يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: parhat kazim

ياسىنجان توختنىياز توغراقنىڭ بىر يۈرۈش كىتابلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-8-15 14:56:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئۆز ۋاقتىدا ياسىنجان توخنىياز توغراق ئەپەندى بۇ مۇنبەردە ئېلان بېرىپ سۆز ئويۇنى يىغقانىدى. ئەمدىلىكتە ئۇ يىغقان 59 نەپەر ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرى «ئۇيغۇر بالىلار سۆز ئويۇنلىرى» دېگەن نامدا توپلام بولۇپ نەشردىن چىققىنى بەك ياخشى ئىش بوپتۇ. ئەمدى بۇ يەردىكى مەسىلە، كوللېكتىپ توپلامغا ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن ئاپتورلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ئەزەلدىن كىتاب مۇندەرىجىسىدە ئەسەر ماۋزۇسىنىڭ كەينىگە يېزىلاتتى، ھەم كۆپرەك ئەسەر كىرگۈزۈلگەن بۇ خىلدىكى كىتابقا «ئاپتورى: ...» دېيىلمەي، «تۈزگۈچىسى: ...» دەپ ئېلىناتتى. ئەمما بۇ كىتابتا «ئاپتورى: ياسىنجان توخنىياز توغراق» دەپ تۇرىدۇ. مېنىڭچە نەشرىيات ئەمەس بەلكى، ياسىنجان ئەپەندى خاتالاشقاندەك قىلىدۇ...
   ياسىنجان ئەپەندى ۋاقتىدا گەپ قىلسا بولاتتى؟...

ۋاقتى: 2015-8-15 21:31:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخى تۆت كۈن ئىلگىرى ياسىنجان بىلەن ئاقسۇدا ئۇچراشقىنىمىزدا، ئۇ ماڭا «باھارىستاندا قۇشلار نورۇزى» ناملىق بالىلار شېئىرلىرى توپلىمىنى سوۋغا قىلغاچ، ئاشۇ سۆز ئويۇنلىرى توپلىمىدا ئۆزىنىڭ «تۈزگۈچى» دەپ يازغان بولسىمۇ، ئەمما تەھرىرلەر ئېھتىياتسىزلىقتىن «ئاپتورى» دەپ ئېپ قويغانلىقىنى، بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلۇق ھەم خىجىللىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئەسكەرتكەنىدى. ئۆزىنىڭ دېيىشىدە ھەر بىر سۆز ئويۇنىنىڭ ئاپتورى ئايرىم ئىكەن. مەنمۇ ئۇنىڭغا ناھىيەمىزدىكى بىر مېيىپ ئاپتورنىڭ ئىككى-ئۈچ پارچە سۆز ئويۇنىنى ۋاكالىتەن ئېۋەتىپ بەرگەنىدىم. بىر پارچىسى كىتابتىن ئورۇن ئالغاندەك تۇرىدۇ. قالدى گەپنى كىتاب قولىمىزغا تەگكەندە دېيىشسەك بولىدۇ. ناۋادا كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن ھەر بىر سۆز ئويۇنلىرىنىڭ ئاپتورى ئايرىم-ئايرىم بېرىلمىگەن بولسا، بۇ ئىشتا ياسىنجان ھەقىقەتەن سەمىمىيەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ-دە،  بۇ ئىشنى  يەنە ئايرىم چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ۋاقتى: 2015-8-15 21:33:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستىمىز ياسىنجاننىڭ تىنىمسىز ئىزدىنىش روھى ۋە تىرىشچانلىقىدىن سۆيۈندۈم. ئۇنىڭ يۇقارقى بىر يۈرۈش كىتابلىرى ئۈچۈن ئۇنى تەبرىكلەيمەن. مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-8-15 21:41:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن

ۋاقتى: 2015-8-15 23:50:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇرقەت يوللىغان ۋاقتى  2015-8-15 14:56
ئۆز ۋاقتىدا ياسىنجان توخنىياز توغراق ئەپەندى بۇ مۇنب ...

بۈگۈن كىتابخانىدىن بۇ كىتابلارنى سېتىۋالدىم. كىتاب ھەققىدە ئىلاۋە بېرىپ قوياي:
تەھرىرلەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ياسىنجاننى «ئاپتورى» دەپ ئېلىپ قويۇپتۇ. مۇندەرىجىدە ھەر بىر سۆز ئويۇنىنىڭ ئاپتورىنىڭ ئىسىمى يېزىلمىغان بولسىمۇ، كىتاب ئىچىدە ھەر بىر سۆز ئويۇنلىرىنىڭ ئاپتورىنىڭ ئىسىمى ئايرىم-ئايرىم يېزىلىپتۇ.
ئاپتورلار خاۋاتىرلەنمىگەي!
ياسىنجانغا يەنە بىر قېتىم قۇتلۇق بولسۇن!

باھا سۆز

ئەرچىن ئەپەندى رەھمەت! ئۇقۇشماسلىق تۈگىدى مانا.  ۋاقتى: 2015-8-17 11:26 AM
ۋاقتى: 2015-8-16 20:39:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجانغا مۇبارەك بولسۇن. ئەرچىننىڭ ۋاقتىدا ئىلاۋە بەرگىنى بەك ئوبدان بوپتۇ. ئۇنىڭغا رەھمەت. ئەسلى ياسىنجان «تۈزگۈچى» دەپ ئېۋەتكەن. كىتابنىڭ نەشر ھوقۇقى بېتىدىمۇ «تۈزگۈچى» دەپ ئېلىنغان. مۇھەررىرنىڭ سەۋەنلىكىدىن «ئاپتورى» بولۇپ قالغان. ئەرچىن دېگەندەك ھەربىر ئاپتورنىڭ ئەسىرىگە مۇناسىپ ئىسمى بېرىلگەن. ياسىنجان توغرىلىق كۆڭۈللەردە قىلچىلىك شەك بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەزكۇر كىتابنىڭ 2 _ قىسىمى نەشردىن چىقىش ئالدىدا.
كىچىكىپ ئىنكاس يازغىنىمدىن ئەپۇ سورايمەن.

ۋاقتى: 2015-8-17 11:18:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ياسىنجان ئاكامنىڭ يېقىندىن بۇيانقى تىرىشچانلىقلىرى مېۋە بېرىشكە باشلىدى. ئۈلۈشكۈن ئۆزيول ئاكىمىز قاتارىدا ئۇ ماڭىمۇ «باھارىستاندا قۇشلار نۇرۇزى» ناملىق كىتابىدىن بىرنى سوۋغا قىلغان ئىدى، سەپەر داۋامىدا ئوبدان ھەمراھ بولدى. يۇرتداش قەلەمكەش دوستى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ياسىنجان ئاكامنىڭ ئىجادىيىتىگە يەنىمۇ بەرىكەت تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2015-8-21 17:45:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساۋاقدىشىم ياسىنجاننىڭ بىراقلا ئۈچ كىتابى نەشىردىن چىققانلىقىغا كۆپلەپ تەشەككۈرلەر بولسۇن.

ۋاقتى: 2015-8-21 17:59:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان ئاكامغا مۇبارەك بولسۇن.  ياسىنجان ئاكام بالىلار ئەدەبىياتىمىزدا ئۈنسىز، داۋراڭسىز تېرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىدى. مانا بۇ تېرىشچانلىقلىرى ئاخىرى مېۋە بىرىپ بۇ ئىككى يىل ئىچىدە 5 پارچە بالىلار كىتابى بىز بىلەن يۈ كۆرۈشتى، بۇ ھەقىقەتەن ئاسان ئىش ئەمەس. بۇ جەھەتتىن ياسىنجان ئاكامغا قۇت تىلەيمەن. كېلەر يىلى نەشرىياتىمىز تەرىپىدىن ياسىنجان ئاكامنىڭ بىر ياخشى چاتما چۆچەكلەر توپلىمى نەشىردىن چىقماقچى، ياسىنجان ئاكامنى ئالدىن مۇبارەكلەيمەن.
ياسىنجان ئاكامدەك، پەرھاد كازىم ئاكامدەك ئۇيغۇر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈنسىز تۆھپە قوشىۋاتقان، داۋاملىق ئىزدىنىۋاتقانلار ئۈچۈن نەشرىياتىمىزنىڭ دەرۋازىسى ھەر ۋاقىت ئوچۇق. قولۇمدىن كېلىشىچە، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تېرىشچانلىق كۆرسىتىپ، سىلەرنى قوللايمەن.
سىزدىن سۆيۈندۈم، ياسىنجان ئاكا.

ۋاقتى: 2015-8-21 19:07:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازلار، ساۋاقداشلار، دوستلارنىڭ قوللىنىغا تەشەككۈر، مەدەت بەرگىنىڭلارغا رەخمەت!

ۋاقتى: 2015-8-21 19:56:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇن ياسنجاننىڭ بۇ ئالاھىدە ئىجادىيەت مىۋىللىرىنىڭ كىتابخانىلار بىلەن يۈز كۆرۈشكىنىگە تەشەككۈر!

ۋاقتى: 2015-8-22 23:18:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر، بۇرادەر.
..

ۋاقتى: 2015-8-25 18:50:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئاپتۇرى» دېگەن ئاتالغۇ بىلەن «تۈزگىچى» دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئالمىشىپ قىلىشىدىكى سەۋەنلىك تەھرىر ياكى مۇقاۋا لاھىيەلىگۈچىنىڭ  دىققەتسىزلىكىدىن بولدىمىكىن دېسەك، مۇندەرىجىدە ھەرقايسى ئەسەرلەرنىڭ ئاپتۇرى بىرىلمەپتۇ. ئىشقىلىپ، بۇ يەردە خىلى چوڭ بىر سەۋەنلىك بار.   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چىنزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-25 19:05  


ۋاقتى: 2015-8-28 17:16:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈزگۈچى بىلەن ئاپتۇر ئوتتۇرسىدىكى مەسىلىگە قەھرىمان روزى ئەرچىن بىلەن ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت ئەپەندىم چۈشىنىشلىك جاۋابنى مۇنبەرگە يولاپتۇ ، مىنىڭچە ،ئەمدىكى مەسىلە بۇنىڭدا ئەمەس ،بەلكى  كىتابنىڭ بالىلار ئۈچۈن ئاتا قىلغان بەددئىي زوقىدا ... ياسىنجاننىڭ بالىلار ئۈچۈن قەلەم تۇتقان قوللىرى تالمىغاي ...مۇبارەك بولسۇن!   

ۋاقتى: 2015-8-28 19:19:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن قوللارغا دەرىت كەلمىسۇن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش