ماۋدۇن مۇكاپاتى ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى
جۇڭگو يازغۇچىلار تورى خەۋىرى:
8- ئاينىڭ 12- كۈنى 9-نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدەبىياتى مۇكاپاتىنى باھالاش ئىشخانىسى 2015-يىللىق 2- نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، بۇ يىل نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن 252 پارچە روماننى ئەستايىدىل ئوقۇش، باھالاش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەن 10 روماننىڭ تىزىملىكىنى ئاشكارلىدى. پات ئارىدا تارقىتىلىدىغان مۇكاپاتتا، بۇ 10 روماندىن بەش پارچىسى تاللىنىپ مۇكاپاتلىنىدىكەن.
ماۋدۇن مۇكاپاتى ئېلىمىزدە نادىر رومانلارغا بېرىلىدىغان ئەڭ نوپۇزلۇق مۇكاپات بولۇپ، 8- نۆۋەتلىك مۇكاپاتلاشتىن باشلاپ مۇكاپات سوممىسى 500 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن. بۇ نۆۋەتمۇ مۇكاپات سوممىسى 500 مىڭ يۈەن بولىدىكەن.
باھالىغۇچىلار، ئادىل، ئەستايىدىل باھالاش ئارقىلىق لى پېيفۇنىڭ «ھاياتلىق دەستۇرى»، گى فېينىڭ «جىياڭنەن تىرولوگىيسى»، شۈ زىچىننىڭ «ئېرۇسالىم»، لىن بەينىڭ «سەپەر خاتىرىسى»، جىن يۈچېننىڭ «چىگىش گۈل»، ۋاڭ مىڭنىڭ «بۇ جاينىڭ مەنزىرىسى»، سۇتۇڭنىڭ «سېرىق قۇشقاچ خاتىرىسى»، خۇڭ كىنىڭ «كاراب مەنزىرىسى»، فەن ۋېننىڭ «ئانا ماكان»، يەن جىننىڭ «ھاياتلىق» قاتارلىق 10 روماننى ئاخىرقى باسقۇچقا تاللاپ چىققان.
1.گى فېي-1964-يىلى تۇغۇلغان. جۇڭگو مۇدېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدارى، داڭلىق يازغۇچى.(گى فېي ھەققىدە ئايرىم ماقالە تەييارلىنىۋاتىدۇ)
2.ۋاڭ مىڭ- ئۇيغۇرلارغا ئەڭ تونۇش يازغۇچى.ئۇ ئۇيغۇرلار تېمىسىدا يازغان ئەسەرلىرى بىلەن داڭلىق. ئۇنىڭ بۇ نۆۋەت مۇكاپات نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن رومانى ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنىپ بولغان.
3.سۇتۇڭ-1963-يىلى تۇغۇلغان.ئاۋانگارت يازغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى، ئۇنىڭ «قىرغاق»، «زۇمرەت قىز» قاتارلىق رومانلىرى چەت ئەللەردىمۇ نوپۇزلۇق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.5-نۆۋەتلىك لۇشۈن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «ئەلۋىدا سەھرا قىزى»، ماۋتەي لۇڭقىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن «ئۇنىڭ ئىسمى»، ۋە يېڭى ئەسىردىكى نادىر ھېكايىلىرىدىن «تاۋۇز كېمىسى»، «نەۋرە ئاكا- ئۇكىلار» قاتارلىق ھېكايىلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇ نۆۋەت مۇكاپاتقا كۆرسىتىلگەن «سېرىق قۇشقاچ خاتىرىسى» ناملىق رومانى نەشرىياتىمىز تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە ئىشلىنىۋاتىدۇ.
4.شۈ زىچىن- 1978- يىلى تۇغۇلغان.(بۇ ھەقتە يازغۇچىلار تورىغا بىرىلگەن «جۇڭگو ئەدەبىياتىغا تاشلانغان بومبا‹ئېرۇسالىم›رومانى»دېگەن ماقالىگە قاراڭ)
5.فەن ۋېن- داڭلىق يازغۇچى.ئۇ تىبەت تېمىسىدا يېزىش بىلەن داڭلىق.فەن ۋېننىڭ «شىزاڭ تىرولوگىيسى» ناملىق 3 توملۇق رومانى جۇڭگودا قاتتىق تەسىر قوزغىغان.7نۆۋەتلىك ماۋدۇن مۇكاپاتىغا كۆرسىتىلگەن.(بۇ ھەقتە ئايرىم ماقالە تەييارلىنىۋاتىدۇ)
第九届矛盾文学奖评奖办公室公布
{2015年第2号}
李佩甫-”生命册“
格非-”江南三部曲“
林白- ”北去来辞“
徐则臣-耶路撒冷
金宇澄-繁花
王蒙-这边的风景
苏童-黄雀记
红柯- 卡拉布风景
范稳- 吾血吾土
阎真- 活着之上
(جۇڭگو يازغۇچىلار تورىدىكى خەۋەر ئاساسىدا تەرجىمە قىلىپ رەتلەندى)