يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 479|ئىنكاس: 5

ئابلىز ئوسمان(ت): گىيوتى لىرىك شېئىرلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئابلىز ئوسمان تەرجىمىسى
گىيوتى لىرىك شېئىرلىرىدىن

مۇھەررىردىن: يوھان ۋولفگاڭ گىيوتى (1749-1832)، گىرمانىيىنىڭ ئۇلۇغ شائىرى، گىرمانىيە  كلاسىسىك ئەدەبىياتى ۋە مىللىي ئەدەبىياتنىڭ مۇھىم ۋەكىلى، شېئىر، پروزا، دارامىدىن باشقا، ئەدەبىيات-سەنئەت نەزەرىيىسى، پەلسەپە، تارىخشۇناسلىق ۋە گۈزەل سەنئەت ساھەلىرىدىمۇ مول نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.
ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن « ياش ۋېرتىرنىڭ دەردى »، «ۋېكان ھىستى» قاتارلىق رومانلىرى؛ «فانۇست» «لېناگۇ» «پرومېتى» قاتارلىق داستانلىرى؛ «گېسىفىن پرشىكىن» قاتارلىق دارامىلىرى يەنە نۇرغۇن نەزەرىيىۋىي ماقالىلىرى ۋە شېئىرلىرى بار.
ئۇنىڭ شېئىرلىرى قويۇق رومانتىزىملىق تۈسكە ئىگە بولۇپ ھازىرمۇ كىتابخانلارغا كۈچلۈك ئىستىتىك زوق بەخىش ئىتەلەيدۇ.

شادلىق

بىر يىڭناغۇچ يالتىراپ ھەرخىل
ئۇچۇپ يۈرەر بۇلاق بويىدا.
قاراپ تۇردۇم ئۇزاقتىن-ئۇزاق،
ئۇنى كۆرۈپ بىقىش ئويىدا.
ئۇ يىڭناغۇچ خامىلئوندەك
ھەر خىل بولۇپ كۆرۈندى ماڭا.
بەزەن تۇتۇق بەزىدە قېنىق،
بەزىدە كۆك، بەزىدە قىزىل.
بەزەن كۈلرەڭ بەزىدە يېشىل،
كۆرۈپ باقماق بولۇپ ئەسلىنى،
يېقىنلاشقىم كېلەتتى ئاڭا!
لەيلەپ ئۇچۇپ يۈرەر ئىدى ئۇ،
قوندى مانا شاخقا تۇيۇقسىز.
مەن جىم بولدۇم چىقارماي سادا،
يېقىنلاشىتىم، تۇتۇۋالدىم تېز.
ئەسلى رەڭگى سۇس كۆكۈش ئىكەن
شۇنداق بىر رەڭ-غەمكىن، قايغۇلۇق.
كۆرۈنۈپتۇ مېنىڭ كۆزۈمگە،
ئۇ ئۇچۇشتا رەڭمۇرەڭ بولۇپ.
ئويلاپ كۆرسەك، ئەي شادلىق ئەھلى،
خۇددىي شۇنداق سىلەرمۇ ئەسلى!
(1767-يىل)

ۋىسال ۋە ھىجران

ئوينىدى يۈرۈكىم، ئاتقا مىندىم تېز!
ئىككلەنمەستىن ھېچ بارىمەن يېتىپ؛
ئۇخلايدۇ گۇگۇمنىڭ قوينىدا زېمىن،
تۇرىدۇ قاتمۇ-قات تاغلار قارىيىپ.
دۈپ دەرىخى تۇمانلارغا ئورالغان،
ئوخشاپ گويا مەزمۇت تۇرغان ئادەمگە.
قاپ-قاراڭغۇ ئورمانلىقتا مارايدۇ،
سان-ساناقسىز قارا كۆزلەر ئالەمگە.
ئاي ئۈزىدۇ بۇلۇت قونغان چوققىدا،
تۇمانلارنى يېرىپ غەمكىن پەرشان.
كەچكى شامال سوقار ئۇچقۇر قاناتتەك،
قۇلىقىمغا شىۋىرلايدۇ مۇڭ پىغان.
قارا كېچە كۆرۈنىدۇ كۆرۈمسىز،
بىراق مېنىڭ ھىسىياتىم ئۇرغۇيدۇ:
تومۇرلىرىم گويا لاۋا گۈلخاندەك!
يۈرەك قەلبىم يالقۇنجايدۇ-يورۇيدۇ.

كۆردۈم سېنى، نۇرلۇق شەھلا كۆزلىرىڭ،
ئاتا قىلدى ماڭا شادلىق، مۇھەببەت.
مېنىڭ قەلبىم ساڭا مەھكەم باغلانغان،
بارلىقىم-ھاياتىم سەن ئۈچۈن پەقەت.
باھاردىكى پورەكلىگەن گۈللەردەك،
بار گۈزەللىك بىر ساڭىلا مۈجەسسەم.
ماڭا سۆيگۈ ئاتا قىلدىڭ-ئاھ خۇدا،
ئۈمىدلىكمەن بىراق چەكتىم دەرت-ئەلەم!

غۇۋا تاڭ نۇرىغا ئەگەشتىم، بىراق،
ئۆرتەندى يۈرىكىم ئاچچىق ھىجراندا:
ئاھ، سېنىڭ سۆيۈشۈڭ نەقەدەر تاتلىق،
ۋە لېكىن كۆزلىرىڭ ئەلەم پىغاندا!
مەن كەتتىم، سەن قالدىڭ مۇڭلىنىپ غەمكىن،
يالتىراپ كۆزۈڭدە سۈپ-سۈزۈك مارجان:
نەقەدەر ئامەتتۇر سۆيۈلۈش، بىراق
سۆيگەننى سۆيۈشمۇ بەختتۇر ھامان!
(1771-يىلى 3-ئاي)

ئەتىرگۈل

قاقاس چۆلدە جۇلالاپ يارقىن،
يېتىلىپتۇ يۇمران ئەتىرگۈل.
ئۇنى كۆرۈپ بەڭباش بىر بالا،
خۇشاللىقتىن ئالدىراپ راسا
ئۈزمەك بولۇپ يۈگۈردى ئۇدۇل.
ئەتىرگۈل، ئەتىرگۈل قىزىلدۇر شۇنچە،
قاقاس چۆلدە يېتىلگەن غۇنچە.

بالا دېدى: « ئۈزىمەن سېنى،
دالىدىكى ئەي يۇمران غۇنچە»
غۇنچە دېدى: «رايىم يوق ساڭا،
تىكەنلىرىم سانجىلسا ئەگەر،
ئۇنتۇيالماي قالسەن مېنى».
ئەتىرگۈل، ئەتىرگۈل قىزىلدۇر شۇنچە،
قاقاس چۆلدە يېتىلگەن غۇنچە.

نادان بالا ئۈزدى ئاخىرى،
دالىدىكى يۇمران غۇنچىنى.
غۇنچە ئاچچىق ياشلىرى بىلەن،
سانچىسىمۇ ئۇنىڭغا تىكەن،
قوغدىيالماي قالدى ئۆزىنى.
ئەتىرگۈل، ئەتىرگۈل، قىزىلدۇر شۇنچە،
قاقاس چۆلدە يېتىلگەن غۇنچە.

ماي ناخشىسى

          1
يارقىن گۈرەل ئىللىق تەبىئەت،
نۇرلىرىنى تۆكىدۇ ماڭا.
يېلىنجايدۇ سامادا قۇياش،
كۈلگەن كەبى تۇيۇلار دالا!

نوتا تاللار ئۆسكەن باراقسان،
ئۇندا كۆركەم ئىچىلىغان گۈللەر،
يېشىل توقاي چاتقاللار ئارا،
ياڭرار خۇشال ناخشا ۋە كۈيلەر.
              2
ئېخ مۇھەببەت چاقنايسەن گويا،
پاك-غۇبارسىز گۆھەرگە ئوخشاش.
شەپەق سۆيگەن بۇلۇتلار كەبى،
چوققىلارغا ياقسەن ئوتقاش!

سەن تىلەيسەن خۇشاللىق بىلەن
كەڭ تۇپراققا ھوسۇل بەرىكەت.
تېلەيسەن ھەم پۈتكۈل ئالەمگە،
يارقىن باھار خۇشپۇراق لەززەت.
             3
ئىخ، گۈزەل قىز ئەركە ئوماق قىز،
چىدىماسمەن كۆرمىسەم سېنى.
كۆزلىرىڭدە ئىشىق ئوتلىرى
سەنمۇ شۇنچە سۆيىسەن مېنى.

ئىنتىلىگەندەك بوز تورغاي كۆكنى
چاڭ كەلتۈرۈپ خۇشال سايراشقا.
تەلپۈنگەندەك ئاپتاپپەرەس ھەم،
خۇشبۇي ھاۋا نۇرلۇق قۇياشقا.

ئىنتىلىمەن ساڭا شۇ كەبى،
سۆيگۈ ئوتى قېنىمدا ئاقار.
بېغىشلىدىڭ ماڭا جاسارەت،
بېغىشلىدىڭ خۇشاللىق باھار.

يېڭى ناخشا ئېيتىمەن خۇشال،
شاتلىقىمنى قىلىپ تەنتەنە.
ئۈمۈدۈم شۇ تاشلىما مېنى،
بەخت ئاتا قىلىغىن مەڭگۈگە.
(1771-يىلى 5-ئاي)

كۈلرەڭ، غۇۋا سوغۇق تاڭ نۇرى

قاپلىۋالغان يېشىل دالىنى،
غەمكىن غۇۋا سوغۇق تاڭ نۇرى.
ئەتراپىمنى ئورايدۇ مەھكەم،
ئاپئاق قويۇق تۇمانلار تورى.
سۆيۈملۈكىم فىلىدپىكىس ①
تىلىكىم شۇ-قايتسام يېنىڭغا.
چۈمۈلەتتىم بەختكە شەكىسىز،
يەتسەم يەنە لەۋ-ۋىسالىڭغا.

بىر چاغلاردا ئىسملىرىمىز،
ئويۇلغانتى قېلىن قوۋزاققا.
بىراق ئۇپراپ ئۆچۈپتۇ مانا،
بەرداش بەرمەي جۈدۈن سوغۇققا.

دالىداىكى خىرە يېشىل نۇر،
غۇۋا، تۇتۇق چېھرىمگە ئوخشاش.
مەن كۆرمىدىم فىلدىپكىسىنى،
گىياھلارغا كۆرۈنمەس قۇياش.

مەن يېقىندا بارىمەن يېتىپ،
مەي باغلىغان ئۈزۈمزار باغقا.
جانلىنىدۇ ئەتراپىم مېنىڭ،
چۆمۈپ يېڭى خۇشبۇي پۇراققا.

بىراق سۈكۈت جىمجىت ئىچىدە،
مەن ئويلايمەن كەلسە ئۇمۇ گەر.
سۇنسام ئاڭا پىشقان ئۈزۈمدىن،
ئۇ ئالارمۇ ياكى نېمە دەر؟
(1771-يىلى 9-ئاي)

سىگانلار ناخشىسى

غۇۋا تۇمان ھەم قىلىن قار ئىچىدە،
قاقاس ئورمان، قاتتىق سوغۇق كېچىدە،
ئاڭلىنىدۇ ئاچ بۆرىلەر ھوۋلىشى،
ئاڭلىندۇ ھوقۇشلارنىڭ توۋلىشى.
ۋو... ۋو... ۋو!
ئوۋ... ئوۋ... ئوۋ!
گوۋ... گوۋ... گوۋ!

مەن بىر قېتىم ئوقيادا،-
ئۆلتۈرگەنتىم چىت تۈۋىدە مۈشۈكنى؛
ئۇ سېھىرىگەر ئاننا قىز،-
ئۇنىڭ سۆيۈملۈك قارا مۈشۈكى؛
كېچە كېلىپ يەتتە بۆرە ئالدىمغا،
سالدى يەنە ئاشۇ ئىشنى يادىمغا،
ئۇ ھېلىقى يەتتە قىز-،
يەتتە قىشلاقتىن كەلگەن سېھىرى قىز
بۆرە بولۇپ ئالماق بوپتۇ ئۆچكنى.
ۋو... ۋو... ۋو!
ئوۋ... ئوۋ... ئوۋ!
گوۋ... گوۋ... گوۋ!

ھەممىسىنى قالدىممەن تونۇپ،
ئۇلار ئاننا، ۋېرسىل ۋە كايت،
لىزا، بابىل، ئەيۋا ھەم بايت،
توپلاشقانچە ھۇۋلايدۇ سوزۇپ.
ۋو... ۋو... ۋو!
ئوۋ... ئوۋ... ئوۋ!
گوۋ... گوۋ... گوۋ!

توۋلىدىم ئۇلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ:
نە قىلماقچى ئاننا؟
نە قىلماقچى بايت؟
ئۇلار بىردىن ئىغاڭلشىپ ،
دۈگدۈيۈپ،
ھۇۋلىغانچە كەتتى يىراقلاپ.
ۋو... ۋو... ۋو!
ئوۋ... ئوۋ... ئوۋ!
گوۋ... گوۋ... گوۋ!
(1771-يىلى 12-ئاي)

سەنئەت ھەۋسكارى ۋە تەنقىدچى

بار ئىدى ئۆسمۈرنىڭ ئۇماق كەپتىرى،
پەيلىرى رەڭگارەڭ، كۆركەم ۋە ئېسىل.
ئامراقتى ئۇنىڭغا دىلىدىن گۈدەك،
باقاتتى دان چايناپ، كۆيۈنۈپ سىجىل.
ئۇ ئاڭا شۇنچىلىك ھېرىسمەن ئىدى،
ئايرىلماي ئۆتەتتى ئىناق ۋە ئىجىل.

بار ئىدى ئەتراپتا ھەم قېرى تۈلكە،
شۇنچىلىك بىلەرمەن، مەنمەنچى گەپتان.
ئىشىنىپ گاھىدا ئۇنىڭ سۆزىگە،
بولاتتى ئۇ گۈدەك خۇشال ھەم ھەيران.

ئۇ بىر كۈن كەپتەرنى كۆرسەتمەك بولۇپ،
تېپىپتۇ تۈلكىنىڭ ئۆيى بار يەرنى.
دەپتۇ ھەم تۈلكىباي قارا بۇنىڭغا-
بۇ جانۋار نەقەدەر گۈزەل يېقىملىق،
كۆرگەنمۇ ئۆمرۈڭدە بۇنداق كەپتەرنى.

تۈلكە ئىپ قولىغا دەپتۇ بىر قاراپ،
«گۈزەلكەن ۋە لېكىن كامكەن كۆپ يېرى»
ھەم بىردىن يۇلۇشقا باشلاپتۇ ئۇنى،
بانىسى قىسقىمىش قانات-پەيلىرى.
ئۆسمۈرمۇ سېلىپتۇ غەزەپلىك چوقان:
«ماس كەلمەس ئۇزۇن پەي، بولما ئاۋرە»
يۇڭدالغان كەپتەرنىڭ ھالىتىن كۆرۈپ،
يۈرىكى ئەلەمدىن بولۇپتۇ پارە.
X           X
كىمەركى بالىدىن ئالسا گەر ساۋاق،
تۈلكىنىڭ ئالدىدا بولمايدۇ ئاخماق.
(1773-يىلى)

چاق يېنىدىكى گىرتسىن

يوقالدى مەندىكى ئاراملىق،
يۈرىكىم ئۆرتەندى ئازاپتا.
خالىساممۇ تىنچلىقىنى گەر،
نېسىپ بولماس ماڭا شۇ تاپتا.

ئۇ بولمىغاچ قەۋرىستانلىقتەك،
تۇيىلىدۇ ھەممە يەر ماڭا.
كۆرىنىدۇ پۈتكۈل يەر يۈزى،
مىسكىن مەجرۇھ دىلىمدەك گويا.

بۇ ئەلەمدىن بېشىم گاڭگىراپ،
بولماقتىمەن غېرىپ بىچارە.
مېنىڭ غەمكىن دەرتلىك يۈرىكىم،
شۇ ئەلەمدىن بولماقتا پارە.

يوقالدى مەندىكى ئاراملىق،
يۈرىكىم ئۆرتەندى ئازابتا.
خالىساممۇ تىنچلىقنى گەر،
نېسىپ بولماس ماڭا شۇ تاپتا.

يىراقلارغا قارايمەن رامدىن،
چىن دىلىمدىن تەلپۈنۈپ ئاڭا.
ئۆيدىن چىقىپ يۈرۈشىممۇ ھەم،
پەقەت ئۇنى ئىزلەشچۈن گويا.

يۈرۈشلەردە ماڭماقتا ئەنە،
شۇنچە يۈكسەك، مەزمۇت بىر قامەت.
لەۋلىرىدە ئوتلۇق تەبەسسۇم،
كۆزلىرىدە مەرتلىك جاسارەت.

خىيالدىكى جۇشقۇن ئېقىندەك،
سۆزى ئۇنىڭ يېقىملىق راۋان.
كۆرۈشەرمىز چىڭ قۇچاقلىشىپ،
سۆيۈشەرمىز ئېھ يەنە قاچان!

يوقالدى مەندىكى ئاراملىق،
ئۆرتەندى يۈرىكىم ئازاپتا.
خالىساممۇ تىنچلىقىنى گەر،
نېسىپ بولماس ماڭا شۇ تاپتا.

ئىچ-ئىچىمدىن كۆيىمەن ئاڭا،
سېغىنىمەن دىلىمدىن ھەر دەم.
مۇمكىن بولىسا ئىدى ئەگەردە،
قۇچاقلالايتتىم ئۇنى چىڭ مەھكەم.

سۆيەتتىم ھەم يېنىش-يېنىشلاپ،
چاڭقاق دىلىم قانغىچە ھامان.
ئېرشىسەم گەر ئۇنىڭ لېۋىگە،
يۈرىكىمىدە قالمايتتى ئارمان.
(1773-يىل)

ئەرۋاھنىڭ سۆزى

قەدىمىي مۇناردا تۇرىدۇ مەغرۇر،
جەسۇر بىر پالۋاننىڭ يۈكسەك ئەرۋاھى.
ئۆتكەندە ئالدىدىن بىز چۈشكەن قېيىق،
تىلىدى ئوڭۇشلۇق چۈشۈپ نىگاھى.
دېدىكى: «مۇقەددەم بە قۇۋەت ئىدىم،
تۇراتتى سۆڭىكىم يىلىككە تولۇپ.
ئىرادەم مۇستەھكەم، يۈرىكىم روھلۇق،
ئىچەتتىم ئەڭ ئېسىل شاراپنى قۇيۇپ.
ئۆتتىكى ئۆمرۈمنىڭ يېرىمى جەڭدە،
ھەم ئاخىر بەھۇزۇر ئالدىممەن ئارام.
ئەي يورۇق دۇنيانىڭ كىچىك قېيىقى،
سەپەرنى توختاتماي قىلغايسەن داۋام»
(1774-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى)

كادوھېتروس①

تاڭ نۇرىدا قىلىسەن جۇلا،
ئەتراپىمغا تۆكۈپ نۇر-زىيا،
سۆيگۈم سەندە كۈلەر شادىمان
ئېھ، باھارىم، سۆيۈملۈك جانان!
تەلپۈنىدۇ يۈرىكىم مېنىڭ
شۇ مەڭگۈ قايناق
مۇقەددەس مۇھەببىتىڭگە!
چەكسىز گۈزەللىكىڭگە!
خىيالىمدا قۇچاقلاپ سېنى،
يەتسەم دەيمەن ۋەسلىڭگە شۇئان!

ئاھ، سېنىڭ بېھىشتەك قوينۇڭدا
خىيال بىلەن ئالىمەن ئارام،
سېنىڭ ھەر بىر گۈل-گىياھلىرىڭ
دولقۇنلايدۇ يۈرىكىم تامان.
غايىپ بولۇپ دىلباغلىرىمدىن،
ھېجرانىڭدا ياسىدىڭ گۈلخان.
سۆيۈملۈك تاڭ شاماللىرى!
تۇمان باسقان جىلغىدىن بۇلبۇل
كۈيلىرىنى تۆكۈپ سەمىمىي
چاقىرىدۇ ھېسداشتا ھامان.

بارىمەن! بارىمەن!
قەيەرگە، ئاھ قەيەرگە؟
ئۆرلەيمەن تېخىمۇ يۈكسەككە!
ئۈزۈپ يۈرگەن ئاپئاق بۇلۇتلار
چۈشۈپ چاڭقاق ئاشىق يېنىغا،
مېنى، مېنى قوينۇڭلاردا پەپىلەپ
ئۆرلەڭلار ئەرشكە!
يېتىپ ساڭا مېھرىبان تەڭرىم
سىڭىپ كىتەي باغرىڭىغا!
①  كادوھېتروس-يۈنان-ئەپسانىلىرىدىكى كېلىشكەن ئۆسمۈر شاھزادە. ھېكايە قىلىنىشچە زىۋس ئىلاھى بۈركۈتنى ئەۋەتىپ ئۇنى ئەرىشكە ئېلىپ چىقىپ، مەڭگۈلۈك ياشلىق باھارى ئاتا قىلىغان.
(1774-يىل)

پرومىتى

زىۋىس، چەكسىز بوشلۇقۇڭنى،
تولدۇرۇپ چاڭ-تۇمانغا؛
ھۆكۈرەيسەن ھەيۋە قىلىسەن،
دەرەخ ۋە تاغ چوققىغا.
بەلكىم بەڭباش بىر بالا،
تاياق بىلەن ئۇرغاندەك تازا-
خۇخا تىكەن شېخىغا.

مېنىڭ كەڭ زېمىنىمنى،
كىچىككىنە ئۆيۈمنى،
ئىجاد قىلغان سەن ئەمەس پەقەت.
مېنىڭ ئوچۇقۇمغا،
ئۇندا كۆيگەن ئوتۇمغا،
ئىچ-ئىچىڭدىن قىلىسەن ھەسەت.

بۇ ئالەمدە بارمىدۇر يەنە،
ئىلاھلاردىن غېرىب، بىچارە.
سىلەر پەقەت تايىنىپ-
بەندەڭلارنىڭ قۇربانلىقىغا،
دۇئا-تىلاۋەت، نادانلىقىغا
ساقلايسىلەر قۇرۇق ئاتاق نام.
ئايرىلساڭلار ئەگەر ئۇنىڭدىن،
كۈنۈڭلارمۇ بولىدۇ تامام.

مەنمۇ ئاشۇ بالىلىقىمدا،
بىلەلمەستىن زېمىن ۋە كۆكنى؛
كۆزلىرىمنى چىمىرلىتىپ،
تەلمۈرەتتىم قۇياشقا.
باردەك ئۇنىڭ قۇلىقى،
ئاڭلايدىغاندەك دەردىمنى.
مېنىڭ كەبى باردەك كۆكسىدە
مەزلۇملار دەپ سوقار يۈرىكى.
ياردەم بەرگەن كىم ماڭا قېنى،
زورلۇقلارغا قارىشى تۇرغاندا.
كىم ئۆلۈمدىن قۇتقۇزغان مېنى،
مەن خەتەرگە يولۇققاندا.
سەن ئەمەسمۇ بەختىمىگە تېرەك،
ئەي مۇقەددەس يالقۇنلۇق يۈرەك؟
لېكىن كۆككە تىۋىنىپ،
قۇتقازغۇچى شەپقەتچى بىلىپ،
رەھمەت دېيشى كېرەكمۇ ساڭا،
ئېزىققانلار ھەم ساددا گۈدەك؟

سەن خام-خىيال قىلىسەن بەلكىم،
مېنىڭ ھاياتتىن تويۇشۇمنى.
كېچىپ گۈزەل غايىلىرىمدىن،
تەركى دۇنيا بولۇشۇمنى.

مەن بۇ يەردە ئولتۇرۇپ ھەر ۋاق،
ئۆزۈم كەبى ياسايمەن ئادەم.
بۇ ئادىمىم بولىدۇ مۇنداق:
ئازابلارغا بېرىدۇ چىداش،
ھەم كۆزىدىن تۆكەلەيدۇ ياش،
خۇشاللىقىتىن بەھىر ئېلىپ ئۇ،
ھۆرمەتلىمەس سېنى قىلچىلىك
خۇددى ماڭا ئوخشاش!
ئىزاھات: زىۋىس-يونان ئەپسانە-رىۋايەتلىرىدىكى ئىلاھلارنىڭ تەڭرىسى. پىرومىتوس ئىنسانلارغا ئوت ئوغۇرلاپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن زىۋىس تەرىپىدىن پالىنىپ كاۋكاس تېغىغا بەند قىلىنىدۇ. ئاپتور شىئىردا پىرومتوس تىلىدىن زىۋىسىنى مەسخىرە قىلىپ، نادانلىق ھەم خۇراپاتلىقنى قامچىلايدۇ.
(1774-يىل)

يېڭى سۆيگۈ، يېڭى ھايات

يۈرىكىم نە سەۋەب سوقىسەن  ئەنسىز،
قىلدى ئاھ، قايسى ئىش سېنى بىئارام؟
نەقەدەر غەلىتە يېڭچە تۇرمۇش،
ئۇ ماڭا يەنىلا قاراڭغۇ تامام.
يوقالدى مەن سۆيگەن ھەممىلا نەرسە،
يوقالدى مەندىكى ئەلەملىك خىيال.
يوقالدى ئىجتاھات، جىمجىتلىقىم ھەم،
ھەي نىچۈن رۇي بېرەر مۇشۇنداق ئەھۋال!

شۇ ئەمەسمۇ ياشلىق باھار گۈللىرى،
يارقىن، ئوماق، گۈزەل رۇخسار ھەم.
شۇ ئەمەسمۇ شەھلا كۆزلىرى-
پۈتمەس-تۈگمەس سېھرى كۈچ بىلەن،
باغلىۋالغان مېنى مۇستەھكەم؟
مەن ئويلايمەن ئايرىلاي تېز دەپ،
چىدام بىلەن كۆرۈنمەي ئاڭا.
بىراق يولۇم ھەش-پەش دېگۈچە،
تارتار مېنى ئۇنىڭ يېنىغا.

بۇ سېھرلىك مۇھەببەت تورى،
ئۇنى ھېچكىم بۇزالماس ھەرگىز.
چىرمىۋالدى مېنى شۇنچە چىڭ،
ئەركە، ئوماق شۇ سۆيۈملۈك قىز.
مەھكۈممەن ئۇنىڭ سېھرى تورىغا،
مەجبۇرى ئەگىشىپ ماڭىمەن ئۇنى،
ئىخ، مۇنداق ئۆزگىرىش چوڭدۇر نەقەدەر،
مۇھەببەت! مۇھەببەت! قويىۋەت مېنى!
1775-يىل 2.ئاي

بىراندىغا②

نە سەۋەب مەجبۇرىي باشلايسەن مېنى،
ھەشەمەتلىك ئاشۇ ماكانغا؟
مەن ئۈچۈن بەختقۇ جىمجىت تۈنلەردە،
ئاھ، چۈمۈلۈش شېرىن ئارمانغا؟

مۆكۈنۈپ ياتىمەن خانەمدە يالغۇز،
قارىغانچە ئاينىڭ نۇرىغا.
ئۇنىڭ سوغۇق سۈرلۈك جىلۋىسى،
ئېلىپ كېتەر مېنى ئۇيقۇغا.

كۆردۈممەن چۈشۈمدە شادلىققا چۆمگەن،
شۇ بەختلىك شېرىن سائەتنى.
ئېھ، مېنىڭ قەلبىمگە ئوتلارنى ياققان،
شۇ سۆيۈملۈك ئوماق قامەتنى.

مەن يەنە چىراقنىڭ نۇرىدا ساڭا،
ھەمراھ بولۇپ ئوينايمەنمۇ قەرت؟
ھەر دائىم بەزدۈرگەن چېھرىڭنى كۆرۈپ،
چىدىغايمۇ سەۋىر ۋە تاقەت؟

شۇ كەمدە گۈللەرگە تولۇپتۇ دالا،
مەن سۆيمەيمەن سېنى ئەبەدىي.
پەرىشتەم، چىقساڭ گەر سۆيەتتىم سېنى،
شۇنچە تەبىئىي، شۇنچە سەمىمىي.
② بىراندى ـ داڭلىق ھاراق بولۇپ شائىر بىر مەزگىل ئارىلاشقان يۇقىرى تەبىقىدىكى بىر قىزغا سىموۋۇل قىلىنغان.

كۆلدە

سالقىن ھاۋا، جۇشقۇن يېڭى روھ،
تارتتى مېنى ئەركىن دۇنياغا.
ساپ، يېقىملىق، گۈزەل تەبىئەت
ئالدى مېنى ئىللىق قوينىغا.
دولقۇنلارنى يېرىپ بىر تەكشى
تەۋرەنگەنچە ئىلگىرلەر كېمە.
بۇلۇتلارغا پۇركەنگەن چوققا
قۇچاق ئېچىپ تۇرىدۇ بىزگە.
شېرىن ئۇيقۇ ماڭا نە كېرەك؟
شېرىن چۈشلەر ماڭا نە كېرەك؟
شېرىن خىياللار يوقال سەن، يوقال،
سۆيگۈ، ھايات سەندىن ئەۋزەلرەك.
شۇ تاپ سۈزۈك دولقۇن يۈزىدە،
جىمىرلايدۇ يۇلتۇز نۇرلىرى.
ئورىۋالغان تاغلارنى بىراق،
تاڭنىڭ ئاپئاق تۇمان-ھورلىرى.
يېشىللىقا تولغان پرىستان،
يەلپۈنىدۇ تاڭ شاماللىرى.
كۆل يۈزىگە تاشلايدۇ سايە
پىشىپ كەتكەن تېرىق دانلىرى.
(1775-يىل 5-ئاي)  

ئوۋچىنىڭ كەچلىك ناخشىسى

كەڭ دالىدا ماڭىمەن ئۈنسىز،
مىلتىقىمغا قاچىلانغان ئوق.
سېنىڭ چېھرىڭ، گۈزەل قامىتىڭ
كۆز ئالدىمغا تۆكەر نۇر-يورۇق.

سەنمۇ بەلكىم مېڭىۋاتقانسەن،
جىمجىت جىلغا قاقاس دالىدا.
خىيالىڭدىن يۈتكەن ئوبرازىم،
بولمىغاندۇ ئالدىڭدا پەيدا؟

مەن ھەر يەردە يۈرۈمەن ئېقىپ،
ئاچچىق ئەلەم قايغۇغا پېتىپ.
ئايلاندىممەن مەغرىپ-مەشرىقنى،
كېتىش ئۈچۈن سەندىن ئايرىلىپ.

ئويلاپ قالدىم سېنى توساتتىن،
ئۈمىد بىلەن ئوخشۇتۇپ ئايغا.
بىلەلمىدىم بۇ قانداق ئەھۋال،
شۇ دەم كەلدى ئاراملىق ماڭا.
1775-يىل 12-ئاي

سەرگەرداننىڭ② كەچلىك ناخشىسى

سەن ③ سامادىن سۈرۈلۈپ پەسكە؛
يوقۇتىسەن بارچە ئازابنى.
بېرىسەن ھەم قوشلاپ تەسەللىي،
كۆرسەڭ دەرتمەن ھالى خاراپنى.

ھەي، مەن كۆنۈك سەرگەردانلىققا،
نە ھاجەتتۇر شاتلىق ۋە ئازاب.
چۈنكى يارقىن گۈزەل تىنچلىق،
يۈرۈكىمگە كەتكەندۇر تاراپ.
(1)        ئىزاھات: گىيوتىنىڭ سۆيگىنىنىڭ ئىسمى.
(2)        سەرگەردان-گىيوتىنىڭ لەقىمى
(3)        بۇ يەردە تىنچلىق كۆزدە تۇتۇلىدۇ
(1776-2-12-كۈنى)

تېنىمسىز مۇھەببەت

قارىماستىن يامغۇر ۋە قارغا،
قارىماستىن سوغۇق شامالغا.
ئۆتۈپ بوغۇز، جىلغا ئىچىدىن،
كۆتۈرۈلۈپ تۈتەك ۋە تۇمان.
ئالغا ماڭار! ئالغا ماڭار!
دەم ئالماستىن، توختاۋسىز ھامان!

رازى ئىدىم ئۆتسە ھاياتىم،
خاپىلىق ۋە تەققازالىقتا.
مەيلى ئىدى، كۆپ ۋاقىتلىرىم؛
ئۆتمىسىمۇ شاد-خۇراملىقتا.
بىلىمىز ئۆز ئارا پاكتۇر قەلبىمىز،
يۈرەك تولدى لېكىن زەرداپقا.
نىچۈن يۈرەك بولۇر مۇپتىلا،
بۇ ئاجايىب كۈلپەت-ئازابقا.

زۆرۈرمۇ يا ماڭا مۆكۈنۈش؟
ياكى ئورمان ئىچىگە يۈرۈش؟
ھەمىمىسىلا بىھۇدە شەكسىز!
ھاياتلىققا نۇرلۇق تاج-تەخت،
ئۆمۈر بويى تۈگىمەس بەخت،
ئەي مۇھەببەت ئۆزۈڭسەن چەكسىز!
(1776-5-6-كۈنى)

دېڭىز سەپىرى

نەچچە كۈن نەچچە تۈن يۈك باسقان كېمە،
كۈتمەكتە ئوڭ شامال بولۇپ ئىنتىزار.
مەن دېڭىز پورتىدا دوستلىرىم بىلەن،
ئىچىشتىم يىغشچۈن تاقەت كۈچ مادار.

تەقەززا بولۇشۇپ دېيشتى ئۇلار:
«ئاق بولغاي سەپىرىڭ يولغا تېز ئاتلان.
تىلەيمىز ساغلاملىق، ساناقسىز بايلىق،
يار بولغاي ھەر يەردە ھۆرمەت-شەرەپشان.
كۈتىمىز ھەم قايتىپ كېلىشىڭنىمۇ،
قەلبىمىز سېغىنىش-سۆيگۈگە تولغان»

بىر سەھەر ماتروسلار ۋاقىراشلىرى،
شېرىن چۈش ئۇيقۇنى ئايرىدى بىزدىن.
كۆپچىلىك قىستىشىپ ئالدىراىشتى ھەم،
شامالدا قېيىقمۇ ئاتلاندى تېزدىن.

يەلكەنلەر رۇسلاندى شامالدا كۆپۈپ،
پۈركەندۈق سۈبىھىدەم يارقىن يورۇققا.
يەلكەنلەر ھەرىكەتتە بۇلۇتلارمۇ ھەم،
قىرغاقتا دوستلىرىم چۆمۈلدى زوققا.
ياڭراتتۇق شادلىنىپ ئۈمىد ناخشىسى،
تەسەۋۇر قىلدىم ھەم تۈنجى سەپەرنى.
تىلىدۇق تىۋىنىپ يۇلتۇزلۇق كۆككە،
بۇ تۈنجى سەپەرگە، شادلىق-زەپەرنى.

ئازدۇرماق بولۇشتى يولۇمدىن بىراق،
ئىلاھلار چىقارغان قۇيۇن-شاماللار.
كۆرمەككە مەن ئاڭا يېڭىلسەممۇ گەر،
ئىزدىم ئاستىرتتىن قارشى ئاماللار.
ماڭدىممەن ئۆز نىشان ئەھدىمگە قاراپ،
بولسىمۇ يول كەڭرى توساق-قاماللار.

لېكىن بىر چاغ ئاشۇ غۇۋا يىراقتىن،
كەلدى دەھشەت بوران-چاپقۇن شەپىسى.
قۇشلارنى ھەم ھەيدەپ كەلدى ھۆركۈتۈپ،
كىشىلەرنىڭ ئاشتى قايغۇ-ۋەھىمىسى.
مەن چۈشۈردۈم تېزلا ئىگىز يەلكەننى،
ئاڭلانغاندا ئۇنىڭ غەزەپ-نەپرىتى.
ئىغاڭلايتتى كېمە كىچىك پومزەكتەك،
ئۇرۇلغاندا كۈچلۈك دولقۇن ئەۋجىسى.

ئاشۇ پەيىت قىرغاقتا تۇققان-دوستلىرىم،
ئەنسىرەش ئىلكىدە تەۋرەندى شۇئان.
دېدى:«ھەي ئۇ نىچۈن قالماس بۇ يەردە،
كۆر بوران-چاپقۇننى نەقەدەر دەھشەت،
بەختىدىن ئايرىيدۇ ئۇنى بىگۇمان!
بۇ زاتنىڭ تەقدىرى بولۇرمۇ شۇنداق؟
ئاھ، تەڭرىم سەن ئۇنى قىلغايسەن ئامان!»

تۇرىمەن ۋە لېكىن كېمىدە مەغرۇر،
چوڭقۇر ۋە دەھشەتلىك قاينامغا قاراپ.
تەمكىنمەن ھۇدۇقۇش ياتتۇر قەلبىمگە،
تەھقىكى ئىلاھىم ساقلايدۇ مېنى،
كېمىلەر ئۆرۈلۈپ بولسىمۇ خاراپ.
(1776-يىل 9-ئاينىڭ 11-كۈنى)

ئايغا قاراپ

ئاق تۇمان قاپلىغان يېشىل دالىنى،
ئورىدىڭسەن نۇرىڭغا كۆمۈپ.
سۈتتەك پاك غۇبارسىز نۇرىڭدا يەنە،
روھ باتىنىم شادلاندى كۈلۈپ.

سەن ئوماق مېھىرلىك تەبەسسۇم بىلەن،
يورۇق چاچتىڭ ھويلا-بېغىمغا.
بەئەينى قەدىناس دوستلار كۆزىدەك،
ئېچىندىڭ ھەم دەرتلىك ھالىمغا.

داۋامى بولۇپ شۇ قايغۇ-شادلىقنىڭ،
چىرمىۋالدى ئەسلىمە-خىيال.
داۋالغۇش، تېڭىرقاش قاينىمى ئىچرە،
قىلدى مېنى زېرىكىش قامال.

ئېقىڭلار سۆيۈملۈك شوخ، سۈزۈك سۇلار،
خۇشاللىقلار ماڭا مەڭگۇ يات.
يوقالدى تامامى ئويناش-سۆيۈشلەر،
ھەم ھەقىقىي سۆيگۈ-ھېسىسىيات.

بىراق مەن قىممەتلىك ئېسىل گۆھەرنى،
ۋۇجۇدۇمدا كەلدىم چىڭ ساقلاپ.
ئۇنىڭدىن مەڭگۈگە ئايرىلالمايمەن،
بۇ ھەقىقىي كۈلپەت ۋە ئازاب!

شىرىلداپ زەمزەمدەك چوڭقۇر جىلغىغا،
توختىماستىن ئېقىڭلار ھامان.
ئېقىڭلار ناخشامغا ماسلىشىپ لەرزان،
زىلتارلاردەك يېقىملىق راۋان.

مەيلى سەن ئۇزۇن قىش كېچىسى ئارا،
تۇرساڭمۇ شىددەتلىك ئۆركەشلەپ.
ئوراپ گۈل غۇنچىسى يۇمران بەرگىگە،
ئېچىلار باھاردا پورەكلەپ.

ئېھ، بەخت كىم شۇنداق نەپرەتسىز ھالدا،
قاچالايدۇ تورىڭنى يېرىپ.
قەلبىدىكى يېقىن سىردىشى بىلەن،
ھۇزۇرلىنار بىرلىكتە قېنىپ.

كىشى ھېس قىلالماس شۇ خىل باھاسىز،
ئېغىر سۆيگۈ قالغان تاشلىنىپ.
قەلبىدىكى سىرلىق، گۈزەل ئوردىدا،
كېچىلىرى يۈرەر ئايلىنىپ.
(1777-يىل)

سۇدىكى ئەرۋاھ ناخشىسى

ئادەمنىڭ ئەرۋاھى،
ئوخشايدۇ سۇغا:
ئۇ كېلىپ كۆكتىن،
يەنە قايتار ھاۋاغا.
يېڭىباشتىن ھەم
چۈشىدۇ يەر يۈزىگە،
بۇ ھال
داۋام قىلار مەڭگۈگە.

ئۇ ئىگىز تاغ چوققىلىرىدىن،
شىددەت بىلەن شارقىرار پەسكە.
سۈزۈككىنە نۇردەك يالتىراپ،
يەتكىچە تەكشى قورام تاشلارغا،
ئاستا-ئاستا كېلىدۇ چىداپ.
لەپىلدىگەن ئاپئاق مەشۈتتەك،
جىلغىلارغا چۈشەر شىرىلداپ.

خادا تاشلار توسىۋالسا گەر،
شارقىراتما يولىنى توراپ.
ئاستا ئوخچۇپ چۈشەر گىرداپقا،
مازغاپ بولۇپ ئۇچۇپ چاچىراپ.

ئۇ قوشۇلۇپ دەريا قېنىغا،
ئاقار جىمجىت يېشىل جىلغىغا.
بېقىپ ئوماق نۇرلۇق كۆزىدە،
ئۆز-ئۆزىنى كۆرەر يۇلتۇزلار،
تىنچ، تەكشى دولقۇن يۈزىدە.

شامال سۇنىڭ ئاشىقى،
قەدىرلىكى سۆيگۈنى.
شامال بىلەن بولۇر مالىمان،
شىددەتلىك سۇ دولقۇنى.

ئادەمنىڭ ئەرۋاھى،
ئېھ، نەقەدەر ئوخشايدۇ سۇغا.
ئادەمنىڭ تەقدىرى،
ئەجەپ ئوخشار شامالغا.
1779-يىل 10-ئاي

خەيرىلىك دېڭىز سەپىرى

قويۇق تۇمان تارالدى نېكەم،
چىراي ئاچتى سۈزۈلۈپ ساما.
يەل ئىلاھى ئېچىپ خالتىسىنى①
قالدى تەشۋىش ئىچىدە مانا.
قوزغىتىدۇ مەيىن شاماللار،
قېيىق ئۈزەر ئالدىراپ راسا.
يولۇچى دەر ئىنتىلىپ :«تېز! تېز!
دولقۇن يېرىپ ئاتلانغىن ئالغا.
يىراق ئۇپۇق كەلدى يېقىنلاپ،
قىرغاق چاقنار ئۈمىدلەر ئارا!»
① يۈنان ئەپسانىلىرىدىكى بىر رىۋايەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

(شائىرىنىڭ خەنزۇچە «ياۋا ئەتىرگۈل» ناملىق توپلىمىدىن)

مەنبە: «تارىم» ژۇرنىلى 2014-يىللىق 6-سان، «مايبۇلاق» ژۇرنىلى 2015-يىللىق 1-سان        

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-26 14:01  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-26 15:24:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« گىيوتى»-ھىيوتى دەپ ئېلىنىشى كېرەكقۇ، دەيمەن.

ۋاقتى: 2015-8-26 16:18:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنىڭ ئەرۋاھى،
ئېھ، نەقەدەر ئوخشايدۇ سۇغا.
ئادەمنىڭ تەقدىرى،
ئەجەپ ئوخشار شامالغا.
ساقلىۋىلىشقا تېگىشلىك ياخشى شېئىرلار...ئۈچتېكىن ئەپەندىگە تەشەككۇر .

ۋاقتى: 2015-8-26 19:30:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۆكۈنۈپ ياتىمەن خانەمدە يالغۇز،
قارىغانچە ئاينىڭ نۇرىغا.
ئۇنىڭ سوغۇق سۈرلۈك جىلۋىسى،
ئېلىپ كېتەر مېنى ئۇيقۇغا.

بەك ياقتۇردۇم.ئۈچتېكىن ئەپەندىگە تەشەككۇر .

ۋاقتى: 2015-8-27 00:19:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرنىڭ تەرجىمىسى شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ. تەرجىمانغا تىخىمۇ مۇل نەتىجە تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-8-28 19:14:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلردىن ئوبدان زوق ئالدىم. تەرجىمانغا ۋە تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش