خوتەنگە سەپەر
مۇنەۋۋەر ئابدۇقادىر
قەلبىمدە بىر قۇچاق مېھرىم بار خوتەن،
قۇبۇل ئەت مەن ئۇنى بېغىشلاي ساڭا.
قاشتېشى زىباسى كۈلگەن چېھرىڭدىن،
ئايلانسۇن بارچە دىل مېھرى، جەمگاھقا.
ئۇزاقتىن مەن سېنى سېغىنغىنىم راسىت،
بىلەلمەي يېزىشنى قايسى ئاھاڭدا،
سەن بىلەن بىر چۈشنى كۆرەتتىم دائىم،
شىمال ۋە جەنۇپنىڭ ئوربىتاسىدا.
كۆزۈمدە ئۆكسۈيدۇ بىر قەدەھ شاراپ،
بىلمەيمەن قاچاندىن قىسىندىم ساڭا.
ھەسرىتىڭ توپىدەك ياغار قەلبىمگە،
ئۇ بەلكىم مەن ئېيتقان خوتەنچە ناخشا.
دات باسقان بىر تالاي دەرتنى كۆتۈرۈپ،
پەيشەنبە قونىمەن ئىللىق باغرىڭغا.
تىۋىشسىز بىر دەقىق يىغلايدۇ يۈرەك،
«مۆتىۋەر»ئانىنىڭ مۇڭ ھوجرىسىدا.
2015-يىل ئاۋغۇست-ئۈرۈمچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-21 12:40
|