قىيامدەك دەۋرىتىپ ئەسەبلىرىنى،
كېچىنىڭ شېخىدا كاككۇك سايرىغان.
دەرەخلەر دۇئاغا كۆتۈرسىمۇ قول،
مەشۇلتىن ئاشىقنى تەغدىر ئايرىغان.
كۈتۈشنىڭ شېخىدا تۈنىگەن كاككۇك،
ئەسلىدۇر كۆز يېشى سۈپسۈزۈك سەھەر.
تولدۇرۇپ ئىچىدۇ يېشىل قەدەھكە،
ھىسداشلىق ئىلكىدە شامال دەممۇدەم.
ئۇپۇقنىڭ چوغىدا كۆيىدۇ ھىجران،
مىڭ نالە قىلىدۇ يالىڭاچ ئاۋازى.
سەبرىنىڭ تېشىدا قويار باسۇرۇپ،
تاشقاندا بۇلاقتىن سۈزۈك ئازابى.
كېچىنىڭ دەرىخىدە خىيال شاخلىغان،
ئازابنىڭ يېشىدا سەھەر يۇيۇنغان.
قۇياشنىڭ ئىتىكى يايغاندا مىھىر،
ئاستىدا ھۇزۇرلۇق جانلار يايرىغان.
|