ي.ت.توغراق يوللىغان ۋاقتى 2015-9-9 11:59
بۇ ئۈچ كىتاب ، 2014-يىل 12-ئايدا شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر ن ...
ياسىنجان توغراقنىڭ ھۇسۇللۇق كىتابلىرىغا ئاپىرىن !
بۇ كىتابلار - بالىلارنىڭ ئىككىنچى ئوقۇشلۇقى بولۇپ قىلىشىغا ئىشەنچىم كامىل.
قوللاش يۈزىسىدىن، بۇ تېمىنى يوللاپ قويدۇم.
ئا.جۇدۇن
قەدىناز قوشنىلىرىم
[ ‹‹ ق ›› ھەرپلىك سۆز ئويۇنى ]
قارىسام، قۇرۇلۇش قوروسىدىكى قەدىناز قۇلۇم- قوشنىلىرىمدىن - قەشقەرلىك قادىر قارام،
قارا شەھەرلىك قۇنەم قوناق، قۇمۇللۇق قاسىم قىزىق، قارا قاشلىق قاراقۇمچاق قەمبەرخان، قازاق، قىرغىزقېرىنداشلىرىمدىن- قىرىقباي، قاپچۇقتاي، قارامايلىق قېيىم قىسمەتلەر قاچاندىندۇر قېيپاش قاراپ،قاتتىق قېيدىشىپ قېلىشىپتۇ...
قىزىلكۆز، قىلتاقچى، قۇرۇقچىلاردىن - قەلەم قۇلاق، قەھرىتان قاپاق، قاداق قالاقلار، قۇتىراتقۇلۇق
قىلىشىپ، قاباھەتلىىك قاپقانلارنى قۇرۇشۇپ، قاغاپ-قاخشاپ، قازاننىڭ قارىسىدەك قارىيىشىپ،
قارمۇچتەك قورۇلۇشۇپ، قاراڭغۇ قازناقتا قانسىرىشىپ، قانچە قېتىملاپ قاپىيىسىز، قەبىھ قوشاقلارنى قېتىشىپ،
قۇيرىقىمنى قىىرقىلاپ قۇيقىلىماققا قەسەم قىلىشىپتۇ.
قاباھەتلىك قارا قىش قەسىرىنىڭ قۇلۇپىدىن قۇتۇلۇپ، قاتناش قۇلايسىزلىقى، قاتىلاڭچىلىقى، قات-قات
قىيىنچىلىقلارنىڭ قىستىشىغا قارىماي، قەدىرلىك قوشنىلىرىمنى قىچقىرىپ، قول قوشتۇرۇپ قىزغىن قوبۇل
قىلىپ، قېرىلارنى قولتۇقلاپ، قۇرداشلارنى قۇچاقلاپ، قامچىگۈل، قارگۈل، قارا قاتلىق قورورىمدا، قالۇنچى،
قەلەمكەش، قوشاقچىلارنى قوبۇلخانامدا، قەغەز-قەلەم ، قامۇسلۇق قىرائەتخانامدا، قوزا، قېمىز ، قېتىق، قېيزا،
قورداق، قايماقچاي- قارا چايلاردا قەدىر- قىممىتىنى قىلىپ، قەلبىم قېتىدىن قايىل قىلشقا قارار قىلدىم.