كۆرۈش: 175|ئىنكاس: 1

ئالىم ياسىن: باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش بەخىتنىڭ ئاساسىدۇر(ئىبرەتل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش ئىناقلىقنىڭ ئاساسىدۈر

ئالىم ياسىن ئارمانى

«ئۈچ ئەل»خىزمىتى بىلەن تۆۋەنگە چۈشكەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە،بىز چۈشكەن كەنىتتە،بۈرۈن بولغان مۇنداق بىر ھېكايىنى ئاڭلاپ قالدىم.يېقىن ئۆتىدىغان ئىككى خوشنا بولۇپ،بىر يىلنىسى ھەر ئىككىسى خوشنا يەرلىرىگە قوغۈن تېرىپتۇ.Aخوشنىسى قوغۈنلىرىغا ئەجىر قىلىپ ئىشلىگەچكە ئوخشاپتۇ.Bخوشنىسى سەل ھورۈن بولغاچقا يەرگە كۆپ كۈچ چىقىرالماي دىگۈدەك ئاينىماپتۇ.بۇنىڭ بىلەنBخوشنىسىAخوشنىسىنىڭ قوغۈنلىرىنى بىلمەسكە سېلىپ،سۇغا باسۇرۇپ قويۇپتۇ.بۇنىڭدىن ئاچچىقلانغانAخوشنىسى،B خوشنىسىنى زىياننى تۆلەپ بىرىشنى ئېيتىپ،كەنىت كومتىتىغا ئېنكاس قىپتۇ.ئەھۋالنى بىلگەن كەنىت سېكىرتارى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەھۋالىنى بىر قۇر بىلگەچكە زىياننى تۆلىتىپ بىرىش بىلەنلا مەسىلىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ،Aخوشنىنى بىر پەس ماختاپ،ئۇچۇرغاندىن كېيىن،Bخوشنىسىغا بىر قېتىم پۇرسەت بىرىشنى،بۇ خوشىنىنىڭ تېرىقچىلىق ئىشلىرىغىمۇ يۈشۈرۈن ياردەم بىرىپ،ئۇنى تەسىرلەندۈرۈشنى ئۆتۈنۈپتۇ. Aخوشنىسى دىگەندەك قىپتۇ.بىر كۈنلىرى چىقىپ قارىسا Bخوشنىسىنىڭ قوغۈنلىرى باشقىچە جانلىنىپ قالغان.بۇنىڭدىن ئەجەپلەنگەن Bخوشنىسى مەلۇم بىر كۈنى Aخوشنىسىنىڭ ئۆز ئېتىزىدا ئىشلەۋاتقىنىنى كۆرۈپ،ھەيران قاپتۇ-دە،بۈرۈن قىلغان ئىشىغا ئېنتايىن ئەپسۇسلىنىپتۇ،ھەمدە شۈندىن كېيىنAخوشنىسىغا بولغان قارىشى ئۆزگىرىپ،كەچۈرۈم سوراپتۇ ۋە ئىناق خوشنىلاردىن بولۇپ قاپتۇ.
ئېبرەت:قەيەردە مېھىر-مۇھەببەت،كۆيىنىش ۋە ھەمكارلىق بولىدىكەن شۇ يەردە خوشاللىق بولىدۇ.كۈچلۈكلەر ئۆزىنىڭ كۈچى بىلەن باشقىلاردىن ئۇستۈن تۇرۇشنى ئېستىسە،ئاجىزلار ئىخلاس،ئەقىدىسى بىلەن ئېستەيدۇ.خاتالىقنى خاتالىق بىلەن تۈزەتكىلى بولمايدۇ،خاتالىق ئۆتكۈزگەن كىشىنى چىرايلىق سۆزلەر بىلەن توغرا يولغا قايتۈرۈش ئەڭ ياخشى پەزىلەتتۈر.كىشىلىك مۇناسىۋەتتە،بىز باشقىلارغا توغرا نىيەتتە بولىشىمىز،تەڭ-باراۋەر قارىشىمىز،ھۆرمەت قىلىشىمىز ۋە دوستانە بولىشىمىز كېرەك.باشقىلارغا مۇئامىلە قىلىشتا،ئاۋۋال ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىپ ئويلىنىپ بېقىشىمىز،ئەگەر ئۆزىمىز ئۇنىڭ ئورنىدا بولساق،بۇ خىل مۇئامىلىنى قوبۇل قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقىمىزنى دەڭسەپ كۆرىشىمىز كېرەك.ئەگەر خالىمىساق باشقىلارغىمۇ بۇنداق مۇئامىلە قىلساق بولمايدىغانلىقىمىزنى تېخىمۇ ياخشى بىلىشىمىز كېرەك.ئىچى تارلىق ھەمىشە يىراقنى كۆرەلمەيدىغان كىشىلەر تەرىپىندىن يۈز بىرىپ قالىدۇ،يىراقنى كۆرەلمەيدىغان كىشىلەر ھەمىشە كۆز ئالدىدىكى كىچىككىنە مەنپەئەتنى دەپ يىراقتىكىسىنى قۇربان قىلىۋىتىدۇ.ئادەمنى ئۇتۇققا باشلايدىغىنى دەل ۋاپادارلىق ۋە باشقىلارغا كۆيۈنۈشتۈر.ئۆزىنىڭ شادلىقى ئۈچۈن باشقىلارنى ئازاپقا دۈچار قىلىدىغان ئادەم ئەڭ پەسكەش ئادەمدۈر.
باشقىلارغا كۆيۈنۈش،باشقىلارغا ياردەم بىرىش،باشقىلارنى ھۆرمەت قىلىش ۋە چۈشىنىش ئىنساننىڭ ئەڭ ياخشى پەزىلىتى بولۇپ،پەقەت مۇشۇ خىل پەزىلەتلا كىشىلەرنى ئىناق-ئىتتىپاقلىققا،بەخىت-سائادەتكە باشلايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-16 12:06  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-16 10:52:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەمەننا،تەمەسىز ياخشىلىق قىلىش ھەقىقى ئەرنىڭ ئىشى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش