نەمخۇش خىياللار
بۈزۆھرە تۇرۇپ سەھەر
نەمخۇش خىيال چىرمىدى مېنى،
شامال بولۇپ كېلىپ قوي بىر رەت.
تۈمەن كېچە كەشتىلەپ چىقتىم،
سەن دەسسىگەن قۇملارغا چېچەك.
بىر چەكسىزلىك يېيىلدى ماڭا،
گويا دېڭىز دەۋرەپ كەلگەندەك،
پۈتۈن دۇنيا شاھ قىلسا سېنى،
رەت قىلامسەن مېنىڭچۈن پەقەت،
سەن قەلبىمنىڭ شاھىنشاھى سەن
ئىككى دۇنيا ئەبەدىل ئەبەد.
نەمخۇش چاچلار، خىياللار نەمخۇش،
شامال بولۇپ كېلىپ قوي بىر رەت.
ھېجران پۇراپ تۇرىدۇ گۈللەر،
قات قىتىدا تۈگۈمەس بىر دەرت،
ياپراقلاردا ئۈنلەيدۇ پەريات،
كەلمىسەڭ گەر بۇ ھايات بەربات.
دېڭىز بالىسى
سېنىڭ مەنزىلىڭ مېنىڭ خۇشلۇقۇم،
ئەي، چىمەن دوپپىلىق ئۇيغۇر بالىسى.
يىگانە چايكىدەك ساھىلدا تۇرساڭ،
ئاقتىغۇ سەن تامان كۆزنىڭ قارىسى،
ھەر سەھەر پىغاندا سايرىدى تىنماي،
سەلكىنگە قوشۇلۇپ كاككۇك بالىسى.
سېنىڭ مەنزىلىڭ مېنىڭ خۇشلۇقۇم،
ئەي، چىمەن دوپپىلىق ئۇيغۇر بالىسى
سېغىنىش بۇژغۇندەك تېشىپ بېشىڭدىن،
شەلۋەرەپ كەتسىمۇ ئىشىق يارىسى،
ئۇنۇتۇپ ھەممىنى شۇڭغۇپ دېڭىزغا،
بولىۋال بىر قېتىم دېڭىز بالىسى.
2015. 8. 13