ئىككى لېرىكا
نۇرمۇھەممەت تۇردىئەخمەت
تۈندىكى سېغىنىش
بىلىمەن سەن شۇ تاپ تاتلىق ئۇيقۇدا،
ياتىسەن ئەڭ گۈزەل چۈشلەرنى كۆرۈپ.
ھېچقانداق نەرسىنى سەزمەيسەن جېنىم ،
تۇرساممۇ قېشىڭدا شام بولۇپ كۆيۈپ.
چېچىڭنى سىپايمەن ئاستا قولۇمدا،
ئاچ قالغان بۆرىدەك سۆيىمەن سېنى.
بېشىڭدا ئايلىنىپ تۇرىدۇ روھىم،
بېغىمنىڭ گۈلى دەپ بىلىمەن سېنى.
خىياللار قوينىدا ئۈزىمەن شۇنداق،
كەلمەيدۇ تۈندىمۇ سېنىڭسىز ئويقۇم.
بىر مېنۇت ئېسىمدىن چىقمايسەن پەقەت،
گوياكى مەجنۇنغا ئوخشايدۇ تۇرقۇم.
ئەي ئوماق پەرىشتەم ئۇخىلىۋال قېنىپ،
تۇراي مەن بېشىڭدا ئۇيقۇم كەلگۈچە.
ئويغانساڭ بىرىپ قوي روھىمغا مەدەت،
يورۇقتۇر بۇ جاھان قۇياش پاتقۇچە.
قۇلاق سال جانان
نېمانچە يېقىملىق، ئوماقسەن جېنىم،
خالىساڭ سۇ بولاي، سەن ئۈچۈن ئاقاي.
قورقىمەن رەقىبنىڭ يامان كۆزىدىن،
قوشۇلساڭ بوينۇڭغا تىلتۇمار ئاساي.
چىرايلىق بىر گۈلسەن شۇنچە خۇشپۇراق،
كۆرمىسۇن ئۆزگىلەر، كۆيمىسۇن ساڭا.
جېنىمنى ئالمىسۇن كۈندەشلىك ئوتى،
جۇدالىق پەسلىنى كۆرسەتمە ماڭا.
چىقمىغىن كوچىغا يالغۇز، يېگانە،
ئارتىۋال بېشىڭغا قېلىن بىر رومال.
تۇتمىسۇن قولۇڭنى مەندىن باشقىسى،
رەقىبكە ھەر ۋاقىت ئوق بولۇپ قادال.
دۈشمەننىڭ قىلتىقى، ھىيلىسى تولا،
ھەر دائىم ئۆزۈڭگە بولۇپ يۈر پەخەس.
يامانغا ئۇچرىساڭ دىلىم يىغلايدۇ،
شاد ياشا، بۇ ھايات مەڭگۈلۈك ئەمەس.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-19 14:12