كىچە ئۇزاپ كەتتى شىمالغا...
گۈلبانۇم ئابابەكرى
ئايرۇپلان ئۇچتى...
سۇ ئۈستىدە قالدى ھىلال ئاي ،
قالدى توغراق دەرىخىم...
كېچە ئۇزاپ كەتتى شىمالغا،
ئايرىلىشقا چىدىيالماي،
يۈرەك لوپنۇرغا.
كىملەر مېنى ئۇزاتتى،
كىملەر ماڭا قول پۇلاڭلاتتى؟
«داشى »نى يەنە بىر كۆرسەم،
«خىزىرىم موماي»نى يەنە بىر سۆيسەم،
«قىزىل گۈل»دە يەنە بىر دەھشەت كۆيسەم...
تۇمان خىلۋەتلىرىدە،
بۇلۇت گىرۋەكلىرىدە قالدى ئارمان،
چېكىپ تۇيغۇلاردىن گۈزەل مارجان.
«لوپنور ئانام توقاچلىرى»دىن بىرنى ئالدىم،
ئۇۋاقلىرى چۈشۈپ كەتمىسۇن دەپ ،
ئاۋايلاپ بىرنى چىشلىدىم،
توقاچ يىغلاۋاتامدۇر ،
ياكى مەنمۇ؟...
بىلىندۈرمەي قارىۋالدىم چىراققا،
جاھان تولغانمىكىن پىراققا؟
ئاھ...
كېچە ئۇزاپ كەتتى شىمالغا...
2015-يىل 22- ئاۋغۇست .كەچ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-24 22:15
|