ئۆمەرجان سىدىقنىڭ «قايدىسەن دىلدار»ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى قايتا نەشر قىلىندى
تۇرپان شەھەرلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، «تۇرپان»ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئۆمەرجان سىدىقنىڭ «قايدىسەن دىلدار»ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى يېقىندا شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن قايتا نەشر قىلىنىپ، كىتابخانلارغا سېلىندى.
«قايدىسەن دىلدار» - يازغۇچى، شائىر، ئەدىپ ئۆمەرجان سىدىقنىڭ تۇنجى كىتابى بولۇپ، 2001 – يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، كىتابتىكى «ھالقىش»، «توغراققا ئايلانغان ئادەملەر»، «كۈسۈتكە»، «بولۇمسىز ستۇدېنت»، «سەن...»قاتارلىق ھېكايە، نەسرلەر ئۇسلۇبىنىڭ يېڭىلىقى، ئۆزگىچىلىكى، ھېسسىياتىنىڭ چىن، سەمىمىيلىكى، ئىزدەنمە ھېكايىلەر ئۇسلۇبى بويىچە دادىل سىناق ئېلىپ بارغانلىقى بىلەن كىتابخانلارنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا، يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. بۇ كىتاب ۋە كىتابتىكى ئەسەرلەر ھەققىدە مەتبۇئاتلاردا كۆپلىگەن ئوبزور ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. شۇ ۋەجىدىن قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى كىتابخانلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن «قايدىسەن دىلدار»ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىنى قايتا نەشر قىلىپ تارقاتتى. قايتا نەشر قىلىنغان مەزكۇر كىتابقا ئاپتورنىڭ يېقىنقى يىللاردا يېڭىدىن يازغان ھېكايلىرى تولۇقلاپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 18 پارچە ھېكايە، 7 پارچە نەسىردىن تەركىپ تاپقان.
ئاپتور جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئىلگىرى ھەرقايسى نەشرىياتلار تەرىپىدىن «ئىدىقۇت ئوغلانلىرى»، «بەرگەن ۋەدىمىز ۋەدە»، «قاردىكى گۈلخان» قاتارلىق 13 كىتابى نەشر قىلىنغان.