يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 789|ئىنكاس: 15

ئەھەدجان تۇردى: 70-يىللاردىن كېيىنكى«بەش يولۋاس»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
70-يىللاردىن كېيىنكى«بەش يولۋاس»

ئەھەدجان تۇردى

     بۈگۈنكى جۇڭگو ئەدەبىياتىدا«70-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ۋە«80-يىللىقلار ئەدەبىياتى» ئالاھىدە گۈللىنىپ، ئەڭ ئۈمىدلىك، ئەڭ خاسلىق ياراتقانلار دەل مۇشۇ ياشلار مەنسۇپ بولغان ئەدەبىياتتۇر. بۇ دەۋرگە تەۋە بىر تۈركۈم يازغۇچىلار چەت ئەللەردىمۇ غۇلغۇلا قوزغاپ، بۇگۈنكى جۇڭگودىكى ئەڭ ئۈمۈدلۈك يازغۇچىلاردىن بولۇپ قالدى. مويەن قاتارلىق يازغۇچىلار ۋە بىر قاتار تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن «70-يىللاردىن كېيىنكى ئەدەبىياتتا بارلىققا كەلگەن بەش يولۋاس» دەپ تەرىپلەنگەن بۇ ياشلارنى تورداشلارغا قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. بۇ ھازىرقى ئۇيغۇر ياشلار ئەدەبىياتىغا بەزى ئاكتىپ تەسىرلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
1.شۈ زىچىن
image001.jpg
   شۈ زىچىن 70-يىللاردىن كېيىنكى ياشلار ئىچىدە بىردىنبىر ئابىدە خاراكتېرلىك ئەسەر يازالىغان ناھايتى چوڭ تەسىرگە ئېگە ياش يازغۇچى.ئۇنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتىنى زىلزىلىگە سالغان «ئېرۇسالىم» رومانى بۈگۈنكى جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر رومان قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ بولدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئاۋانگارتلىققا ئېگە بولۇپ، ناھايتى سالماق نەزەر بىلەن بوز ساھالەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئەدەبىيات دۇنياسىنى ياراتقان.

image003.jpg

image002.jpg


   (شۈ زىچىننىڭ «ئېرۇسالىم» ،«كېچىلىك پويىز» ناملىق ۋەكىللىك رومانلىرىنىڭ مۇقاۋىسى)
ئۇ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئەدەبىيات زېمىنىنى يارىتالىغانلىقى ئۈچۈن ھازىرغىچە جۇاڭ جۇڭۋىن ئەدەبىيات مۇكاپاتى، لاۋشې ئەدەبىيات مۇكاپاتى، خەلق ئەدەبىيات مۇكاپاتى،تاراتقۇلار يىللىق ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى، لۇشۈن ئەدەبىياتى مۇكاپاتى،نىيۇمەن ئەدەبىيات مۇكاپاتى ...قاتارلىق كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.«ئېرۇسالىم»، «كېچىلىك پويىز»(رومان)، «جۇڭگۇەن كەنتىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتۈش»، «سەپەردە ئۆتكەن كۈنلەر»(پوۋېست-ھېكايىلار) قاتارلىقلار ئۇنىڭ ئەڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ.
2.لۇمىن
  لۇمىن 1976-يىلى تۇغۇلغان، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال يازغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى رومانتېكىلىققا باي، تەسۋرلىرى يېڭى، كۆزىتىش نوقتىسى ئالاھىدە، ھېسسىياتلىرى بىغۇبار بولۇپ، بۇ جەھەتتىن لۇمىن ئالاھىدە تەسىرگە ئېگە. ئۇ ئەڭ دەسلەپ نەسىر يازغان. 1999- يىلى ھېكايىچىلىققا كىرىشىپ، ئاز بولمىغان نادىر ئەسەرلەرنى يازغان. «ئىشتەي نەغمىسى» ناملىق ھېكايىسى 5-نۆۋەتلىك لۇشۈن ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
image004.jpg
لۇمىن خانىمنىڭ باشقا ئەسەرلىرىمۇ ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن بولۇپ، ھازىرغىچەجۇاڭ جۇڭۋىن ئەدەبىياتى مۇكاپاتى، يېڭى كۈچلەر ئەدەبىياتى مۇكاپاتى،ئاياللار ئەدەبىياتى-نەتىجە مۇكاپاتى قاتارلىقلارغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ھەممىنىڭ دېققىتىنى قوزغىغان «ئالتە كىشىلىك كەچلىك تاماق» ناملىق رومانى ئۆز مۇۋاپپەقىيتى بىلەن خەلق ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
image005.jpg
(«ئالتە كىشىلىك كەچلىك تاماق» رومانىنىڭ مۇقاۋىسى)
«ئالتە كىشىلىك كەچلىك تاماق» لۇمىن ئىجادىيتىدىكى بىر بۆسۈش بولۇپ، بۇ ئۆزگىچە روماندا ئاپتۇر تاماق ئۈستىلىگە جۇڭگو جەمئىيتىنى يىغىنچاقلاپ، پىشقان يازغۇچىلارغا خاس سالماقلىق بىلەن جەمئىيەت خاراكتىرىنى ۋە كىشلىك ھاياتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى يورۇتۇپ بەرگەن. بۇ ھەقىقەتەن بىر ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان نادىر روماندۇر.
3.ئايى
ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ئانچە تونۇش بولمىغان بۇ يازغۇچى 1976-يىلى تۇغۇلغان. ھېكايىچىلىقتا ئۆزىگە خاس يول تۇتۇپ، جۇڭگو ھېكايىچىلىقىدا ئالاھىدە ئۇرۇن تىكلىگەن.

image006.jpg
مۇدېرنىزىمغا مايىل بۇ يازغۇچى ھازىرغىچە ئىككى رومان بىر ھېكايىلار توپلىمى نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ، «چۈشكۈن ھېكايىلار» ناملىق توپلىمى ئۇنىڭ ئەڭ ۋەكىللىك ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ تۇرمۇشنى باشقا نوقتىدىن كۆزىتىپ، ھېكايىلىرىنى ۋەقە دۆۋىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، جۇڭگو ھېكايىچىلىقىغا يېڭى يول تېپىپ بەرگەن.
image007.jpg
(«چۈشكۈن ھېكايىلار»ناملىق توپلامنىڭ مۇقاۋىسى)
«ئايىنىڭ ئەدەبىيات يولى مۇشۇ توپلامدىن باشلاندى» دەپ باھا يېزىلغان بۇ ھېكايىلار توپلىمىغا 30 پارچە نادىر ھېكايە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ كىتاب « ئەدەبىياتقا يېڭى چىقىش يولى تېپىپ بەردى» ،«ئايى كەلگۈسىدە بۈيۈك يازغۇچى بولۇشنىڭ ئۇلىنى سالدى» دەپ يۇقىرى باھالانغان.(مۇشۇ توپلامنىڭ مۇقاۋىسىغا قىستۇرۇلغان باھا سۆزلىرىگە قاراڭ).بۇ جەھەتتىن ئايى ئەپەندىنىڭ ھېكايە ئېجادىيتىگىمۇ دىققەت قىلىپ قويۇشقا ئەرزىيدۇ. ئۇنىڭ جۇڭگو ھېكايىچىلىقىغا چىقىش يولى تېپىپ بەرگەن روھىدىن ئۆگەنسەك بولىدۇ. ئۇ ھازىرغىچە«خەلق ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»، «تەيۋەن بىرلەشمە ئەدەبىياتى ھېكايە مۇكاپاتى»، «پۇسۇڭلىڭ ھېكايە مۇكاپاتى»، «بارچە گۈللەر ھېكايە مۇكاپاتى»، «يېڭى كۈچ ھېكايە مۇكاپاتى»...قاتارلىق ھېكايە ساھاسىدىكى كاتتا مۇكاپاتلارغا نائىل بولغان. (ئايى ئەپەندىنىڭ «بالكۇن»، «قارغىشقا كېتىش» ناملىق ئىككى ھېكايىسى ئەركىن سابىر تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان، قىزىققۇچىلار كۆرۈپ باققاي)
4.ۋېي ۋېي
1973-تۇغۇلغان بۇ ئايال يازغۇچى تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، تۇرمۇشلۇق، ئۆزگىچە ھېكايىلىرى بىلەن  ئالاھىدە ئېتراپقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ھېكايىلىرى بىر قەۋەت رومانتىك تۈسكە ئورۇنۇپ، جۇڭگو تۇرمۇش ھېكايىلىرىنىڭ ئەڭ ئالدى بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئىجادىيتى ھەققىدە مەخسۇس مۇھاكىمە يېقىنى ئېچىلغان.
ۋېي ۋېي مۇھەببەت تېمىسىدا يېزىشقىمۇ ماھىر بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدە تەسىر قوزغىغان «سەھرا، نامىرات تۇغقانلار، مۇھەببەت» (بۇ ھېكايە ئۇيغۇرچە ئېلان قىلىنغان) بۇنىڭ دەلىلى بولالايدۇ، كۆپلىگەن تاللانما توپلاملارغا كىرگۈزۈلۈپ، بىر نەچچە نوپۇزلۇق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بۇ نادىر ھېكايە مۇھەببەت تېمىسىدا يازىغانلارنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن.
  ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تەسىرىنىڭ ياخشىلىقى تۈپەيلى ھازىرغىچە 3-نۆۋەتلىك لۇشۈن ئەدەبىياتى مۇكاپاتى، خەلق ئەدەبىياتى مۇكاپاتى، بارچە گۈللەر مۇكاپاتى، يېڭى كۈچلەر تۆھپە مۇكاپاتى، 40 ياشتىن تۆۋەن ئەڭ نادىر 20 ئەدىب مۇكاپاتى،تىڭشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى، خەنزۇ تىلى تاراتقۇلار نادىر ھېكايە مۇكاپاتى قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ۋاڭ ئەنيى،تيې نىڭ قاتارلىق يازغۇچىلار ئۇنىڭ ھېكايا ئىجادىيتىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ماقالىلارنى يازغان.(ۋېي ۋېينىڭ «ئاچا- سىڭىللار» ناملىق ھېكايىلار توپلىمىنىڭ كىرىش سۆزىگە قاراڭ)
image008.jpg
(ۋېي ۋېينىڭ «ياسىنىش»، «ئاچا- سىڭىل» قاتالىق نادىر ھېكايىلىرىمۇ ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنغان، قىزىققۇچىلار كۆرۈپ باققاي)
5.جاڭ يۆرەن
80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان بۇ يازغۇچى بىزگە ناتونۇش ئەمەس. چۈنكى ئۇنىڭ «جۇڭگو ياشلار ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر رومان» دەپ تەرىپلىنىپ، جۇاڭ جۇڭۋىن ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «ئەقىدە» ناملىق رومانى ئۆمەرجان ئامۇت تەرىپىدىن سۈپەتلىك تەرجىمە قىلىنىپ، 2009-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ھەم ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ ھازىرغىچە ئۈچ قېتىم قايتا بېسىلغان.
image009.jpg
ئۇنىڭ ھازىرغىچە «يىراقتىكى شاپتۇللۇق باغ»، «ئون قېتىملىق سۆيۈش»، «قىزىل ئاياغ» «ئەقىدە» قاتارلىق ئېسىل رومانلىرى نەشىردىن چىقىپ،  جۇڭگو ياشلار ئەدەبىياتىنىڭ سەردارىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خەن خەن قاتارلىقلارنىڭ رومانلىرىدەك ئاممىبابلىقتىن خالىي بولۇپ، ياشلارنىڭ روھىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە بەكرەك كۈچىگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى چەت ئەللەردىمۇ چوڭ تەسىر قوزغىغان ھەم بۇ يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەن.
جاڭ يۆرەن خانىم ھازىر جۇڭگو خەلق ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىنىڭ يېزىقچىلىق ئاسپىرانىتلىق سىنىپىنىڭ ھېكايە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى، قىزغىن مۇلاھىزىچىسى بولۇپ، ياشلار ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىيات يولى ۋە ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر توغرىسىدا قايىل قىلارلىق مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ بېرىپ، چوڭ يازغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى ياشلار ئەدەبىياتىغا سۆرەپ كىرگەن. مويەن، يەن لىيەنكې قاتارلىق ئۇستاز يازغۇچىلار بىلەن نەق مەيدان مۇنازىرىسىگە چۈشۈپ، ھەممەيلەننى قايىل قىلغان.  بۈگۈنكى ياشلار ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىش مەنزىرىسىنى جاڭ يۆرەن خانىمنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
image010.jpg
(ئاپتور جاڭ يۆرەن خانىم بىلەن بىللە)
ئادەمنى خۇشال قىلىدىغىنى بۇ بەش يازغۇچىنىڭ ھەممىسى جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېزىقچىلىق ئاسپىرانىتلىق سىنىپىدا تەلەپچان ئۇستاز، ئۆتكۈر يازغۇچى يەن لىيەنكې ئەپەندىنىڭ قولىدا مەخسۇس تەربىيەلەنگەن بولۇپ، ئۇلار ئىجادىيەتتە يەن لىيەنكې ئەپەندىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، بولۇپمۇ يەن مۇئەللىمنىڭ ئەڭ نادىر رومانى «پاراغەت قورۇقى» نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، مەيلى«ئېرۇسالىم»، مەيلى «ئالتە كىشىلىك كەچلىك تاماق» ۋە ياكى ئايى ھېكايىلىرىدىكى يېڭىلىقلار بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىم ئەسەرلىرىدىن «پاراغەت قورۇقى» نىڭ پۇرىقى كېلىپ تۇرىدۇ.
image012.jpg
(«پاراغەت قورۇقى»رومانىنىڭ مۇقاۋىسى)
يۇقىردا بۇ بەش ياش يازغۇچىنىڭ ئۆزۇم ئوقۇغان ئەسەرلىرىدىكى يېڭىلىقلارنى تورداشلارنىڭ دىققىتىگە سۇندۇم. قىزىققۇچىلار مۇشۇ تىزىملىك بويىچە ئەسلى ئەسەرنى كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.
بۇ ماقالىدا تونۇشتۇرۇلغان يازغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە ئىسىملىكى:
徐则臣, 鲁敏, 阿乙, 魏微, 张悦然,阎连科(导师)



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-24 10:47:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھەدجاننىڭ مەملىكىتىمىز بۈگۈنكى زامان خەنزۇ ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرۇشى ياخشى بولىۋاتىدۇ. تونۇشتۇرۇش ماقالىلىرىڭىزگە داۋاملىق دىققەتە بولىۋاتىمىز.

باھا سۆز

رەھمەت!  ۋاقتى: 2015-8-24 07:37 PM
ۋاقتى: 2015-8-24 10:57:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخەتجان ئىنىمىز ماتىرىياللاردىنلا ئەمەس، داڭلىقلار بىلەن بىۋاستا سۆھبەتلىشىش جەريانىدىمۇ نۇرغۇن تەسىراتلارغا ئىگە بوپتۇ  ۋە بىزنى داۋاملىق خەۋەرلەندۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق مەزمۇندىكى ھەربىر ئۇچۇردىن ئاجايىپ ئىلھاملارغا ئىگە بولۇۋاتىمىز.

باھا سۆز

رەھمەت!  ۋاقتى: 2015-8-24 07:37 PM
ۋاقتى: 2015-8-24 11:18:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2015-8-24 10:47
ئەھەدجاننىڭ مەملىكىتىمىز بۈگۈنكى زامان خەنزۇ ئەدەبىي ...

<<ئۇ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئەدەبىيات زېمىنىنى يارىتالىغانلىقى ئۈچۈن ھازىرغىچە جۇاڭ جۇڭۋىن ئەدەبىيات مۇكاپاتى، لاۋشې ئەدەبىيات مۇكاپاتى، خەلق ئەدەبىيات مۇكاپاتى،تاراتقۇلار يىللىق ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى، لۇشۈ ئەدەبىياتى مۇكاپاتى،نىيۇمەن ئەدەبىيات مۇكاپاتى ...قاتارلىق كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.>>

ئەرچىنكا، ئاۋۇ قايسى مۇكاپات؟

باھا سۆز

بۇ تارال دوستىمىز ئالامەت سەزگۈر يىتىم جۇمۇ  ۋاقتى: 2015-8-25 01:52 AM
«لۇشۈن ئەدەبىيات مۇكاپاتى» دۇ؟! بىر تال ھەرپ ـــــ «ن» چۈشۈپ قالغان، خالاس!  ۋاقتى: 2015-8-24 11:52 AM
ۋاقتى: 2015-8-24 12:41:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



        بۈگۈنكى زامان جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى بايراقدار يازغۇچىلار بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-8-24 13:07:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جوڭگۇ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى بايراقدارلارنى تۇنۇشتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-8-24 13:35:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تېمىلىرىڭىز ھەر ۋاقىت دىققەت نەزىرىمىزدە، مۇشۇنداق ئۇچۇر، بىلىم قىممىتى يۇقىرى ماقالىلارنى كۆپراق يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!

ۋاقتى: 2015-8-24 15:34:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ماقالىدا تونۇشتۇرۇلغان يازغۇچىلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ باقمىغان، لېكىن ئەدەبىيات سورۇنلىرىدا «ئالتە كىشىلىك كەچلىك تاماق»، «ئىرۇسالىم»، «پاراغەت قورۇقى» قاتارلىق رومانلارنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغانتىم.

ۋاقتى: 2015-8-24 15:57:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2015-8-24 10:47
ئەھەدجاننىڭ مەملىكىتىمىز بۈگۈنكى زامان خەنزۇ ئەدەبىي ...

ئەھەتجان تۇردىغا ۋە پەرھات كازىمغا كۆپ رەھمەت. مەن ئالدىنقى ماقالىنىڭ تۈركىسىدە توردىن شۈ زېجىننىڭ «ئېرۇسالىم» دىگەن رومانىنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ ئاڭلىدىم. باشلىنىشتىنلا بىر كىرىشكەنچە نەچچە كۈن ئىچىدە ئاڭلاپ بولدۇم. ھەقىقەتەن ئۆزگۈچە، بەدىئى سەۋىيىسى يۇقۇرى، كىشىنى ئاجايىپ بىر دۇنياغا باشلاپ كىرىدىغان ئەسەركەن. مەن دوستلارغا بۇ روماننى ئۇقۇپ ياكى ئاڭلاپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئەھەتجان تۇردى ۋە پەرھات كازىملارنىڭ بۇ خىلدىكى ئەمگىكىنىڭ توختاپ قالماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

باھا سۆز

ھەي، بۇ ئەھەدجاننىڭ ئەجرى.  ۋاقتى: 2015-8-24 05:57 PM
ۋاقتى: 2015-8-24 15:58:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ئۇچۇرلاردىن ۋاقىپلاندۇرغىنىڭىزغا رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-8-24 18:04:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
           ئەھمەتجان تۇردى ئىنىمىزنىڭ ئەمگىكى ۋە بۇ تېمىنى تورغا  يوللىغان پەرھات كازىمغا كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن.70-80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلۇپ،جوڭگۇ ئەدەبىيات سەھنىسىدە سىلكىنىش پەيدا قىلغان بۇ يازغۇچىلار ئېنىقكى ياشلىرىمىزغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.بولسا شۇ رومانلارنىڭ ئانا تىلىمىزدىكى نۇسخىسىنى كۆرگەن بولساق تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى،خۇددى مويەننىڭ ئەسەرلىرىنى كورگەندەك.بۇ يەردە تەرجىماننىڭ رولىمۇ بەك موھىم.ياخشى ئەسەر ياخشى تەرجىماننىڭ قولىغا چۈشسە گۈلىگە گۈل كېلىدۇ. مەنغۇ خەنزۇچىدا ساۋاتسىزلا بىر ئېنسان. شۇنداقتىمۇ،ئىككى توملۇق دۇنياۋىي مەشھۇر ئەسەر « يىلتىز»نى ئوقۇپ زادىلا ھاردۇقىم چىقمىدى.مۇندىن كېيىن تەرجىمە قىلىنىدىغان ئەسەرلەر شۇنداق بولۇپ قالمىسىكەن دەپ ئويلايمەن.

ۋاقتى: 2015-8-24 19:53:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارغا رەھمەت.ئۆگۈنىش جەريانىدا ھېس قىلغان يېڭىلىقلىرىمنى سىلەر بىلەن تەڭ ئورتاقلىشاي دېدىم. كۆپ قىسىم ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى بۇ يازغۇچىلارنىڭ چوڭ رومانلىرىنى كۆرۈپ بولالماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا بۇ بەش يازغۇچىنىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىنىڭ مۇندەرىجىسىنى قوشۇپ قوياي. قىزىققۇچىلار مۇناسىۋەتلىك ژۇرنالنى تېپىپ ئوقۇپ باقسا بولىدۇ.
2شۈ زىچىننىڭ «1987-يىلى»، «سەپەردە ئۆتكەن كۈنلەر» دېگەن ئىككى ھېكايىسى ياسىن سېيىت ئارچىن ئەپەندى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
2. لۇمىن خانىمنىڭ «ئىشتەي نەغمىسى»(5-نۆۋەتلىك لۇشۈن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن)ھېكايىسى ئۆمەرجان ئامۇت تەرىپىدىن، «غۇبارسىز ئىستەك»(خەلق ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن)ناملىق پوۋېسىتى ئىلھام سەيدۇللا ئەپەندى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان.
3.ئايى ئەپەندىنىڭ «بالكۇن»، «قارغىشقا كېتىش»دېگەن ئىككى ھېكايىسى ئەركىن سابىر تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ «ئەدەبىي تەرجىمىلەر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
4. ۋېي ۋېي خانىمنىڭ «ئاچا- سىڭىللار» ھېكايىسى ئوسمانجان ساۋۇت تەرىپىدىن، «سەھرا، نامرات تۇغقانلار ۋە مۇھەببەت»دېگەن ھېكايىسى ئەركىن سابىر تەرىپىدىن، «ياسىنىش »دېگەن ھېكايىسى ئېرشادى ئەپەندى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.
5. جاڭ يۆرەن خانىمنىڭ جۇاڭ جۇڭۋېن ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «ئەقىدە» ناملىق رومانى ئۆمەرجان ئامۇت تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ 2009-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ھەم ئۈچ قېتىم قايتا بېسىلغان.

ۋاقتى: 2015-8-25 00:47:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنى ئەھمىيەتلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن ئەخەتجانغا كۆپ رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-8-25 12:21:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرگە بەك ياخشى تېمىلارنى يوللاۋاتىسز خالىس ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.
مەن ۋېي ۋېي خانىمنىڭ «سەھرا، نامرات تۇققانلار، مۇھاببەت» ناملىق ھېكايىسىدىن باشقا ئاپتۇرلارنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇپ باقماپتىكەنمەن. ئەمما ۋېي ۋېينىڭ ھېكايىسى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ھېكايە ئىكەن.

ۋاقتى: 2015-8-25 12:23:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.سېيىت يوللىغان ۋاقتى  2015-8-24 18:04
ئەھمەتجان تۇردى ئىنىمىزنىڭ ئەمگىكى ۋە بۇ تېمىنى  ...

ئالكېسىي خالىلى يازغان، مەخمۇتجان ئسلام بىلەن ئسلامجان شېرىپ تەرجىمە قىلغان رۇماننى دىمەكچىمۇسىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش