كۆرۈش: 593|ئىنكاس: 8

ئەمىن:«پوقباش» دا سۆزلەنگەن تارىخ ئۇچۇرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«پوقباش» دا سۆزلەنگەن تارىخ ئۇچۇرى

ئەھمەد ئىمىن ئەلنەزەر

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۈلكە – چاقچاق ئۈچۈن سەھنە ۋە كىشىلىك ئالاقىلەر جەريانىدا مەقسەتسىز ۋە ياكى مەقسەتلىك ئېيتىلۋاتقان، باشقا يۇرت شەھەرلەردىكى ئۇيغۇرلار نەزىرىدە تۇرپانچە خاس تىل-ئاھانەت سۆزى ھېساپلىندىغان«پوقباش» ھەممەيلەنگە تۇنۇشلۇق بۇلۇپ قالدى. لېكىن تۇرپاننىڭ قارغۇجا، ئاستانە يېزىلىرىدىن باشقا جايلىرىدا قوللنىلمايدىغان بۇ«پوقباش»سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تارىخى ئانچە تۇنۇشلۇق ئەمەس. بۇ سۆ‍زنىڭ ئۇزۇن تارىخى ئارقا كۆرنىشى بار.
قاراخانىلار سۇلالىسى(866-1212)نىڭ خانى بىلگە قادىر خاننىڭ نەۋرىسى سۇتۇق بۇغراخان ئەبۇ نەسىر سامانىينىڭ دەۋىتى بىلەن9-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلدى. ۋە كۈچىنى زۇرايتىپ تاغىسى ئۇغۇلچاق بۇغراخاننى يۇقىتىپ، قاراخانىلار خانلىقىنىڭ تەختىگە چىقىپ، ئسلام دىنىنى خانلىق دىنى قىلىپ بېكىتتى. سۇتۇق بۇغراخاندىن كىيىن ئۇنىڭ چۇڭ ئۇغلى بايتاش ئارىسلانخان( مۇساخان)  بۇددادىنىغا ئېتقات قىلۋاتقان ئۇدۇن (خۇتەن)گە ئۇرۇش قۇزغىدى.شۇندىن كىيىن قاراخانىلار خانلىرىنىڭ تۇختىماي، ئۇزۇنغا سۇزۇلغان ئۇرۇش ئارقىلىق مىلادىيە 1006-يىلى خۇتەن ئسىلاملاشتۇرۇلدى. قاراخانىلارنىڭ شەرقىدە 866 -يىلى بۆگۈ قاغان قۇرغان، قۇچۇ ۋە بىېشبالىقىنى مەركەز قىلغان ئىدىقۇت ئۇيغۇرخانلىقى(866-1393) ھۆكۈم سۈرۋاتقان بۇلۇپ، شەرقتە قۇمۇلدىن غەرپتە ئاقسۇغىچە، جەنۇپتا خوتەندىن شىمالدا جۇڭغار ئويمانلىقىغىچە كەڭ تېرىتۇرىيەنى ئۆزئىچىگە ئالاتتى. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەسىدە كۆپ خىل دىن مەۋجۇت ئىدى.982-يىلى ئىدىقۇت ئۇيغۇرخانلىقىغا كەلگەن سۇڭ سۇلالىسى  ئەمەلدارى ۋاڭ يەندى ساياھەت خاتىرىسىدە:« قۇچۇدا بۇددىزىمنىڭ 50تىن ئارتۇق بۇتخانىلىرى بار بارئىكەن، ئۇندىن باشقا بىر مانىي دىنى ماناستىرى بارئىكەن.»دەپ يازىدۇ①. ئىنىسكىلۇپىدىك ئالىم مەھمۇت كاشغەرى شاھانەئەسەر«دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك»تە قۇچۇنىڭ بۇددا دىنىدا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىدۇ②. قۇچۇلۇق راھىپ باخاش (مىلادىيە 1332-يىلى ۋاپات بولغان)نىڭ تەرجىمھالىدا:«ئاچارى ئۇستاز قۇچۇلۇق. بۇ جايدا بۇددا دىنى ئوموملاشقان،مۇرتلار بەك كۆپ »دېيىلىدۇ③. 100يىل بۇرۇن قۇچۇ قەدىمىي شەھرىنى كەڭ كۈلەملىك تەكشۈرگەن گىرمانىيەلىك ئارخېلۇگ ئالبېرت ۋۇن لېكۇكمۇ قۇچۇنى«شەھەردىكى ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسى دىنىي ئىمارەت بۇلۇپ،باشقىچە ئىمارەت يوق ئىكەن» دەپ يازىدۇ④. قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىدا دەسلەپتە مانىي دىنى بۇددا دىنى تەڭ مەۋجۇت بولسىمۇ كىيىن بۇددا دىنى زورىيىپ، قۇچۇ ئۇيغۇرخانلىقى بۇددا دىنىنىڭ قۇغدىغۇچىسىىغا ئايلاندى. قاراخانىلار خانلىقى قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىغىمۇ ئىسلاملاشتۇرۇش ئۇرۇشى قوزغىدى. بۇ ئۇرۇشلار تۇغرىسىدا ئىنىسكىلۇپىدىك ئالىم مەھمۇت كاشغەرى شاھانە ئەسەر«دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك»دىكى شئېرىي پارچىلاردا ئەكس ئېتىدۇ⑤.
    قارخانىلارخانلىقى ۋە قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى ئۇتتۇرسىدا كەسكىن ئۇرۇشلار بولغان بولسىمۇ يەنىلا قاراخانىلار خانلىقىنىڭ  قۇچۇنى ئىسلاملاشتۇرۇش خىيالى ئشقائاشمىدى.كيىن قاراخانىلار خانلىقى قارا قىتان خانلىقى(1124-1218-يىللار)غا قارام بولدى. 1209-يىلى قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقنىڭ ئىدىقۇتى باچۇق ئارت تېگىن چىڭگىزخانغابەيئەت قىلدى.چىڭگىزخاننىڭ «بارچۇق ئارت تېگىننى بەشىنچى ئۇغلۇم»دەپ نام بېرىشى بىلەن قۇچۇ چىڭگىزخان ھۇجۇملىرىدىن ساقلىنپ قالدى. ۋە قۇچۇ ئۇيغۇرخانلىقى داۋاملىق ھۆكۈمرانلىقىنى داۋاملاشتۇردى. قاراقىتان خانلىقى  چىڭگىزخان تەرىپدىن يۇقىتىلدى. جەنۇبىي شىنجاڭ، ئۇتتۇرائاسىيا رايۇنلىرى چاغاتاي ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۈتتى.بۇ دەۋىلەردە داۋامىلىق ئسلاملاشتۇرۇش ئۇرۇشىلىرى تۇختىدى. لىكىن دىن تارقاتقۇچى سۇفىلار تىنىچ تەشۋىقات بىلەن داۋاملىق ئىسلام دىننىى تارقاتتى. مىلادىيە 1348-يىلى چىڭگىزخاننىڭ 7-نەۋرىسى شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى  تۇغلۇق تۈمۈرخان مەۋلانە ئەرشىدىن خۇجانىڭ دەۋىتى بىلەن ئالمالىقتا مۇسۇلمان بولدى. ۋە يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ئىسلام دىنىنى ھاكىمىىيەت كۈچى بىلەن قۇغدىدى. شۇنداقلا مۇسۇلمان بولمىغان كىشلەرنى مۇسۇلمان بۇلۇشقا چاقىرىپ، ئ‍ۆز ئاغزى بىلەن بۇيرۇق چۈشۇردى. كىيىن ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ئاقسۇدىن كۇچاغىچەبولغان جايلانى ئىسلاملاشتۇردى. تۇغلۇق تۈمۈرخاننىڭ ئۇغلى خىزىز خۇجا خان ئىچكى ۋەزىيەتنى تىنىچلاندۇرۇش ئۈچۈن 1209-يىلى چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلىغاندىن بۇيان بۇرۇنقى ھۆكۈمرانلىق ھالتىنى ساقلاپ كېلۋاتقان قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى ھۆكۈمرانلىق ئاستىغا ئىلىش مەقستىدە، 1393-يىلى زور قۇشۇن باشلاپ قۇچۇ رايۇنىغا ھۇجۇم قىلدى. خاننى ئۆلتۈرۈپ قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ 527يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئۈزۈل-كېسىل يۇقىتىپ، ئىسلام دىننى مەجبۇرىي تارقاتتى.بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا قۇچۇ شەھرى ئۈچ قات قۇرشىۋىلىنغان بولسىمۇ شەھەردىكى ئەسكەرلەر ۋە پۇقرالارنىڭ قاتتىق قارشلىقىغا دۇچ كەلدى. بىراق يەنىلا خىزىر خۇجا باشچىلىقدىكى مۇسۇلمانلار قۇشۇنىنىڭ ھۇجۇمىنى تۇسۇپ قالالمىدى. نەتىجىدە قۇچۇ ئىشخال قىلىنپ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى.راھىپلار سۈگۈن قىلىندى، بۇتلار چىقىلدى، نوملار كۆيدۈرۈلدى. خىزىر خۇجىنىڭ بۇقېتىمقى ئىسلاملاشتۇرۇشىدىمۇ، بۇ ۋەقەلەردىن 200يىللار بۇرۇن، ئىنىسكىلۇپىدىك ئالىم مەھمۇد كاشغەرى «دىۋانۇ لوغەتىت تۈرك» تە:«قاراخانىلار خانلىقىنىڭ مۇسۇلمان قۇشۇنلىرى بىلەن قۇچۇ بۇددىست ئۇيغۇرلىرىئۇتتۇرسىدىكى جەڭنى تەسۋىرلەپ شۇنداق دىيىلىدۇ:

ئۇلارنىڭ ئۈستىگە كەلكۈندەك ئېقىپ باردۇق،
شەھەرلەرگە باستۇرۇپ كىردۇق.
بۇتخانىلىرىنى بۇزدۇق،
بۇتلىرىنىڭ ئۈستىگە چىچتۇق،

   مۇسۇلمانلارنىڭ ئادىتى شۇنداق كاپىرلارنىڭ يۇرتىغا بېسىپ كىرگەندە، ھاقارەتلەش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنىڭ بېشغا تەرەت قىلىدۇ.»⑥ دەپ يازغىنىغا ئۇخشاش ھاقاراتلىك ئىشلار قۇچۇلۇقلارنىڭ كۆز ئالدىدا يۈز بەردى. شۇنىڭ بىلەن قۇچۇدائادەمنى ئەڭ ئېغىر  تىللاش، ھاقارەتلەش ئۈچۈن«بېشىغا تەرەت قىلىنغان بۇت»تەسۋىرىدىن ئۆزگەرگەن«پوقباش»دېگەن ئاھانەت سۆزى بارلىققا كەلدى. 1414-يىلى تۇرپانغاكەلگەن مىڭ سۇلالىسى ئەلچىسى چىن چىڭ خاتىرىسىدە« قۇچۇ شەھرى كۆرمسىز ئىكەن ئىلگىرى ئىبادەتخانا ،بۇتخانىلارمۇ ناھايىتى كۆپ بولغانىكەن، ھازىر چۆلدەرەپ قاپتۇ»⑦دەپ يازغىنىدەك   تارىختىكى داڭلىق ،چوڭ شەھەر قاراقۇچۇ بارا-بارا خاراپلىشىپ ،كۈنىمىزدىكى قاراخۇجا، ئاستانەيېزىلىرىغا ئايلىنىشى بىلەن «پوقباش»سۆزى تۇرپان تەۋەسىدە پەقەت قاراغۇجا، ئاستانە يېزىسىدىلا  ئېستىمالداساقلىنىپ، ۋاقىتنىڭ ئۈتىشى بىلەن ئەسلى مەنىسى سۇسلىشىپ كىشىلەرنىڭ ئادەت سۆزىگە ئايلىنىپ قالدى.
ئىزاھلار:
①ئۆزفان ئېزگى:<<ۋاڭ يەندىنىڭ ئۇيغۇرئىلىگە ساياھەت خاتىرىسى>>،ئۇيغۇرچە،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى،2003-يىل 5-ئاي نەشىرى،90-بەت.
②⑤⑥مەھمۇد كاشغەرىي:<<دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك>>، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2012-يىل 1-نەشىرى؛ 95-، 39-،330-،367-،262-بەتلەرگە قارالسۇن.
③⑦لى جىنشىن: <<شىنجاڭدا ئۆتكەنئىسلام خانلىقلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى>>، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ئۇيغۇرچەنەشىرى،ئابلەت نۇردۇن قاتارلىقلار تەرجىمىسى.273-،279-بەتلەر.
④ ئا.ۋۇن لىېكوك:<<شىنجاڭنىڭ يەرئاستى مەدەنىيەت بايلىقلىرى>>، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2003-يىلى1-نەشىرىئۇيغۇرچە نەشىرى، 85 -بەت. مۇھەممەت ئىلى،مەخمۇت ۋەلى تەرجىمىسى.
پايدىلانمىلار:
1.ھاجى نۇرھاجى: <شىنجاڭ ئىسلام تارىخى>>،مىللەتلەر نەشىرىياتى1995-يىل ئۇيغۇرنەشىرى.
2.ئەنۋەربايتۇر،خەيرىنسا سىدىق:<<شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخى>>،مىللەتلەرنەشىرىياتى1991-يىل نەشىرى.
3.<<ئۇيغۇرلار قىسقىچە تارىخى>>نى يېزىش گۇرۇپپىسى،<<ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى>>شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى2006-يىل 2-نەشىرى.
          بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-21 12:41  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-21 12:47:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-8-21 13:42:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېنەڭ تېمىلىرىڭىزدىن نۇرغۇن قىممەتلىك ئۇچۇر-بىلىملەرگە ئىرىشتىم.

ۋاقتى: 2015-8-21 18:08:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراتۇغ يوللىغان ۋاقتى  2015-8-21 12:47
1209-يىلى قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقنىڭ ئىدىقۇتى باچۇق ئارت تېگ ...

گەپ - سۆزنى قاراپ ئىشلەتسە بولىدىكەن دەپ قالدىم قارا تۇغنىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇپ. ئوقۇغان ئادەمدەك ئىنكاس يازىلى قېرىنداشلار. ھەممە نەرسىگە 21 - ئەسىردىكى ئوي - پىكرىمىز بىلەن جاۋاب بەرمەي.

ۋاقتى: 2015-8-21 19:09:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-8-21 19:29:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقى تۆت نۇقتىنىڭ قىزىقارلىق يېرى، چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلىپ، بېقىندى ئوغلى بولغان بۇ قەۋم ئاخىرىدا چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى خىزىرنىڭ پوق سۈيدىكىگە قالغانلىقى.
  ئىتقادىدا ئۈچيۈز يىل چىڭ تۇرغان بۇ بۇددىسىتلار، ئەكىسچە سېسىق جېنىنى قوغداش ئۈچۈن «بالا' بولغانلىقنىڭ بالاسىنى يەنە بىر ئىتقادقا زورلىنىشتەك پاجىئە بىلەن قوشۇپ 500يىللىق سەلتەنىتىدىنمۇ ئايرىلغان.

مۇشۇ گەپلىرىڭىز ئەينى ۋاقىتنى ھازىرقى ئىدىيە، ئوي - پىكرىڭىز بويىچە تەھلىل قىلغىنىڭىز بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا «سېسىق جېنى، بۇ قەۋم، ئېتىقادقا زورلىنىشتەك پاجىئە»  دېگەنلىرىڭىز مېنىڭچە تولىمۇ ئېغىر كەتكەن ئىبارىلەر. يەنە كېلىپ ھازىرقى ئىدىيەرىڭىزنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.


ۋاقتى: 2015-8-21 22:34:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پوخۋاشلار

ۋاقتى: 2015-8-23 01:49:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ‹‹پوقباش››نى ئەينى دەۋردىكى بۇددىست ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېيتىلغان ھاقارەت سۆزى دەپ ئويلايمەن.

ۋاقتى: 2015-9-1 21:21:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىش قىلىپ  باشقىلارنى  تىللاش  مەدەنىيەتسىزلىك !!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش