قىرىق سىزىقتىن
پەرىدە ئىسمايىل مېھرى
رەڭدار باھار چېچەكلىرىدە ،
ياز تومۇزى يارىشىقىدۇر.
كۈزنىڭ ئالتۇن خازانى گۈزەل ،
قار ۋىسالى قارا قىشىدۇر.
قىروۋ چۈشتى ساچى لىۋەنگە ،
كۆز گىرۋىكى نازۇك ئېقىن يول.
چوڭقۇر نەزەر ،ئېغىر تەبەسسۇم.
كەم سۆزلىكى بەرھەق ئەقىل ، غول...
ھەر دىدارنىڭ پەيتى غەنىيمەت،
بىر نەپەسنىڭ پەسلىدە جەننەت.
ھەمراھلىقى قىرانلىقىغا ،
يىللار قونغات قىسمەتتۇر قەۋەت...
ئۇچۇم بولدى چۆجىسى مانا،
يانداشقىنى قەددى قەدىيناس .
ئەگىلىدۇ قىرىق سىزىقتىن ،
كۆرگىنى بار ... بار ئەيھۇھەنناس.
ئىشىنىسەن گاھىسى راستەك،
ئىشەنمەيسەن راستى يالغاندەك،
مەيلى نىمە بولسۇن بۇ ئۆمۈر،
كەتكىنى راست چاپقان تۇلپاردەك.
ئۈچتىن بىرى قالدى قىستىلىپ،
دۇشمىنىڭمۇ كۆرىنەر ئىللىق.
قانمىغاندەك دوستنىڭ مەرىگە.
داۋام ئېتەر ھاياتتا چىنلىق.
2015-يىلى 8- ئاينىڭ 14- كۈنى، ئاتۇش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-15 01:20