كۆرۈش: 787|ئىنكاس: 0

روزى نىياز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
روزى نىياز


rozi niya 02.jpg


   شائىر روزى نىياز 1942-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى توقسۇن ناھىيە شاھ يېزا تېتىر كەنتىدە تۇغۇلغان.
1950-يىلىدىن 1954-يىلىغىچە ئۆز يېزىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1954-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە تۇرپان شەھەرلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1957-يىلىدىن 1960-يىلىغىچە شىنجاڭ 2-دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان ۋە شۇ يىلى خىزمەتكە چىققان. خىزمەت جەريانىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىدە بىلىم ئاشۇرغان. ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئۇيغۇر تىل–ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە تولۇق كۇرس گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشكەن.
   شائىر ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ شىنجاڭ 2-دارىلمۇئەللىمىن، توقسۇن ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكوم كاتىبات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، «تۇرپان» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، شىنجاڭ مالىيە كادىرلىرىنى تەربىيىلەش مەركىزى ئاساسىي پەنلەر كافېدراسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سېكرېتارى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن.
   ئۇ ئىزچىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا بەش يۈز پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ماقالە ئېلان قىلغان.
1987-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى «ئاسمان ئەركىسى» ناملىق، 2015-يىلى 3-ئايدا «تۇيغۇ چېقىنلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشر قىلغان. ئۇنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىدە «ئۈزۈمزار ناۋاسى»، «تەنتەنە» ناملىق توپلاملار نەشر قىلىنغان. بىر قىسىم شېئىرلىرى «ئۈزۈمزار ناۋاسى»، «توي تەنتەنىسى»، «يېڭى رۇبائىيلار»، «ياپراقتىكى نەقىشلەر»، «ئاتەش نەپەسلەر»، «ئاپىرىلدىكى گۇگۇم» قاتارلىق كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. شېئىرلىرى ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. كۆپ قېتىم «تۆھپىكار مائارىپچى» بولۇپ باھالانغان.
   شائىر روزى نىياز جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلار ئىلمىي جەمئىيىتى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-9-28 18:36  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش