كۆرۈش: 366|ئىنكاس: 4

غەيۇرانى: مەن مۇڭداشقان ئەدىب ئەخەت ھاشىم ئاكا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەن مۇڭداشقان ئەدىب ئەخەت ھاشىم ئاكا



پولات غەنىزات غەيۇرانى




  −سىز بىلەن تونۇشقىلى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 30 يىل بولۇپ قاپتۇ. بۇنىڭدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن. ئۇزاقتىن بۇيان سىزنىڭ يازغان ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇپ زور ئىلھام  ئېلىپ كېلىۋاتىمەن. سىز مېنىڭ نەزەرىمدە تونۇلغان يازغۇچى ۋە پېشقەدەم مۇھەررىر. ھېلىمۇ ئېسىمدە، 1983- يىلى شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى سىزنىڭ مەخسۇس بالىلار ئۈچۈن يازغان «باھار مايسىلىرى» ناملىق تۇنجى ھېكايىلەر توپلىمىڭىزنى نەشر قىلغانىدى. 1986- يىلى مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتى يەنە سىزنىڭ «ياۋا سادىق» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىڭىزنى نەشر قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە «يالغانچى بىلەن گۇپپاڭچى» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىڭىز نەشر قىلىندى. بۇ توپلاملاردىكى ھېكايىلەر شۇ يىللاردا كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا خېلى كۈچلۈك تەسىر قوزغىغانىدى. بۇنىڭ سەۋەبى بىرى، بۇ ھېكايىلەر تېما جەھەتتە يېڭى، مەزمۇنى مول، تۇرمۇش پۇرىقى بىرقەدەر كۈچلۈك، رەڭدار بولغانلىقى. يەنە بىرى، بۇ ھېكايىلەردە شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئارزۇ- ئىستەكلىرى، تۇرمۇشتا ۋە جەممىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان زور ئۆزگىرىشلەر، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى يېڭىچە ئىدىيە-قاراشلار، يېڭىچە مۇناسىۋەت ۋە زىددىيەتلەر ئوبرازلىق ۋە خېلى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ قارشى ئېلىشى ۋە ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولغان دەپ قارايمەن. كىشىلەرنىڭ بۇتولاملاردىكى ھېكايىلەر ھەققىدىكى تەسىراتى ۋە قىزىقىشى بۈگۈنكى كۈندىمۇ سۇسلىشىپ قالمىدى. مەسىلەن: «باھار مايسىلىرى» ناملىق توپلىمىڭىزغا كىرگۈزۈلگەن «بۇزغۇنچى»دېگەن ھېكايىڭىز ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تىل- ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتقاچقا، بالىلارنىڭ بۇ ھېكايە ھەققىدە قىلىشقان ماختاش سۆزلىرىنى خېلى كۆپ ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمەن. «ياۋا سادىق» ۋە «ئىنتىقام» قاتارلىق ھېكايىلەر ھەققىدىمۇ بەزى گېزىت-ژۇرناللاردا ھېكايىنىڭ ئۇتۇقلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ئەدەبىي ئوبزورلار ئېلان قىلىندى. قارىغاندا بۇ ھېكايىلەرنى يازغىنىڭىزغا 30 نەچچە يىلمۇ بولۇپ قاپتۇ. سىزنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە قەدەم تاشلىشىڭىزغا تۈرتكە بولغان ئاساسىي ئامىلنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، تۇنجى ئەسىرىڭىزنىڭ قاچان ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ. مۇشۇ ھەقتە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز قانداق؟
   جاۋاب: بولىدۇ، بۇ ھەقتە سۆزلەپ بەرگۈدەك ئالاھىدە ئەھۋالمۇ يوق. شۇنداق بولسىمۇ بەزى ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بېرەي. سىزمۇ بىلىسىز، ھەرقانداق ئادەمدە بالا چېغىدىلا: مەن كەلگۈسىدە مۇنداق ئادەم بولىمەن ياكى مۇنداق كەسىپنىڭ  ئەھلى بولىمەن دەيدىغان ئېنىق ۋە ئىشەنچلىك بىر نىشان بولمىسىمۇ، لېكىن ئائىلىسى ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ شۇنداقلا جەمئىيەت-مۇھىت-شارائىتنىڭ بىۋاسىتە تەسىرى ۋە تۈرتكىسىدە مەلۇم بىر خىل ئىشقا، كەسىپكە ھەۋەس-قىزىقىزش ۋە شۇ مەقسەتتە ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا ئىزدىنىش پەيدا بولىدۇ، لېكىن ھەۋەس قىلغان، قىزىققانلا ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭلا ئوڭۇشلۇق بولۇپ كېتىشى ناتايىن. مەندىكى ئەدەبىياتقا بولغان ھەۋەس-قىزىقىشنىڭ پەيدا بولۇشىغا تۈرتكە بولغان ئامىللار خېلى كۆپ. يىغىنچاقلىغاندا مۇنداق ئۈچ جەھەتتىكى ئىشلارمىكىن دەپ قارايمەن. بىرى، بالا چېغىمدىن باشلاپلا بۈگۈنكى يازما ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئانىسى بولغان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا ئىزچىل قىزىقىپ كەلگەنلىكىم ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنداق دېيىشىمدە دادام دىنىي ۋە پەننىي جەھەتتە بىلىمى خېلى چوڭقۇر، كۆپنى كۆرگەن ئۇقۇمۇشلۇق ئادەم بولغاچقا، بىزگە ھەر كۈنى دېگۈدەك چۆچەك- مەسەل ، رىۋايەتلەرنى شۇنىڭدەك يۇرتىمىزدا يېقىنقى يىللار مابەينىدە يۈز بەرگەن ھەر خىل تارىخي ۋەقەلەرنى، چوڭ-كىچىك جەڭلەر ھەققىدە ئاجايىپ قىزىقارلىق قىسسەلەرنى ئېيتىپ بېرەتتى. دېمەك دادامدىن ۋە مەھەللىمىزدىكى بوۋاي-مومايلاردىن ئاڭلىغان بۇ خىل ھېكايا-چۆچەك ۋە تارىخي ۋەقەلەر مېنى كۈچلۈك ھاياجانغا سېلىپ، مەندە بالىلارچە تەپەككۇر، ئۆي-خىياللارنى پەيدا قىلاتتى ۋە بۇ ئاڭلىغانلىرىمنى تەڭتۈش دوستلىرىمغا، ساۋاقداشلىرىمغا سۆزلەپ بېرىشكە ئالدىرايتتىم. ئىككىنچى ئامىل، مەن باشلانغۇچ مەكتەپنى ئەمدىلا تاماملاپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان 1949 - يىلىنىڭ ئاخىرى كونا ھاكىمىيەت ئاغدۇرۇلۇپ ئۆلكىمىز ئازاد بولدى. بۇ خاسىيەتلىك خۇشاللىق كۈنلەر پۈتكۈل جەمئىيەتتە ۋە كىشىلەر ئېڭىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۇزۇن ئۆتمەي سابىق  سوۋېت ئىتتىپاقىدىن رۇس ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قېرىنداش مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ شۇنىڭدەك دۇنيادىكى داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ھەر خىل تېمىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشر قىلىنىپ، تۈركۈم- تۈركۈملەپ كېلىشكە باشلىدى. مەسىلەن: پۇشكىننىڭ «كاپىتان قىزى»، لېرمۇنتوپنىڭ «زامانىمىزنىڭ قەھرىمانى»، گوگۇلنىڭ «ئۆلۈك جانلار»، «تاراس بولبا»، مىرزامۇشىپىق-كازىمنىڭ «دەھشەتلىك تېھران»، ئابدۇللا قادىرىنىڭ «ئۆتكەن كۈنلەر»، ئايبېكنىڭ «ئەلشىر نەۋائى» قاتارلىق ئونلىغان رومان- پوۋېستلار، ھېكايە توپلاملىرى كىتابخانلاردا سېتىلىپ، ياشلارنى ئۆزىگە كۈچلۈك جەلپ قىلغانىدى. ئۇسساپ چاڭقاپ كەتكەن ئادەم سۇنى كۆرگەندە ھەممىنى ئۇنتۇپ ئۆزىنى سۇغا ئاتقاندەك مەنمۇ بۇ ئەسەرلەرگە يېپىشقانىدىم. ھېلىمۇ تۈنۈگۈنكىدەكلا كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ: 50- يىللاردىكى ياشلار، بولۇپمۇ ئىستودىنتلار  دەم ئالغان يەكشەنبە كۈنلىرى باشقا ئىشنى تاشلاپ يېڭى چىققان كىتابلارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۇدۇل كىتابخانىلارغا قاراپ يۈگۈرەيتتى. مەنمۇ شۇ ياشلارنىڭ بىرى ئىدىم. شەھىرىمىزدىكى چوڭ-كىچىك كىتابخانىلار  مىغ-مىغ ئادەم بىلەن تولۇپ كېتەتتى. دېمەك مۇشۇنداق مۇھىت ۋە مۇشۇنداق كىتابلارنى كۆپ ئوقۇش مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىغا مېڭىشىمدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ھەممىدىن مۇھىمى ئۈچىنچى ئامىل، تەقدىر ماڭا ئاسان قولغا كەلمەيدىغان ئاجايىپ ياخشى پۇرسەتلەرنى ئاتا قىلغانىدى. مەسىلەن: 1952- يىلى (تېخى خىزمەتكە چىقمىغان، بيورو كادىرلار مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا) مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بىر قىسىم ئوقۇغۇچى ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەملىكەت بويىچە قانات يايدۇرۇلغان «بەشكە قارشى ھەرىكەت»كە ئۈچ ئاي قاتناشتۇق. بۇ كاپىتالىست ۋە خۇسۇسىي سودا-سانائەتچىلەرنىڭ باج ئوغرىلاش، ماتېرىيال ئوغرىلاش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەرگە زەربە بىرىشنى مەقسەت قىلغان مۇھىم ھەرىكەت ئىدى. 1952- يىلى 9- ئايدا ئوقۇشنى تاماملاپ سابىق جۇڭگو كوممۇنىستىك  پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ شۆبە بيروسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش باشقارمىسىغا ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن يەنى 1953- يىلى 1- ئايدىن  6- ئايغىچە پىچان ناھىيەسىنىڭ تۇيۇق رايونىدا بىر قارار يەر ئىسلاھاتى خىزمىتىگە قاتناشتىم. يەنە شۇ يىلى 7- ئايدا خىزمەت تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ، تەكلىماكان قۇملۇقى ئىچىگە جايلاشقان چەرچەن ناھىيىسىگە باردىم. ئۇ چاغلاردا بۇ ناھىيەگە تېخى ماشىنا قاتنىيالمايتتى. شۇڭا كورلىدىن ھارۋا كىرا قىلىپ 18 كۈندە چاقىلىق ناھىيەسىگە يىتىپ باردۇق. ئۇنىڭ نېرىسىغا ئېشەك كىرا قىلىپ 28 كۈندە چەرچەن ناھىيەسىگە يېتىپ بارغانىدۇق. (بۇنىڭ سەۋەبى بۇ 7- ئاينىڭ تازا ئىسسىق تومۇز كۈنلىرى بولغاچقا كۈندۈزى ئاتلار ئىسسىققا چىدىمايتتى. شۇڭا كېچىسى ھاۋا سالقىن چاغدا يول يۈرۈپ كۈندۈزى دەم ئالاتتۇق). بۇ ھاياتىمدىكى ئەھمىيەتلىك بىر قېتىملىق ئۇنتۇلماس سەپەر بولغانىدى. 1956- يىلى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئايرىم  ناھىيە ۋە يېزىلىرىدا بەزى يامان نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ كۈشكۈرتىشى  بىلەن كوپىراتسىيەلىشىشكە قارشى تۇرۇش شامىلى چىقىپ، ئەمدىلا قۇرۇلۇپ مۇستەھكەملىنىۋاتقان كوپىراتىپلارنى تارقىتىۋېتىش، كوللېكتىپنىڭ ئات- ئۇلاغ، قۇرال- سايمانلىرىنى بۇلاپ-تالاشتەك قانۇنسىز ۋەقەلەر يۈز بەردى. بۇ ئىش تۈپەيلى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قارار قىلىشى بىلەن شىنجاڭنىڭ كەڭ يېزا-قىشلاقلىرىدا كوپىراتىپلارنى مۇستەھكەملەش-تەرتىپكە سېلىش، ئاشلىقنى بىرتۇتاش سېتىۋېلىپ- بىرتۇتاش تەمىنلەش قاتارلىق مۇھىم ئىشلار نۇقتا قىلىنغان بىر قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك تەربىيا ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلدى. ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ئىدارە-ئورگانلاردىن ئون مىڭدەك كادىر ئاجرىتىلىپ، خىزمەت ئەترىتى تەشكىل قىلىنغاندىن كېيىن يېزىلارغا ئەۋەتىلدى. شۇ قاتاردا مەنمۇ كۇچا ناھىيەسىنىڭ خانىقتام رايونىغا قاراشلىق ئەڭ يىراق تارىم يېزىسىغا تەقسىم قىلىنىپ، تارىم، يېڭىيەر قاتارلىق يېزىلاردا تولۇق بىر يىل ئىشلەپ كەلدىم. سىزگە بۇ ئۇزۇن گەپلەرنى دېيىشىمدىكى سەۋەب، يۇقىرىقىدەك مۇھىم ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرگە ئۇزاق مۇددەت قاتنىشىش- ماڭا ئەمەلىيەت ئارقىلىق چېنىقىش، كېيىنقى ۋاقىتلاردا ئەدەبىي ئىجادىيىتىم ئۈچۈن تۈگىمەس- پۈتمەس ماتېرىيال ۋە تۇرمۇش بىلىملىرىنى ئۆگىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. كېسىپ ئېيتالايمەنكى، مۇنداق ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىش نەزەر دائىرەمنى كېڭەيتتى شۇنداقلا تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقان بۇ قۇملۇق، توغراقلىق، ھەيۋەتلىك تارىم دەرياسى ساھىللىرىدىكى ئاجايىپ گۈزەل مۇھىت، تەبىئىي مەنزىرىلەر، ئاسمىنى كەڭ تارىم يېزىسى ۋە بۇ خىلۋەت ماكاندا ئىپتىدائىي ھالەتتە ياشاۋاتقان  ئاق كۆڭۈل، ساددا دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئۆزگىچە تۇرمۇش-ئادەتلىرى قەلبىمنى كۈچلۈك لەرزىگە سېلىپلا قالماي، بەلكى ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغىللىنىش ئىرادەمنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ئارزۇ-ھەۋەسلىرىمنى قاناتلاندۇرۇپ، ماڭا مىسلى كۆرۈلمىگەن كۈچ-قۇۋەت، تۈگىمەس- پۈتمەس ئىلھام ئاتا قىلغانىدى. شۇڭا ھەم خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ ھەم مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كەلگۈسى ئىجادىيىتىم ئۈچۈن مول ماتېرىيال توپلاشقا كىرىشكەنىدىم. قىسقىسى، يېزىغا يىتىپ كەلگە كۈنىدىن باشلاپلا ماڭا تەسىر قىلغان ئىشلار، كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىم ھەققىدە كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ ماڭدىم. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر چۆچەك، مەسەل، ماقال-تەمسىل، قوشاق قاتارلىقلارنى، ھەتتا دېھقانلارنىڭ چىرايلىق، ئوبرازلىق ئوخشىتىشلىرى، ئىخچام دېئالوگلىرى، مەن ئاڭلاپ باقمىغان يەرلىك شىۋە ۋە يېڭى سۆز-ئاتالغۇلار بولامدۇ ھەممىنى توپلام خاتىرىلەپ ماڭدىم. بۇ ماتېرىياللارنىڭ كېيىنكى يېزىقچىلىقىمدا پايدىسى ناھايىتى كۆپ بولدى. دەرۋەقە مەن يېزىشنى خېلى بۇرۇن باشلىغان بولساممۇ، لېكىن ئېلان قىلغانلىرىم ناھايىتى ئاز بولدى. 1955-يىلىنىڭ بېشىدا خىزمەت تەكشۈرۈش مۇناسىۋىتى بىلەن بىزبىر گۇرۇپپا ئادەم ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاپتوموبىل رېمونت زاۋۇتىغا باردۇق. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن بىر تاتار ئىشچى زاۋۇت بويىچە ئېچىلغان چوڭ يىغىندا بىر يۈرۈش كىيىم-كېچەك، پۇل ۋە تەقدىرنامىلەر بىلەن داغدۇغىلىق مۇكاپاتلاندى. سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ يېقىندا زاۋۇتتا تاسادىبىي يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە باتۇرلۇق كۆرسىتىپ ئوتنى ئۆچۈرۈۋالغانلىقى، زاۋۇتنى چوڭ زىياندىن ساقلاپ قالغانلىقىنى بىلدىم. ئۇنىڭ ئىشلىرىدىن تەسىرلىنىپ«ئوت» ناملىق بىر پارچە ئوچىرىكنى يېزىپ «شىنجاڭ گېزىتى» گە ئەۋەتىپ بەردىم. ئويلىمىغاندا بۇ تۇنجى ئەسىرىم 1955-يىلى 1- ماي كۈنى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئەدەبىيات بىتىدە ئېلان قىلىندى. خوشاللىقتىن بېشىم ئاسمانغا يەتكەندەك بولدى. 1957- يىلى تارىم يېزىسىدا ئىشلەۋاتقاندا ئاق كۆڭۈل دېھقانلارنى ئالداپ ئاشلىق بېسىمدارلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ يۈرگەن بىر ئالدامچىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى پاش قىلىنغان«نامەلۇم كىشى» ناملىق بىر ھېكايىنى يېزىپ ئۇنىمۇ «شىنجاڭ گېزىتى»گە ئەۋەتكەنىدىم. ئۇزاق ئۆتەمەي بۇ ھېكايىمۇ شۇ ۋاقىتتىكى «شىنجاڭ دېھقانلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلندى. بۇلار مېنىڭ تۇنجى ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىم بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن «ئىنتىقام»، «ياۋا سادىق» قاتارلىق بىرنەچچە پارچە ھېكايە ۋە «تارىم دەرياسى بويىدا» ناملىق روماننىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى يېزىشنى باشلىدىم. يېزىدا خىزمەت ئالدىراش، ئۇنىڭ ئۈستىگە يازغانلىرىم تېخى تولۇق پىشىپ كەتمىگەچكە خىزمەتنى تۈگىتىپ ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن ئالدىرىماي داۋاملىق ئىشلەيمەنغۇ دېگەن ئوي بىلەن مەتبۇئات ئورۇنلىرىغا ئەسەر ئەۋەتمىدىم، ئەمما يېزىشنى توختاتمىدىم.
   −ئۇنداقتا، خىزمەتنى تاماملاپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خېلى كۆپ ئەسەر ئېلان قىلغانسىز-ھە؟
  جاۋاب: نەدىمۇ ئەسەر ئېلان قىلغىلى بولسۇن؟ يېزىدىكى خىزمەتنى غەلىبىلىك تاماملاپ 1958- يىلى 5- ئايدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدۇق. يولدا كەلگىچە ئۆزۈمچە: خېلى كۆپ ئەسەرنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى يېزىپمۇ ئۈلگۈردۈم. ئەمدى ئاستا-ئاستا تۈزىتىدىغان يەرلىرىنى تۈزىتىپ، تەييار بولغانلىرىنى بىر چەتتىن گېزىت-ژۇرناللارغا بەرگىلى تۇرسام، ئەسەرلىرىم كەينى-كەينىدىن ئامما بىلەن يۈز كۆرىشىدىغان بولدى، دېگەندەك تاتلىق خىياللار بىلەن قالتىس خۇش بولۇپ كەتكەنىدىم، لېكىن «ئۆيدىكى پىلان بازارغا توغرا كەلمەپتۇ» دېگەندەك ئۈرۈمچىگە كېلىپلا باشقا بىر مەنزىرىنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ بولۇپ قالدىم، ئىدارىلاردا خىزمەت ئاساسەن توختاپتۇ، كادىرلارنىڭ ھەممىسى سېستىمىلار بويىچە، پارتىيە ئىستىلىنى تۈزىتىش، ئوڭچى-يەرلىك مىللەتچىلەرگە قارشى تۇرۇش كۆرۈشىگە ئاتلىنىپتۇ. ئۆگىنىش قىلىنىدىغان ئورۇننىڭ ئىچى-سىرتى «ئوڭچى»، «يەرلىك مىللەتچى» لەرنىڭ خاتا سۆز-جىنايەتلىرى پاش قىلىنغان چوڭ خەتلىك گېزىتلەر بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ. يېزىدىكى خىزمەتنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەنلەرمۇ ئىككى-ئۈچ كۈن دەم ئالغاندىن كېيىنلا ئۆگىنىشكە قاتنىشىپ كەتتى. كۈن بويى دەبدەبىلىك شوئارلار ئاستىدا تارتىپ چىقىرىلغان«ئوڭچى»، «يەرلىك مىللەتچىلەر» كۈرەش قىلىناتتى. «شىنجاڭ گېزىتى» دىن تارتىپ ھەممە گېزىت-ژۇرناللاردا ئاشۇلارغا قارشى تۇرۇش، كۈرەشنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇش مەزمۇن قىلىنغان ماقالە- ئوبزورلاردىن باشقا نەرسە يوق ئىدى. مەن بىر مەزگىل كۈرەش يىغىنلىرىغا قاتناشقاندىن كېيىن بولۇۋاتقان بۇ غەلىتى ئىشلار كاللامدىن ئانچە ئۆتمەي ئۆز كۆز قارىشىم ۋە چۈشەنچەم بويىچە بەزى گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ يۈرۈپتىمەن. مەسىلەن، كۈرەش قىلىنىۋاتقانلارنىڭ بەزى سۆزلىرىنى «ئۇلارنىڭ دېگەنلىرى خاتا ئەمەسقۇ، ئەمەلىيەتتىمۇ ئەھۋال شۇنداققۇ» دەپ يۈرۈپتىمەن. بەزى خىزمەتداشلىرىم مېنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئۇنداق گەپلەرنى ھەرگىز قىلما، ھازىر ۋەزىيەت بەكمۇ نازۇك، دىققەت قىلمىساڭ ساڭىمۇ ئوت تۇتۇشۇپ كېتىدۇ...» دېدى. لېكىن مەن پەرۋا قىلماي: «راستنى راست-يالغاننى يالغان دېيىش كېرەكقۇ، كىم نېمىنى پاش قىلسا سۈرۈشتۈرۈپ باقماي، راست-يالغىنىنى تەكشۈرۈپ  ئېنىقلاپ باقمايلا كۈرەش قىلىۋەرسە قانداق بولىدۇ؟ بۇنداق قىلىش سىياسەتكە ئۇيغۇن ئەمەسقۇ!» دەپ ئۆز پىكرىمدە چىڭ تۇرۇپتىمەن. ئۇزاق ئۆتمەي راستلا ماڭىمۇ ئوت تۇتاشتى. مېنى «ئوڭچى- يەرلىك مىللەتچىلەرگە يان باسقان ئۇنسۇر» دەپ تارتىپ چىقتى ۋە مەسىلە تاپشۇرۇشۇمنى بۇيرۇق قىلدى. مەن يەنىلا ئۆز پىكرىمدە چىڭ تۇرۇپ نېمە دېگەن بولسام نېمىنى ئويلىغان بولسام ھەممىنى ئەينەن يېزىپ چىقىپ چوڭ يىغىندا كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئوتتۇرىغا قويدۇم. لېكىن ئۇ يالغان گەپلەر بازار تېپىپ، راست گەپ ئاقمايدىغان  بولۇپ قالغان چاغلار ئىدى. شۇنداق قىلىپ بىر يىلغا سوزۇلغان بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاخىرىدا ئىدارىمىزدىكى خېلى كۆپ ئادەملەرگە ۋە ماڭىمۇ چارە كۆرۈلدى. پارتىيەدىن چىقىرىلدىم. «ئوڭچى، يەرلىك مىللەتچى» دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلگەندىن كېيىن 1959- يىلىنىڭ بېشىدا بىرنەچچىمىزنى فۇكاڭ ناھىيىسىنىڭ گەنگېزى دېگەن يېرىدە يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان «تيەنلۇڭ پولات زاۋۇتى» غا نازارەت ئاستىدا ئەمگەك قىلىشقا چۈشۈردى. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن ماڭا ئوخشاش جازالىنىپ ئەمگەككە چۈشۈرۈلگەنلەر خېلى كۆپكەن. مەن شۇلاردىن تەشكىل قىلىنغان بىر ئەتىرەتنىڭ تەركىبىدە نازارەت ئاستىدا ئەمگەك قىلىشقا باشلىدىم. ئادەتتىكى ئىشچىلار كۈنىگە سەككىز سائەت ئىشلەپ ھەپتىدە بىر كۈن دەم ئالسا، بىر كۈندە ئون سائەت ئىشلەپ 15 كۈندە بىر كۈن دەم ئالاتتۇق. بۇ يىللاردا «پولات تاۋلاش»، «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش»، «ئوڭچىل ئەنزە ئاغدۇرۇش شامىلىغا قارشى تۇرۇش» دېگەندەك سىياسىي ھەرىكەتلەر كەينى-كەينىدىن توختىماي بولۇپ تۇردى. جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى بېسىم ناھايىتى ئېغىر، بارلىق سىياسىي ھوقۇقۇمدىن مەھرۇم قىلىنغان بولساممۇ قايغۇ-ھەسىرەتكە چۆكۈپ ئۆزۈمنى ھەرگىز يوقۇتۇپ قويمىدىم. مەن :«ئىشلار ھەرگىز مۇنداق كېتىۋەرمەيدۇ، ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ بولسا، ئون بەشى يورۇق. شۇۋاقىتتا ھەق-ناھەق ھامان ئايرىلىدۇ، سول سىياسەتنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلار چوقۇم ئاقلىنىدۇ، دېگەن ئۈمىد ۋە قاتئى ئىشەنچ بىلەن ئۆز ئىشىمنى قىلىپ يۈرۈۋەردىم. ئازغىنە بوش ۋاقتىم چىقسا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندىم. يېڭى-يېڭى ھېكايىلەرنى يازدىم.  يېزىدا ئاساسىنى تىكلىۋالغان ھېلىقى رومانىمنى قايتا-قايتا تۈزىتىپ تېخىمۇ پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن تاشقىرى، بۇ زاۋۇتقا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدىن يېڭىدىن ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىنىپ كەلگەن دېھقان ياشلىرىنىڭ زاۋۇتقا كەلگەندىن كېيىنكى ئىدىيە ئەھۋالى ۋە تۇرمۇشىدىكى  يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى، ئۇلارنىڭ قانداق قىلىپ يېڭى بىر ئەۋلاد سانائەت ئىشچىلىرىدىن بولۇپ يىتىشىپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىش مەقسىتىدە قەشقەرنىڭ چەت بىر يېزىسىدا تۇغۇلۇپ، كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئىككى يىگىتنىڭ زاۋۇتقا كەلگەندىن كېيىنكى ئوخشىمىغان كەچۈرمىشلىرىنى قىزىقارلىق بايان قىلىپ بېرىدىغان «ئىككى دوست»دېگەن بىر پوۋېستنىمۇ يېزىپ تاماملىدىم. مەن زەربىگە ئۇچرىغان بۇ يىللاردا تېخى 22 ياش، سالامەتلىكىم ئىنتايىن ياخشى، غەيرەت-شىجائىتىم ئۇرغۇپ تۇرىدىغان چاغلىرىم بولغاچقا، ئون سائەتلىك ئېغىر ئەمگەك قىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە ھەر كۈنى ئاخشىمى يېرىم كېچىگىچە يېزىقچىلىق قىلاتتىم. ياتاقداشلىرىمنىڭ ئۇيقىسىغا دەخلى يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ لامپۇچكىنى ياندۇرماي، بازاردىن شام ئەكىرىپ  قويۇپ، شامنىڭ يۇرۇقىدا يازدىم. شۇ چاغدا ياتاقداشلىرىمدىن سېيىتجان سېتىشوۋ، تالانتلىق ياش قازاق شائىرى توقتارقان جېكبايوۋلار مېنىڭ بۇ ئىشىمدىن تەسىرلىنىپ:«سەن ھەقىقەتەن يارايدىكەنسەن، بېسىپ ئولتۇرالايدىكەنسەن. بولدى، بىزمۇ بۇندىن كېيىن يوقىلاڭ خىياللارنى قىلىپ ئالتۇندەك ۋاقتىمىزنى ئىسراپ قىلىۋەتمەي، ساڭا ئوخشاش قولىمىزغا قەلەم ئالمىساق بولمىدى...» دېيىشىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغانىدى.
−سىز تازىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىۋالىدىغان قىران  چاغلىرىڭىزدا، شۇنچە ئېغىر دەرت ئەلەم، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپتىكەنسىز، شۇنداق قىلىپ ئۇ زاۋۇتتا نەچچە يىل ئىشلىدىڭىز، ئاخىرى قاچان قايتىپ كەلدىڭىز؟
جاۋاب: 1959- يىلىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا 1962-يىلى 10- ئايغىچە جەمئى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ئىشلىدىم. 1961-يىلى كۈزدە ئاممىنىڭ پىكرى، باھالىشى، زاۋۇت پارتىكومىنىڭ قوشۇلۇشى ۋە يۇقىرىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بىرىنچى بولۇپ مېنىڭ «ئوڭچى- يەرلىك مىللەتچى» دېگەن قالپىقىم ئېلىپ تاشلاندى. شۇنداق قىلىپ 1962- يىلى 10- ئايدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ «شىنجاڭ ياشلىرى» نەشرىياتىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەشكا باشلىدىم.
−قالپىقىڭىز ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن مەتبەئە ھوقۇقىڭىز ئەسلىگە كەلگەندۇ، ئەسەرلىرىڭىز ئېلان قىلىندىمۇ؟
جاۋاب: سىز دېگەندەك قائىدە بويىچە قالپاق ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن بەتبۇئات ھوقۇقۇم ئەلۋەتتە ئەسلىگە كېلىشى كېرەك ئىدى. ئەكسىچە ئۇنداق بولمىدى. چۈنكى، قالپاقنى ئېلىپ تاشلاش-ھەرگىزمۇ ھەممە ئىشنىڭ ھەل بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن. نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيسىز دېسىڭىز، مەن «شىنجاڭ ياشلىرى نەشرىياتى» غا كېلىپ ئىشقا چۈشۈپ بىرنەچچە ئايدىن كېيىن بىر ئىشقا يولۇقتۇم. مەن نەشرىياتقا كېلىشتىن سەل ئىلگىرى شۇ چاغدا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا زور داغدۇغا قوزغىغان داڭلىق رومان «قىزىل قىيا» رومانىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرۇپتىكەن. بىر كۈنى نەشرىيات باشلىقى مېنى چاقىرىپ: «سىزگە مۇھىم بىر ئىشنى تاپشۇرماقچى بولىۋاتىمىز. «قىزىل قىيا» رومانىنىڭ ئۇيغۇرچىسى ھازىر زاۋۇتتا جىددىي تۈپلىنىۋاتىدۇ. كىتاب تارقىلىشتىن ئىلگىرى تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن بىز ئويلىشىپ تۈپلىنىپ بولغان روماندىن ئون نەچچە نۇسقا ئالدۇرۇپ كەلدۇق. سىز بۇ روماننى ئېلىپ ئاپتوبۇس رېمونت زاۋۇتىغا بارىسىز. زاۋۇت تەشۋىقات بۆلۈمىدىكىلەر ئون نەچچە ئىشچى-خىزمەتچىنى تەشكىللەپ بېرىدۇ. بۇ روماننى ئۇلارغا تارقىتىپ بېرىپ قايتىپ كېلىسىز. ئۇلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بىزگە خەۋەر قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن سىز زاۋۇتقا يەنە بېرىپ ئۇلار بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئاچىسىز. ئاساسىي مەقسەت ئىشچىلارنىڭ روماننى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىنكى تەسىراتى ۋە قاراشلىرى ئاساسىدا چوڭراق بىر پارچە ماقالە يېزىپ چىقىسىز. بۇ ماقالە «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھەم ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتى قوزغىلىدۇ ھەم كىتابنىڭ سېتىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ» دېدى. مەن بۇ ۋەزىپىنى خۇشاللىق بىلەن تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن  پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ، باشلىقىمىزنىڭ تەلىپى بويىچە ئوبدان ماقالىدىن بىرنى ۋاقتىدا يېزىپ پۈتتۈرۈپ تاپشۇرۇپ بەردىم، ئىككى كۈندىن كېيىن باشلىقىمىز يەنە مېنى چاقىرىپ:«ماقالە ناھايىتى ياخشى يېزىلىپتۇ، گېزىتخانىدىكىلەر بۇ ماقالىنى كۆرۈپ ماختاپتۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ بىر تەكلىپى بار ئىكەن، يەنى ماقالىدىكى ئىسمىڭىزنى ئېلىۋېتىپ كوللېكتىپنىڭ نامىدا ياكى نەشرىياتنىڭ نامىدا ئېلان قىلساق تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولاتتى، ئاپتور بىلەن مەسلىھەتلىشىپ باقساڭلار دەپتۇ. ماقالىنى سىز يازغان تۇرسىڭىز ئىسمىڭىزنى ئېلىۋەتسەك قانداق بولار؟» دېدى باشلىق تولىمۇ ئوڭايسىزلانغان تەلەپپۇزدا ماڭا مەسلىھەت سېلىپ. مەن قىلچە ئىككىلەنمەيلا پىكرىمنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتىم. شۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ ئىسمىمنىڭ ئورنىغا «شىنجاڭ ياشلىرى نەشرىياتى يېنىدىكى مۇخبىرلار پونكىتى» دەپ ماقالە گېزىتتە ئېلان قىلىندى. مەن ئەسلىدىمۇ شۇ كۈنلەردە ئىسمىمنىڭ گېزىتتە ئېلان قىلىنىشىغا ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيتتىم، مەقسىتىم مەتبەئە ھۇقۇقۇمنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىمۇ يوق شۇنى بىلمەكچى ئىدىم، شۇڭا قەستەن ماقالىنىڭ ئاستىغا ئىسمىمنى يېزىپ قويغانىدىم. كېيىن ئۇقسام گېزىتخانىدىكىلەر مېنى سۈرۈشتۈرۈپ  ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، ئىسمىمنىڭ گېزىتكە         چىقىپ كېتىشىدىن قورققان ئىكەن.  پەرىزىمنىڭ توغرىلىقىنى بىلدىمكى، قالپاق ئېلىپ تاشلانغان بىلەن مەتبەئە ھوقۇقۇمنىڭ ئالدىراپ ئەسلىگە كەلمەيدىغانلىقىنى  ئېنىق ھېس قىلدىم. سىزگە ھازىر بۇ ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىۋېتىپ بىر چاغدا بىر خەنزۇچە ژۇرنالدىن  بىرسىنىڭ مەخسۇس «قالپاق» ھەققىدە يازغان بىر ماقالىسىنى ئوقۇغانىدىم، شۇ ماقالە ئىسىمگە كىلىپ قالدى. بۇ ماقالە ناھايىتى يۇمۇرلۇق يېزىلغان ئىكەن. مەزمۇنىنى سىزگە ئېيتىپ بېرەي ئاڭلاپ قويۇڭ. ئىلگىرى <ئوڭچى> دېگەن قالپاق كەيدۈرۈلگەن بىر يىگىت بىر دوستىغا ئاچچىق كۈلۈپ تۇرۇپ:«مەن قالپاق كىيگەندە كىشىلەرمېنى <ئوڭچى> دېيىشتى. قالپاقنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن بولسا <قالپىقى ئېلىۋېتىلگەن ئوڭچى> دېيىشتى؛ ھەق-ناھەق ئايرىلغاندىن كېيىن <خاتا ئيرىلغان ئوڭچى> دېيىشتى؛ ئاقلىنىپ نامىم ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن يەنە <ئۆزگەرگەن ئوڭچى> دېيىشتى؛ ئەھۋالغا قارىغاندا «ئوڭچى»دېگەن بۇ قالپاقتىن ئۆمۈر بويى قۇتۇلالمايدىغان ئوخشايمەن، ناۋادا مۇشۇ كۈنلەردە ۋاپات بولۇپ كېتىدىغان بولسام تەزىيە سۆزىنى سۆزلىگۈچى كىشى چوقۇم يەنە مېنى <سابىق ئوڭچى> دەيدىغان ئوخشايدۇ... » دەپتىكەن. دەرۋەقە بۇ ئاچچىق مەسخىرە، يۇمۇرلۇق سۆز بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە شۇ دەۋردە ئەھۋال مۇشۇنداق ئىدى. بىر كىشى بىر قالپاقنى كىيىپ قالدىمۇ بولدى، مەڭگۈ قەد كۆتۈرەلمەيتتى، بۇ قالپاق ئۇنىڭغا كۆلەڭگۈدەك ئەگىشىۋېلىپ ئۇنىڭدىن ئۆمۈرۈۋايەت ئايرىلمايتتى. خۇددى چۆچەك-رىۋايەتلەردە تەسۋىرلەنگەن ھېلىقى رودوپايدەك ئۇنىڭغا مەھكەم چاپلاشقىنى چاپلاشقانىدى، ھەتتا بالىسىدىن بالىسىغا مىراس بولۇپمۇ قالاتتى. ئىشەنسىڭىز، مەن مۇشۇ كۈنلەردىمۇ دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە يوق  پەقەت بىزدىلا بار بۇ «قالپاق كىيدۈرۈش» ئۇسۇلىنى قايسى «ئەقىللىق تالانت گىسى» ئىجاد قىلغان بولغىيدى دەپ ئويلاپ قالىمەن. كۈلمەڭ، چۈنكى كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان بۇ ئاجايىپ قالپاق كىيدۈرۈلگەنلەرگە ھۆكۈم ئېلان قىلىنمىسىمۇ ئۇلارنىڭ ھۆكۈم ئېلان قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن قىلچە پەرقى بولمايدىكەن. تۈرمىگە قامالمىسىمۇ تەبىئىي ھالدا ئامما بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلىدىكەن... دېمەك بۇ ئىشلارغا يولۇققاندىن كېيىن مەن باشقىلارغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن بۇ يىللاردا يېزىشنى توختاتمىغان بولساممۇ «قالپاق ئېلىپ تاشلاندىغۇ» دەپ گېزىت-ژۇرناللار ئالدىراپ ئەسەر ئەۋەتىپ يۈرمىدىم.
−سىزدىن بىرنەرسىنى سوراپ باقاي، شۇ يىللاردا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدىغان بىردىن بىر نوپۇزلۇق ئەدەبىي ژۇرنال «شىنجاڭ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1963- يىلقى 4- سانىدا سىزنىڭ «ئىنتىقام» ناملىق بىر ھېكايىڭىز ئېلان قىلىنىپتىكەنغۇ، بۇ قانداق ئىش؟
جاۋاب؛ توغرا. ئېلان قىلىنغان. بۇنى بىر تاسادىپىلىق دەپ قارايمەن، نېمە ئۈچۈن مۇنداق دەيسىز دېسىڭىز، بىر كۈنى تەھرىر بۆلۈمىدىكىلەر جىمجىت ئولتۇرۇپ ئىشلەۋاتاتتۇق، ئىشخانىمىزنىڭ ئىشىكى يېنىك چىكىلىپ «شىنجاڭ ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان ئېگىز بويلۇق، بەستلىك كەلگەن ئەرشدىن تاتلىق ئەپەندى «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ كىرىپ كەلدى. ئۇ كىشى كۆزگە كۆرۈنگەن شائىر ۋە يازغۇچى شۇنداقلا ياش جەھەتتە بىزدىن چوڭ بولغاچقا ھەممىمىز تەڭلا ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدۇق. ئەرشىدىن ئاكا بىز بىلەن تىنچلىق-ئامانلىق سوراپ بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن:
−ھازىر ھېكايە يازىدىغانلار بەك ئازلاپ كېتىۋاتامدۇ-قانداق؟ ژۇرنىلىمىزغا بەرگىدەك ھېكايە تاپالماي تەس كۈنگە قالدۇق، سىلەردە بەلكىم توپلام ئىشلەيمىز دەپ يىغىپ قويغان ھېكايىلەر باردۇ، بىر نەچچىنى بەرگەن بولساڭلار، ئېلىپ كېتىپ ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىپ تۇرايلىمىكىن دەپ كېلىشىم،-دېدى. شۇ ئەسنادا مېنىڭ كەينىمدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ ئىشلەيدىغان ۋە مېنىڭ ھېكايە يېزىپ يۈرگەنلىكىمنى ئوبدان بىلىدىغان خىزمەتدىشىم سولتان ياسىن:
−ئەرشىدىن ئاكا، سىز تۆگە مىنىۋېلىپ تۆگە ئىزدىگەندەك ئىش قىلىپ يۈرۈپسىز. مەن سىزگە تۈگىمەس ھېكايە بار يەرنى كۆرسىتىپ قوياي. ماۋۇ خىزمەتدىشىمىز ئەخەتنى چىڭ تۇتسىڭىز ھېكايە دېگەندىن غەم قىلمايسىز،-دەپ چاقچاق قىلدى. ئەرشىدىن ئاكا ئىتتىك ماڭا بۇرۇلۇپ:
−شۇنداقمۇ، ئۇنداق بولسا تېخى ياخشى، يېزىپ قويغان ھېكايىلىرىڭىز بولسا بېرىڭ ئۇكام ئالغاچ كېتەي،-دېدى. شۇنداق قىلىپ مەن شۇ كۈنى ئەرشىدىن ئاكا چىڭ تۇرۇۋالغانلىقى ئۈچۈن ئىلاجىسىز تارتمامدىن ئۈچ پارچە ھېكايىنى ئېلىپ:
−مەشق تەرىقىسىدە خېلى بۇرۇن يېزىپ قويغان ھېكايىلەر ئىدى، سولتان ياسىننىڭ چاقچاق گېپى ئىش تېرىدى. سىلەرگە يارامدۇ-يارىمامدۇ بىلمەيمەن. ھەر ھالدا كۆرۈپ باقارسىلەر، ئېلان قىلىنمىغان تەقدىردىمۇ يېتەرسىزلىكلىرى ئۈستىدە پىكىر بەرسەڭلارمۇ ناھايىتى خۇشال بولىمەن،-دەپ تۇتقۇزۇپ قويدۇم، بىر ھەپتىدىن كېيىن ئەرشىدىن ئاكا ماڭا ئۇشتۇمتۇت تېلېفون بىرىپ:
−«ئىنتىقام» ناملىق ھېكايىڭىزنى ھېچقانچە قەلەم تەككۈزمەيلا 4- سانغا بېرىۋەتتۇق، زاۋۇتقا كېتىپ بولدى. قالغان ئىككى ھېكايىڭىزنىڭ بىرىنى «شىنجاڭ گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلىمىدىن كەلگەن بىر بۇرادەر بىزگە بېرىڭلار دەپ تالىشىپ ئېلىپ كېتىپ قالدى. يەنە بىر ھېكايىڭىزنى ئەندى كۆرىمىز، خەۋەردار بولۇپ قېلىڭ،-دېدى. ئىككى ھەپتىلەردىن كېيىن گېزىتخانىدا ئىشلەيدىغان تەرجىمان ئاغىينەم ئۆمەر توختى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ ئېيتىپ بىرىشىچە گېزىتخانىغا ئېلىپ كەتكەن ھېكايەمنى  گېزىتكە بەرمەكچى بولۇپ تەييارلىغا ئىكەن، ھەتتا تىزىلىپ بولۇپ كوررېكتور نۇسخىسى كەلگەندە مەلۇم بىر تەھرىر :«بۇ ھېكايىنىڭ ئاپتورى ئىلگىرى قالپاق كىيگەن ئادەم، ئويلىشىپراق ئىش قىلىڭلار» دەپ قويغان ئىكەن. تەھرىر بۆلۈم باشلىقى قورقۇپ كېتىپ:«بولدى، كاللىمۇ يېمەيلى، چىشنىمۇ چاقمايلى» دەپ دەرھال مېنىڭ ھېكايەمنى قالدۇرۇۋېتىپ ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر تەرجىمە ھېكايىنى  سەپلەپتۇدەك. شۇنىڭدىن كېيىن مەن «شىنجاڭ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدىكىلەر مېنى ئانچە بىلىپ كەتمىگەچكە «ئىنتىقام» ناملىق ھېكايەمنى  ژۇرنالدا ئېلان قىلىۋەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم ھەم ھازىرچە ئۇلارغا ھېكايە بەرمەي، تۇرغان بولسام بوپتىكەن. ھەممە ئادەم ئاران تۇرغاندا ئۇلارغا بىرەر ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرەمدىمەن-قانداق دەپ ئەنسىرەپ قالدىم. لېكىن بىر مەزگىل كۆزىتىپ باقتىم ھېچقانداق بىر ئىش چىقمىدى. ئۇلارمۇ يەنە ھېكايە بارمۇ دەپ كەلمىدى، كۆرىۋاتىمىز دېگەن ھېكايەممۇ جىمىپ كەتتى. بەلكىم يەنە مۇنداقمۇ سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن: 1962- يىللاردىن كېيىن ۋەزىيەت بىر مەزگىل سەل ياخشى بولغاندەك بولسىمۇ، ئۇزاق ئۆتمەي تەبىئىي ئاپەت ۋە سۈنئى ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن مەملىكىتىمىزدە ئاچارچىلىق يۈز بەردى. «پولات تاۋلاش»، «چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش»، «ئوڭچىل ئەنزە ئاغدۇرۇش شامىلىغا قارشى تۇرۇش» يېزىلاردا بولسا «تۆتنى ئېنىقلاش» «سوتسىيالىستىك تەربىيە ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش» دېگەندەك سىياسىي ھەرىكەتلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇردى. ۋەزىيەت بارغانسېرى ئوساللىشىپ 1966- يىلىغا كەلگەندە ئاپەت خاراكتېرلىك «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» باشلىنىپ كەتتى. ئەمدى ئىلىم-پەن، مائارىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت، ھېكايە- رومان دېگەنلەردىن گەپ ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتالمىش بۇرژۇئازىيىنىڭ نەرسىلىرىگە ئايلىنىپ كەتكەنىدى. ئىدارە-جەمئىيەت، زاۋۇت-كانلاردا ئاللىقاچان ئىش توختىغان، مەكتەپلەردە دەرس توختىغانىدى. «قىزىل قوغدىغۇچى»لار «تۆت كونىنى بۇزۇش» دېگەن شۇئار ئاستىدا ئۇچرىغانلىكى كونا-يېڭى كىتابلارنى كۆيدۈرۈشكە، قىممەتلىك ئاسارە-ئەتىقە، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى بۇزۇپ ۋەيران قىلىشقا باشلىغانىدى. ئىلگىرىكى پومىشىك، باي دېھقان، ئوڭچى، بۇزۇق ئۇنسۇر دېگەن قالپاقلارغا ئەمدى كاپىتالىزم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدار، خائىن، جاسۇس چەت ئەلگە باغلانغان ئۇنسۇر، كونا جەمئىيەتتىن قالغان داشقال، جىن- شەيتان... دېگەندەك ئاجايىپ-غارايىپ يېڭى قالپاقلار قوشۇلغانىدى. زىيالىلارمۇ 9- ئورۇنغا تىزىلىپ «سېسىق توققۇزۇنچى» دەپ ئاتالدى. دېمەك زىيالىلارمۇ «تەربىيەلىنىدىغانلار» قاتارىغا تىزىلىپ ھەممىسى تەربىيەلەش ئوبيېكتى قىلىندى. ھەر خىل يېڭى قالپاقلارنى كىيگەن «جىن-شەيتانلار» تەرەپ-تەرەپتىن تارتىپ چىقىرىلىپ كۈرەش قىلىنىشقا باشلىدى. «ئىسيانچىلار» بىلەن «قوغدۇغۇچىلار» ئوتتۇرىسىدىكى بەس مۇنازىرە تىل ئۇرۇشىدىن بارا-بارا تەرەققىي قىلىپ تاش-توخماققا، ئۇنىڭدىن كېيىن رەسمىي قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلاندى. بۇ ھەقتە گەپ قىلىپ كەلسەك گېپىمىز تۈگىمەيدۇ. گەپنىڭ قىسقىسى، قانۇن-تۈزۈم، نورمال تەرتىپ-ئىنتىزام دېگەنلەر دەپسەندە قىلىنغان بۇ قالايمىقانچىلىق توپتوغرا ئون يىل داۋام قىلدى. بۇ ئىشلارنى ھازىرقى ياشلار ھەتتا 40-50 ياشلىق ئادەملەرمۇ ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. ئۇلارغا بۇ ھەقتە سۆزلەپ بەرسىڭىز «نېمىلەرنى دەۋاتىدۇ بۇ ئادەم؟» دەپ چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن.  
−ئۇنداقتا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» باشلانغاندىن كېيىن يەنە بىرىنچى بولۇپ سىلەرنى تارتىپ چىقىپ كۈرەش قىلغاندۇ-ھە؟
جاۋاب:ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ-دە! بىراق ئەھۋال ئوخشىمايدۇ. كىچىك شەھەرلەردە ۋە كۆپىنچە ئورۇنلاردا شۇنداق بولدى. لېكىن بىزنىڭ ئىدارىدەك ئايرىم ئورۇنلاردا يېڭىدىن تارتىپ چىقىرىلغان «جىن-شەيتانلار» بەك كۆپ بولغاچقا بىزگە سان تەگمىگەن بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق دېگىنىم ماڭا ئوخشاش ئىلگىرى قالپاق كىيىپ بولغانلارنىڭ يەنە يېڭى جىنايەتلىرى پاش بولۇپ چىقمىغانلا بولسا، بۇنداقلار «ئۆلۈك يولۋاس» دەپ قارىلىپ ۋاقتىنچە تارتىپ چىقىرىلمىغان. ھەرىكەتنىڭ ئاخىرىدا بىر تەرەپ قىلىشقا قالدۇرۇلغان. ئەمما ئىنقىلابىي ئاممىنىڭ قاتارىغا قوشمىغان. يەنىلا «جىن-شەيتانلار» قاتارىدا ئىدۇق. ناۋادا شۇ چاغلاردا مەن ئۈرۈمچىدەك مەركىزىي شەھەردە بولماي كىچىك شەھەر ياكى ناھىيەلەردە بولۇپ قالغان بولسام ئاللىقاچان سوئال-سوراقسىزلا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن بولاتتىم. شۇڭا ئىلگىرى «ئوڭچى-يەرلىك مىللەتچى» بولغان تۇرۇقلۇق يەنە مېنىڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ ئاشۇ شىددەتلىك بوران-چاپقۇنلىرىدا بىرەر تالاپەتكە ئۇچرىماي ھايات قالغانلىقىمنىڭ ئۆزى ئاجايىپ بىر مۆجىزە ئىدى. ئەپسۇس تەقدىر-پىشانەم بەكمۇ تەتۈر ئىكەن. ھەممىدىن بەك ئېچىنىشلىق بولغىنى نەچچە يىللار مابەينىدە قان-تەر ئاققۇزۇپ يېزىپ چىققان «تارىم دەرياسى بويىدا» ناملىق رومانىم ۋە پوۋېست، ھېكايىلىرىم، تىرىشىپ-تىرمىشىپ مىڭ تەستە توپلىغان ۋە رەتلىگەن ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر بىرىنچى قول ماتېرىياللىرىمدىن بىراقلا ئايرىلىپ قېلىپ، قاتتىق ئازابلاندىم. نەچچە ھەپتە ئۇخلىيالمىدىم. ئولتۇرسام-قوپسام خىيالىم ئاشۇ يازمىلىرىمدىلا بولۇپ نېمىشقىمۇ ئىشىنىپ ئۇلارغا بەرگەندىمەن دېگەن ئاھ ئۇرۇش بىلەن ئۆتتى. ئەھۋال مۇنداق بولغانىدى. بىركۈنى كەچقۇرۇن ئىدارىمىزدىكى «ئىسيانچىلار» ۋە «قىزىل قوغدۇغۇچىلار» ھۆكۈرەپ شوئار توۋلىغان ھالدا ئۆيگە بېسىپلا كىردى- دەڭا، مەن نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي ھاڭ-تاڭ بولۇپ تۇرۇپلا قالدىم. شۇ ئەسنادا ئۇلارنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى ئەلپازىنى بۇزۇپ:«بىز ئىگەللىگەن پولاتتەك پاكىتلاردىن قارىغاندا سېنىڭ يازغان نەرسىلىرىڭ ئاز ئەمەسكەن، ئۇنىڭدا پارتىيەگە قارشى نېمىلەرنى يازدىڭ، نېمىلەرنى تەرغىپ قىلدىڭ بۇنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈپ چىقىمىز. ئىنقىلابىي ئاممىدىن بۇيرۇق! ھازىر ياۋاشلىق بىلەن يازغان نەرسىلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى تولۇق تاپشۇر! بىز كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، مەسىلە چىقمىسا ساڭا قايتۇرۇپ بېرىمىز، ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىكەنسەن، يازمىلىرىڭنى بىز تېپىۋالىدىغان بولساق ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۇر قىلالمايسەن، ئەڭ ياخشىسى بىز دېگەندەك قىل،-دېدى. يازغانلىرىمنىڭ ھەممىسى يوغان بىر قەغەز يەشىككە قاچىلانغان بولۇپ، كارۋىتىمنىڭ ئاستىدا ئىدى. شۇنداقلا پەسكە ئىڭىشسە تېپىۋالاتتى. شۇڭا ئىشنى چوڭايتىۋەتمەي، مەن پارتىيەگە قارىشى بىرەر نەرسە يازمىغاندىكىن نېمىگە قورقاتتىم، قانداق تەكشۈرسە-تەكشۈرمەمدۇ، يەنە كېلىپ بۇ نېمىلەر ساۋاتسىزبولمىغاندىكىن، ئەدەبىي ئەسەر ئىكەنلىكىنى بىلەر؟ دەپ ئويلاپ :«يازغانلىرىمنىڭ ھەممىسى مۇشۇ » دەپ كىچىك بالىدەك يەشىك بىلەن ھەممىنى تۇتقۇزۇپ قويۇپتىمەن. مەن بەك ساددا ئىكەنمەن. ئۇلار تەكشۈرۈپ كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ بېرىدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن، نەدىمۇ ئۇنداق ئوبدان ئىش بولسۇن، دەيسىز! ئۇزۇن ئۆتمەي ۋەزىيەت تېخىمۇ ئوسوللاشتى. ئارىلاپ بېرىپ تۇرىدىغان ئىدارىمىزغىمۇ يېقىن يولىيالماي قالدۇق. ئىدارىمىز ئاللىقاچان بىر قىسىم «ئىسيانچىلار» بىلەن «قىزىل قوغدۇغۇچىلار» تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان بولۇپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى. بىناغا كىرىدىغان ئىشىكلەر خىش-كېسەكلەر بىلەن ئىتىپ تاشلانغان، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئۆمىلەپ كىرىپ-چىقىشى ئۈچۈن ئىت پاتقىدەك تۆشۈك قالدۇرۇلغانىدى. تۆمۈر قالپاق كىيىۋالغان قۇراللىق قوغدىغۇچىلار بىنا ئىچىگە ئۆز ئادەملىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئادەمنى كىرگۈزمەيتتى. كېيىنكى كۈنلەردە كۆز قارىشى ئوخشىمايدىغان ئىككى گوروھنىڭ ئادەملىرى بىنانى تالىشىپ قوراللىق ئېتىشتى، ئوت قويدى. ئىدارىنىڭ ھەممە نەرسىلىرى كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى... ئەھۋال مۇشۇنداق بولۇۋاتقاندا ئۇلار ئېلىپ كەتكەن يازمىلىرىمنى قايتۇرۇپ ئېلىشتىن قانداقمۇ گەپ ئاچقىلى بولسۇن؟ چوققا چۈشكەن قىلدەك ئۆرتەنمەكتىن باشقا چارە يوق ئىدى. مەن شۇ چاغلاردا تارتقان چىدىغۇسىز ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولساممۇ، لېكىن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ قان-تەرىم بەدىلىگە كەلگەن يازمىلىرىمنى قاراپ تۇرۇپلا قولدىن بىرىپ قويغانلىقىمنى زادىلا ئۇنتىيالمىدىم. بۇ ئىشنى ھەر قېتىم ئويلىسام يۈرىكىم ئېچىشىدۇ، ئىختىيارسىز ئازابلىنىپ كېتىمەن. ئويلاپ بېقىڭ پولات، ئەمدى ئۇنچە كۆپ نەرسىنى قايتىدىن يازغىلى بولامدۇ، نۇرغۇن ئىشلار ئىسىمدە تۇرامدۇ،؟ شۇنداق قىلىپ مەن ھەممە نەرسەمدىن بىراقلا ئايرىلىپ قالدىم. بۇ ھاياتىمدىكى مەن ئۇچرىغان ئەڭ قاتتىق زەربە بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەمدى ئۇنى- بۇنى يازىمەن دەپ ئاۋارە بولمىساممۇ بولىدىغان ئوخشايدۇ، ئەھۋالدىن قارىغاندا ئەمدى جاھان تۈزەلمىگىدەك، دېگەنلەرنى ئويلاپ ھەممە ئىشتىن كۆڭلۈم سۇۋۇپلا كەتتى.
− بۇ ھەقىقەتەنمۇ بەك ئېچىنىشلىق ئىش بوپتۇ. لېكىن ھەرقانداق ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرگەن، چىن كۆڭلىدىن سۆيگەن ئىشىدىن ۋاقىتلىق ۋاز كەچسىمۇ، ئۆمۈرۋايەت ۋاز كېچىپ كېتەلمەيدۇ. بەلكىم سىزمۇ چوقۇم شۇنداق قىلدىڭىزغۇ دەيمەن، جاھان ئوڭشالغاندىن كېيىن قەلەمنى يەنە قايتىدىن قولىڭىزغا ئالغانسىز ھەقاچان؟
جاۋاب: شۇنداق بولدى. ھەقىقەتەن ئاخىرى ھەققانىيەت ياۋۇزلۇق ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. 1976- يىلىغا كەلگەندە «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» ئۈزۈل-كېسىل گۇمران بولۇپ، مەملىكىتىمىز ئاسمىنىنى ئىللىق باھار ھىدى قاپلىدى. ھەممە ياق خۇشاللىققا چۆمدى . ھەق-ناھەق ئايرىلىپ خاتالىقلار تۈزىتىلىشكە باشلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ:« <مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى> رەھبەرلىك قىلغۇچى خاتا قوزغىغان، ئەكسىلئىنقىلابىي گۇرۇھ تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىلگەن، پارتىيەگە، دۆلەتكە ۋە ھەر مىللەت خەلقىگە ئېغىر بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەن بىر قېتىملىق ئىچكى قالايمىقانچىلىق» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن خاتا ۋە ئۇۋال قىلىنغان ئەنزىلەر ئومۇميۈزلۈك، ھەممىلا يەردە تەڭلا ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. شۇ قاتاردا مەنمۇ تولۇق ئاقلاندىم. پارتىيەلىكىم ۋە باشقا ھەممە ئىشلىرىم ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. مۇنداق خوشاللىق ئىشلار كەينى-كەينىدىن بولىۋاتسا، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى لەنىتى «تۆت كىشىلىك گورۇھ» نىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى غەزەب بىلەن ئېچىپ تاشلاپ، ئۇلاردىن بىرمۇ بىر ھېساب ئېلىۋاتسا، مەن قانداقمۇ سۈكۈت قىلىپ جىم تۇرالايمەن؟ قەلەمنى يەنە قولۇمغا ئېلىپ «تۆت كىشىلىك گوروھ»نى قامچىلايدىغان، مەسخىرە قىلىدىغان نەسىر، زاۋېنلارنى يېزىشقا باشلىدىم. «مەددا بىلەن دوست تارتقۇچى»، «پوچى پاشىنىڭ ئاقىۋېتى»، قاتارلىق زاۋېنلىرىم گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مەتبۇئات ئورۇنلىرى ۋە قەلەمكەش دوستلار مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى كۆپرەك يېزىشىمنى تەۋىسىيە قىلىشتى ۋە  شۇ ۋاقىتتىكى ئوقۇرمەنلەرمۇ ناھايىتى قىزغىن ئالقىشلىدى، ياخشى باھالارنى بېرىپ مېنى تېخمۇ رىغبەتلەندۈردى.
−خاتالاشمىسام «ياۋا سادىق» ناملىق ھېكايىڭىز  1978- يىلىنىڭ باشلىرىدا «تارىم» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن شۇ ۋاقىتتا ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغاپ بەدىئىي مۇۋەپپەقىيەتلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ئەدەبىي ئوبزورلارمۇ يېزىلغان خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ كىتاب بولۇپمۇ چىققان،  بۇ ھېكايىنى قايتا يازدىڭىزمۇ ياكى ئەسلى نۇسخىسى ساقلىنىپ قالغانمۇ؟
جاۋاب:ئىلگىرى يازغانلىرىمدىن بىرسىمۇ قالمىغان. بۇ ھېكايىنى 1978- يىلى قايتا يازغانىدىم. باشقا ھېكايىلەرنىمۇ ئېسىمدە قالغان ۋەقەلەرگە ئاساسەن كېيىن يازغانىدىم.
−بۇ ھېكايە توغرىسىدا يەنە گەپ ئېچىشىمنىڭ سەۋەبى، يېقىندا مەن «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ ئىلگىرىكى سانلىرىدىن بىر ئەسەرنى ئىزدەپ ئاختۇرغانىدىم «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1994- يىلى 5- سانىدا:«گېرمانىيەدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە ماگىستىرلىق دېسىرتاتسىيەسى ياقلاندى» دېگەن بىر خەۋەرنى كۆرۈپ قالدىم. ئوقۇپ باقسام  ئۇنىڭدا 1993-يىلى 4- ئايدا گېرمانىيەنىڭ بامبېرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ئەدەبىاتى بويىچە «1956- يىلىدىن 1966- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا ماگىستىرلىق دىسىرتاتسىيەسى ياقىلاندى، ماقالە يەتتە قىسىمدىن تەركىب تاپقان، ئۇنىڭ بىرىنچى قىسىمىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا دائىر ئومۇمىي مەسىلىلەر بايان قىلىنغانىدىن باشقا قالغان قىسىملىرىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھەرقايسى مەزگىللەردىكى ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەر خېلى ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئون يىللىق تەرەققىياتى خېلى چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى. مەسىلىلەر ئۇيغۇر تىلىدا نەشر قىلىنغان مەنبەلەر ئاساسىدا تېيىپجان ئېلىيۋ، زۇنۇن قادىرى، سەيپىدىن ئەزىزى، قەييۇم تۇردى، ئەلقەم ئەختەم، مۇھەممەت شاۋۇدۇن، ئەھەت ھاشىم، مالىك كېۋىر قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن نەقىل ئېلىپ چۈشەندۈرۈلگەن، دېيىلىپتۇ، دىسىرتاتسىيە ماقالىسىنىڭ ئاپتورى ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئوقۇغان گېرمانىيىلىك مىخائىل دېگەن كىشى ئىكەن. سىزنىڭ ئاشۇ «ياۋا سادىق» ناملىق ھېكايىڭىزدىن سىتاتا ئالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.
جاۋاب: ئۇ ژۇرنالدىكى خەۋەرنى ئىلگىرى مەنمۇ كۆرگەن، ھازىرغىچە ساقلاپ كېلىۋاتىمەن. بەلكىم «ياۋا سادىق»ناملىق ھېكايىدىن سىتاتا ئالغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى «ياۋا سادىق» ھېكايىسىدىكى ئاساسلىق پېرسوناژ ياۋا سادىق رېئال بار ئادەم ، مەن تارىم يېزىسىدا ئىشلىگەن چاغلاردا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن. ھېكايىدا تەسۋىرلەنگەن ھېلىقى ئۆيىگىمۇ بارغانىدىم. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ياۋا قېييۇم ئىدى. مەن ھېكايەمدە «ياۋا سادىق» دەپ يازغان ھېكايىدا  ئۇنىڭ ئۆتمۈش كونا جەمئىيەتتىكى ۋە ئازادلىقتىن كېيىنكى تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئەمگەكچىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ھاياتى ۋە ئازادلىقتىن كېيىنكى ئالەمشۇمۇل يېڭى ئۆزگىرىشلەر بايان قىلىنغان.
−سىزدىن يەنە بىر نەرسىنى سورىغىم كېلىۋاتىدۇ. كېيىكى چاغلاردا سىز بالىلار ئۈچۈن ناھايىتى ئىسىل ئىجادىي مەسەل، چۆچەك، ھېكايىلەرنى يېزىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ژانىرلىرى ئىچىدە ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان بىر قەدەر ئاخىز ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا باشلىدىڭىز. بۇ ئىشىڭىزدىن كەڭ ئوقۇرمەنلەر، بولۇپمۇ بالىلار بەك رازى بولدى. بالىلار ئۈچۈن ئەسەر يېزىش قانداقلارچە خىيالىڭىزغا كېلىپ قالدى. بۇنىڭغا تۈرتكە بولغان ئاساسىي ئامىل نېمە؟
جاۋاب: سۆھبىتىمىزنىڭ بېشىدا دەپ ئۆتكەندەك، مەن خېلى بۇرۇنلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاش، رەتلەش، نەشرگە تەييارلاش ئىشلىرى بىلەن قىزغىن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقانىدىم. لېكىن شارائىت ۋە يۇقىرىقىدەك ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ ئىشىمدىن ئانچە رازى بولغىدەك نەتىجىگە ئىگە بولالمىغانىدىم. پەقەت «تۆت كىشىلىك گوروھ» ئاغدۇرۇلۇپ پارتىيە 3- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىنلا ناھايىتى ياخشى سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭ بىلەن ھەممە ئىشلىرىمىز ئىزىغا چۈشۈشكە، ساغلام ئىلگىرىلەشكە باشلىدى. ئەدەبىيات-سەنئەت، مائارىپ، نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىمىزدىمۇ غايەت زور تەرەققىياتلار مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى. شۇنداقلا ھەممە ساھەدە «تۆت كىشىلىك گوروھ» نىڭ تارقاتقان زەھىرىنى تازىلاش، ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش ۋە پىپەن قىلىش ئەۋج ئالدى. مەن دەل مۇشۇنداق خاسىيەتلىك كۈنلەردە  يەنى 1978- يىلى كۈزدە تەلىيىم ئوڭدىن كېلىپ گۈزەل لۇشەن تېغىدا ئېچىلغان مەملىكەتلىك بالىلار ئوقۇشلۇقىنى قايتا نەشر قىلىش، تارقىتىش توغرىسىدىكى يىغىنغا قاتنىشىپ قالدىم. ئون كۈندەك ئېچىلغان بۇ يىغىنغا مەملىكەت بويىچە بارلىق نەشرىياتلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە ئاتاقلىق بالىلار يازغۇچىلىرى، بىرقىسىم مائارىپچىلار تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئىكەن. بۇ يىغىندا ئاساسلىقى «تۆت كىشىلىك گوروھ» نىڭ بالىلارغا تارقاتقان زەھىرىنى ئۈزۈل كېسىل تازىلاش، دەرسلىكلەرنى قايتىدىن تۈزۈپ نەشر قىلىش، بارلىق يازغۇچىلارنى بالىلار ئۈچۈن ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىشقا چاقىرىق قىلىش، ئىلگىرى «تۆت كىشىلىك گوروھ»چەكلىگەن، مەملىكىتىمىزنىڭ ۋە دۇنيادىكى بارلىق ئەللەرنىڭ بالىلار ھەققىدە يېزىلغان داڭلىق ئەسەرلىرىنى تاللاپ چىقىپ قايتىدىن نەشر قىلىپ تارقىتىش، تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق ناھايىتى مۇھىم مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇزاكىرە ۋە مۇھاكىمە قىلىنغانىدى. شۇنىڭدەك يىغىن قاتناشچىلىرى بىردەك:«ۋەتىنىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدى ۋە ۋارىسلىرى بولغان بالىلارنى قۇتقۇزۇش ھازىرقى كۈندە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان جىددىي ھەم شەرەپلىك ۋەزىپە» دېگەن قاراشقا كەلگەن ۋە يىغىن جەريانىدا بەزى كونكېرت چارە- تەدبىرلە تۈزۈپ چىقىلغانىدى. دېمىسىمۇ بۇ مەسىلىنى مۇشۇنداق جىددىي تۇتۇپ ھەل قىلماي بولمايتتى. چۈنكى ھەممىمىز بىلىمىز، ئون يىلغا سوزۇلغان «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» جەريانىدا «تۆت كىشىلىك گوروھ»نىڭ زەھىرىگە ئەڭ قاتتىق ئۇچرىغان ۋە ئەڭ كۆپ زىيان تارتقانلار ئاشۇ بالىلار ئەمەسمۇ؟ يىغىندا سۆزلىنىۋاتقان سۆزلەر ۋە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» جەريانىدىكى بالىلارنىڭ ئەھۋالى شۇنداقلا ئۇلار توغرىسىدىكى ئاجايىپ  ئېچىنىشلىق پاكىتلار يىغىن ئەھلىنى لەرزىگە  سالدى. مەن يىغىندىن چوڭقۇر تەسىراتلارغا ئىگە  بولۇپ، بولۇپمۇ بالىلارنى قۇتقۇزۇۋېلىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا يېڭىچە چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇپ، قايتىپ كەلدىم-دە، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بالىلار ئۈچۈن ئەسەر يېزىشقا كىرىشىپ كەتتىم. بىرنەچچە يىل ئىچىدىلا بىرنەچچە يۈز پارچە مەسەل، ئىلمىي چۆچەك، ھېكايە ئېلان قىلدىم. بۇ ئەسەرلەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئوقۇرمەنلەر، كەسىپداشلىرىم، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ قىزغىن مەدەت-ئىلھام بېرىشىگە ئىرىشتىم. بۇنىڭ بىلەن بالىلار ئۈچۈن ئەسەر يېزىش قىزغىنلىقىم ھەسسىلەپ ئاشتى. دېمەك بالىلارغا ياخشى مەسەل، چۆچەك، ھېكايىلەرنى يېزىش ئارقىلىق ئىلگىرىكى قالايمىقان يىللاردا ئورۇنسىز ئىسراپ بولۇپ كەتكەن نەچچە ئون يىلىمنىڭ ئازغىنە بىر قىسمىنى بولسىمۇ قايتۇرۇپ ئالالىغانلىقىمدىن چەكسىز سۆيۈندۇم...
−شۇنداق قىلىپ ھازىرغىچە مەسەل، چۆچەك، ھېكايە ۋە باشقا ژانىردىكى ئەسەرلەر بولۇپ نەچچە كىتابىڭىز نەشر قىلىندى، كونكرېتراق سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز.
جاۋاب: ھېكايىلەردىن  ئۈچ كىتاب. بۇلار(«باھار مايسىلىرى»، «ياۋا سادىق»، «يالغانچى بىلەن گۇپپاڭچى»)؛ ئىجادىي مەسەل، چۆچەكلەردىن ئالتە كىتاب. بۇلار («بۆدىنە بىلەن سېغىزخان»، «چۆچەك ۋە مەسەللەر»، «چاشقانلارنىڭ قايغۇسى»، «مەسەللەر»، «قورقۇنچاق»، «ئالجىغان يولۋاس»)؛ بۇنىڭ ئىچىدېىكى «چۆچەك ۋە مەسەللەر» بىلەن «قورقۇنچاق» ناملىق ئىككى كىتاب خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ خەنزۇ يېزىقىدا نەشر قىلىندى. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر توپلاپ رەتلىگەن ۋە تۈزگەن تۆت كىتاب. بۇلار («ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى»، «غىڭ-غىڭ پاشا بىلەن غوڭ-غوڭ قوڭغۇز»، «نادان تۈلكە»، «كەشپىياتلارغا دائىر قىزىقارلىق ھېكايىلەر»)؛ بۇنىڭ ئىچىدىكى «ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى» ناملىق كىتاب خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ خەنزۇ يېزىقىدا نەشر قىلىنغاندىن تاشقىرى تۈركىيەدە تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ 1989- يىلى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنغان. خەنزۇچىدىن تۆت كىتاب تەرجىمە قىلدىم. بۇلار«ياغاچ قوچاقنىڭ ئاقايىپ سەرگۈزەشتلىرى»، «ھازىرقى زامان چەت ئەل بالىلار ھېكايىلىرى»، «جۇھا لەتىپىلىرى»، «دۇنيا چۆچەكلىرى دەرىخى»  دىن ئىبارەت. خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان  بۇ تۆت كىتابنى ھېساب قىلمىغاندا جەمئى نەشر قىلىنغان كىتابىم ئون ئۈچ پارچە. بۇلاردىن تاشقىرى «شىنجاڭ ياشلىرى»، «جۇڭگو مىللەتلىرى»، «شىنجاڭ گېزىتى»قاتارلىق ژۇرنال- گېزىتلەردە ھەرخىل تېمىدىكى مۇلاھىزە ۋە مۇھاكىمە ماقالىلىرىدىن 50 نەچچە پارچە ئېلان قىلدىم، بۇنىڭ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدىكى تەسىرىمۇ خېلى  چوڭ بولۇپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھسىل قىلدى. قىسقىسى، مەيلى ھېكايە، مەيلى مەسەل، چۆچەكلەر بولسۇن يازغانلىرىمنىڭ كۆپ قىسمى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىندى، دەرسلىك كىتابلارغا كىرگۈزۈلدى. ۋە مۇكاپاتلاندى.
−ھەقىقەتەن ناھايىتى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپسىز، ھەم نەشرىياتتىكى خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ ھەم ئالدىراش ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ شۇنچە كۆپ ئەسەرلەرنى يېزىش ئاسان ئىش ئەمەس. ئەمدى مەسەلنىڭ خاراكتىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بىرىپ باقسىڭىز قانداق؟
جاۋاب: بولىدۇ، كۆپ كىشىلەر مەسەل بىلەن چۆچەكلەرنى بولۇپمۇ ھايۋانات ھەققىدىكى چۆچەكلەرنى ئوخشاش بىر نەرسە دەپ قارايدۇ. دەرۋەقە مەسەل قارىماققا ھايۋاناتلار ھەققىدىكى چۆچەكلەرگە ئوخشاپ كەتسىمۇ، لېكىن ماھىيەتتە تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئەدەبىيات ژانىرلىرى ئىچىدە مەسەلنىڭ تۇتقان ئورنى ناھايىتى مۇھىم. شۇنىڭدەك ئۇ باشقا ژانىرلاردا يوق ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا مەسەل−ئوخشىتىش، سېلىشتۇرۇش، سىموۋول قاتارلىق بەدىئىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تۇرمۇشىمىزدىكى مەلۇم بىر ئىبرەتلىك مەزمۇننى ئىخچام ۋەقەلەر ياردىمى بىلەن تەسىرلىك ئىپادىلەپ بېرىدىغان پەند-نەسىھەت، تەلىم-تەربىيە خاراكتېرىگە ۋە كۈچلۈك سمۋوللۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىخچام ھېكايە. چۈنكى مەسەللەرگە ئىنسانىيەتنىڭ مول تەپەككۇر جەۋھەرلىرى، تۇرمۇش بىلىملىرى، ئىبرەت-ساۋاق خاراكتېرىگە ئىگە تۇرمۇش تەجىربىلىرى، دۇنيا قارىشى، ئەخلاق قارىشى مۇجەسسەملەنگەن، شۇڭا كىچىككىنە بىر مەسەل بىرلا پىكىرنى گەۋدىلەندۈرۈش ئارقىلىق چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە ناھايىتى چوڭ بىر مەسىلىنى، مەلۇم بىر تەجرىبە-ساۋاقنى يەكۈنلەپ كىشىلەرگە بىۋاسىتە تەربىيە بېرىدۇ، كىشىلەرنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. ئۇنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، مەسەلدە مەسخىرە، كىنايە، مۇبالىغە، تەمسىل، سمۋول بولىدۇ. ئادەم، ھايۋانات، ئۇچار-قانات، گۈل-گىيا، ياغاچ-تاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەسەلگە پېرسوناژ بولالايدۇ. بۇ پېرسوناژلار ئادەمدەك سۆزلەيدۇ، ئويلايدۇ، ھەرىكەت قىلىدۇ. قىسقىسى مەسەلدە مەيلى قانداق پېرسوناژلار تەسۋىرلەنمىسۇن ئۇنىڭدا يەنىلا ئادەملەرنىڭ ھاياتى، تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. شۇڭا جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان ھەرخىل يامان ئىش، ناچار ئىللەتلەرنى پاش قىلىش، قامچىلاشتا مەسەل ئەڭ چاققان، ئەڭ ھازىر جاۋاب، ئەڭ مۇۋاپىق شەكىل. مەسەل قىسقا، ئاممىباب ۋە قىزىقارلىق بولغاچقا، ئۇنى بالىلارمۇ، چوڭلارمۇ قىزىقىپ ئوقۇيدۇ. مېنىڭ مەسەل ھەققىدە سىزگە دەيدىغانلىرىم مۇشىنچىلىك. دېمەكچىمەنكى، مېنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا قىزىقىشىم ۋە ئۇنى يىغىش، رەتلەش ئىشلىرى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىشىم شۇنىڭدەك «ئىزوپ مەسەللىرى»، «كرىلوۋ مەسەللىرى» قاتارلىق دۇنيادىكى داڭلىق مەسەللەرنى كۆپ ئوقۇپ ئۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىشىم تەبىئىي ھالدا مەسەل ژانىرىنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا تۇتقان ئورنىنى، ئەھمىيىتىنى چۈشىنىۋېلىشىمغا ياردەم بەردى. مېنىڭ مەسەل ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىمنى پۈتمەس-تۈگۈمەس ماتېرىيال، كۈچلۈك ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.
−سىز80 يىللاردىن باشلاپ تاكى پېنسىيىگە چىققانغا قەدەر خەلق نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ كەلدىڭىز. يىغىپ ئېيتقاندا سىز بىر ئۆمۈر نەشرىياتچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، مىللىي ئاپتورلىرىمىز يازغان تۇنجى رومانلارنىڭ شۇنىڭدەك مەملىكىتىمىز ۋە چەت ئەل يازغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ئونلىغان رومان، پوۋېست، ھېكايە توپلاملىرىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى زىممىڭىزگە ئېلىپ جاپالىق ئىشلىدىڭىز، بولۇپمۇ مىللىي ئاپتورلىرىمىز يازغان ئەسەرلەرنىڭ تېزرەك نەشردىن چىقىشى ۋە ئامما بىلەن تېزرەك يۈز كۆرۈشىشى ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقاردىڭىز ھەم ئىمكانىيىتىڭىزنىڭ  بېرىچە قوللاپ قوۋەتلىدىڭىز. بۇ تۆھپىلىرىڭىزنى ئاپتورلار ۋە ئوقۇرمەنلەر ئۇنتۇپ قالمايدۇ، ئەلۋەتتە. تەشكىلمۇ بۇ تۆھپىلىرىڭىزگە يارىشا 1992- يىلى ئالىي مۇھەررىر ئۇنۋانىنى بىرىپتۇ. 1993- يىلىدىن بۇيان كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىسلەرگە گوۋىيەن تەرىپىدىن بېرىلىدىغان ئالاھىدە تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋېتىپسىز. بۇنىڭدىن ھەممىمىز ناھايىتى خۇشال بولدۇق ئەمدى ھازىر ئىسلاھات-ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن باشقا ساھەلەرگە ئوخشاشلا نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىمىزمۇ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. دەرۋەقە سىز پېنسىيىگە چىقىپ كەتكىلى خېلى يىللار بولۇپ قالغان بولسىمۇ، سىزنى يەنىلا ئۆزى قىزغىن سۆيىدىغان كونا كەسىپكە ھازىرمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرىدۇ، نەشردىن چىقىۋاتقان كىتابلارنى ئوقۇپ ،كۆرۈپ تۇرىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئېيتىڭا، ھازىرقى نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىدىن، نەشر قىلىنىۋاتقان كىتابلاردىن رازى بولىۋاتامسىز ياكى ئانچە رازى بولمايۋاتقان تەرەپلەرمۇ بارمۇ؟
جاۋاب: توغرا، سىز ئېيتقاندەك نەشرىياتلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئىلگىرى بىز ئىشلىگەن چاغلاردىكى ئەھۋالغا ھەرگىزمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. مەيلى تەھرىرلەر كۈچى، مالىيە-ئىقتىساد، باسما تېخنىكىسى، مەيلى نەشردىن چىقىۋاتقان كىتابلارنىڭ سان-سۈپىتى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتمايلى، ھازىر ئادەم ھەيران قالارلىق دەرىجىدە تېز تەرەققىي قىلىپ كەتتى. بۇ يەردىكى ئاساسىي ئامىل پارتىيە-ھۆكۈمەت ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن ناھايىتى قىزغىن قوللاشقا باشلىدى. شۇڭلاشقا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خېلى يۇقىرى سەۋىيەلىك، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، تېخنىكا جەھەتتە كۆركەم ئېسىل كىتابلار كەينى-كەينىدىن كىتابخانىلارغا سېلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەلەپ-ئېھتىياجىنى، ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇردى. بۇنىڭدىن ھەممىمىز بەكمۇ رازى. قىسقىسى، ھازىر بىزنى خۇشال  قىلىدىغان، بىزنى رازى قىلىدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ. بۇ ھەقتە قانچە سۆزلىسەكمۇ تۈگىمەيدۇ. شۇڭا بۇ ھەقتە كۆپ توختالمايمەن ۋە باشقىلار ئانچە رازى بولمايۋاتقان مۇنداق ئىككى مەسىلە ئۈستىدە كۆز- قارىشىمنى ئېيتىپ باقاي. بىرى، قارىماققا ناھايىتى كۆركەم، ئەمما مەزمۇنىنىڭ تاينى يوق، بەدىئىيلىكى تۆۋەن، سۆز-جۈملىلىرى چۈشىنىكسىز، نەشر قىلىش شەرتىگە زادىلا توشمايدىغان بەزى ئادەتتىكى رومانلارمۇ نەشر قىلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئەسەر تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنىڭ چىڭ تۇتۇلمايۋاتقانلىقى، تەھرىرلەر سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكى، ئۇلارنىڭ توغرا بىلەن خاتانى، ياخشى بىلەن ناچارنى پەرقلەندۈرەلمەيۋاتقانلىقى، سۈپەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماي ساننىلا قوغلۇشىۋاتقانلىقى، بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا مەسئۇلىيەتسىزلىكى سەۋەب بولىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن. ئاڭلىسام ھازىر بۇرۇنقىدەك نەشرىياتلار ئېنىق كەسىپ ئايرىمايدىكەن. مەيلى قانداق نامدىكى نەشرىيات بولسۇن ھەممىسىلا ئەدەبىي ئەسەرلەرنى نەشر قىلىۋېرىدىكەن. شۇڭا رومانلارنىڭ بازىرى چىقىپ كەتكەندەك قىلىدۇ. تېخى بىر-ئىككى ئايدىلا بىر رومان يېزىپ بولىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى «تالانتلىق» يازغۇچىلارمۇ پەيدا بولىۋېتىپتۇ. شۇ سەۋەپتىن نەشرىياتلار بىر-بىرىدىن قىزغىنىپ «يېزىۋاتقان رومانلىرىنى بىزنىڭ نەشرىياتقا بەرسىڭىز قەلەم ھەققىنى باشقىلاردىن يۇقىرى بېرىمىز» دېيىشىپ تېخى پۈتمىگەن ياكى ئەمدىلا يېزىۋاتقان رومانلارنى تالىشىدىغان، ئۇلارغا ئالدىنئالا ۋەدە بېرىدىغان، ئىسىمى رومانلا بولسا ، يازغۇچى نېمىنى يازسا، قانداق يازسا ئەستايىدىل ئوقۇپ باقمايلا باسمىغا يوللاۋېرىدىغان، نەشردىن چىقىۋاتقان كىتابلاردا كۆرۈلۈۋاتقان خاتالىق- نۇقسانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بار ئىكەن، بەزى باش مۇھەررىرلەر مەمۇرىي ئىشلار بىلەن ئالدىراپ يۈرۈپ نەشرگە تەييارلانغان كىتابلارنى ئوقۇشقا ھەتتا كۆرۈپ بېقىشقىمۇ ۋاقىت چىقىرالمايدىكەن... دەرۋەقە بۇلار ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولمىسىمۇ، لېكىن ھەرقايسى نەشرىياتلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇد. ئىككىنچى مەسىلە، تەكرارلىق ناھايىتى كۆپ. ئىلگىرى نەشر قىلىنغان كىتابلار ئىچىدىكى ئىلمىي قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى، ساقلاش قىممىتى بار ۋە ھازىر تاپقىلى بولمايدىغان، ئوقۇرمەنلەرمۇ قايتا نەشر قىلىپ بېرىشنى  تەلەپ قىلغان كىتابلارنى قايتا نەشر قىلىش، تارقىتىش توغرا، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىش زۆرۈر. لېكىن بەزى نەشرىياتلار «ئاز چىقىم قىلىپ، كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ» دېگەن مەقسەتتە 50- يىللاردا نەشر قىلىنغان ، لېكىن ھازىر ۋاقتى ئۆتكەن، مەزمۇنى ئاللىقاچان كونىرىغان، ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق(مەسىلەن، 50- يىللاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشر قىلىنىپ كەلگەن، ھازىر ئۆز رولىنى يوقاتقان) ئادەتتىكى رومانلارنىمۇ چاپىنىنى يەڭگۈشلەپلا قايتا نەشر قىلماقتا. بۇنى بىھۇدە ئىسراپچىلىق دېمەي بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خېلى كۆپ ئاپتورلىرىمىزنىڭ تولۇق توپلىمى نەشر قىلىنىشقا باشلىدى. بۇ ئەسلىدە ياخشى ئىش ئىدى. لېكىن كۆپرەك ئەسەر يازغان ھەممە ئاپتورنىڭ تولۇق توپلىمىنى قارا-قويۇقلا نەشر قىلىۋېرىش توغرا ئەمەس. بۇنىڭ بىر نىشانى، پىلانى بولۇشى كېرەك. چۈنكى ھەرقانداق بىر ئاپتورنىڭ يازغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭلا سەرخىل ، ياخشى ئەسەر بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ناھايىتى ياخشى ئەسەرلىرى ھامان ئاز، ئادەتتىكىلىرى كۆپرەك، ھەتتا مەلۇم ساندا ناچارراق ئەسەرلىرىمۇ بولىدۇ. بۇنى ئەستايىدىل تاللاشتىن ئۆتكۈزمەي يازغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى توپلاپ بىرنەچچە توملۇق توپلام قىلىپ نەشر قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئىلگىرى ئوقۇرمەنلەر ئوقۇپ بولغان، يەنە كېلىپ تولۇق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن بەزى ئەسەرلىرى تېخى يېقىندىلا ئايرىم كىتاب  بولۇپمۇ نەشر قىلىنغان، ھەتتا ھازىرمۇ كىتابخانىلاردا سېتىلماي تۇرۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا ئاشۇ ئەسەرلەر يەنە تولۇق توپلام قىلىپ زورمۇ – زور نەشر قىلىنسا ئۇنى كىم ئوقۇيدۇ؟ مېنىڭچە ئەسەرلىرى ئالىقاچان ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، قەلىمى پىشقان بىر قىسىم يازغۇچىلارنىڭ، شۇنداقلا ۋاپات بولۇپ كەتكەن يازغۇچىلارنىڭ تولۇق توپلىمى چىقىرىلغان بولسا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش بولغان بولاتتى. ناۋادا شارائىت، ئىقتىساد ۋە باشقا شەرتلە پىشىپ يىتىلگەن بولسا، شۇنداقلا نەشر قىلىش زۆرۈر دەپ قارالسا ھەممە يازغۇچىنىڭ تولۇق توپلىمىنى ئەمەس، بەلكى ئەڭ ياخشى ئەسەرلىرىنى تاللاپ «تاللانما ئەسەرلىرى» نى چىقارسا مۇۋاپىق بولىدۇ. چۈنكى ھازىرقى ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەۋىيىسى بۇنىڭدىن ئون-يىگىرمە يىل ئىلگىرىكى ئۇقۇرمەنلەرنىڭ سەۋىيىسىدىن خېلىلا يۇقىرى، ئۇلار قانداق ئەسەرنىڭ كىشىگە ھەقىقىي ئېستېتىك زوق بېرەلەياىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. يەنە كىلىپ ئۇلار دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ئۇلارنىڭ نادىر ئەسەر ئېڭى خېلىلا يىتىلىپ قالدى. گەپنىڭ قىسقىسى، ئەمدى ئاپتورلارغا قاتتىق تەلەپ قويىدىغان، ساننى قوغلاشماي سۈپەتنى قوغلىشىدىغان  ۋاقىت بولۇپ قالدى دەپ قارايمەن.
−ناھايىتى ئوبدان گەپلەرنى قىلىپ بەردىڭىز، ئاخىرىدا سىزدىن  سورايدىغىنىم ھەرقايسى نەشرىيات، ئاخبارات ئورۇنلىرىدا جاپالىق  ئىشلەۋاتقان ياش مۇھەررىر، تەرجىمانلارغا ۋە باشقا كەسىپداشلارغا دەيدىغان قانداق كۆڭۈل سۆز-تەۋسىيەلىرىڭىز بار، ئۇلاردىن نېمە ئۈمىدلەرنى كۈتىسىز؟  
جاۋاب: كۆڭۈل سۆزلىرىمغۇ خېلى بار ئىدى. بىراق ھەممىنى دەپ بولالمايدىغاندەك قىلىمەن. بۈگۈن پەقەت كەسىپداشلىرىمغا:«ھەممىمىز بىرلىكتە سۈيۈملۈك ئانا تىلىمىزنىڭ ساپالىقىنى قوغدايلى، ئۇنى جان دىلىمىز بىلەن قەدىرلەيلى» دېگەن  مۇشۇ بىرلا ئۈمىدىمنى ئېيتماقچى مەن. ھەممىمىزگە ئايان، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تىلىمىزدىكى بۇزۇلۇش، قالايمىقانچىلىق  بەكمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى، ئېنىقراق ئېيتسام ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكا ئەمەلىيىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان بىر قىسىم سۆز-ئاتالغۇ، تۇراقلىق تەركىبلەرنى بۇزۇپ ئىشلىتىش، سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي ئىشلىتىش مەنىداش سۆزلەرنىڭ پەرقىنى بىلەلمەسلىك، تۈرلەنمەيدىغان سۆزلەرنىمۇ خالىغانچە تۈرلەش، ئۆزىمىزنىڭ بىر ئوبدان ئىخچام، چۈشىنىشلىك سۆزلىرىمىز تۇرسا ئۇنى ئىشلىتىشنى بىلمەي باشقىلارنىڭ كېلەڭسىز، چۈشىنىكسىز سۆزلىرىنى زورمۇ زور سۆرەپ تىلىمىزنى شالغۇتلاشتۇرىدىغان، تەلەپپۇزدا  بوپتۇ دەپ يول قويۇلىدىغان، ئەمما يېزىق تىلىمىزدا ئىشلىتىشكە قەتئى يول قويۇلمايدىغان سۆزلەرنى ۋە  ئايرىم ئورۇن، رايونلارنىڭ يەرلىك شىۋىلىرىنى خالىغانچە ئىشلىتىۋېرىدىغان ئەھۋاللار چىدىغۇسىز ھالەتكە يەتتى. مەن ئۇزۇن يىل نەشرىياتتا ئىشلىگەچكىمىكىن كىتاب، گېزىت-ژۇرناللارنى قولۇمغا ئاساملا ئۇنىڭ مەزمۇنىغا دىققەت قىلىش بىلەن بىللە يەنە سۆز-جۈملىلەرنىڭ توغرا ئىشلىتىلگەن – ئىشلىتىلمىگەنلىكىگە، ئىملاسىنىڭ توغرا-خاتالىقىغىمۇ دىققەت قىلىمەن، بۇ مەندىكى كەسپىي كېسەللىك بولسا كېرەك. شۇڭا ماڭا ھەر كۈنى دېگۈدەك خاتا ئىشلىتىلگەن سۆزلەر ۋە تىل ئادىتىمىزدە زادىلا يوق ئاجايىپ-غارايىپ تۈزۈلگەن سۆز-جۈملىلەر تەرجىمە ئەسەرلەردىلا ئەمەس، بەلكى ئۆز ئاپتورلىرىمىز يازغان ئەدەبىي ئەسەرلەردىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. مەن سىزگە ئىسىمگە كەلگەنلىرىدىن بىرنەچچىنى ئېيتىپ بېرەي:«دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقتى» دېگەن جۈملىدىكى «ئارىسال» دېگەن سۆز گېزىت-ژۇرناللىرىمىزدا «دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى ۋاقتى» دەپ، «كانىۋا كۆڭلەك» «كانىۋاي-كۆڭلەك» دەپ، «جىنايەتچىنى يالاپ ئېلىپ ماڭدى» دېگەن جۈملىدىكى «يالاپ» دېگەن سۆزنى «جىنايەتچىنى ياللاپ ئېلىپ ماڭدى» دەپ، «تاتلىق تۈرۈملەر» دېگەن سۆز «تاتلىق تۈرمىلەر» دەپ، «بىئارام بولۇپ» دېگەن سۆز «بىئارامسىزلىنىپ» دەپ، «پۇلى، پۇتى» دېگەن سۆزلەر«پۇلىسى، پۇتىسى» دەپ «ئەخلەت – چاۋالار» دېگەن سۆز «ئەخلەت چاۋىلار» دەپ چىقىۋاتىدۇ. «ئۇ ناھايىتى ساغلام » دېسە بولىدىغان سۆز. «ئۇنىڭ بەدەن سۈپىتى ناھايىتى ياخشى»، «بۇ ئىشنى قىلىش تەس» دېسە بولىدىغان سۆز«بۇ ئىشنى قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى» دەپ چىقىۋاتىدۇ. ھەتتا بىر ئۇيغۇر ماقالىسىدا «ئەركەك، چىشى»دېگەن سۆزنى بىلمەي «مىكيان قۇش، خوراز قۇش» دەپ يازسا گېزىتمۇ شۇنداق چىقىرىپتۇ... بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار مېنىڭ خاتىرە دەپتىرىمدە ناھايىتى كۆپ. ھەتتا بەزى سۆز-ئاتالغۇلار چەت ئەل كىشى ئىسىملىرى«شىنجاڭ گېزىتى»دە بىر خىل، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دە يەنە بىر خىل، كىتاب-ژۇرناللاردا بولسا ھەرخىل چىقىۋاتىدۇ. ئوخشاش بىر مىللەت تۇرۇپ ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپ بىرلىككە كەلسە بولمامدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ كېتىمەن. قارىغاندا ھەممىسى ئۆزىنىڭكىنى راست دەپ بىر-بىرىگە قايىل بولماي كېتىۋېرىدىغان ئوخشايدۇ. بىر مىللەتنىڭ تىل- يېزىقىدا مۇشۇنداق قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىۋەرسە، تىلىمىزدىكى سۆزلەر ھەر كۈنى ئاز-ئازدىن بۇزۇلۇپ كېتىۋەرسە بىرنەچچە يىلدىن كېيىن نېمە بولار؟ ئۇيغۇر تىلىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان ياكى ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىۋاتقان چەت ئەللىك دوستلار نېمە دەر؟ مېنىڭچە ئۇلار چوقۇم «ئۆزىنىڭ تىلىنى ئۆزى بىلمەيدىغان، تىكىشى توختىمايدىغان خەق ئىكە» دېمەي قالمايدۇ. تىل- يېزىقىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان بۇنداق قالايمىقانچىلىقلار ھەققىدە بەزى تىل –تەتقىقاتچىلىرىمىز ۋە ئاق كۆڭۈل كىشىلەر خېلى بۇرۇنلا گېزىت-ژۇرناللارغا تەنقىدىي ماقالىلارنى يېزىپ قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بەرگەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرى سۇغا چۈشكەن تاشتەك ئۈن-تۈنسىز غايىپ بولۇپ كەتتى. بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرىدىغان ياكى ئىگە بولىدىغان بىرەر ئورۇن ياكى ئادەم چىقمىدى. قارىغاندا بۇ ئىشلار بەزى ئادەملەرنىڭ نەزەرىدە «ئۇششاق-چۈشەك ئىشلار» بولسا كېرەك. ياق، بۇ ھەرگىزمۇ «ئۇششاق-چۈشەك ئىشلار» ئەمەس، شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بىر مىللەت تىل-يېزىقىنىڭ ساپ، مۇكەممەل بولۇشى شۇ مىللەتنىڭ كۈندىن كۈنگە روناق تېپىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا ئىلغار، زامانىۋىلاشقان مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بەرسە، تىل-يېزىقنىڭ قالايمىقانلىشىپ بۇزۇلىشى، تۇراقسىز بولۇشى، خارلىنىشى، ئېتىبارسىز، ئېگىسىز بولۇپ قېلىشى شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن زەئىپلىشىۋاتقانلىقىنى، ساپاسىز، نادانلىقىنى ۋە كۈندىن كۈنگە چۈشكىنلىشىپ يوقۇلۇشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. شۇ نەرسە ئىسىمىزدە بولسۇنكى، ئاتا-بوۋىلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان قوغداپ، تېخىمۇ بېيىتىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ بىزگە تاپشۇرۇپ كەتكەن  سۈيۈملۈك ئانا تىلىمىزنىڭ بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ھازىرمۇ ھەممە ئېھتىياجىمىزدىن چىقىۋاتقانلىقى بىزنىڭ مەۋجۇدلۇقىمىزنى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنىمىزنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. ئاتاقلىق قىرغىز يازغۇچىسى چىڭگىز ئەيتماتوۋ:«مىللەتنى مەڭگۈلۈك مىللەت قىلىپ تۇرغان ئۇنىڭ تىل-يېزىقى، ھەر بىر تىل يېزىق ئۆز مىللىتى ئۈچۈن ئۇلۇغ» دەيدۇ. روسىيىلىك مەشھۇر تارىخ تەتقىقاتچىسى ياكوپ گىرىممو:«بىر مىللەتنىڭ تىلى ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىللەتنىڭ تارىخىدۇر. بىر مىللەتنىڭ تارىخىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇستىخان، سۆڭەك، قەبرە-كېپەن دېگەنلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ جانلىق بىر پاكىت باركى، ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئانا تىلىدۇر» دەيدۇ. بۇ بىر تارىخ ئىسپاتلىغان ھەقىقەت. شۇنداق ئىكەن، بىز بۇ سۆزلەردىن تىل –يېزىقىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ۋە ئۇلۇغلۇقىنى، ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ ئۆز تىل- يېزىقنى جان تىكىپ قوغدىشى ۋە قەدىرلىشى لازىملىقىنى بىلىۋالالايمىز. گەپنىڭ قىسقىسى، ئۆزىمىزنىڭ تىل- يېزىقىنى ئۆزىمىز قوغدىشىمىز، ئۆزىمىز قەدىرلىشىمىز لازىم. ھەرگىزمۇ باشقىلار كېلىپ قوغداپ بەرمەيدۇ، بولۇپمۇ بۇ جەھەتتە ئەڭ ئۈنۈملۈك رول ئوينايدىغانلار يەنىلا مەتبۇئات-نەشرىيات ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان تەھرىر، تەرجىمانلار، يازغۇچىلار، مۇخبىرلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە بارلىق زىيالىيلاردۇر. ھەممىمىز بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، سۈيۈملۈك ئانا تىلىمىزنىڭ بۇزۇلىشىغا يول قويمايدىغانلا بولساق ئۇنىڭ ساپ، مۇكەممەللىكىگە چوقۇم كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. مېنىڭ ئۈمىد قىلىدىغىنىم شۇ!
  2015- يىل 1- ئاينىڭ  8- كۈنى شەنبە، 9- كۈنى يەكشەنبەدە يېزىلدى.
2015- يىلى 4- ئايدا ئەخەت ئاكام بىلەن كۆرۈشۈپ بەزى يەلىرىنى خېلى جىق قىسقارتىۋەتتىم.  
ئادرېسىم: «شىنجاڭ گېزىتى» 2-  تەھرىر گېزىت چىقىرىش بۆلىمىدە كاندىدات ئالىي مۇھەررىر.              13659978711 ، 5593373     پولات غەنىزات غەيۇرانى
     .艾尼扎提  普拉提
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-8-11 12:35  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-8-11 12:13:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيرىتىڭىزگە بارىكاللا! ئەسىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ.ئوقۇپ ھۇزۇرلاندىم.قەلىمىڭىزگە تېىخىمۇ كۆپ بەرىكەتلەر بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-8-11 15:02:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ماقالە ياخشى يېزىلىپتۇ، بىر شەخىسنى تۇلۇق چۈشىنىش ئۈچۈن ئۇ ياشىغان دەۋىرنىمۇ بىلمەي بولمايدۇ!
    بۇ ئاكىمىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات دەرىسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن «بۇزغۇنچى» نامىلىق بالىلار ھېكايىسىنى تۇلىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ئىدىم.

ۋاقتى: 2015-8-11 17:47:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
...
...ئېيتىڭا، ھازىرقى نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىدىن، نەشر قىلىنىۋاتقان كىتابلاردىن رازى بولىۋاتامسىز ياكى ئانچە رازى بولمايۋاتقان تەرەپلەرمۇ بارمۇ؟
جاۋاب: توغرا، سىز ئېيتقاندەك نەشرىياتلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئىلگىرى بىز ئىشلىگەن چاغلاردىكى ئەھۋالغا ھەرگىزمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. مەيلى تەھرىرلەر كۈچى، مالىيە-ئىقتىساد، باسما تېخنىكىسى، مەيلى نەشردىن چىقىۋاتقان كىتابلارنىڭ سان-سۈپىتى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتمايلى، ھازىر ئادەم ھەيران قالارلىق دەرىجىدە تېز تەرەققىي قىلىپ كەتتى. بۇ يەردىكى ئاساسىي ئامىل پارتىيە-ھۆكۈمەت ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن ناھايىتى قىزغىن قوللاشقا باشلىدى. شۇڭلاشقا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خېلى يۇقىرى سەۋىيەلىك، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، تېخنىكا جەھەتتە كۆركەم ئېسىل كىتابلار كەينى-كەينىدىن كىتابخانىلارغا سېلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەلەپ-ئېھتىياجىنى، ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇردى. بۇنىڭدىن ھەممىمىز بەكمۇ رازى. قىسقىسى، ھازىر بىزنى خۇشال  قىلىدىغان، بىزنى رازى قىلىدىغان ئىشلار ناھايىتى كۆپ. بۇ ھەقتە قانچە سۆزلىسەكمۇ تۈگىمەيدۇ. شۇڭا بۇ ھەقتە كۆپ توختالمايمەن ۋە باشقىلار ئانچە رازى بولمايۋاتقان مۇنداق ئىككى مەسىلە ئۈستىدە كۆز- قارىشىمنى ئېيتىپ باقاي. بىرى، قارىماققا ناھايىتى كۆركەم، ئەمما مەزمۇنىنىڭ تاينى يوق، بەدىئىيلىكى تۆۋەن، سۆز-جۈملىلىرى چۈشىنىكسىز، نەشر قىلىش شەرتىگە زادىلا توشمايدىغان بەزى ئادەتتىكى رومانلارمۇ نەشر قىلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئەسەر تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنىڭ چىڭ تۇتۇلمايۋاتقانلىقى، تەھرىرلەر سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكى، ئۇلارنىڭ توغرا بىلەن خاتانى، ياخشى بىلەن ناچارنى پەرقلەندۈرەلمەيۋاتقانلىقى، سۈپەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماي ساننىلا قوغلۇشىۋاتقانلىقى، بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئېيتقاندا مەسئۇلىيەتسىزلىكى سەۋەب بولىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن. ئاڭلىسام ھازىر بۇرۇنقىدەك نەشرىياتلار ئېنىق كەسىپ ئايرىمايدىكەن. مەيلى قانداق نامدىكى نەشرىيات بولسۇن ھەممىسىلا ئەدەبىي ئەسەرلەرنى نەشر قىلىۋېرىدىكەن. شۇڭا رومانلارنىڭ بازىرى چىقىپ كەتكەندەك قىلىدۇ. تېخى بىر-ئىككى ئايدىلا بىر رومان يېزىپ بولىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى «تالانتلىق» يازغۇچىلارمۇ پەيدا بولىۋېتىپتۇ. شۇ سەۋەپتىن نەشرىياتلار بىر-بىرىدىن قىزغىنىپ «يېزىۋاتقان رومانلىرىنى بىزنىڭ نەشرىياتقا بەرسىڭىز قەلەم ھەققىنى باشقىلاردىن يۇقىرى بېرىمىز» دېيىشىپ تېخى پۈتمىگەن ياكى ئەمدىلا يېزىۋاتقان رومانلارنى تالىشىدىغان، ئۇلارغا ئالدىنئالا ۋەدە بېرىدىغان، ئىسىمى رومانلا بولسا ، يازغۇچى نېمىنى يازسا، قانداق يازسا ئەستايىدىل ئوقۇپ باقمايلا باسمىغا يوللاۋېرىدىغان، نەشردىن چىقىۋاتقان كىتابلاردا كۆرۈلۈۋاتقان خاتالىق- نۇقسانلارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بار ئىكەن، بەزى باش مۇھەررىرلەر مەمۇرىي ئىشلار بىلەن ئالدىراپ يۈرۈپ نەشرگە تەييارلانغان كىتابلارنى ئوقۇشقا ھەتتا كۆرۈپ بېقىشقىمۇ ۋاقىت چىقىرالمايدىكەن... دەرۋەقە بۇلار ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولمىسىمۇ، لېكىن ھەرقايسى نەشرىياتلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەۋجۇد. ئىككىنچى مەسىلە، تەكرارلىق ناھايىتى كۆپ. ئىلگىرى نەشر قىلىنغان كىتابلار ئىچىدىكى ئىلمىي قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى، ساقلاش قىممىتى بار ۋە ھازىر تاپقىلى بولمايدىغان، ئوقۇرمەنلەرمۇ قايتا نەشر قىلىپ بېرىشنى  تەلەپ قىلغان كىتابلارنى قايتا نەشر قىلىش، تارقىتىش توغرا، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىش زۆرۈر. لېكىن بەزى نەشرىياتلار «ئاز چىقىم قىلىپ، كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ» دېگەن مەقسەتتە 50- يىللاردا نەشر قىلىنغان ، لېكىن ھازىر ۋاقتى ئۆتكەن، مەزمۇنى ئاللىقاچان كونىرىغان، ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق(مەسىلەن، 50- يىللاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشر قىلىنىپ كەلگەن، ھازىر ئۆز رولىنى يوقاتقان) ئادەتتىكى رومانلارنىمۇ چاپىنىنى يەڭگۈشلەپلا قايتا نەشر قىلماقتا. بۇنى بىھۇدە ئىسراپچىلىق دېمەي بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خېلى كۆپ ئاپتورلىرىمىزنىڭ تولۇق توپلىمى نەشر قىلىنىشقا باشلىدى. بۇ ئەسلىدە ياخشى ئىش ئىدى. لېكىن كۆپرەك ئەسەر يازغان ھەممە ئاپتورنىڭ تولۇق توپلىمىنى قارا-قويۇقلا نەشر قىلىۋېرىش توغرا ئەمەس. بۇنىڭ بىر نىشانى، پىلانى بولۇشى كېرەك. چۈنكى ھەرقانداق بىر ئاپتورنىڭ يازغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭلا سەرخىل ، ياخشى ئەسەر بولۇپ كېتىشى ناتايىن. ناھايىتى ياخشى ئەسەرلىرى ھامان ئاز، ئادەتتىكىلىرى كۆپرەك، ھەتتا مەلۇم ساندا ناچارراق ئەسەرلىرىمۇ بولىدۇ. بۇنى ئەستايىدىل تاللاشتىن ئۆتكۈزمەي يازغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى توپلاپ بىرنەچچە توملۇق توپلام قىلىپ نەشر قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئىلگىرى ئوقۇرمەنلەر ئوقۇپ بولغان، يەنە كېلىپ تولۇق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن بەزى ئەسەرلىرى تېخى يېقىندىلا ئايرىم كىتاب  بولۇپمۇ نەشر قىلىنغان، ھەتتا ھازىرمۇ كىتابخانىلاردا سېتىلماي تۇرۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا ئاشۇ ئەسەرلەر يەنە تولۇق توپلام قىلىپ زورمۇ – زور نەشر قىلىنسا ئۇنى كىم ئوقۇيدۇ؟ مېنىڭچە ئەسەرلىرى ئالىقاچان ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، قەلىمى پىشقان بىر قىسىم يازغۇچىلارنىڭ، شۇنداقلا ۋاپات بولۇپ كەتكەن يازغۇچىلارنىڭ تولۇق توپلىمى چىقىرىلغان بولسا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش بولغان بولاتتى. ناۋادا شارائىت، ئىقتىساد ۋە باشقا شەرتلە پىشىپ يىتىلگەن بولسا، شۇنداقلا نەشر قىلىش زۆرۈر دەپ قارالسا ھەممە يازغۇچىنىڭ تولۇق توپلىمىنى ئەمەس، بەلكى ئەڭ ياخشى ئەسەرلىرىنى تاللاپ «تاللانما ئەسەرلىرى» نى چىقارسا مۇۋاپىق بولىدۇ. چۈنكى ھازىرقى ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەۋىيىسى بۇنىڭدىن ئون-يىگىرمە يىل ئىلگىرىكى ئۇقۇرمەنلەرنىڭ سەۋىيىسىدىن خېلىلا يۇقىرى، ئۇلار قانداق ئەسەرنىڭ كىشىگە ھەقىقىي ئېستېتىك زوق بېرەلەياىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. يەنە كىلىپ ئۇلار دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ئۇلارنىڭ نادىر ئەسەر ئېڭى خېلىلا يىتىلىپ قالدى. گەپنىڭ قىسقىسى، ئەمدى ئاپتورلارغا قاتتىق تەلەپ قويىدىغان، ساننى قوغلاشماي سۈپەتنى قوغلىشىدىغان  ۋاقىت بولۇپ قالدى دەپ قارايمەن.
−ناھايىتى ئوبدان گەپلەرنى قىلىپ بەردىڭىز، ئاخىرىدا سىزدىن  سورايدىغىنىم ھەرقايسى نەشرىيات، ئاخبارات ئورۇنلىرىدا جاپالىق  ئىشلەۋاتقان ياش مۇھەررىر، تەرجىمانلارغا ۋە باشقا كەسىپداشلارغا دەيدىغان قانداق كۆڭۈل سۆز-تەۋسىيەلىرىڭىز بار، ئۇلاردىن نېمە ئۈمىدلەرنى كۈتىسىز؟  
جاۋاب: كۆڭۈل سۆزلىرىمغۇ خېلى بار ئىدى. بىراق ھەممىنى دەپ بولالمايدىغاندەك قىلىمەن. بۈگۈن پەقەت كەسىپداشلىرىمغا:«ھەممىمىز بىرلىكتە سۈيۈملۈك ئانا تىلىمىزنىڭ ساپالىقىنى قوغدايلى، ئۇنى جان دىلىمىز بىلەن قەدىرلەيلى» دېگەن  مۇشۇ بىرلا ئۈمىدىمنى ئېيتماقچى مەن. ھەممىمىزگە ئايان، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تىلىمىزدىكى بۇزۇلۇش، قالايمىقانچىلىق  بەكمۇ ئېغىرلىشىپ كەتتى، ئېنىقراق ئېيتسام ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكا ئەمەلىيىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان بىر قىسىم سۆز-ئاتالغۇ، تۇراقلىق تەركىبلەرنى بۇزۇپ ئىشلىتىش، سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەي ئىشلىتىش مەنىداش سۆزلەرنىڭ پەرقىنى بىلەلمەسلىك، تۈرلەنمەيدىغان سۆزلەرنىمۇ خالىغانچە تۈرلەش، ئۆزىمىزنىڭ بىر ئوبدان ئىخچام، چۈشىنىشلىك سۆزلىرىمىز تۇرسا ئۇنى ئىشلىتىشنى بىلمەي باشقىلارنىڭ كېلەڭسىز، چۈشىنىكسىز سۆزلىرىنى زورمۇ زور سۆرەپ تىلىمىزنى شالغۇتلاشتۇرىدىغان، تەلەپپۇزدا  بوپتۇ دەپ يول قويۇلىدىغان، ئەمما يېزىق تىلىمىزدا ئىشلىتىشكە قەتئى يول قويۇلمايدىغان سۆزلەرنى ۋە  ئايرىم ئورۇن، رايونلارنىڭ يەرلىك شىۋىلىرىنى خالىغانچە ئىشلىتىۋېرىدىغان ئەھۋاللار چىدىغۇسىز ھالەتكە يەتتى. مەن ئۇزۇن يىل نەشرىياتتا ئىشلىگەچكىمىكىن كىتاب، گېزىت-ژۇرناللارنى قولۇمغا ئاساملا ئۇنىڭ مەزمۇنىغا دىققەت قىلىش بىلەن بىللە يەنە سۆز-جۈملىلەرنىڭ توغرا ئىشلىتىلگەن – ئىشلىتىلمىگەنلىكىگە، ئىملاسىنىڭ توغرا-خاتالىقىغىمۇ دىققەت قىلىمەن، بۇ مەندىكى كەسپىي كېسەللىك بولسا كېرەك. شۇڭا ماڭا ھەر كۈنى دېگۈدەك خاتا ئىشلىتىلگەن سۆزلەر ۋە تىل ئادىتىمىزدە زادىلا يوق ئاجايىپ-غارايىپ تۈزۈلگەن سۆز-جۈملىلەر تەرجىمە ئەسەرلەردىلا ئەمەس، بەلكى ئۆز ئاپتورلىرىمىز يازغان ئەدەبىي ئەسەرلەردىمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. مەن سىزگە ئىسىمگە كەلگەنلىرىدىن بىرنەچچىنى ئېيتىپ بېرەي:«دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال ۋاقتى» دېگەن جۈملىدىكى «ئارىسال» دېگەن سۆز گېزىت-ژۇرناللىرىمىزدا «دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى ۋاقتى» دەپ، «كانىۋا كۆڭلەك» «كانىۋاي-كۆڭلەك» دەپ، «جىنايەتچىنى يالاپ ئېلىپ ماڭدى» دېگەن جۈملىدىكى «يالاپ» دېگەن سۆزنى «جىنايەتچىنى ياللاپ ئېلىپ ماڭدى» دەپ، «تاتلىق تۈرۈملەر» دېگەن سۆز «تاتلىق تۈرمىلەر» دەپ، «بىئارام بولۇپ» دېگەن سۆز «بىئارامسىزلىنىپ» دەپ، «پۇلى، پۇتى» دېگەن سۆزلەر«پۇلىسى، پۇتىسى» دەپ «ئەخلەت – چاۋالار» دېگەن سۆز «ئەخلەت چاۋىلار» دەپ چىقىۋاتىدۇ. «ئۇ ناھايىتى ساغلام » دېسە بولىدىغان سۆز. «ئۇنىڭ بەدەن سۈپىتى ناھايىتى ياخشى»، «بۇ ئىشنى قىلىش تەس» دېسە بولىدىغان سۆز«بۇ ئىشنى قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى» دەپ چىقىۋاتىدۇ. ھەتتا بىر ئۇيغۇر ماقالىسىدا «ئەركەك، چىشى»دېگەن سۆزنى بىلمەي «مىكيان قۇش، خوراز قۇش» دەپ يازسا گېزىتمۇ شۇنداق چىقىرىپتۇ... بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار مېنىڭ خاتىرە دەپتىرىمدە ناھايىتى كۆپ. ھەتتا بەزى سۆز-ئاتالغۇلار چەت ئەل كىشى ئىسىملىرى«شىنجاڭ گېزىتى»دە بىر خىل، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دە يەنە بىر خىل، كىتاب-ژۇرناللاردا بولسا ھەرخىل چىقىۋاتىدۇ. ئوخشاش بىر مىللەت تۇرۇپ ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپ بىرلىككە كەلسە بولمامدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ كېتىمەن. قارىغاندا ھەممىسى ئۆزىنىڭكىنى راست دەپ بىر-بىرىگە قايىل بولماي كېتىۋېرىدىغان ئوخشايدۇ. بىر مىللەتنىڭ تىل- يېزىقىدا مۇشۇنداق قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىۋەرسە، تىلىمىزدىكى سۆزلەر ھەر كۈنى ئاز-ئازدىن بۇزۇلۇپ كېتىۋەرسە بىرنەچچە يىلدىن كېيىن نېمە بولار؟ ئۇيغۇر تىلىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدىغان ياكى ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىۋاتقان چەت ئەللىك دوستلار نېمە دەر؟ مېنىڭچە ئۇلار چوقۇم «ئۆزىنىڭ تىلىنى ئۆزى بىلمەيدىغان، تىكىشى توختىمايدىغان خەق ئىكە» دېمەي قالمايدۇ. تىل- يېزىقىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان بۇنداق قالايمىقانچىلىقلار ھەققىدە بەزى تىل –تەتقىقاتچىلىرىمىز ۋە ئاق كۆڭۈل كىشىلەر خېلى بۇرۇنلا گېزىت-ژۇرناللارغا تەنقىدىي ماقالىلارنى يېزىپ قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بەرگەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرى سۇغا چۈشكەن تاشتەك ئۈن-تۈنسىز غايىپ بولۇپ كەتتى. بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرىدىغان ياكى ئىگە بولىدىغان بىرەر ئورۇن ياكى ئادەم چىقمىدى. قارىغاندا بۇ ئىشلار بەزى ئادەملەرنىڭ نەزەرىدە «ئۇششاق-چۈشەك ئىشلار» بولسا كېرەك. ياق، بۇ ھەرگىزمۇ «ئۇششاق-چۈشەك ئىشلار» ئەمەس، شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بىر مىللەت تىل-يېزىقىنىڭ ساپ، مۇكەممەل بولۇشى شۇ مىللەتنىڭ كۈندىن كۈنگە روناق تېپىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا ئىلغار، زامانىۋىلاشقان مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بەرسە، تىل-يېزىقنىڭ قالايمىقانلىشىپ بۇزۇلىشى، تۇراقسىز بولۇشى، خارلىنىشى، ئېتىبارسىز، ئېگىسىز بولۇپ قېلىشى شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن زەئىپلىشىۋاتقانلىقىنى، ساپاسىز، نادانلىقىنى ۋە كۈندىن كۈنگە چۈشكىنلىشىپ يوقۇلۇشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. شۇ نەرسە ئىسىمىزدە بولسۇنكى، ئاتا-بوۋىلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان قوغداپ، تېخىمۇ بېيىتىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ بىزگە تاپشۇرۇپ كەتكەن  سۈيۈملۈك ئانا تىلىمىزنىڭ بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ھازىرمۇ ھەممە ئېھتىياجىمىزدىن چىقىۋاتقانلىقى بىزنىڭ مەۋجۇدلۇقىمىزنى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنىمىزنى نامايان قىلىپ بېرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى...
...




ۋاقتى: 2015-8-12 10:20:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىكىمىزدىنلا بىزگە تۇنۇشلۇق بولغان ئۇستاز ئەدىپ ئەھەت ھاشىمنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيەتلىرى  بىلەن تونۇشۇپ كۆپ نەرسىلەرنى چۈشۈنىۋالدىم. مۇئەللىپنىڭ ئەمگىكىگە تەشەككۈر. مۇنكىن بولسا ئۇستازنىڭ يۇرتى، تۇغۇلغان ۋاقتى ۋە بالىلىق دەۋرىدىكى ئەھۋاللىرىدىن مەلۇمات بىرىلگەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بۇلاركەن.
ئارىمىزدا ھايات ياشاۋاتقانلار بىلەن بولغان سۆھبەت خاتىرىلىر، ۋاپات بولغانلارنى ئەسلەش سۆھبەت خاتىرىسى ياكى ئەسلىمىلەر يەنىمۇ كۆپراق يوللانغان بولسا تولىمۇ ياخشى بولغان بۇلاتتى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش