سەپەرچى
مۇرادىل راخمان
يەلپۈنىدۇ ياۋا ئوت-چۆپ شاماللاردا،
قىيا تاشلار ئەقىدەمگە بولدى گۇۋاھ.
بۆك-باراقسان يۇلغۇنلۇقنى قارار ئەيلەپ،
ئۇندا تۈنەپ نەي چالىمەن كېچە ئۇدا.
يالغۇز دىمە توختىماستىن چۈشسە شەبنەم،
ھەمرا ماڭا سايەم سۈزۈك ئاي نۇرىدا.
كى ئۈچىمىز سۆھبەت قۇرۇپ ئارام ئالغاچ،
بولماقچىمىز ھەسرەتلەردىن بىر يول ئادا.
كۆتۈرۈلسە سۆبھى دەمدە قۇياش تاغدىن،
يېقىنلايدۇ ھەر قەدەمدە مەنزىل ماڭا.
نە تامادۇر ئۆزگە يەنە شان-شەرەپتىن،
بۇ دۇنيانىڭ خۇشاللىقى شۇ بولسىلا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-25 18:56
|