يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 681|ئىنكاس: 12

ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى غۇلجىدا ئېچىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
غۇلجىدا ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى
     8-ئاينىڭ 22-، 23- كۈنلىرى غۇلجىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق 30- نۆۋەتلىك ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.يىغنىغا ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ماھىر خەتتاتلار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. بۇ قېتىمقى يىغىننى ج ك پ غۇلجا شەھەرلىك كومتېتى، غۇلجا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتى باشقۇرغان، غۇلجا شەھەرلىك كومتېتى ،تەشۋىقات بۆلۈمى، غۇلجا شەھەرلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئۆتكۈزۈشكە مەسئۇل بولغان بۇلۇپ يىغىندا ئالدى بىلەن غۇلجا شەھەرلىك پارتىكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ئەرشىدىن مەمەت قارشى ئېلىش سۆزى سۆزلىدى . ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت قاسىم تەبرىك سۆزى سۆزلىدى. ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىدىن نىياز كېرىم شەرقى «جوڭگو ئارزۇسى گۈزەل مىلودىيەسىنىڭ تۈرۈتكىسىدە خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ زەپەر مارشىنى ياڭرىتايلى»دىگەن تېمىدا ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى. ئەنۋەر ئابدۇرېھىمنىڭ «خەتتاتلىق ۋە تىل يېزىق» دىگەن ماقالىسى ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى. نىياز كېرىم شەرقىنىڭ شىۋىتسىيە خان جەمەتى سەنئەت ئىنسىتىتوتىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلىكى ئېلان قىلىندى.يىغىندا 2015-يىللىق ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئىشلىرىغا تۆھپە قوشقان خەمىدە شەمسىيە ئالىم، مەۋلانجان نىياز، تۇرسۇن قۇربان ، ئابدۇراخمان ئابلىمىت  قاتارلىق خەتتاتلار مۇكاپاتلاندى. خەتتاتلىقنى مەكتەپلەرگە يۈزلەندۈرۈش يۈزىسىدىن غۇلجا شەھەرلىك يىفۇ باشلانغۇچ مەكتىپىدە خەتتاتلار نەقمەيداندا ماھارەت كۆرسەتتى.خەتتاتلارنىڭ ش ئۇ ئا ر قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە تەييارلىغان ئېسىل خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىندى. بۇ قېتىمقى يىغىن جۇڭخۇا مىللىي مەدەنىيتىنىڭ مىراسى خەتتاتلىققا ۋارىسلىق قىلىپ ، ئەجداتلار روھىنى نۇرلاندۇرۇپ ، خەتتاتلىقتىن ئىبارەت ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەنىۋىي بايلىقىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۈرۈشتىكى ئىنتايىن مۇھىم يىغىن بولدى، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى چۇڭقۇر تەسىرات ۋە ھاسىلاتلارغا ئىگە بولدى.ھەممىمىزگە مەلۇم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەتتاتلىق ئىشلىرىمىزنىڭ تەسىرى ۋە تەرەققىياتى يۇقىرى بولماقتا .ئىشىنىمىزكى بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى خەتتاتلىق ئىشلىرىمىزنى تېخىمۇ گۇللەندۈرۈش ، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغۇسى!
تۇرسۇن ئەكرەم خەۋىرى ، فوتوسى (تېلفون:13899157284)

IMG_1475.jpg

IMG_1466.jpg

IMG_1472.jpg

IMG_1493.jpg

IMG_1522.jpg

IMG_1544.jpg

IMG_1571.jpg

IMG_1605.jpg

IMG_1610.jpg



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-26 18:32  


IMG_1560.jpg
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-26 18:35:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسساملىق ۋە خەتتاتلىق سەنئەتنىڭ يۇقىرى چېكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقى ئۇيغۇر خەتتاتلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىشى مۇمكىن. قۇتلۇق بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-8-26 18:50:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«خەمىدە سەئىدئالىم» دېگەن ئىسىم-فامىلىنى «خەمىدە شەمسىيە ئالىم» دەپ يېزىپ قويۇپسىز!

ۋاقتى: 2015-8-26 18:53:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەڭ ئاخىرقى سۈرەتنىڭ ماۋزۇ چوڭ خېتىنى كۆرۈپ ژۈرىكىم ئويناقلاپ كەتتى!
خەتتاتلىقنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەردە 2011-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش باشلانغاندىلا يولغا قويۇلغان. مەن بۇ گەپنى شۇ يىلى 9-ئايدا قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى چاقىرغان بىر قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان بولساممۇ «دەرس سائىتى يېتىشمەسمىكىن» دېگەن «مىكى-مىكى» گەپ بىلەن ئەمەلىيلەشمىگەن. ئەمدىغۇ ئەمەلىيلىشە؟

ۋاقتى: 2015-8-26 19:16:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈرەتلەر ئىچىدىن قۇربانجان روزى شەيدائىنى كۈرۈپ، دىلىم سۈيىندى. ئۇنىڭ ئىشلىرىغا نۇسرەت تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2015-8-26 20:09:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىياز كېرىم شەرقى ، قۇربانجان روزى شەيدائىي ئۇستاز خەتتاتلارنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن !

ۋاقتى: 2015-8-26 20:11:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



       مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلىپ تۇرىشى شۇ ساھەنىڭ تەرەققىياتىدا تۈركىلىك رول ئوينايدۇ.

ئىھسان بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2015-8-26 20:13:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-8-26 22:40:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەتتاتلىق سەنئىتىمىز يۇقتۇرۇۋالغان سەلبىيەتلەر يۇيۇلۇپ،ئىجابىي يۈزلىنىش تاپقاي!

ۋاقتى: 2015-8-26 23:58:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي، قاچانلاردا مۇشۇنداق يىغىنلارغا قاتنىشىش پۇرسىتى نېسىپ بولار

ۋاقتى: 2015-8-26 23:58:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرخەتتاتلىقى  قاچاندىن باشلاپ مەكتەپلىرىمىزگە رەسمىي يۇسۇندا كىرە ؟ ئالدىنقى يىلى ئۇستاز خەتتات نىياز كېرىم شەرقىي ئەپەندى تېلىۋۇزۇردا ‹‹ئۇيغۇر خەتتاتلىقى باشلانغۇچ -ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە رەسمىي  دەرسلىك قىلىپ  سېلىنىدۇ ››دىگەندەك قىلغان . ھازىرغىچە ئېنىق خەۋەر -ئۇچۇرلار يوق .

ۋاقتى: 2015-8-27 12:47:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېھزاد يوللىغان ۋاقتى  2015-8-26 23:58
شۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرخەتتاتلىقى  قاچاندىن باشلاپ مەك ...

يىغىن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولدى .  ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى داڭلىق خەتتاتلار ،ھەۋەسكارلار ئىشتىراك قىلدى.   شۇنداقلا ، رايۇنىمىز خەتتاتلىق تارىخدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىندى .                                                                   خەتتاتلىق ئىشلىرىمىز بۇنىڭدىن كېيىن يۇقىرى تەرەققىيات باسقۇچىدىكى خەلقئارا خەتتاتلىق سەۋىيەىسى بىلەن ماس قەدەمدە ماڭغۇسى .                                                                                  ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ جۇلاسى خەلقئارادا نۇر چاچقۇسى.

ۋاقتى: 2015-8-29 15:32:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق بىر ئەھمىيەتلىك پائالىيەتنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى ھەممىمىزنى خۇشھال قىلدى.بەرىكەتلەر  بولغاي خەتتاتچىلىقىمىزغا.بۇ ئەھۋاللاردىن بىزنى خەۋەرلەندۈرگەن تۇرسۇنجان ئاكامغا كۆپ رەھمەت.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش