|
. M" {# ~: t* U7 u+ C% {8 F
تۇرپاندىكى «شا»لارتوغرىسدا7 F7 i! ~% ]$ _0 E& o
* c$ Z7 q( x- `) g6 K) {
(ئەھمەد ئىمىن ئەلنەزەر)
3 ]5 [1 \+ B9 K! {( `. n! @4 j; R% @
يەر ناملىرى تىل، جۇغراپىيە ۋە مەدەنىيەت قاتارلىقلارنىڭ يىغىنىدىسى . ئۇ تىلنىڭ سۆزياكى سۆز بىرىكمىسى ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ، مول بولغان تارىخ، جۇغراپىيە مەزمۇنلىرىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. تۇرپاندىكى يەر-جاي ناملىرىغا قارايدىغان بولساق تەۋەسىدە ئەششا، خاندۇشا، لەمجىنشا، كۇنىشا، يېڭىشا، ياڭخىيشا،تۇيۇقشا، شا، سۇبېشىشا قاتارلىق «شا»بىلەن قوشۇلۇپ ئاتىلىدىغان يەر-جاي ناملىرى كۆزگە چىلىقىدۇ. ئۇنداقتا بۇ يەردىكى «شا»نىمىنى كۆرسىتىدۇ؟ .
5 @+ T" G: ]! Z8 K" ], } تۇرپان ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇنمۇقىم ئولتۇراقلىشىقا باشلىغان يۇرتلارنىڭ بىرى . ئۇزاق تارىخ جەريانىد اتۇرپاندىكى ئاۋام – خەلق ئاشۇ مۇقىم ئولتۇراقلاشقان جايلاردىكى بوستانلىق مەھەللىلەردە ، ئۆزىنىڭ ئىشىنچا مەھسۇلاتلرىنى سېتىپ، ئۆزىگە ئېھتىياجلق مەھسۇلاتلانى سېتۋىلىش زۆرۈرىيىتى بىلەن بىر قانچەمەھەللىلەرنىڭ مەركىزى بولغان جايلاردا سودا – سېتىق ئىشلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ،چوڭ–كىچىك بازارلار شەكىللەندۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ بازارلارنىڭ جايلاشقان مەھەللىلەر نامىغا«شا» قۇشۇپ دەپ ئاتىلىدىغان بولغان./ b/ `& K$ T/ v9 h' k
«شا» بىلەن قۇشۇلۇپ ئاتىلىدىغان بۇ يەرلەردەھازىرقى ئەھۋالىدىن قارىغاندىمۇ بۇجايلاردا ھازىرمۇ كۈندە نورمال تىجارەت قىلىدىغان، دېھقانلار ئېھتىياجلىق زۆرۈر تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ساتىدىغان دۇكان – يايمىلار بولغاندىن باشقا يەنە بىرھەپتە ئىچىدىكى مەلۇم بىر كۈنى چوڭ بازار بولىدۇ. ئالايلۇق: پىچان ناھىيسسى لەمجىن بازىدىكى خاندوشا ، تۇيۇق يېزىسىدىكى تۇيۇقشا، ياڭخيىشالار بۇنىڭ تىپىك مىسالى . * s2 g/ ]# g7 L$ \. K! @4 N. q; V6 Z9 _5 b
بۇلاردىن قارىغاندا «شا» سۆزى « بازار –سوداسېتىق قىلىدىغان مەخسوس جاي؛ ئاھالە سودا سېتىق قىلىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن مەخسۇس كۈن»(ئۇيغۇرتىلى ئىزاھلىق لوغىتى قىسقارتىلمىسى109-بەت) بىلەن ئوخشاش مەنىگە . چوڭلارنىڭ « ئىت تۇڭلايدىغان سوغۇقتا، ئىشىكنى شادەك ئىچىپ قۇيدۇڭ» دەيدىغان دائىمي سۆزىمۇ مۇشۇ مەنىدىن ئېيتىلغانلىقى ئېنىق. «شا» سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئېيتساق، «شەھەر»دىن ئۆزگەرگەنلىكى ئۆزىدىن بىلىنىدۇ. يەنە «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى»دە، «شەھەر – پارىسچە ئىسىم. ئادەم زىچ ئولتۇراقلاشقان، سودا-سانائەت تەرەققىي قىلغان، ئاھالىسى دېھقانچىلىق قىلمايدىغان كىشىلەرنى ئاساس قىلغان، ئەتىراپىدىكى جايلارنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى ھېساپلىندىغان جاي؛ كىچىك شەھەر ، بازار» دەپ ئىزاھلانغان (ئۇيغۇرتىلى ئىزاھلىق لوغىتى قىسقارتىلمىسى674-بەت) . تارىختا بىرمەھەل تۇرپاننڭ سىياسىي ،ئىقتىسادىي مەركىزى بولغان لۈكچۈندىكى ھازىرقى كەنىت دەرىجىلىك يەر-جاي ناملىرىدىن «كونىشا-كونا شەھەر »، «يېڭىشا-يېڭىشەھەر» دېگەن ناملارمۇ بۇنىڭغا يېتەرلىك ئىسپات بولالايدۇ. بۇ جايلاردىكى دېھقانلار ئادەتتە بۇ مەھەللىلارنىڭ ناملىرىنى قىسقارتىپ«شا» دەپ ئاتىسىمۇ، سىرتقا نىسپەتەن پەرىقلەندۈرۈش ئۈچۈن يەنىلا «شا»نىڭ تەۋەلىك يەر نامىنى قۇشۇپ ئاتشىدۇ. : r8 x0 P9 a( r8 }# x4 ^; V" A0 r
نۆۋىتى كەلگەندە ،ئەسكەرتىپ ئۈتۈش كېرەككى، بۇ يەردىكى «شا»ھەرگىزمۇ قۇلاققا دەبدەبىلىك ئاڭلىندىغان«شاھ-پادىشاھ، خان »دىن ئۆزگەرگەن ئەمەس. تۇقسۇن ناھىيىسىدىكى «شا يېزىسى »نىڭ نامى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىلىرىدا «شاھ يېزىسى» دەپ قوللىنىلۋاتىدۇ. تارىختىن قارايدىغان بولساق، ناھىيە بازىرىغا ئەڭ يېقىن بولغان بۇيەرنىڭ بازار مەركىزى بولغانلىقى ئېنىق. ھەرگىزمۇ قايسىبىر شاھ ياكى ئىسمى شاھ ئىسىملىك بىرىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغانلىقى تۇغرىسىدىكى مەلۇماتلار ئۇچرىمايدۇ. شۇڭا يەنىلاتىل ۋە تارىخقا ھۆرمەت قىلىپ «شاھ يېزىسى » دېمەي «شا يېزىسى » دەپ ئاتىغان تۈزۈك.6 W" C0 \4 G- Y3 K: R D6 l% N# J
0 d: X3 s2 ~4 I0 b
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-21 12:34
4 E4 _; e5 b2 ? x" h' E ~2 P X2 U, Q/ @; Y
|
|