چۆمۈلە روھى
(ئەدەبىي خاتىرە)
رەخىمە ئابدۇراخمان
مەن مۇشۇ يىشىمغىچە چۆمۈلىدىن قورقىمەن. چۆمۈلىلەر پۇتۇن بەدەنلىرىمنى جان-جەھلى بىلەن چاققان ئاشۇ كۆرۈنۈش تاكى ھارىغىچە ئېسىمدىن چىقمايدۇ...
كېچىكىمىزدە قازان باشلىرى جۆمۇلە بولۇپ قالسا ئاپام ئازراق كېپەكنى يول قېلىپ سېلىپ چۆمۈلە ئۇۋسىنى يوتكەپ قوياتتى، ھەرگىزمۇ سۇپۇرپ دورا چاچمايتتى. كىچىك چۇمۇلەرنڭ ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ نەرسىلەرنى يۈدۈپ ماڭغىنى كۆرۈپ ھەيران قالاتتىم. دادام بىزگە: «چۇمۇلە ئېغىرلىق كۆتۈرۈش چىمپىيونى ئۇ ئۆز ئېغىرلىغىدىن نەچچە ھەسسە كېلدىغان يۈكنى كۆتۈرىدۇ؛ چۇمۇلە ئەڭ تەرتىپلىك ئەسكەر، ئۇيۇشقاق توپ، ئۇلار پادىشاسىنىڭ يول يورۇقىنى ئاڭلايدۇ» دەپ چۇمۇلىلەرنىڭ تەرىپىنى قېلىپ بېرەتتى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭمۇ تۇگىمەس سوئاللىرىم باشلىناتتى:
ـــ دادا ئاۋۇ دۇمبىسىگە يۇدىۋالغان نىمە ئۇ؟ چۇمۈلىلەر نېمە يەيدۇ ؟ ئۇلارنىڭمۇ ئاتا-ئانىسى بارمۇ؟
دادام ئېرىنمەي جاۋاپ بېرەتتى.
ـــ يۇدىۋالغىنى چۇمە تۇخۇمى، ئۇ ئوي كۆچسە تۇخۇمىنى بىرگە ئېلىپ ماڭىدۇ. چۇمۇلە مەڭگۇ ئۇزۇقلۇقتىن غەم قىلمايدىغان ھاشارەت. ئەلۋەتتە، ئاتا-ئانىسى بولىدۇ، ئۇلاردا تېخى «قۇۋۇم» دەيدىغان ئاڭمۇ بار، ھەرگىز خاتالىشىپ بىر-بىرسىنىڭ ئۇۋىسىغا كىرىپ قالمايدۇ...
دادامنىڭ گېپى بىلەن چۇمۇلىگە قايىللىقىم ئاشاتتى، چۆمۇلە ماڭا ھەيۋەت بولۇپ كۆرۈنەتتى. بىرەر چۆمۈلىنىمۇ دەسسەپ قويغۇم كەلمەي، چۆمۇلە كۆچكەن يەردىن ئايلىنىىپ ئوتەتتىم.
خېلى چوڭ بۇلۇپ قالغان چاغلىرىمدا، بىر قېتىم دادام بىلەن دەريا بويىغا چىغ كەسكىلى چىقتۇق، نەۋرە ئېنىممۇ بىرگە چىققان ئىدى. بىز چىغ ئارىلىرىدا نېمىلەرگۇدۇر ئالدىراپ يۈرگەن ساپ سېرىق ھەيۋەت يوغان چۆمۈلىلەرنى كۆرۈپ، چۆمۈلىلەرنىڭ كاتتىسى بولسا كېرەك، دەپ ھېس قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ئۇۋسى ئەتراپىغا دۆۋىلىۋەتكەن توپىمۇ كىچىك بىر دوڭ پەيدا قىلغان ئىدى. نەۋرە ئېنىم: «بۇ چۆمۈلىلەرنىڭ ئوردىسى ئوخشايدۇ، ئېچىپ كۆرەمدۇق؟» دېدى، مەن «ياق!» دېمەكچى بولساممۇ، بالىلىقتىكى قىزىقىش ئۇنداق دېيىشىمگە يول قويمىدى. بىز ئۇزۇن تاياقتىن بىرنى تېپىپ كېلىپ، چۆمۇلە ئۇۋسىنى بۇزۇپ ئۇلارنىڭ تاجۇ-تەختىنى كۆرمەك بولدۇق. شۇ چاغدا مېنىڭ كاللامغا «غېرىپ – سەنەم» فىلىمىدىكى ھەيۋەتلىك شاھ ئوردىسى كېلەتتى...
بۇزە -بۇز بىردەمدىلا چۆمۇلە ئۇۋسىنى ۋەيران قىلىپ چۆمىلىلەرنى تېرە-پىرەڭ قىلۋەتتۇق. ئۇلار تۇخۇملىرىنى يۇدۇم قىچىشقىمۇ ئۇلگۈرەلمىدى...
ئاخىرى قاناتلىق چۆمىلىلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇلار شاھ ۋە ۋەزىرلەر بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلدۇق، لىكىن بىز ئويلىغاندەك كاتتا تەخت چىقمىدى .بىز چۆمىلەرنىڭ جان قايغۇسىدىكى پاتپاراقچىلىقىنى تاماشا قىلغاچ، يەنە قانداق قىزىقچىلىقلارنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ ئۇۋىغا چاپلىشىپ ئولتۇردۇق.
بەدەنلىرىم يىڭنە سانجىغاندەك «چىممىدە» قىلدى. چۇمۈلىلەر جەڭگە ئۆتكەن ئەسكەردەك مېنى ۋە ئېنىمنى چىقىشقا باشلىغان ئىدى. مەن ھەرە چاققانىڭ ئازابىنى تارتقان، چۆمۈلىنىڭمۇ بۇنداق چاقىدىغىنىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىكەنمەن، چۆمۇلە ھەتتا چاچلىرىم ئارسىغا كىرىشكىمۇ ئۇلگۇرگەن ئىكەن .كىيىم-كىچىكىمىزنى سېلىپ تاشلاپ، چىرقىرىشىپ چۆمىلىلەرنى ئۇرۇپ چۇشىرەتتۇق. بەدەنلىرىمىز تەر بولغاچقا چۆمۇلىلەر نەشتىرىنى سانچىغىنىچە چاپلىشىپ قالغان ئىدى.
بەدەنلىرىمنىڭ ساق يېرى يۇقتەك ھۇررەك بولۇپ كەتكەن ئىدى. چۆمۇلىلەر جان ئاچچىقىدا تەڭلا ھۇجۇمغا ئوتكەن بولۇپ، مېنى ھەقىقەتەن قۇرقۇنچقا سالغان ئىدى. دادام قىلغان ئىشىمىزغا بىرمۇنچە كايدى:
ـــ ئۆيىنى بۇزساڭلار ئەلۋەتتە ئۇنىڭمۇ ئاچچىغى كېلىدۇ-دە؟ قاراڭلار، ۋەيران قىلغىنىڭلارنى؟ مەسىلەن، سەن ئۆي ياساپ ئوينىساڭ، ئۇكىلىرىڭ ياسىغان يالغان ئوينىڭنى بۇزۇپ قويسا قانداق بولىسەن؟ بۇمۇ ئۇلارنىڭ ماكانى ئەمەسمۇ؟ قارا، تۇخۇملىرىنى ۋەيران قىلىپسىلەر، چاققىنى ھەقلىق ...
كاللامغا بەك تەسىر قىلغان بولسا كېرەك، كېچىچە قىزىتىپ، جۆيلۈپ ئۇخلىيالمىدىم. نۇرغۇن چۆمىلىلەر ئارسىدا قالغۇدەكمەن، ئۇلار مېنى چىقىپ ھالسىز قىلىپ قويغۇدەك، ئاندىن. چۆمۇلە پادىشاسى؛ «بۇ قىزنى ئەڭ قەبىھ ئۇسۇل بىلەن جازالاڭلار» دەۋاتقىدەك. ئۇلارنىڭ ھەممىسى نەشتەرلىرىنى ماڭا تۇغرىلاپ، گۆشلىرىمنى بىر چىشلەم-بىر چىشلەمدىن چىشلەپ ئۇۋلىرىغا ئېلىپ ماڭغۇدەك...
ـــ دادا، مېنى قۇتقۇزىۋال، دادا!
ئاپام بىلەن دادام مىنىڭ ئەنسىز ۋاقىرىشىمدىن ئويغۇنۇپ چىراقنى ياقتى. ئوف، چۈشۈمكەن، مەن ساق ئىكەنمەن. بەدەنلىرىمنى سىلاپ باقتىم، ھۇررەكلەردىن باشقا يەرلىرىم ساپ-ساق ئىكەن...
شۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق ھاشارەتكە ئازار بەرمەيدىغان بولدۇم. ئۇلاردىمۇ بىز ئىنسانلاردەك ياشاش ھوقۇقى، ماكان ھوقىقى مەۋجۇت ئىكەن ئەمەسمۇ؟ ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلارنى جان جەھلى بىلەن جازالايدىكەن ئەمەسمۇ؟ ئاشۇ كىچىك جانۋارنىڭ ئۆز تۇخۇمىنى ئېلىپ مېڭىشى، كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن ئۆي-ماكان، بالىلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىۋاتقان كىشىلىرىمىزگە ئۈلگە بولالماسمۇ، بىز ئىنسانلاردا شۇلارچىلىك ئۆز ھوقۇقىمىزنى، ئائىلە ـــ ۋەتىنىمىزنى قوغداش ئېڭى يۇقمىدۇ، دېگەنلەرنى كۆپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم...
.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-15 00:25