نوپوزلۇق مۇدېرنىزىم ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى
ئەھەدجان تۇردى
ھەر نۆۋەت دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى بىرەر داڭلىق ئەسەرنى ئوقۇپ قالسام، چوقۇم شۇنىڭغا قوشۇپ ۋاراقلاپ چىقىدىغان بىر ئېسىل قورال كىتابىم بار. ئۇ بولسىمۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، ئىجتىھاتلىق تەتقىقاتچى ۋۇ شىياۋدۇڭ مۇئەللىم يازغان، 2003- يىلى نەشر قىلىنغان «كافكادىن كۇندىراغىچە:20-ئەسىر پىروزىسى ۋە پىروزىچىلىرى» دېگەن كەم ئۇچرايدىغان قىممەتكە ئېگە كىتابتۇر.
بۈگۈنكى جۇڭگو ئەدەبىياتىدا غەرب مۇدېرنىزىم ئېقىملىرى ۋە بۇ ئەسەرلەردىن مۇكەممەل خەۋەردار ئادەم مۇشۇ ۋۇ شىياۋدۇڭ مۇئەللىم بۆلىشى مۇمكىن.
ۋۇ شىياۋدۇڭ ئەپەندى 1963-يىلى تۇغۇلغان. ياپونىيە، سىنگاپور، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوقۇپ خاس چەت ئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىرغىچە مۇدېرنىزىم ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەن نادىر ئەسەرلەرنى، بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورلىرىنى سىستېمىلىق تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگودىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرغان ھەم ھەممىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
ۋۇ شىياۋدۇڭ ئەپەندىنىڭ 2003-يىلى شاڭخەي ئۈچ بىرلەشمە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «كافكادىن كۇندىراغىچە» ناملىق تەتقىقات كىتابى چەت ئەل ئەدەبىياتى ھەققىدىكى بىر بۆسۈش خاراكتېرلىك ئەمگەك بولۇپ، ھازىرغىچە 7 قېتىم قايتا بېسىلغان بۇ قورال كىتابتا ئاپتو ناھايىتى يۇقىرى سەۋىيىدە چەت ئەل مۇدېرىزىم ئېقىمىدىكى كافكا، پىروسىت، جامىس جويىس، فۇلكىنېر، ھېمىڭۋاي، روبىرت گېرىل، گارسىيا ماركۇز، مىلان كۇندىرا قاتارلىق 9 يازغۇچى ئۈستىدە ناھايىتى ئەتراپلىق ۋە سىستېمىلىق، پاكىتلىق تەتقىقات ئېلىپ بارغان.
(«كافكادىن كۇندىراغىچە» دېگەن كىتابنىڭ مۇقاۋىسى)
ئاپتور بۇ كىتابىدا ھەر بىر يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى، ئۇ تەۋە ئېقىمنىڭ پرىنسىپلىرى توغرىسىدا يۇقىرى سەۋىيىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ. بىزنىڭ ئىجتىھاتلىق تەتقىقاتچىمىز مەتتۇرسۇن ئېلىنىڭ «يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر يېڭى پىروزىچىلىقى» دېگەن كىتابى ئۇيغۇر يېڭى پىروزىچىلىقىنى چۈشىنىشىمىزدە قانچىلىك مۇھىم ئورۇندا تۇرسا، ۋۇ شىياۋدۇڭ ئەپەندىنىڭ بۇ كىتابىمۇ چەت ئەل ئەدەبىياتى، جۈملىدىن غەرب مۇدېرنىزىم ئەدەبىياتى ھەققىدە سىستېمىلىق بىلىمگە، ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئېگە بولۇشنى ئويلايدىغانلار ئۈچۈن مۇھىم قوراللىق رولىنى ئوينايدۇ.
بىز تاھىر ھامۇد ئەپەندىنىڭ «غەرب مۇدېرنىزىم ئەدەبىياتى ئېقىملىرى»، جۈمە قاسىم ئەپەندى تۈزگەن «20- ئەسىر غەرب ئەدەبىياتى» قاتارلىق كىتابلارغا ۋۇ شىياۋدۇڭ ئەپەندىنىڭ كىتابىنى يانداشتۇرۇپ، كۆرۈپ ئۆگەنسەك، ئېنىقكى ئەدەبىياتىمىزغا ئازراق بولسىمۇ يېڭىلىق ئېلىپ كېلەلەيدۇ، دەپ قارايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-21 17:38