كۆرۈش: 312|ئىنكاس: 1

ئەخمەتجان ئابلىمىت (ت): لى چىڭجاۋ شېىرلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  لى چىڭجاۋ-جۇڭگونىڭ  قەدىمكى ئەدەبىيات تارىخىدا مۇستەقىل قەد كۆتۈرۈپ، ئەڭ يۇقىرى پەللە ياراتقان ئايال يازغۇچى.  ئۇنىڭ شېئىرلىرنى ھوزورلانغايسىز:   تەرجىمىدە ئەخمەتجان ئابلىمىت ئەرك
武陵春•春晚
(李清照)
风住尘香花已尽,日晚倦梳头。物是人非事事休,欲语泪先流。
闻说双溪春尚好,也拟泛轻舟。只恐双溪舴艋舟,载不动许多愁。

باھار كىچسى
(لى چىڭجاۋ)
قۇترىغان شامالمۇ كېتىپتۇ يىراق،
تۆكۈلۈپ گۈل ئەمما قىلىپتۇ پۇراق.
نۇر تۈكەر قۇياشمۇ چىقىپ ئىگىزراق،
تارىنىش خىيالىم يوق ئىدى، بىراق.

يىل ئايلار قۇغلىشىپ ئۆتسمۇ نۇرغۇن،
ئۆزگەرمەس خەستەمەن يەنىلا تۇرغۇن.
دەرد ئېيتسام، ئەۋۋەلا كۆز يىشىم دۇلقۇن،
نە ئۇچۇن بۇ ئازاپ، سورايمەن سۇراق.

ئاڭلىدىم شۇاڭشدا گۈزەل مەنزىرە،
تەمشەلدىم مەن بىرىپ كۆرەيچۇ بىرە.
ۋە لېكىن ئويلاندىم قولۋاق تارغىنە.
سغارمۇ مەندىكى غەم-قايغۇ، پىراق.





点绛唇•蹴罢秋千
(李清照)
蹴罢秋千,起来慵整纤纤手。露浓花瘦,薄汗轻衣透。
见客入来,袜刬金钗溜。和羞走,倚门回首,却把青梅嗅。

ئىلەڭگۈچ
(لى چىڭجاۋ)


ئۇچۇپ  ئىلەڭگۈچ  توختىغان  قىزچاق،
نازۇك  جۈپ  قولغا  قويمىدى  قاراپ.
شەبنەم  يالتىراپ   گۈلنىڭ   شېخىدا،
تۇراتتى كۆڭلەكتىن ئىپار ھىد  تاراپ.
ئاياقمۇ كىيەلمەي، قىسقۇچ سېيرىلىپ،
ماڭدى، مىھماننى كۆرۈپ  ئالدىراپ.
ئۆتكەندە باش ئىگىپ، بولۇپ كۆپ خىجىل،
قايرىىلىپ قارىدى مىيخۇا گۈل پۇراپ.

浣溪沙•淡荡春光寒食天
(李清照)
淡荡春光寒食天。玉炉沈水袅残烟。梦回山枕隐花钿。
海燕未来人斗草,江梅已过柳生绵。黄昏疏雨湿秋千。

چوكانتال بايرىمى
(لى چىڭجاۋ)

چوكانتال بايرىمى ئىللىق نۇر تاراپ،
ئاسايىش  مەنزىرە، تېپتىنچ  ئەتراپ.

مەستخۇش  ھىدلىرى  تولار خانىگە،
ئىسرىقدان تۈتەيدۇ ئوتلىرى ئۆچۈپ.
باشىمدا  بىزەكلەر  تۇرار سېيرىلىپ،
ئويغانسام چۈشۈمدىن سىلكىنىپ چۆچۈپ.

ئوينايدۇ بالىلار ئوت ئۈزۈپ شاد-خۇش،
كەلمىدى  جەنۇبتىن  لېكىن  بورانقۇش.

مەجنۇنتال  شامالدا  يەلپۈنەر  مەيىن،
ئەينولا   ۋادىدا  كەتكەنتى  چۈشۈپ.
يامغۇردا ھۆل بولۇپ تۇرغان ئىلەڭگۈچ،
تۇراتتى گۇگۇمغا  سالقىنلىق  قوشۇپ.



浣溪沙•闺情
(李清照)

绣面芙蓉一笑开。斜飞宝鸭衬香腮。眼波才动被人猜。 一面风情深有韵,半笺娇恨寄幽怀。月移花影约重来。

ئاشىق قىز
(لى چىڭجاۋ)

نىلۇپەر  نەقىشى  قىلار   تەبەسسۇم،
ساچىدا قىسقۇچى، ھۆسنىدۇر مەسۇم.

قەلبىدە بىر  ئىشىق ئوتىنىڭ  ئاھى،
سۆزلەيدۇ  كۆزلىرى  بولۇپ  ئاگاھى.

جىلۋىگەر يۈزلىرى، گۈل قامەت دىلبەر ،
نازىلىق مەكتۇبى  يەتكۈزدى  خەۋەر.

ۋەدىلەر  بېرىشىپ  ئايدىڭ  كېچىدە،
ۋىسالنىڭ دەملىرى  گۈللەر   ئىچىدە.


减字木兰花•卖花担上
(李清照)
卖花担上,买得一枝春欲放。泪染轻匀,犹带彤霞晓露痕。
怕郎猜道,奴面不如花面好。云鬓斜簪,徒要教郎比并看。

گۈل

(لى چىڭجاۋ)

ئەپكەشلىك گۈلچىدىن ئالدىم بىر غۇنچە،
بەرگىدە  لىغىلداپ  تۇرىدۇ  ئۈنچە.

شەبنەمنىڭ ئىزلىرى قات-قاتقا تولۇپ،
كۆرسىتەر غۇنچىنى جەلپكار شۇنچە.

يار كۆرۈپ غۇنچىنى قىلارمۇ گۇمان،
-مەشۇقۇم جامالى ئۇز ئەمەس بۇنچە.

كۆرسۇن يار، قايسى ئۇز، قىستىم قۇلاققا،
ھۆسنۈممۇ ۋە ياكى سەبدە دېگۈنچە.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-22 13:50  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-25 16:51:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە تىلىڭىزدىن سۆيۈندىم بۇرادەر، مەنىلەر دەل جايىنى تېپىپتۇ. مۇشۇنداق ئىسىل ئەسەرلىرىڭىزنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرغايمىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش