يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 676|ئىنكاس: 7

ئەركىن نۇر (ت): ئەھمەد شاملۇ شېئىرلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   ئەھمەد شاملۇ شېئىرلىرىدىن


(1925~2000، ئىران)

             ئەركىن نۇر تەرجىمىسى               


  كېچىنىڭ تۈسى


     ئىشىك ئەمەس
     يول يوق
     كېچە ئەمەس
     ئاي يوق
     كۈندۈز ئەمەس
     كۈن يوق
     بىز
     تۇرماقتىمىز
    ۋاقىت سىرتىدا
     ئەلەم خەنجىرى
     ئومۇرتقىمىزغا سانجىلغان.
     ئادەم يوق
    باشقا ئادەم بىلەن
     سۆزلىشىمىز
     سۈكۈت
     سۆزلىمەكتە
     مىڭلاپ تىل بىلەن.
     نىگاھىمىز توختاپقالغان
جەسىتىمىزدە
    تەبەسسۇملىنىپ،
     ئۆز نۆۋىتىمىزنى كۈتمەكتىمىز
     تەبەسسۇمدىن
     ھېچ ئەسەر يوق!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-15 15:56  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +244 يىغىش سەۋەبى
ئۆز + 244 ئېسىل

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-15 11:18:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل شېئىرلىرىڭىزنى ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرىڭىزنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇشقا نېسىپ بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-8-15 13:41:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى بار ھەقىچان.

ۋاقتى: 2015-8-15 17:26:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدەملەرگە مۇبارەك بولسۇن، دوستۇم!

ۋاقتى: 2015-8-15 20:58:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىن نۇرنىڭ بىزگە ھەرقاچان زەرەتلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىۋاتقىنىغا سەمىمىي تەشەككۈر. مۇشۇندا يېڭى ئۆرنەكلەرنى دائىم كۆرۈپ تۇرۇشقا تەشنابىز!.....

ۋاقتى: 2015-8-16 02:13:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىلا بولمىسۇن ئەركىن ئاكام يازغۇچىلار مۇنبىرىنى كىچىك كۆرمەي ، بىزنى ياخشى ئەسەر، ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ ، نۇرغۇن ئۇلۇغ يازغۇچىلىرىمىزغا ئۈلگە بولدى. ھارمىغايسىز، ئاكىجان!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-16 15:55:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ماڭا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىۋاتقان دوتسلارغا ئالاھىدە رەھمەت!
    ئەمما، مېنىڭ تورداشلىرىمىزدىن ئۆتۈنۈشىم: گەپ شەخس ئەمەس، ئەسەر ئۈستىدە بولسا؛ ھەرقانداق بىر شەخس زىيادە كۆپتۈرۋېتىلمىسە...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-8-16 15:56:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بورانقۇش


كېچىنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا بۇلۇتلار زۇلمەت ياغدۇرار
ئادەمنى قورقۇنچقا سالىدىغان دېڭىز يۈزىدە
تىمتاس پرىستاندىكى ئېگىز مۇنار ئۈستىدە بورانقۇش غەزەبلىك چۇقان سالار
دېكلاماتسىيە قىلىنىۋاتقان ئېپوس دېڭىزى قارا بوراننىڭ سوغ ناخشىسىنى ئەۋجىگە كۆتۈرگەن
دولقۇنلار ئوردىسىنىڭ ئۆگزىسىدە كۈي چېلىپ
ھەسرەتلىك كېچىنىڭ پىغانلىق چېھرى نەم ھەمدە قاراڭغۇ
ئۆزىنىڭ ئالاھىدە يۈكىنى پورت جىملىقىغا تۇيدۇرماستىن تۆكىۋاتقان
مانا شۇنداق لەھزىلەردە
     ئۇ ئاستا ھەمدە ئېغىر قەدەملىرى بىلەن
                                    ئەسەبىيلارچە سۆرەيدۇ
مىسكىن، جىمغۇر تېنىنى.

بورانقۇش توختاۋسىز ۋارقىرايدۇ:
يولۇچى! ئەي سەن يولۇچى!
لىباسىڭ يامغۇردا چىلىق-چىلىق ھۆللەندى.
بىر پەس ئۇخلىۋالغۇڭ يوقمۇ
ياكى دوستلىرىڭنىڭ يېنىدا ئولتۇرىۋالغۇڭ؟

بۇلۇت ئۆكسۈمەكتە
شامال يۈرمەكتە
يولۇچى مېيىقىدا خورسىنىپ دەيدۇ:
ھەي…ي…ي!
ھەممىسى مەندىن يىراقلىدى، يولدا ئۇچرىغان يات يولۇچىلارنىڭ…
يۇقىرى قىزىتمىلىق جۆيلۈشتە ئۆز چۈشۈم بار
باشقا بىر خىل دوستلار بىلەن پاراڭلىشىدىغان
ماۋۇ چاڭقاش ئۇنىڭ قان چىققۇچە سۆيۈشلىرى بىلەنلا شىپا تاپىدۇ

ئۇ دەملەردە، مەغلۇبىيەت پورتىدا
شامال زۇلمەت كارىۋىتىنىڭ ئىچىدە دومىلايتتى
بۇلۇت نەرە تارتاتتى، بارچە نەرسە بەختسىزلىك يولىدا قېپقالغاچ
بورانقۇش توۋلار ئىدى: «ئەي يولۇچى! شۇ قەدەر بوران-چاپقۇنلۇق كېچىدە
ئۆزۈڭنى دالدىغا ئالغۇدەك بىرەر بۇلۇڭ-پۇچقاقنى ئىزدىمەمسەن؟
مەندەك بىر قىزغىن سوئال سورىغۇچىغا
سوغ جاۋابىڭمۇ يوقمىدۇ؟»

بۇلۇت ئۆكسۈمەكتە
شامال يۈرمەكتە
يولۇچى شۇنچە پەس شىۋىرلايدۇ ئۆز-ئۆزىگە:
«ئاھ ئېسىت، ئائىلە-ئۆيۈم!
نە چىراق، نە يالقۇن، گويا مەندەك، جىمجىت، سوغۇق، قاراڭغۇ.»
يىرگىنچلىك كېچىنىڭ پەس ئاۋازىدىن كېيىنكى قاتتىق كۈلكىسى بىلەن تەڭ پارتلاش
پەس ئاۋازىدىن كېيىنكى
ھەسرەتنىڭ مۇزدەك سوغ كۈلكىسى، ئۇنىڭ سەزدۈرمەستىن كېچىگە قېچىۋاتقان لەۋلىرىدىن
ھەسرەت لەيلەپ قالغان تەبەسسۇمىنى كېچە ئېلىپ يۈرگەن…

بورانقۇش سازا قىلار: «ئەي، كېچىدە يۈرگۈچى!
غەرەزسىز يۈرۈشلەردىن چارچىمىدىڭمۇ؟

بۇلۇت ئۆكسۈمەكتە
شامال يۈرمەكتە
يولۇچى شۇنچە پەس شىۋىرلايدۇ ئۆز-ئۆزىگە:
ھەر بىر ئىشىكنىڭ ھەممىنى قاقتىم، ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاققىچە باردىم
ماۋۇ قورقۇنچلۇق كېچىدە−ئاسفالتتەك ئەمچەكتىن ئەمگىنىم زەھەرلىك شىرنە بولدى

ئەتىدىكى يېتىپ بارار مەنزىلىم كېچىكتۇر
ئۇنداق بولمىسا كىممۇ مۇشۇنداق كېچىگە، مۇشۇنداق قاتتىق يامغۇرغا، مۇشۇنداق بوران-چاپقۇنغا ئەگىشىپ يۈرسۇن
ئەگەر بۇ ئارزۇ-ئۈمىد تۈپەيلى بولمىغان بولسا؟
بىچارە بايقۇش! ھايات گۈزەلدۇر!
يەپ-ئىچىشىمىز، ئۇخلاپ ئاراملىنىشىمىز ھەرگىزمۇ مەقسەتسىز ئەمەس!
ھەر خىل ئۇسۇلدا كېمىنى دېڭىزغا ھەيدەپ كىرگىلى
ئاي يورۇقىدا سەرخۇشلۇق ئىلكىدە لېۋەن يار بىلەن بىللە كېمىنى دېڭىزنىڭ جىمجىت تىمتاسلىقىغا ھەيدەپ بارغىلى
ئاينىڭ نىگاھى ئاستىدا، كېمىچىنىڭ خەلق قوشىقىغا تەڭكەش قىلىپ ئۇد چالغىلى، ئۆز ئارا سۆيۈشىشكىلى بولىدۇ.
ھالبۇكى، ئاۋۇ قۇيۇچتەك تەننىڭ چۈش سەيلە قىلغۇچىسى بولمىش كېمىچى
بوران-چاپقۇندىكى نىگاھلار ئارا كېمە يەلكىنىنى چىقىرار
دېڭىزدىكى دولقۇنلارنى قورقۇتىدىغان قاراڭغۇ تىك يارنىڭ يانتولۇقىدا
ئەزرائىلنىڭ ئېغىزىدا ياشاۋاتقان سۆيۈملۈك كىشىسىنى سۆرەپ قايتۇرۇپ كېلەر
قىسقا ئەمما ئازابقا تولغان قىزغىنلىق بىلەن بىرىكتۈرۈپ
ھاياتنىڭ لېۋىنى بېرەر
قانغا بويالغان سۆيۈش
ماۋۇ تىرىشچانلىق ئىلكىدىكى ئۇنىڭ چىش ئاراچلىرىغا باشقا تاتلىق-تۇرۇملار قالدۇقلىرى كىرىپ قالغانمۇ؟
بىچارە بايقۇش! ھايات گۈزەلدۇر!
ماۋۇ بوران-چاپقۇننىڭ قاراڭغۇ، مۇزدەك سوغ چوڭقۇر ھاڭىدا مەۋايىت نىگاھلارنى ئىزدىمەكتىمەن
ئۇ مەرۋايىتلار بىلەن ئەتەمنىڭ پارلاق سەھىرىنىڭ گۈزەل باش-كۆزلىرىنى بېزىمەكچىمەن
ئەي بىچارە بايقۇش! بۇنداق مەرۋايىتلار بولمىسا ھايات، تۇرمۇش گۈزەل بولمايدۇ!»

ئاۋۇ قاراڭغۇلۇقنىڭ سوغۇقىدا
كېمىچىنىڭ چىراقلىرى روجەك ئارقىسىدا سولغۇنلىشار
قاراڭغۇلۇق ھەر بىر پانۇسنىڭ ئىچكىي قىسىمىدا ھەر بىر تال نۇرنى شۈمۈرىۋالار
دېڭىز ئۈن-تىنسىز بۇرۇقتۇرما بولغاچ يۇقىرى قىزىتمىلىق جۆيلۈش ئىچىدە ئۆزىگە چىڭڭىدە ئېسىلىۋالغان،
قارىغۇ قورقۇنۇش سەۋەبلىك شامال كېچىنىڭ كارىۋىتىغا سوقۇنىۋالغان،
كەيپلىك خۇشلۇقىدىن قاتتىق كۈلگەنچە پارتلاپ كېتەر،
قاتتىق تەھدىتتىن بۇلۇت ھارغۇچە ئۆكسۈپ يىغلار،
قۇملۇق ساھىلدا دۈم كۆمتۈرۈلگەن، ئوڭلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان كېمىلەرنىڭ قازناقلىرىدا
ئۇلارنىڭ توپلىشىپ قىلىۋاتقان قىزغىن پاراڭلىرىدا
شامنىڭ ئاجىز، زەئىپ نۇرلىرى تورۇستا لىپىلدار.

بۇلۇت ئۆكسۈمەكتە
شامال يۈرمەكتە
شۇ تاپ، ئېغىر قەدەملىرىگە ئەگىشىپ كەلگەن ئەر يولدا توختىدى-دە
ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ ناخشا توۋلىدى (دېڭىز بۈركۈتى كېچىدە دېڭىزغا بېقىپ بولىشىچە كۈيلىگەن كەبى)
ئاندىن، دۈم كۆمتۈرۈلگەن قولۋاق ئاستىدا
گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن كۆرسىتىلىۋاتقان تىرىشچانلىققا ئەگىشىپ، ئۈمىد ئۇنىڭ كۆزىدە چاقنار…

يامغۇر ئۆزىنىڭ مەرۋايىتتەك بارماقلىرى بىلەن دۈم كۆمتۈرۈلگەن قولۋاقنى چېكەر
كېچە تېنى بىلەن بوران-چاپقۇننى سوقۇپ، سەل-پەل باش ئەگدۈرگەن،
پورت ئازاب بىلەن بارمىقىنى چىشلەيدۇ
كېچىنىڭ قەلبىدە كۆتىرىلىدىغان ئۈمىد يۇلتۇزى بولمىسىلا
بۇلۇت ئۆكسۈشتىن توختىمايدۇ
شامال يۈرۈشتىن…

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەركىن.نۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-16 16:02  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش