ئارمان ئىدىڭ، چۈش بولۇپ قالما
شىرئەلى مۇھەممەتئىمىن قارائوت
بىلىنگەنتى تېخى تۈنۈگۈن،
پۈتۈن دۇنيا گۇيا مېنىڭدەك.
يەتكىنىدەك بېشىم پەلەككە،
ئۆز ئورنىغا پاتمىغان يۈرەك.
كۆزلىرىڭنى ئاچساڭ قۇياشتەك،
خىجىل بولۇپ كېتەتتى دۇنيا.
قۇيۇق، قارا چېچىڭنى كۆرۈپ،
مەجنۇن تالمۇ قىلغانتى نىدا.
قۇچقاچلاردەك ئۇماق ئېغىزىڭ،
يەپ كەتكۈدەك سۆيەتتى مېنى.
ھېلال ئاينى ئالاتتىم ئەسكە،
كۆرگىنىمدە ئەگمە قېشىڭنى.
تاغ كەينىگە پاتتىغۇ قۇياش،
ھېلال قېشىڭ قىلدىمۇ شەرەت؟
بوپتۇ بۈگۈن ئۇخلىغىن بىراق،
تاڭ ئاتقاندە چىققىن قايتا رەت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-19 14:14