يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 571|ئىنكاس: 5

قۇياش: ھەي ئادەملەر (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                    ھەي ئادەملەر
                                                          (ھېكايە)
                                                     مەمتىمىن قادىر
« چىقىپ كەت ! ساڭا يۇلۇققاندىن بىرى مېنى نەس بېسىپلا كەلدى،يوقال! ». بۇ گەپنى ئۇ راستىنلا ماڭا دېگەنمىدۇ ؟ ياكى...، ياق، ياق ، ئۇنىڭغا ئۇنداق دېيىشى مۇمكىنمۇ ؟چوقۇم ماڭا دېدى، چۈنكى ،خوجايىننىڭ مېنى چاقىرىتىشى  بىلەن كاتتا بىزەلگەن داچىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ،« مېنى چاقىرغانمۇ؟ » دەپ سورىشىمغىلا خانىمىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى ماڭا قارىتىپ زەردىسى بىلەن بەرگەن جاۋابى شۇ تۇرسا. بىراق،خانىم ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى دەل شۇ ئورۇندا« بولۇپ قويىدىكەنسىز جۇمۇ قوزام » دەپ ئىڭكىمدىن  ئەركىلىتىپ قويغان ئەمەسمىدى ، مەن ئىشىك تۈۋىدە بولغاچ شۇنداقلا توغرا كېلىپ قالغانمىدۇ يا؟خۇجايننىڭ خۇرۇم چاپىننى ئىشىكتىن ئىرغىتىپ تاشلاپ ئارقىغىمۇ قارىماي كىرىپ كەتكىنىگە قارىغاندا،بۇ گەپنى ماڭا دېمىگەندەكمۇ قىلامدۇ نېمە؟ ئۇ ئايالنىڭغۇ مىجەزى شۇ.شۇنداق،ئۇ چوقۇم مېنى دېدى.يېنىمدا ئولتۇرغان خوجايىندىن«خانىم بۇ گەپنى سىزگە دېدىمۇ،ماڭا دېدىمۇ دەپ يا سورغىلى بولمىسا ...  مۇشۇ خىياللار بىلەن ماشىنا ھەيدەپ تاڭ ئاتقاننىمۇ  تۇيماي قاپتىمەن . ئاشۇ كۈنى ئاخشىمى مەن خانىمىنىڭ  كېمگە دېگىنى نائېنىق بولۇۋاتقان ئاشۇ  گەپلىرىنى ئاڭلاپ نېمە  قىلارىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالغىنىمدا مەندىن بالدۇرراق ماشىنىغا چىقىۋالغان خوجايىننىڭ  ماشىنىدىن بېشىنى چىقىرىپ « نېمە ھاڭبېقىپ تۇرىسەن ، چىقىپ ماشىنىنى ھەيدە » دېگەن گېپى بىلەن بىلەن داچا ئالدىدىكى سەينادىن  ماشىنىنى قوزغاپ  چوڭ  يولغا  چىققاندا ئۇنىڭدىن جەنۇپتىكى بىر چەت يېزىغا بارىدىغانلىقىمىزنى  بىلگەندىن باشلاپ دەل بىر  كېچە يول يۈرگەندىن كېيىنلا،ئۇنىڭ ئېگىلىش-قايرىلىشلارغا كەلگەندە «ئوڭغا،سولغا »دېگەن گېپى ئاخىرى مەن تەقەززا بولۇپ كۈتكەن«توختا،كەلدۇق» دېگەن گەپكە ئۆزگەردى.
مەن خۇجايىننىڭ دېگىنى بويىچە ماشىنىنى يول ياقىسىغا توختاتتىم. بۇ جاي بىر نەچچە كەنىت يولى كىسىشىپ ئۆتىدىغان دوقمۇشتىكى كىچىك بازار ئىدى.نەچچە كۈندىن بىرى ئۇدا ياغقان قېلىن قارغا چۈمكەلگەن  بۇ بازارنىڭ تۆت ئەتىراپىدىكى تەبئىي توغراقلار ۋە سۇسىزلىقتىن چوقاتماق بولۇپ قالغان رەتسىز جىگىدىلەر قىش سەھرىنىڭ شىۋىرغانلىق سوغىقىدا خۇددى ئاق پەرەنجىگە ئورالغان بىتاپ بوۋايدەك دىرىلداپ تىتىرەيتتى.ئەتىراپتا ياغاچتىن  ياسالغان بىر نەچچە  بوتكا  ۋە  ئالدىغا ئوچاق سېلىنغان كونا بورىدا يۆگەككە ئېلىنغان ئىككى لاپاس بار بولۇپ،ئېچىرقاپ كەتكەن ئورۇق ئىككى لالما ئىت لاپاس ئالدىغا ئورنىتىلغان كانارىنىڭ ئاستىدىكى قېلىن قارنى ھە دەپ تاتلاۋاتتى. تېخى سەھەر بولغاچقىمىكىن،بۇ بازاردا ھېچ بىر ئادەم زاتى كۆرۈنمەيتتى.
ـــ بېرىپ قاراپ باقە،ئادەم بارمىكىن ؟ ـــ دېدى يېنىمدا ئولتۇرغان خۇجايىن  ئۇدۇلدىكى كونا ياغاچ بوتكىنى كۆرسىتىپ .
مەن ماشىنىدىن چۈشتۇم.ھېلىقى ئىككى لالما ئىت ھېچ بىر قاچىدىغاندەك ئەمەس ،ئۇلار تېخىمۇ غالجىرلاشقان بولۇپ ،خىرقىرىغان ئاۋازى ئەتىراپنى بىر ئالغان ئىدى. مەن ھە دېسىلا كانىيىمدىن ئېلىشقا تەييار تۇرغاندەك كۆرۈنگەن ئىتلاردىن كۆزۈمنى ئۈزمەي يولدىن ئۆتۈپ ئىشىك تۈۋىگە كىلىپ ئارقامغا قارىدىم. مېنىڭ جاۋابىمغىلا قاراپ قالغان خوجايىن  ئۇيقۇسىز كۆزلىرىنى مەندىن ئۈزمىگەن ئىدى. ئۇ « ئادەم بارمىكەن » دېگەن مەنىدە  ماڭا قاراپ ئىڭىكىنى شىلتىدى  . بوتكا  ئىچىدىكى تىۋىشتىن ئادەم بارلىقىنى بىلىپ،«بار ئىكەن»دېگەن مەنىدە بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئۇ ماشىنىنىڭ ئىشىكىدىن بەدىنىنى يېرىم چىقىرىپ ئەتىراپقا زەن سالدى. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن خىرقىراۋاتقان ئىتلار ئېتىلسىلا ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى يېپىۋېلىشقا تەييار تۇرغاندەك بىر تەشۋىشلىك ئالامىتى چىقىپ تۇراتتى. كاللام ئىتتا بولغاچقىمىكىن كۆزۈمنى ئىتقا يۆتكۈدۈم.ئىتلار راستىنلا ئادەمنىڭ قۇرۇققۇسى كەلگۈدەك دەرىجىدە غالجىرلاشقان ئىدى.ئۇلار مۇزلاپ قالغان ئاچچىق ئۈچەينى تارتىشقىنىچە خىرقىرشىپ مەن تەرەپكە سۈرۈلۈپ كېلىۋاتاتتى.مەن ئامالسىزلىقتىن ئىشىكىنى ئىتتىردىم،ئىتتىردىميۇ،ئىزىمدا جىم تۇرۇپ قالدىم. بوتكا ئىچىدىن مەن ئاخشام خانىمىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان ئاۋاز قايتا تەكرارلاندى،ئەمما بۇ قېتىمقىىسى ئەر كىشىنىڭ ئاۋازى ئىدى.
  ـــ چىقىپ كەت !  ساڭا يۇلۇققاندىن بىرى مېنى نەس بېسىپلا كەلدى،يوقال !
ئىشىكتىن 10-11ياشلار چاممىسىدىكى يېلىڭ كىيىنگەن،يالاڭ ئاياغ بىر ئوغۇل بالا ئوقتەك ئېتىلىپ چىقتى.ئارقىدىنلا 50ياشلاردىكى ۋىجىك،چاشقان بۇرۇت ئەر چىقتى. مەن ئارقامغا قارىدىم،خوجايىن ئاللا بۇرۇن ئىشىك تۈۋىگە كېلىپ بولغان بولۇپ،ھېلىقى بالا يولنىڭ ئوتتۇرسىغا ئۆزىنى تاشلاپ يۇملاۋاتتى،لالما ئىتلارمۇ نەلەگىدۇر غايىپ بولغان ئىدى.
ـــ قېنى، كىرىڭلار ، ـــ دېدى ھېلىقى كىشى قولىدىكى كونا يەشىك قەغىزىگە يېزىلغان ۋېۋىسكىنى ئىشىك ئالدىغا قويغاچ چىرايىغا زورىغا كۈلكە يۈگۈرۈتۈپ.  
بىز بوتكا ئىچىگە كىردۇق.بوتكىنىڭ ئوتتۇرسىدا قويۇلغان كونا سىر تۇڭىدا ئىككى پارچە كۆمۈر سۇس يېلىنجاۋاتاتتى ، يان تەرپىگە  ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاياغ  ياماش ماشىنىسىنىڭ ئەتىراپىدا بىر مۇنچە كونا ئاياغلار تاشلانغان، كەينى تامغا قېقىلغان مىخلارغا مايلانغان بولسىمۇ توپا باسقان نىمكەش ئاياغلار قاتار ئېسىلغان ئىدى.
  ـــ بۇ بوتكا ئەسلىدە...،ـــ دېدى خوجايىن ھەيران بولغان ھالدا بوتكا ئىچىگەبىر قېتىم كۆز يۈگۈرۈتكەندىن كېيىن.
  ـــ لەڭپۇڭخانا ئىدى، ــــ  ئۇلاپلا دېدى ئايىغىمىزغا بىر خىل تەمە ئىلىكىدە زەن سېلىۋاتقان موزدوز بېشىنىمۇ كۆتۈرۈمەي.
  ـــ ئۇنداقتا،ئۇ ئايال ھازىر ...
  ـــ بىتاپ ، ئۆيدە ئارام ئېلىۋاتىدۇ. ئايغىڭلارنى ...
  ـــ بىتاپ!؟ ئۇ قايسى  ئۆيدە ...
  ـــ بىزنىڭ ئۆيدە. بۇ ئاياغلار كونا بولغان بىلەن خۇرۇمى ياخشى،بىرەردىن...
  ـــ سىز ئۇنىڭ ...
بىزدىن نەپ كىلىدىغانلىقىدىن ئۆمۈدى ئۈزۈلگەن موزدوز خوجايىننىڭ گەپلىرىگە ھېچ بىر ئىرەن قىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.ئۇنىڭ خىيالى ھازىرلا بوتكا تۈۋىگە توختىغان ماشىنىدا ـــ ئىشىكىتىن كىرەيلا دەپ قالغان ئاياغ تىۋىشىدا ئىدى.ئۇ خوجايىننىڭ گېپىنى بۆلۈپلا  قولدىكى ئاياغنى كۆتۈرگىنىچە بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى . ئىشىكتىن مېيىپلار ھارۋىسىنى ئىتتىرگىنىچە ئېگىز بويلۇق بىر يىگىت كىرىپ كەلدى.ھارۋىدا 40 ياشلاردىكى خوجايىن بىلەن تەڭتۇش، پوزۇر كېيىنگەن بىرەيلەن ئولتۇراتتى .    ـــ يوقال! ــــ ۋارقىرىدى موزدوز ئۇلارغا ئەگىشىپلا كىرگەن ھېلىقى بالىنى كۆرۈپ.  ـــ ئۇنى كىرگلى قويۇڭ،ـــ دېدى ھارۋىدىكى كىشى مۇلايىملىق بىلەن،ــــ ئۇنىڭ سوغۇق قاردا يالاڭئاياغ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ باشلاپ كىردىم.
  ـــ بۇلار باشقىلارنىڭ،ــــ دېدى موزدوز يەردىكى ياماق سېلىنغان ئاياغدىن بىرنى ئەمدىلا قولىغا ئالغان ھارۋىدىكى كىشىگە قاراپ،ــــ سېتىلىدىغان ئاياغلار مانا بۇياقتا، بۇ ئاياغلار كونا بولغان بىلەن خۇرۇمى ياخشى.
  ـــ مەن ئىككى جۈپ ئاياغ ئالاي دېگەن،بىر جۈپى ئەڭ كونىسى بولسۇن،يەنە بىر جۈپى سىز دېگەن خۇرۇم ئاياغنىڭ 35-رازمىرلىقىدىن بولسۇن.
موزدوز ئۇدۇلىدىكى ئۇنىڭ تىزراق بىكار بولشىغا تەقەززا بولۇۋاتقان خوجايىننى يانداپ ئۆتۈپ ئارقا تامدىكى قاتار ئېسىلغان نىمكەش ئاياغلارنىڭ رازمىرىغا قاراشقا باشلىدى. شۇ تاپتا موزدوزنىڭ ئاياغنى كىمنىڭ كيىدىغانلىقىنى سوراشقا ئاغزى، خېرىدارنىڭ پۇتىنىڭ بار-يوقلىغا قاراشقا كۆزى يوق ئىدى.مەن ھەيران بولغان ھالدا ھارۋىدىكى كىشىگە زەن سالدىم . ئۇنىڭ تىزىغا ئالىي دەرىجىلىك يۇڭ ئەدىيال يېپىلغان بولۇپ ئاستى تەرپىدە پۇتى كۆرۈنىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
ـــ قېنى،كۆرۈپ بېقىڭ،ـــ موزدوز ئاياغلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى. ئۇ ئالدى بىلەن كونىراق ئاياغنىڭ قونجىنى بۇرنىغا يېقىن ئەكىلىپ كۈچلۈك تىن ئېلىپ پۇرىدى ئاندىن يەنە بىر جۈپ ئاياغنى قولىغا ئېلىپ، يېنىدا ئولتۇرغان يالاڭئاياغ بالىنىڭ قاسماقلاشقان پۇتلىرىنى چۇڭقۇر مېھرى بىلەن سىلىغاندىن كېيىن ئاياغنى كەيدۈرۈپ قويىۋىدى،بالىنىڭ كۆزلىرى بىردىنلا نۇرلىنىپ كەتتى.                          
ـــ بىلىۋالدىم،سىز مېنىڭ دادام، ـــ دېدى بالا ئادىتى بويىچە ئۇ كىشىگە قاراپ.
ـــ مەندەك نىمجاننىڭ داداڭ بولۇشىنى خالامسەن ؟
ـــ راستكەن،ئانام شۇنداق دېگەن،ئانام«داداڭ چوقۇم كىلىدۇ،ساڭا يېڭى كېيىم ئېلىپ بىرىدۇ»دېگەن،راسىتكەن...
  ـــ راستىنلا بۇ بالىنىڭ دادىسى بولۇپ قالماڭ ؟!  ـــ بىردىنلا موزدوزنىڭ ئاغىزى ئېچىلىپ، نۇرسىز چىرايىدا بىر خىل ئۈمۈدۋارلىق ئالامىتى جىلۋىلەندى.
   ـــ بۇ بالا كىچىكىدە ساق بولغىيتى؟
   ـــ ئىككى-ئۈچ ياشلىرىدا دېمەكچى،ـــ نېمىشقىكىن،خۇجايىن سۆز قاتتى.
   ـــ ئانىسى «بۇ بالا كىچىكىدە ساق ئىدى، مەينەت- مۇشاقەتتىن مۇشۇنداق بولۇپ قالدى، دادىسى كۆپ پۇل تېپىپ كىلىدىغانلىقىنى ئېيىتقان، ئۇ كەلگەندە بالىنى داۋالىتىپ،ئاندىن سىلى بىلەن بىللە يۇرتلىرىغا كېتىمەن»دەپ مانا بىر يىلنى ياقا يۇرۇتتا ئۆتكۈزدۇم،بۇ بالىمۇ كىم كىرسە شۇنى«دادام»دەپ دۇكانغا خېرىدارمۇ كىرمەس بولۇپ كەتتى. ھە، توغرا ،توغرا، ئانىسى ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى« بۇ بالىنىڭ دادىسى ئۇ ئۈچ ياشقا كىرگەندە چىقىپ كەتكەن، ھازىر يەتتە يىل بولدى»دەۋاتتى.ئانىسنىڭ ئىسمى ئايشەمخان، سىز بۇ بالىنىڭ دادىسى،شۇنداقمۇ؟
ـــ ياق !  ـــ  بۇ  گەپ  خۇجايىنىڭ ئاغزىدىن ھېلىقى كىشىنىڭكىگە قارىغاندا ھەم قاتتىق ھەم بالدۇر چىقىپلا  توختاپ قالدى،ئەمما ھېلىقى كىشى سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، ـــ خاتا چۈشىنىپ قالماڭ،ئۇنىڭ دادىسى كېلىپمۇ قالار .
مەن خۇجايىنغا قارىدىم . ئۇنىڭ چىرايى خېلىلا تاتىرىپ كەتكەن ئىدى.
(داۋمى بار )



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-16 23:32  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-16 23:54:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرىنى تېزراق يوللاڭ ،كۆپ قىسىملىق كىنودەك تەققازا قىلماي

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-17 01:32:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زۇلپىيە راھمان يوللىغان ۋاقتى  2015-8-16 23:54
ئاخىرىنى تېزراق يوللاڭ ،كۆپ قىسىملىق كىنودەك تەققازا  ...

يازمامغا كۆز يۈگۈرۈتكىنىڭىزگە رەھمەت، ئاخىرىنى يېزىۋاتىمەن.

ۋاقتى: 2015-9-7 23:32:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىڭىزنىڭ ئاخىرىنى تېزراق  ئوقۇشنى  ئۈمىت قىلىمەن.

ۋاقتى: 2016-5-5 01:31:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى كۆرۈپ بولۇپ پىكىرلىشەيلى دېسەم يوققۇ؟

باھا سۆز

يازمامغا كۆز يۈگۈرۈتكىنىڭىزگە رەھمەت. كېيىن ئۆزگەرتىپ يازغان ئىدىم،شۇڭا داۋامىنى يوللىيالمىدىم.  ۋاقتى: 2016-5-5 03:29 PM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش