كۆرۈش: 498|ئىنكاس: 11

ئەھەدجان تۇردى(ت): ماۋدۇن مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ماۋدۇن مۇكاپاتى ئېلان قىلىندى


ئەھەدجان تۇردى


第九届茅盾文学奖816日在北京揭晓,格非《江南三部曲》、王蒙《这边风景》、李佩甫《生命册》、金宇澄《繁花》、苏童《黄雀记》五部长篇小说获得该项殊荣。



                   جۇڭگو يازغۇچىلار تورى خەۋىرى:
بۇگۈن چۈشتىن كېيىن 9-  نۆۋەتلىك ماۋدۇن مۇكاپاتى بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى. باھالىغۇچىلار تاشلانغان بېلەتنىڭ ئاز- كۆپلىكىگە ئاساسەن گې فىينىڭ(1964-يىلى تۇغۇلغان)«جىياڭنەن تىرولوگىيەسى»، ۋاڭ مىڭنىڭ «بۇ يەردە مەنزىرە زەپمۇ گۈزەل»(بۇ رومان 2 توم بولۇپ ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنىپ بولغان)، لى پېيفۇنىڭ «ھاياتلىق قوللانمىسى»، جىن يۈچىننىڭ «غوللۇق گۈل»(بۇ رومان تۇنجى نۆۋەتلىك شى نەيئەن رومان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۆزگىچە، ئېسىل رومان)، سۇتۇڭنىڭ «سېرىق قۇشقاچ» (بۇ رومان داڭلىق تەرجىمان قادىر راخمان تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، نەشرىياتىمىز تەرىپىدىن ئىشلىنىۋاتىدۇ) قاتارلىق 5 پارچە رومان مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
    بۇ رومانلار تۆت يىلدىن بېرى نەشىر قىلىنغان رومانلاردىن تاللاپ چىقىلغان. ئوقۇرمەنلەر ئوقۇپ كۆرگەي.


1439452077323458.jpg



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-16 21:51  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-16 21:42:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاڭ مىڭنىڭ «بۇ يەردە مەنزىرە زەپمۇ گۈزەل»روماننى ئوقۇۋاتىمەن .غۇلجىدىكى كىتاپخانلار كوپرەك ئوقىشى كىرەكتەك قىلىدۇ .بۇ سابىق مەدىنيەت مىنىستىرىنىڭ ئەينى يىللاردىكى كومۇنا ۋاقتىدا غۇلجىدىكى خوش -چاقچاق دوسىتلىرى .جاپا مۇشاقەتلىرى قايىللىغىمنى قوزغىدى .ۋاڭ مىڭ غۇلجىدا ئازاپنى ۋايىغا يەتكۇزىپ تارتىپ .ئۇيغۇرلارنى ھەققى چۇشۇنۇپ ،نىمىنىڭ ھەقىقى بەخت ،نىمىنىڭ بەخىتسىزلىك ئىكەنلىگىنى بىلەلمىگەن بولسا ھازىرقىدەك دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگەللىگەن بۇ ئەلدە مەشھۇر يازغۇچى بولالمايتى .

















بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jallat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-16 22:10  


ۋاقتى: 2015-8-16 21:44:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ رومانلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۇزاققا قالمايلا ئۆز تىلىمىزدا كۆرەلەيدىكەنمىز .

ۋاقتى: 2015-8-16 21:50:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاڭ مىڭنىڭ «بۇ يەردە مەنزىرە زەپمۇ گۈزەل» ناملىق رومانىنى مەنمۇ  قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇۋاتىمەن. ئىجادىيىتىمىزگە ھەقىقەتەن ئۆرنەك بولالايدىغان دەرىجىدە يېزىلىپتۇ.

ۋاقتى: 2015-8-16 22:07:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گې فىي، سۇتۇڭ، لى پېيفۇلار ھەقىقەتەن ئېسىل يازغۇچىلار. بۇرۇنقى ئەسەرلىرىمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلىرىدىن قېلىشمايىتتى. گې فىي مۇدېرنىزىم ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى. سۇتۇڭ چەت ئەللەردىمۇ كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
جىن يۈچىڭ بىزگە پۈتۈنلەي ناتونۇش يازغۇچى. ئۇ ئۇنچە كۆپ ئەسەر يازماپتىكەن. «غوللۇق گۈل» ئۇنىڭ تۇنجى رومانى ئوخشايدۇ. ئەمما كەم ئۇچرايدىغان ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا يېزىلغان رومانكەن. تۈنۈگۈن پۈتۈن ئۈرۈمچىدىكى كىتابخانىلارنى ئارىلاپ، ئاران بىر تال تاپالىدىم. بۈگۈن ئوقۇشنى باشلىۋالدىم.ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم بۇ يازغۇچىغا، ئەسەر دېگەن مۇشۇنداق ئۆزگىچە بولمامدۇ؟

ۋاقتى: 2015-8-16 22:16:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۈ زىچىننىڭ «ئېرۇسالىم» رومانى بەك كاتتا رومانتى. ئوقۇپ بىر ھەپتە ھاياجاندا يۈرگەن ئىدىم. بۇ 5 روماننىڭ تۆت پارچىسى ئۆزگىچىلىكى بار ئەسەركەن. ئەمما ۋاڭ مىڭ ئەپەندىنىڭ ئورنىغا شۈ زىچىن ئېرىشكەن بولسا بۇ نۆۋەتلىك ماۋدۇن مۇكاپاتى ھەقىقىي مەنىسىنى تاپقان بولاتتى. ئاخىرقى باسقۇچقا تاللانغان 10 روماننىڭ ئەڭ كۈچلىكى «ئېرۇسالىم» ئىدى. يەنە ياشقا قاراپ «ئىنئام» قىپتۇ مۇكاپاتنى.4-نۆۋەتلىك لاۋشې مۇكاپاتى بەك ئادىل، ھەقىقىي نادىر ئەسەرنى تاللاپ چىققانتى، خەيىر، بۇمۇ بوپتۇ. ئۇيغۇرلاردىن بىرىمۇ ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئاخىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان بىر رومان مۇكاپاتلىنىپتۇ. بۇ رومان ماۋدۇن مۇكاپاتىنىڭ نامى بىلەن باغلىنىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بىزنى چۈشىنىشىدە قوللانمىلىق رول ئوينىسا ھېچگەپ ئەمەس. بۇ 5 ئاپتۇرغا مۇبارەك بولسۇن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەخەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-16 22:18  


ۋاقتى: 2015-8-16 23:16:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇتۇڭنىڭ «سېرىق قۇشقاچ» (بۇ رومان داڭلىق تەرجىمان قادىر راخمان تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، نەشرىياتىمىز تەرىپىدىن ئىشلىنىۋاتىدۇ) ، بۇ قايسى نەشرىياتتۇ؟ دوستىمىز جاللات بىرەر نەشرىياتتا ئىشلەۋاتامدۇ نېمە؟
   ھە...ماقالە ئەخەتجان تۇردى تەرىپىدىن تەييارلانغان ئىكەن بىمەپتىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-16 23:19  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-16 23:23:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنى دوستۇم بەگيار ،مەن بۇ تىمىنى گۇزەل -سەنئەت نەشىرياتىدىكى دوستىمىز ئەخەتجان تۇردىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن شۇنىڭ نامىدا يوللاپ قويدۇم .مەن  نەشىرياتتا ئىشلەش تۇگۇل ،نەشىرياتنىڭ ئورنى جايلاشقان كوچىدىن تەمتىرەپ ،نەشىرياتنىڭ ئىشىگىنى چىكىشتىن تارتىنىپ ياشايدىغان ئادەم .قانۇن -سىياسەتلىرىمىز  ئاۋۇ شاڭگاڭ ،ئاۋمىنلاردەك نەشىرياتچىلىقنى بازارغا يۇزلەندۇرۇپ ئەركىن قويىۋەتكەن بولسا مەنمۇ نەشىريات قۇراتتىم .ئەپسۇس بۇ ئىشلار بەك مۇشكۇلدۇر

ۋاقتى: 2015-8-17 02:44:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۈ زىچىن ئەپەندىنىڭ «ئېرۇسالىم» رومانى بەك كاتتا ئىدى. بەك ئۇۋال بوپتۇ. باھالىغۇچىلار زادى نېمىنى ئويلايدىغاندۇ؟ ئادەمگە قارامدۇ ياكى ئەسەرگىمۇ؟ ئىچىم بەك ئاچچىق بولدى. تورداشلار «ئېرۇسالىم» رومانىنى بىر ئوقۇپ باققاي قېنى. رومان دېگەن قانداق بولىدىكىن، شۇ چاغدا ھېس قىلىپ قالىمىز!!!!

ۋاقتى: 2015-8-17 15:31:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخەت يوللىغان ۋاقتى  2015-8-17 02:44
شۈ زىچىن ئەپەندىنىڭ «ئېرۇسالىم» رومانى بەك كاتتا ئىدى. ...

‹‹ئېرۇسالىم›› نى ئوقۇماي تۇرۇپ ئۇنىڭ كاتتىلىقىنى قانداق بىلدىڭىز بۇرادەر، بۇدا تاللىنالمىغان بولسا كىيىنكى قېتىم تاللىنىپ قالار، ئىچىڭىزنى ئاچچىق قىلماي، سەبىر قىلىپ كۈتۈپ تۇرۇڭ.

ۋاقتى: 2015-8-18 14:55:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخەت يوللىغان ۋاقتى  2015-8-16 22:16
شۈ زىچىننىڭ «ئېرۇسالىم» رومانى بەك كاتتا رومانتى. ئوقۇ ...

   دەل مەن دەك ئويلاپسىز، ئىشقىلىپ سۇ تۇڭنىڭ ئىرىشكىنى ياخشى بوپتۇ.

ۋاقتى: 2015-8-18 15:00:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablipiz idiris يوللىغان ۋاقتى  2015-8-17 15:31
‹‹ئېرۇسالىم›› نى ئوقۇماي تۇرۇپ ئۇنىڭ كاتتىلىقىنى قان ...

   6-قەۋەتتىكى ئىنكاسقا قاراڭ، ئەھەدجان «ئېرۇسالىم» ناملىق روماننى ئوقۇپ بوپتىكەن، 9-قەۋەتتىكى ئىنكاسنى قايتا ئوقۇپ بېقىڭ؟!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش