىر زەنجىردە بەندلەنگەن ئىدى. بۇ زەنجىرنىڭ ئۇزۇنلىقى ئۇنىڭ يەر شارىنىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى ئالىقانچىلىك تۇپراققا توسالغۇسىز يېتىپ بېرىپ بەھۇزۇر ئايلىنىپ كېلىشىگە يېتەتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇزۇنلۇقنىڭ چەكلىمىلىكىدىن بولسا كېرەك، ھەر قانداق نەرسىمۇ ئۇنى بۇ دۇنيانىڭ چېگرىسىدىن تارتىپ چىقىرىشقا ئامالسىز ئىدى. بىراق شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە جەننەتنىڭمۇ بىر ئەركىن ھەم بىخەتەر پۇقراسى. چۈنكى ئۇ، بۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا بىر زەنجىر بىلەن بەندلەنگەنىدى. شۇنداق، ئەگەر ئۇ پانىي ئالەمگە چىقماقچى بولسا، ئىلاھنىڭ بۇيۇنتۇرۇقى ئۇنى بۇغۇپ ئۆلتۈرەتتى. مۇبادا ئۇ جەننەتكە كىرمەكچى بولسا، پانى ئالەمگە بۇيۇنتۇرۇقى ئۇنى نەپەس ئالدۇرمايتتى. ئەمما نەتىجىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. يەنە كېلىپ ئۇ بۇنىڭ ئەڭ دەسلەپ بوغۇلغاندىكى بارلىق خاتالىق ۋە يېتەكلەشنىڭ «قاتماللىقى»دىن بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشنى قەتئىي رەت قىلدى.
64
ئۇ خۇددى كانكى بىلەن تۇنجى قېتىم مۇزغا دەسسىگەن يېڭى ماھىردەك ئوپۇل-توپۇللا «ئەمەلىيەت»نى قوغلاشتى. ھالبۇكى، ئۇ مەشىق قىلىۋاتقان جاي ئوخشاشلا تېيىلىش چەكلەنگەن مەيدان ئىدى.
65
ھەممە ئادەم بىلىدىغان بىر ئىلاھقا چوقۇنغاندىن كۆرە، شادىمان مەنبە بولغان تۈزۈك!
66
نەزەرىيە جەھەتتىن بىر خىل مۇكەممەل بەخت مەۋجۇد بولۇشى مۇمكىن. ئۇ مۇستەھكەم ئېتقادلىق كىشىلەرگە خاس يوقاتقىلى بولمايدىغان ئاشۇ خىل تەركىپ بولۇپ، ئېرىشمىگۈچە توختىمايدىغان ئەسەبىيلىك ئەمەس.
67
گۇمران بولمايدىغان نەرسە پەقەت بىرلا: ئۇ بولسىمۇ يەككە شەخس ھەم پۈتكۈل ئىنسانىيەت. شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭ كۆرسەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسى كىشىلەر تەستە ئىشىنىدىغان ئاشۇ خىل مەڭگۈ ئۆزگەرمەس ئىنسانلار ئىتتىپاقى.
68
ئوخشاش ئىنساندىمۇ يەككە ھالدىكى ئوبيېكىتقا نىسبەتەن ئوخشاشمايدىغان نۇقتىئىينەزەر مەۋجۇد. بىراق بۇ خىل قاراشتىكى قارىمۇ-قارشىلىقنىڭ چوڭلىقى سېنىڭ جۈزئى ھۆكۈم چىقىرىشىڭغا يېتەرلىك. ئوخشاش ئىنسان ئىچىدە نۇرغۇنلىغان ئوخشاش بولمىغان سوبيېكىت مەۋجۇد.
69
ئۇ تاماق شىرەسى ئۈستىدىكى ئاشۇ چېچىلىپ ياتقان پارچە-پۇرات يېمەكلىكنى تېرىپ يەپ باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى ئۇزۇقلانسا بولاتتى. بىراق ئاشۇ پەيتتە ئۇ داۋاملىق يېيىشنى ئۇنتۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ شىرە ئۈستىدىكى قالدۇق تاماق باشقىلار تەرىپىدىن قۇرۇقداپ قويۇلدى.
70
ئەگەر جەننەتتىكى ئاشۇ يوقىلىشقا تېگىشلىك نەرسە يوقىلىدىغان نەرسە بولسا، ئۇ ھالقىلىق نەرسە ئەمەس. بىراق ئەگەر ئۇ يوقالمايدىغان نەرسە بولسا، ئۇنداقتا بىز ھەممىمىز بىر خىل ساختا ئېتقاد ئىچىدە ياشىغان بولىمىز.
71
ئۆزۈڭنى ئادىمىگەرچىلىك ئۈستىگە قۇيۇپ سىناپ باققىنچۇ، شۇندىلا ئىشەنچىسىز ئادەمگە ئىشەنسە بولمايدىغانلىقىنى، ئىشەنچىلىك ئادەمگە ئىشەنسە بولىدىغانلىقىنى بىلىپ قالىسەن.
72
«مەن بۇ يەرگە ھەرگىز لەنگەر تاشلىمايمەن» دېگەن ئاشۇ خىل تەسىراتقا ئەگىشىپ، شۇ خىل غەزەپ ئېقىنلىرىنىڭ ئەتراپىڭدا ئۆركەشلەۋاتقانلىقىنى دەرھال ھېس قىلىسەن!
روھى جەھەتتىكى بىر قاتار جىددى ئۆزگىرىش، كۆزىتىش، قورقۇش، ئۈمىد. جاۋابلار تۇيدۇرماستىن كۆچمە سوئاللارنى ئوراپ، چۈشىنىش تەس بولغان ئاشۇ چىرايلارنى ئۈمىدسىزلىك بىلەن كۈزىتىدۇ. ئۇنىڭ لاي-لاتقىلىق تار يولدىن ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ دەل بۇ تار يول كىشىلەرنى جاۋابتىن يىراقلاشتۇرىدۇ.
73
كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ سەۋەبىلا بىر ئادەمنى ئۆزلۈك ھەققىدىكى ئويلىنىشقا يېتەكلەيدۇ.
74
پەقەت روھ يەنە تۈۋرۈك دەپ قارالمىغاندىلا، ئۇ ئاندىن ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيدۇ.
75
چاكىنا سۆيگۈ مۇقەددەس سۆيگۈگە قارىغاندا ئادەمدە ساددىلارچە يۈكسەكلىك قوزغىيالايدىغاندەك تۇيۇلىدۇ؛ ئۇ ئۆزى قىلسا بولمايدىغان، ئەمما مەستخۇشلۇق ئىچىدە مۇقەددەس سۆيگۈنىڭ تەركىبلىرىگە ئىگە بولغاندا ئاندىن قانائەت ھاسىل قىلدۇ.
76
ھەقىقەتنى پارچىلاشقا بولمايدۇ، شۇڭا ھەقىقەت مەڭگۈ ئۆزىنى بىلەلمەيدۇ، بىلمەكچى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ بىر ساختىلىق.
77
ئۆزىگە زەخمە يەتكۈزىدىغان ئاشۇ نەرسىنى ئېلىشقا بارىدىغان ئادەم يوق. مۇبادا كىشىلەر ئالماقچى بولسا-ئېھتىمال كىشىلەردە مۇشۇنداق ئۈمىد بولۇشى مۇمكىن-ئۇنداقتا بىر پاكىت ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ: ھەر بىر ئادەمنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىدە ئاشۇ نەرسىنى ئېلىشنى ئويلايدىغان ئۆزلۈك بولىدۇ. راستتىنى ئېيتقاندا ئۇ نەرسە ئۇنىڭغا پايدىلىق، ئەمما ئۇ 2-ئۆزلۈككە زىيانلىق. بىراق 2-ئۆزلۈك چاقىرتىلىپ دەۋانىڭ سوتىغا قاتناشتۇرۇلسا، مۇبادا ھۆكۈم ئېلان قىلىشنى ساقلىمايلا 2-ئۆزلۈككە يان بېسىلىدىكەن.ئۇنداقتا 1-ئۆزلۈك ئاشۇ ئۈمىد بىلەن ئاللىقاچان غايىپ بولغان بولىدۇ.
78
بىز نېمىشقا چۈشكۈنلەشكەنلىكىمىزدىن پۇشايمان قىلىمىز؟ بىزنىڭ چۈشكۈنلىشىشىمىز جەننەتتىن قوغلانغانلىق سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكىم ئاشۇ يېيىشكە بولمايدىغان «ھاياتلىق دەرىخى»نىڭ مېۋىسى ئۈچۈنغۇ!
79
بىزنىڭ گۇناھىمىز «ئەقىل پاراسەت دەرىخى»نىڭ مېۋىسىنى يېگەنلىكىمىز دېگەندىن كۆرە «ھاياتلىق دەرىخى»نىڭ مېۋىسىنى يېمىگەنلىكىمىز دېگەن تۈزۈك. ئاشۇ خىل ئۆزلۈك ھالىتى گۇناھ بىلەن تولغان، بىراق ”گۇناھىمىز“ بىلەن ئالاقىسى يوق.
80
بىز ئادەم شەكلىدە يارىتىلىپ جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلدۇق، جەننەت بىزنىڭ بەھرىمەن بولۇشىمىز ئۈچۈن بەلگىلەندى، شۇنداقتىمۇ بىزنىڭ تەقدىرىمىز ئۆزگەردى، جەننەتنىڭ تەقدىرىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى-بىراق بۇ نۇقتىنى ئوتتۇرغا قويىدىغان ئادەم چىقمىدى.
81
گۇناھ-ئىنسان ئېڭى مەلۇم ئۆتكۈنچى باسقۇچقا يەتكەندە قويۇپ بەرگەن نۇر. ماددى دۇنيانىڭ ئەسلىدىنلا بىر مەۋھۇمىيەت ئەمەسلىكى ئۇنىڭ گۇناھىنىڭ بەرھەقلىكى، شۇنداقتىمۇ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغىنى ئاشۇ گۇناھ شەكىللەندۈرگەن ماددى دۇنيارىمىزنىڭ مەنزىرىسى.
82
”چۈشكۈنلىشىش“تىن كېيىن بىز (ماھىيەتتە) ياخشىلىق-يامانلىقنى باراۋەر ئايرىيالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولدۇق. ھەر بىر ئادەم مۇشۇنىڭ بىلەن ئۆزىدىكى ئەۋزەللىكنى كۆز-كۆز قىلىدۇ، بىراق ھەقىقىي قىممەتنىڭ ئايرىلىشى بىلىم ئىقتىدارىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر خىل خاتا سېزىمنى مۇنداق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن: ئادەم ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى ئايرىيالايدىغان بىلىمگە ئېرىشىش بىلەنلا قانائەت قىلمايدۇ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە ئىنتىلىدۇ، بىراق بۇ خىل كۈچنى باشقىلار ئاتا قىلغان ئەمەس، نەتىجىدە ئۇ ئۆزىنى ۋەيران قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزى ئېرىشىش زۆرۈر بولمىغان كۈچنىمۇ ۋەيران قىلىدۇ. بۇ بىز خىل تەۋەككۈلچىلىك، بىراق بۇ ئەڭ ئاخىرقى مەقسەتتىن باشقا ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيدۇ. (بۇ بەلكىم «ئەقىل دەرىخى»نىڭ مېۋىسىنى يېگەنلىكتىن ئېرىشكەن ئۆلۈم تەھدىتىنىڭ ئەھمىيىتى بولۇشى مۇمكىن. ياكى «تەبىئىي ئۆلۈم»نىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەھمىيىتى بولۇشى مۇمكىن). بۈگۈنگە قەدەر ئىنسانلار بۇ خىل مەقسەتكە يۈزلىنىپ ۋۇجۇدى ۋەھىمىگە تولدى. ئۇ ئەكسىچە ئۆزىنىڭ ياخشىلىق-يامانلىق ھەققىدىكى بىلىمىدىن مەھرۇم قېلىشنى ئۈمىد قىلدى. («ئادەمنىڭ چۈشكۈنلىشىشى» دېگەن بۇ سۆزنىڭ ئاشۇ خىل ۋەھىمىنىڭ مەنبەسىگە تۇتىشىدۇ) بىراق ئاللىقاچان تاماملىنىپ ۋاز كېچىشكە ئامالسىز قالغىنى خاتىرجەمسىزلىكتىن ئىبارەتتۇر، خالاس. بۇنىڭ سەۋەبى «مۇۋاپىقلاشتۇرۇش»نىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدە. نەزەر سالىدىغان بولساق پۈتكۈل دۇنيا مۇشۇ خىل «مۇۋاپىقلاشتۇرۇش» بىلەن تولغان. ئەمەلىيەتتە كۆرگىلى بولىدىغان بۇ دۇنيادا ئېھتىمال ھېچنىمە يوق، بار بولغىنى پەقەت بىردەملىك خاتىرجەملىككە ئېرىشمەكچى بولغۇچىنىڭ «مۇۋاپىقلاشتۇرۇشى»-ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغىنى «بىلىمنىڭ چىنلىقى ساقتىدۇر» دېگەننى ئىسپاتلاش، «بىلىمنىڭ بىر خىل نىشان بولۇشى» يەنىلا يەتكىلى بولىدىغان مەقسەت دەپ قاراش.
83
بىر خىل مويتۇڭزىدەك ئېغىر، قۇتۇلۇشتەك يەڭگىل ئېتىقاد بار.
84
ئۆلۈم سىنىپنىڭ تېمىغا ئېسىلغان ئۇرۇش تارىخى ھەققىدىكى خەرىتىگە ئوخشايدۇ. بىز بۇ دۇنيانىڭ بىر كۈنىدە ھاياتلا بولىدىكەنمىز، قاراڭغۇلۇق ياكى پۈتۈنلەي ئاسارەتتە قالغان تەقدىردىمۇ شۇ كۈنلۈك خىزمىتىمىزنى قىلىمىز.
85
بىر ئادەمدە ئۆز ئىرادىسى بويىچە ئىش كۆرۈش ئەركىنلىكى بولۇپلا قالماستىن، بۇ ئەركىنلىك ئۈچ خىلدۇر:
بىرىنچىسى، ئىلگىرى ئۇ، بۇ تۇرمۇشقا ئۆز ئىرادىسى بويىچە مۇئامىلە قىلغاندا ئۇ ئەركىن ئىدى. بۈگۈن شۈبھىسىزكى، ئۇ بۇ پاكىتىنى يوقۇتۇشقا ئامالسىز. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ بۇ تۇرمۇشقا ئۆز ئىرادىسىنى تاڭغاندىن كېيىن ئۇ جەزمەن ئىلگىركى ئۆزىگە ئوخشىماي قالىدۇ. ئۇ پەقەت مۇشۇ قەدەم باسقۇچقا يېتىپ بارغاندا، يەنى ئۇ ھاياتلىق ھەرىكىتىنىڭ داۋامىغا تايىنىش ئارقىلىق ئەركىنلىككە بولغان ئىرادىسى مۇجەسسەملەنگەن تۇرمۇشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىدۇ.
ئىككىنچىسى، ئۇ ئەركىن، ئۇ مۇشۇ تۇرمۇشقا زۆرۈر بولغان يول ياكى مېڭىش ئۇسۇلىنى ئەركىن تاللىسا بولىدۇ.
ئۈچىنچىسى، ئۇ ئەركىن، ئۆزى بىر سۇبىستانسىيە (entjty)، يەنى كەلگۈسىدىكى بىر كۈنى ئۆزى يەنە بىر قېتىم ئايلانماقچى بولغان سۇبىستانسىيە ئۈچۈن- مەيلى قانداق شارائىت ياكى ھايات قىسمەتلىرىگە يولۇقۇشتىن قەتئىينەزەر يەنىلا ئۆزىنىڭ بىر چىغىر يولدا كېتىۋاتقانلىقىنى بايقايدۇ. گەرچە ئۇ ئەركىن تاللىغان بولسىمۇ بۇ چىغىر يول شۇ قەدەر مۇرەككەپ، چىگىشكى، ھەتتا ھاياتنىڭ ھەر بىر نۇقتىسىدىمۇ، بۇ دوقاللارغا يولۇقماي قالمايدۇ.
بۇ ئىرادە ئەركىنلىكىنىڭ ئۈچكە بۆلىنىش نۇقتىئىنەزىرى بولۇپ، ئاجراتقىلى بولمايدىغان مۇكەممەل «بىر پۈتۈن گەۋدە»، شۇڭا ئەركىن بولۇش-بولماسلىقتىن قەتئىينەزەر ئىرادىنىڭ ئەزەلدىن پاناھلىنىدىغان جايى بولغان ئەمەس.
86
ئىككى خىل ئېھتىماللىق مەۋجۇد: بىرى ئۆزۈڭ ئىشلەش، يەنە بىرى، ئۇنى بارىغا شۈكرى قىلدۇرۇش. كېيىنكىسى بىر خىل ئارزۇنىڭ قانائەتلەندۈرۈلىشى، شۇڭا ئۇ يالقاۋ، كېيىنكىسى بىر خىل باشلىنىش نۇقتىسى، شۇڭا ئۇ ھەرىكەتچان.
87
ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆرۈپ خاتالىقتىن ساقلىنىش ئاقىلانىلىق. يوقاتماقچى بولغىنىمىز كۆپ ھاللاردا ئەڭ ئالدى بىلەن ساقلىنىشىمىز زۆرۈر بولغان نەرسىدۇر. گەرچە چېقىلغىنى چېقىلىپ پارە-پارە بولۇپ كەتسىمۇ، بىراق ئۇ مەڭگۈ يوقالمايدۇ.
88
ئىپتىدايى چوقۇنۇش كىشىلەرنىڭ كۈللى كائىناتقا بولغان قورقۇنچىدىن تۇغۇلغان، قورقۇش بارلىق جانلىقلاردىكى مۇقەررەرلىك، قورقۇش كىشىلەرنىڭ ھەممىگە بولغان مەسئۇليەتچانلىقىنى بەلگىلىگەن. بۇ خىل مەسئۇلىيەت شۇ قەدەر مۇقەددەسكى، ھەتتا كىشىلەر ئۇنى ئىنسانىيەتتىن ھالقىغان ھەر قانداق ئەمەلىي نەرسىنىڭ ئۈستىگە قويۇشقا پېتىنالمايدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئادەمنىڭ مەسئۇليىتى ئاۋالقىدەكلا يېنىكلىمەي، بېرىش-كېلىشتىكى ئالاھىدە قاتناش قۇرالىدەك مەسئۇلىيەتتىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايدۇ، شۇڭا ئادەم مەسئۇلىيەت ئۈچۈن بارلىقىنى مەسئۇلىيەتكە بېغىشلايدۇ، ئەمما ئادەم ئۈچۈن بۇ مەسئۇلىيەت بىر چەكلىك مەسئۇلىيەت.
89
بولدىلا، پىسخولوگىيە!
90
تۇرمۇش بوسۇغۇسىدا ئىشلەشكە تېگىشلىك ئىككى ئىش بار: بىرى ئۆزۈڭنىڭ تۇرمۇش دائىرىسىنى كۈنسايىن تارايتىش، يەنە بىرى دائىرىنىڭ سىرتىدىكى مەلۇم جايغا يۇشۇرۇنمىغىنىڭنى ئۆز-ئۆزۈڭگە ئىشەندۈرۈش.
91
«رەزىللىك» گويا بىر ئادەمنىڭ قولىدىكى مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇلغان قورالغا ئوخشايدۇ. پەقەت ئادەم قەتئىي ئىرادىگە كەلگەندىلا «رەزىللىك» ئاندىن مەككارلىق بىلەن يۇۋاش قىياپەتتە ئۆزىنى بىر چەتكە ئالماقچى بولىدۇ.
92
ھاياتتىكى خۇشاللىق ھاياتنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى بىر تېخىمۇ يۈكسەك ھاياتقا يامىشىۋاتقان قورقۇنچ، ھاياتتىكى ئازابمۇ ھەم ھاياتنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى ئاشۇ قورقۇنچتىن تۇغۇلغان ئۆزىنى ئۆزى ئازابلاش.
93
پەقەت مۇشۇ زېمىننىڭ ئازابىلا ھەقىقى ئازاب، ئەمما شۇ ئازاب چەككۈچىنىڭ ئېيتماقچى بولغىنى ئۇلارنىڭ ئازابىنىڭ سەۋەبى ئەمەس، ئۇ ئۆز ئورنىنى ئۆزگەرتىپ ئىززەت-ھۆرمىتىنى تىكلىيەلىسىمۇ، بۇ دۇنيانىڭ ئاتالمىش ئازابلىرىنى سۆكۈش باشقا بىر زامان ئۈچۈن بەخت، يەنى قارشى تەرەپنى قۇتۇلدۇرغاندىن سرت ھېچنىمىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.
94
ئالەم بىپايان چەكسىز ۋە ئەلۋەك، ئادەمنىڭ شۇ ئۇقۇم ۋەجىدىن جاپالىق ئىجادىيەتكە كىرىشىشى پۈتۈنلەي يەككە ھالدىكى ئۆزىنى بىلىش ئېڭى بىلەن بىرىكىشتىن كەلگەن ھاسىلات، ئىككىسىنىڭ يېقىنلىشىشى ھەتتا ئۇنىڭ ئۆزلۈكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چېكىگىچە داۋام قىلىدۇ.
95
كۆز ئالدىمىزدىكى گۇناھلىق ئەھۋالنى بىر خىل ئەڭ رەھىمسىز جىنايەت بەلگىلەش دەپ قارىساق، ئۇنىڭدا ھەر قانچە كۆپ قورقۇنچ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئەمەلىيەتتە پەقەتلا بىر خىل ئەڭ يىنىك جازا بەلگىلەشتۇر. چۈنكى بۇ قىسقا ئۆمرىمىزنىڭ ۋاقىتلىق مەۋجۇدلىقىدا ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك سەۋەبى بار. بىز پەقەت ئىككىنچى تۈرلۈك جىنايەت بەلگىلەشنى كۈچلۈك قوللىيالىساقلا ئىشەنچىمىزنىڭ دەرىجىسىنى ئۆلچىيەلەيمىز. چۈنكى ئىككىنچى تۈرلۈك جىنايەت بەلگىلەشنىڭ ساپ ئئىقتىدارى بىرىنچىسىنى بېسىپ چۈشىدۇ.
بەزىلەر ئەسلىدە بار بولغان چوڭ ئالدامچىلىقلاردىن سىرت ھەر خىل ئوخشىمىغان ئەھۋال ئۈچۈن بىر قىسىم كىچىك، ئەمما ئالاھىدە توزاقلارنىڭ قۇرۇلۇپ بولغانلىقىنى قىياس قىلىشىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا بىر مۇھەببەت درامىسى سەھنىدە ئوينىلىۋاتقاندا ئايال باش قەھرىمان پەقەت ئۆز سۆيگىنىگە يالغان كۈلىدىغان رولنىلا ئالسا، بۇ يەنە كەينىدە ئولتۇرغان بىر تەنھا تاماشىبىنغا ئالاھىدە ساختا كۈلكىنى ساتقانلىق بولىدۇ. بۇنداق قىلىش بەكلا ئاشۇرۋەتكەنلىكتەك تۇرىدۇ.
96
ئىبلىس ھەققىدىكى تونۇش مەۋجۇد، بىراق ئۇنىڭ ئىچىدە ھەر قانداق ئېتقادنىڭ تەركىبلىرى يوق. چۈنكى ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان رەزىللىك مەۋجۇد ئەمەس.
97
گۇناھ كۆپ ھاللاردا تۈز-ئۇدۇل پەيدا بولۇپ ناھايىتى تېزلا ماھىيىتىنىڭ كونتروللىقىغا ئۆتىدۇ. ئۇ پارچە-پۇرات ئەمەس، بەلكى مۇكەممەل ھالەتتە نامايەن بولىدۇ.
98
بىز تۆت ئەتراپىمىزنى ئوراپ تۇرغان بارلىق ئازابلارغا چىدىشىمىز كېرەك. ھەر بىرىمىزنىڭ ئىگە بولىدىغىنى بوي-قامەت ئەمەس، بەلكى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى. ئۇ ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق تۈرلۈك-تۈمەن ئازابلىق قىسمەتلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزىدۇ، خۇددى كىچىك بالا ھاياتنىڭ ھەر بىر باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ ئاخىرىدا قېرىلىق ۋە ئۆلۈمگە يۈزلەنگەندەك. بىراق سېنىڭ قورقۇش ياكى ئۈمىدۋار بولۇشۇڭدىن قەتئىينەزەر ھەر بىر باسقۇچ ھەرگىزمۇ ئالدىنقى باسقۇچقا قايتالمايدۇ. شۇنداق قىلىپ بىز بۇ دۇنيانىڭ بارلىق مۈشكۈلاتلىرىنى باشتىن كەچۈرىمىز (بىز چوڭقۇر ھالدا ئۆزىمىز بىلەن، ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەت بىلەن بىرىكىپ كېتىمىز). بۇ جەرياندا ئەلۋەتتە ئومۇمىي ئادىللىق مەۋجۇد بولمايدۇ. بىراق بۇنىڭ ئازاب چەككۈچىنىڭ قورقۇشى بىلەن ئالاقىسى يوق، ئازاب چەككۈچىنى شەرھىيلەشنىڭ بىر ياخشى ئىشقا ئايلىنىشى تېخىمۇ ناتايىن.
99
سەن بۇ دۇنيانىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە سەۋر-تاقەت قىلالايسەن، سېنىڭ مۇشۇنداق قىلىدىغان ھوقۇقۇڭ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ تۇغما تەبىئىتىڭگىمۇ ئۇيغۇن. ئېھتىمال بۇ سەۋر-تاقەت سەن بىردىبىر ساقلانساڭ بولىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتتۇ.
100
بۇ دۇنيانىڭ بىزنى قايمۇقتۇرۇش ئارقىلىق زامانغا بەرگەن ئاشۇ كاپالىتى ئۇسسۇل سەھنىسىدىكى ۋاقىتلىق ۋەدە بىلەن ئوخشاشلا نەرسە. چۈنكى پەقەت مۇشۇنداق بولغاندىلا دۇنيا بىزنى ئازدۇرالايدۇ، شۇنداق ئىكەن، بۇ ھەقىقەتكە ئۇيغۇن، بىراق يامان يېرى بىز چۈشكۈنلەشكەندىن كېيىن ئۇ ئاشۇ ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. نەتىجىدە بىز «ياخشىلىق» تەرىپىدىن ئازدۇرۇلۇپ «رەزىللىك»كە ئايلانغىنىمىزنى، يەنى ئاياللارنىڭ كۆزى تەرىپىدىن ئۇنىڭ كارىۋىتىغا ئالداپ چىقىلغانلىقىمىزنى بايقايمىز.
101
ھەر بىر ئادەمگە، جۈملىدىن تەنھا ۋە ئۈمىدسىز ئادەمگە نىسبەتەن كەمتەرلىك ئۇنىڭ بىلەن ھەمرالىرى ئوتتۇرسىدا بىر خىل ئەڭ يېقىن مۇناسىۋەت ناھايىتى قىسقا بولغان تەقدىردىمۇ مۇكەممەل ۋە مەڭگۈلۈك كەمتەرلىكلا مەۋجۈد بولىدۇ. چۈنكى كىچىك پېئىللىق تىلاۋەت قىلغۇچىنىڭ ھەقىقى تىلى بولۇپ، سۈكۈتتىكى تاۋاپ بىلەن ناھايىتى زىچ بىرىكەلەيدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىگىمۇ ساپ دىللىق بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز-يەنى تىلاۋەتچىدىن تىرىشىدىغان كۈچ مەنبەسىگە ئېرىشىشىمىىز لازىم.
خىيالى كۆرۈنۈشتىن باشقا سەن يەنە نېمىنى بىلەلەيسەن؟ مۇبادا كۈنلەرنىڭ بىرىدە خىيالى كۆرۈنۈشلەر يوق قىلىۋىتىلسە ھەرگىزمۇ كەينىڭگە بۇرۇلۇپ قاراشقا جۈرئەت قىلالمايسەن، بولمىسا شۇ ھامان تۈز تۈۋرۈككە ئايلىنىپ قالىسەن.①
102
خۇددى مەلۇم بىرسى ناھايىتى ياخشى بىر بىرليانت تاختىسىنى ئېھتىيات بىلەن ئاسراپ، ئادەتتىكى كىشىلەرنى ئۇنىڭ يېنىغا كەلتۈرمىگەنگە ئوخشاش، ھەر بىر ئادەم ئۆزىنى A نىڭ شەپقەتچىسىدەك ھېس قىلاتتى. بىراق بىر ماھىر كېلىپ ئىنچكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ، كىچىككىنە بىر چاتاقنى بايقىغاندىن كېيىن بۇ بىليارت تاختىسىنى ئىشلىتىشنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەم غەزەپ بىلەن بىليارتلارنى سوقۇشقا باشلىدى. ئۇ خالىغانچە ھەم قىلچە رەھىم قىلمىغان ھالدا ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى ئاچچىقىنى چىقىرۋاتاتتى.
103
”كېيىن ئۇ يەنە قايتىپ كېلىپ خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۆز ئىشىنى داۋاملاشتۇردى“ دېگەن بۇ بىر جۈملە قەدىمكى ھېكايىدىن كەلگەندەك ياكى ناھايىتى تونۇشتەك تۇيۇلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بىلەن بۇ قەدىمكى ھېكايىنىڭ ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
104
”ئېتقادىمىزنىڭ چولتىلىقىنى ئېيتالايدىغان ھېچكىم يوق. بىزنىڭ ھايات كەچۈرىشىمىزنىڭ بىردىنبىر ئەمەلىيىتى مۇنداق:‹جان›،‹ئېتقاد› ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگەن ۋاقىتتا ھاياتنىڭ ئۆزى چەكسىز كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولىدۇ.“
”سېنىڭ ئاشۇ ‹ئېتقاد ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىش› دېگەن سۆزۈڭ پەقەتلا بىر ئادەم ياشىمىسا بولمايدۇ دېگەنلىك بولماي نېمە؟“
”دەل ئاشۇ ‹ياق› دېگەن سۆزنىڭ ئىچىگە ئېتقادنىڭ ئەسەبىي كۈچى يۇشۇرۇنغان. ئاشۇ ئىنكار ئىچىدە ئېتقاد تېخىمۇ كونكېرت ئىپادىلىنىدۇ.“
سېنىڭ ئۆز ئۆيۈڭدىن ئايرىلىشىڭنىڭ زۆرۈريىتى يوق، پەقەت ئۆزۈڭنىڭ شىرەسى يېنىدا ئولتۇرۇپ ئاڭلىساڭلا بولدى، يالغۇز ئاڭلاشلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە كۈتۈشۈڭ كېرەك، يالغۇز كۈتۈشلا كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە سۈكۈت ۋە تەنھالىقنى ساقلىشىڭ كېرەك. دۇنيا ئۇنىڭ ساختا نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ بىخارامان ھالدا ساڭا تەقدىم قىلىدۇ، ئۇنىڭ باشقا تاللىشى يوق. ئۇ سېنىڭ ئاياغ ئاستىڭدا خىيالچان ھەم خۇشال ھالدا سەپەر قىلىۋېرىدۇ.
ئىزاھات:
①        سودما بىلەن ئىمولا دۇنيادىكى ئىككى رەزىللىك شەھىرى بولۇپ، ئىلاھنىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان، بىراق ئاسماندىن گۈڭگۈرت يېغىپ، ئوت ئاپىتى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، پەرۋەردىگار بىردىنبىر ئاقكۆڭۈل كىشى لودنىڭ ئايالىنى ئېلىپ جېنىنى قۇتقۇزۇشىغا يول قويغان، ئەمما قاچقاندا كەينىگە قارىماسلىقنى بۇيرىغان. ئاشۇ كۈنى لودنىڭ ئايالى قېچىۋېتىپ كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىغان ھەم بىر تۈز تۈۋرۈككە ئايلىنىپ قالغان.
«يارىلىش خاتىرسى»نىڭ 19-بابىغا قارالسۇن.
(«دۇنيا نەسرىي شېئىر غەزىنىسى» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى.)

مەنبە:«ئەدەبىي تەرجىملەر» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 8-سان

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-27 15:05:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق تەرجىمىلەرنىڭ ئىچىدە  نەسر تەرجىمىلىكى  بىر قەدەر مۇرەككەپ، كۆپ كۈچ  ۋە يۇقۇرى قابىليەت تەلەپ قىلدىغان جەريانمىكىن دەيمەن ،  بەدئى زوق  ۋە مەنىۋى ھۇزۇر ئاتا قىلىپ ، ئەمەلىي نەپ بەرگۈدەك بىر- بىرىدىن ئېسىل ھېكمەتلەر ئىكەن ، ئىجتىھاتىڭىزغا  ۋە ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر !!

باھا سۆز

مېنىڭچە، شېئىر تەرجىمىسىنى قىلىش تەس بولۇشى مۇمكىن  ۋاقتى: 2015-8-28 11:28 AM
ۋاقتى: 2015-8-27 16:15:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكمەتلەر خەزىنىسىدىن دۇردانىلەركەن.

ۋاقتى: 2015-8-28 12:53:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
isil asar , isil tarjima

ۋاقتى: 2015-8-28 21:47:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەردىن يەنە بىر قېتىم ھۇزۇرلاندىم...تەرجىمانغا ۋە تىما يوللىغۇچىغا رەھمەد....

ۋاقتى: 2015-8-29 11:57:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچىمۇ شېئىر تەرجىمە ئەڭ تەس .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش